Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 09:26:04

ناشتىلىق ھەققىدە- «كۈننىڭ بېشى سەھەردىن»




http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=48195#Inkas


بۇ تېمىدا قىلغان ۋەدەم بويىچە ناشتىلىق ھەققىدە بىلگەنلىرىمنى يېزىشنى باشلاي:


نۇرغۇن كىشىلەردە ئەتىگەنلىك تاماق- ناشتىغا سەل قارايدىغان مەسىلە بار ئىكەن، تۇرمۇشقا قىزغىن، ئائىلىسىگە مەسئۇلىياتچان بەزى خانىم- قىزلىرىمىز گەرچە ناشتىلىقنى ۋاقتىدا يەۋاتقان- يېگۈزىۋاتقان بولسىمۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئادەتكە ئايلانغان بەزى يېمەكلىكلەردىن باشقا يەنە نېمىلەرنى ناشتىلىق ئورنىدا يېسە ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەي بېشى قېتىۋېتىپتۇ. بۇ يازمامنىڭ تورداشلارنىڭ ناشتىلىق ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاماق ئۈستىلىنى رەڭدار قىلىش، كۈننىڭ بېشىنى ساغلام يېمەك، خۇشال كەيپىيات بىلەن باشلاش ئارزۇسىغا ياردەمدە بولالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


1. ناشتىلىق نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟


ئوزۇقشۇناسلار ناشتىلىقنى "بىر كۈندىكى ئەڭ مۇھىم تاماق" دەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرى:


ئالدىنقى كۈنىدىكى كەچلىك تاماقتىن تارتىپ ئىككىنچى كۈنى سەھەرگىچە بولغان ئارىلىقتا قورسىقىمىزغا بىر نەرسە يېمەيمىز، ("ئويغاق ۋاقتقا قارىغاندا ئۇخلىغاندا كۆپ ئېنىرگىيە سەرپ بولىدۇ" دەيدىغان قاراشمۇ باركەن. ) ناشتىلىق بولسا مۇشۇ سەككىز سائەتتىن ئارتۇق بولغان "روزا"_  fast نى بۇزىدىغان (break قىلىدىغان)، يەنى يېمەكلىك ئارقىلىق بەدەنگە ئېنىرگىيە قاچىلايدىغان ۋاقتتۇر. نەچچە مىنۇتلۇق ئۇيقۇنى دەپ ناشتا قىلمىغاندا، بەدىنىڭىزنىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىغا سەل قارىغان، ھازىرقى ئارامىڭىز ئۈچۈن كەلگۈسىدىكى ساغلاملىقىڭىزنى قۇربان قىلغان بولىسىز. ئوزۇقلۇق يەنى ئېنىرگىيە بولمىسا چۈشلۈك تاماققىچە كاللا ئىشلىمەيدۇ، (بۇ نۇقتا بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم) چۈشلۈك تاماققىمۇ ئانچە ياخشى يېيەلمەيدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولمىغان تاماقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان ئادەملەر ئۈچۈن بولسا تېخىمۇ چوڭ زىيان، بەدىنىڭىز لازىملىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا پەقەتلا ئېرىشەلمەيدۇ. قىسقا ۋاقت ئىچىدىلا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان خىلمۇ - خىل كېسەللىكلەرگە دۇچار بولىسىز، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللارنى قورقۇتىدىغان بالدۇر قېرىشمۇ بار.


ئۇزاق مەزگىل ناشتا قىلمىغان كىشىلەردە يېنىكرەك بولغاندا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، خاپىغانلىق، چۈشكۈنلۈك قاتارلىق روھىي كېسەللىكلەر، قەۋزىيەت كېلىپ چىقىدۇ، ئېغىرراق بولغاندا ئۆتتە تاش پەيدا بولىدۇ.


مۇنبىرىمىزدىكى باچكا مۇنداق دەيدۇ: "ئۆت توغرىسىدا ئەڭ ئاددىي ساۋات مۇنداق: ئۆت كېچىچە ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەيدۇ،  ناشتىلىق كىچىك ئۈچەيگە بارغاندا، ھورمون ھۈجەيرىلىرى ئۆت سۇيۇقلۇقى ھورمونى  چىقىرىدۇ، 3~5 مىنۇتقىچە قان ئارقىلىق ئۆتكە بېرىپ، ئۆت مۇسكۇل پەردىسىنى غىدىقلاپ  قىسقارتىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقنى سىقىپ چىقىرىدۇ. نەق گەپ شۇكى، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆتتىن  چوقۇم چىقىپ كەتمىسە بولمايدۇ، بولمىسا ئاددىي دىگەندە تاش پەيدا قىلىدۇ. ئۆت  سۇيۇقلۇقى بىز ئادەتتە دەيدىغان ئاشقازان كېسىلاتاسى شۇ، تەركىۋى تۇز كېسىلاتا."(مەنبە: http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=5&ThreadID=48195#Inkas)


بۇندىن باشقا، تەتقىقاتلاردا زىيادە ئورۇقلۇق ياكى سېمىزلىك، شۇنداقلا ئورۇقلاش ياكى سەمىرىشتە غەلىبە قازىنالماسلىقمۇ ناشتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشتىن بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.


بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ قىلغان ناشتىلىقنىڭ  ئادەم بەدىنىگە بىۋاستە بولغان يۇقىرىقىدەك تەسىرلىرىدىن باشقا يەنە ئائىلىۋى كەيپىيات ۋە ئۆز- ئارا كۆيۈمچانلىقنى كۈچەيتىش، مېھىر- مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرۇشتەك مۇھىم قوشۇمچە رولى بارلىقىنى دېمىسەممۇ بىلىسىلەر. شۇڭا ئۆيدە، تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ قىلغان ناشتىلىق ھامان ئىشخانىدا ئىش ئۈستىلىدە ياكى ئىشقا كېتىۋېتىپ يولدا ئالدىراش- سالدىراش يەۋالغان نەرسىدىن قۇۋۋەتلىك ۋە سىڭىشلىك.  


ئىشخانىدا ناشتا قىلىشنىڭ يەنە بىر يامان تەرىپى- ۋاقچە ناشتا قىلىش. كۆپىنچە ھاللاردا ئەتىگەندىلا سىزنى بىر مۇنچە ئىش كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ، بۇلارنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ 9-10 بولغاندا يېگەن تاماق ئاللىبۇرۇن ناشتا بولماي قالغان، ئاشقازان تۈگمىنىڭىز قۇرۇق چۆگىلەپ، بىر قىسىم بەدەن سېستىما خىزمەتلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان بولىدۇ. نان يېسىڭىز تۇخۇم يېيەلمەيسىز، تۇخۇم يېسىڭىز سۈت ئىچەلمەيسىز. شۇڭا ناشتىلىقنى ئەڭ ياخشىسى ئۆيدە قىلىڭ.


2. ناشتىلىقتا نېمىلەرنى يېيىش كېرەك؟


ئادەتتە يەيدىغان نان (بولكا)، تۇخۇم، سۈتلەردىن باشقا يەنە ھەر خىل مېغىزلار، قۇرۇق يېمىشلەر ( مۇراببا يېگەنگە قارىغاندا بىۋاستە قۇرۇق يېمىش يېيىش كۆپ ساغلام)، قېتىق، مېۋە ۋە كۆكتات سالاتلىرى، ئۇماچ، يەر قالپىقى (موگۇ)، نانغا سۈركەپ يېيىش ئۈچۈن ھەسەل، سېرىقماي ۋە ئىرىمچىك (كالىتسىينىڭ ياخشى مەنبەسى)، ئىچىملىك ئۈچۈن مېۋە سۈيى، ھەسەل تەڭشەلگەن ئىلمان سۇ ... قاتارلىق ساغلام ۋە يەڭگىل بولغان ھەر قانداق يېمەكلىكلەر ناشتىلىقتا يېيىلسە بولىدۇ.


قېنىق دەملەنگەن چاي ۋە قەھۋە ئىچىش ئادىتى بارلار بۇلارنى ناشتىلىققا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئىچىپ بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۇ ئىچىملىكلەر ئوزۇقلۇقنىڭ تولۇق سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، دېيىلگەن. رەسمىي ناشتىغا سۈت، مېۋە سۈيى ياكى ھەسەل سۈيى ئىچىلسە بولىدۇ.


تاماق ئۈستىلىنى رەڭگارەڭ قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئۈچۈن بىر قانچە خىل ناشتىلىق رىسالىلىرى:



1. تۇخۇم پوشكىلى، بولكا، ياغدا داغلىغان تۇخۇم ۋە سېرىقماي ياكى ئىرىمچىك


تۇخۇم پوشكىلىنى پىشۇرماق ئاسان: تۇخۇم، سۈت ۋە ئۇن، بىر چاي قوشۇقى شېكەر، بىر چىمدىم تۇزنى ئارىلاشتۇرۇپ چالىمىز، قازاننى زەيتۇن مېيى ياكى ئۆسۈملۈك مېيىدا بىر قۇر مايلاپلا قازانغا تۆكىمىز، ئىككى تەرىپىنى ئوخشاش قىلىپ داغلاپ پىشۇرىمىز. 3-4 پوشكالنى تەييارلاشتىن پىشۇرۇشقىچە 20 مىنۇت ۋاقت كەتمەيدۇ.


ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، ئىسسىق- سوغۇقنى تەڭشەش پىرىنسىپىغا ئاساسەن بۇلارغا قوشۇمچە قىلىپ قېتىق، مېۋە سۈيى، كۆكتات ياكى مېۋە سالات ئىستىمال قىلسىڭىز بولىدۇ.


تۆۋەندىكىسى ياڭاق مېغىزى قوشۇلغان مېۋە سالات. (ئوتتۇرىدىكىسى قايماق، مەن ئۇنى تەشەببۇس قىلمايمەن)




مېغىز ۋە مېۋە قوشۇلغان قېتىق




2.  يەر قالپىقى ۋە نان/ بولكا



ئەڭ ساغلام بولغىنى دوخۇپكىدا پىشۇرۇش، 10 مىنۇتتا تەييار بولىدۇ، ئەگەر دوخۇپكا بولمىغىنىدا يەر قالپىقىنى يۇيۇپ، يالپاقداپ، تېز ئوتتا بىر - ئىككى مىنۇتلا قورۇيسىز. ھېچقانداق خۇرۇچ قوشۇلمايدۇ، پەقەت پىشقاندىن كېيىن ئازراق تۇز ۋە قارا مۇچ سەپسىڭىزلا بولىدۇ.



قارا يەر قالپىقى: ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دوخۇپكىدا پىشۇرۇش ياكى قاسقاندا دۈملەش، بولمىغاندا ياغدا قورۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.



3. سۇدا پىشۇرغان تۇخۇم ۋە مېۋە




4. ھەممەيلەن بىلىدىغان پىياز- تۇخۇم قورۇمىسى




5. يەر قالپىقى، پالەك قوشۇلغان تۇخۇم پوشكىلى (فرىتتاتا frittata دەپمۇ ئاتىلىدۇ)



تەييارلاش ئۇسۇلى: 4-5 تۇخۇمنى بىر قاچىغا چاقىمىز، يەر قالپىقىنى يالپاقداپ پارچىلاپ، پالەكنى 3-4 سانتا ئۇزۇنلۇقتا توغراپ قاچىدىكى تۇخۇمغا ئارىلاشتۇرىمىز، تۇز تەمى ئۈچۈن 2 قوشۇق جاڭيۇ تەشەببۇس قىلىنىدۇ. (جاڭيۇ- راكقا قارشى ياخشى دورا، ساغلاملىققا بەك پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ.) تېگى تۇتماس قازاننى (بولسا تەكشى تەگلىك) قىزدۇرۇپ، زەيتۇن مېيىدا ئازراق مايلاپ قاچىدىكى ئارىلاشمىنىڭ ھەممىنى تۆكىمىز، ئوت ئوتتۇراھال بولۇشى كېرەك،  پوشكالنىڭ بىر يۈزى قىزارغاندا يەنە بىر تەرىپىنى ئۆرۈپ ئوخشاش پىشۇرىمىز. ئاندىن توغراپ تەخسىگە ئېلىپ كەلسىڭىز بولىدۇ.


6. دان ۋە ھەسەلدىن تەييارلانغان ناشتىلىق (muesli)




بۇنى بازاردىن تەييار قاپلىقىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولسۇن دېسىڭىز ئۆزىڭىز ئۆيدە ياساپ، ھەر قېتىملىق ناشتىدا ئازراقتىن سۈت ياكى قېتىق قوشۇپ ئىستىمال قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەر خىل نەرسىلەرنى يېيىشكە ئۇنىمايدىغان بالىلارغا زورلاپ يېگۈزۈشكە بەك ماس كېلىدۇ. تەييارلاش ئۇسۇلىنى داۋامىغا ئىنكاس شەكىلدە يازاي.


7. قوناق ئۇنى ۋە ياكى باشقا دانلىق زىرائەت ئۇنىدىن قىلىنغان ئۇماچمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق، تەملىك ھەم يەڭگىل بولغاچقا ناشتىدا يېيىشكە بەك ماس كېلىدۇ.




بۈگۈنكى كۈندە قوناق ئۇنى ئۇمىچى قان قويۇقلۇق ۋە دېئابىت كېسەللىرىگە دوختۇر تەرىپىدىن بۇيرۇلغان دورىلىق تاماق بولۇپ قالدى.


تېمام ۋاقتىنچە مۇشۇ يەردە توختاپ تۇرسۇن، ساغلام ئوزۇقلىنىش ۋە يېمەكلىك تەييارلاش ھەققىدە داۋاملىق يازماقچىمەن، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشىغا تىلەكداشمەن. بولۇپمۇ ئوزۇقلۇقشۇناسلىقتا ئوقۇۋاتقان نۇسرەت @nusrat ، يېمەكلىك ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنى تەتقىق قىلىۋاتقان خورما @Horma چوقۇم ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بەرمىسە بولمايدۇ. قىزغىن چاۋاكلار بىلەن تەكلىپ قىلىمەن.




najib يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 09:50:48





     ئەتىگەندە ئاپام ناشتىسىز سىرتقا چىقارمايدۇ.



           ناشتىدا ھالۋا يېيىشقا بەك ئامراق  ،  ئايدا ئىككى -ئۈچ  قېتىم ئەتكۈزۈپ  يەيمەن.

jahanger يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 10:22:05





  ئورنۇمدىن قۇپاپلام قايناقسۇغا ھەسەل تەڭشەپ ئىچىمەن.  مۇشۇ بەك ياخشى ئادەتمىكىن دەيمەن.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 10:26:27

ئوبدان تېما بۇپتو. شەخسەن مېنىڭ مۇشۇ ئوزۇقلۇنۇش ھەققىدە تەكىتلەيدىغىنىم يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە سادىق بولغان ئاساستا باشقا ئىلغار يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىش. چۈنكى بىز بۇرۇنقى ماشىنا يوق، ئايروپىلان يوق، تېلېفون يوق، توك يوق، مەكتەپ، كەڭ كۆلەمدىكى لېكسىيە يوق بىر زامانلاردىمۇ بىزنىڭ تېۋىپلىرىمىز، سودىگەرلىرىمىز، ئەلچىلىرىمىز... ھەرقايسى رايۇنلارغا بېرىش جەريانىدا يېمەك-ئىچمەك، دورا-دەرمەك قاتارلىقلاردىمۇ شۇ بارغان رايۇنلارنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن، ئۆزلەشتۈرگەن بولسا دىيارىمىزدىكى تىرىشچان، پاراسەتلىك خەلقىمىز ئۇنى ئەمەلىي تۇرمۇشقا تەدبىقلاش، ئىلساھ قىلىش داۋامىدا بەدەنگە پايدىلىق بولۇش، ساغلام ئوزۇقلۇنۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا ئۆز يۇرتىنىڭ كېلىمات، كۈن نۇرى، سۇ ، ھاۋا، تۇپرىقىغا ،يېمەك-ئىچمەك ئادىتىگە لايىقلاشتۇرغان. شۇڭا ھەرقايسى رايۇنلاردا بىرقەدەر خاسلىققا ئىگە بولغان ئوزۇقلۇنۇش ئادەتلىرى شەكىللىنىپ(مەسىلەن ،كۇچاردا ئەتىگىنى كۇچا سۇيۇقئېشى‹تاڭمەن›، مانتا، قايماق چاي،سۈتچاي قاتارلىقلار بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولسا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا قايماقچاي، ھالۋا ، مانتا، پولۇ،غۇلجىدا ئەتكەنچاي بىلەن سەي قورۇپ چاي ئىچىش، ھەسەل، سارماي يېيىش‹مەن مۇشۇنچىلىك بىلىدىكەنمەن›...يەنە باشقا ئەتىيازدا خوتەندە زاغرا بىلەن بېدە كۆكىدىن قىلىنغان ئۆزگىچە تاماق...قاتارلىق) ھەر يۇرتنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان يەرلىك ئىجادىي، تەنگە پايدىلىق تاماق ، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى شۇ يۇرت خەلقىنىڭ ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلىنىپ 127 ياشقا كىرگەن ئورۇن ئۆمۈر چولپانلىرىنى يۇرت- يۇرتتا كۆپلەپ ئۇچرىتالايمىز.

شۇڭا مېنىڭچە يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئەتىگەنلىك تامىقىنى نىسبەتەن ئۆلچەملەشتۈرسەك ، ئىلمىيلاشتۇرساقلا نۇرغۇن كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغان بولىمىزمىكىن، دەيمەن.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 10:32:43

يەنە قوشۇپ قويىدىغىنىم دىلرۇبا سىڭلىم، غەيرەت قىلىپ مۇشۇ بالىلار، قىز-ئاياللار كۆپرەك يەيدىغان ئۇششاق يېمەكلىك توغرىسىدىمۇ ئائىلىلەردە قىلالايدىغان دائىرىدىكى يېمەك-ئىچمەك تەييارلاش ئۇسۇلى ۋە تۈرلىرىنىمۇ يوللاپ قويالىسڭىز(ئەلۋەتتە، خالىسىڭىز ھەم ۋاقتىڭىز يار بەرسە)، مۇشۇ ئەخلەت يېمەكلىكنى بالىلىرىمىزنىڭ يېيىشىدىن ئاز بولسىمۇ توسۇشقا قىلغان ئەمەلىي ياردىمىڭىز بوپقالاتتىمىكىن، دەپ ئويلايمەن.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 10:34:46

دىلرۇبا  ناشتىلىقا گۈل دىيارنىڭ مۇراببا ۋە ھەسەللىرنى ئۇنتۇپ قاپسىزىغۇ  \"\" .

tiwiba19 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 10:38:00

مەنمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي !   gulhekim  ئېيتقاندەك ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىغا يارىشا ئۆزىچە بولغان ناشتىلىق ئادەتلىرى بار . مەسىلەن : مەن ياشاۋاتقان يۇرت خوتەندە چوڭلار ئۆزىنىڭ بەدەن ساپاسىغا قاراپ ئەتتىگەندە ھەسەل تەڭشەپ ئىچىدۇ . قىزىل گۈلقەنت ۋە بىھى مىرابباسى ، ئەنجۈر مىرابباسى بەزىدە بۇغداي ئۇمىچى ، قۇناق ئۇنى ئۇمىچى . . . قاتارلىقلاردا ناشتا قىلىدۇ . كىچىك بالىلارغا بىر تال خورما ۋە بىر نەچچە تال ياڭاق بىلەن نان يىگۈزىدۇ . بەزىدە تۇخۇم پىشۇرۇپ ، ئازراق بوزۇغا بىلەن قۇشۇپ يىگۈزىدۇ . ( گۈلقەنت بىلەن ناشتا قىلىش كەڭ كۈلەمدە ئومۇملاشقان . )

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 10:50:33


7- قەۋەتتىكى tiwiba19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەزىدە تۇخۇم پىشۇرۇپ ، ئازراق بوزۇغا بىلەن قۇشۇپ يىگۈزىدۇ ...


نېمە ئۈچۈن تۇخۇمغا بوزۇغا قوشۇپ يېگۈزىدىغانلىقىنى چۈشۈندۈرۈپ قويالاسىزمۇ؟تۇخۇمنىڭ زىيانلىق تەسىرىنى تۈزىتىش ئۈچۈنمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بوزۇغىنىڭ قايسى خۇسۇسىيىتى شۇنى ئۆتەيدۇ؟


tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 10:55:27

ماۋۇ تېمىنى ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي. ناشتىلىققا بەك ئەھمىيەت بېرەتتىم، لېكىن كۈندە يەيدىغىنىم ئاساسەن ئوخشاش ئىدى.

tiwiba19 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 10:56:16

9- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يېزىدا مۇنداق بىر ئادەت باركەن. چوڭلار سەھەردە ناشتىدىن بۇرۇن باققا كىرىپ بىرنەچچە تال مېۋە يەيدىكەن.



مەن نان- چايدىن باشقا نەرسىدە ناشتا قىلمايمەن، توي- تۆكۈنگە بېرىپ قالساممۇ ئاۋال نان- چايدا ناشتا قىلىۋېلىپ ئاندىن پولۇ يەيمەن. ئانام رەھمەتلىك ماڭا شۇنداق ئۈگەتكەن.

ئەتتىگەندە نان چاي بىلەن ناشتا قىلىشنى مەنمۇ ئانامدىن ئۆگەنگەنغۇ دەيمەن . كېيىنچە قىزىل گۈلقەنت ۋە بىھى مىرابباسىدا ناشتا قىلىدىغان بولدۇق .

tiwiba19 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 11:09:15

  

ئۆزىمىز تەييارلىغان باشقا تاتلىق- تۇرۇملار بولسا بۇ بىرگەپ بولمىسا باشقا نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياغدا قورۇلغان، ئۇ- بۇ خۇرۇچلارنى قوشقان بولغاچقا ئۇنى ناشتىدا ئىستىمال قىلغاندا كېچىچە قويۇلۇپ قالغان قانغا تېزلا تەسىر قىلىدۇ دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ قورۇلغان نەرسىنى ئىستىمال قىلىش خەتەرلىك دەپ بىلىمەن.  



توغرا دەيسىز . ئەتتىگەندە قورىغان ، مايلىق ، ئاچچىق تائاملارنى ئىستىمال قىلىش قاندىكى ماينى كۆپەيتىش بىلەن بىرگە جىگەر بىلەن ئۆتكە زىيانلىق ھەم ئاسانلا قەۋزىيەتكە دۇچار قىلىدۇ .

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 11:12:50


10- قەۋەتتىكى tursunnنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ تېمىنى ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي. ناشتىلىققا بەك ئەھمىيەت بېرەتتىم، لېكىن كۈندە يەيدىغىنىم ئاساسەن ئوخشاش ئىدى.




قانداق ساقلايدۇ؟ مەن ساقلىسام پەقەت بولمايدىغۇ\"\"




5tash يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 11:24:03

ساقلاپ بوپسىزغۇ ئەينا،  سەت \"\"

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 11:35:40

مەنمۇ بەك دىققەت قىلسام بولغىدەك.

يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 11:39:46

مەن ئەتىگەندە قەھۋە ئچەتتىم، ھازىر ئۇ ئادىتىمنى تاشلىدىم ، ئايالىم ئەتكەن چاي ئىچىدۇ. مەن ئىچىپ كەتمەيمەن . داغلاپ چالا  پىشقان تۇخۇمدىن ئىككىنى ، بىر تەخسە تەرخەمەك،پەمىدۇر،كۆك مۇچ بلەن تەييارلانغان خام سەي ، سارماي،  گۈلدىيارنىڭ مۇراببالىرى بىلەن ناشتا قىلىمەن. ناشتىدىن كېيىن بىر سائەت ئۆتكۈزۈپ قەھۋە ياكى قىنىق دەملەنگەن چاي ئىچمەن. چۈشلۈك تاماقنى ئانچە مۇھىم بىلمەيمەن، ۋە كۆپمۇ يەپ كەتمەيمەن.  


ulastay يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 11:50:14

ناشتىلىق ئۈچۈن ئوبدان تېمىكەن.

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 12:33:22

ئەتكەن چاينى ياقتۇرمايدىغان بىردىن بىر غۇلجىلىق مەنغۇ دەيمەن،،،

-ئىچمەيمەن ئەتكەن چاينى ،،،قارا چايغا قەنىت سىلىپ قاتتىق ناننى بۇلىشىغا سىلىپ يىسەم بەك تىتىيدۇ ،،

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 13:08:34

@yolyar لېكىن تېمىنىڭ ئۈستىدە ساقلاش دەپ يوققۇ!ئالدىنقى قېتىم بىرسى دەپ بەگەندەك قىلغانتى،لېكىن يەنىلا ساقلىغىلى بولمىدى.ئەمما ساقلاش دېگەن خەت پەقەتلا يوق،يا مېنىڭ كۆزۈم كۆمىدىمۇ

\"\" .

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 13:38:32

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

Dilruba ناھايىتى ئەتراپلىق يېزىپتۇ . مەنمۇ بىلگەنلىرىمنى قوشۇمچە يېزىپ قوياي :

ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ قارىشىچە ، ناشتىلىق ئەڭ ياخشىسى تۆۋەندىكى 4 تۈرلۈك يېمەكلىكنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

1.كىراخمال تىپىدىكى يېمەكلىكلەر :

مەسىلەن، نان (بولكا )،ئۇماچ، چۆپ ،مانتا،پوشكال ياكى بەرەڭگە ،تاتلىق بەرەڭگە دېگەندەك .


2. مول ئاقسىلغا ئىگە يېمەكلىكلەر :

مەسىلەن ،سۈت ،پۇرچاق سۈتى ،پۇرچاق بوتقىسى ،تۇخۇم ،پىششىق گۆش قاتارلىقلار .


3.مول سېلىلۇزا ،ۋىتامىن C ۋە مېنىرال ماددىلارغا ئىگە بولغان يېمەكلىكلەر :


مەسىلەن ،ھەرخىل تەركىبىدە ماي ئاز بولغان مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆرسىتىدۇ .



4. ناشتىدا يەنە قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېيىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ .

مەسىلەن ،ئۆرۈك مېغىزى ،ياڭاق مېغىزى ،قارىغاي ئۇرۇقى مېغىزى،مۇقاتىل (腰果)مېغىزى ،يەر ياڭىقى(خاسىڭ) مېغىزى ،دېگەندەكلەر . كىشى بېشىغا بىركىچىك سىقىم مىقداردا (28 گىرام)يېيىلسە بولىدۇ .


قاتتىق پوستلۇق مېۋەنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كالىي ،كالىتسىي ،ماگنىي، تۆمۈر،سىنىك قاتارلىق مېنىرال ماددىلار بار .ئۇندىن باشقا ۋىتامىن E بىلەن تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىب بار . ئوكسىدلىنىشقا قارشى تەركىب ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈپ ،ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

ئىشەنچلىك تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ھەپتىدە 50 گىرامدىن كۆپ قاتتىق پوستلۇق مېۋە يېيىشنى داۋاملاشتۇرغانلارنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 40 پىرسەنت ئازايغان .ئەمما ئىستىمال قىلغاندا كۈندىلىك مىقدارىنىڭ 28 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك .بولمىسا سەمرىتىۋېتىشى مۇمكىن .


بىزنىڭ ئائىلىدە ئادەتتىكى دائىملىق ناشتا تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل بولىدۇ .


1-خىلى :

نان (ئۆيدە يېقىلغان نان) ،سۈت(17 تۈتۈندىكى تۇڭگانلاردىن ئەكىلىمىز نىسبەتەن ئىشەنچلىك ،ئىش قوشۇلغاننى سېتىۋالماقچى بولساق  2-3 كۈن ساقلىغىلى بولىدىغان 鲜奶 سېتىۋالىمىز . ) ياڭاق ،بادام ،ئۆرۈك ،مۇقاتىل مېغىزلىرى ، دورىسىز قۇرۇتۇلغان ئۈزۈم ،شۇ پەسىلدىكى ئەڭ كۆپ چىقىدىغان مېۋە (چوڭلار ئادەتتە يەپ كەتمەيدۇ) ، كىشى بېشىغا 7-9 غىچە سىيادان

2-خىلى :

پېچىنە ياكى باقالى دېگەندەك تاتلىقلار  (ئۆيدە پىشۇرىمىز  ) ،قېتىق (ئۆيدە ئۇيۇتىمىز ) ،ھەرخىل مېغىز ،خالىغانلار مېۋە ،كىشى بېشىغا 7-9 غىچە سىيادان

3-خىلى :

نان ، چېقىپ پۈتۈن پىشۇرۇلغان تۇخۇم(ماينىڭ ئورنىغا سۇ ئىشلىتىمىز) ،ھەرخىل مېغىز ،مېۋە ،سىيادان

4-خىلى :

نان ،ئۆيدە ياسىغان خالىغان بىر خىل مېۋە مۇرابباسى (كۆپرەك ئەنجۈر مۇرابباسى ،مۇراببانى بىر قوشۇقتىن كۆپ يېيىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ)،ھەرخىل مېغىز ،لىمون سۈيى ياكى يالپۇز سېلىپ دەملەنگەن چاي ،سىيادان  

5-خىلى :

نان ،سوغۇق سەي ، سۈت ، ھەرخىل مېغىز ،سىيادان

6-خىلى :

نان ،سېرىقماي+ھەسەل (سېرىقمايغا مۇۋاپىق ھەسەلنى ئارىلاشتۇرىمىز) ،ھەرخىل مېغىز ،،لىمون سۈيى ياكى يالپۇز سېلىپ دەملەنگەن چاي ،سىيادان


ئائىلىمىزدە ھەسەل ،سۈت ،سىيادان ،دېگەنلەر پەيغەمبىرىمىز(س ئە ۋ) تەۋسىيەسىدىكى يېمەكلىكلەر بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپرەك ئىستىمال قىلىمىز . ھەسەل ،سۈت قاتارلىقلارنىڭ سۈپىتىنى ياخشى تاللاش كېرەك ،سىياداننىڭمۇ ساختىسىنى سېتىۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك .تۇخۇم سېتىۋالغاندا بەك ئەرزان تۇخۇملارنى سېتىۋالماسلىق كېرەك .


ئۇندىن باشقا ئاياللارغا نىسبەتەن پۇرچاق سۈتى كالا سۈتىدىن ياخشى دەپ قارىلىدۇ ،ئەمما جۇڭگودىكى تېرىلىدىغان سېرىق پۇرچاقنىڭ 80 پىرسەنتى گېنى ئۆزگەرگەن پۇرچاق بولغاچقا ،پۇرچاق سۈتى ئىچىشنى توختىتىۋەتتىم ،بولمىسا مەن ئۆزەم كۆپرەك پۇرچاق سۈتى ئىچەتتىم .ئىشەنچلىك ماركىدىكى پۇرچاق بولسا تەۋسىيە قىلارسىلەر .


ناشتا ۋاقتى قىس ئاياللارغا  ئوزۇقلۇقشۇناسلاردىن ئەتىگەنلىك ناشتىلىق رېتسىپ :


1.ئورنىدىن تۇرۇپ ئاۋۋال بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىش

2. ئىشلىرىنى تۈگىتىپ بولۇپ بىر ئىستاكان سۈت قوشۇلغان قەھۋە ئىچىش

3.نان ياكى بولكىدىن بىر پارچە (جىسمانىي ئەمگەك قىلىدىغانلار 2 پارچە ) يېيىش

4.بىر سىقىم مېغىز يېيىش

5. بىر تال ئاپلىسىن يېيىش (شۇ پەسىلدىكى كۆپ تېپىلىدىغان باشقا مېۋە بولسىمۇ بولىدۇ)




dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 14:33:50

مەنمۇ شۇ بامدات نامىزىدىن كېيىنلا ناشتا قىلىمەن. بۇنداقتا ياز پەسلىدە بەزىدە ئەتىگەن سائەت 5 تە، بەزىدە 6 دە ناشتا قىلىپ قالىدىكەنمىز. ئۆيدە مەن ۋە يولدىشىم پەقەت ئىككى جان بولغاچقا ھۇرۇنلۇق قىلىپ كۆپ نەرسە تەييارلىغۇم كەلمەيدۇ. ئەمما ئۆيگە مېھمان كەلگەندە ناشتىلىق داستىخاننى ھەر قانداق چاغدىكىدىن مول قىلىمەن.

بۇ يەردە دۇختۇرلار قان تىپىغا ئاساسەن ئۇزۇقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. مەن O تىپلىق بولغاچقا مۇشۇ قان تىپىغا ماس يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك تەييارلايمەن. O قان تىپىدىكىلەرنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى باشقا A ۋە B تىپتىكىلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر، مەسىلەن: سۈت، قېتىق، پىشلاق قاتارلىقلارنى ھەزىم قىلىشى B تىپتىكىدەك ئاسان بولمايدىكەن. (B قان تىپىغا سۈت تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بەك ياخشى كېلىدىكەن) (قايسى قان تېپىغا قايسى يېمەكلىكنىڭ پايدا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا توردا تەپسىلىي ماتىرىيال بار)

يەنە بۇ تائاملار بەدىنىمىزدە 4 يەردە (ئاشقازان، جېگەر، ئۈچەي ۋە قاندا) ھەزىم بولۇپ، بەدەنگە سۈمۈرىلىدىغان بولغاچقا، مۇشۇ 4 ئەزايىمىزنى ئۇپراتمايدىغان، ھارغۇزمايدىغان تائاملارنى تەييارلاپ يېسەك مۇۋاپىق بولىدىكەن. (ياغدا گاژ-گۇژ، ۋاژ-ۋۇژ قورۇلغان يېمەكلىكلەر تەملىك بولغىنى بىلەن جېگەرنى بەك قىينايدىكەن. ئاچچىق نەرسىلەر ئاشقازاننى ھارغۇزىدىكەن. شىكىرى جىق بەك تاتلىق نەرسىلەر قاننى بەك جانلاندۇرىۋېتىدىكەن...) بۇ تائاملار بەدەندە تولۇق ھەزىم بولماي، قالدۇقى قېپ قالسا، كېيىن يەنە بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇدەك....

شۇڭا، زىيان قىلمايدىغان، ئاددىيراق نەرسىلەرنى تەييارلاپ ناشتا قىلىشقا كۆنۈپ قالدۇق. مەن نانغا ئامراق. دوخوپكىدا بىر نان ياقسام ئىككى ھەپتە يېتىدۇ.

ناننى مۇنداق ياقىمەن: ئۇنغا ئازىراق زەيتۇن يېغى ياكى پىندۇق يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، پاگىي سېلىپ يۇمشاقراق خېمىر يۇغۇرىمەن. بۇ خېمىر تۆت بەش سائەت تۇرغاندىن كېيىن تازا كۆپۈپ ئۆرلەيدۇ. بۇنىڭغا ئۇندەك سۇقۇلغان ئۈرۈك مېغىزى (ئىككى ئۈچ تەخسە)، بادام مېغىزى (ئىككى تەخسە)، ياڭاق مېغىزى (بىر تەخسە )، بىر ئۇچۇم سىيادان ۋە كۇنجۇت ئارىلاشتۇرۇپ خېمىرنى قايتا يۇغۇرىمەن. بۇ خېمىرنى 10 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن، ئۇششاق زۇۋلا ئۈزۈپ، دوخوپكىنى 220 گرادۇستا قىزىتىپ نان ياقىمەن. (ئۈرۈك مېغىزى، بادام ۋە ياڭاق مېغىزىنى ئۆزەم ماشىنىدا ئۇندەك سوقىمەن). بۇ نان چۈرۈك پىشىپ چىقىدۇ. بىر كېچە يېيىپ قويغاندىن كېيىن، توڭلاتقۇنىڭ خالتىسىغا سېلىپ، توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلايدىغان يەردە قويىمەن.

ھەر كۈنى ئەتىگەندە مۇشۇ ناننىڭ ئۈستىگە قايماق ياكى ھەسەل سۈركەپ چاي بىلەن يەيمىز. بۇ، مەندەك ھۇرۇن ئادەملەرگە بەك ماس كېلىدۇ. ناشتىدىن كېيىن يۇيىدىغان كۆپ قاچا ۋە قازان قۇمۇچ چىقمايدۇ.

يولدىشىم ھەر خىل تورت ۋە پىچىنە پىرەنىكلەرگە ئامراق. ئۇنىڭغا ئۆزى ياقتۇرىدىغان نەرسىلەرنى تەييارلاپ بېرىمەن. ئۇلارنىڭ تەركىۋىدە تۇخۇم، سۈت، شىكەر، زەيتۇن يېغى، ئۈزۈم، ياڭاق... بار.

ئەتىگەندە ئىلاجى بار سۈت ئىچمەيمىز. سۈتنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىچسە ياخشى بولىدۇ دەيدىكەن. ناشتىدا ئىچكەن سۈت پۇت-قولنى بۇشىتىپ، كۈندۈزى ئۇيقۇ كەلتۈرىدىكەن.

بەزىدە ناشتىدا كۆڭلىمىز سويۇق نەرسە تارتىپ قالسا، بىر كۈن ئاۋال قاينىتىپ قويغان سۆڭەك شورپىسىغا مەرجىمەك (ئۇششاق قىزىل پۇرچاق) ياكى تارخانا ئۇنى سېلىپ ئۇماچ ئېتىمەن. لېكىن، بۇ ئۇماچنى ئېچكەندىن كېيىن ئىككى سائەت ئۆتە-ئۆتمەي يەنە قۇساق ئېچىپ قالىدۇ.

ئىلگىرى سەي قورۇسام گۆشنى ياغدا قورۇيتتۇم. بۇنىڭ جېگەرگە زىيىنى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ياغدا قورۇماس بولدۇم. قازانغا ياغنى قۇيۇپ، پىيازنى ئارقىدىن شوخلىنى تاشلاپ بىر ئاز ئەزگەندىن كېيىن گۆشنى تاشلاپ، گۆش پىشقاندىن كېيىن ئۈستىگە باشقا كۆكتاتلارنى سالىمەن.

مەن ئۆيدە تەييارلايدىغان ئاددى ئىچىملىكلەر:

1) كۈن نۇرىدا قۇرۇتۇلغان گۈلە (ئۈرۈك قېقى)دىن 40 تال، بىر تەخسە قۇرۇق ئۈزۈمنى پاكىزە يۇغاندىن كېيىن كىچىكرەك بىر قازاندا 50 مىنۇت قاينىتىپ (تاتلىققا ئامراق بولسىڭىز، ئازىراق شېكەر سېلىپ، تاتلىققا ئۆچ بولسىڭىز شېكەر سالماي) قاينىتىپ، ئۇچاقتىن ئېلىپ سوغۇتۇپ، ياز كۈنلىرى شېشىگە قاچىلاپ توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلاپ ئىچسىڭىز خوش ياقىدۇ، زىيان قىلمايدۇ. مەن داۋاملىق شۇنداق قىلىمەن.

2) ياز پەسلىدە يەپ بولالمىغان قارا ئۈژمىدىنمۇ سوغۇق ئىچىملىك تەييارلىغىلى بولىدۇ.

3) يەپ بولالمىغان ئالما بولسا، ئوندەك ئالمىنى نېپىز توغراپ قازاندا بىر سائەت قاينىتىپ، بىر ئاز سوغۇغاندا ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ تەمى تاتلىق ھالغا كەلگەندە شېشە چەينەككە قۇيۇپ، توڭلاتقۇدا سوغۇق ساقلاپ ئىچسە خوش ياقىدۇ، زىيان قىلمايدۇ. (ئالما سۈيى تەييارلىغاندا شىكەر سالماي ھەسەل سالغان ياخشى، تەبىئىتى مۆتىدىل بولىدۇ)

4) رەڭگى قىزىل ھەر خىل مېۋىلەر بار. مەسىلەن، ئالۇچا دېگەندەك. مۇشۇلارنىمۇ يەپ بولالمىغاندا، مىراببا قىلىش تەس كەلگەندە يۇيۇپ توغراپ، قازاندا سۇ بىلەن قاينىتىپ، بىر ئاز سۇۋۇتۇپ ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ، سوغۇغاندا ئىچسىڭىز، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ. زىيان قىلمايدۇ.

داۋامىنى ئېسىمگە كەلگەندە يازاي.


بەت: [1] 2 3 4 5 6
: ناشتىلىق ھەققىدە- «كۈننىڭ بېشى سەھەردىن»