iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 18:13:12

1408号房间

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 00:13:45

ئۈيۈڭلار 6 قەۋەتتە بولسا كىچىدە دىرىزەڭلەرنى بىرسى چەكسە قانداق بوپ كىتىسلەر :lol:lol:lol

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 01:53:27

بىزنىڭ مەھەللىدە بىر بىنادا ئولتۇردىغان شۆھرەت ئوسمانجان ئىسىملىك بىر ئىنە ئاغىنلىرىم بار،يازنىڭ تۇمۇز ئىسسىق كەچلىرى بىنانىڭ ئالدىدىكى ئۈژمە دەرخى ئاستىدا سايدىغاچ ئانچە مۇنچە جىننىڭ پاراڭلىرىنى قىلىشىپ قۇيمىز.پاراڭلار قىزىپ كىتىپ سائەت 1.2 گىچە ئولتۇرۇپ قالدىغان كۈنلەرمۇ بۇلىتتى ،بۇ ئىككى ئىنىم يىقىن ئاغىنلەردىن بۇلۇپ ئىككىسىنى دائىم دىگۈدەك بىللە كۆرىمەن. بىر كۈنى كەچتە تۆت بەشىمىز پاراڭلىشىپ ئولتورغان شوھرەتنىڭ چىرايىدا قان يوق بىرنىمىدىن دەششەت قورقۇپ كەتكەندەك كەلدى ۋە بىزنى كۆرۈپ قىشىمىزغا كىلىپ ئۇف دەپ ئولتۇرغانتى ھەيران بوپ سورۇدۇم. نىم بولدى ساڭا سەت قوقاپ كىتىپسەنغۇ؟ جىنىم ئاكا بۈگۈن جىنغا ئۇچىراپ قالدىم دەيدۇ شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز قىزىقىپ دىگىنە نىم بولدى دىسەك گەپ باشلىدى.ئۇنىڭ دىيىشچە ئىككى كۈن ئاۋال بىر ئاغىنىسى تىلفۇن قىلىپ شۇنداق ياخشى مۇئاشى يۇقىرى بىكار ئولتۇرۇپلا مۇئاش ئالدىغان بىر ئىش بارلىقىنى ئىككى ئادەم لازىملىقىنى ئىشلىسە تۇنۇشتۇرۇپ قۇيدىغانلىقىنى دەپتۇ، بۇ گەپنى ئاڭلاپ خوش بوپ كەتكىندىن قىلاي نىمە ئىش دەپ سورىسا سەل چەتراق يەردىكى بىر يىڭىدىن سالغان زاۋۇتقا 3 ئايلا قاراپ بىردىغان ئىشكەن مۇئاشىغا 3500 يۇئەندىن بىرىدىكەن دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى ئوسمانجان ئىككىسى، ئاغىنىسى دەپ بەرگەن ئادىرىس بۇيچە ئىزدەپ بىرىپتۇ،راسلا يىڭىدىن سالغان ئۈچ قەۋەتلىك بىر ھويلىسى بار بىر قوروكەن.مەسئۇل ئادەم بىلەن كۆرۈشۈپ ئەتىسىدىن باشلاپ ئىشقا چۈشىدىغان بوپتۇ.بۇلارنىڭ ئاساسلىق قىلدىغان ئىشى كىچىسى بىرىپ قارايدىكەن ئۇخلىسىمۇ مەيلىكەن ئىشقىلىپ كىچىسى چۇقۇم ئادەم تۇرۇشكەن،باشتا نەچچە كۈنگىچە ھىچ ئىش بولماپتۇ ،بىزنىڭ قىشىمىزغا كەلگەن شۇ كۈنى ئوسمانجانىڭ باشقا ئىشى چىقىپ قىلىپ شوھرەتكە سەن بۈگۈن يالغۇز ئىشلەپ تۇرساڭ دەپتۇ بۇ ئىككىسى يىقىن ئەل ئاغىنە بولغاندىكىن ھە بۇلىدۇ دەپ شوھرەت يالغۇز ئىشقا بىرىپتۇ. 11 لەرگىچە تىلفۇن ئويناپ سەل ئۇيقىسى كەلگەندەك بوپتۇ،شۇ ئارلىقتا بىر ئايالنىڭ ئىككىنجى قەۋەتتە ناخشا ئىيتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، بۇنداق كىچىدە ھەم ئۆزى يالغۇز بىنانىڭ ئىچىدە ئىشتانغا چىقىرۋەتكىلى تاسلا قاپتۇ چىقىرۋەتتىمۇ تىخى بۇنى ئۆزى بۈلدۇ،شۇنداق تۇرغاندا بىرسىنىڭ ئاستا تاقىلداپ پەشتاقتىن چۈشكەن ئاياق تىۋىشى ئاڭلىنىپتۇ.قاچاي دىسە چوڭ ئىشىك شۇ پەشتاقنىڭ يىندىكەن ئامال يوق ئۆزى تۇرغان ئىشخانا ئۆينىڭ ئىشكىنى ئىچىدىن چىڭ تاقاپ بىر بۇلۇڭغا بىرىپ تۇرۇپتۇ،ئاياغ تىۋىشى باغانسىرى يىقىنلاپ ئىشىك ئالدىغا كىلىپ توختاپ ئاھاڭىنى بىلگىلى بولمايدىغان ناخشىنى يەنە ئىيتىپتۇ،شوھرەتنىڭ پۈتۈن بەدىنى چىلىق چىلىق سۇ بۇلۇپ كىتىپتۇ ،ئۇ ئايال ناخشىنى نەچچە مىنۇت ئىيتىپ جىمىپ قاپتۇ،شوھرەت ئاستا ئىشىكنىڭ يىنىغا كىلىپ تىڭشىسا ھىچ قانداق شەپە يوق شۇنىڭ بىلەن شۇ قاچقانچە قىچىپ چىقىپتۇ،ھويلا تىشىغا چىقىپ بىرسى قارا دىگەندەك كەينىگە قارىسا ھىلىقى بىنانىڭ ئۈچىنجى قەۋەتتىكى بىر ئۆيدە بىرسىنىڭ ئۇياقتىن بۇياققا مىڭىپ يۇرگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئىشكنىمۇ ئەتمەي قىچىپ كەپتۇ،شۇنداق قىلىپ بىز بىرەر سائەت ئولتۇرۇپ كىرىپ كەتتۇق ئەتىسى ئۇچۇرشۇپ قالدى قارىسام ئاغزىنىڭ چۆرىسىگە پۇتۇنلەي قوقاق چىقىپ كىتىپتۇ نىم بولدۇڭ دىسەم ئاخشام سىلەرمۇ كىرىپ كەتتىڭلار مەنمۇ كىرىپ ياتتىم كۆزەم ئۇيقۇغا ئىلمىشاي دىگەنتى بىرسى دەرىزىنى چەكتى دىمەسما مەنمۇ قوقاپ كەتتىم چۈنكى شوھرەتنىڭ ئۈيى 6 قەۋەتتە ئىدى.

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 08:33:24

birmoo يوللىغان ۋاقتى2014-8-18 17:03 static/image/common/back.gif
قورقۇتۇپ جاننى ئالدىغان كىنو دىن بىرەرنى تەۋسىيە قىلى ...

笔仙

sarrrwi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 10:01:15

مەن بەك ئامراق جىننىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاشقا:lol

Kumandan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 13:28:21

harunjan يوللىغان ۋاقتى2014-8-18 15:16 static/image/common/back.gif
شۇنىڭ بىلەن كەنت تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم، يۈرگۈرگەچ قا ...

:lol سەت قىزىق ئىش بوپتۇ .:lol

yoloqi00 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 23:58:53

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بالىلار،جىمىپ قاپسىلەرغۇ؟ھەممىمىز كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمىز بولسا دەپ قىزىتايلى بۇ تىمىنى.نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئەل ئاغىنلەر بىلەن تۇرپانغا قۇمغا چۈشكىلى باردۇق،ئاساسلىقى ئوينىغىلى ئارىمىزدا بىرسىنىڭ تۇرپاندا تۇققىنى باتى شۇڭا بىز تاماق ياتاق دىگەندىن غەم قىلمايتۇق،بارغان كۈنى كەچتە ھەممىمىز ئارقا باغدىكى چوڭ كارۋاتتا ياتتۇق ،چۈنكى ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا ئاساسى جەھەتتىن يالىڭاچ ياتاتتۇق بۇ يەرگە بىرەرسىمۇ ئالدىراپ كەلمەيدۇ ئۆزىمىز بەك ئۆزىمىز خان دىگەندەكلا،ئۇ كۈنى نىمىشقىكىن پەقەت ئۇيقۇ كىلدىغاندەك ئەمەس پاراڭلىشىپ يىتىپ خىلى بىر چاغ بوپكەتتى شۇنداق ياتساق گوپ قىلىپ بىزگە ئانچە يىراق بولمىغان يەرگە بىرنىمە چۈشتى نىمە ئاۋاز ئاۋۇ دەپ تۇرساق يەنە گۇپ قىلىپ يەنە بىرسى چۈشتى شۇنىڭ بىلەن قۇپۇپ بىرىپ قارىساق ئاپئاق قوينىڭ پۇتىكەن پۇتقا قاراپ تۇرساق گۇپ گۇپ قىلىپ يەنە ئىككىسى چۈشمەسمۇ ،بايا ئىسسىقتا پوچىلىق قىلىپ پۇتۇمىزنىڭ ئاستىغا قۇيۋالغان يوتقانغا ئۆزىمىزنى ئاتتۇق.ئەتىراپ بىردەمدە جىمجىت بۇلۇپ كەتكەندەك بوپ كەتتى ھەنىم بولسا بىز جىقكەنمىز يالغۇز بولغان بولسام ئىش باكەنتۇق ماڭا،قانداق قىلىمىز دەپ دىيىشىپ تۇرساق باغنىڭ بىر يىرىدىنبىر بۇۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى چىقماسما شۇنداق ئوچۇق ئاڭلىدۇق بىرسىنىڭ قاچە دىگەن ئاۋازى بىلەن يۈگۈرۈپ ئالدى ھويلىغا چىقىدىغان ئىشىكنىڭ ئالدىغا كىلىشىمىزگە گوپ قىلىپ ئاپئاق قوشقارنىڭ بىشى چۈشمەسما چىقىرۋەتتۇق،شۇنداق تۇرساق ئىشىك تاراق قىلىپ ئىچىلىپ ئۆي ئىگىسى كىرمەسما بىز باشقا نەرسە ئوخشايدۇ دەپ ھەممىمىز كارۋاتقا قاراپ قاشتۇق،قارىساق ئۆي ئىگىسى يۇرەك سەل جايىغا چۈشتى بولغان ئەھۋالنى دەپ بەردۇق شۇنىڭ بىلەن يوتقان كۆرپىمىزنى كۆتىرىپ يىتىشقا ئۇنمىغان ئۆيگە كىرىپ بىر بىرىمىزگە چاپلىشىپ يوتقاننى يىپىنىپ ياتتۇق ئەتىسى ئۆي ئىگىسىنىڭ شۇنچە نەچچە كۈن تۇرۇڭلار دىگىنگىمۇ ئۇنماي قايتىپ كەلگەن .

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 05:10:47

karwan38 يوللىغان ۋاقتى2014-8-19 01:53 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ مەھەللىدە بىر بىنادا ئولتۇردىغان شۆھرەت ئوسمان ...

بىزنىڭ مەھەللىدە بىر بىنادا ئولتۇردىغان شۆھرەت ئوسمانجان ئىسىملىك بىر ئىنە ئاغىنلىرىم بار،يازنىڭ تۇمۇز ئىسسىق كەچلىرى بىنانىڭ ئالدىدىكى ئۈژمە دەرخى ئاستىدا سايدىغاچ ئانچە مۇنچە جىننىڭ پاراڭلىرىنى قىلىشىپ قۇيمىز.


-----------
سالقىندىغاچ دەپ ئالساق بولغۇدەك

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 08:52:16

ئۇنداق قىلماڭلا باللا،جىم تۇرۋالماڭلا،كۆرگەن،بىلگەن،ئاڭلىغانلىرىمىزنى دەپ بۇ تىمىنى قىززىتىلى،ئارانلا يەتتە بەت ئىنكاس چۈشۈپتۇ،قاراپ تۇرماي بېشىمىزدىن ئۆتكەننى يېزىۋىرەيلى.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 09:01:08

تېما ئىگىسى باشتا يامان ئەمەس باشلاپتىكەن ، ئاخىرىغا كەلگەندە كىنودەك بوپكەتتى ھە .:lol
مەخسۇس جىن-پېرخون توغۇرلۇق بىرنەرسە يازىدىغان بىرى بولىدىغانتى ، مەنچە خېلى بىرنىمە بىلىدۇ ، ئازراق قوقىتىۋەتسە بولىتى بىزنى .

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 11:17:16

asalam يوللىغان ۋاقتى2014-8-20 09:01 static/image/common/back.gif
تېما ئىگىسى باشتا يامان ئەمەس باشلاپتىكەن ، ئاخىرىغا ك ...

ھېلىقى ئېلى قارامنى داۋاتامسىزما؟نەق ئۆزى شۇ،،بىر چاغلاردا جىن،پىرخون، توغرۇلۇق ئىنكاسلارنى يېزىپ باغداشنى بىر نەچچە تىمىنى بەك قىززىتىۋەتكەن..قىززىتىدىغان بىرەر ئادەم بولمىسا باشقا تورداشلارمۇ ئۆزلىكىدىن جىم بوپ قېلىشىدىكەن.

urhun3 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 13:53:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   urhun3 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-8-20 13:57

نەچچە يىللار بۇرۇن يېڭى ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن چاغلىرىم ئىدى.كۈندىزى ئاچە- مۇنچەئۆيدىكىلەرنىڭ ئىشىغا ياردەملىشىپ كەچ بولغان ھامان مەلىدىكى بالىلار بىلەن ئىككى كىلومىتىر يىراقلىقتىكى تورخانىغا بېرىپ سائەتلەپ ئولتۇرۇپ ‹‹بەنتىياۋ›، ئوينايتتۇق.بىر كۈنى يېرىن كىچىىلەردىن كىيىن‹‹جەڭنى›› تۈگۈتۈپ قايتىپ كىلىۋاتساق يولبۇيىدىكى ئورمانلىقتىن بىر بوۋاقىنىڭيىغلىغان ئاۋازى شۇنداق ئېنىق ئاڭلاندى.يەنە بىرسىنىڭ ئىڭىرغان ئاۋازىمى باردەك ئىدى. ھەممىمىز ھەرخىل تەھلىللەرنى قىلدۇق ،راس گەپنى قىلسام شۇ ۋاقىتتا ھېچقايسىمىزنىڭ كاللىسىغا بۇ ئاۋازنى جىن بىلەن باغلاپ تەھلىلى قىلىش كەلمەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن يا ئۇ بوۋاققا يېقىنلىشالماي،يا قۇرقۇپ قېچىشماي(بەلكىم 7-8 ئادەم بولغاچقا قۇرقمىغاندىمىز.يالغۇز بولغان بولساق ئەتىسى ئۆيدە ئوغۇرلۇقچە كىر يۇيىشىمىز چۇقۇملا ئىدى) خىلمۇخىل پەرەزلەرنى قىلىشپ ئاخىردابۇ بىر قاتناش ۋەقەسى بۇلۇپ ،بالىنىڭ ھامىسى ئېغىر يارلىنىپھۇشىدىن كەتكەن بۇلۇشى مۈمكىن دەپ پەرەز قىلدۇق،شۇنىڭ بىلەن يېزىلىق ساقچىغانىغا مەلۇم قىلىدىغان بۇلۇشۇپ نۇمۇرنى تېپپ ئەمدى تىلفۇن ئۇرايلى دەپتۇرساق مەلىمىزدكى بىر زابوي خانلەيلۇنغا   توۋلاپ ۋەلىسپىتىنى مىنگىنىچەيىتىپ كەلدى بىزنى كۈرۈپ نىمىش بولغىنىنى سورىدى.بىز بولغان ئىشنى، پەرەزلىرىمىزنى ،ساقچىخانىغا تىلفۇن ئۇرماقچى بولغىنىمىزنى دىدۇق.بوۋاقمۇ توختىماي ئىڭرايتتى.يەنى كىلىپ تەخىىمۇ ئېچىنىشلىق،جىددى رېتىمدا ئىڭىراشقا باشلىدى.زابوي ۋەلىسپىتىنى تاشلاپ‹‹ مەن قاراپ باقاي›› دەپئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ ماڭدى.بىزگىمۇ بىردىنلا يۈرەك پەيدا بۇلۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدۇق.ئاۋاز چىققان يەرگە نەچچە قەدەملا قالغاندا ئاۋاز بىردىنلا توختاپ قالدى.زابوي يەنە ئازراق مىڭىپ سەرەڭگە ياقتى.ئالدىمىزدكى كۈرۈنىشنى كورۈپ بىر بىرىمىزگە قاراشتۇق دە پاراققىدە كۈلىۋەتتۇق. زابوي بولسابىر قۇلىدا يۇتىىسىغا مۇشلاپ ، بىر قۇلىدا قۇرسىقىنى تۇتۇپ تاكى يېقىلىپ قالغۇچە كۈلدى. ئەسلىدەيىغلىغىنى بوۋاق ئەمەس،جۈپلىشىۋاتقان بىرجۈپ مۈشۈك ئىكەن.بىزنى كۈرۈپلا مۈشۈكلەرمۇ تىكىۋەتتى. شۇنىڭدىن كىيىنمۇمۈشۈكنىڭ ئاشۇنداق كىچىك بالا يىغلىغاندەك ئاۋازىنى نەچچە قېتىم ئاڭلىدىم ھەم كۆدۈم.ھەتتا ئۇنى باشقىلار تۈن بالىسى دەپ جىنغا باغلاپ تۇرىۋېلىپ تالىشىپ قالغان چاغلىرىمىز بولدى،تەخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىمۇ ئايالىميېرىم كىچىدە‹‹بىر كىچىك بالا يىغلاۋاتىدۇ›› دەپئويغاتقان ئىدى .(ئۈيۈم6-قەۋەتتە) ئويغۇنۇپ ئاڭلاپلا كۈيلىگەن مۈشۈكنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىپ،‹‹ مۈشۈك مۇھاببەتلىشىۋېتىپتۇ...›› دەپ چۈشەندۈرسەم ئايالىممۇ ئىشەنمىگەندەك قىلىپ يېتىپ قالغان. شۇڭا قېرىنداشلار كىچىدەسىرىتتاكىچىك بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا كۈيلىگەن مۈشۈك بۇلۇش ئىھتىماللىقىنى ئەڭ بالدۇر ئويلىشىپ بىقىڭلار،چۈقۈم شۇنداق بوپ چىقىدۇ.

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 14:34:23

بالىلار ئاڭلىسام مۇشۇ كىچىك بالىلار كۆرەلەيدۇ دەيدىغۇ جىننى كىچىك بالىلارنىڭ كۆزىگە كۆرنەمىش قايسىڭلار مۇشۇ توغۇرلۇق ئاڭلاپ باققان.

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 15:39:50

                                                                  تۈگمەن.                                                                                       تۈگمەن ،جىننىڭ ئەڭ ياخشى كۆردىغان ھەم جىقراق ئولتۇراقلىشىدىغان ماكانىكەن.نىمىشقا دىسىڭىز تۈگمەننى سۇ بۇيىغا مەھەللىدىن يىراقراق يەرگە سالدىغان بۇلۇپ ئەتراپىدا ئاساسى جەھەتتىن ئادەم ۋە ئۆيلەر يوق.بۇ مۇنبەردە يەكەنلىك بالىلار بولسا بىلىشى مۇمكىن يەكەندىكى داڭلىق يۇرۇق تۈگمەن ھىكايىسىنى ،باشتىكى ھىكايىگە قايتايلى. باشتىكى ھىكايىدە دىگەندەك يەكەندە ئويناش جەريانىدا ھەر خىل ئىشلارنى كۆرۈپ ھەم ئاڭلاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاغامدىن يەكەندە داڭلىڭ بولغان يۇرۇق تۈگمەن ھىكايىسىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر،كەچلىك تاماقتىن كىيىن تاغام ئەتە تۈگمەنگە ئۇن تارتقىلى بارىمەن بىللە بارامسىز تۈگمەننىڭ قانداق بۇلدىغانلىقىنى كۆرۈپ بىقىڭ دىدى ،نەۋرە ئىنىم شوھرەتمۇ بىللە بارامدۇق سۇ ئۈزدىغان بەك پەيزى يەر بار دىدى سۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بۇ گەپ شۇنداق خوشياقتى ،راس گەپنى دىسەم تۈگمەننى ئاڭلىغان بىراق قانداق بۇلدىغىننى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.ئەتىسى چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن ئىشەك ھارۋىسى بىلەن نەچچە خالتا بۇغداينى بىسىپ ماڭدۇق،بىر يەرگە كەلگەندە نەۋرە ئىنىم شوھرەت قارا ئاكا ئاۋۇ يەرنى كۆردۇڭمۇ دەپ يولدىن خىلىلا پەس بىر يەردىكى كونا بىر ئۆينى كۆرسەتتى ،ھە كۆردۈم نىم بولدى دىسەم بۇ دىگەن يۇرۇق تۈگمەن دەيدۇ گىپىنى تازا چۈشەنمىدىم،نىمە يۇرۇق تۈگمەن دىسەم دادا سەن دەپ بىرە دەپ تاغانغا يىلىنغىلى تۇردى تاغام ئۇ دىگەن بىر كونا تۈگمەن قايسى زاماندىن قالغىننى ھىچكىم بىلمەيدۇ بىراق كىچىسى بۇ يەرگە كەلسەڭ تۈگمەننىڭ ئىچى يۇپيۇرۇق تۈگمەن مىڭىۋاتقان بىراق ئادەم يوق دەيدۇ نىمىشقا دىسەم بۇ دىگەن جىن تۈگمىنى دەيدۇ .تاغامنىڭ دىيىشچە ياش ۋاختىدا دادۇينىڭ ئاشلىقىنى نەچچە ئات ھارۋىسىغا بىسىپ نەچچە ئادام بىر كىچە قۇناپ باردىغان بىر تۈگمەنگە ئاپىرىپ ئۇن تارتىپ كىلدىكەنتۇق،بىر قىتىملىق نۆۋەت تاغامغا كەلگەندە قۇنالغۇغا بىرىپ چۈشۈپتۇ، قۇنالغۇ دىگىنى بىر مىتىرلىق ئىگىزلىكىتە ئۈچ تەرەپتىمى بار ئۈستى ئوچۇك بىر تاملىقكەن، يىرىم كىچە بولغاندا ئەتىراپ قىپقىزىل بوپ كىتىپتۇ ھەر خىل ھەر ياڭزا دۇمباقلارنى چىلىپ شۇنداق يوغان ئاتلارغا مىنىپ ھەر خىل بايراقلارنى كۆتۈرۈپ بىر ئۇزۇن قوشۇن كىلۋىتىپتۇ،تاغام بۇنى كۆرۈپ قوققىنىدىن ئىشتانغا چىقىرۋىتەي دەپ قاپتۇ ئارىستىكى يىشى چوڭلار ھەممىڭلار بىشىڭلارنى يۆگەپ جىم يىتىڭلار دەپتۇ ،ياتقانلارنىڭ ھەممىسى بىر بىرگە يىقىن كىلىپ جۇۋىلىرىنى يىپىنىپ جىم يىتىپتۇ تاغام ھەممىسىنىڭ ئوتتۇرىدا ياتقان ئىكەن ئاستا دۈم بۇلۇپ جۇۋۇدىن ماراپ تۇرسا ئۇ قۇشۇن باغانسىرى يىقىنلاپ كەپتۇ،ئالدىدىكى ئاتقا مىنگەن بىرسى ئۈنلۈك ئاۋازدا بۇ يەردە ئادىمىزات باركەن چىقىلماڭلار دەپ توۋلاپتۇ،باشتا ئاتلىقلار ئاندىن پىيادە ماڭغانلار ئەڭ ئاخىرىدا قىرى مىيىپلىرى مىڭىپتۇ ئۇلارنى نەچچىسى سەپتىن چۈشۈپ قالغانلىرىنى قامچا بىلەن ئۇرۇپ مىڭىپتۇ،شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆتۈپ كىتىپتۇ،تاغاملار ئۇننى تارتىپ قايتىشىدا بىر ھارۋىسى سۇنۇپ كىتىپۇ شۇنىڭ بىلەن بىرسىنى ئاتقا مىندۈرۈپ مەھەللىگە بىرىپ ھارۋىدىن بىرنى ئەكىلىشكە بۇيرۇپتۇ ،ئۇ كىشى كىچىلەپ مىڭىپ ھىلىقى تۈگمەننىڭ يىنىغا كەلسە تۈگمەننىڭ ئىچى يۇپيۇرۇق تۈگمەن مىڭۋاتقىدەك ئۇ ئادەم ھەيران قاپ بۇ تاشلاندۇق تۈگمەن ھەجەپ مىڭىۋىتىپتا دەپ يىقىن كەپ دىرىزىدىن قارىسا تۈگمەننىڭ ئىچىدە ،،،،،،،،،،،

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 17:31:47

بىركۈنى بىرسىنىڭ سايىسى ئۇنىڭ دولىسىنى چىكىپ ۋوي نىمانداق نىمەسەن .كەينىڭدىن ماڭغىلى شۇنچەيىل بوپتۇ ،خوتۇن ئالامسە دىمەيسىيا دەپتىكەن .ئۇقوپوپ سايىمۇ خوتۇن ئالامدا ،يەنەكىلىپ بۇسايدا نەدىكەن ساڭا خوتۇن .دىسە. سايىسى :ئەمىسە سەن ئالدىڭغۇ دەپتىكەن .ئۇ نەدە مەن ئالدىم .دىسە ئۇسايە :ئەمىسە مىنىڭ يېنىمدىكى كىمنىڭ سايىسى دەپتىكەن .قارىسا راس سايىسىنىڭ يېنىدا بېشى يوق بىرسايەتۇرغىدەك .ئەسلىدە ئۇ سايىنىڭ سايىسىكەنتۇق .سايە بىلەن ئىككىسى بەدەر قىچىپتۇ .ئۇلار شۇ قاچقانچە بردەم ئىشتانغا سىيىپ ،چىچىپ قېچىپتۇ، لىكىن ،قارىسا ئاۋۇنىڭ سايىسى يوقمىش .ئويلاپ باقسا تۈن قارا كىچىدە سايە بولمايدۇ ،لىكىن گەپ قىلغان كىم دىسە .مەن سايەڭ دەپتىكەن .

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 17:52:07

تاشلاندۇق تۈگمەنلەر جىنلارنىڭ چايخانىسى ،كېچىدە يول ئۈستىدەمېڭىۋاتقان تۈگمەن ئۇچراپ قالساڭلار ھەرگىز كىرىپ سالماڭلار، كىرىپ سالساڭلار جىنلار سىلەرنى چاقى يوق ھارۋىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئېلپ قاچىدۇ

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 18:27:01

جىننىلارنىڭ ھېكايىلىرى ئۈزۈلۈپ قاپتىغۇ

yoloqi00 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 23:10:48

ئاخىرچۇ؟؟؟؟؟؟

yoloqi00 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 23:13:35

ئۇ تۈگمەندە نىم باكەن تىزراق يىزىڭە؟؟؟؟

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 11:01:03

تۈگمەندا نىمە باكەن    تىزراقيىزىڭە ئاخىرنى    ساقلاپقالدۇق
بەت: 1 2 3 4 5 6 [7] 8 9
: باللار بىردەم جىننىڭ گىپىنى قىلىشمامدۇق؟