melek يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 14:40:42

مەنمۇ ئەتىگەنلىك ناشتىغا پەقەت كۆڭۈل بۆلمەيمەن ، قورسىقىم ئاچمامدۇ ياكى ئاچقاننى سەزمەمدىم ئىشقىلىپ ناشتا قىلىدىغان  كۈنلىرىم بەك ئاز.

ئەگەر سىز تونۇشتۇرغاندەك ئاندا ئېسىل ناشتىلىقلار بولسا مەن چوقۇم بەك سەھەر تۇراتتىم  

\"\"  ئەمدى دىققەت قىلسام بولغۇدەك ، ئۇزاق قالماي سەتلىشىپ دەزمال سالغۇدەك بولۇپ كەتمەي يانا .

راست مۇشۇ تېمىنى توختاتماي ھەم گۈل ھەكىم ئىيتقاندەك بالىلار ئۈچۈن ئۇششاق چۈششەك يىمەكلىك تەييارلاش رىسالىسى ھەققىدىمۇ ئ.ىزدىنىپ ئىلكىتاپ قىلىپ چىقساق بوپتىكەن

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 14:57:55

25- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ ئەتىگەنلىك ناشتىغا پەقەت كۆڭۈل بۆلمەيمەن ، قورسىقىم ئاچمامدۇ ياكى ئاچقاننى سەزمەمدىم ئىشقىلىپ ناشتا قىلىدىغان كۈنلىرىم بەك ئاز.

ئەگەر سىز تونۇشتۇرغاندەك ئاندا ئېسىل ناشتىلىقلار بولسا مەن چوقۇم بەك سەھەر تۇراتتىم

ئەمدى دىققەت قىلسام بولغۇدەك ، ئۇزاق قالماي سەتلىشىپ دەزمال سالغۇدەك بولۇپ كەتمەي يانا .

راست مۇشۇ تېمىنى توختاتماي ھەم گۈل ھەكىم ئىيتقاندەك بالىلار ئۈچۈن ئۇششاق چۈششەك يىمەكلىك تەييارلاش رىسالىسى ھەققىدىمۇ ئ.ىزدىنىپ ئىلكىتاپ قىلىپ چىقساق بوپتىكەن

كېيىنچە سەمىرىپ كەتمەي، ئۇرۇق، زىلۋا تۇراي دېسىڭىز، ئەتىگەنلىك ناشتىغا بەك دىققەت قىلىڭ. سەھەر ناشتا قىلغان ئادەم تېز قېىرىپ كەتمەيدۇ.\"\"

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 15:02:21

ما تېمىنى ماڭغا ئوخشاش ناشتىغا پەقەت ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ياغاچ قۇلاق ھورۇنلار كۆرسە بولغۇدەك . بولمىسىغۇ بەك ئۇقىمەن ناشتىنىڭ مۇھىملىقىنى  . ھەي.................خېرىداربىلەن بازارغا چىققان كۈنىدىن باشقا كۈنلەردە ، ئانچە ناشتا قىلمايمەن . پەقەتلا قىلمايمەن دىسەممۇ بولىدۇ . يۈزۈم قىزىىپ كەتتى مە گەپنى دەپ بولغۇچە ....

melek يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 15:07:49

24- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل




بەزىدە ناشتىدا كۆڭلىمىز سويۇق نەرسە تارتىپ قالسا، بىر كۈن ئاۋال قاينىتىپ قويغان سۆڭەك شورپىسىغا مەرجىمەك (ئۇششاق قىزىل پۇرچاق) ياكى تارخانا ئۇنى سېلىپ ئۇماچ ئېتىمەن.



دىلئارا ھەدەمنىڭ ماۋۇ گېپىنى كۆرمىسەم مەرجىمەكنى ھازىرغىچە يۇمغاقسۇت ئاش كۆكى دەپ يۈرەتتىم






Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 15:11:41

يولدىشىممۇ ئۆيدە تۇرمىسىلا ناشتىغا تازا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ،يالغۇز ناشتا قىلىش خۇشياقمايدىكەن دەيدۇ ،كۆپرەك سىرتتا يۈرۈيدۇ ،شۇڭا ئۇنىڭغا ھەرخىل مېغىزلارنى پوستىنى سويۇۋېتىپ ،ئۇششاق سوقۇپ تالقان قىلىپ بەزىدە سوقماق ياساپ ئەپلىك پوتۇلكىغا ئېلىپ ،سومكىسىغا سېلىپ قويىمەن  .ئۆيدە ناشتا قىلىش قولايسىزلار سىناپ باقساڭلار بولىدۇ .

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 15:22:32

رەھمەت سىزگە Dilruba سىڭىلچاق! ئالتۇن تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. مەن مۇشۇ ناشتىغا تازا ئەھمىيەت بەرمەيتتىم. ناشتا قىلمىسا، چۈشلۈك تاماقنى يېمەك بەك تەس كېلىدىكەن.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 15:30:00

28- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل  

دىلئارا ھەدەمنىڭ ماۋۇ گېپىنى كۆرمىسەم مەرجىمەكنى ھازىرغىچە يۇمغاقسۇت ئاش كۆكى دەپ يۈرەتتىم






\"\"


بۇ مەرجىمەك دېگەن نەرسىنى (ئۇششاق پۇرچاق ياكى ماش)  تۈركلەر بەك كۆپ يەيدۇ، kırmızı mercimek, yeşil mercimek دەيدىغان تۈرى بار. مەرجىمەك چوربىسى (ئۇماچ) ئېتىش ئاسان.


\"\"


\"\"



melek يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 16:10:16

31- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

28- قەۋەتتىكى melekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل  

دىلئارا ھەدەمنىڭ ماۋۇ گېپىنى كۆرمىسەم مەرجىمەكنى ھازىرغىچە يۇمغاقسۇت ئاش كۆكى دەپ يۈرەتتىم






\"\"


بۇ مەرجىمەك دېگەن نەرسىنى (ئۇششاق پۇرچاق ياكى ماش)  تۈركلەر بەك كۆپ يەيدۇ، kırmızı mercimek, yeşil mercimek دەيدىغان تۈرى بار. مەرجىمەك چوربىسى (ئۇماچ) ئېتىش ئاسان.


\"\"


\"\"



رەھمەت ئەمدى بىلىۋالدىم ، بارىش مانچونىڭ مۇشۇنداق بىر ناخشىسى بولىدىغان




aytarim يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 16:13:38

ئادەتتە مەنمۇ ناشتىسىز سىرتقا چىقمايمەن، لىكىن كۈندىلىك ناشتىلىقىمىز بەكلا ئاددى، ئاساسلىقى شۇ نان-چاي، دىلىمىز تارتىپ قالسا بەزىدە سۈت ئەكىرىپ ئىچىمىز. ياڭاق، باداملارنى ئۆيدىن ئۈزۈپ قويمايمىز، باشقىلارغا ئەتىگەندە ئۇنداق تۈجۈپىلەپ ناشتا قىلىش خوشياقمايدۇ، مەن نازا ناننى چىلاپ،ئۈستىگە ئىككى تال ياڭاقنى چېقىپ، مېغىزىنى ئارلاشتۇرۇپ شۇنداق ھوزۇر بىلەن ئىچىپ كېتىمەن چاينى، ھې ھې ....

تىمىدىكى ۋە ئىنكاسلاردىكى ناشتىلىق تەييارلاش ئۇسۇللىرىنى بىر ئۆگىنىپ قويسام بولغۇدەك، شارائىتىمىز يار بەرسە مەنمۇ بىر كۈنلەردە غەربچە ناشتىلىقلارنى تەييارلاپ سىناپ باقارمەن.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 16:20:22

ھەسەل ۋە ئۇماچ قاتارلىقلارغا ئائىت مۇھىم بايانلار ئۇنتۇلۇپتىكەن، تەھرىرلەپ قوشۇپ قويدۇم.

سۆيۈملۈك تورداشلار، كەشتە تىككەن داستىخانغا نان -چاي تىزغان ئۇيغۇرچە ناشتىلىق سۈرىتىنى توردىن تاپالمىدىم، شۇڭا مۇشۇلارنى چىقىرىپ تۇرغان، تەخسىگە چىرايلىق تىزىپ چىقىرىپ قويسىلا چەتنىڭ بولۇپ قالمايدۇ. نان- بولكا، مېۋە- چېۋە، قاق- يېمىش دېگەن نەدە بولمىسىمۇ بار، يوليار «بىزنىڭ مېۋە- چېۋىلىرىمىزنى يازماپسىز» دەپتۇ، بولسا بېغىڭىزدا پىشقاننى، يۇرتىڭىزدا ئۆسكەننى يەڭ، «ئىمپورت قىلغان مېۋە بولمىسا ھېساب ئەمەس» دېگەن تەشەببۇس يوققۇ تېمىدا \"\" مەن تىزغان نەرسىلەر ئىچىدە ھېچقايسى يۇرتتىن تېپىلمايدىغان نەرسىمۇ يوق.

ھازىرقى كۈندە تاماق يېيىشنىڭ پەقەت قورساق تويغۇزۇشلا ئەمەسلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئوزۇقشۇناسلار بولسا مۇتلەق كۆپ قىسىم كېسەللىكنىڭ يېمەكلىك سەۋەبىدىن بولىدىغانلىقىنى، ھەم يەنە شۇنداق كېسەللىكلەرنى ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق داۋالاپ چىقىشقا بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ، ئىلىم دېگەن مەيلى چەتئەللىككە، مەيلى ئۇيغۇرغا... كىمگە بولسا ئورتاق نەرسە، شۇڭا «چەتئەللىكنىڭ نەرسىسىكەن» دەپ توغرا بولغان كۆز قاراشلارغىمۇ زىيادە سېزىمچان بولۇپ كەتسەك قاملاشمايدۇ، ئىلمىي بولايلى.

ئەلۋەتتە، مەن بۇ تورداشلارنىمۇ توغرا چۈشىنىمەن، شۇنداق ھېس قىلدىمكى، بىر ئادەمنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى ئۇنىڭ ئانىسىغا بىۋاستە باغلانغان بولىدىكەن، ھەر كىمنىڭ ئانىسى ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ ئەقىللىق ۋە دانا، شۇ سەۋەبتىن ئانىلىرىمىزنىڭ ھەر قانداق خاتالىق- ئەيبلىرى (ئەگە بار بولسا) دىن قاچقان، تىلغا ئېلىنىشى ۋە ئەيبلىنىشىدىن رەنجىگەندەك، ئانىمىز مېھىر بىلەن بىر قوشۇق- بىر قوشۇقتىن يېگۈزۈپ چوڭ قىلغان تاماقلىرىمىزنى «يامان» دېگىمىز، ئوزۇقلۇق ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتكىمىز كەلمەيدىكەن. دەل مۇشۇ نۇقتا ئانىنىڭ بىر ئائىلىدىكى رولىنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىنى، بالىلىرىنىڭ ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

چەتئەللىكلەرنىڭ ھەممىسىلا مەن تېپىپ چاپلاپ قويغان سۈرەتلەردىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ كەتمەيدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئوزۇقلۇق ئادىتى ئىنتايىن ناچارلار، ئۆيدە ئاش ئېتىش دېگەننى پەقەتلا بىلمەيدىغان، تەييار يېمەكلىك بىلەنلا جان باقىدىغان، سىرتتا، يىغىلىشلاردا ئاندا- مۇندا رەسمىي كەچلىك تاماق يەپ سالمىسا، تولا چۈچۈگەن مايدا قىزارتقان ياڭيۇ قەلەمچىسى بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغانلار بار، لېكىن بىر ياخشى يېرى ساغلام يېمەكلىك ھەققىدىكى تەشەببۇس، كىتاب- ژۇرناللار كۆپ ئۇچرايدۇ، تاماق ئېتىشكە دائىر تېلىۋېزىيە پروگراممىلىرى كۆپ، ھەتتا مەكتەپلەردە بالىلار ئۈچۈن ئاشپەزلىك دەرسلىرى تەسىس قىلىنغانىكەن، دېمەك پۈتۈن جەمئىيەت ساغلام ئوزۇقلىنىشنىڭ تەخىرسىز مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.

يۇقىرىقى سۈرەتلەرنى بىر- بىرلەپ تىزىپ چىقىشىمدىكى مەقسەت- كۆپىنچە ئائىلىلەردە ناشتىلىقتا بىر خىللىق مەۋجۇت ۋە ياكى رايون خارەكتېرلىك ئوزۇقلىنىش ئادىتى سەۋەبىدىن بولغان چەكلىمە مەۋجۇت. بىراق ئادەم بەدىنى ھەر خىل ئوزۇقلۇقلارغا ئېھتىياجلىق، شۇنى تورداشلارنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇش.



قانداق بولغاندا بەدىنىمىز بىز ئېھتىياجلىق بولغان يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشكەن بولىدۇ؟

بۇنى ھېسابلاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى: بىر كۈندە يەۋاتقان نەرسىمىزنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندا 5 خىل رەڭلىك بولۇۋاتقانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىر كۈندە ئىستىمال قىلغان كۆكتات، مېۋە- چېۋىلەر 400 گرامدىن كەم بولماسلىق. بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ گۆش، ئۇن- گۈرۈچتىن پەرقلىنىدىغان يېرى قانچە كۆپ يېسىڭىزمۇ كېسەل بولمايسىز، يېگەنسىرى ساغلام بولىسىز. بۇلارنى بىر كۈننىڭ قانداق ۋاقتىدا يېسىڭىز بولىدۇ، بىزدە ناشتىلىققا كۆكتات يەيدىغان ئادەت بار، ئەمما مېۋە ئۇنچە ئومۇملاشمىغان، مۇھىم ناشتىلىقلار قاتارىغا تىزىپ قويۇشۇمنىڭ سەۋەبى شۇ.

كۆكتات پىشۇرغاندا قانچە بوش پىشۇرسىڭىز، نامۇۋاپىق تائام تەييارلاش ئۇسۇللىرى بىلەن ئوزۇقلۇق تەركىبىنى يوقىتىۋەتمىسىڭىز شۇنچە ياخشى، مايدا چۈچۈتكەن يېمەكلىكنىڭ يېمەكلىكنىڭ «ئەخلەت يېمەكلىك » دەپ قارىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇ، بولۇپمۇ بازار- ئاشخانىلاردىكى ئەتىگەندىن- كەچكىچە قايناپ تۇرىدىغان بىر قازان مايدا چۈچۈتكەن يېمەكلىكلەر جان ئالغۇچى ئەزرائىلدۇر، يۈرەك كېسەل، جىگەر راكى... بەزى خوجايىنلارنىڭ ئۇ ماينى نەچچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

داۋامى بار.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 16:31:59

ناننى ھەسەلگە مىلەپ يەيدىغان ئېسىل بىر ناشتا قىلىش ئادىتىم باتتى، ئەجەپ تاشلىۋالدىم دېسە \"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 16:36:41

ھە راس بىر سورىۋالاي، ھەسەل ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا بۇزۇلامدۇ؟ ناشتىلىقنى قازا قىلىدىغان ئىشنى ئادەت قىلىۋالغىنىمدىن بېرى، بىرزاتتىن ئەكەلدۈرگەن ئىككى قۇتا ھەسەل بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى، بۇزۇلدىمۇ؟ ھەسەل بۇزۇلسا قانداق بىلىمىز؟ بىلىدىغانلار دەپ بېرىڭلا، بۇزۇلمىغان بولسا مۇشۇ تېمىنىڭ شاپائىتى بىلەن، ناشتىنى باشلىۋالاي. بۇزۇلغان بولسىمۇ باشلىۋالايا بولدى  {:92:}

dilara يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 16:48:17

@goodluck، ھەسەل دېگەن ئاسانلىقچە بۇزۇلمايدۇ. بەش-ئالتە يىل بولغان ھەسەلنى ئەينەك شېشە قۇتىدا ئاغزىنى ئىتىپ ساقلىغان بولسىڭىز، خاتىرجەم يەۋېرىڭ. لېكىن تۆمۈر قوشۇق ئىشلەتمەي ياغاچ قوشۇق ياكى چىنە، سۇلياۋ قوشۇق ئىشلىتىڭ. ھەسەل تەركىۋىدە تۆمۈر بىلەن رىئاكسىيەلىشىدىغان بىر ماددا بارمىش. تۆمۈر بىلەن ئۇچراشسىلا خېمىيەلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلارمىش.

ھەسەلنى قانچە ئۇزۇن ساقلىسىمۇ بۇزۇلمايدۇ، پەقەت ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەيدۇ دەيدىكەن ئۇزۇقلۇقشۇناسلار.

sevinch يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 17:16:33

ما تىمىنى ۋاقىت چىقىرىپ ئايرىم كۆرۇپ ھەر كۇنگە ئوخشىمىغان ناشتىلىق تەييارلىسىام بولغۇدەك،دىلرۇبا ھەدە،خورما ھەدە،گۇلھەكىم ھەدە،دىلارە ھەدە ئاللاھ  سىلەردىن رازى بولسۇن.

يەكشەنبە كۇندىن باشقا ۋاقىتتا ئەستايىدىل ئولتۇرۇپ ناشتا قىلىمىز ئىككىمىز.

مەن بەزىدە 燕麦片,بەزى كۇنلىرى توخۇم پوشكال بەزى كۇنلىرى،بانان تورىت، سوغۇق سەي بىلەن نان تەييارلايمەن.سۇت بىلەن ھەسەل,تۇخۇم ،بادام دىگەندەكلەر ھەر كۇن بار.لىكىن سۇت سەل جىق بوپ كەتسىلا يولدىشىمنىڭ ئىچى سۇرۇپ بىئارام قىلىدۇ.بەلكىم سۇت سوغۇق يەللىك بولغاچقا شۇنداق بولامدىكىن.بولسا مۇشۇ سۇتنىڭ يەللىك خۇسۇسىيىتىنى قانداق قىلغاندا ئەڭ تۆۋەن چەككە چۇشۇرگىلى بولىدۇ شۇنى دەپ بەرسەڭلەر.

ئالدىنقى بىر مەزگىل يولدىشىمنىڭ تاپشۇرىقى بويىچە ھەر كۇن ئەتتىگەن يا قورىماي سۇيۇق ئاش ياكى بولمىسا شوگۇرۇچ قىلىپ بىر ئايدىن ئاشقاندا ئىسسقى ئىشىپ كىتىپ نەچچە كۇن ياتتى شۇنىڭدىن بۇيان ئەتتىگەندە تاماق قىلمايمەن،

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 17:44:57

شېكەرنىڭ زىيىنى نېمە؟

بەزى كىشىلەر ئەتىگەنلىك تاماقنى تاتلىق- تۈرۈملەر، مۇراببالار بىلەن يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىزگە ئايان. ئانا سۈتى تاتلىق، دېمەك ئادەم تۆرىلىشىدىنلا تاتلىق يەپ چوڭ بولغان، بەلكىم شۇڭا بىر ئۆمۈر تاتلىقتىن مېھرىمىزنى ئۈزەلمەيدىغاندىمىز. لېكىن ھەر بىر قوشۇق شېكەرنى كاپ ئەتكىنىڭىزدە بەدىنىڭىزدە قانداق ئۆزگىرىش، زەرەرلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

شېكەرنىڭ كالورىيىسى ئىنتايىن يۇقىرى، لېكىن بەدەنگە زۆرۈر بولغان باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بەرمەيدۇ، قورسىقىڭىزنى ئاسانلا تويغاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ، ئەمەلىيەتتە سىز ئاچ. شۇ سەۋەب باشقا نەرسىنى كۆڭلىڭىز تارتمايدۇ، لازىم بولغان ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەيسىز. ئاخىرىدا بېرىپ ئارتۇق قوبۇل بولغان كالورىيە تۈپەيلى سەمىرىسىز- يۇ، لېكىن پۇت- قولدا جان يوق. \"\"



ئەگەر سىز زۆرۈر بولغان بارلىق ماددىلارنى تولۇقى بىلەن يەۋاتقان بولسىڭىز، ئارتۇق شېكەر يەۋالسىڭىز بولامدۇ؟

جاۋاب: بولمايدۇ. شېكەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ساختا كالورىيەدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىلەرگە ئېرىشىسىز:

1. شېكەر بەدەننىڭ ئىممۇنت كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ. شۇ سەۋەبلىك باكتېرىيە سىزنى كۆپ بوزەك قىلىدۇ، ياللۇغلىنىش خارەكتېرلىك كېسەللەردىن خالىي بولالمايسىز.

2. ئۆسۈپ - يېتىلىش ھورمۇنلىرىنىڭ نورمال تەرەققىياتىنى چەكلەيدۇ.

3. ماي، كراخمال قاتارلىق باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭمۇ بىر قىسىمى قەنتكە ئايلىنىدۇ، لېكىن شېكەر بىۋاستە قەنتدۇر. شۇ سەۋەبلىك قاندىكى شېكەر ماددىسى زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان ھەر خىل كېسەللەردىن خالىي بولالمايسىز.

4. شېكەر يەنە بەدەندىكى ئىنسۇلىن مىقدارىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ.



ئۇنداقتا شېكەر بىزگە زادىلا لازىم بولمايدىغان نەرسىمۇ؟

جاۋاب: ياق، بەدىنىمىزدە، قېنىمىزدا ئازراقمۇ شېكەر قالمىسا شەرتسىز ئۆلىمىز. قان شېكىرى تۆۋەنلىكىگە ئەڭ سەزگۈر بولغان ئورگان- مېڭىمىزدۇر. نېرۋىنىڭ سىگنال بىر تەرەپ قىلىشى ۋە ھورمۇنلارنىڭ خىزمىتى دەخلى- تەرۇزگە ئۇچرايدۇ.



ئۇنداقتا بەدىنىمىز قانچىلىك مىقداردىكى شېكەرگە مۇھتاج؟

بىر كۈنلۈك ئېنىرگىيە (كىلو جوئۇل) نىڭ 10- 12 پىرسەنتىگىچە بولسا مۇۋاپىق. نورمال ئەھۋالدا بىر ئايال بىر كۈندە 8000 كىلو جوئۇل ئوزۇقلۇققا مۇھتاج، ئۇنداقتا بۇ ئايال 50 گرام شېكەر ئىستېمال قىلسا يېتەرلىك، ئەر كىشى 12000 كىلو جوئۇل ئوزۇقلۇققا مۇھتاج دېسەك، ئۇنداقتا 70 گرام شېكەر يېتەرلىك. كۈندىلىك يېمەكلىكلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىنىڭ قەنت تەركىبى بولىدۇ، مەسىلەن: 125 مىللىلىتىرلىق بىر ئىستاكان سۈتتە 6 گرام قەنت بولىدۇ، ئالما، ئاپلېسىن قاتارلىق مېۋىلەردە بولسا 5 گرام ئەتراپىدا، ئىككى قوشۇق ماروژنىدا 10 گرام... دېمەك بىز يەۋاتقان يېمەكلىكلىرىمىز بىلەنلا بەدىنىمىز ئېھتىياجلىق بولغان شېكەرگە ئېرىشىپ قالىمىز، شۇڭا ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئارتۇقچە شېكەر ئىستېمال قىلىۋېلىشىمىزدىن ئېھتىيات قىلمىقىمىز لازىم.

ئارىلاپ يېيىلىپ قالسا مەيلى، ئەمما ھەر كۈنكى ناشتىغا مۇراببا ۋە پېچىنە- پرەنىك يېيىش سالامەتلىككە زىيانلىق.


( كېرەكلىك شېكەر مىقدارى ۋە ئوزۇقلۇق كالورىيەسىگە ئائىت مەزمۇنلار http://www.ahm.com.au/content/showpagenum.asp?page=9782 دىن ئېلىندى، باشقا قىسىمى ھەر يەر- ھەر يەردىن)



داۋامى بار.

malchi يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 17:49:12

مېنىڭ ناشتىلىقىم

بىر تال تۇخۇم،بىر قاچا شىفەن ياكى ئۇماچ،بىر توغرام نان

5tash يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 17:52:43

فەچەت ناشتىلىق تەييار قىلىدىغان خاتۇندىن بىرنى بەرگەيسەن ئاللاھىم \"\"

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 18:48:55

بەلەن يازما بوپتۇ، ۋەدىڭىز ئېسىمدە بار ئىدى، رەھمەت سىزگە! \"\"

ئاللاھ خالىسا يېقىندا تويۇمنى قىلىپ قالسام، جاناننى ئىزدىنىشقا باشلاپ كەلگەندە تۇنجى بولۇپ مۇشۇ تېمىنى كۆرسىتىمەن.

\"\"

تېمىدىكى بەزىلىرىنى ئۆزۈم قىلالايدىكەنمەن، لېكىن بويتاقچىلىقتا ئادەم بەك ھورۇنلىشىپ كىتەمدۇ، خوشياقمايدىكەن. ھازىر كۈندە دېگۈدەك ئۆزۈم پىشۇرغان بولكا، تۇخۇم، بازاردىن ئالغان سۈت بىلەن، ئېسىمگە كەلگەندە يۇرتنىڭ ياڭاق-باداملىرىنىمۇ قوشۇپ ناشتا قىلىۋاتىمەن. يامان يېرى ئىشخانىغا بېرىپ ناشتا قىلىشقا كۆنىۋالدىم، سەككىز يېرىمدىن بۇرۇن. ئۆيدە يالغۇز ناشتا قىلىشقا كۆنەلمىدىم، ناشتا قىلىۋېتىپ ئۆيدىكىلەرنى سېغىنىپ قالىدىكەنمەن...

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 18:52:46

sevinch@

كالا سۈتى -ئۇيغۇر تىبابىتىدە ھۆل سوغۇق دەپ قارىلىدىكەن .سۈتكە ئازراق زەنجىۋىل(تەبىئىتى ئىسسىق) ،ئازراق شېكەر(بەزىلەر ھەسەل ئىشلىتىدىكەن) سېلىپ ئىچىپ باقسۇن .ھىندىستانلىقلار دائىم شۇنداق ئىچەتتى ،Indian tea دەپ .

قورىماي ئەتكەن سۇيۇق ئاش بىلەن شوۋىگۈرۈچ ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە تەبىئىتى سوغۇققا مايىل دەپ قارىلىدىغان تاماق. شۇڭا يولدىشىڭىزغا بۇ تاماقلارنىڭ ئىسسىق كەلگەن بولىشى ناتايىن.
بەت: 1 [2] 3 4 5 6
: ناشتىلىق ھەققىدە- «كۈننىڭ بېشى سەھەردىن»