begir يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 07:23:11

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 08:20:43

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 21:12 static/image/common/back.gif
جىن شەھەردە كۆپرەك بولامدىكىن دەيمەن. چۈنكى شەھەردىك ...

شەھەردە شۇ ماڭدامدا بىر جىن ئۇچىراپ تازا يېڭىلىق تۇيۇلماس بوپقالامدۇ قانداق

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 08:21:41

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-8 06:29 static/image/common/back.gif
ئارىمىزدا تارقىلىپ يۈرگەن مەشھۇرتۆت كەچۈرمىش بار،بۇن ...

كېچىسى بىرىگە ئۇرچىراپ قالىدىغان ھېلىقى پودىقى يوغان ئۆچكىمۇ بار {:181:}

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 09:08:45

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-8-8 08:21 static/image/common/back.gif
كېچىسى بىرىگە ئۇرچىراپ قالىدىغان ھېلىقى پودىقى يوغان ...

مەنمۇ شۇ كەم قاپتۇ دېمەكچىتىم :lol

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 09:27:56

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 21:10 static/image/common/back.gif
مەن مەھەللىدە بالىلاردىن ئۇلارنىڭ دادىلىرى جىنغا ئۇچر ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مۈمكىن بولسا ،پېسخولۇگىيەدىكى -سىكپزېنىيە- جىن ھەققىدىكى قاراشلارنى تەپسىلىرەك ئاڭلاپ باقساق بوپتىكەن.

arslan720 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 10:10:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arslan720 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-8 10:12  

      مەنمۇ بەك جىق ئاڭلايمەن ،مۇشۇ ئاتا بۇۋام جىننىڭ چېچىنى كېسىۋاپتىكەن ،ئۇرۇق-ئەۋلادىڭغا چېقىلمايمەن دەپ قەسەم قىپتىكەن قايتۇرۇپ بېرىپتۇ دىگەن ھىكايىنى ،شۇنىڭغا قاراپ مۇشۇ بولغان ئىشمىكى دەپمۇ ئويلاپ قالىدىكەن ئادەم ،مۇشۇ جىن توغرىسىدىكى مەزمونلارغا قىززىقىمەن ،بۇرۇن بىر ياشانغان ئايالنىڭ بىزنىڭ بىر خوشنىنىڭ ئوغلىنىڭ جىندىن خوتۇنى بار ئاڭلىسام داۋاملىق ئۇخلىسا بىر يېنىنى بوش قويىدىكەن دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلىغانتىم ۋە باشقىلاردىنمۇ بەزىلەرنىڭ جىندىن خوتۇن -بالىلىرىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە ،ئۇ چاغلاردا بىز كىچىك، ھازىر بولسا گەپنىڭ بېشى ۋە شۇ ئەھۋال توغرىسىدا ئىزدىنىپ باققان بولاتتىم. ۋە بەزىلەرنىڭ جىن بىلەن سۆزلىشەلەيدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ كۆپ ئاڭلايمەن ، تورداشلار مۇشۇ مەزمون توغرىسىدىمۇ ئورتاقلىشىپ باققان بولساق ،بىلىدىغانلىرىڭلارنى ئاڭلاشقا قىززىقىمەن.

arslan720 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 10:13:03

كۆپچىلىكنىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈپ مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا بېشىمدىن ئۆتكەن ھەم ئېسىمدىن چىقمايدىغان بىر ئىشنى ئورتاقلاشقۇم كەلدى.شۇ چاغدا مەن بەش ياش ۋاقتىم ئۇ چاغدا ئۆيىمىز غۇلجا ھەرەمباغ ئالما بازىرىدىكى بىر كوچىدا ئىدى،دادامنىڭ خىزمىتى  ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىشتىن بۇرۇنقى غۇلجىدىكى ئاخىرقى ۋاقىتلىرىمىزغۇ دەيمەن،دادام ئۈرۈمچىگە ئۇكامنى ئېلىپ خىزمىتىنىڭ ئىشى بىلەن كەتكەن .شۇ چاغدا ئۆيىمىز بىر يوغان قورا، ئۇ قورادا ئۈچ ئۆيلۈك ئائىلە ،قالغان ئىككى ئائىلىمۇ دادامنىڭ خىزمەتداشلىرى، ھاجەتخانا بىزنىڭ ئۆينىڭ ئارقىدا ،بىزنىڭ ئۆينىڭ ئارقىغا ئۆتسىلا يوغان بىر تۈپ قارىياغاچ ۋە بىزنىڭ ئۆينىڭ تېمى بىلەن خوشنا ئۆينىڭ تېمىدىن ھاسىل بولغان ھاجەتخانىغا تۇتاشقان ئون مېتىر تار يول بار ئىككى تامنىڭ ئارىلىقى تۆت-بەش مېتىر كىلە ، قارىياغاچ خوشنا تامنىڭ يېنىداراق ،بىر كۈنى كەچتە ئاپام ھاجەتكە چىقىمەن قورقىمەن دەپ مېنى ئېلىپ چىقتى،مەن قارىياغاچنىڭ يېنىدا قېلىپ ئاپامنى ساقلىدىم،شۇ كۈنى تولۇن ئاي بەك يورۇققۇ دەيمەن ،شۇ تار يولدا تۇرۇپ قارىياغاچنىڭ يېنىدىكى تامغا قاراپ ئولتۇرسام تۇيۇقسىز تام يورۇپ تاقىرباش ئېگىز ئورۇق بىر ئادەمنىڭ سايىسى پەيدا بولدى،(شۇ چاغدا مەن كىچىك بەش ياش ۋاقتىم ،ماڭا بەك ئېگىز تۇيۇلغان) ئۇ خۇددى ئامېرىكا كىنولىرىدىكى ھېلىقى تاشقى پىلانت ئادەملىرىدەك ئورۇق ،ئىككى قولىنى چۈشۈرۈپ سەل كەرگەن ھالەتتە تۈپ –تۈز تۇردى،مەن ئەتراپىمغا قارىسام تارلا بىر كوچا ئۇنىڭ ئۈستىگە يېرىم كىچە ھىچنەرسە يوق،پەقەت ئۇدۇلۇمدىكى ھاجەتخانىدا ئاپام بار،تەخمىنەن بەش-ئالتە سىكونتتىن كېيىن ئۇ سايە يوقاپ كەتتى.ھازىرغىچە ئۇ كەچمىش ئېنىق ئېسىمدە، ئويلىسام تامغا چۈشكەن شۇ سايىنى نورمال چۈشۈنۈش مومكىن ئەمەس.

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 20:20:57

باللار جىننىڭ گىپىنى قىلىپ قىزتىۋىتىپسىلەرغۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-8 21:11:25

Uyghurking يوللىغان ۋاقتى  2014-8-8 09:08 static/image/common/back.gif
مەنمۇ شۇ كەم قاپتۇ دېمەكچىتىم

راس ھە !!!

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 22:28:38

راس بولغان ۋەھشى ۋەقەدىن بىرنى دەپ بىرەيمۇ؟

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-9 22:58:35

كىچىك ۋاختىمدا ئاڭلىغان بىر ۋەقە:
بىر ئادەم كەچتە قايتىپ كىلىۋىتىپ، مەھەللىگە يىقىن قالغاندا، بىر ئوغلاق مەرەپ تۇرغان، مەھەللىدىكى بىرەسىنىڭ ئوغلىقى پادىدىن ئايرىلىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ، يەرگە چۈشۈپ ئوغلاقنى ئاتنىڭ ئالدىغا ئارتىپ مىڭىپتۇ، بىردەم ئىڭىپ ئات بارغانسىرى ئاستىلاپ، تەرلەپ، توختىماي پۇشقىراپ، قوشقا قاتقان كالىدەك ھاسىراپ كىتىپتۇ، قىسقىغىنا يولنى شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتتا بىسىپ يىتىپ كەپتۇ،
ئۆينىڭ ئالدىغا كىلەي دىگەندە ئاتتىن چۈشۈپ، ئوغلاقنى يەرگە ئېلىپ، كىمنىڭ ئوغلىقىدۇ بۇ، ئەركەكمىدۇ، چىشىمىدۇ؟ دەپ ئوغلاقنىڭ چاتىرىقىنى شۇندا سىلاپتىكەن، ئوغلاق:
- پو……قىم دادىڭىزنىڭكىدەك بامىكەن؟- دەپتۇ،
شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئاللا- توۋا كۆتۈرۈپ قاچقانچە ئۆيگە كىرىپ كىتىپتۇ، ئاتمۇ ئۈركۈپ كىتىپ، كىچىچە جۆيلۈپ چىقىپتۇ، ئەتىسى ئاغزى مايماق، چۆرىسى بەرى قوقاق،

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 08:41:59

يېڭىلىرى يوقما باللا ؟

suzuksu يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 09:09:32

udun0903ئۇ ۋەقەلىكلەرنى مەنمۇ ئاڭلىغان..
لېكىن يالغانلىقى چىقىپلام تۇردۇ.
ئات ھەرگىز ئۇنى ئۈستىگە ئالسا ماقۇل دەپ ماڭمايدۇ.
شۇ يەردىنلام ئۇ باغلاشمىغانلام بىر ۋارىيانت خالاس.
مەن خېلى جىق ئىزدەنگەن جىن توغرىسىدا.

ھەتتا مىسېرانىم مۇنبىردە.جىن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر دەپ بىر ھېكايەممۇ. باتتى.
لېكىن ئۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرنى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن يازالمىدىم.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 10:13:27

جىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانمىدى، ھەرقايسى دۆلەت لەرنىڭ جىن توغۇرلۇق ئىشلىگەن كىنولىرى ، يازمىلىردىن بۇنداق سەپسەتىنىڭ بارلىقى مەلۇم لېكىن .

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 14:12:34

جىننىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلىسا ھەجەپ كۈلكىلىك بولىدىكەن..
مىنىڭ بىر جىن ئاغىنەم باتتى دىمەيسىلەر تېخى:lol

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-10 15:15:24

تاغدىن باغدىن پاراڭ قىلماي باللا، نەق بېشىڭلاردىن ئۆتكەن غەلىتە ھادىسىلەرنى يازساڭلار بولاتتى، ئاڭلىغانلىرىڭلارنى يازساڭلار يالغان بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ، ھەم گەپ ئاۋۇپ كېتىپ تېما پاخاللىشىدۇ

tamqi1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 13:48:19

...ھا ھاھا  ....

suzuksu يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 17:34:27

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .....
ما باللار يەنە جىننىڭ گېپىنى قىلۋاتىپتۇ....
خوش مەنمۇ بىرنى دەي....
ئەسلى مەن مىسرانىم مۇنبىرگە جىن بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر دەپ ھېكايىدىن،بىرنى يازغان. شۇنداق ياخشى داۋاملىشۋاتىتى،ئۇستاز ئابدۇرراھمان جامال، يازماڭ دەپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن توختىتىپ قويغان..ئەمدى مەۋەدە يەنە قىزىپ ، بولغان ئىشتىن بىرنى قىسقىچە يېزىپ كىتەي.
ئۇستاز كۆمەيدۇ ئەقاچان، قالغىنىغا سىلەر دەپ قويمايسىلەر.ھى ھى.

suzuksu يوللانغان ۋاقتى 2014-8-11 18:28:22

خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ، ئاللاھقا ئۇزاقتىن ئۇزاق دۇئا قىلىپ،غەم غۇسسەلىرىمنى دەپ، يېلىنىپ ئولتۇراتتىم.
تالادىكى ۋاراڭ چۇرۇڭ،دېققىتىمنى تاتتى.
دەرھال چۈشۈپ ئىشىك قېشىغا كەلدىم،دە توختاپ قالدىم.
نېمىشقا دەمسىز؟مەن بۇ ئۆيگە بۈگۈن كېلشىم ئىدى.
خوشنىلارنىمۇ تونمايتىم،ئىلىم يولدا ئىزدىنىپ، تالايلىغان مۇساپىرچىلىقنىىمۇ باشتىن كەچۈرگەن، مەن ئۆزۈمنى سەل بېسۋالدىم.چۈنكى مەن بۇ مەھللىدە ئالدىراپ كۆزگە كۆرەنسەم بولمايتى.كەينىمگە ياندىم، لېكىن ۋارقىراش تېخىمۇ كۈچەيدى.ئاخىرى چىدىماي ئىشىكنى ئېچىپلام تالاغا چىقتىم. بىر ئايالى چاچلىرى چۇۋۇق ھالەتتە ۋارقىراۋاتاتتى.ئىككى ئايال قېىشىدا تېخىمۇ قورققان ھالەتتە تۇراتتى.ئۇ يەردە باشقا ئادەم بولمىغاچ كىركىتىشكە كۆزۈم قىيمىدى.ئاستا قېشىغا بارسام،ماڭا قاراپلام ئېتىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايالنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۋالدىم.دە ئايەت ئوقۇشقا باشلىدىم.ئۇ ئايال ئوقىما دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
ئاندىن ئۇ ئايالنى ئۆزنىڭ ئۆيگە ئېكىردۇق.
ئككى ئايال بولسا ئادەم چاقىرىپ كىرلى دەپ چىكەتتى.
ئايالنىڭ بولسا كىيىملىرنىڭ بەزى يەرلىرى ئوچۇق ھالەتتە ئىدى.
چىكىتەي دېسەم قاتتىق چىقىراپ ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇرۋاتاتتى.
ئاندىن ئۆيىدىن بىر ئەديالنى ئېلىپ، ئۈستىگە ياپتىم.
دە چىڭ تۇتۋالدىم...ئاندىن توختىماي ئايەت ئوقۇشنى باشلىدىم
.
ئۇ قاتتىق ۋارقىردى، ئوقىما!
مەن ئۇنىڭغا ئاستا گەپ قىلدىم.
نېمە بولدىڭىز؟
ئۇ مېنى قىينىدى.
كىمۇ؟
بۇنىڭ ئېرى.
كىمنىڭ؟
بۇ قىزنىڭ؟
قا قىزنىڭ؟شۇندىلا ئۇنىڭ جىن ئىكەنلىكى ئېسىمگە كەلدى.

ھە سىزنىڭ ئىسمىڭىز؟
بۇ پاتەم.
نېمە سەۋەپتىن بۇ ئايالغا كىرۋالدىڭىز؟
بۇنىڭ ئېرى بۇنى خارلايدۇ.ئۇ كوچىغا قارايدۇ.
ئېرى ھازىر نەدە؟
ئانىسنىڭ ئۆيگە كەتتى.
ھە سىز نەدىن؟
قارىدۆڭ.
ھە! بۇ مەن كۈندە ئۆتىدىغان يەر ئىدى.
بۇ ئايالنى قىينىماڭ چىكىتىڭ!
ياق.ئېرى ئوڭشالمىسا چىكەتمەيمەن.
سىز مۇسۇلمانمۇ؟
ھەئە مەن مۇسۇلمان.
ئىمان كەلىمىسنى ئوقۇپ بېقىڭ....؟
.....................ياق....ئوقىمايمەن  ئۇ ۋەھشى بىر چىقىردى........



داۋامى بار.

بۇ راس ئىشلار...

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-12 09:38:00

ئوججۇن .....
ما تېمىنىڭ داۋامى تېخىمۇ ۋەھشىلىشىدىغان چىراي ........:lol
بەت: 1 2 3 4 [5] 6 7 8 9
: باللار بىردەم جىننىڭ گىپىنى قىلىشمامدۇق؟