مائارىپ
مۇدىرنى ئېتىۋەتكەن مۇئەللىمگە نەسىھەت
5 W. u4 _5 d+ {/ g(فېليەتون) 2 ?4 n: ]3 w8 G5 d
( S. N% A% g2 W( W/ s' S8 s
«مۇئەللىم مەكتەپ مۇدىرىنى ئېتىۋېتىپتۇ» دېدىڭىزمۇ؟قانداق ئېتىپتۇ؟ مىلتىق بىلەن. توۋا، نىمىشقا ئەمدى؟...
5 }" |* m: b# W9 lھەي، مۇئەللىم، سىزنىڭ مۇدىر بىلەن ھەرقانچەئاغرىق-ئاداۋىتىڭىز بولسىمۇ، مەكتەپكە نارازىلىقىڭىز بولسىمۇ، بۇنچە قىلىش كەتمەس. ) _; x: Q' J; w9 s5 z% P2 r/ G
مەكتەپ سىزنىڭلا مەكتىپىڭىزمىدى، نىشانلىق ئوقۇتۇشدەمدۇ، ساپا مائارىپى دەمدۇ، ئېمتىھان مائارىپى دەمدۇ، نېمە دېسە مەيلى ئەمەسمۇ.دەرسلىك كىتابلار كۆپىيىپ كەتسە، ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا، تۇرمۇشقا زادىلاماسلىشالمىسا، نېمە كارىڭىز. مۇئەللىمدىن باشلىق كۆپەيسە، 8-10 نەپەر مۇدىر،بۆلۈم، گۇرۇپپا مەسئۇللىرى، سىياسى خىزمەتچىلەر ... دېگەنلەرنى قوشقاندا مەكتەپخادىمىنىڭ 40-50 پىرسەنتىنى باشلىقلار تەشكىل قىلسا ياخشى ئەمەسمۇ، ئىشلار سۇدەكراۋان يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. 7 C& \( m' k1 b' N, K' F
ئۆز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپبولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئېنگلىز تىلى ياكى دۇنيا تىلىدا دەرس ئۆتسە،ئۇلارنىڭ سەۋىيىسى ئاشماي قالارمۇ؟
1 P. n" G& s4 {2 kمەكتەپ مۇدىرى «ئىسلاھات» دېگەن ئۇقۇمنى «كۆپئىشلىتىش، كۆپ باشقۇرۇش، كۆپ چارچىتىش» دەپ چۈشەنگەن بولسا، ماقۇل دېسىڭىزلابولمىدىمۇ. مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئىشتىن باشكۆتۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىپ، مۇشۇ توغرىلۇقباش قاتۇرغان بولسا، ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش تېپىپ بېرىپ، يېڭىدىن-يېڭى ئۈنۈمسىزۋەزىپىلەرنى ئارتقان بولسا، مۇدىرنىڭ ئىقتىدارىغا قايىل بولسىڭىز بولاتتى. مۇدىرئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش كويىدا پالاقلاپ، ئوقۇتقۇچىلارنى قايسى ئۇسۇلداھاردۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىجازالاش ھەققىدە 20-25 تۈرلۈك مەخسۇس چارە تۈزۈپ چىققان بولسا، ئۇنى بىمەنلىك دەپئويلاپ قالسىڭىز بولماس. * \( ?+ M) Z8 q" ?7 @! r
كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي، تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز جەدۋەل،قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىڭىزدىن كەتسىڭىزمۇ، ئارام خۇدا دەرس تەييارلىغۇدەكۋاقت بېرىلمىسىمۇ، دەرسلىك ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ، بۇلتۇرقى كونسىپىكنى بۇ يىلئىشلىتىشكە بولمىسىمۇ غىڭ قىلماسلىقىڭىز كېرەكتى.
) ^ A' r4 y5 E0 P«گۇرۇپپا باشلىقى»ڭىز دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئەمەلداربولسىمۇ، كونسىپىكنى قايتا-قايتا كۆچۈرتۈپ، ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەنئىسمىنى يېزىۋالسا، مۇشۇ ئىش بىلەن ئۆسۈۋالسا، سىزنىڭ كۈنىڭىز دەرسلىكتىنكونسىپىككە، پايدىلىنىش ماتىرىيالىدىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە، دەپتەردىنيېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتسە، ھەر ھالدا بىكار قالمىدىم، مائاشىمغا يۈزكەلگىدەك ئىش قىلدىم دەپ ئويلىسىڭىز بولماسمىدى.
1 i. j. }# \& ?- cتەتىللىك دەم ئېلىشنى ئۇنتۇپ، قىشۇ-ياز تەتىلگە قويۇپبەرمەي، تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگە سالسا، شەنبە-يەكشەنبىلەرمۇ ئىشلەتسە، كاردىن چىقىپكەتمەستىڭىز. ئوقۇغۇچىلىرىڭىز گومۇش، يىراقنى كۆرەلمەس...قاتارلىق كېسەللەر بىلەن،سىلەر ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك...دېگەندەك رەئىس ئەزالار كېسىلى بىلەن ئاغرىپمۇ قالماسبولغىيدىڭلار. ( H) X1 z5 @: M. a! {) M
ھەي، مۇئەللىم، سىلەرنىڭ يۈكىڭلار قانچە ئېغىر بولسا،مەكتەپ مۇدىرى دەل مۇشۇ ئىشتىن پەخىرلەنسە، ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىكى كۆپ قاقشاتسا،قانچە كۆپ ئۈنۈمسىز ئىشلارغا مەلىكە قىلالىسا بۇنى ئىسلاھات قىلدىم دېسە، سىزھەرقانچە دوكتور، بولسىڭىزمۇ شۇنداق شەكىلۋازلىقلىرىغا كۆنسىڭىز بولماسمىدى. 0 v" y# f9 ]- W, |; _
سىز مۇدىردىن قورقماي، ئۇنى قانداقمۇ ئاتقانسىز؟ مۇدىر«قورقۇتۇش»نى ئۆز نوپۇزىنىڭ ئاشقانلىقى دەپ بىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىلىكقورقىتىۋالسا، ئۇلارغا قانچە زور تەھدىت سالالىسا، «ئىش ئورنۇڭدىن قالىسەن» - دەپئۈستەلگە مۇشتلىۋالغان بولسا، بۇنىڭغا غۇم ساقلاپ نېمە قىلار ئىدىڭىز. 7 m& g' d) g D" \" a
«ئىشئورنىنى بىكارلا» دېسە، دەرستىن توختاتسا، يىراق مەكتەپلەرگە پالىۋەتسە،ئاچچىقىڭىزنى ئىچىڭىزگە يۇتۇپ يۈرىۋەرسىڭىز بولماسمىدى. تەربىيەلەپ چىققانئادىمىڭىز ئىلىمگەر بولۇپ چىقامدۇ، غالچا بولۇپ چىقامدۇ، بۇلارغا باش قاتۇرۇپ نېمەقىلاتتىڭىز.
: \+ b7 p8 D+ v R" ?) L Eبۇنداق ئىشلار سىزنىڭ كۈلكىڭىزنى قىستىماي،غەزەبلەندۈرگىنى نېمىسى؟ ; D: B% u. F" Q' P9 A
& A" V3 x* ?7 h, L$ P
# u* [9 ?& s) l( V- H. Bئاپتور:ئابلاجان تۇردى ) O3 z) J& M$ u; y! N' V
مەنبە: مىسرانىم تورىدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |