yoloqi00 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 23:26:25

داۋامى قىنى

yoloqi00 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 23:28:24

ۋەھشى ۋەقەلەر يوقما باللا

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 10:23:51

suzuksu يوللىغان ۋاقتى  2014-8-11 18:28 static/image/common/back.gif
خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ، ئاللاھقا ئۇزاقتىن ئۇزاق دۇئا ق ...

داۋامى  قىنى  .

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 21:51:38

16~17 ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى ... ئىچىم پۇشسىلا قوشنا شەھەرگە بېرىپ ئويناپ كېلەتتىم . بىركۈنى يەنە شۇ شەھەردە ئويناپ شام بولاي دېگەندە قايتىپ قالدىم . بېكەتكە ئاز قالغان ۋاقىتتا يۈزىنى چۈمكىگەن بىر ئايال تاس-تاس دەسسەپ كېلىپ گەپ قىلىپ قالدى...«خاپا بولماي بالامنى بىردەم تۇتۇپ تۇرسىڭىز،...ئوبۇرنىغا كىرىپ چىقىۋالسام...›قارىسام بالىسى ئۈچ-تۆت ياشچە باردەك، گەپ ئۇققىدەك تۇرىدۇ...مەنمۇ جىق ئويلىمايلا ماقۇل دېدىم..كۆڭلۈم ياخشى بالىچۇ ئۆزۈممۇ...بالىغا قاراپ مەسلىكىم كەپ كەتتى ئوماقلىقىغا ، سىنچىلاپ قارىسام بىلەكلىرى،بويۇنلىرىدا كۆكۈرۈپ قالغان يارا ئىزلىرى تۇرىدۇ...بۇنىمىشتۇ ئەمدى دەپ ئىچىم ئاغرىپ بىر دەم ئەركىلىتىپ ئۇنى ، يېقىن يەردىكى دۇكاندىن كەمپۈتلەرنى ئېلىپ بېرىپ ئۇ ئايالنى ساقلاپ تۇردۇم...لېكىن خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇ ئايال پەيدا بولمىدى...ئامالسىز يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان چوكان ئاچاشتىن بىرنى توسۇپ، ئاچا ئىۋۇ ئوبۇرنىغا كىرىپ باقسىڭىز، بىر يۈزىنى ئورىغان ئايال بالىسىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ چىقمايۋاتىدۇ دېسەم ماقۇل دەپ كىرىپ چىقتى..ئۇكام ئوبۇرنىدا ئادەم يوقكەن دېمەسمۇ مېڭەم قېيىپ كەتتى ...تۇرە..تۇرە...يوق ...كاللامغا كەلمىگەن خىياللار كەپ كەتتى بۇ بالا بىلەن نىمە ئىشلانى كۆرەرمەن دەپ ... شۇنداق ھاڭۋېقىپ تۇرسام بىر تونۇش ئاۋاز دىققىتىمنى تارتىپ قالدى..تاس-تاس......قاتتىق ئۆتۈك كىيۋالغانمۇ بۇ چوكان تاسىلداپ مېڭىشىغا قاراپ ئۆتۈكىگە قاراپ قاپتىكەنمەن باشتا ، ھازىر دەل شۇ ئۆتۈك ئالدىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتمامدۇ...سىنچىلاپ قارىسام بوي-تۇرقى ھەممىسى جايىدا دەل شۇ ئۆزى...دەرھال چاقىردىم «ھوي ئاچا..ماۋۇ بالىڭىزنى..›دەپ چاقىرغىنىمنى بىلىمەن ئالدىمغا كېلىپ چالۋاقاپلا كەتتى ‹ھۇيت ئۇكام.. كىم ئاچىلىرىكەن...كىمنىڭ بالىسىكەن...**%$#$#^› ئاۋازىمۇ دەل شۇ...ئىككىمىز توۋلىشىپلا كەتتۇق،ئادەملەر توپلىشىپ كەتتى ...ياشتا چوڭراق بىر ئادەم كېلىپ سورىدى ئۇكىلىرىم نىمىش بولدى دەپ ...مۇشۇندا-مۇشۇندا دەپ بارئىشنى دەپ بەرسەم ئاۋۇ چوكان قەتئى ئىنكار قىلدى ،توي قىلمىغان قىزتىم مەن ، تونىمايتتىم بۇنى مەن...ئالدىمنى توسۇپ مۇشۇنداق مۇتتىھەملىك قىلىۋاتىدۇ دەپ بۆھتانلارنى چاپلاپ كەتتى ...ئاۋۇ ئاكىمىز تۇرۇپ كېتىپ ..بىر يول كۆرسەتتى ، ‹بالا ئىككىڭلارنىڭ بىرسىگە تونۇشلىقى ئېنىق . شۇڭا ئىككىڭلار ئىككى تەرەپتە تۇرۇپ بالىنى چاقىرىپ بېقىڭلار ، كىمگە بارسا بالا شۇنىڭ..› دېسە مەنمۇ ماقۇل دېدىم. بالا دېگەن ئانىسىغا يۈگرەيدۇدە...شۇنىڭ بىلەن بالىنى ئوتتۇرغا قويۇپ چاقىردۇق...ئاۋۇ چوكان چۈمبەلنى قىيپاش ئېچىپ قاپاقنى تۈرۈپ ‹كىلە!›دېسە بالا مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى...دەل شۇ چاغدا مەن ‹كېلىڭە..›دەپ مېھرىبانلىق بىلەن چاقىرىپ كەتسەم بولىدۇ خۇددى ماڭا كەلسە مەن ئۇتىۋالىدىغاندەك ...بالا ھىجايغىنىچە ئوقتەك كېلىپ ماڭا ئېسىلماسمۇ ، تەسىرلىنىپ كېتىپ قۇچىقىمغا ئېلىپ بىر كۆتۈرۋېتىپ ، ئاندىن بىر ئىشلار ئېسىمگە كېلىپ بالىنى يەرگىلا تاشلىۋېتىپ قالدىم ... ئەمدى نېمە دېسەم ئاقمايتتى،توپلىشىۋالغانلارمۇ بىر-ئىككىدىن سېسىق گەپ قىلىشىپ تارقاشتى.. ھېلىقى ئاكاشمۇ بىرمۇنچە نەسىھەتلەرنى قىلىپ كېتىۋېدى ‹ھوي ئاكا، ماڭا قاراڭ مەن بىر سەبى بالا تېخى ، بالا تاپقىدەك بولمىدىم تېخى قاراڭ بۇرۇتۇممۇ خەت تارتمىغان تۇرسا تېخى›دېسەم ئىشىنەمدىغان... ... ئاندىن مەنمۇ ھە دەپلا تۇرۇپ بەردىم...ئادەملەر تولۇق تارقاپ بالا ئىككىمىز قالدۇق...چوكان قايسى تەرەپكە قاچقاندۇ دەپ ئەتراپقا قاراپ تۇرسام ئالدىمدا يەنە پەيدا بولدى بۇ چوكان...مەن گەپ قىلغۇچە ئۆزى كېلىپلا گەپ ئېچىپ قالدى...‹ئۇكام ، قارىسام مېنى خاتا تونۇپ قالدىڭىز ،سىزمۇ بىر ئاۋارچىلىققا يولۇققاندەك تۇرىسىز ،ئۆزىڭىزمۇ كىچىكلا تۇرىسىز بۇ بالىنى ئەكىتەلمەيسىز،ئەھۋالدىن قارىغاندا ئانىسى تاشلىۋەتكەن ئوخشايدۇ بۇ بالىنى ، ھازىرغىچە پەيدا بولمىدى...بۇ بالىنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ بەرسىڭىز،قويۇپ تۇرساق،بالا ئىزدەش ئېلانلىرى چىقىپ قالسا ئاتا-ئانىسىغا بېرەمىز، بولمىسا مەن بېقىۋالاي،مەنمۇ يالغۇز چوكان،،...›دەپلا بىرنېمىلەرنى دەپ كەتتى...بۇنىڭدا نېمە ھىلە مىكىر بادۇ دەپ مېڭەم تېخىمۇ قېيىپ كەتتى دە...ياكى بالىسىنى تاشلىۋەتمەكچى بولۇپ، ماڭا بۇ تىكونى ئويناپ، ئاخىرى بالىسىغا قىيماي قايتىپ كەلگەنمىدۇ دەپمۇ ئويلىدىم...شۇنداقتىمۇ ‹ئۆيۈمگە ئاپىرىپ بېرىڭ›دېگىنى نىمىسىدۇ؟...كۈنمۇ كەچ بولاي دېدى،بېكەتتىمۇ ماشىنا قالمىدى بۇلاردىن قۇتۇلمىسام بولمايتتى، شۇڭا نېمە بولسام بولدۇم، بىر يالغۇز چوكان مېنى نېمە قىلالايتتى دەپ بىر شەيتان خىياللارنى ئويلاپ ، ۋاقتى كەلسە بالىنى تاشلاپ بېرىپلا قاچارمەن يا... تەۋەككۇل..دەپلا ‹ماقۇل ، مەن ئاپىرىپ بېرەي› دېدىم. ئۇنىڭ يول باشلىشى بىلەن بالىنى مەن كۆتۈرۈپ مېڭىپ كەتتۇق...

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 23:47:19

ئاخىرچۇ

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 02:31:48

قارىسام سەل توختاپ قاپتۇ بۇ تىما،چوڭلاردىن ئاڭلىغان بىر ھىكايە ئىسىمگە كەپ قالدى دەپ بىرەي.بۇرۇن بىر ئايالنىڭ يولدىشى تۈگەپ كىتىپ يولدىشىغا چىدىماي ، قايتا تۇرمۇشقا چىقماي تۈگەپ كەتكەن يولدىشىغا ئەقىدە باغلاپ يۈرۈپ يىشىمۇ بىر يەرگە بىرىپتۇ.يالغۇز چىلىقتا بەكمۇ غېرىپ سۇندىكەن،شۇ سەۋەپتىنمۇ بىر مۈشۈك بىقىۋاپتۇ.ئۇ ئايالنىڭ يا بالىسى يا ئۇرۇق تۇققىنى بولمىغاچقا ئۇ مۈشۈككە بەكمۇ ئامراقكەن.بىردەم كۆرمىسە ئىزدەپ چىدىمايدىكەن،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ مۈشۈك ھەر سەيشەنبە كۈنى كىچىسى يوقاپ كىتىدىغان بوپ قاپتۇ ئۇ ئايال ھەر قانچە ئىزدەپمۇ تاپالمايدىكەن.ئىشىكنى شۇنچە چىڭ تاقىسىمۇ مۈشۈك يەنىلا يوقاپ كىتىدىكەن،غەلىتە يىرى شۇ كۈنى كىچىسى ئۇ ئايالنى بەكلام ئۇيقۇ باسىدىكەن،بىر كۈنى ئۇ ئايال بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بۇلۇپ دەل مۈشۈك يوقاپ كىتىدىغان كىچىسى يالغاندىن ئۇخلىغان بۇلۇپ يىتىپتۇ،كىچە تۈن يىرىم بولغاندا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ تۇرسا ھىلىقى مۈشۈك ئاستا ئىشىكنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئادەمدەك ئۆرە تۇرۇپ تاقاپ قويغان ئىشىكنى ئىچىپ تىشىغا چىكىتىپتۇ،ئۇ ئايالمۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ مۈشۈككە بىلىندۈرمەي ئەگىشىپتۇ،مۈشۈك شۇ ماڭغىنچە مەھەللە سىرتىدىكى بىر تاشلاندۇق تۈگمەننىڭ يىنىغا كىلىپ ئەتىراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن تۈگمەنگە كىرىپ كىتىپتۇ.ئۇ ئايالمۇ ئاستا كىلىپ دەرىزىدىن ئىچىگە قارىسا شۇنداق چىرايلىق بىر مۇنچە قىز يىگىتلەر تۇرغۇدەك ئۆزىنىڭ مۈشۈكىمۇ تۈگمەنگە كىرىپلا شۇنداق چىرايلىق بىر قىزغا ئايلىنىىپتۇ،ھە بۈگۈن ھەجەپ كىچىكىپ قالدۇڭغۇ دەپ سوراق قىپتۇ بىر يىگىت ،قىز بولسا ئۇ ئايالنى بەكمۇ تەستە ئۇخلاتقانلىقىنى دەپتۇ بۇندىن كىيىن ۋاختىدا كەل كىچىكىپ قالغانلىقىڭ ئۈچۈن پالانچى يەردىكى پالانچى ئۆيدە بىسمىللاھ دىمەي قويغان بىر سىمىز قوشقا بار شۇنى ئەكەل دەپتۇ، ۋە باشقىلارغىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بىسمىللاھ دىمەي قويغان قاچا قۇچا قازان قومۇش دىگەندەك نەرسىلەرنى ئەكىلىشكە بۇيرۇپتۇ ئۇلار ئۇ نەرسىلەرنى بىردەمدىلا ئەكەپتۇ ئەكەلگەن قوينى سۇيۇپ تاماقلارنى ئىتىپ يەپ مەشرەپ قىلىپ تاڭ ئىتىشىغا ئاز قالغاندا قوينىڭ سۆڭەكلىرىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ يەنە بىر قوي قىلىپ جايىغا ئاپىرىپ قۇيۇپتۇ، ۋە باشقا نەرسىلەرنىمۇ شۇنداق قىپتۇ ئۇ ئايال مۈشۈككە بىلۈندۇرمەي ئۆيگە قايتىپ كەپ ئۇخلىغان بوپ يىتىۋاپتۇ بىر چاغدا مۈشۈك قايتىپ كەپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال نەگە بارغانلىقىڭنى بىلىمەن سەن ئەسلىدە جىن ئىكەنسەن دەپ مۈشۈككە ۋاقىراپ مۈشۈكنى ئۇرماقچى بوپتۇ مۈشۈك شۇ ھامان ماڭا ئەگەشكىنىڭنى بىلەتتىم ساڭا چىقىلماي دىسەم ئۆزەڭگە ئۆزەڭ قىلدىڭ دەپ بىر شاپىلاق ئۇرۇپ ئىسقا ئايلىنىپ يوقاپ كىتىپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال كىسەل بۇلۇپ ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قاپتۇ ۋە ئاز كۈندىن كىيىن تۈگەپ كىتىپتۇ.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 02:48:09

داخانلارنىڭ جىن قوغلىشى راسما ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 08:20:59

ئەمدى دەپ بېرەي
1.ۋەقە
دادامنىڭ 12-13 ياش ۋاقىتلىرى ئىكەن،مەھەللىنىڭ چېتىدە بىر ئەسكى تاشلاندۇق ئۆي بولۇپ ئىككى ئېغىزكەن،كىچىك بالىلار ئۇ ئەتراپقا بېرىپ ئوينىسىمۇ جىنلىق ئۆي دەپ ھېچكىم كىرەلمەيتتىكەن،بىر كۈنى دادام بىلەن بالىلار ئۆتۈشۈپتۇ،ئۆي چوڭقۇرراق يەردە بولۇپ دادام چۈشۈپتۇ،سىرتتىكى ئۆينى قومۇشلار بېسىپ كەتكەن ئىكەن،ئاستا ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپتۇ،قارىسا كىچىك بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقىدەك سېغىز قازان،سېغىز ئوچاق،قاچا تۇرغىدەك،يەنە قارىسا كىچىك بىر ئويۇقتا بىر كىچىك سېغىز قوچاق تۇرغىدەك،موللام سىياقىدا ئىكەن،دادام قىزىقسىنىپ قاراپ تۇرسا ئېغىزى مىدىرلاپ بىر نىمىلەرنى ئوقۇشقا باشلاپتۇ،ئوقۇغانسېرى چوڭىيىشقا باشلاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن دادام پەرت قىلىپ سرتقا قېچىپتۇ،كېيىن باشقا بالىلار دادام قېچىپ چىققاننىڭ كەينىدىن شۇ ئۆيدىن بىر پارچە ئوتنىڭ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ
مەن سۆزلەيدىغان ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى راست ۋەقەلەر،دادام بىلەن ھازىرمۇ دىيىشىپ كېتىمىز،دادا بۇ خىيالى تۇيغۇڭىز دىسەم قىلچىلىك يالغىنى يوق،مەن ساق تۇرسام،ساڭا يالغان ئېيتىپ نىمە قىلىمەن بالام دەيدۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 08:41:11

2.ۋەقە
مەن كىچىك ،ئۈچ ياش ۋاقىتلىرىم ئىكەن،ئانام مېنى ئېلىپ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە خوتەن شەھىرىگە كەتكەن،دادام ئۆيدە يالغۇز قالغان ئىكەن،شۇ كېچە بوران چىقىپتۇ،بوراندا ئىشىك تاراقلاپ ئېچىلىپ كېتىپتۇ،دادام قوپۇپ ئىشىكنى قايتا تاقىۋېتىپتۇ يۇ غەلىتە ھېس قىلىپتۇ،ياتار چاغدا ئىشىكنى ئېنىق تاقىۋەتكەن تۇرسام دەپ ئويلاپ يېتىپ كۆزى ئۇيقۇغا بېرىپتۇ،بىر ۋاقىتلاردا دادام دۈمبىسىگە بىر نەرسە چاپلىشىپ تۇرغانلىقىنى سېزىپ ئۆرۈلۈپ ياتقۇسى كەپتىيۇ ، ئۇيقۇلۇقتا ئۆرۈلسەم بالام نى بېسىۋالماي ، كارىۋاتتىن چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ يېتىۋېرىپتۇ،ئۇ ۋاقىتلاردا مەن دائىم دادام بىلەن ياتاتتىمكەن،تۇرۇپ شۇنداق يېتىۋېرىپ بىئارامچىلىقتا دادامنىڭ ئۇيقۇسى ئېچىلىپ كېتىپتۇ،ئانامنىڭ مېنى ئېلىپ چوڭ ئۆيگە كەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپتۇ،جىن چاپلاشقانلىقىنى بىلىپتۇ،دۈمبىسىگە تۈكلۈك بىر نەرسە دادامغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ كارىۋات قىرىدىن ئىككى پۇتىنى ساڭگىلىتىپ پۇتىنى لەپپەڭشىتىپ ئولتۇرۇپتۇ،دادام جىنلىقىنى بىلىپتۇ،لېكىن قورقماپتۇ،دادام بىر دەم ئويلاپ كەينىچە جەينەك بىلەن بىر قويغانچە چۈشۈرۈۋېتەي دەپ شۇنداق قولىنى مىدىرلىتىشىغاقولىنى مىدىرلىتالماپتۇ،پۇتىنى مىدىرلىتىپ باقسا پۇتتىمۇ ھەرىكەت يوق،بىردىنبىر ئامال ئايەت ئوقۇشكەن،دادام بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم  دەي دىسە تىلىمۇ گەپكە كەلمەپتۇ،شۇنى دىيەلمەي بىس بىس دەپ ئىككى ئۈچيۈز قېتىم تەكرارلاپ بىرەر سائەتلەردە ئاران دىيەلەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن جىن ئاستا دادامدىن ئاجراپ كارىۋاتتىن چۈشۈپ چىقىپ كېتىپتۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 09:25:21

3.ۋەقە
نەچچە يىل بۇرۇنقى بويتاق ۋاقىتلىرىمدىكى ئىش،داداملارنىڭ ئۆيى بىلەن ناھىيىدىكى كەچلىك سەيلە قىلىدىغان مەيداننىڭ ئارىلىقى بەشيۈز مېتىرچە كېلىدۇ،بىر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئىككى سىڭلىم،مەن داداملار بىللە تاماق سىڭدۈرگەچايلانغىلى چىقىپ سائەت ئونلار بىلەن ئۆيگە ماڭدۇق،يولنىڭ بىر تەرىپىدىكى دىخانلارنىڭ ئۆيلىرى ر،كۈز پەسلى ، قوناقنى چېپىپ پاسىرىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن تاملارغا يۆلەپ قويۇپتىكەن،بىزنىڭ كوچىغا بۇرۇلغىلى قئاز قالغاندا دادام توختاپلا بالام قاراڭلار،ئاۋۇ پاسارلارنىڭ يېنىدا ئىككى جىن پاسارنى بويلاپ كېتىۋاتىدۇ دىمەسمۇ،ئىككى سىڭلىم بىر قاراپلا دادا دەپ توۋلىغىنىچە دادامنى قۇچاقلاپ كەينىگە ئۆتۈۋالدى،دادام قورقماڭلا،پاسارنى ئايلىنىپ چىتتىن كىرىپ كەتتى دىدى،ئەمما مەن كۆرەلمىدىم،نىمىشقا مەن 450 ۋاتلىق يىراقنى كۆرەلمەسلىك بىمارى،ئادەتتە كۆز ئەينەك تاقىمايمەن،ئۇنچە يىراقتىن ئۇنداق كىچىك نەرسىنى كۆرەلمەيمەن،يەنە كېلىپ يورۇقلۇق يېتەرسىز ئەھۋالدا…
بۇمۇ بولىدىكەن،خەق جىننى كۆرۈپ قورقۇپ يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالسا مەن قەنە ؟ مەن كۆرمىدىمغۇ دەپ قويۇپ خاتىرجەم كېتىۋېرىدىكەنمەن
شۇ كۈنى دادام بىزگە جىننى كۆرسىتىپ قويدى ، سىڭىللىرىم قورقۇپ كەتكىنىدىن شۇ كۈنى كېچىسى كىچىكلىكىگە قايتىپ تاس قالدى دادامنىڭ يوتقىنىغا كىرىۋېلىپ بىللە ئۇخلىغىلى… شۇ يىلى كىچىك سىڭلىممۇ 19 ياشلاردا ئىدى

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 09:35:19

ئۇف،يانفوندا خەت باسماق ئەجەپ تەسكىنا
دادام تۈن بالىسىنىمۇنەچچە قېتىم كۆرۈپتىكەن،بىر قېتىم ئاچچىقىدا تا يىغلاپ ۋارقىراپ ئۇخلاتمىدى، ئايالىم قورسىقىدابار ۋاقىتتا ئۆي ئەتراپىنى چۆرگىلەپ كېتەلمىدى دەپ پالتا بىلەن چېپىپتىكەن،ئاكاتسىيە كېسىپ ئۆيگە جىن كۆچۈپ كېلىۋالغىنى قاتارلىقلارنى كېيىن ۋاقتىم چىقسا يېزىپ قويارمەن
ئىشقىپ دادام تولا ئۇچرىغاچقا جىن دىگەندىن قەتئى قورقمايدىكەن

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 10:42:52

قاتتىق يامغۇي يېغىۋاتقان كۈنى كېچىسى بىر بالا ئىنىسى بىلەن ئۆيدە ئۇخلاۋاتسا يېرىم كېچىدە ئىنىسى ئاكىسىنى نوقۇپ ئويغۇتۇپتۇ ، نىمە بولغىنىنى سورىسا ، _ ئاكا، چۈشۈمگە تۈگەپكەتكەن بوۋا، مومىلىرىم ۋە باشقا تۇققانلارمۇ كىرىۋېلىپ قەتئىي ئۇخلىيالمىدىم ، بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن . دەپتىكەن بۇنى ئاڭلاپ ئاكىنىمۇ سەل سۈر بېسىپ قورقۇپتۇ ۋە ،- نىمە ئادەم قورقىتىسە كېچىدە، جۈرە ئاپاملارنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇخلايلى . دەپ ئىككىسى تۇرۇپ ئاتا-ئانىسى ياتقان ئۆيگە كىرىپكېتىپتۇ . ئاپىلىرىغا ئىنىسىنىڭ چۈشىنى دەپبېرىپ تۇرىشىغا ئۇلار يېنىپ چىققان ئۆي قاتتىق يامغۇرنىڭ دەستىدە تورىسى گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈپكېتىپتۇ .
بىر تونۇشۇمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ھەقىقى بولغان ئىشكەن ، گەرچە جىننىڭ بولمىسىمۇ ماڭا بىرخىل سىرلىق تۇيۇلغان . ئىنىسىنىڭ چۈشى بۇزۇلمىغان بولسا بەلكىم ئۇلار شۇ كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشاركەنمىشتۇق .

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 10:45:29

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-8-17 21:51 static/image/common/back.gif
16~17 ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى ... ئىچىم پۇشسىلا قوشنا شەھەرگە  ...

ھېلىقى ھەر مىللەتتىن بولۇپ نەچچە يىتىم بالىنى بېقىپ قاتارغا قېتىۋەتكەن ئانىنىڭ ھېكايىسىمۇ يا جىننىڭمۇ ؟
داۋامىنى بىر يوللاڭە قېنى

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 11:59:18

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 10:45 static/image/common/back.gif
ھېلىقى ھەر مىللەتتىن بولۇپ نەچچە يىتىم بالىنى بېقىپ ق ...

بۇ نۇرغۇن نېمىنىڭ ھېكايىسىتى ،...لېكىن ئىزدىنىشقا بۇرۇن يازغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەنيا....؟....بىرسىنىڭ مۇشۇنداقراق تېمىسىغا يازغاندەك ئېسىمدە...تاپالمايۋاتىمەن ...

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 13:10:40

مەنمۇ دەھشەت ۋەقەدىن بىرنى دەپ بېرەي ئاڭلىساڭلار قورقۇپ كېتىسىلەر
بىر كۈنى قوشنا مەھەللىگە تويغا باردىم،يىگىت قولداش بولۇپ يۈرۈپ خېلى كەچ بوپ كېتىپتۇ، يىگىت بىلەن خوشلىشىپ  ھەممىمىز ئۆيىمىزگە ياندۇق، ھەممىسى بىر بىرلەپ ئۆيىگە كىرىپ كېتىپ  ئاخىرىدا دوستۇم مەتقاسىم ئىككەيلەنلا قالدۇق،
دوستۇم: ئاداش بەك كەچ بوپ كېتىپتۇ،بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ ئەتىگەندە كېتىڭلا دېۋىدى مەن بولدىلا كېتىۋېرەي دەپ ئۇنىمىدىم، ئەمەلىيەتتە بۇ گەپ ماڭا مايدەك خوشياققان بولسىمۇ، دوستۇمنىڭ يېڭى توي قىلغانلىقى ھەم ئۆيىنىڭ تارچىلىقىنى ئويلاپ رەت قىلدىم، دوستۇم: بولدى كېتىۋېرىڭلاا ئەمىسە جىنغا ئۇچراپ قالساڭلا قايتىپ كېلەرسىە دەپ چاقچاق قىلدى، شۇنىڭ بىلەن دوستۇم بىلەن خوشلىشىپ ئۆي تەرەپكە يول ئالدىم
قومۇشلۇقنىڭ ئوتتۇرىدىكى تاختا كۆۋرۈك بىلەن مېڭىپ ،قويۇق ئورماندىن ئۆتسەملا ئۆيۈمگە بېرىۋالالايىتتىم
مېڭىپ قومۇشلۇقتىنمۇ ئۆتۈپ بولدۇم ،نېمىشقىدۇ قويۇق ئورمانغا كىرگەندىن كېيىنلا مېنى سۈر بېسىشقا باشلىدى،ئەتراپ قاپقاراڭغۇ، ئايدىڭدا يول غۇۋا كۆرۆنۈپ تۇرىدۇ،چېكەتكە پاقىلارنىڭمۇ ئۈنى يوق ،كۈندۈزى قۇشلار چاڭ كەلتۈرىۋېتىدىغان ئورمان بۈگۈن كەچ بەك جىمجىت ئىدى، ئىچىمدە كەينىمگە يېنىپ كېتشنىمۇ ئويلىدىم،لېكىن تېزلا ۋاز كەچتىم يېنىپ كەتسەم،ئاغىنىلىرىم مېنى مەسخىرە قىلىپ كۈن بەرمەسلىىكى ئېنىق ئىدى، خەپ دەپ غەيرەتكە كېلىپ ئورمانغا قەدەم باستىم، چوڭلارنىڭ ئېيىتىشىغا قارىغاندا مۇشۇ ئورماندا پات پات بىر ئېشەك سىياقىدىكى جىن ئۇچراپ ئادەمنى قورقىتارمىش، كۈڭلۈمدە شۇ ئېشەك ماڭا ئۇچراپ قالارمۇ دەپ دەككە دۈككىدە ئاران ماڭدىم، ئورەك بارمىكىن دەپ گۇمان قىلغان يەرلەردە سەرەڭگە يېقىپ  قاراپ بېقىپ ماڭدىم، قولۇمدا يىگىت قولداشلىق شەرىپىگە  تارتۇق بەرگەن، مايكا بار ئىدى، ئورمانلىقنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە يولدا قارا بىر سايە كۆرۆندى، سۇيالاپ كەتكەن ئورەك بولمىسۇن دەپ ئاستا سەرەڭگىنى ياقتىم، دە چۆچۈپ كەتتىم
يولدىكى سايە ئەسىلى بىر ئېشەك ئىكەن، قورقۇپ كەينىمگە ئۆرۆلۈپلا قاچتىم،  قېچىۋاتسام ئېشەكمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ مەندىن بەكراق يۈگۈرۈپ يېنىمدىنلا ئۆتۈپ ئالدىمغا ئۆتۈپ خېلى ئۇزاپ كەتتى
مەن دەرھال كەينىمگە بۇرۇلۇپ كەنت تەرەپ قاراپ قاچتىم

داۋامى بار.............

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 13:21:16

سىلىنىڭ چىرايىڭلىغا قارىسا جىن سىلىدىن قورقىدىغان چىراي ....:lol

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 15:16:54

شۇنىڭ بىلەن كەنت تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم، يۈرگۈرگەچ قارىسام ھېلىقى ئېشەك يەنە كەينىمدىن يۈگۈرۈپ كېلىۋېتىپتۇ  ،ئايتەلكۇرسىنى ئوقۇغاچ تېخىمۇ تېز يۈگۈرۈشكە باشلىدىم ،لېكىن ئېشەك توختايدىغاندەك ئەمەس
ئالدىمدا چىراق يورۇقى كۆرۈندى، يۈگۈرۈپ بارسام ، مەن بىلەن بىر مەھللىلىك بىر بالا بىلەن  بىر ئادەم  قولچىراق ياندۇرۇپ قولىدا ئارغامچا تۇتقان ھالدا بىر نەرسە ئىزدەۋېتىپتىكەن، ئۇلار بىلەن سالاملاشتىم، مەن گەپ قىلاي دەپ بولغۇچە ھېلىقى ئېشەكمۇ كەينىمدىن تاپ باستۇرۇپ چېپىپ كەلدى، ئۇلار ئېشەكنى تۇتىۋالدى،
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئېشەك  ئۇلارنىڭ ئېشىكى بولۇپ، ئارغامچىنى ئۈزۈپ قېچىپ كەتكەنكەن، ھېلىقى بالا ئېشەكنى مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بەيگىگە سېلىپ يۈرۈپ ئادەم بىلەن تەڭ يۈگۈرىدىغان  غەلىتە خۇيلۇق قىلىپ قويغانكەن، ئېشەك ئادەم يۈگۈرسە تەڭ چاپىدىكەن ،توختىسا تەڭ توختايدىكەن
شۇنداق قىلىپ بۇ «جىن»دىن قېچىپ قۇتۇلدۇم، ھېلىقى سوۋغاتلىق كۆينەك ئورمانلىقتا چۈشۈپ قاپتىكەن، بىر ساراڭ تېپىۋېلىپ  كىيىپ يۈرۈپتۇ،
تامام

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 15:23:09

:lol

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 17:03:19

قورقۇتۇپ جاننى ئالدىغان كىنو دىن بىرەرنى تەۋسىيە قىلىڭلار !

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 18:08:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltersh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-18 18:52  

ماۋۇ كىنونى كۆرۈڭ
قانلارنى ئېقىتىپ،ئۈچەيلەرنى چۇۋۇپ،ئادەم گۆشلىرىنى مالاچلىتىپ يەيدىغان مەينەت،يىرگىنىشلىك كىنو ئەمەس،لېكىن قورقۇتۇش دەرىجە نومۇرى 10
بەت: 1 2 3 4 5 [6] 7 8 9
: باللار بىردەم جىننىڭ گىپىنى قىلىشمامدۇق؟