ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-6-27 16:54:15

ئۇنداق دىسەڭلار ئادەمنىڭمۇ ئاتمىش يەتمىش پىرسەنتى سۇ \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 07:52:56

تىما ئىگىسى ۋە ئىنكاسچىلار : تېمىغا قوشۇپ باشقا نەپ تىگىدىغان ئىنكاسلارنى مۇنبىرىمگە كۆچۈرگۈم كېلىۋاتىدۇ، ماقۇلمۇ ياقمۇ؟ \"\"

ئەلۋەتتە مەنمۇ ئىككى شىڭگىل گەپ قىلىشىم كېرەكتۇ.....

asmathan يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 08:34:17

خوتۇنىمغا بۇ تېمىنى ياخشىراق كۆرسەتسەم بولغۇدەك،پەقەت ناشتىلىققا ئىتىبار بەرمەيدۇ.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 13:03:58

كۆكيال، مەن يازغان قىسىملارنى مەنبە ۋە يازغۇچىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ. باشقا دوستلار يازغان قىسىمىغا ئۆزلىرى رۇخسەت بەرسۇن.



داۋاملاشتۇرۇپ يەنە ئازراق يازاي دەپتىم، پەقەت ۋاقت چىقمايۋاتىدۇ.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 13:09:13

77- قەۋەتتىكى Tabassumنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

72- قەۋەتتىكى weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يوووووووووووووو پاناھ.....

جېنىغا دەھشەت كۆيدىغان باللا باركىنا..

شۇنىڭغا قارىغاندا مىنىڭ جېىنىم جان ئەمەسكەن جۇمۇ.

ناشتىلىق نەدە،كەچىلىك تاماقنىمۇ ئوڭشاپ يىيەلمەيمەن مۇشۇ كۇنلەردە..



ئۆلەپ قالماي جۇمۇ..مەنمۇ ناشتا قىلىپ قوياي..سەل قوقاپ قالدىم ما باللانىڭ تاماقلىرىغا قاراپ.مەندىكى ئاشقازان مىنىڭ بۇلاپ قالغىنىغا لەنەت ئۇقۇپ كەتمىسۇن..

\"\"  بەسەي تاماق ئەمەسما؟


ھېي..ناشتا قىلمايمەن دىسەم نىمە بەسەينىڭ گىپنى قىلىسەن؟\"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 18:35:17

بولىدۇ،رەھمەت سىزگە دىلرۇبا.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 18:57:40

مەن بۇرۇن پەقەت ئېتبار بەرمەيتىم. ھازىر چۈشلۈك تاماقتىن موھىم بىلىمەن ناشتىنى. ئايالىم ئەتكەن چاي ئىچىدۇ، مەن قايناقسۇ ، ئىككى تۇخۇمنى مايدا چالا پىشۇرۇپ، يۇمشاق نان،  گۈلدىيارنىڭ مۇراببا ، ھەسەللىرىگە مىلاپ يەيمەن. بۇرۇن ناشتىغا قەھۋە ئىچتەتتىم ، ھازىر ئىشقا چىقىپ ئاندىن ئىچىدىغان بولدۇم قەھۋەنى، ئەمما سۈتنى كەچتە ئىچىمەن. ئەتىگەندە سۈت ئىچسەم بەك ئۇيقۇچان قىلىۋىتدۇ.  \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-6-28 19:06:30

مېنىڭ ئۆزگىرىشچان ،ئۆيدە تۇرسام گۈلقەنت ،ھەسەل بىلەن نان چاچ ئىچىمىز،مۇساپىرچىلىقتا بىرەر تۇخۇم چېقىپ سۈت چاي+پىلتە قۇيماق؛تاڭمىيەن (بۇنى نېمە دىسەك بولار،خوتەندە بەك ئىچىدۇ ،ئىچىدۇ)؛ھەسەل چاي+نان ياكى قۇرۇق نان ۋە ياكى لەغمەن ،پولو دېگەنلەر.....

مەنچە ياخشى ناشتىلىق :نان+(ھەسەل+گۈلقەنت+مۇراببا)+مېغىزلار+ئۆزگىچە دوراچاي \"\"

Bahader يوللانغان ۋاقتى 2012-6-29 21:40:43

مەن ئادەتتە ناشتىلىققا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيمەن

tayker يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 09:50:05

ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تىما بوپتۇ ، ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن باشلاش كېرەك ، قارىغۇلارچە ئىستىمالدىن ساقلىنىپ ، ئىلمي ئوزۇقلانغاندىلا تەن سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ .

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-6-30 19:41:00

ئۇزاق ھەم مۈشكۈل سەپەردىن قايتىپ كېلىپ تۇنجى ئېرىشكەن كاتتا سوۋغات بوپتۇ بۇ مەن ئۈچۈن!

ئاخىرى قولىڭىزغا قەلەم ئالدۇردۇم ھە  {:92:}   ئۇششۇقلۇقمۇ بەك ئەسقاتىدىكەن جۇمۇ مۇھىم چاغلاردا...   {:90:}

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 15:08:56

@Dilruba ناۋادا مېنىڭ ئائىلە ئەزالىرىم قاتارىدا يۇقىرى قان بېسىم، قەنت سىيىش كېسىلى بارلار بولغىنىدا سىز تەۋسىيە قىلغان يۇقارقى ناشتىلىق قاتارىدىن ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغانلىرى بارمۇ؟ يۇقارقىلاردىن باشقا قانداق تائاملارنى ئىستىمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك؟  ئۆزۈممىغۇ ماتىرىيال كۆرۈپ خېلى نەرسىگە ئېرىشتىم، يەنىمۇ كۆپرەك ئىشلارنى بىلگۈم بار. سۇ كېلىشتىن ئاۋال توغان تۇت دەپتىكەن. ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلۈشتىن سىرت بىر ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش ئالدىدا تۇرغان بىز بولمىش ئاياللارنىڭ قازان بېشىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىگىمۇ پىششىق بولۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 17:03:32

تۇمارىس، مېنىڭ ھازىرقى بىلىشىم ۋە چۈشەنچەم بويىچە بولغاندا ئۈچ ۋاقت تاماقتا يېيىلىدىغان يېمەكلىكنىڭ مۇقىم ئۆلچىمى ۋە قائىدىسى يوق، يەنى مەسىلەن: مەن ناشتىدا يەپ ئادەتلەنگەن نەرسىنى سىز چۈشلۈك تاماقتا، يەنە بىرەيلەن كەچلىك تاماقتا يېسىمۇ ھېچ ۋەقەسى يوق. پەقەت نۇسرەت 46- قەۋەتتە يازغان ئىنكاسىدىكىدەك، بەدىنىمىز بىر كۈن ئىچىدە چوقۇم قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارغا تولۇقى بىلەن ئېرىشىۋاتقان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالىساق، تاماق يېيىشتىكى مۇددىئاغا يەتكەن بولىمىز. «قانداق تائاملارنى ئىستېمال قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى شۇ ئىنكاستا ئىنتايىن تولۇق ۋە ئېنىق يېزىلغان، ساغلاملىققا ئىنتىلگەن ھەر بىرەيلەننىڭ پۇختا يادلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.  \"\"

«قايسى خىل كېسەللىك بىمارلىرى قايسى تىپتىكى يېمەكلىكلەرنى يېسە بولمايدۇ؟» دېگەن سوئالغا كەلسەك، بىز يەۋاتقان نەرسىمىزنىڭ قانداق تەركىبلەردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى ياخشى بىلسەك ۋە ئۇلارنى بەدەن ساغلاملىق ھالىتىمىزنى ياخشى چۈشەنگەن ئاساستا ئىستېمال قىلساق ئاساسەن خاتالاشمايمىز. مەن تىزغان يېمەكلىكلەر ئىچىدە تۇخۇم يۇقىرى ئېنىرگىيەگە ئىگە بولغانلىقى سەۋەبلىك ناشتىلىق داستىخىنىدا قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن يېمەكلىك، تەركىبىدە مول بولغان ۋىتامىن ب، 核黄素 (بەزى ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى پەقەتلا بىلمەيدىكەنمەن، تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىمەن، گۇگېلدا تەرجىمە قىلىپ چىقىرىپلا خەنزۇچىسىنى يېزىپ قويغىنىم ئۈچۈن ئۆزرىلىكمەن.)، فوسفور، 硒 قاتارلىقلار بار، ئاقسىل تەركىبىمۇ يۇقىرى، لېكىن يەنە تويۇنغان ماي، خولېسترول قاتارلىقلارمۇ بار، شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى لازىم. سېرىقماي، قايماق... قاتارلىق بارلىق يېمەكلىكلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش.

سىز ئېيتقان بۇ تۈردىكى كېسەللىك بىمارلىرىدا ئوخشاش بىر ئادەت بار، يەنى ئۇلار كۈندە يېگەن بىر تۇخۇم ۋە ياكى ئۈچ- تۆت قوشۇق قايماق تۈپەيلىدىنلا كېسەلگە دۇچار بولغان ئەمەس، بەلكى ھەر ۋاقتلىق تامىقىدىكى ھەر بىر يېمەكلىك شۇنداق يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك، مايلىق ۋە تۇزلۇق. شۇڭا بۇلار ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنىدىغىنى يەنىلا پۈتۈن يېمەكلىكنى تەرتىپكە سېلىش، ئىلغاش.

دېئابىت كېسەل بىمارلىرىمۇ بەك تويۇپ، چىڭقىلىپ تاماق يەۋالسا قاندىكى شېكەر مىقدارى ئۆرلەپ كېتىدۇ، شۇڭا كالورىيەسى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى بىر قېتىمدىلا جىق يەۋالسا بولمايدۇ.

بىز ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان يەر قالپىقى بولسا ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن ساغلام يېمەكلىك، كالورىيەسى تۆۋەن، تەركىبىدە ماي يوق، تۇز تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن، سىلىلوزا، ۋىتامىنلار ۋە مىنىراللار مول. شۇڭا ئورۇقلاش ئېھتىياجى بارلارغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. (سىلىلوزا بەدەندىكى ماينى كۆيدۈرىدۇ _ خولىسترول مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ.  شۇڭا سېمىزلىك تۈپەيلى كېلىپ چىققان كېسەللىكلەرگە يەر قالپىقى پايدا قىلىدۇ.) كاربونھىدرات تەركىبى تۆۋەن بولغاچقا دېئابىت بىمارلىرىنىڭ قان شىكىرىنى تۇراقلىق ساقلاش رولى بار.

بىر قانچە تورداشلار قورۇلغان تاماق ھەققىدە پىكىر يېزىپتۇ، قورۇش- تائام تەييارلاشتىكى مېتودلارنىڭ بىرى. باشتىكى بىر ئىنكاسىمدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، تائام تەييارلاشتا ئەڭ ساغلام بولغىنى دوخوپكىدا پىشۇرۇش (قاقلاپ پىشۇرۇش)، ھوردا پىشۇرۇش (دۈملەش)، ئاندىن قالسا قورۇش. «قورۇلغان تاماقلار زىيانلىقمۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن نېمىنى قورۇش، قانداق ماي ئىشلىتىش، تائام قورۇيدىغان ماينىڭ تېمپراتۇرىسى قانچە، قانچىلىك ۋاقت قورۇش قاتارلىقلارغا قاراش كېرەك. شەخسەن مەن ئۆزەم تىزغان ئاشۇ يېمەكلىكلەرنى پىشۇرغاندا ئىنتايىن ئاز مىقداردىكى زەيتۇن ياكى قىچا مېيىنى تېگى تۇتماس قازاننى بەك قاتتىق قىزدۇرىۋەتمەي، پىشقۇچىلىكلا قورۇيمەن. دوستىمىز خورما تۇخۇمنى سۇدا قورۇيدىغانلىقىنى يېزىپتۇ، بۇمۇ ياخشى ئامالكەن، ھازىر تېگى تۇتماس قازاننىڭ ئېلانىنى «قازانغا ماي قۇيمىسىڭىزمۇ تامىقىڭىز پىشىدۇ» دەپ بېرىدىغان بولۇپ كەتتى.

بۇندىن باشقا، مەن باش تېمىدا تىلغا ئالغان مېۋە سۈيى ھەرگىزمۇ بىز بازاردىن سېتىۋالىدىغان «مېۋە تەركىبى 30 پىرسەنت» دەپ يېزىلغان، لېكىن ئاشۇ 30 پىرسەنتمۇ رەڭ ۋە تەم تەڭشىگۈچى خۇرۇچلاردىن تەركىب تاپقان «شېكەر سۈيى» نى كۆرسەتمەيدۇ. يۈز پىرسەنتلىك مېۋە سۈيىنى «راست» دەپ سۈپىتىگە ئىشەنچ قىلالىغان تەقدىردىمۇ، كۈندە ئىچىشكە باھاسى ئۆرە بولۇپ كېتىدۇ، شۇڭا مېۋە ئېزىش ئ‍ۈسكۈنىسىدىن بىرنى ئاشخانىڭىزغا تىزمىقىڭىز زۆرۈردۇر، ئۆزى ئەرزان نەرسە.


جاۋابلار خېلى تولۇق بولغاندەكمۇ؟ باشقىلار ئالىي مەكتەپتە تۆت يىل ئوقۇپ ئاران ئۆگىنىپ بولىدىغان بىلىملەرنى سىز بۇ يەردە بىر تېمىدىلا ئۆگىنىۋالىمەن دېسىڭىزمۇ بەك ئىنسابسىزلىق بولار.  \"\" مەنمۇ بىر يالىڭاياق ئەلپەنچى، ئۇنچە بىلىممۇ يوق سىزنى تەلتۆكۈس قانائەتلەندۈرۈپ، بىر ئائىلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالالىغۇدەك قىلغۇدەك.  \"\" (چاقچاق- ھە)


يەنە سوئال بولسا داۋاملىق مۇڭدىشارمىز، ئۆگىنىشلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 17:12:03

ھە راست تۇمارىس، تويلۇقىڭىزغا تازا يوغان دوخۇپكىدىن بىرنى سېلىشنى ئۇنتۇماڭ، تامنىڭ ئىچىگە ئورنىتىپ كىرگۈزىۋېتىدىغىنىدىن  \"\"

بىر يىلى بارسام ئۈرۈمچىدە «پولو قازىنى» دەپ، تېشى سىرلاقلىق، لېكىن تېگى ئالامەت قىسىم بولىدىغان بىر قازاننى ھەر ئۆيدە بىردىن سېتىۋېلىش مودا بوپتىكەن، دوخوپكا ۋە دوخوپكىدا تاماق پىشۇرۇشنىڭمۇ شۇنداق مودا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ چاغدا ئاياللار غەربچە تاماق يېگىلى رېستورانغا يۈگەرمەيتتى- دە!

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 17:26:45

ئاھا، پەيزى گەپلەر!  \"\"  ئايرىم ۋاقىت چىقىرىپ بارلىق ئىنكاسلارنى بىردىن كۆرۈپ چىقىمەن. ئۆزلەشتۈرگۈدەكنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلەشتۈرىۋالاي كاللام سەگەك چاغدا..  \"\"

مەن شۇ سەل ئىنساپسىزراق، نەپ تىگىدىغان ئىش بولسىلا كۆزۈمنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرغىنىم تۇرغان...  {:92:}  

تويلۇققا ئاۋۇ دوخاپكىنى چوقۇم ئويلىشىمەن! توۋا، مۇشۇنداق كوتۇلداپ يۈرۈپ ئۇستا ئاشپەز قىلىۋىتىدىغان بولدىڭىز ھە مېنى؟!  \"\"  \"\"

5tash يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 17:29:47

ئاندا دۇخاپكا، ئاشۇنىڭغا ئوخشاش تامنىڭ ئىچىگە ئورنىتىدىغان قاچا يۇيىدىغان ئوقەت، توڭلاتقۇ دىگەندەكلەرنىڭ  \"\" ماشتىغى با.  {:92:}

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 18:10:33

ھا...ھا... ھا...، ئېلانمۇ چىقىپتۇ مانا. \"\"

تاماق ئېتىدىغان پروگراممىلارنىڭ ئالدى- كەينىدە قازان- قومۇچ، ئاشخانا جابدۇقلىرىنىڭ ئېلانى بولىدىغان، تەبەسسۇمنىڭ ماۋۇ ئېلانىمۇ تازا جايىغا قىستۇرۇلۇپتۇ.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-7-4 18:11:59

@Tabassum ھەر قانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدىغان يامان سودىگەر- دە ھە؟ ئېلان بېرىۋالدى مانا مۇشۇ باھانىدە...  {:92:}   تونۇش بولغاندىن كېيىن ئەرزان بىرەرسىز ئاۋۇلارنى ئالسام... \"\"

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 01:23:12

دىئابىت كىسەللىكى ئادەتتە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى تىپتىكى دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. بىرىنچى تىپتىكى دىئابىت كىسەللىكىدە ئاشقازان ئاستى بېزى يىتەرلىك ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرالمىغاچقا ئىنسۇلىنغا تايىنىشچان دىئابىتمۇ دىيىلىدۇ يەنى بىمارغا قەرەللىك ئىنسۇلىن ئوكۇلى ئۇرىلىدۇ. بىرىنچى تىپتىكى دىئابىت بىمارلىرىنىڭ ئوزۇقلىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بەك مۇھىم بولىدۇ . بىرىنچى تىپتىكى دىئابىت بىمارلىرىنىڭ كۈنلۈك تامىقىدا ئادەتتە :

كىراخمال 50پىرسەنتنى، مايلار 30دىن 35پىرسەنتنى، ئاقسىل ئوندىن 15پىرسەنتى ئىگەللىسە مۇۋاپىق بولىدۇ دەپ قارىلىۋاتىدۇ. بۇ تىپتىكى دىئابىت بىمارلىرى ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

1.كۈندە بەش ۋاق تاماق يىيىش، ئۈچ ۋاق تاماققا يەنە چۈشتىن كىيىن بىلەن ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىنتايىن يەڭگىل،سۇيۇق-سەلەڭ بولغان ئىككى ۋاقىتلىق تاماق قوشۇش كىرەك ؛ ئۇخلاشتىن بۇرۇن جىق يەۋىلىشقا بولمايدۇ.

2.قاندا جىددى قەنت تۆۋەنلەش كۆرۈلگەندە بىۋاستە شېكەر يىمەستىن تاتلىق مىۋە سۈيىنى ئىچىش كىرەك شۇڭا ئادەتتە ئۆيدە تەبىئى مىۋە سۈيى ياساپ توڭلاتقۇدا ساقلاش تەشەببۇس قىلىنىدۇ؛

3.تەنھەرىكەت قىلىشتىن بۇرۇن قورساقنى ئازراق ئەستەرلىۋېلىش ؛



بۇ تىپتىكى دىئابىت بىمارلىرى كۈندە ئاساسەن تۆۋۋەندىكىدەك ئوزۇقلانسا بولىدۇ:

1. نان، چۆپ، گۈرۈچ، قارا ئاشلىق؛  قارا ئاشلىق بىلەن گۈرۈچنى كۆپرەك، چۆپ بىلەن ناننى ئاز يىيىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. قوناق ئۇنى، ئارپا ئۇنلىرىدا يېقىلغان نان، قوناق ئۇنىدا ئىتىلگەن ئۇماچ، ھەرخىل دانلىق زىرائەتلەرنى سۈتكە چىلاپ ئەتىگەنلىك تاماقتا يىيىش دىئابىت بىمارلىرىغا نىسبەتەن ھەم يېشىل ھەم قورساقنى توق تۇتىدىغان ياخشى يىمەكلىكلەر سانىلىدۇ.

2. كۆكتاتلارغا چەك قويۇلمايدۇ بىراق خىمىيۋى ئوغۇتتىن خالى يېشىل كۆكتات بولىشى كىرەك .

3. مىۋىدىن كۈندە بىر تال يىيىش، شېكەر مىقدارى كۆپ بولغان قوغۇن،شىكەرقومۇشتەك مىۋىلەرنى ئامال بار يىمەسلىك.

4. ئۆيدە باققان توخو، ئۆردەك گۆشلىرىنى ؛ بېلىقنى يىسە بولىدۇ. بېلىقنى ئىمكان بولسا ھەپتىدە ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى قېتىم يەپ بەرسە ياخشى.

5.ھاراق-تاماكا، سىمىز گۆش،گازلىق سۇ، مىۋە مۇرابباسى، شاكىلات، پىچىنە-پىرەنىك، سارمايلاردىن، تەييار يىمەكلىكلەردىن ،مانچە ئاي ساقلىغىلى بولىدىغان سۈت ۋە گۆشلەردىن،چىلىغان كۆكلەردىن پەرھىز تۇتۇش كىرەك.

6.قورىغان يىمەكلىكلەرگە قارىغاندا ھورداپ پۇشۇرغان يىمەكلىكلەرنى يىيىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.  



ئىككىنچى تىپتىكى دىئابىت يەنى ئىنسۇلىنغا تايانمايدىغان دىئابىت،بۇ تىپتىكى دىئابىت چوڭ ياشلىقلاردا كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپ، بىمارلارنىڭ  قاندىكى قەنت مىقدارى ئېشىپ كىتىش بىلەن بىرگە سىمىزلىك كۆرىلىدۇ. ئادەتتە ئىككىنچى تىپتىكى دىئابىت ئىرسىيەت قالمايدۇ دەپ قارىلىۋاتىدۇ. بىمارلار ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئوزۇقلانسا بولىدۇ:

1. كۈندە ئۈچ-تۆت ۋاق تاماقنى ۋاقتى-ۋاقتىدا يىيىش كىرەك ؛ ھاراق-تاماكا، شىكەردىن پەرھىز تۇتۇش، ماينى كونتىرول قىلىش كىرەك. بارلىق مايلىق يىمەكلىكلەرنىڭ مىقدارىنى قاتتىق كونتىرول قىلىش؛

2.دىئابىت كىسەللىكىنىڭ ئۆزى ئەمەس ئەگەشمە كىسەللىكلىرى قورقۇنۇشلۇق بولغاچقا ئادەتتە ئايلىنىش سېستىمىسى بىلەن يۈرەك قان-تومۇر سېستىمىسىنى ئاسراش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا يېشىل كۆكتات بىلەن ھەپتىسىگە ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى قېتىم بېلىق يىيىش كىرەك. بىر كۈندە كۆپ بولسا ئىككى قېتىم گۆشلۈك تاماق يىيىش، ھەر قېتىملىق گۆش مىقدارى 120گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كىرەك.

3.قايماق، سارماينى ئاز يىيىش. قايمىقى ئېلىۋېتىلگەن سۈت ئىچىش.

4. ھايۋانات مېيى يىمەسلىك، ئۆسۈملۈك مېيى يىيىش.

5.مېۋىنى كۆپ يىمەسلىك؛ بىر تال ئالما ياكى بىر تال نەشپۈت، بىرتال ئەنبەھ، بىر تال شاپتول، بىر تال بانان، ئىككى تال مايمۇن شاپتولى، 20تال گىلاس، 15تال ئۈزۈم، ئىككى تال ئەنجۈر، 250گىرام بۆلجۈرگەن ، 250گىرام شاتۇت، ئۈچ تال ئەينۇلا، ئىككى تىلىم تاۋۇز، بىر تىلىم قوغۇن، ئۈچ تال خورما، ئۈچ تال ئۆرۈك يىسە بولىدۇ. بەزى-بەزىدە مىۋە ئورنىغا بىرەر تال پىچىنە ياكى بىر بۇلۇڭ تورت يىسىمۇ بولىدۇ.

6.بازاردا ساتىدىغان ئىچىملىك قاتتىق چەكلىنىدۇ. بىردىنبىر ياخشى ئىچىملىك سۇنى كۈندە بىر يېرىم لىتىر ئىچىش كىرەك. دىئابىت بىمارلىرى دورا يەۋاتقان مەزگىلدە چاينى كۆپ ئىچىشكە بولمايدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا ئىككىنچى تىپتىكى دىئابىت بىمارلىرىدىن ھاراق ئىچمەسلىك،تاماكا چەكمەسلىك، كۈندە يىتەرلىك كىراخمال قوبۇل قىلىش، مايلىق تاماقلارنى كۆپ يىمەسلىك، ھەرىكەتنى كۆپ قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.



يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئوزۇقلانغاندا بىرىنچى بولۇپ تۇزلۇق تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش كىرەك. ئادەتتە يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى تەن ئېغىرلىقىنى ئوبدان كونتىرول قىلىشى كىرەك. تەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى 25دىن تۆۋەن بولسا يۇقىرى قان بېسىم كىسىلىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشقا پايدىلىق بولىدۇ.

ئېغىرلىقىمىز(كىلوگرام) نى بوي ئىگىزلىكىمىز(مىتىر)نىڭ كىۋادراتىغا بۆلسەك تەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى چىقىدۇ. مەسىلەن ئېگىزلىكى 1.6مىتىر ،ئېغىرلىقى 58كىلوگرام بولسا تەن ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى 22.66بولىدۇ.

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى كۆكتات، مېۋىلەرنى،تالالىق يىمەكلىكلەرنى كۆپ يىيىشى كىرەك. كالتىسىنى يىتەرلىك قوبۇل قىلىش ئۈچۈن كۈندە سۈت ئىچىش؛ تاتلىق ،مايلىق يىمەكلىكەرنى كۆپ يىمەسلىك؛ بېلىقنى كۆپ يەپ بىرىش لازىم.

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى جىددىلىشىش، چارچاش، بېسىمدىن ئېھتىيات قىلىىش كىرەك ،كۈندە كىچىككىنە ئىككى پارچە قارا شاكىلات (كاكائو مىقدارى يۇقىرى) يەپ بەرسە ياخشى ئۈنىمى بولىدۇ.

  ئىسىمگە كەلگەنلىرى مۇشۇلاركەن ، كەم قالغان جايلىرىنى داۋاملىق تولۇقلاپ تۇراي   \"\"

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 09:21:38

بىر- بىرىدىن ئېسىل ئىنكاسلار بىلەن تېمامنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىۋەتكەن دوستلارغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت.

نۇسرەتنىڭ يۇقىرىقى ئىنكاسى بېسىپ چىقىرىپ ھەر بىر ئائىلىگە تارقىتىپ، تېمىگە چاپلاتقۇزغىدەك پايدىلىق ئىدى. مۇشۇ كۈنلەردە دېئابىت، قان قويۇقلۇق دېگەندەك كېسەللەر ئائىلە ئاتلاپ دېگۈدەك بار، لېكىن مېنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىمدىن ئۆتكۈزگىنىم شۇ بولدىكى، كۆپىنچە كىشىلەر ئۆز قولى بىلەن كېسەل بولۇۋاتقىنىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىكەن، يېمەكلىكنى تەڭشەشتىن بەكرەك دورا بىلەن كونترول قىلىشقا كۈچەيدىكەن.

\"\"
بەت: 1 2 3 4 [5] 6
: ناشتىلىق ھەققىدە- «كۈننىڭ بېشى سەھەردىن»