karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 13:26:07

كەچتە يازىمەن.

bagzad12 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 14:41:57

مەنمۇ  بېشىمدىن  ئۆتكەن  بىر  ئىشنى  سۆزلىۋىتەي

bagzad12 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 15:09:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagzad12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-21 15:14  

نەچچە  يىلنىڭ  ئالدىدا  بىر  دوستۇم بىلەن قوشنا  كەنىتتىكى  ئاكامنىڭ  ئۇيىگە باردىم  ،  ئاكام  موتۇرامنى ئېلىپ  بىزنىڭ  كەنىتتىكى  بىر قارىمنىڭكىگە  كەتتى  ،،شۇنىڭ  بىلەن بىز  ساقلاپ  ساقلاپ  ئوتتۇر  كىچە  بۇلاي دىدى ،  ئاخىرى  باشقا  بىر  موتودا  قايتتۇق .بىز ئۇتىدىغان  يول  بۇيىدا،  چوڭ  بىر مازارلىق بار ئىدى  ، ئۇنىڭ يېنىدىلا كىشىلەر ئەخلەت تۇكىدىغان يەر بارتى ،  مېڭىپ  شۇ يەرگە كەلگەندە ، ئەخلەتلىك  ئارىسىدا  توپ چوڭلىقىدا  ئوت كۇرىندى  ،  ھەيرانلىقتا  موتونى توختۇتۇپ  قاراپ  تۇردۇق  ،  توۋا نىمىشقا  بۇ ئوت يا ئۇلغايماي  بىرخىل كۇيۇپ تۇرىدىغاندۇ؟  دەپ  ھەيرانلا  قالدۇق  ،  بىردەم  تۇرۇپ  ئوتنى تېخىمۇ  يېقىنراق بېرىپ كۇزىتىشنى  ۋە  ئۇچۇرۋىتىشنى توغرا  تېپىپ  ، يېقىنلىشىش  ،ئۇچۇن  بىر كىچىك چىغىر يولغا موتونى ھەيدەپ كىرىپ  
ئوتنى  ئىنىق كۆرگىلى بولغۇدەك  جايدا توختاتتۇق ، ھەيران قالدۇق،  ئوتنىڭ تىگى يوق ئىدى  تىگى تەرىپتە ھېچنەرسىگە ئوت تۇتاشمىغانىكەن  ،  دوستۇم  ئايەتۇل كۇرسىنى بىلەتتىكەن  ئۇقۇشقا باشلىدى ، دەل 《ۋەسەيە كۇرسىييۇ 》دىگەن يىرىگە كەلگەندە  ئوت لاپ قىلىپ ئۆچتى  ، بىر قورقۇنجا ئىككى  بۇپ  بەدەر قاچتۇق  .   ئۇيەردىن مېڭىپ  مىنىڭ موتسىكىلىتىمنى ئېلىش ئۇچۇن  ئاكام كەتكەن  قارىمنىڭ كىگە كەلدۇق  ،  ئۇيەردە  ،ئىچكىردە بىر جىن چاپلىشىۋالغان بالىغا دۇئا  ئۇقىۋېتىپتىكەن  ،ئۇ سۇرۇندا بىردەم ئولتۇرۇپ  ئاغىزىمىزنى  ئېچىپ  ھەيرانلىقتا  قايتىپ  چىقتۇق  ، جىن ھەممە ئەھۋاللارنى دەگەنتى  ،  ئۇ جىن  ئىچكىردىن بۇلۇپ  بۇ بالا  ئۇنىڭغا(تامىقىغا دەمدۇ  يا  ئۇستىگە دەمدۇ  ئىسىمدە قالماپتۇ  ئىشقىلىپ)  سىيىۋىتىپتىكەن  شۇڭا  چاپلىشىۋاپتۇ ،  ئۇ  جىننىڭ تۆت خۇتۇنى  50-60بالىسى  بار ئىكەن ، بۇنى ئۇجىن ئىقرار قىلدى   بىردەم ئولتۇرۇپلا قايتىپ  چىقتۇق.  بىرەر سائەتتىن  كىيىن  كىرسەك،  قارىم ئۇ جىنغا  شاھادەت ئۇگىتىۋىتىپتىكەن   ، ئۇمۇ مۇسۇلمان بۇلۇپ  تەلىم  ئېلىۋىتىپتىكەن .    ئەتىسى  مازارلىقتا  بولغان  ئىشنى  بىر دوستغا  دەپ بەرسەم  ئۇمۇ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا  شۇ يەردىن  كىچىسى ئۇتۇپ  كىتىۋاتقاچ    بەش ـ ئالتە  بالىنىڭ يالىڭاچ ئەخلەت  ئارىسىدا ئەخلەت  تىرىۋاتقانلىقىنى  كۇرۇپ تىكەن  ۋە  شۇندىن كىيىن  ئۇ  يولدىن   كىچىسى ئۇتۇپ  باقمىغانلىقىنى دىگەن تى .    ئەتىسى  مەنمۇ  ئايەتۇل كۇرسىنى  يادىلىۋالدىم   .  

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 15:19:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sherqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-21 15:22  

بىر ئاخشىمى بىرنەرسە باسقاندەك قىلىپ ئويغۇنۇپ كەتتىم ، كۆزۈم ئوچۇق لېكىن پۇت - قولۇمنى مىدىرلىتالمايمەن .
شۇ چاغدا « مېنىڭغا جىن چاپلاشتى ، ئايەتۇل كۇرسىنى ئوقىسام بۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ كېتىمەن » دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم ۋە دەرھال ئوقۇشقا باشلىدىم . ئايەتۇل كۇرسىنى ئوقۇسام ھېلىقى نەسە مېنى قويىۋېتىدۇ ، خېلى ئارام تېپىپ قالىمەن ، لېكىن ئۇمۇ تەڭ ئۇقۇيدۇ ، ئوقۇغاندىمۇ ئىنتايىن مۇڭلۇق ئوقۇيدۇ ، مەن ئۇنىڭ قىرائىتىگە قۇلاق سالىمەن دەپ توختاپ قالىمەن ئۇ يەنە بوغۇشقاباشلايدۇ ، مەن يەنە باشتىن باشلاپ ئوقۇيمەن ئۇ يەنە تەڭ ئوقۇيدۇ ، بۇ ئىش بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭ قىرائىتىگە قۇلاق سالماسلىقنى نىيەت قىلىپ ئەۇزۇ دىن باشلاپ يەنە ئوقۇشقا باشلىدىم ئۇمۇ تەڭ ئوقۇدى قىرائىتى يەنىلا شۇنداق مۇڭلۇڭ ئاۋازى ئىنتايىن چىرايلىق  ، لېكىن كۈندە ئاز دىگەندىمۇ تۆت - بەش قېتىم ئوقۇپ تۇرىدىغان ئايەتۇل كۇرسىنىڭ ئاخىرقى بۆلەكلىرىنى ئېسىمگە ئالالماي يەنىلا توختاپ قالدىم ئۇ يەنە بوغۇشقا باشلىدى ، مەن يەنە باشتىن باشلاپ ئۇقۇشقا باشلىدىم ، بۇ ئىشمۇ بىر قانچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن ئايەتۇل كۇرسىنىڭ ئاخىرقى بۆلەكلىرىنى ئېسىمگە ئالالىدم شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسىمۇ يوقاپ كەتتى .

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 16:31:30

،،،،،،،،،،،،،دەرىزىدىن قارىسا تۈگمەننىڭ ئىچىدە بىر موماي بىر دۆۋە سۆڭەكنى غاجاپ ئولتۇرۇپتۇ،ئەتراپىدا بىر نەچچە كىچىك بالىغا ئوخشاپ كىتىدىغان باكار ئادەملەر موماينىڭ غاجاۋاتقان سۆڭەكلىرگە شولگەيلىرىنى ئېقىتىپ قاراپ تۇرغانمىش،شۇ ئەسنادا ئات تۇيۇقسىز بىر ھۈركۈپ كىشنەپتىكەن ئىچىدىكى موماي بايقاپ قاپتۇ،ئۇ ئادەم ئاتقا مىنىپ قاچاي دەپ ھەر قانچە قىلسىمۇ ئاتقا مىنەلمەپتۇ،ئىككى پۇتى قىمىر قىلماپتۇ،شۇنىڭ بىلەن يۈزىگە بىر خىل ئىللىق شامال تەكەندەك ھىس قىپتۇ،كۆزىنى ئاچسا ئۆزىنى بىر سايلىق جاڭگالدا كۆرۈپتۇ ئەتىراپتا ھىچنەرسە يوق ئۆزىنىڭ قانداق بۇلۇپ بۇ يەرگە كىلىپ قالغانلىقىنىمۇ ئەسلىيەلمەپتۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى  ئاخىرنى كەچتە يوللاي.

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 16:46:08

كومىئوننىڭ ھىكايىسىنى قىززىقىپ ئوقۇۋاتسام تۈگەپ قالدىغۇ
كومىئون بۇرادەر، شۇنداق قىلىپ بالا كىمنىڭ بوپكەتتى، ئاخىرىنى يېزىۋىتىڭلا دەيمەن

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 01:10:51

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم بەك قوقاپ كەتكىندىن ئەس ھۇشۇنى يوقىتاي دەپ قاپتۇ،ئاللا ئۆزەڭگە بىر تەرەپنى نىشان قىلىپ مىڭىپتۇ شۇ ماڭغانچە كەچ كىرىپ كىتىپتۇ، قورقۇش چارچاش قوساق ئىچىش بۇلار ئۇنىڭغا بەك ئەلەم بوپتۇ .شۇنداق كىتىپ بارسا يىراقتىن بىر ئوت كۆرۈنگەندەك بوپتۇ،قورقۇنۇش تىخىمۇ كۈچىيىپتۇ ،ئاللا ئۆزەمنى ئۆزەڭگە تاپشۇردۇم دەپ بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ بىرىپ قارىسا بىر ئۆيكەن ئالدىدا بىر بوۋاي بىر ياش بالا گۈلخان يىقىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ.ئۇ ئادەم سالام قىلىپ ئۇلارنىڭ يىنىغا كىلىپ كۆرۈشۈپتۇ ۋە بولغان ئىشلارنى تۇلۇق سوزلەپ بىرىپتۇ ،ئۇ بوۋاي بۇ يەرنىڭ قەيەرلىكىنى دەپ بەرگەندىن كىيىن ھەنىم بولسا سىزنىڭ تەلىيىڭىز باركەن سىزنى جىن شامىلى بىلەن ئۇچۇرۋىتىپتۇ سىزگە چىقىلغۇسى كەلمەپتۇ بۈگۈن بۇشۇ يەردە قۇنۇڭ ئەتە سىزگە يولنى كۆرسىتىپ قۇياي دەپ داستىخان ساپتۇ،ئەتىسى بۇۋاي خىلى يەرگىچە ئۇزتۇپ قۇيۇپتۇ شۇ ماڭغانچە كەچ بۇلاي دىگەندە ئاندىن ئادەم بار مەھەللىگە يىتىپ كەپتۇ،ئۇ ئادەم شۇنداق قىلىپ ئىككى كۈندە ئاران ئۈيىگە كىلۋاپتۇ ۋە بولغان ئىشلارنى باشقىلارغا سۆزلەپ بىرىپتۇ، شۇ ۋەقە بۇلۇپ يەنە نەچچە ئادەم شۇ تۈگمەننىڭ يىندىن ئۆتىۋاتقاندا  ئوخشىمىغان ئىشلارغا ئۈچىراپتۇ شۇندىن كىيىن كىشلەر ئۇ يولدىن ماڭماي ھازىر بىز مىڭىۋاتقان يولنى شەكىللەندۈرۈپتۇ.ئۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ بەدىنىم بىر خىل شۈركۈنۈپ كەتتى ،دىمىسىمۇ ئۇ تۈگمەن شۇنداق ۋەيرانى كۈندىزدىمۇ قىشىغا بىرىشتىن قۇرقۇدەكلا، بىر چاغ بولغاندا كەلدۇق دەپ بىر ئۆستەڭنىڭ يىنىغا سىلىنغان ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدۇق، ئىچىگە كىرسەم شۇنداق يوغان يۇمىلاق تاشتىن تۆتى چۆگىلەۋىتىپتۇ سۇ ئىقىپ تۈگمەننىڭ ئاستىدىكى چاق پىلەكنى چۆگىلتىدىكەن چاق پىلەكنىڭ ياغىچى ئۈستىدىكى تاشنى چۆگىلتىدىكەن،تۈگمەنچى ئاكىمىزمۇ شۇنداق ئوچۇق چىراي خۇشچاقچاق ئادەمكەن ئۇنى دەپ بۇنى دەپ بىردەمدە يىقىن تۇققانلاردەك بوپكەتتۇق،شۇنىڭ بىلەن ھىلىقى تۈگمەننىڭ گىپىنى ئاڭلىغانمۇ سىز دىسەم ئاڭلىغان دەيدۇ كەچتە ئۈيىڭىزگە كىتەمسىز دىسەم ياق دەيدۇ نىمىشقا دىسەم تۈگمەنگە ئۇن تارتقىلى كىلدىغانلار جق ئۈيۈم يىراق ئەمەس ئاخشىمى تۈگمەننى ماڭغۇزۇپ قۇيۇپ مۇشۇ يەردە ئۇخلايمەن دەيدۇ يالغۇز قورقمامسىز دىسەم نىمىدىن دەيدۇ ھىلىقىلاردىن دىسەم كۈلۈپ كىتىپ بۇرۇن ئانچە مۇنچە ئادەم سۈرتىگە كىرىپ كەپ ئاۋارە قىلغان كىيىن ئۇنداق قىلمايدىغان بولدى دىمەسما تىخىمۇ قىززىقتىم، راس دەۋاتامدۇ ياكى ئۆزى يالغۇز زىرىكىپ مىنى گەپكە سىلىۋاتامدۇ مەنمۇ تازا بىلمىدىم قانداق بولغان دىسەم بىر كۈنى كەچتە تۈگمەننى ماڭغۇزۇپ قۇيۇپ يىتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن تىشىدا بىر ئايال چاقادى ھەيران بوپ بۇ كىچىدە چاقاغان كىمدۇ دەپ چىقسام مەنمۇ تونۇمايدىغان بىر ياش ئايال ئىشلەپ ھىرىپ كەتكەنسىز سىزگە تاماق ئىتىپ بىرەيمۇ دەيدۇ ھەيران قالدىم، رەھمەت ئايالىم تاماق ئەكەپتىكەن قوسقۇم توق ئۆزىڭىز كىم بۇلىسىز سىزنى تۇنۇمايدىكەنمەن دىسەم ئۈيۈم ئانچە يىراق ئەمەس مۇشۇ يەردىن ئۆتسەملا سىزنىڭ ئىشلەۋاتقىنىڭىزنى كۆرىمەن شۇڭا سىز بىلەن تۇنۇشۇپ توي قىلايمىكىن دەپ كەلدىم دەيدۇ چۈجۈپ كەتتىم شۇ چاغدىلا ئاندىن ھىلىقى ئوخشايدۇ دەپ پەرەز قىلدىم ھەم بەك قورقۇپ كەتتىم،قانداق قىلسام بۇلا دەپ تۇرسام تەلىيىمگە سۇ تۇتقان نەچچە ئادەم كەپ قالدى ئۇلارنى كۆرۈپ دىققىتىم چىچىلىپ كىتىپتۇ قارىسام ھىلىقى ئايال يوق شۇنىڭ بىلەن تۈگمەننى توختۇتۇپ ئۆيگە بىرىپ ئۇخلۇدۇم، كىيىن ئۇنداقلار پات پات كىلدىغان بوپ قالدى مەنمۇ كۈنۈپ قاپتىمەن ياخشى يىرى ماڭا چىقىلمايدۇ دەيدۇ.بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر كىنو كۆرگەندەك بوپ قالدىم.

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 08:33:24

ئاخىرى بادۇ ھە

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 18:06:34

تۈگمەن باقسا ياخسىمۇ نېمە چىشى جىنلار كەلسە:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol:lol

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 11:27:09

يېڭى - ييڭى جىنلا يوقما يېقىندا ؟

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 12:23:04

چوقىلاپ قوياي . :lol

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 12:55:12

راس ماۋۇ تىما بەك قىزىيتتى، ئۇزۇن  بولدى  ھىچ نەرسە يوق      

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 21:49:11

باشقا قىرىنداشلار سىلەرمۇ ئاڭلىغان كۆرگىنىڭلارنى يىزىڭلار.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-21 23:45:10

باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى. كۈندە مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا قويلارنى جاڭگالغا ھەيدەپ چىقاتتۇق. ئارىلىقتا بىر قەبرىستانلىقنىڭ ئىزىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. بىر كۈنى جاڭگالدىن سەل كەچ قايتىپ قالدىم. ئەتراپ شۇنداق تىمتاس، پەقەت قويلىرىمنىڭ ئانچە مۇنچە پۇشۇلداشلىرى ۋە  ماڭغاندىكى يىنىك تۇياق ئاۋازلىرىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى... مانا كونا قەبرىستانلىقنىڭ ئۇدۇلىدىنمۇ ئۆتۈپ بولاي دېدىم... پارتلا قىلىپ قويلارنىڭ ئالدىدىنلا يوغان بىر تاغىل مۈشۈك ئېتىلىپلا چىقىپ ئالدىمدا پىتراپ قاچتى.... بىسمىللاھ............ دەرھال ئايەتۇل كۇرسىنى باشلىۋالدىم. قويلىرىممۇ بىر نەرسىنى تۇيغاندەك قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ كېتىپ مېڭىۋەردى. ئايەتۇل كۇرسى ئاخىرلىشاي دىگەندە ھېلىقى مۈشۈك يول ياقىسىدىكى بىر كونا جىگدىگە ئۇچقاندەك چىقتى-دە، پاررىدە ئوت بوپ ياندىيۇ، پەسكە چۈشۈپلا يوق بولدى............  قورققىنىمدىن ھىچكىمگە تىنمىغانتىم... بۈگۈن دەپ سالدىم{:136:}

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 14:02:24

ئۆتكەن يىلى قىشتا مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن مەلۇم دوختۇرخانىدا بىر كىچە بىرسىگە قاراش توغرا كەپقالدى،كىچە سائەت ئىككى بولغاندا ئۇيقۇم كەپ پەقەت چىدىيالمىدىم شۇنىڭ بىلەن قارىسام ياندىكى ياتاق قۇرۇق بىرمۇ ئادەم يوقكەن ئاستا كىرىپ ئىككى سائەت ئۇخلاپ چىقاي دەپ كىرمەمدىم،ياتاقتا ئۈچ كارۋات قۇيۇغلۇقكەن كارۋاتنىڭ ئۈستىدە يىشنىمە يوق ئوتتۇردىكى كارۋاتتا كىلىپلا چاپىنىمنى يىپىنىپ ياتتىم ،كۆزۇم ئۇيقۇغا بىرىپ بولغان چاغدا بىرسى پۇتۇمنى تارتتى ئۇيقۇ چىلىقتا مەنمۇ قاراش خوشياقمىدى بىردەم بولغاندا پۇتۇمنى يەنە تارتتى بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام ئادەم يوق شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۇمگە بىر قورقۇنۇش كىرۋالدى ئۇياققا ئۆرۈلۈپ بۇياققا ئۆرۈلۈپ زادى ئۇخلىيالمىدىم ،شۇ ئەسنادا ئىچىمگە بىر خىل قورقۇنۇش كىرۋالدى شۇنىڭ بىلەن ئايىغىمنى تىز كىيىپ ئۇ ياتاقتىن چىقىپ كەتتىم،شۇنىڭ بىلەن تاڭ ئاتقۇچە ئۇيقۇم كەلمەي ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقاندا ئۆيگە قايتىپ كەلگەنتىم.

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 22:33:33

كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا مەھەللىمىزدىكى قاسىم ئاكىنىڭ قوغۇنلىقىغا تولا باراتتۇق. بىر نەچچىمىز قاسىمكام تىلىپ بەرگەن قوغۇن - تاۋۇزلارنى يەپ، ئۇنىڭ جىن ھەققىدىكى ھىكايىلىرىنى ئاڭلىمىساق ئۆيىمىزگە كەتكىلى ئۇنىماي تۇرىۋالاتتۇق. قاسىمكام ئۆزىمۇ ھېكايە ئېيتىشقا ئۇستا ئادەم ئىدى.
_ بىر كۈنى قوغۇنلۇققا قاراپ كەپىدە خىيال سۈرۈپ ياتسام، _  دەپ ھېكايىسىنى باشلايتتى قاسىمكام، _ تۇيۇقسىز قارا دېگەندەك قىلىپ قالدى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ شۇندا تىڭشىسام مەھەللە تەرەپتىن بىر ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاۋاز بارغانچە يىقىنلاپ كىلىۋاتاتتى. تازا زەن قويۇپ ئاڭلىسام دۇتتار - تەمبۇرنىڭ ئاۋازىمۇ، بىر نەچچىسىنىڭ ئۇنىڭغا جۆر بولۇپ ئالا - تاغىل توۋلاپ ئىيتقان ناخشا ئاۋازى، خادىك ھارۋىغا قىتىلغان ئاتنىڭ بوينىدىكى قوڭغۇراق ئاۋازى يەنە ئاللىقانداق قىيقاس - چوقانلار... ئىشقىلىپ خۇددى توي كۆچۈرۈپ ماڭغان بىر توپ يىقىنلاپ كىلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. بۇ كىچىدە نەگە توي كۆچۈرۈپ ماڭغاندۇ دەپ قىزىقىپ بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ كەپىدىن چىققىنىمنى بىلىمەن، شۇندا قاراپ ئۆزۈمنى كەپەنىڭ ئالدىدىكى ئىرىققا « گۈپ »لا قىلىپ تاشلاپ يىتىۋالدىم... يا ئاللا... كونىلارنىڭ ئۆتكۈن ئۆتتى دېگىنى دەل مۇشۇ ئىكەندە دەپ ئويلاپ ئۆتكۈننىڭ يىراقلىشىشى بىلەن ئاستا بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم. ئالدىمدا توپىلىق يولدىن قويۇق چاڭ توزىتىپ خۇددى بىرەر مىڭ كالا - قوينى ھەيدەپ ماڭغاندەك بىر توپ ۋاراڭ - چۇرۇڭ بىلەن بارغانچە ئۇزاپ كىتىۋاتاتتى. بايا قورقۇنچتا ئىرىق ئىچىگە چاپلىشىپ ياتقان ئادەم بىردىنلا ئەقلىمدىن ئازغاندەك « توختا، مۇشۇ گۇيلار زادى نەگە بارىدىكىن؟ ئارقىسىدىن بىر ئەگىشىپ باقمايمەنمۇ » دېگەننى ئويلاپ ئاستا ئېرىق ياقىلاپ كەينىدىن ئەگەشتىم. مىڭۋاتىمەن...مىىڭىۋاتىمەن... بىر چاغدا بۇ بىر توپ ئالامان بىر كونا خۇمدانغا كەپ « ۋار - ۋۇر، جار - جۇر » قىلىشقىنىچە خۇمدان ئىچىگە كىرىپ غايىپ بولدى.
بۇ قانداق بولۇپ كەتتى ئەمدى دەپ بىر بىسىپ، ئىككى بىسىپ خۇمدان ئىچىگە يېقىنلاپ بارسام خۇمداننىڭ ئىچى يوپ - يورۇق، بايىقى ئالامان ئىچىدىكى قىرىراق بىرى ئەتىمالىم باشلىقى بولسا كىرەك بىر نەچچىسىگە « ئاياغ مەھەللىدىكى داۋۇت تۆمۈرچىنىڭ بىقىۋاتقان ئالا بۇقىسىنى ئىلىپ كىلىڭلار » دەپ بۇيرۇق قىلىۋاتاتتى. بىر كەمدىلا خۇمدان ئىچىگە ھېلىقى ئالا بۇقا ئىلىپ كىلىندى-دە بىردەمدىلا سويۇپ پارچە پارچە قىلىنىپ قېرى - ياش، ئېگىز - پاكار، ئاقساق - چولاق ھەممىسى بىر پارچىدىن چىشلەپ غاجىلاشقىنىچە نەغمە - ناۋاغا چۈشۈپ كەتتى. يەپ بولغاننى پىقىرىتىپ تاشلاپ يەنە بىر پارچە سۈڭەكلىك گۆشنى ئىلىپ يەنە ساماغا چۈشۈپ كىتەتتى. شۇ ئەسنادا تاس قالدى بىر پارچە سۈڭەك ئۇچۇپ كىلىپ چوققامغا تەگكىلى، ئاستا ئىڭىشىپ ئالسام غاجىلاپ ئاپپاق قىلىۋەتكەن بىر تال قوۋۇرغا سۈڭەك قولۇمغا چىقتى. « توختا... بۇ ئىسپات بولىدۇ...» دەپ قوينۇمغا سىلىۋالدىم.
بىر چاغدا قانداق بولۇپ قالدى، قورسىقىم كۆپۈپ « ۋارت.............» لا قىلىپ يەل قويۇۋىتىپ قالدىم. قوللىرىدا بايىقى بۇقىنىڭ سۈڭەكلىرىنى غاجىلاپ ساماغا چۈشۈپ كەتكەن ھېلىقى ئاقساق - چولاق، ئېگىز - پاكارلارنىڭ ئۈنى ئۆچتى - دە، جىم بولۇپ قالدى. بايىقى قېرى باشلىقى « ئادىمزات باركەن، تېز بۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ جايىغا ئاپىرىۋىتىڭلار » دەپ بۇيرۇق قىلىشى بىلەن بىردەمدە بايا تاشلىغان سۈڭەكلەرنى تىرىپ تۆشەپ ھېلىقىنى بۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى باشلىدى. جىنلار قارىسا بىر تال قوۋۇرغا سۈڭەك كەم، ئۇياق - بۇياقنى ئىزدەپ تاپالماي ئاخىرى بىر تال ياغاچنى سۇندۇرۇپ قوۋۇرغىسىنى تولۇقلاپ بۇقىنى ئىلىپ ماڭدى. شۇ چاغدا قانداق بولدى ئۆزۈممۇ بىلمىدىم، يۈزۈمگە يىنىك بىر شامال تەگكەندەك بولۇپ ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن. كۆزۈمنى ئاچسام خۇمداننغا توپا قىزىپ كۆلىنىپ كەتكەن ئازگالدا يىتىپتىمەن. شۇكرى دەپ ئاستا ئۆيگە قايتىپ كىلىپ چاپاننى قوزۇققا ئىسىشىمغا قوينۇمغا تىقىۋالغان ھېلىقى ئالا بۇقىنىڭ قوۋۇرغا سۈڭىكى تورۇكلاپ چۈشمەسمۇ، ئاخشام كۆرگەنلىرىمگە ئىشەنمەي دېسەم تېخى، ئىشىنەي دېسەم تېخى...
چاينى ئىچىپ ، چاپاننى كىيىپ ئالا بۇقىنىڭ قورغىسىنى قوينۇمغا سىلىپ، ئاياغ مەھەللىگە ماڭدىم. يول بويى ئاخشام كۆرگەنلىرىمنى چۈشۈممىكىن دەي دېسەم بۇقىنىڭ قورغىسى قوينۇمدا، راست كۆردۈم دەي دېسەم يەنە بىر يەرلىرىگە تازا ئىشەنگۈم كەلمەي، زادى داۋۇت تۆمۈرچىنىڭ شۇ ئالا بۇقىسىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر كۆرەي دەپ شۇ خىيال بىلەن داۋۇتنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدىم. دەرۋازىسىنىمۇ قاقمايلا ھويلىغا كىرىۋەردىم. ئۇددۇل بىرىپ تۆمۈرچىنىڭ ئىغىلىغا شۇنداق كىرمەيمەنمۇ، ياپپاناھ... ئاخشام خۇمداندا كۆرگەن ھېلىقى ئالا بۇقا ئالدىمدىلا ماڭا قاراپ يەرنى تاتلاپ بىر مۆرىۋىدى تاس قالدىم قورقۇنچىلىقمدا ئارقامغا ئۇچۇپ كەتكىلى، ھېلىمۇ ياخشى داۋات كەينىمدىنلا كىرىپ قاپتىكەن، ۋۇي ئاداش نېمە بولدى ساڭا دەپ ئارانلا يۆلىۋالدى. كۈزۈمنى ئىچىپ يەنە قارايمەن، يەنە شۇ ئالا بۇقا، كۆزۈمگە بىردە بۇقىدەك، بىردە ئاخشامقى ھىلىقى جىنلارنىڭ قىرى ئاقساقىلىدەك كۆرۈنۈپ ئاران تەستە ئىغىلدىن چىقىۋالدىم. ئۇنىڭغىچە داۋۇتنىڭ بىر ئىككى خوشنىسى بىزنى كۆرۈپ ھويلىغا كىرىپ كەلدى. ھەممىسىلا ماڭا ئەجەپلىنىپ قارايتى. بىردەم دىمىمنى ئىلىپ ئۇلارغا ئاخشام كۆرگەننىڭ ھەممىنى سۆزلەپ بەردىم. ئىككى خوشنىسى « يائاللا... مۇنداق ئىشلارمۇ بولىدىكىنا » دىگىنىچە بىر - بىرىگە قاراشتى. داۋات بىر ماڭا بىر بۇقىغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى، تۇرۇپ كەتتى ئۆزىنى تىڭشاپ، بىر چاغدا ماڭا قاراپ « يالغاننى توقى دېسە ئالامەت توقۇيدىكەنسەن ھە؟! مەن دىگەنلىرىڭنىڭ بىرسىگە ئىشەنگەن بولسام كاشكى... » دەپ كۆزلىرىنى ئالايتتى. « ئاداش يالغان دىسەڭ مانا ئىككى خوشناڭ تۇرۇپتۇ، كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى راست» دېدىم. تۇيۇقسىز ئىسىمگە قوينۇمدىكى بۇقىنىڭ سۈڭىكى كەلدى. داۋۇتقا دېدىم: « ئەگەر دېگەنلىرىمنى يالغان دىسەڭ ئالا بۇقاڭنى ماۋۇ ئىككى خوشناڭنىڭ ئالدىدا سوي، بىر قورغىسى ياغاچ بولمىسا، مەن ئىغىلىمدىكى 15 تۇياق قويۇمنى ئورنىغا تۆلەپ بىرىمەن، ئەگەر راست شۇندا چىقسا قانداق قىلىسەن ؟ دېۋىدىم، داۋۇت « بولدى ھېساپ، بىر قورغىسى ياغاچ بولىدىغان بولسا ئىغىلدىكى ئاۋۇ بايتىلىمنى ساڭا مىندۈرۈپ قويىمەن » دەپ قوپتى. ھويلىدىكى ۋاڭ - چۇڭنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغىچە يەنە بىر نەچچە ئادەم پارىڭىمىزغا قىزىقىپ كىرىپ كەلدى-دە، ئۇلارنىڭ گوۋاھلىقىدا ئالا بۇقىنى يېتلەپ چىقىپ سويۇشقا باشلىدۇق. تىرىسىنى ئاجرىتىپ قورغىنىسى شۇندا يىرىۋىدى سول تەرەپتىن بىر تال قورغا ئورنىدا ياغاچ چىقتى. ئەتراپتا تۇرغانلا « ياپپاناھ... ما كارامەتنى » دېيىشكىنىچە ياقىلىرىنى تۇتۇشتى...

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 08:36:34

تازا قىزىق يېرىدە گەپنى ئۈزىۋالىدىغان بولۇپ قالدىڭلا باللا.
ئاۋۇ ئالا بۇقا قانداق بوپكەتتى ؟

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 10:45:51

يېقىننىڭ ياقى ماڭىمۇ جىن ئۇچرىماس بوپ كەتتى، مىنبىڭ باللا قومۇشلۇق ، جاڭگاللارنى تولا ئاختۇرۇپ جىنلارنى قورقىتىپ قاچۇرۋەتتىمۇ تاڭ بىلمىدىم،

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 11:13:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-26 11:25  

birmoo يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 10:13 static/image/common/back.gif
جىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانمىدى، ھەرقايسى دۆلەت لەرنىڭ جى ...

                                               94-قەۋەتتىكى birmoo نىڭ ئىنكاسىغا:

سىزمۇ كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىگىچە ئىشەنمەيدىغانلاردىن ئوخشىمامسىز؟ مەن ئىلگىرى دەل ئەشۇنداقلاردىن ئىدىم، بەلكى ئۇچىغا چىققان ماركىسىزىمچى،«قىپقىزىل ماتىريالىزىمچى» بىر دەھرىي ئىدىم(راس دەۋاتىمەن جۇمۇ).تەبىي پەندە ئىسپاتلانمىغان ۋە ماددىي بولمىغان ھە قانداق «نەرسە»گە ئىشەنمەي يۈرۈيدىغان چاغلىرىمدا مۇنداق بىر ئىش مېنى غەيبىي نەرسىلەرگىمۇ «ماتىريالىستىك» نەزەردە تۇرۇپ تەتقىق قىپ بېقىشقا ئۈندىدى: شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە كەچتە يېتىپ، ئۇخلاشقا كۆزۈم سەل ئىلناشقاندەك بولىۋىدى،تۇيۇقسىز دۈمبەم تەرەپتىن خۇددى نەچچە تۈگمەن تېشىدەك ئېغىر بىر نەرسە باسقىلى تۇردى(دۈم يېتىغلىق ئىكەنمەن)، قورقققىنىمدىن سوغۇق تەرگە چۈمۈلۈپ كەتتىم،قىمىر قىلالمىدىم،  ئارقىدىن ئۇلاپلا ئارقا مىڭەمنىڭ نەق ئۇدۇلىدىلا خۇددى توكلۇق قول ئۈشكىسىنىڭكىدەك ئاۋاز ئاڭلىنىپ،بۇئاۋاز بارغانچە كۈچەيگىلى تۇردى ھەم ئارقا مىڭەمنى تېشىشكە باشلىدى! قانچىلىك قورىققىنىمنى تىل بىلەن ئىپادە قىلالمايمەن، ئختىيارسىز  چوڭ ئانام ئۈگۈتۈپ قۇيغان «كەلىمە تەييىبە» ئېسىمگە كەلدى،بىراق تىلىمنى مىدىرلىتالمايتتىم ،مىڭەمنى تېشىپ بولىدىغان بولدى...ئاخىرى ئۇ كەلىمىنى دىلىمدە ئوقۇيالىدىم،بىردىنلا ئۈشكە ئاۋازى پەسلەپ ھېلىقى ئېغىر بېسىم غايىپ بولدى. كېچىچە قانداق تاڭ ئاتقۇزدۇمكىن ئېسىمدە يوق، ئەتىگىنى قوپسام ئارقا مىڭەمنىڭ ئۇدۇلى ئاغرىپلا تۇرىدۇ.كېچە كۆرگەنلىرىم چۈش ئىكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمىدى.شۇ ئاغرىك تاكى نەچچە ئايغىچە داۋاملىشىپ تەستە يوقالدى. ئەتىگىنى بۇ ئىشنى ئاكامغا دەپ دىلىمدا قايسى سۆزنى دەپ قۇتۇلغانلىقىمنى دىيىشىمگە ئاكام ماڭا:سەن ئىمان ئېيتىپسەن دىدى. راستىمنى دىسەم شۇ كەمگىچە «كەلىمە تەييىبە» نى ئېيتسا ئىمان ئېيتقان بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. «دىن دىگەن خەلقنى زەھەرلەيدىغان ئەپۈيۈن » دىگەن سۆزنى تۇتىيا بىلەتتىم، شۇ ئىشتىن كىيىن ماتىريالىزىم پەلسەپەسىدىن گۇمان قىلىدىغان بوپ قالدىم. كىيىنچە ھاياتىمدا زور بۇرۇلۇشلار بولۇپ، كۆپ ئىزدىنىش ۋە ياخشى كىشىلەرنىڭ دەۋىتى نەتىجىسىدە توغرا يولنى ئاخىرى تېپىۋالدىم، ئەشۇ قېتىمقى مىڭەمنى تەشمەكچى بولغىنى ئېھتىمال مۇسۇلمان جىن بولسا كېرەك دەپ ئويلۇدۇم، خۇداغا شۈكرى ئۇنداق قۇرقۇنچلۇق ئىشلارنى قايتا ئۇچراتمىدىم. ھەممە ماختاش ئازغۇنلارنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا چىقارغان اللە قا بولسۇن!!!

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 13:15:32

ئاۋۇ ئالا بۇقا قانداق بوپكەتتى ؟

داۋۇت تۆمۈرچى ئالا بۇقىنىڭ جەسىتىنى قورغا سۈڭەك بىلەن قوشۇپ ھارۋىغا سىلىپ، كونا خۇمدانغا ئاپىرىپ بىر كىچە تۈنەپ چىقىپتۇ...:lol
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 [8] 9
: باللار بىردەم جىننىڭ گىپىنى قىلىشمامدۇق؟