ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2441|ئىنكاس: 1

سېرىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەپسانە ۋە رىۋايەتلىرىmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9200 سەر
تۆھپە
2744 سەر
تىللا
6072 دانە
جەۋھەر
17 دانە
مائارىپ تۈركلەرنىڭ ئەجداتلىرى ھەققىدە ئەپسانىلەر6 Z# a6 b# p9 d0 F. s0 y" c/ {9 H2 P
4 Y9 M/ x2 K) ]) A2 t( f& f
        تۈركلەر يۇرۇن غەربىي دېڭىزنىڭ غەربىدە ياشىغان ئىكەن . ئۇلارنىڭ ئۇرۇغىنىڭ ئىسمى ئاشىنا بولۇپ ، باشقىلىرى قەبىلە ئىكەن . ئۇلارنىڭ ھەممىسى خوشنا ئەل تەرىپىدىن يوقىتىلىپتۇ . پەقەت پۈتلىرى كېسىۋېتىلگەن بىر ئوغۇل بالا بىر چىشى ، بۆرىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن ساق قېلىپ چوڭ بوپتۇ . بۆرە بۇ بالىدىن ھامىلدار بوپتۇ . كېيىن ھېلىقى بالا ياۋلەشكەرلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپتۇ . بۇ چاغدا بىر ئەۋلىيا ھېلىقى بۆرىنى غەربىي دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى ئىدىقۇتنىڭ غەربىگە جايلاشقان شىمالىي تاققا ئاپىرىپ قويۇپتۇ . بۆرە ئۇ جايدا ئون ئوغۇل تۇغۇپتۇ . ئۇلارنىڭ ئەۋپ ، ئاشىناشىر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىكەن . ئاشناشىرنىڭ ۋاقتىغا كەلگەندە ئەۋلاتلىرى چوڭ بولۇپ كۆپىيىپتۇ . ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسمى بولۇپ ، ئۇلار تاغدىن ئايرىلىپ جۇرجانلارغا تەۋە بوپتۇ .4 ?4 s; K! h. Z8 u: }
* f+ b, L# o1 Z: T: t+ m
بۆرە توتىم ئەپسانىسى
* P  P" m& J, H5 t  [- _! o' U9 q& c& _, z4 p) H7 I0 W0 j
        تاڭ سۈزۈلگەندە ، ئوغۇز خاقاننىڭ چېدىرىغا كۈندەك بىر يورۇق چۈشۈپتۇ . ئۇ يورۇق ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك ، كۆك يالىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە چىقىپتۇ . بۇ بۆرە ئوغۇز خاقانغا مۇنداق دەپتۇ : « ھەي ، ئوغۇز ، سەن ئورۇمغا ئەسكەر چىقارساڭ ، مەن ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭىمەن .        شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان چېدىرلىرىنى يىغىپ ئاتلىنىپتۇ . قارىسا ، لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆك تۈكلۈك كۆك يايىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە يول باشلاپ مېڭىۋاتقان ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئىلگىرىلەپتۇ .; g) }$ Q! }& M1 S- l

/ n: @) X. C! b+ fبۆرە توتېمى ھەققىدىكى % F1 o- h( [3 E( k8 w, O5 I! x

3 |* w7 e5 z! T6 f" H3 g0 b4 P0 }        ئۇيغۇرلار بىر ئۇرۇشتا دۈشمەندىن مەغلۇپ بولۇپ بىر تاغ قاپتىلىدا قامىلىپ قاپتۇ . ماڭىدىغان يول تاپالماي ھالاك بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەپتۇ . شۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا ئۇلار ئۇشتۇمتۇت بىر بۆرىنىڭ تاغ تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ قاپتۇ . خەۋپتە قالغان ئۇيغۇرلار بۆرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ ، تاغنىڭ تۈۋىگە يېتىپ بارغان بۆرە ناھايىتى چوڭ بىر غارغا كىرىپ كېتىپتۇ . ئۇيغۇرلار بۆرە كىرىپ كەتكەن غارغا كىرىپ مېڭىپتۇ . قاپ قاراڭغۇ غار ئىچىدە خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن ، غارنىڭ ئۇ بېشىدا بىر ئوچۇقچىلىق كۆرۈنۈپتۇ . بۆرە غارنىڭ ئۇ بېشىدىكى چوڭ تۆشۈكتىن ئوتلار يەلپۈنۈپ تۇرغان ، سۇلار شاقىراپ ئېقىپ تۇرغان جەننەتتەك بىر يايلاققا چىقىپتۇ . ئۇيغۇرۆرمۇ بۆرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ شۇ يايلاققا چىقىپ ، ھالاكەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىكەن ، شۇڭا ئۇيغۇرلار بۆرىنى مۇقەددەس ئىلاھ ھىساپلاپ ، ئۇنىڭغا چوقۇنىدىغان بوپتۇ .  9 A0 [% O& o! Y# W# w* z
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئادىتى ھەققىدىكى ئەپسانە% A8 F3 K4 r1 m- E
( o8 G) B: S& M9 s5 t6 Q$ Z
        ئوغۇز خاقان چوڭ قۇرۇلتاي چاقىرىپتۇ . نەۋكەرلىرىنى ، ئەل جامائەتنى چاقىرىپتۇ . ئۇلار كېلىپ با مەسلىھەت ئولتۇرۇشۇپتۇ، ئوغۇز خاقان چوڭ چېدىردا ئوڭ تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇرۇپتۇ ، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇنى ئېسىپتۇ ، ئۇنىڭ تۈۋىگە بىر ئاق قوينى باغۆپتۇ سول تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇرۇپتۇ . ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇنى ئېسىپتۇ . تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلاپتۇ ، ئوڭ تەرەپتە بۇزۇقلار ئولتۇرۇپتۇ . سول تەرەپتە ئۈچ ئوقلار ئولتۇرۇپتۇ . قىرىق كېچە كۈندۈز توي بوپتۇ .! I9 x  G' u8 c
, g2 l4 `0 [1 T/ B7 p
ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى ئەپسانە- O" d4 l) {3 P% u
8 r8 c- `5 T1 p0 \5 ~$ v
        قۇجۇ ئىدىقۇتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆزىتىشتىن مەلۇم بوپتۇكى ، ئۇيغۇرلار يۇرتىدا خىلىن دىگەن بىر تاغ بولۇپ ، ئۇ يۇرتتىكى ئىككى دەريا ئەنە شۇ تاغنى مەنبە قىلغان ئىكەن . ئۇنىڭ بىرى توخۇسى دەرياسى ، يەنە بىرى شولىڭگې دەرياسى دەپ ئالتىلىدىكەن . بىر كۈنى كەچتە ئاسماندىن دەرەخقە شولا چۈشۈپتۇ، ئىككى دەريا ئارىلىغىدىكى خەلقلەر ئۇنى كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ ، بۇ دەرەخ خۇددى قوساق كۆتەرگەن ئادەمگە ئوخشاش قوساق سېلىپ قاپتۇ . بۇ شولا دەرەخقە ئۇدا توققۇز ئاي ئون كۈن چۈشكەندىن كېيىن ، ھېلىقى دەرەخنىڭ قوسىغى يېرىلىپتۇ ، ئۇنىڭدىن بەش بالا چىقىپتۇ . بۇلارنىڭ ئەڭ كىچىگى ئەردەن بۇگۇ خاقان ئىكەن . ئۇ قەددى قامەتلىك ئىكەن ، بۇ خەلقنى ئاينىتىپتۇ ۋە يۇرتنى گۈللەندۈرۈپتۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاقساقال بوپتۇ .
, V2 c: t" W* M  A6 x, p3 w1 E7 V' \
« تۈرك » سۆزى ھەققىدىكى 5 V9 E, [+ s* g, g5 i, W# B( \

# Z5 ?7 z- d& u& y. X+ y        جەرجەرالىق ئۇستاز ئەبۇبەكرى مۇفىد ئاخىر زامان توغرىسىدا يازغان بىر كىتاۋىدا پەيغەمبىرىمىزدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ، مۇنداق بىر ھەدىسنى ( پەيغەمبەر سۆزىنى ) رىۋايەت قىلغان ئىكەن : ئۇلۇغ تەڭرى ئېيتىدۇ : « مېنىڭ بىر تائىپە قوشۇنۇم بار، ئۇلارنى تۈرك دەپ ئاتىدىم ، ئۇلارنى كۈنچىقىشقا ئورۇلاۆشتۇردۇم . بىرەر قوۋمغا غەزەپلەنەم ، تۈركلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئەۋەتىمەن .» « قاچان ئۇنى تۈرك دەپ خەلق ئۇنىڭغا شۇنى ئېيتىدۇ ؛بۇنىڭغا ئۇلۇغلۇق تېگىدۇ ، بۇنىڭدىن باشقىسىغا ئاشمايدۇ . »
$ [# }: l" O; d* j/ l$ s2 v2 o3 v* ?4 J+ s. P* y7 @
« ئۇيغۇر » دىگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى
( ^1 B: L# Z# W/ m; \- O
$ g! B( m2 V) O2 {6 W4 T& T        زۇلقەر نەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن ، ئۇۆرنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن . ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا ، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن . زۇلقەر نەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە : « lnanhuzhurnd (يەنى بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي ، ئۆز ئوزۇغىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن ؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتلالمايدۇ، قاچان خالىسا ، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ ) » دەپتۇ . شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل « huzhür » دەپ ئاتىلىپتۇ ،كېيىنچە « h » ھەرىپى « 1_ ئېلىف » قا، « z » ھەرىپى « ى » غا، « خ » ھەرپى « غ » غا ئالمىشىپ ، « hüzhür » سۆزى « ئۇيغۇر » غا ئۆزگىرىپتۇ . « ئۇيغۇر » بىر ئەلنىڭ ئىسمى بولۇپ ئۇنىڭ « sülmi _ سۈلمى » ، « koqu _ قوچۇ »،« Qanbalik _ چانبالىق » ، « xbaik B _ بەشبالىق » ، « Yanibalik _ ياڭىبالىق » ، دەپ بەش شەھىرى بار ئىكەن . بۇ شەھەرلەرنى زولقەرنەيىن تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈن تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغان ئىكەن .« ئەرگىنە قۇن » رىۋايىتى
, I% n  p! u3 j! B1 z. H2 Z0 g2 z0 R, A5 g% w8 ^+ }0 W
        شەرق تورا قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بىر ئۇرۇشتا ھىلە ئىشلەتكەن دۈشمەندىن يېڭىلىدۇ . يالغۇز قايان ئاتلىق بىر يىگىت بىلەن ئۇنىڭ جىيەنى نوكۇز خوتۇن ، بالا- چاقىلىرى بىلەن قېچىپ قۇتۇلىدۇ . ئۇلار ئۇزۇن يول مېڭىپ ، بىر تاغ ئارىسىدا پانالىنىدۇ . بۇ خىلۋەت جايدا ئۇلار كۆپىيىپ ، بىر قەبىلە بولۇپ ئۇيۇشۇپ تۆت يۈز يىل ياشايدۇ ، كېيىن بۇ يەر ئۇلارغا تار كېلىپ قالغاچقا باشقا يەرگە كۆچمەكچى بولىدۇ . ئەمما بۇ جىرادىن چىقىپ كېتىدىغان يولنى تاپالمايدۇ . ئاخىرى بىر تۆمۈرچى : بۇ يەردىكى تاغدا تۆمۈر رۇدىسى بار ئىكەن . بىز شۇ رۇدىنى ئېرىتىپ يول ئاچايلى ، دەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوتۇن ، كۆمۈر دۆۋىلەپ ئوت يېقىپ ، رۇدىلارنى ئېرىتىپ ، بىر تۆگە پاتقۇدەك يول ئاچىدۇ . كۆك يايلىلىق بۆرە ئۇلارغا يول باشلاپ ماڭىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ياپ يېشىل ، چۆپلىرى ئىغاڭلاپ تۇرغان ، زۇمرەت سۇلىرى شاقىراپ ھەيۋەت بىلەن ئېقىپ تۇرغان پايانسىز بىر مۇنبەت يايلاققا چىقىپ ئورۇنلىشىپ ، قايتىدىن ئۇلارنى جىلغىدا قورشاپ تۇرغان دۈشمەنلەرنى تارمار قىلىدۇ . « ئەرگىنە قۇن » دەپ ئاتالغان مۇشۇ جايدىن چىقىپ كەتكەن كۈننى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللى بايرىمى قىلىپ بەلگىلەيدۇ ھەمدە شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ قەبىلە « تۆمۈرچى » دىگەن نام بىلەن ئاتىلىپ ، داڭقى ھەممە ئەتراپقا يېيىلىدۇ .
2 m1 |) Y% R4 Y( G7 k  n' W. M+ k# ]. a/ N( s
« ئون ئۇيغۇر » ۋە «توققۇز ئوغۇز » رىۋايىتى * Q/ h* P4 B5 D, n" W- D  Y# X
موڭغۇل يۇرتىنىڭ كۈنپېتىشىدا بىر تاغ بار بولۇپ ، ئۇ « قۇت تاغ » دىيىلىدىكەن . بۇ تاغنىڭ بىر تەرىپىدە ئون ساي ، يەنە بىر تىرىپىدە توققۇز ساي بار بولۇپ ، ھەممىدە ئۇلۇغ سۇ ئاقىدىكەن . ئۇيغۇرلار ئېلى ئەنە شۇ سايلارنىڭ ئارىلىرىغا جايلاشقان بولۇپ ، ئون ساي تەرەپتە ئولتۇراقلاشقانلىرى ئۆزلىرىنى « ئون ئۇيغۇر » دىسە ، توققۇز سايدا ئولتۇراقلاشقانلىرى ئۆزلىرىنى « توققۇز ئوغۇز » دەپ ئاتايدىكەن . ئۇلارنىڭ شەھەرلىرى ئاۋات ، ئېتىز يايلاقلىرى كەڭ ۋە مۇنبەت ئىكەن . ئۇلار بىر يۈز يىگىرمە ئۇرۇقنى تەشكىل قىلىدىكەن ، ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇپ ، بىر پادىشالىققا بىرلەشمىگەن ئىكەن ، شۇ سەۋەپتىن ، ئۇلار ئارىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق تۇغۇلۇپ ، قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىشكە باشۆپتۇ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلار يىغىلىپ مەسلىھەتلىشىپتۇ : بىز ئىككىگە بۆلۈنگەن ئەلمىز ، ھەر قايسىمىز بىر كىشىنى« توغران » ( خان ) قىلايلى ، كىمكى ئۇنىڭ سۆزىگە كىرمىسە شۇ كىشى مال مۈلۈك ، ھەتتا بېشىدىن ئايرىلسۇن ، دىيىشىپتۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئون ئۇيغۇرلار « مەڭگۈ باش » ئاتلىق كىشىنى توغران قىلىپ كۆتىرىپ ، « ئەل ئېلتەر » دەپ نام بېرىپتۇ . توققۇز ئوغۇزلار يەنە بىر كىشىنى توغرا نلىققا كۆتىرىپ ، « كۆل ئەركىن » دەپ نام قويۇپتۇ . بۇ ئىككىسىنىڭ ئوغلانلىرى يۈز يىللارچە توغرانلىق قىپتۇ ۋە كۆپ يىللارغىچە خاننىڭ نامى شۇ تەقلىتتە يۈرگۈزۈلۈپتۇ . كېيىنرەك ئۇلاردىنكىم توغران بولسا ، شۇ كىشىنى « ئىدىقۇت » دىگەن نام بىلەن ئاتايدىغان بوپتۇ .
" a. _& X% q8 O; e: [- ]* n0 W; j' N2 S' W7 Z
       ئىدىقۇت رىۋايىتى ' S  S- Y! [2 @2 Z$ d
0 U" ]0 h7 n- I1 |" C. V
        قوچۇ ئۇيغۇرلىرى تۇرپان ئويمانلىغىنى ئاساس قىلىپ ، تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقلىرىنىمۇ ئۆز دائىرىسىگە ئالغان ئىدى . ئۇلار بۇ جايلاردا مال باقىدىغان گۈزەل يايۆقۆرنى ، ئارام ئالىدىغان ھەشەمەتلىك شەھەرلەرنى بىنا قىلدى . دەسلەپتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پادىشالىرىنى تۈركچە « ئارسۆنخان » دىگەن نام بىلەن ئاتايتتى . كېيىنچە ئۇلار چوڭ قۇرۇلتاي چاقىرىپ ، پادىشالىرىنى « ئىدىقۇت » دەپ ئاتايدىغان بولدى . « ئىدىقۇت » قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىلى بولۇپ ، « ئىدى » سۆزى « مۇقەددەس دىگەن مەنىنى ، « قۇت » سۆزى « بەخت » ، « ئالىلىرى » دىگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى . ئىككىسى قوشۇلۇپ ، « مۇقەددەس پادىشا » ، « مۇقەددەس بەخت ئىگىسى » دىگەن مەنىدە قوللىنىلاتتى . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەركىزىنىمۇ « ئىدىقۇت » دەپ ئاتىدى  ; [* {4 t9 F/ \. e) m5 V
دىتال

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر

2

تېما

4

يازما

99

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
16 سەر
تۆھپە
18 سەر
تىللا
45 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-5-16 23:55:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال تەپسىلىي كۈرۈپ باقاي!  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗