muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 18:56:28

دىلرۇبا، ئاۋۇ شېكەر ھەققىدىكى بايانلارنى كۆرۈپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم.

مەن ناشتىدىمۇ بەزىدە بولكىغا ھەسەل سۈركەيمەن. چايغا، قەھۋەلەرگە 2 تال قەنت سالماي ئىچمەيمەن(بۇ قەنتلەر كىچىكىمىزدىكى قەنتلەردىن خېلى كىچىك). ئاۋۇ بولكىنىڭ خېمىرىغىمۇ شېكەر، سۈت قوشىمەن.

بۇنداق بولغاندا بەك زىيادە بولۇپ كەتمەس ھە؟

قەنتتىنلا بىر كۈندە تۆت تال يەيدىكەنمەن. بولكا، سۈتلەردىكى شېكەر باشقا. يېقىندىن بېرى تاماق مىقدارىم ئازلاۋاتقاندەك قىلىدۇ بولمىسىا.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 18:59:22

42- قەۋەتتىكى Tabassumنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

فەچەت ناشتىلىق تەييار قىلىدىغان خاتۇندىن بىرنى بەرگەيسەن ئاللاھىم \"\"  

مەن بۇ يەردە ئەگەشكەچ ئازراق تولۇقلىما قىلىۋالاي، ئالماقچى بولغان خاتۇنۇمنى فەچەت ناشتىلىق تەييارلايدىغان قىلىپ بەرگەيسەن ئاللاھىم\"\"


muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 19:03:41

39- قەۋەتتىكى sevinchنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



.لىكىن سۇت سەل جىق بوپ كەتسىلا يولدىشىمنىڭ ئىچى سۇرۇپ بىئارام قىلىدۇ.بەلكىم سۇت سوغۇق يەللىك بولغاچقا شۇنداق بولامدىكىن.بولسا مۇشۇ سۇتنىڭ يەللىك خۇسۇسىيىتىنى قانداق قىلغاندا ئەڭ تۆۋەن چەككە چۇشۇرگىلى بولىدۇ شۇنى دەپ بەرسەڭلەر.





ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سۈتنىڭ سوغۇقىنى بېسىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ئىسسىتىپ، ئاندىن بەكرەك ئىسسىقلىق ھەسەللەردىن كۆڭلى كۆتۈرگەنچە قوشۇپ ئىچسە بولىدۇ. بۇنى ماڭا تەجرىبىلىك بىر تېۋىپ تەۋسىيە قىلغان، مەن شۇنداق قىلىمەن. بۇرۇن قىشتىمۇ سوغۇق سۈتنى ئىچىۋېرىپ سۆڭەكلىرىممۇ ئاغرىپ كەتكەن، كېيىن بىلسەم سۈتنى سوغۇق ھالەتتە ئىچىۋەرسە بەكلا سوغۇق كېلىدىكەن.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 19:22:26

گۈلھەكىم تىلغا ئالغان ئۇششاق يېمەكلىكلەر توغرىسىدا مەنمۇ جىق نەرسە بىلىپ كەتمەيمەن، يەنىلا شەخسىي تەجرىبەمنى سۆزلەي:

ئۆزەم بالىلىقىمدىن ئۇششاق يېمەكلىككە بەك ئامراق ئەمەستىم، بالىلىرىممۇ مېنى دوراپ قالدى، ماگىزىندىن بەك كۆپ بىر نەرسە ئېلىپ بېرىپ كەتمەيمەن، يەسلىگە ئېلىپ بارىدىغان چۈشلۈك تاماق قاچىسىغا سېلىپ بېرىش ئۈچۈن ماگىزىندىن سېتىۋالغان بىر- ئىككى پىرەنىككە قوشۇپ، ئۆيدە تەييارلىغان يېمەكلىكلەرۋە قېتىق- مېۋىلەرنى سېلىپ بېرىمەن، تاماقنى چوقۇم تۈگىتىپ يەپ بولۇشىنى، مېۋىلەرنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقنى، ھەممىنى يەپ بولسا پېچىنىنى يېيىشنى ئېيتىمەن. قىزىممۇ شۇ بويىچە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇ ئارقىلىق قىزىمغا نېمە مۇھىم، نېمە بەك مۇھىم ئەمەس دېگەن ئۇقۇمنى سىڭدۈرىۋاتىمەن دەپ ئويلايمەن. بۇ يەردە بالىلارنىڭ تاماق قاچىسىغا ياخشى تاماق سېلىپ بەرمىسەك، مۇئەللىم :«بالا يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ» دەپ پىكىر بېرىدۇ. ياڭيۇ قېقى، شاكىلات، كەمپۈت دېگەندەك نەرسىلەرنى بېرىشكە بولمايدۇ.

بالىلارنىڭ ئۇششاق يېمەكلىككە ئۆزىنى بەك ئۇرۇشىنى چەكلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىدىن بىرى بالىنىڭ ئاساسلىق تامىقىنى كۆپ خىل، رەڭدار قىلىش. بىر خىل تاماقنى دائىم تەكرارلىماسلىق، ياخشى كۆرمىگەن تامىقىغا بەك مەجبۇرلىماي ۋە ياكى بەرمەيلا قويماي، شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ۋە ياقتۇرىدىغان تاماقلار بىلەن قورسىقىنىمۇ، كۆزىنىمۇ تويغۇزغاندا ئاندىن قوشۇمچە نەرسە يەيدىغان يامان ئادەتتىن ئاستا- ئاستا قول ئۈزىدۇ، ياكى يېسىمۇ ئازراق يەيدۇ. مەن ئادەتتە بىر ئەتكەن تاماقنى ئىككى ھەپتىگىچە قايتا تەكرارلىماسلىقنى پىرىنسىپ قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ئەلۋەتتە، بۇنى قىلماق تەس، ئۇزۇن مەزگىل توختىماي بىلىم ئاشۇرۇشقا، توردىن ئاختۇرۇشقا، بىر- ئىككى خىل تائام ژۇرنىلىغا مۇشتەرى بولۇشقا توغرا كېلىدۇ، ۋاقتىڭىز چىققان زامان يېڭىچە تاماقنى سىناپ كۆرۈڭ. كىتابلاردىكى تاماقلارنىڭ ياخشى يېرى- كۆپ ۋاقت كەتمەيدۇ. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە جاھاندىكى تاماقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قول تۇتىدىغان ۋە ئەتمەك تەس بولغىنى- ئۇيغۇرچە تاماقلار، بۇنى قىلالىغان بىر ئۇيغۇر ئايال باشقا ھەر قانداق تاماقنى قىلالايدۇ.

توردىكى ماقالىلەرنى ئوقۇپ، يۇرتىمىزدا بالىلارنىڭ ئۇششاق يېمەكلىككە ئامراق بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبىنىڭ باشقا بالىلارنى دوراش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم. بۇ ئەلۋەتتە، مەن دۈچ كېلىپ باقمىغان بىر ئەھۋال، شۇڭا ئارتۇق سۆزلەشكە سالاھىيىتىممۇ يوق. بەلكىم بالا بىلەن ئاتا- ئانا ئوتتۇرىسىدا ياخشى چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، بالىغا ئۇنداق قىلىشنىڭ خاتالىقى ھەققىدە تەربىيە قىلىش ياخشى ئامال بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.

توردا بالىلارغا پىشۇرۇپ بېرىدىغان يېمەكلىكلەر ھەققىدە نۇرغۇن رىسالىلەر بار، مەنمۇ ژۇرناللاردىن ئانچە- مۇنچە يىغقان، ۋاقتىمىز چىققاندا شۇلارنى بىر- بىرلەپ مۇنبەرگە تۆكۈشەرمىز.

ئېيتماقچى بولغان مۇھىم بىر مەزمۇننى ئېنىق ئىپادىلىيەلىدىممۇ يوق، بىلمىدىم: ئۇششاق يېمەكلىك دېسىلا بازاردىكى تەييار يېمەكلىكلەرنى ئويلىشىمىز ھاجەتسىز. ئۆيدىكى تاماقلارنىمۇ ئۇششاق يېمەكلىك قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: ئۇششاق بالىلار تەييار چۆپكە ئامراقكەن، شۇڭا مەن لەغمەن ئەتسەم، بالىلار ئۈچۈن چۆپنى ئىنچىكە سوزۇپ، زەيتۇن مېيىدا قورۇپ، ئۈستىگە كۆكتات سېلىپ بېرىمەن. لېكىن سەينىڭ سۈيىنى قۇيمايمەن. بۇنى بالىلىرىم ياخشى كۆردى. گۈرۈچ دۈملىسەم يۇمشاقراق دۈملەپ، ئىسسىق ۋاقتتىلا كىچىك كومۇلاچ ياساپ قويىمەن (ياپوننىڭ بىر ئاچچىقسۈيى بار، بۇ گۈرۈچنى تېخىمۇ يېپىشقاق قىلىدۇ، ئادەتتىكى ئاق ئاچچىقسۇغا ئازراق شېكەر قوشۇش ئارقىلىقمۇ بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ)، سوۋۇغاندا تۇتسا گۈرۈچ كومۇلىچى بۇزۇلمايدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا يەنە گۆش ۋە كۆكتاتلارنى قوشۇپ بېرىمەن.

بېلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى قىسقا بامبۇك زىقلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.

مېغىز قىيمىلىق بەزى تاماقلارمۇ بالىلارنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 19:35:20

45- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىلرۇبا، ئاۋۇ شېكەر ھەققىدىكى بايانلارنى كۆرۈپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم.

مەن ناشتىدىمۇ بەزىدە بولكىغا ھەسەل سۈركەيمەن. چايغا، قەھۋەلەرگە 2 تال قەنت سالماي ئىچمەيمەن(بۇ قەنتلەر كىچىكىمىزدىكى قەنتلەردىن خېلى كىچىك). ئاۋۇ بولكىنىڭ خېمىرىغىمۇ شېكەر، سۈت قوشىمەن.

بۇنداق بولغاندا بەك زىيادە بولۇپ كەتمەس ھە؟

قەنتتىنلا بىر كۈندە تۆت تال يەيدىكەنمەن. بولكا، سۈتلەردىكى شېكەر باشقا. يېقىندىن بېرى تاماق مىقدارىم ئازلاۋاتقاندەك قىلىدۇ بولمىسىا.

مۇزدالا، بىر گرام قەنتنىڭ ئېنىرگىيەسىنى 16 كىلو جوئ‍ۇل دەپ ھېسابلاپ تۇرۇپ يەڭ، كۈندە ھېسابلىغانسىرى ئاز يەيدىغان بولىسىز.


ئاق شېكەردىن قارا شېكەر، قارا شېكەردىن ھەسەل ساغلام. مۇمكىن بولسا ئۆز- ئارا ئورنىغا دەسسىتىپ ئىشلىتىپ سىناپ كۆرۈڭ.


muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 19:51:10

رەھمەت ھەدە، قارا شېكەرمۇ بولىدىغان ئامالكەن.

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 20:27:27

كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بەزى ئەتىگىنى ئىزىلىپ-سوزۇلۇپ يېتىپ ئاندىن گىمناستىكىغا يېرىم سائەت قالغاندا غىپلا قاچاي دىسەم ئاپام تۇتىۋالاتتى، كىچىكىپ قالسام بالىلارنىڭ ئالدىدا مۇئەللىم تەنقىتلىسە سەت تۇرىدۇ ئاپا،مۇشۇ بىر قېتىملا دەپ يالۋۇرساممۇ ئۇنىماي تاماقنى يىگۈزۈپ ئاندىن يولغا سالاتتى. كىيىنمۇ تېلىفون قىلساملا ئاپام ئەتىگەنلىك تاماقنى ۋاقتىدا يىيىشنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى،ھېچبولمىسا ھەسەل چېلىپ ئىچىۋېلىشنى تاپىلايتتى. مومامنىڭ دەپ بىرىشىچە بۇرۇنقى كىشىلەر ئەتىگەنلىك تاماققا بەك ئېتىبار بىرىدىكەنتۇق، ئاچارچىلىق ۋاقىتلاردا بوۋايلار ھېچبولمىسا تامنىڭ توپىسىنى قىرىپ كاپ ئېتىۋالاتتىكەن.

     يۇقىرىقى قەۋەتلەردە بەك ياخشى ئىنكاسلار چۈشۈپتۇ، مەنمۇ ئۆزەم بىلگەنلىرىمنى دەپ باقاي:



    كىچىچە زەربىدار ھالەتتە تۇرىدىغان يۈرەك، قان تومۇر سېستىمىمىز بىلەن نەپەس سېستىمىمىز نۇرغۇن ئېنىرگىيىنى سەرپ قىلىپ بولىدۇ، قاندىكى گىلوكۇز مىقدارى تۆۋەنلەپ دەرھال تولۇقلاشقا مۇھتاج بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل ئەتىگەنلىك تاماق يىمىسەك ئەڭ ئالدى بىلەن تۆۋەن قەنتلىك قان كىسىلى كىلىپ چىقىدۇ. بېشىمىز ئاغرىپ، دىققىتىمىزنى يىغالمايمىز، ئىش خۇشياقمايدۇ، مىجەزىمىزمۇ ئوساللىشىپ كىتىدۇ، ئىختىيارسىزلا بەدەن-بېشىمىز ئېغىر،روھىمىز چۈشۈك ھالەتتە تۇرىمىز،يۈرەك سوقۇش تېزلىشىپ كۆز قاراڭغۇلىشىدۇ ھەتتا تېنى ئاجىزراق قىزلار ئايلىنىپ كىتىشى مۇمكىن. ناشتا قىلمىغان ۋاقىتتا نۇرغۇنىمىز بىلىپ-بىلمەي ئۇنى-بۇنى يەپ سالىمىز،قىلچە ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق، خىمىيىلىك ماددىلار ھەددىدىن زىيادە قوشۇلۇپ ياسالغان تەييار يىمەكلىكلەرنى يەۋىرىپ قانداق سەمىرىپ كەتكىنىمىزنىمۇ بىلمەيلا قالىمىز. ئىككىنچىدىن: يۈرەك ،قان-تومۇر سېستىمىمىز ئۇزۇن مەزگىل بېسىملىق ۋە يۈكى ئارتىش ھالىتىدە تۇرغاچقا يۈرەكتىن، قان تومۇرلاردىن كىسەللىك كىلىپ چىقىدۇ. خولېستېرول ۋە ئارتىرىيە توسۇلۇش كىلىپ چىقىدۇ. ئۈچىنچىدىن: داۋاملىق ناشتا قىلمىساق نېرۋىمىز ئاجىزلايدۇ. نېرۋا سېستىمىمىزدىكى نېرىپ ئۇچلىرى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان، نېرۋا دولقۇنلىرىنى تارقىتىش ۋەزىپىسنى ئۆتەيدىغان خىمىيىلىك ماددىدىن(neurotransmitter ) ئاساسلىقى ئۈچى بولۇپ ئۇلار: دوپامىن(dopamine) \"\"ماتور\"\" ، نورادىرېنالىن(noradrénaline)\"\"تېزلەتكۈچ\"\" ،سېروتونىن(sérotonine) تورمۇز . بۇ ئۈچىدىن دوپامىن ئەتىگەندە ئەڭ جانلىق ھالەتتە بولىدۇ، ئىككىنچىسى پۈتۈن كۈنلۈك خىزمەتتە، سېروتونىننىڭ خىزمىتى چۈشتىن كىيىن بەشتىن باشلاپ كۈچىيىدۇ...قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا  بۇ ئۈچ توشۇغۇچى نېرۋا خىزمىتى ۋە فىزىكىلىق ساغلاملىقىمىزدا بەك مۇھىم رول ئۆتەيدۇ، بىز ئەتىگەنلىك تاماقنى ياخشى يىگىنىمىزدىلا ئاندىن بۇ ئۈچىنىڭ خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلالايمىز. تۆتىنچىدىن: تاماق يىمەي ئاشقازان سۇيۇقلىقى ئاجرىلىپ چىقىۋەرگەندىن كىيىن ئاشقازاننى غىدىقلاپ مەيدە ئېچىشىش، كۆيۈشۈپ ئاغرىش ،قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشقاندا ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسى كىلىپ چىقىدۇ. بەشىنچىدىن : ئەتىگەنلىك تاماق يىمىگەندە ئۆت سۇيۇقلىقى يىغىلىۋېلىپ چىقىپ كىتەلمىگەنلىكتىن قويۇقلىشىپ ياللۇغ پەيدا  قىلىدۇ، ئاندىن ئۆت سۇيۇقلىقى داۋاملىق قويۇلۇپ ئۆتتە تاش پەيدا بولىدۇ. ئۆت سۇيۇقلىقى يىغىلغاندىن كىيىن ئۆت غول نەيچىسى توسۇلۇپ جىگەرنى زەخىملەيدۇ، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالتىنچىدىن: ئىممۇنىت سېستىمىسى قالايمىقانلىشىپ ،قارشىلىق كۈچىمىز ئاجىزلاپ ئاسانلا زۇكام بولۇپ قالىدىغان؛ ئۇششاق كىسەللەردىن بېرى كىلەلمەيدىغان بولۇپ قالىمىز. ئۇزۇن مەزگىللىك مېتابولىزىم قالايمىقانلىشىشتىن كىيىن ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ دىئابىت كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. ھازىر يەنە ئۇزۇن مەزگىل ناشتا قىلمىغاندا راك كىسىلى بولۇش نىسبىتى ئاشىدۇ دەۋاتىدۇ بىراق بۇنىڭغا كەسكىن دەلىل قويۇلمىدى. ھامىلدار ئاياللار ناشتىغا ئەھمىيەت بەرمىسە بوۋاقتا يېرىم ياشلار ئەتراپىدا ئاسانلا تەمرەتكە پەيدا بولۇپ قالىدىكەن.

     ئىشقىلىپ ناشتا قىلمىغان ۋاقتىمىزدا كىسەل بولۇشقا باشلىدىم دەپلا ئويلىساق بولىدىكەن. ناشتىنى قىلغاندىمۇ بەدەنگە زۆرۈر ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلماي ئۇزۇن مەزگىل مايلىق، تاتلىق، كىراخماللىق يىمەكلەرنى يەۋەرسىمۇ؛ گازلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىۋەرسىمۇ كىسەللىك كىلىپ چىقىدىكەن.

    ئادەتتە بەدىنىمىز كۈندە ئېھتىياجلىق بولىدىغان كالورىيەنى ھېسابلايدىغان تۆۋەندىكىدەك فورمۇلا بار:

   ئەرلەر:  E = 66,5 + (13,8 x m) + (5 x h) - (6,8 x a

   ئاياللار:       E = 655,1 + (9,6 x m) + (1,9 x h) - (4,7 x a

فورمۇلادىكى  mماسسا بىرلىكى كىلوگرام،  h ئىگىزلىك بىرلىكى سانتىمىتىر،  aياش.  بۇنى ھېسابلاپ چىققاندىن كىيىنكى بىرلىك كىلوكالورىيە بولىدۇ. بىر كىلوكالورىيە 4.1868 كىلوجولغا تەڭ بولىدۇ.  

مەسىلەن 30 ياشلىق بىر ئايال ،ئىگىزلىكى 165 سانتىمىتىر،ئېغىرلىقى 55كىلوگرام  بولسا بۇ ئايال كۈندە كىرەك قىلىدىغان  ئېنىرگىيە 1350كىلوكالورىيە، 5645كىلوجول بولىدۇ؛ئەگەر ھامىلدار ئايال بولسا ياكى ئۆسۈۋاتقان بالىلار بولسا  110كىلوكالورىيەنى قوشۇپ بىرىمىز. ئەتىگەنلىك تاماقتىن كىلىدىغان ئىنىرگىيە پۈتۈن كۈنلۈك ئىنىرگىينىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ يەنى يۇقىرىقى ئايالنىڭ ناشتىدىن قوبۇل قىلىدىغان ئېنىرگىيىسى 337.5 كىلوكالورىيە بولىدۇ.

كۈندە زۆرۈر ئوزۇقلۇقلار مىقدارى ئادەتتە تۆۋەندىكىچە :

1.ئاقسىل : ئەرلەرگە 60دىن 90گىرامغىچە، ئاياللارغا 54دىن 66گىرامغىچە؛ بىر ياشتىن توققۇز ياشقىچە بالىلارغا 22دىن 66گىرامغىچە، ئون ياشتى 19ياشقىچە بالىلارغا 78دىن 92گىرامغىچە.

2. كىراخمال: كۈنلۈك ئېھتىياجلىق كىلوكالورىيەنىڭ 50دىن 55پىرسەنتىگۈچىلىك بولسا بولىدۇ. كۈنلۈك ئېھتىياجلىق بولىدىغان كىلوكالورىيەنى سەككىزگە بۆلىۋەتسەك قانچە گىرام كىراخمالغا ئېھتىياجلىق بولىدىغىنىمزنى ھېسابلىيالايمىز، بۇ سانغا 25نى قوشۇپ بىرىپ مۇشۇ دائىرىدىن ھالقىپ چىقىپ كەتمىسەكلا بولىدۇ. نورمال بەدەن ئېغىرلىقى بار بىر ئادەمنىڭ كۈنلۈك كىراخمالىنىڭ چېكى تەخمىنەن 250دىن 275گىرام بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە: قەنت ئارقىلىق قوبۇل قىلىدىغان مىقدار ئومۇمى كىراخمالنىڭ 10پىرسەنتىدىن ئارتىپ كەتمەسلىكى كىرەك. ئادەتتە ئوزۇقلۇقلار مۇۋازىنىتىنىڭ بۇزۇلىشى دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.

3.سۇنى كۈندە بىر لېتىردىن بىر يېرىم لېتىغىچە ئىچسەك بولىدۇ.سۇنى بەك ئاز ئىچكەندە ئاجراتما سېستىمىسى بىلەن ئايلىنىش سېستىمىسىنىڭ نورمال خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ لېكىن بەك كۆپ سۇ ئىچكەندە تۆۋەن ناترىيلىق سۇدىن زەھەرلىنىش يۈز بىرىپ ھاياتىمىزغا خەۋپ يىتىشى مۇمكىن.

4. تۇز ۋە مېنرال ماددىلار: بەدىنىمىزدىكى 22خىل مېنرال ماددىلار نورمالدا تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىش جەريانىدا يىمەكلىكتىن تەبىلا تەڭشىلىپ كىتىدۇ.

5.ۋىتامىنلار: ۋىتامىن ئا، ب گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىن س د ئې، ۋىتامىن ك، ۋىتامىن ppلار ئادەتتە ئەتىگەنلىك تامىقىمىزدىكى سۈت، تۇخۇم، پۇرچاق تۈرىدىكى يىمەكلىلەر، بۇغداي،قوناق،مېۋە قاتارلىقلار بىلەن تولۇقلىنىدۇ.

بۇندىن باشقا يەنە تالالىق يىمەكلىكلەر بار.تالالىق يىمەكلىكلەر ھەزىمنى ياخشىلايدىغىنى ۋە بەدەننى ۋىتامىنلار بىلەن تەمىنلەيدىغىنى ئۈچۈن كۆپ يىيىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ .

6. مايلار: ئادەتتە كۈنلۈك قوبۇل قىلىش مىقدارى 70گىرام ئەتراپىدا دەپ قارىلىدۇ ھەمدە ھايۋانات مېيىغا قارىغاندا ئۆسۈملۈك مېيىنى يىيىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. ئۆسۈملۈك مېيى ئىچىدە ياخشىلىرى زەيتۇن مېيى ۋە قىچا مېيى بىر قەدەر ياخشى مايلار دىيىلىۋاتىدۇ.

ئەگەر ئوزۇقلۇقلارنى بولۇپمۇ كىراخمال بىلەن ماينى ئېھتىياجدىن كۆپ يىگەندە بەدەندە يىغىلىپ سىمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېنىمىزدىكى  ئوزۇقلۇقلار تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلغاندىن ھەر قايسى سېستىمىلارنىڭ نورمال خىزمىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ دىئابىت،خولېستېرول،ئارتىرىيە قېتىش،ئارتىرىيە توسۇلۇش، تاجىسىمان يۈرەك كىسىلى قاتارلىق  ھەرخىل كىسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.



ئەتىگەنلىك تاماققا ئاساسەن سۈت مەھسۇلاتىدىن(سۈت، قېتىق، قۇرت) بىر كىشىلىك؛ ئاشلىق تۈرىدىكى تاماقلاردىن بىر كىشىلىك، مەسىلەن : نان(بۇغداي نېنى، قوناق نېنى، ئارپا نېنى)، ئۇماچ( زاغرا ئۇماچ ياكى شوۋىگۆرۈچ)؛ بىر خىل مىۋە(پۈتۈن مىۋە ياكى ئاز مىقداردا مىۋە بۇرابباسى ياكى مىۋە قېقى، مىۋە سۈيى)؛ ئىچىملىك (سۇ، ئەتكەن چاي، قەھۋە، چاي)  بولسا مۇۋاپىق بولامدىكىن . ئەتىگەندە مايلىق كۆك قورۇپ يىيىش، چىلىغان كۆكلەرنى يىيىش، تۈگكەن تائاملارنى يىيىشنى تازا مۇۋاپىق دەپ قارىمىدىم.

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 20:46:13

45- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىلرۇبا، ئاۋۇ شېكەر ھەققىدىكى بايانلارنى كۆرۈپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم.

مەن ناشتىدىمۇ بەزىدە بولكىغا ھەسەل سۈركەيمەن. چايغا، قەھۋەلەرگە 2 تال قەنت سالماي ئىچمەيمەن(بۇ قەنتلەر كىچىكىمىزدىكى قەنتلەردىن خېلى كىچىك). ئاۋۇ بولكىنىڭ خېمىرىغىمۇ شېكەر، سۈت قوشىمەن.

بۇنداق بولغاندا بەك زىيادە بولۇپ كەتمەس ھە؟

قەنتتىنلا بىر كۈندە تۆت تال يەيدىكەنمەن. بولكا، سۈتلەردىكى شېكەر باشقا. يېقىندىن بېرى تاماق مىقدارىم ئازلاۋاتقاندەك قىلىدۇ بولمىسىا.

++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++


يېشىڭىز ،بوي ئىگىزلىكىڭىز، ئېغىرلىقىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز كۈنلۈك شىكەر مىقدارىنى ھېسابلاپ باقايمۇ ؟

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 20:47:41

15-بىلەتنى باسقان . ئەلا بولماپتىغۇ ؟  

ناشتا دېگەننى ئۇنتۇپ قالغىنى ئۇزۇن بوپتۇ  \"\"

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 20:50:21

ئەمدى بوپتۇ  \"\"

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 21:05:59

\"\"53- قەۋەتتىكى UyghurBalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

15-بىلەتنى باسقان . ئەلا بولماپتىغۇ ؟  

ناشتا دېگەننى ئۇنتۇپ قالغىنى ئۇزۇن بوپتۇ  \"\"





ئىككەيلەن بىر كۆرۈشۈپ قۇيىلى . ناشتا قىلمايدىغان ھورۇنلاركەنمىىز ..


خوتۇننىڭ نوچىسى ،ئەكىرگەن سەيگە لەپپىدە بىر قارىۋىتىپ ،  كومپىيوتۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر بەيدۇ قىلىپلا يىڭى سەپ قورۇپ ئەكىلىدىغان خوتۇن .




muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 21:26:40

52- قەۋەتتىكى nusratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

45- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىلرۇبا، ئاۋۇ شېكەر ھەققىدىكى بايانلارنى كۆرۈپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم.

مەن ناشتىدىمۇ بەزىدە بولكىغا ھەسەل سۈركەيمەن. چايغا، قەھۋەلەرگە 2 تال قەنت سالماي ئىچمەيمەن(بۇ قەنتلەر كىچىكىمىزدىكى قەنتلەردىن خېلى كىچىك). ئاۋۇ بولكىنىڭ خېمىرىغىمۇ شېكەر، سۈت قوشىمەن.

بۇنداق بولغاندا بەك زىيادە بولۇپ كەتمەس ھە؟

قەنتتىنلا بىر كۈندە تۆت تال يەيدىكەنمەن. بولكا، سۈتلەردىكى شېكەر باشقا. يېقىندىن بېرى تاماق مىقدارىم ئازلاۋاتقاندەك قىلىدۇ بولمىسىا.

++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++


يېشىڭىز ،بوي ئىگىزلىكىڭىز، ئېغىرلىقىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز كۈنلۈك شىكەر مىقدارىنى ھېسابلاپ باقايمۇ ؟



سىزنى ئاۋارە قىلارمەنمۇ؟


27 ياش، 180 سانتا، 72 كىلو. ئازراق سەمىرىۋالسام بولاتتى.

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 21:53:31

56- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

52- قەۋەتتىكى nusratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

45- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىلرۇبا، ئاۋۇ شېكەر ھەققىدىكى بايانلارنى كۆرۈپ سەل ئەنسىرەپ قالدىم.

مەن ناشتىدىمۇ بەزىدە بولكىغا ھەسەل سۈركەيمەن. چايغا، قەھۋەلەرگە 2 تال قەنت سالماي ئىچمەيمەن(بۇ قەنتلەر كىچىكىمىزدىكى قەنتلەردىن خېلى كىچىك). ئاۋۇ بولكىنىڭ خېمىرىغىمۇ شېكەر، سۈت قوشىمەن.

بۇنداق بولغاندا بەك زىيادە بولۇپ كەتمەس ھە؟

قەنتتىنلا بىر كۈندە تۆت تال يەيدىكەنمەن. بولكا، سۈتلەردىكى شېكەر باشقا. يېقىندىن بېرى تاماق مىقدارىم ئازلاۋاتقاندەك قىلىدۇ بولمىسىا.

++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++


يېشىڭىز ،بوي ئىگىزلىكىڭىز، ئېغىرلىقىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز كۈنلۈك شىكەر مىقدارىنى ھېسابلاپ باقايمۇ ؟



سىزنى ئاۋارە قىلارمەنمۇ؟


27 ياش، 180 سانتا، 72 كىلو. ئازراق سەمىرىۋالسام بولاتتى.


++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++



42.25 گىرام شىكەر چىقتى،كىچىك قوشۇقتا ئون قوشۇقچە كىلەمدىكىن،  بۇ كۈنلۈك ئومۇمى شىكەرنى كۆرسىتىدۇ؛ سىز چايغا سالغان،ئىچىدىغان مىۋە شەربىتى،ئىچىملىك  تەركىبىدىكى شىكەر ھەممىسى مۇشۇنىڭ ئىچىدە. ئادەتتە  33cl بىر قۇتا كوكا كولا ئىچسىڭىز 35گىرام تەخمىنەن يەتتە چاقماق قەنت يىگەنگە تەڭ بولىدۇ،بىر ئىستاكان ئاپلىسىن شەربىتىدىكى قەنت تەخمىنەن 25گىرام يەنى بەش چاقماققا باراۋەر، بىر ئىستاكان مۇزلۇق چايدىكى قەنت ئۈچ چاقماققا باراۋەر كىلىدۇ. بىر كۈندە ھەم ئىچىملىك ئىچىپ  چايغا ھەم خېمىرغا قەنت سالسىڭىز ئېنىقلا كۈنلۈك مىقداردىن ئېشىپ كىتىدۇ.




tursunxayar يوللانغان ۋاقتى 2012-6-23 22:16:20

34- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەسەل ۋە ئۇماچ قاتارلىقلارغا ئائىت مۇھىم بايانلار ئۇنتۇلۇپتىكەن، تەھرىرلەپ قوشۇپ قويدۇم.

سۆيۈملۈك تورداشلار، كەشتە تىككەن داستىخانغا نان -چاي تىزغان ئۇيغۇرچە ناشتىلىق سۈرىتىنى توردىن تاپالمىدىم، شۇڭا مۇشۇلارنى چىقىرىپ تۇرغان، تەخسىگە چىرايلىق تىزىپ چىقىرىپ قويسىلا چەتنىڭ بولۇپ قالمايدۇ. نان- بولكا، مېۋە- چېۋە، قاق- يېمىش دېگەن نەدە بولمىسىمۇ بار، يوليار «بىزنىڭ مېۋە- چېۋىلىرىمىزنى يازماپسىز» دەپتۇ، بولسا بېغىڭىزدا پىشقاننى، يۇرتىڭىزدا ئۆسكەننى يەڭ، «ئىمپورت قىلغان مېۋە بولمىسا ھېساب ئەمەس» دېگەن تەشەببۇس يوققۇ تېمىدا \"\" مەن تىزغان نەرسىلەر ئىچىدە ھېچقايسى يۇرتتىن تېپىلمايدىغان نەرسىمۇ يوق.

ھازىرقى كۈندە تاماق يېيىشنىڭ پەقەت قورساق تويغۇزۇشلا ئەمەسلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئوزۇقشۇناسلار بولسا مۇتلەق كۆپ قىسىم كېسەللىكنىڭ يېمەكلىك سەۋەبىدىن بولىدىغانلىقىنى، ھەم يەنە شۇنداق كېسەللىكلەرنى ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئارقىلىق داۋالاپ چىقىشقا بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ، ئىلىم دېگەن مەيلى چەتئەللىككە، مەيلى ئۇيغۇرغا... كىمگە بولسا ئورتاق نەرسە، شۇڭا «چەتئەللىكنىڭ نەرسىسىكەن» دەپ توغرا بولغان كۆز قاراشلارغىمۇ زىيادە سېزىمچان بولۇپ كەتسەك قاملاشمايدۇ، ئىلمىي بولايلى.

ئەلۋەتتە، مەن بۇ تورداشلارنىمۇ توغرا چۈشىنىمەن، شۇنداق ھېس قىلدىمكى، بىر ئادەمنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادىتى ئۇنىڭ ئانىسىغا بىۋاستە باغلانغان بولىدىكەن، ھەر كىمنىڭ ئانىسى ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ ئەقىللىق ۋە دانا، شۇ سەۋەبتىن ئانىلىرىمىزنىڭ ھەر قانداق خاتالىق- ئەيبلىرى (ئەگە بار بولسا) دىن قاچقان، تىلغا ئېلىنىشى ۋە ئەيبلىنىشىدىن رەنجىگەندەك، ئانىمىز مېھىر بىلەن بىر قوشۇق- بىر قوشۇقتىن يېگۈزۈپ چوڭ قىلغان تاماقلىرىمىزنى «يامان» دېگىمىز، ئوزۇقلۇق ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتكىمىز كەلمەيدىكەن. دەل مۇشۇ نۇقتا ئانىنىڭ بىر ئائىلىدىكى رولىنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىنى، بالىلىرىنىڭ ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

چەتئەللىكلەرنىڭ ھەممىسىلا مەن تېپىپ چاپلاپ قويغان سۈرەتلەردىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ كەتمەيدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئوزۇقلۇق ئادىتى ئىنتايىن ناچارلار، ئۆيدە ئاش ئېتىش دېگەننى پەقەتلا بىلمەيدىغان، تەييار يېمەكلىك بىلەنلا جان باقىدىغان، سىرتتا، يىغىلىشلاردا ئاندا- مۇندا رەسمىي كەچلىك تاماق يەپ سالمىسا، تولا چۈچۈگەن مايدا قىزارتقان ياڭيۇ قەلەمچىسى بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغانلار بار، لېكىن بىر ياخشى يېرى ساغلام يېمەكلىك ھەققىدىكى تەشەببۇس، كىتاب- ژۇرناللار كۆپ ئۇچرايدۇ، تاماق ئېتىشكە دائىر تېلىۋېزىيە پروگراممىلىرى كۆپ، ھەتتا مەكتەپلەردە بالىلار ئۈچۈن ئاشپەزلىك دەرسلىرى تەسىس قىلىنغانىكەن، دېمەك پۈتۈن جەمئىيەت ساغلام ئوزۇقلىنىشنىڭ تەخىرسىز مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.

يۇقىرىقى سۈرەتلەرنى بىر- بىرلەپ تىزىپ چىقىشىمدىكى مەقسەت- كۆپىنچە ئائىلىلەردە ناشتىلىقتا بىر خىللىق مەۋجۇت ۋە ياكى رايون خارەكتېرلىك ئوزۇقلىنىش ئادىتى سەۋەبىدىن بولغان چەكلىمە مەۋجۇت. بىراق ئادەم بەدىنى ھەر خىل ئوزۇقلۇقلارغا ئېھتىياجلىق، شۇنى تورداشلارنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇش.



قانداق بولغاندا بەدىنىمىز بىز ئېھتىياجلىق بولغان يېتەرلىك ئوزۇقلۇققا ئېرىشكەن بولىدۇ؟

بۇنى ھېسابلاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى: بىر كۈندە يەۋاتقان نەرسىمىزنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندا 5 خىل رەڭلىك بولۇۋاتقانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىر كۈندە ئىستىمال قىلغان كۆكتات، مېۋە- چېۋىلەر 400 گرامدىن كەم بولماسلىق. بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ گۆش، ئۇن- گۈرۈچتىن پەرقلىنىدىغان يېرى قانچە كۆپ يېسىڭىزمۇ كېسەل بولمايسىز، يېگەنسىرى ساغلام بولىسىز. بۇلارنى بىر كۈننىڭ قانداق ۋاقتىدا يېسىڭىز بولىدۇ، بىزدە ناشتىلىققا كۆكتات يەيدىغان ئادەت بار، ئەمما مېۋە ئۇنچە ئومۇملاشمىغان، مۇھىم ناشتىلىقلار قاتارىغا تىزىپ قويۇشۇمنىڭ سەۋەبى شۇ.

كۆكتات پىشۇرغاندا قانچە بوش پىشۇرسىڭىز، نامۇۋاپىق تائام تەييارلاش ئۇسۇللىرى بىلەن ئوزۇقلۇق تەركىبىنى يوقىتىۋەتمىسىڭىز شۇنچە ياخشى، مايدا چۈچۈتكەن يېمەكلىكنىڭ يېمەكلىكنىڭ «ئەخلەت يېمەكلىك » دەپ قارىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇ، بولۇپمۇ بازار- ئاشخانىلاردىكى ئەتىگەندىن- كەچكىچە قايناپ تۇرىدىغان بىر قازان مايدا چۈچۈتكەن يېمەكلىكلەر جان ئالغۇچى ئەزرائىلدۇر، يۈرەك كېسەل، جىگەر راكى... بەزى خوجايىنلارنىڭ ئۇ ماينى نەچچە كۈندە بىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

داۋامى بار.



نادىر تېما ئىچىدىكى نادىر ئىنكاسنىڭ داۋامىغا تەشنامىز. ھارمىغايسىز، دىلرۇبا!

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-6-24 05:32:38

ئۇششاق يېمەكلىك ھەققىدە

ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ قارىشىچە ،1-6 ياشقىچە بولغان مەزگىل ،بالىنىڭ ئەقىل-پاراسەت ۋە سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مەزگىلى ئىكەن .بۇ چاغدا بالىنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرى تېخى مۇكەممەل بولمىغاچقا ،چايناش ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى چوڭلارغا يەتمىگەچكە ،ئۇلاردا پارازىت قۇرت كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلىدىكەن .شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى كۆپ بولغاچقا ،ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل تاماقنى ياخشى يېمىگەندە ،ئاسانلا ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدىكەن .ھەتتا بالىنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك بەدەن شەكلىگە تەسىر قىلىدىكەن . شۇڭا كۈندە بالىغا 5 ۋاخ يېمەكلىك بېرىش ھەمدە يېمەكلىك تۈرىنىڭ مول بولىشىغا ،ئاسان ھەزىم قىلىنىدىغان بولۇپ ياسىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىكەن .لېكىن ،بالىغا 3 ۋاق تاماقنى يېگۈزۈشنىڭ ئۆزىمۇ ئاسان ئەمەس ،بىر قىسىم بالىلار تاماققا قارىغۇسى كەلمەي ،ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن بولغان ئۇششاق يېمەكلىك يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ .



بالىلارنىڭ ئۇششاق يېمەكلىككە ئۆزىنى بەك ئۇرۇشىنى چەكلەشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرىدىن بىرى بالىنىڭ ئاساسلىق تامىقىنى كۆپ خىل، رەڭدار قىلىش دەپ Dilruba بەك توغرا ئېيتىپتۇ .كىچىك بالىنى تاماقنى خۇشھاللىق بىلەن يەيدىغان قىلىش ئۈچۈن ،ئۇلارنىڭ فىزىئولۇگىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكىنى چۈشىنىش كېرەك .



نېمە ئۈچۈن بالىلار ئۇششاق يېمەكلىكنى ياخشى كۆرىدۇ ؟

ھازىرقى ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ ئورالمىسى ئىنتايىن چىرايلىق ،بالىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ،ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئىزدىنىپ ،بالىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كارتون ئوبرازلىرىنى ئورالمىغا ئىشلىتىدۇ .ئۇششاق يېمەكلىكنى چىرايلىق رەڭلەر بىلەن بويايدۇ .ئورالما قېپىنىڭ ئىچىگە كىچىك ئويۇنچۇق،چاپلىنىدىغان كارتون رەسىملىرىنى سېلىپ قويىدۇ .بۇ ئاماللار كىچىك بالىنىڭ پىسخىكىسىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ ،ئۇلار شۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىدۇ .

بالىنىڭ يېمەكلىكنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە بولغان تەلىپى يۇقىرى بولىدۇ .2 ياشلىق جىيەنىم ئېيىق شاكىلات دەپ تۈركىيە شۆلەننىڭ بىر شاكىلىتىنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ،يەپ باقسام تەمى باشقا شاكىلات بىلەن ئوخشاش ،ئۈلكەرنىڭ تۇخۇم شەكىللىك شاكىلاتىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ ،چۈنكى ئىچىدىن كىچىك ئويۇنچۇق چىقىدۇ ،تەمى ئادەتتىكىدەك ،جىيەنىمنى شاكىلاتقا ئامراقمىكىن دېسەم ،تەمى ئۇنىڭدىن ئېسىل ،سۈپەتلىك شاكىلاتلارغا قاراپمۇ قويمايدۇ ،بۇ بىر تېخى ئەمدىلا 2 ياشقا كىرگەن بالىنىڭ ئىنكاسى .(ھەپتىدە كىچىك 1 پارچىدىن ئارتۇق شاكىلات يېيىشىنى توسىمىز ،ئەمما چوڭ دادا ،چوڭ ئاپىلىرى قائىدىنى بۇزۇپ تۇرىدۇ ).ئەگەر يېمەكلىك بالىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالمىسا ،ئۇلار تاماق يېيىشنى ياقتۇرمايدۇ .شۇڭا بالىغا تاماقنى ئامالنىڭ بېرىچە چىرايلىق بېزەپ بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك .ھەرخىل رەڭلىك خۇرۇچلارنى ئىشلىتىشىمىز ،تاماقتىن بالا ياخشى كۆرىدىغان شەكىللەرنى چىقىرىپ بېرىشىمىز لازىم .

بالا قولى بىلەن بىرلا تۇتۇپ ئاغزىغا سالالايدىغان نەرسىلەرنى يېيىشنى ياختۇرىدۇ ،شۇڭا ھەر قېتىملىق ئاغزىغا سالىدىغان تاماقنىڭ ھەجىمىنى كىچىك ،بالىغا مۇۋاپىق قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك ،بالا ئۆزى بىر قېتىمدىلا يېيەلىگىنىدىن پەخىرلىنىدۇ .

بالىغا تاماق بېرىدىغان قاچىمۇ بالىنى جەلپ قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى .بالا ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدىكى ،بالا ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ،بالا ياقتۇرىدىغان ئوبراز بىر نەرسە يەۋاتقان كۆرۈنۈش بار قاچىلاردا تاماق بەرسەك ياخشى بولىدۇ .لېكىن قاچىنىڭ سۈپىتىنى چوقۇم ياخشى تاللاش كېرەك ،ئاسان چېقىلمايدۇ دەپ بالىغا كۆپىنچە سۇلىياۋ قاچىلارنى تاللىشىمىز مۇمكىن ،ئەمما بازاردىكى سۇلىياۋ قاچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆلچەمسىز ،بۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەك .

بالىغا يېمەكلىكنىڭ تۈرىنى ئاستا-ئاستا كۆپەيتىپ بېرىشىمىز لازىم ،بالىنى جەلپ قىلىدىغان ھېكايىلەر ئارقىلىق بىر قىسىم پايدىلىق يېمەكلىكلەرگە قىزىقتۇرىشىمىز لازىم .ئۆزەم توقۇۋالغان ئېيىقچاق سۈت ئىچىدىغان ھېكايە ،جىيەنىمنىڭ سۈت ئىچىشىگە خېلى تۈرتكە بولدى ،سەۋزە بەرمەكچى بولساق ،توشقاننىڭ سەۋزە يەيدىغان ھېكايىسىنى بىر ئېيتىۋېتىمىز ،خېلى ئۈنۈمى بولىۋاتىدۇ .





بالىغا قايسى يېمەكلىكلەرنى ساغلام ئۇششاق يېمەكلىك ھېسابلاپ بەرگىلى بولىدۇ ؟ئارىلاپ ئۇششاق يېمەكلىك بېرىش توغرا كېلىپ قالغاندا ،ئۆيدە قانداق ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى تەييارلىغىلى بولىدۇ ؟



مېۋە-چېۋە :شۇ پەسىلنىڭ ،شۇ يۇرتنىڭ مېۋىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا بېرىش .چىشى چىقمىغان بالا بولسا ياكى ئاسانراق ھەزىم بولۇشنى كۆزدە تۇتساق مېۋىنى ئېزىش ماشىنىسىدا ئېزىپ بەرسەك بولىدۇ .پەسىل ئاتلىغان مېۋىنى بەرمەسلىك كېرەك .(ھورمۇن مەسىلىسى)



قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە گازىر ،خاسىڭ(يەر ياڭىقى ) قاتارلىق مايلىق مېغىزلار: بۇ تۈردىكىلەرنى تاللىغاندا ئامال بار ئاپتاپتا تەبىئىي قۇرۇغان ،قورۇلمىغان ،تۇز ،ماي قوشۇلمىغانلىرىنى سېتىۋېلىشىمىز ،قاتتىق پوستلۇق مېۋىنىڭ مېغىزىنى بەرگەندە ،مېغىزنىڭ پوستىنى سويۇۋېتىشىمىزكېرەك ،بۇ تۈردىكىلەرنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش كېرەك ،بۇ تۈردىكىلەرنى پوستى سويۇۋېتىلگەندىن كېيىن ،بالىغا بىۋاستە بەرسەك ياكى ئاسانراق ھەزىم بولۇش كۆزدە تۇتۇلسا،سۇ بىلەن بىللە ئېزىپ ئىچىملىك قىلىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ .سوقماق ياساپ بەرسەكمۇ بولىدۇ.



مېۋە قاقلىرى : سېتىۋالغاندا رەڭگى ،شەكلى ئىسلىغان ياكى باشقا خىمىيىلىك تەركىب قوشۇلغانلاردەك چىرايلىق بولمىغان ،ئاپتاپتا ياكى شامالدا تەبىئىي قۇرۇغان ،ياكى فىزىكىلىق ئۇسۇلدا قۇرۇتۇلغان ،تۇز ،شېكەر ،خىمىيىلىك ماددا قوشۇلمىغان تەبىئىيلىرىنى سېتىۋېلىشىمىزلازىم . بازاردا سېتىلىۋاتقان بانان قېقى (香蕉片) دېگەندەكلەر ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا مايدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ ،ئەۋرەز مېيى ئىشلەتمەيدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز ،ھەم تەركىبىدىكى ماي ئېشىپ كېتىدۇ ، بۇنداقلارنى ئامال بار تاللىماسلىق لازىم . مېۋە قاقلىرى سېلىلۇزا ۋە مېنىرال ماددىلارنىڭ ،شۇنداقلا كالىي ،تۆمۈر قاتارلىقلارنىڭ ياخشى مەنبەسى .ئۈژمە قېقى بەكرەك تەۋسىيە قىلىنىدۇ . ئەمما بۇ تۈردىكىلەرنى كۈندىلىك شېكەر مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتمىگەن ئاساستا ئىستىمال قىلىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ .



بەرەڭگە ،تاتلىق بەرەڭگە ،كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى سۇدا پۇشۇرۇپ بېرىش .



قېتىق ،قۇرۇت قاتارلىقلار : قېتىقنى ئامال بار ئۆيدە ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلدا ئۇيۇتۇپ بېرىش ،پەقەت بولمىغاندا كىچىك تىپتىكى قېتىق ئۇيۇتۇش ماشىنىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ شۇنىڭدا ئۇيۇتۇپ بېرىش .



يۇقارقى ئۇششاق يېمەكلىكلەر تەبىئىي بولۇپ، باشقا ئاساسلىق تاماقلارغا مۇۋاپىق تەڭشەپ بەرسەك ،ھەرخىل ئوزۇقلۇقلارنىڭ تولۇقلىنىشىدا نىسبەتەن ئىجابىي رول ئوينايدۇ .



ئەمدى بالىغا بېرىش تەشەببۇس قىلىنمايدىغان ،بالىلار ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنىدىغان يېمەكلىكلەر بولسا ھەرخىل كۆپتۈرگۈچ ،چىرىشتىن ساقلىغۇچ ....دېگەندەك خىمىيىلىك تەركىبلەر قوشۇلغان ،قەنت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ كەتكەن يېمەكلىكلەر .ئامالسىز قالغاندا ،ئارىلاپ بىرە-بىر بېرىشكە توغرا كېلىپ قالغاندا ھەم ئامال بار ئۆيدە قىلىپ بېرىشكە تىرىشىشىمىز لازىم .ئۆيدە ياساش مۇمكىن بولغانلىرى :



ئىچىملىك تۈرىدىكىلەر : بازاردا سېتىلىۋاتقان ئىچىملىكلەرنىڭ بىر قىسمىنى شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىپ ئۆيدە ياسىغىلى بولىدۇ ،ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز ھايۋاناتلار باغچىسى يېنىدىكى يېمەكلىك خۇرۇچ دۇكانلىرىدىن ھەممە خۇرۇچلىرىنى سېتىۋالالايسىز ياكى توردىن ،ئەمما بۇ ئۇسۇل قەتئىي تەشەببۇس قىلىنمايدۇ .بالىلىرىغا كاربوناتلىق ئىچىملىك بېرىدىغان ئاتا-ئانىلارنى كۆپ ئۇچرىتىمەن ،بۇ بالىغا قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىك ،تەبىئىي ئىچىملىك ياساش ئۇسۇلى :

1.مېۋىنى سىقىش :مېۋە ئېزىش ماشىنىسى بولسا ئىش ناھايىتى ئاسان پۈتىدۇ ،ئېزىلگەن مېۋىنى سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈۋېتىپ بىۋاستە ياكى بالىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر ياكى ھەسەل قوشۇپ بەرسىڭىز بولىدۇ .ھەرخىل مېۋە ئىچىملىك رېتسىپلىرى توردا جىق مۇۋاپىق پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.بالىڭىز ياقتۇرسا كۆكتات قوشۇپ ئېزىپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ .مۇز پارچىسى سېلىپ ،مېۋىنى چىرايلىق كېسىپ بېزەپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ .

2. ئەنئەنىۋىي ئىچىملىك چۈلە

3. ئەنئەنىۋىي ئىچىملىك دوغاپ -ئۆيدە ئۇيۇتقان قېتىق بىلەن ،ھەسەلدىن پايدىلىنىپ ،توڭلاتقۇدا مۇز پارچىسى توڭلىتىپ ياساپ بەرسىڭىز بولىدۇ .

4.يېشىل چاينى سېرىق ناۋات بىلەن دەملەپ سوۋۇتۇپ قويسىڭىز بولىدۇ .(باشقا ھەرخىل گۈل چايلىرىنى ناۋات بىلەن دەملەپ تەمنى ئۆزگەرتىپ باقسىڭىز بولىدۇ)

5.ئۈرۈمچىدە سېتىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ ئەنجۈر قېقىنى (ئىشەنچلىك مەنبەدىن تەبىئىي ئاپتاپتا قۇرۇتۇلغان دەپ ئاڭلىدىم) ،قايناقسۇ قاينىتىپ ،تېمپىراتۇرا 70-80 سېلىتسىيە گرادۇسقا چۈشكەندە ،مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ،قايناقسۇغا چىلاپ قويۇپ ،تەمى چىقىپ سوۋۇغاندىن كېيىن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ .بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ياقتۇردى ،تەمى ياخشى چىقىدىكەن .شېكەر ،ھەسەل سېلىش ھاجەتسىز .

6. پۇرچاق سۈتى ياكى ھەرخىل مېغىزلاردىن ياسالغان سۈت : پۇرچاق سۈتى ماشىنىسىدا ياساش ئىنتايىن قولايلىق .بولمىسا يۇقىرى بېسىملىق قازاندا ئۇزۇنراق قاينىتىپ ئېزىش ئارقىلىق ياسىساقمۇ بولىدۇ .

7.چىلان شەربىتى : مۇۋاپىق مىقداردىكى چىلان بىلەن ناۋاتنى سۇغا سېلىپ يۇقىرى بېسىملىق قازاندا بىر سائەت ئەتراپىدا قاينىتىپ سوۋۇتۇپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ .ئادەتتىكى قازاندا قايناتساق ۋاقىت ئۇزۇنراق كېتىشى مۇمكىن .(خورمىنى سىناپ باقساقمۇ بولىدۇ)



يۇقارقىلار مەن ياساپ باققانلىرىم ،مېۋە ئېزىشنىڭكىنى بىر-بىرلەپ يازمىدىم ،چۈنكى توردا رېتسىپ كۆپ .ئېسىمگە كەلگەننى ئۇدۇللۇق بىۋاستە يازدىم .يەنە باشقىلارنىڭ بولسا ئوتتۇرىغا تاشلىغان بولساڭلار .



داۋامىنى كېيىنكى ئىنكاستا يوللاي .


Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-6-24 06:07:36

پېچىنە-پىرەنىك ،تورت تۈرىدىكىلەر :

    بۇ تۈردىكىلەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى زىرائەت ،ماي ۋە شېكەر .

ئەگەر ئاق ئۇن خام ئەشيا قىلىنغان بولسا ئوزۇقلۇق قىممىتى نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ ،ئەگەرتەركىبىگە باشقا قارا ئاشلىق ياكى پۇرچاق تۈرىدىكىلەر قوشۇلغان بولسا ئوزۇقلۇق قىممىتى ئازراق ئاشىدۇ .

ئىشلەتكەن مېيى ئۆسۈملۈك مېيى بولسا نىسبەتەن ياخشى بولىدۇ ،،ھايۋانات مېيى ئىشلەتكەن بولسا ئوزۇقلۇق قىممىتى سەل تۆۋەنلەيدۇ ،ئەمما ئۆسۈملۈك قايمىقى植 物奶油،ھىدرولىزلانغان ئۆسۈملۈك مېيى 氢化植物油،   ۋە  起酥油 دېگەنلەرنى ئىشلەتكەن بولسا سالامەتلىككە زىيان سالىدۇ . 起酥油  نىڭ ھارام بولۇش ئېھتىماللىقى  ئىنتايىن يۇقىرى .ئۆسۈملۈك قايمىقى 植 物奶油ھەم شۈبھىلىك ،تەركىبىدە سۈت پاراشوگى بار ،سۈت پاراشوگىنىڭ ھەممىسىگە قوشۇلىدىغان 左旋肉碱دېگەن ماددا ھايۋان تېنىدىن ئېلىنىدۇ .

شېكەر مەسىلىسىنى Dilruba ياخشى چۈشەندۈرۈپ بولغان .

ئەمدى بۇ تۈردىكىلەرنىڭ قوشۇمچە تەركىبى بولسا مۇئەتتەر ،رەڭ ،چىرىشتىن ساقلىغۇچى ،ھەرخىل تەم تەڭشىگۈچ دېگەندەكلەر ،بۇلارنىڭ زىيىنىنى ،ھالال-ھاراملىق ئېھتىمالىنى يازمىدىم .تورتنىڭ قايمىقى توغرىلىقمۇ يازمىدىم .

       شۇڭا بۇ تۈردىكىلەرنى ئامال بار بازاردىن سېتىۋالماسلىق ،ئامالسىز سېتىۋالماقچى بولغاندا ،ئىشەنچلىكرەك مۇسۇلمانچە ماركىدىكىلەرنى سېتىۋېلىش لازىم .

بۇ تۈردىكى خېلى كۆپ قىسىم يېمەكلىكنى ئۆيدە ياسىغىلى ھەم بازارنىڭكىدەك چىرايلىق ئورىغىلى بولىدۇ .ھەرخىل قېلىپ ،ئورالما قەغەزلەرنىڭ ھەممىنى تاپقىلى بولىدۇ ،بىر دوخۇپكىڭىز بولسىلا ياسىيالايسىز ،ئۆزىمىز ئۆيدە مايغا زەيتۇن مېيى ،سېرىق ماي دېگەندەكلەرنى ،شېكەر ئورنىغا ھەسەلنى ئىشلىتىپ ،قوناق ئۇنى قاتارلىق قارا ئاشلىقلاردا نىسبەتەن ساغلام قىلىپ ياسىساق بولىدۇ .بالىڭىز ياخشى كۆرىدىغان بازاردىكى كۆپ خىل پېچىنىلەرنىڭ ھەممىسىنى ،سىز ئىسمىنى بىلىدىغان پېچىنە ،تورت ،بولكا ...دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى توردىن ئىزدەش ئارقىلىق رېتسىپىنى تاپالايسىز .شۇڭا تەپسىلىي توختالمىدىم ،رېتسىپ تاپقاندا شۈبھىلىك ماددا ۋە زىيانلىق تەركىبلەر بولسا قوشماڭ .

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-6-24 06:49:07

كەمپۈت تۈرىدىكىلەر :



كەمپۈت تۈرىدىكىلەر ئوزۇقلۇق قىممىتىگە قاراپ 5 تۈرگە بۆلىنىدۇ .مېۋە تەملىك كەمپۈت ۋە يۇمشاق كەمپۈت ،سۈت كەمپۈت ۋە قايماق كەمپۈت ،مېۋە ئۇيۇتمىسى ،پەشمەت ،شاكىلات .

     قاتتىق مېۋە تەملىك كەمپۈتنىڭ شېكەر مىقدارى 90% دىن يۇقىرى ،يۇمشاق كەمپۈتنىڭ 85% دىن يۇقىرى ،ھېچقانچە ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق ،شېكەر يېگەنگە ئوخشاش ئۈنۈمى بار .بۇ كەمپۈتلەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبىدە مېۋە يېلىمى ،卡拉胶بار (بەزىلىرىنىڭ تەركىبىدە يار يېلىم  明胶بولۇش ئېھتىماللىقى بار)،ئۇندىن باشقا رەڭ (بەزى رەڭلەر قۇرت-قوڭغۇزدىن ياسىلىدۇ)،مۇئەتتەر(بىر قىسىم مۇئەتتەرلەر ئىسپىرتتا ئېرىتىلىش ئارقىلىق ئېلىنىدۇ) بار .

    سۈت كەمپۈتنىڭ ئاساسلىق تەركىبىدە  ئۆسۈملۈك قايمىقى植 物奶油،ھىدرولىزلانغان ئۆسۈملۈك مېيى 氢化植物油 بار(بۇ ئىككىسى توغرىلىق يۇقىرىدا سۆزلەپ بولغان) ،ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق ،ئۆسۈملۈك قايمىقى بىلەن شېكەر يېگەن ئۈنۈمگە ئېرىشىلىدۇ .

    مېۋە ئۇيۇتمىسى تىپىدىكىلەرنى كىچىك بالىغا بەرمەسلىك تەشەببۇس قىلىنىدۇ ،ئاسانلا بوغۇلۇپ قېلىش يۈز بېرىشى مۇمكىن .مېۋە ئۇيۇتمىسىغا 卡拉胶 ئورنىغا يار يېلىم ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى ھەم يۇقىرى .



   پەشمەت تۈرىدىكىلەر باشقا تۈرگە قارىغاندا نىسبەتەن ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە .بىزنىڭ ئەنئەنىۋىي پەشمىتىمزنىڭ قانداق ياسىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن .



    شاكىلات تۈرىدىكىلەر يۇقىرى ياغ ،يۇقىرى كالورىيىلىك يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ . تەركىبىدىكى ياغ 40% كە ،شېكەر 50% كە يېتىدۇ . 4% ئەتراپىدا ئاقسىل بار ،ئۇندىن باشقا تەركىبىدە كالىي ،كالىتسىي ،ماگىنىي ،ۋىتامىن B1،B2بار ،ھەم بەلگىلىك ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئىقتىدارى بار .سۈپىتى ياخشى شاكىلات كەمپۈت تۈرىدىكىلەرگە نىسبەتەن ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ .سېتىۋالغاندا تەركىبىدىكى كاكائو تالقىنىنىڭ مىقدارى 70%دىن يۇقىرى ،شېكىرى ئاز ،رەڭگى قارا كەلگەنلىرىنى سېتىۋېلىش كېرەك .بۇنداقلارنىڭ باھاسى نىسبەتەن يۇقىرى .سېتىۋالغاندا تەركىبى 代可可脂  دەپ يېزىلغانلارنى ئالماسلىق كېرەك ،تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ،ھىدرولىزلانغان ئۆسۈملۈك مېيى بار ،سالامەتلىككە زىيانلىق .



ئائىلىدە كەمپۈتنى قانداق ياسايمىز دېگەندە ،ئېرىس ياساپ ،ئېرىسنى قاتۇرۇپ ،ئۇششاق پارچىلاپ ئېرىس كەمپۈت قىلىۋالساق بولىدۇ ،ناۋاتنى پارچىلاپ ،قاتتىق كەمپۈت قىلىۋالساق بولىدۇ  {:90:}  (تەركىبىدە زەمچە بار ،كۆپ يېسە زەمچە سالامەتلىككە زىيانلىق ،بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللارغا)

، توردا ئائىلىدە كەمپۈت ياسايدىغان رېتسىپلار باركەن ،پايدىلانساق بولىدۇ .نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا قەشقەرگە بارغاندا ،ئۆيىدە كەمپۈت ،ئاق كەمپۈت ،مەنپىس ياساپ ساتقانلارنى كۆرگەن ،ھۈنىرىنى كۆرمەپتىكەنمەن ،پەرىزىمچە بۇلارغا جىق بولسا زەمچە بىلەن رەڭ قېتىلىدۇ ،باشقا جەھەتتىن ساپ بولۇشى مۇمكىن ،مۇشۇ خىل كەمپۈتنىڭ ھۈنىرىدىن پايدىلانغىلى بولامدىكىن دەيمەن . ئۇندىن باشقا ئەنئەنىۋىي تاتلىقلاردىن ئەتىرەك ،تاڭگازا دېگەنلەر ئۈستىدە ھەم ئىزدىنىپ باقساق بولىدۇ .

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-6-24 07:18:33

چوكا مۇز ،ماروژنا تىپىدىكىلەر :



ماروژنىنىڭ ئاساسى تەركىبى سۇ ،سۈت ،تۇخۇم ،شېكەر ،ياغ ۋە باشقا يېمەكلىك خۇرۇچلىرى ،مەسىلەن :مۇئەتتەر ،تۇراقلاشتۇرغۇچى 稳定剂(ئاساسلىق تەركىبى  يار يېلىم 明胶 ،ئاگار琼脂 )،ئېمۇلسىيىلەشتۈرگۈچى 乳化剂،رەڭلىگۈچ 着色剂 دېگەندەك .

   سۈت بەلكىم ساپ سۈت بولۇشى مۇمكىن ،شۇنداقلا سۈت پاراشوگى ،ئېرىس ،قايماق ،سۈت ئاقسىل پاراشوگى 乳清粉 ۋە ياكى باشقا نەرسە بولۇشى مۇمكىن .سۈت پاراشوگى ئېرىس دېگەنلەر شۈبھىلىك (ھاللالىرى بار ،ئەمما ئەتراپىمىزدىكىلىرى ئاساسەن شۈبھىلىك)



   تۇخۇم دېگىنى بەلكىم تۇخۇم سېرىقى تالقىنى ۋە ياكى تۇخۇم تالقىنى بولۇشى مۇمكىن .

ماروژنىنىڭ ئاساسلىق تەمى  تەركىبىدىكى ئاقسىل ۋە فوسفاتىد 磷脂 دىن كېلىدۇ .پۇرىقى مۇئەتتەردىن كېلىدۇ .گەرچە ماروژنا ئاقسىل،كالىتسىي تولۇقلايدۇ دەپ قارالسىمۇ ،ئەخلەت يېمەكلىككە تەۋە بولمىسىمۇ ،ماروژنىنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق تەرەپلىرى بار ،شۇڭا 2 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا بەرمەسلىك تەشەببۇس قىلىنىدۇ .



ماروژنا سېتىۋالغاندا ساغلاملىق ئۈچۈن تەركىبىگە قاراپ تەركىبىدە ئۆسۈملۈك قايمىقى 植物奶油،چەككىلەنگەن ئۆسۈملۈك مېيى 精炼植物油،قاتتىق ھالەتتىكى ئۆسۈملۈك مېيى 固态植物油،دېگەندەكلەر بارلارنى ئامال بار سېتىۋالماسلىق كېرەك .



ماروژنا ،چوكا مۇز تۈرىدىكىلەر ،ئۆيدە توڭلاتقۇ بولسىلا ياساش ئاسان ،توردا رېتسىپى كەڭ بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ ،ئۆيدە تەبىئىي رېتسىپلاردىن پايدىلىنىپ بالىلىرىڭىزغا ياساپ بەرسىڭىز ،بۇ بىر ئوزۇقلۇقى يۇقىرى ئاقسىل ،كالىتسىي تولۇقلايدىغان ياخشى يېمەكلىككە ئايلىنىدۇ .

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2012-6-24 07:36:19

قۇرۇق نان بىلەن چاي ئىچەتتىم، دىمەك بۇ ناشتىلىق ئەمەس، قورساق

توقلاش بوپتۇ دە

ئىسىت

كۈنلەر مۇشتاق ئۆتەپ كىتىپ بارىدۇ


Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-6-24 07:41:24

بۇندىن باشقا ھامبۇرگ بولكىسى (بازاردىكىلىرىگە قوشىدىغان沙拉酱 سالات قىيامى ۋە پەمىدۇر قىيامى 沙律酱 ،千岛酱 ،番茄酱 قاتارلىقلار شۈبھىلىك بولۇشى مۇمكىن )،توخۇ پاچىقى ،بەرەڭگە ياپراقچىسى دېگەندەك ئەخلەت يېمەكلىك ھېسابلىنىدىغان ،ئەمما بالىلار ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەر ،بۇلارنىمۇ ئارىلاپ بالىغا بېرىش توغرا كېلىپ قالسا ، ئۆيدە دوخۇپكىدا ھەممىسىنى قىلالايسىز .ھەممىسىنىڭ رېتسىپى توردا كەڭرى  توخۇ سېتىۋالغاندا ئامال بار يەرلىك توخۇ سېتىۋېلىش ،گۆش توخۇسىدىن نېرى تۇرۇش كېرەك .  ھازىرچە ئېسىمگە كەلگەنلىرى مۇشۇلار ،يادىمغا كەلسە يەنە داۋامىنى يازارمەن .

   ئۆيدە ئۇششاق يېمەكلىك ياساشقا ۋاقتىم يوق ياكى قولايسىز دەپ قالسىڭىز ،ئالدى بىلەن ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان  ھالال -ھارامغا دىققەت قىلىدىغانلار قۇرغان ئىشەنچلىك زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئۇندىن قالسا ئۈلكەر  دېگەندەك نىسبەتەن ئىشەنچلىك ماركىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىڭ ،ئىمپورت قىلىنغان ھالال  دەپ  سېتىلىۋاتقان يېمەكلىكنىڭ ھەمىمىسى ئىمپورت قىلىنغان بولۇشى ناتايىن .

ساغلاملىق ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى بالىلارنى كىچىكىدىن ساغلام ئوزۇقلىنىش ئادىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرايلى .


بەت: 1 2 [3] 4 5 6
: ناشتىلىق ھەققىدە- «كۈننىڭ بېشى سەھەردىن»