tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 11:56:46

@nusrat ۋە @Dilruba دەك ماشتاق ئېسىل دوستلار بار ئەمەسمۇ! ئىنشااللاھ، ئەجرىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن! دوختۇر، ئاشپەز... خېلى جېق كەسپلىك بوپ قالىدىغان بولدۇم...  \"\"

5tash يوللانغان ۋاقتى 2012-7-5 12:05:10

96- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@Tabassum ھەر قانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدىغان يامان سودىگەر- دە ھە؟ ئېلان بېرىۋالدى مانا مۇشۇ باھانىدە... \"\" تونۇش بولغاندىن كېيىن ئەرزان بىرەرسىز ئاۋۇلارنى ئالسام... \"\"

توي قىلدىغان يىگىتنى باشلاپ كىلىڭ ئاۋال. تويلاغا سوغات ئاپىرىشلا باغۇ، \"\"

istanbul يوللانغان ۋاقتى 2012-7-11 15:59:39

مەنمۇ بۇ ناشتا ئىشىغا بەك ئەھمىيەت بەرمىسەم بولمايدىغان بولدى ئەمدى...

جانابى مۇنبەر پىرلىرى تېمىنى قانداق شەكىلدە ساقلىۋالسا ئەپلىك تاپقىلى بولىدۇ؟  {:106:}

faeza1 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-19 15:33:57

بۇ ناشتىلىق تىمىسىنى كۆرۈپ ، ئۆزەمنىڭ يىمەك ئىچمەك بىلىملىرىمنىڭ كەمچىللىكىنى ھىس قىلىۋاتىمەن . مىنىڭچە ناشتىلىق تەييارلاش ھەرقانداق بىر ئايال كىشىنىڭ ماھىر ، ئەپچىل ھەم ئۇزۇقلۇق بىلىملىرى مول بۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ . ھەرقانداق بىر ئايال كىشىنىڭ مول يىمەك ئىچمەك تەڭشەش بىلىملىرى بۇلۇشى كېرەك . نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئۇزۇقلۇق بىلىملىرى كەمچىل ، تەڭشەپ يىيىشنى بىلمەي گاڭگىرايدۇ . دائىم دوختۇرخانىغا يۈگرەپ دورا يەپ ، ئوكۇل سالدۇرىدۇ . مۇشۇ تىمىدىكى نۇرغۇن ئىنكاسلاردىن جىق بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇۋالدىم . مەن دەپ باقاي دىسەم تورداشلار ئوتتۇرىغا قويمىغان تەرەپلەر يوقكەن .

  مەن ئاتەش يۇرتى تۇرپاندا . بىز ئادەتتە يازدا 40،50گرادۇسلۇق ئىسسىقتا ياشايمىز . كۈندە قانچىلىك ئۇسسۇزلۇق ئىچىدىغىنىمىزنى بىلمەيمىز . شۇ ئىسسىققا چىدىماي قۇغۇن تاۋۇزنى بەك جىق يەيمىز . شۇ ئىسسىقتا گۆش پولو يىسەكمۇ ئىسسىق كەتمەيدۇ . ئاڭلىشىمچە كەچتە ئۇخلاشتىن 2 سائەت بۇرۇن تاماق ھەم ئىچىملىك ئىچسە بەدەنگە زىيانلىقكەن . لېكىن مۇشۇنداق ئىسسىقتا بىز يېرىم كىچىدىمۇ ئۇسساپ ئۇيغىنىپ كىتىپ ، مۇزلىتىلغان چاي ياكى قايناقسۇ ئىچىمىز . مۇشۇنداق قىلساق بەدىنىمىزگە زىيانلىقمىدۇ؟ لېكىن ئىچمىسەك ئۇسسۇزلۇققا چىدىيالمايمىز؟ مۇشۇ توغرىسىدا بىلىدىغانلار تەلىم بەرگەيسىلەر!

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-7-20 03:14:21

102- قەۋەتتىكى faeza1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

ئادەتتە بىز ئىچكەن سۇ تېرە، نەپەس، بۆرەك، ئۈچەي ئارقىلىق تەن سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. تۇرپاننىڭ 40،50 گىرادۇس ئىسسىقىدا توختىماي تەرلەپ تۇرغاچقا يوقىتىدىغان سۇمۇ كۆپ بولىدۇ. كۆپ ئۇسساش ۋە كۆپ ئۇسسۇزلۇق ئىچىش نورمال ،ئادەتتە ئۇسساش ھېس قىلغاندىن كىيىن ئاندىن سۇ ئىچسەك كىچىككەن بولىمىز، ئۇسسىمىساقمۇ سۇنى كۆپ ئىچىپ تۇرىشىمىز لازىم. كۈنلۈك سۇ مىقدارىمىز بىر لىتىردىن بىر يېرىم لىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، ياكى تەن ئېغىرلىقىمىزغا 30مىللىلىتىرنى كۆپەيتىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ. ھاۋا ھەرقانچە ئىسسىق بولسىمۇ توڭلاتقۇدا توڭلىتىپ قويغان سۇنى ياكى مۇزدەك ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك كىرەك. توڭلاتقۇدىن چىققان مۇزدەك سۇنى ئىچكەندە بىرىنچىدىن چىشنى ئاندىن تال بىلەن ئاشقازاننى ئاندىن قان ئايلىنىش سېستىمىسىنى زەخىملەيدۇ؛ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسىغىمۇ بەك زىيانلىق. پىژغىرىم ئىسسىقتا سۇنى ئالدى بىلەن بىر يۇتۇم ئىچىپ ئېغىزنى ھۆلدىۋېلىش ئاندىن يەنە بىر يۇتۇم ئىچىش ئاندىن سىلىق داۋاملاشتۇرۇش كىرەك؛ بىر كۈن ئۇسساپ ئاندىن بىرەر بوتۇلكا سۇنى گۈپۈلدىتىپ ئىچۋېتىشكىمۇ بولمايدۇ. كىچىك بالىلار گەرچە كۆپ ئۇسسىسىمۇ بىراق ئۇلارغا سۇنى ھەددىدىن كۆپ بىرىشكە بولمايدۇ، مۇزلۇق ئىچىملىكلەرنى تېخىمۇ بىرىشكە بولمايدۇ.

ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىككى يۇرتۇم سۇ ئىچىشكە بولىدۇ بىراق سۇنى كۆپ ئىچىپ ئۇخلىغاندا بۆرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كىتىپ ئىشىش كۆرىلىدۇ.

paxagul يوللانغان ۋاقتى 2012-8-2 17:17:42

2- قەۋەتتىكى jahangerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئورنۇمدىن قۇپاپلام قايناقسۇغا ھەسەل تەڭشەپ ئىچىمەن. مۇشۇ بەك ياخشى ئادەتمىكىن دەيمەن.

ھەي بۇ رىتسىپ؛ار ناھايتى ياخشى ئىكەن بۇندىن كىين مەنمۇ دىققەت قىلسام بولغۇدەك

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2012-8-2 18:52:28

تاماق ئېتىشنى تېزرەك ئۆگىنىۋالسام  بولاتتى... ھەرخىل،ھەر تۈرلۈك تاماقلارنى ئوخشىتىپ ئېتىپ كەتسەم نېمىدېگەن پەيزى ئىش بولاتتى ھە بۇ دۇنيالىقىمدا \"\"\"\"

مومكىن بولسا ئۆي ئىشلىرى ۋە تاماق ئېتىش جەھەتتە كورىيەگە ئوخشاش مۇنتىزىم تەربىيەلەيدىغان ئورۇنلار بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى بىزگە ئوخشاش ھېرىسمەنلەر بېرىپ قانغۇچە ئۆگىنىپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرمۇشنى ھەم گۈزەللىكنى سۆيىدىغان، ئۈستەل سەنئىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاشتۇرالايدىغان بولساق بەك ياخشى بولاتتى.

afifiya يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 15:27:50

خەتكۈچ!

ساقلىۋىلىپ بۇندىن كېيىن ناشتىلىقنى تېخىمۇ مول تەييارلىسام بولغۇدەك، مەنمۇ ناشتىلىققا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيتتىم. ئەتىگەندە ناشتا قىلىشتىن ئۇيقۇ راھەت بىلىنەتتى، ئاپام ناشتىلىقنى قىزىغىدا ، تەملىك ۋاقىتتا قىلىڭ دېسە، مەن ئۇيقۇ تېخىمۇ راھەت دەپ ۋاقتىدا قىلمايتتىم......

نەدە ئىشەنچىلىك توخۇ تۇخىمى باردۇ....يەرلىك توخۇلارنىڭ توخىمى بولغان بولسا بەك بەلەن بولاتتى.........

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-9-26 16:26:01

@afifiya

ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز ،خابا مەسچىتنىڭ يېنىدا يېمى ئىشەنچلىك تۇخۇم بار ئىكەن گەرچە يەرلىك تۇخۇم بولمىسىمۇ .
بەت: 1 2 3 4 5 [6]
: ناشتىلىق ھەققىدە- «كۈننىڭ بېشى سەھەردىن»