سەمىمىي تەكلىپ: ۋاقتىڭىز يار بەرسە مۇشۇ ھالال-ھارام، ئىشەنچلىك-شۈبھىلىك خۇرۇچلار ھەققىدە تەپسىلىيرەك بىرەر يازما يېزىپ باقامسىز؟
باشقىلار تەرىپىدىن ئاز-تولا يېزىلدى، لېكىن كۆپىنچىسى كەمتۈك، ئىلمىيلىكى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس. بىر قسىم خۇرۇچلار توغۇرلۇق مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا جۇڭگونىڭ چوڭراق ئاكادىمىيە ساندانلىرىدىن ئاز-تولا ماتىرىيال ئىزدەپ باققان ئىدىم، ھازىر قولۇمدا يوق. بەزى خۇرۇچلارنىڭ ياسىلىش، ئىشلىتىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشەنچىلىكرەك ماتىرىياللارنى شۇنداق يەرلەردىن تېپىش مۇمكىن.
ماۋۇ تەربەتلەردىنمۇ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ:
جۇڭگو ھالال تەستىق تورى ھالاللىق قامۇسى:
http://www.halaling.com/zixunzhongxin/index_112.html
نۇر ئىسلام تورى ھالاللىق قامۇسى:
http://www.noorislam.org/forum.php?mod=forumdisplay&fid=377&filter=typeid&typeid=186
ياخشى تېما ، فىزىئولوگلارنىڭ تەتقىقاتىچە ئەتىگىنى ۋاقتىدا تاماق يىمىسە بەدەن ئېنېرگىيە ئۈچۈن ئۈچەيدىكى پوقلاردىن ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈشكە باشلايدىكەن ، دىمەك ھەم زىيانلىق ھەم پوق يىگەن بىلەن باراۋەر بولىدىكەن نەئۇزىبىلللاھ . شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئەتىگىنى چوقۇم ۋاقتىدا ناشتا قىلىش ئىكەن . ھورى چېقىپ تۇرغان گۆش گىردە بىلەن قىززىق چاينى ئەكىپ بەرسە ئېشقىلىپ ،ئاۋۇ يۇقىردىكى يەر قالپىقى بولامدۇ .تۇخۇم پوشكىلى بولامدۇ، ئىچنىمىگە تەڭ قىلمايمەندە .


68- قەۋەتتىكى destinyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھورى چېقىپ تۇرغان گۆش گىردە بىلەن قىززىق چاينى ئەكىپ بەرسە ئېشقىلىپ ،ئاۋۇ يۇقىردىكى يەر قالپىقى بولامدۇ .تۇخۇم پوشكىلى بولامدۇ، ئىچنىمىگە تەڭ قىلمايمەندە .![]()
ئەتىگەندە گۆش گىردە يېسىڭىز، چۈشلۈكىڭىزگە گۆش باسقان پولو، كەچلىكىڭىزگە لەغمەن بىلەن ئىككى زىق كاۋاپ يەيسىز ھەقىچان؟ ھەر قانداق ياخشى يېمەكلىكنىمۇ كۈندە تەكرار يەۋەرسە كېسەل قىلىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى تاللاپ تۇرۇپ بەش خىل رەڭلىك (ئۈچ خىلىنى كۆكتات، ئىككى خىلىنى مېۋە) قىلىپ يېرىم كىلو قوشۇمچە يېمەكلىك يەپ قويۇڭ. بۇ ئىنكاس نۇرلاننىڭ دادىسىغىمۇ

70- قەۋەتتىكى dilxat5515نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماۋۇ تىما يانچۇقى توم كىشىلەرگىلا ماس كىلىدىكەن .تۇغۇلۇپ تاكى مۇشۇ كەمگىچە ئۆزەم ۋە مەن تونۇيدىغان دىھقانلارنىڭ مۇنداق ناشتىلىق قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن .ھەتتا سۈتكە پۇل يوق قارا چاي ئىچىۋاتقانلارمۇ ساماندەك .ھەي! نىمە جاھانلار بولۇۋاتىدىكىن.
سىز دېھقان تۇرۇپ ئۆيىڭىزدە باققان ئىككى- تۆت توخۇ، بىرەر كالىڭىزمۇ يوقما؟
چاقچاق- ھە، كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن.
ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ناشتىقىنىڭ ئاددى بولۇشى سەل قاراش ۋە ئادەت سەۋەبىدىن، ياخشىراق ناشتىلىققا كەتكەن چىقىم، ناشتىغا ئەھمىيەت بەرمەي ئاغرىپ قېلىپ، دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە كەتكەن پۇلدىن مىڭ ھەسسە ئاز.
يوووووووووووووو پاناھ.....
جېنىغا دەھشەت كۆيدىغان باللا باركىنا..
شۇنىڭغا قارىغاندا مىنىڭ جېىنىم جان ئەمەسكەن جۇمۇ.
ناشتىلىق نەدە،كەچىلىك تاماقنىمۇ ئوڭشاپ يىيەلمەيمەن مۇشۇ كۇنلەردە..
ئۆلەپ قالماي جۇمۇ..مەنمۇ ناشتا قىلىپ قوياي..سەل قوقاپ قالدىم ما باللانىڭ تاماقلىرىغا قاراپ.مەندىكى ئاشقازان مىنىڭ بۇلاپ قالغىنىغا لەنەت ئۇقۇپ كەتمىسۇن.. بەك ياخشى تېمىكەن بۇ، رەھمەت سىزگە.
ئەتتىگەنلىك ناشتىنىڭ شۇنچە مۇھىملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىمەن دېسە ..........

ئەتىدىن باشلاپ ناشتىغا كاپالەتلىك قىلىمەن، لېكىن ناشتىلىق ئەكىرىپ قويماپتىمەن....ھەي بويتاقچىلىق
ھېچبولمىسا ھەسەل سۈيى ئىچىپ تۇراي........

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
مەن كەسىپ ئەھلى ئەمەس ،ھازىرچە قولۇمدا ياخشىراق ماتېرىيالمۇ يوق ،لېكىن بۇ بىر ئەھمىيەتلىك تەكلىپ بوپتۇ ، ۋاقتىم يەتكەندە تىرىشىپ باقاي ،ئىنشائاللاھ.
72- قەۋەتتىكى weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يوووووووووووووو پاناھ.....
جېنىغا دەھشەت كۆيدىغان باللا باركىنا..
شۇنىڭغا قارىغاندا مىنىڭ جېىنىم جان ئەمەسكەن جۇمۇ.
ناشتىلىق نەدە،كەچىلىك تاماقنىمۇ ئوڭشاپ يىيەلمەيمەن مۇشۇ كۇنلەردە..
ئۆلەپ قالماي جۇمۇ..مەنمۇ ناشتا قىلىپ قوياي..سەل قوقاپ قالدىم ما باللانىڭ تاماقلىرىغا قاراپ.مەندىكى ئاشقازان مىنىڭ بۇلاپ قالغىنىغا لەنەت ئۇقۇپ كەتمىسۇن..

77- قەۋەتتىكى Tabassumنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بەسەي تاماق ئەمەسما؟
«بەسەينىڭ 91 پىرسەنتى سۇ» دەيدا
راست گەپ.
ئۇنداق دىسەڭلار ئادەمنىڭمۇ ئاتمىش يەتمىش پىرسەنتى سۇ