3d
پاراغەت قەسىرى
6 L: w+ Z% p# ]
( L9 y1 h( K( y R% ?7 p
# J' S. K& f+ G. W$ q3 \رىۋايەت قىلىنىشچە ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىيفەنىڭ دادىسى سابىت بىر كۈنى تاھارەت ئالماقچى بولۇپ ، ئېرىق بويىغا كەپتۇ . شۇ پەيىتتە ئېرىقتىن ئېقىپ كىلىۋاتقان بىر قىزىل ئالمىغا كۆزى چۈشۈپتۇ . سابىت ئالمىنى ئېلىپ بىر چىشلەپتۇ . چىشلەپتىيۇ ، « ئاپلا ، بۇ قايسى باغنىڭ ئالمىسىدۇ ؟، ئىگىسىنى رازى قىلماي يەپ قويۇپتىمەن يا ! ئاخىرەتتە بۇنىڭ جاۋابىنى قانداق بىرەرمەن » دەپ ئويلاپتۇ ۋە ئالما ئېقىپ كەلگەن تامان مېڭىپتۇ .
+ p* e U* g2 H$ Fبىر ئاز يۈرگەندىن كىيىن ئالدى تەرەپتە بىر باغ كۆرۈنۈپتۇ . سابىت باغدا سۇ تۇتۇپ يۈرگەن باغۋەندىن :9 w* U# B7 X8 r! T
; t* V. I3 @4 R; \0 X% ]* V
ــــ بۇ ئالما سىزنىڭ بېغىڭىزنىڭمۇ ؟ دەپ بايىقى ئالمىنى كۆرسىتىپتۇ .. V/ e2 G9 ?6 U3 }8 {* B5 x
* o! Y5 A* x4 z, t& X/ [3 Aـــ ھەئە ، مىنىڭ بېغىمنىڭ ئالمىسى ئىكەن .9 s/ o5 q7 o' j+ n8 D/ @
8 K3 s7 V2 h( w8 `- K3 u7 e: b# dـــ ئۇنداقتا ئالمىنىڭ ھەققىنى ئېلىڭ ياكى رازى بولۇڭ ، مەن بىلمەستىن ئالمىنى يەپ ساپتىمەن .
. ]7 D( j7 ~# `
0 b. a) a. ?5 j/ V, z3 n9 }باغۋەن ئالدىدا ھالال ، ئادىل ۋە ئىنساپلىق بىر يىگىتنىڭ تۇرغانلىقىنى سېزىپتۇ . كۆڭلىدە ئويلىغان ئويى تىلىغا كۆچۈپتۇ ۋە :) s6 R6 k& @) I& E
8 o1 T2 J, X: q: ?( v/ Jـــ بىر شەرتىم بار ، ئەگەر شۇ شەرتىمگە كۆنسىڭىز مەن ئالمىغا رازى بولىمەن ." V( l) w' H% U8 R3 [* f3 u$ D! P% S
7 c. [8 k% T' |! e! \4 p6 z3 Gـــ شەرتىڭىزنى ئېيتىڭ ، دەپتۇ سابىت .* H6 e+ s( S6 C5 C4 ^
" N5 p$ o3 B6 V( ^& N7 Xـــ بىر قىزىم بار ئىككى كۆزى كور ، تىلى تۇتۇق ، ئىككى پۇتى ۋە ئىككى قولى پالەچ . شۇنى نىكاھىڭىزگە ئالىسىز .
; W* Q4 g4 i- C% V$ W! G
; x+ F) f) u- q7 x* y* Xسابىتنىڭ كۆكسىدىن « ۋاھ » دىگەن نىدا ئېتىلىپ چىقىپ كىتىپتۇ . شەرتىگە كۆنەي دىسە بىر ئالمىنى دەپ ھاياتىنى بىر ئۆمۈرگە مەجرۇھ قىز بىلەن ئۆتكۈزدىكەن . كۆنمەي دىسە ئالمىنىڭ ئىگىسى رازى بولماي قىيامەت كۈنى ئەلەم تارتىپ قالىدىكەن . سابىت ئويلاپ ئويلاپ ئاخىرى شۇ قىزغا ئۆيلىنىشكە رازى بوپتۇ . چۈنكى قىيامەتنىڭ ئازابى قاتتىق دە .
8 r) k, w% c) X b# Y) d: C. v7 S6 r* m# G! Y
كەچتە گۇۋاھچىلارنىڭ ئىشتىراكچىلقىدا نىكاھ ئوقۇلۇپتۇ . سابىت قىز بار ھۇجۇرىغا كىرىپتۇ . كىرىپتىيۇ ، ھەيران قاپتۇ . ئالدىدا ھەممە ئەزايى بىجرىم،پەرىزاتتەك بىر قىز سابىتقا سالام بىرىپ تۇرغىدەك .* ]/ g; i, C! R
& ^5 f; u( o R: m* Tسابىت ھەيرانلىقتا :
& m+ j$ M( t( C
; t+ `. b/ k u, h5 Tـــ ئەي قىز ، سىز كىمسىز ؟! i9 p# P- P0 \: m+ S/ {/ r
% i1 e$ P6 J$ r3 u/ r
ـــ مەن باغۋەننىڭ قىزىمەن ، بۈگۈن سىزگە نىكاھلاندىم ، دەپتۇ ساھىبجامال قىز .
( l0 b; S: H6 M+ R1 P6 r7 h* M
! ~2 _+ T0 f7 I' P: S$ iسابىت ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى باغۋەندىن سوراپتۇ .باغۋەن سابىتقا دىگەن شەرتىنى مۇنداق بايان قىلىپتۇ :
) T1 m- L7 v+ A0 `0 u
4 U- A. z8 `/ P6 bــ كور دىگىنىم ، ئەقلىگە كەلگەندىن بۇيان ھارام ئىشلارنى كۆرمەگەن ئىدى . تىلسىز دىگىنىم ، مۇشۇ ۋاققىچە يامان ۋە بىئەدەپ سۆزلەرنى تىلغا ئېلىپ باقمىغان . ئىككى قولى پالەچ دىگەنىم ، كىشىنىڭ ھەققىگە قول ئۇزۇتۇپ باقمىغان . ئىككى پۇتى پالەچ دىگىنىم، گۇناھ ئىشلارغا قەدەم قويۇپ باقمىغانلىقىدۇر ، دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ .
4 L9 Q3 w! t$ L0 l: q+ f! h3 r2 [5 I/ `' E
سابىت بۇ بەخىتتىن خۇرسەن بولۇپ ، ئۆزىگە بۇنداق پاك ، ھالال جۈپنى ئۇچراشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيتىپتۇ . ئەنە شۇ پاكىزە ۋە ھالال بىر جۈپلەردىن ئىمامى ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەتۇللاھدەك بۈيۈك زات دۇنياغا كەلگەن ئىكەن .
( H5 f( P* f" O; g5 D. v/ t5 \2 G; q2 E! Q, x
ئائىلە - مۇقەددەس دەرگاھ . ئۇنى پاك ساقلاش ئۈچۈن تۈرلۈك بۇزۇق ئىشلاردىن يىراق بولۇش ، خۇسۇسەن پەرزەنىتلەرنى ھالال يول بىلەن بېقىش ، تەربىيەلەش تەلەپ قىلىنىدۇ . ئاتاـ وۋىللىرمىز بۇ ئىشلارغا يۈكسەك ئىتبار بىلەن قارىغان ئىدى . چۈنكى پەرزەنىتنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشى ، ئاساسەن ئائىلە مۇھىتىغا ۋە ئاتا ئانىنىڭ تەربىيەسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئۇلار ياخشى بىلىشكەن ئىدى .; ~) x$ e9 |( j% O6 r f
7 M8 R4 J2 G k `
دىنىمىزدا ئائىلە قۇرۇشقا ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرىدۇ . ئىمكان بولغاندا ھەر بىر ئىنساننىڭ ئائىلە قۇرشى تەرغىپ قىلىنىدۇ . جۈملىدىن پەيغەمبىرمىز مۇھەممەد ( س ئە ۋ ) بىر ھەدىس شەرىفتە شۇنداق دىگەن :« ئەي يگىتلەر جامەسى ، سىزلەردىن كىم ئۆيلىنىشكە قۇربىتى يەتسە ئۆيلەنسۇن ، چۈنكى ئۆيلىنىش كۆزنى ئاياللارغا قاراشتىن ۋە نەفسىمىزنى ھارام ئىشلاردىن ساقلايدۇ . ئەگەر ئۆيلىنىشكە قۇربى يەتمىسە روزا تۇتسۇن . روزا تۇتۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىدۇر » . ( ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم راۋايىتى )) S/ F- W6 T! p0 Y( g8 A7 k
( b7 P& \, J a
دەرھەقىقەت ، ئىنساننىڭ چىرايلىق رەۋىشتە ، شەرئىي نىكاھ قىلىشى ئۇنى يامان يوللاردىن ئاسىرايدۇ . بۇ ھەم ئازـئازدىن جەمىيەتتە خۈنۈك ئىللەتلەرنىڭ ئاۋۇپ كىتىشىگە توسۇق قويىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيلىنىش ، پاك ئائىلە قۇرۇش ئىنسان مەنىۋىي ئالىمىنىڭ، جەمىيەتنىڭ روناقلىقى ۋە ئاۋاتلىشىشنىڭ ئاساسىدۇر .
! T* Y8 `' ~! m3 [- T& h) y" g3 k$ k% n8 Y; [* \
لىكىن بۈگۈنكى تەرەققى قىلغان دۇنيانىڭ « مەدەنىيەت» لىك ئىنسانلىرى ھاياتىدا ئائىلىنىڭ قەدىرى بارغانسىرى يوقىلىپ بارماقتا . بۇ ھال دۇنيا ئاممىسىنى تەشۋىشكە سېلىپ قويماقتا . ھەتتا غەرىپ ئائىللىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار مەخسۇس « ئائىلە ئىنىستىتۇتى » قۇرۇش قارارىغا سەۋەپ بولماقتا ./ F! K9 y$ O u- o
( o6 I: b" M+ }; p ] _( z9 z$ w: q
20ـ ئەسىرنىڭ ئىككىنجى يەرىمىدە غەرىپ مەملىكەتلىرىدە ئايرىم گورۇھلار « ئەركىنلىك» ، « كىشىلىك ئەركىنلىكى » دىگەندەك شۇئارلارنى كۆتەرىپ ‹ ئائىلىنڭ كىرىكى يوق ، نىكاھ شەرىت ئەمەس ، ئۇ ئىنساننىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلاپ قويىدۇ › دىگەندەك دەۋالار بىلەن چىقتى . ئەنە شۇ بىمەنە ھەركەتكە قوشۇلۇپ مىليونلاپ كىشىلەر ھازىر بۇ سەپسەپتە كەلتۈرگەن كۈلپەتلەرنىڭ ئازابىنى تاتىپ تۇرۇپتۇ . مىڭلاپ ئائىللەر پاراكەندىچىلىككە يۈز تۇتتى ، كۆپلەپ بالىلار تىرىك يىتىم بولدى ، جەمىيەتتە زىنا ، فاھىشە ، تۈلۈك بۇزۇقچىلىقلار ئەۋجىگە چىقتى . ھەرخىل بىداۋا كىسەللىكلەر ، جۈملىدىن ئەيدىس كەبى نىجىس كىسەللىكلەر ئىنسانىيەت بېشىغا بالالارنى ياغدۇردى . فاھىشە ئىشلارنى تەرغىپ قىلغۇچى مەكفۇرە رادىيو ، تىلۋۇزور ، مەتبۇئات سەيىپىللىرى ھەتتا بالىلار ئوقۇيدىغان كىتاپلارغا ھەم ‹ چاڭ › سالدى .- S5 X) l( U8 u( E% S
0 I Q3 K8 Z# w% Fبۈگۈن ئىنسانىيەت مەزكۇر ئاسارەتلەردىن قۇتۇلالماي ھەيران . ئاقىۋەتتە ئاشۇ «ئەركىنلىك » دەپ جار سالغۇچىلار ھەم ئائىلىنىڭ ، ئۇنىڭدىكى پاك ھاياتنىڭ ئىنتايىن زۆرۆر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يىتىپ ، بۈگۈنكى كۈندە ئائىلىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەرغىپ قىلىش ۋە ئەرـئاياللارنىڭ ئائىلە قوينىغا قايتىشى ئۈچۈن مىليونلاپ مەبلەغ سېلىپ ، مەخسۇس قانۇنلار تۈزۈپ چىقماقتا .
6 \* x, N0 I; {6 p
9 H0 B s0 q0 p; F& Pتۆۋەندە ئادەم ئاتا يارالغاندىن تارتىپ ئەمەل قىلىنىپ كەلگەن ئائىلە تۈزۈمىنىڭ بۇزۇلىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن ئىنسانىي پاجىئەلەرنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنىشلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتىمىز .0 s9 _" h; j. ^& I- q3 b
' D% x; y5 W; J6 G5 @ئىككىنجى جاھان ئۇرۇشىدىن كىيىن «ئاممىۋىي مەدەنىيەت» نىقابى ئاستىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان «جىنسىي ئىنقىلاپ» قارشى ئەنئەنىۋىي ئائىلە تۈزۈملىرىگە جىددىي زەرەر يەتكۈزدى . زىنا ، فاھىشە ئىشلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاۋۇپ كىتشىگە سەۋەپ بولدى . ھەتتا بۈگۈنكى كۈندە بەزى دۆلەتلەردە زىناغا قانۇندا يول بىرىلىپ ، ئۇلاردا رەسمىي رويخەتتىن ئۆتكەن فاھىشخانەلەر پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا . بۇ نەرسىگە ئايرىم ئادەملەرنىڭ« ئەركىن - ھوقۇق نۇقتىسىدىن بۇ تەبئي ئىشلار »دەپ قارىشى ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىقتۇر . ئائىلىدە ئاتا - ئانا ۋە پەرزەنىت مۇناسىۋەتلىردىكى ئەزەلىي ئەنئەنىلەرگە زەررە يەتتى . جەمىيەتتە ئاجىرشىشلارنىڭ سانى كەسكىن ئېشىپ ماڭدى . مەسىلەن بىرلا بۈيۈك بېرتانىيەدە 1970ـ يىلى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ % 40 گە يېقىنى ئۆز ھاياتىنىڭ مەلۇم بىر دەۋرىدە ئائىلىدە پەقەت دادىسى ياكى ئانىسى بىلەن ياشىغان . شۇنىڭدەك ئائىلە بۇزۇلۇشلىرى پەرزەنىتلەرنىڭ روھىيىتى ۋە تەربىيىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن .3 [0 A5 c4 I3 P, `1 Y0 o
% Q+ f, S) ?# f' y: e) I+ m: Y
ئائىلىۋىي جەمىيەتنىڭ بۇنداق ھالەتتە ئۆزگىرىپ مىڭىشى ئىنسانلارنى بۇرۇنقى دەۋىرلەردە بولۇپ باقمىغان تەشۋىشلەرگە سىلىپ قويدى . مەسلەن 1985ـ يىلى «بوستون ژورنىلى» نىڭ بىر ژورنالسىتى شۇنداق دەپ يازىدۇ :« ئەسكى مەنىسىكى ئائىلىۋىي ھايات ئۇنۋىرسىتىتلىرىمىزنىڭ خاراكتىرىگە بەلكى جەمىيىتىمىزنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە خەۋىپ كەلتۈرۋاتىدۇ ». شۇنىڭدەك 1980_يىلى بۈيۈك بېرتانىيەدە كونسىرۋاتىپلار پارتىيەسى ئائىلىۋىي چۈشەنچىنى سىياسەت دەرىجىسىدە مۇھاكىمە قىلغان . 1986_يىلى باش ۋەزىر مارگىرت ماچچىر خانىم بىر سايلام رىقابىتى سەھنىسىدە ” بىزنىڭ سىياسىتىمىز ئائىلىدىن ، ئۇنىڭ ئەركىنلىكى ۋە خاتىرجەمللىكىدىن باشلىنىدۇ ” دەپ سۆزلىگەن .
! f) [; K8 N. m0 q- A, {, d- r. Y' cھۈللەس ، جەمىيەتنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ئائىلىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھازىرقى ئاداشقان ئىنسانلار ھەم تەن ئالماقتا . لىكىن ئەمدى ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ئارقىغا قايتۇرۇشقا ئىلاج يوق . ئەمدى گەپ كىيىنكى ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلەپ ،ئۇلاردا ئىسىل ئىنسانىي خىسلەتلەرنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىپ ، ئائىلىۋىي ھاياتتىن توغرا پايدىلىنىشنى ئۈگۈتۈشىمىز كىرەك .8 L: L4 P: S5 E f/ G7 |) ~9 d; I; B
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد (س ئە ۋ ) شۇنداق دىگەنلەر ، :” قايسى قەۋىمدە زىنا تارقالسا ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئاتا بوۋىللىرىدا كۆرىلىپ باقمىغان كىسەللىكلەرگە مۇپتىلا قىلىدۇ “. بۈگۈنكى كۈندىكى سەراتان ، ئەيدىس كەبى ئەسىرمىزدىكى ۋابالار ئىلگىرى بولغان ئەمەس . ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەندىلەرنىڭ قىلۋاتقان قىلمىشى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئاپەتلەر ئەمەسمىكەن ؟ ھىم ، ئائىلىدەك پاك، مۇقەددەس بارگاھنى تاشلىۋىتىش ، ئۇنى تۈرلۈك بۇزۇق يوللارغا ئالماشتۇرۇش ئەقلى ھۇشى جايىدا ۋە ئىنسانىي خىسلەتلەر تىپىلىدىغان خەلىقلەر تەرپىدىن ئاقلانغان ئەمەستۇر .- l! @3 Z. z7 U6 s" P
بىز مۇقەددەس ئائىلىۋىي ھاياتنى پۈتۈن ۋە پاك ساقلاپ ، ئۇنىڭ ئەسلى قەدىر قىممىتىگە يىتشىمىز كىرەك . شۇنداق قىلغىنمىزدا ئۇ بىز ئۈچۈن جەزبىدار ، مىھرى مۇھەببەتكە تولغان راھەت_پاراغەت قەسىرىگە ئايلىنىدۇ .9 V1 ~1 t$ K' ^( G, s4 K
& o! I$ z$ v7 i9 Rئۆزبەكچە مەرىفەت غەزىنىسى ناملىق كىتاپتىن ئۆزلەشتۈرلۈپ تەرجىمە قىلىندى .
9 P5 W9 W7 x& M) h4 P# zتاھىربەگ' p0 g* w- a; t9 [/ n+ x+ w
! d B0 K8 F) Q
مەنبە : مىسرانىم مۇنبىرى
, i( F3 C4 H$ N
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |