ئىران زۇڭتۇڭى - ئەخمەد نىجاد . b3 F* G; t: g
l7 [* S. Z5 y
# r/ R4 e" u/ o: O) I: w5 e! s2 ]$ G) F. f e( o: t
مەھمۇد ئەخمەد نىجاد 1956-يىلى ئىراننىڭ شىمالىدىكى سېمنان ئۆلكىسىدىكى بىر ئاددىي پۇقرا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى تۆمۈرچى ئىدى. ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىدا، ئۇ تېھران سانائەت پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ توپا تاش قۇرۇلۇشى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، ھەمدە 1997-يىلى قاتناش تىرانسىپورت قۇرۇلۇشى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئىران ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئەخمەد نىجاد ئىران ئىنقىلابى مۇھاپىزەت قىسمىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. ئەخمەد نىجاد ياش ۋاقىتلىرىدىلا سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، ئىلگىرى غەربىي جەنۇبتىكى كۇرد شەھىرى باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ئۇ غەربىي شىمالدىكى ئاردېبېل ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەتلىك نەمۇنىچى ئۆلكە باشلىقى بولۇپ باھالانغان. 2003-يىلى ئاپرېلدا تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان. ئۇ يەنە ئىران ئىسلام ئىنژېنېرلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. 2005-يىلى 6-ئايدا ئىران پىرېزىدېنتى بولغان، شۇ يىلى ئاۋغۇستتا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان. 2009-يىلى ئىيۇندا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىگەن. شۇ يىلى ئاۋغۇستتا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان.
; @1 s- C3 A$ t+ K, T$ wئەخمەد نىجادنىڭ ئىستىلى دۇرۇس، ئاق كۆڭۈل، تىرىشچان ۋە ئىقتىسادچان بولۇپ، ئامما بولۇپمۇ ئاجىز ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە، تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلىدە، ئۇ تەدبىر قوللىنىپ تېھراننىڭ قاتناش ئەھۋالىنى ياخشىلىغان ھەمدە بۇ رايوننىڭ مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرغان.
# F6 {# J) J1 g9 R5 w- yئەخمەد نىجاد ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىنكى 2-ئەۋلاد. سىياسىي جەھەتتە ئۇ ئىسلام قىممەت قارىشىنى قوغداش مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ. سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە ئەخمەد نىجاد پىرېزىدېنتلىققا سايلانسام قىلىدىغان ئىشىم دۆلەتنىڭ قانۇنى، دىنى ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى ھەقىقىي قوغداش دېگەن. سايلامدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن ئەخمەد نىجاد بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن زامانىۋى ۋە تەرەققىي قىلغان ئىران قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن، ئىراننى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ چىقىمەن. ئىقتىساد جەھەتتە، ئەخمەد نىجاد دۆلەتنىڭ بايلىقى ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا ھەددىدىن زىيادە مەركەزلىشىپ قالماسلىقى كېرەك، ئۇنى خەلققە تاپشۇرۇپ بېرىپ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىغان: نۆۋەتتە ئىراننىڭ خۇسۇسىيلاشتۇرۇشقا بولغان چۈشىنىشى ئومۇميۈزلۈك ئەمەس، خۇسۇسىيلاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ بايلىقىنى سېتىش دېگەنلىك ئەمەس. ئەخمەد نىجاد يەنە جەمئىيەت ئادىللىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، جەمئىيەت ئادىل بولۇش مەسىلىسى دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنىڭ يادروسى بولۇشى كېرەك دەپ ھېسابلىغان.. {8 O; t$ o4 H F7 N( y
تاشقى سىياسەت جەھەتتە ئەخمەد نىجاد ئادىل خەلقئارا مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بارلىق دۆلەتلەر بىردەك باراۋەر بولۇش. ئىراننىڭ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بولۇپمۇ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىغان: ئامېرىكا ئىرانغا دۈشمەنلىشىش پوزىتسىيىسىدە بولىدىغانلا بولسا ئىران ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىمايدۇ، ياخشىلىشىنىڭمۇ زۆرۈرىيىتى يوق./ ^4 Z% W {9 ~- Z5 J$ x. N: W
يادرو مەسىلىسىدە ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلەيدۇ: ئىران خەلققە ئىشلىتىلىدىغان يادرو تېخنىكىسى ھوقۇقىغا ئىگە ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. ئۇ ئىراننىڭ ئۆز مەنپەئەتى ۋە مەيدانىنى قەتئىي قوغدايمىز، سىرتتىن كەلگەن بېسىمغا ھەرگىز باش ئەگمەيمىز، ھەر قانداق شەرت ئاستىدىمۇ يادرو قۇراللىرىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمىز دېگەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش غەرىزى يوق ھەمدە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن سەمىمىي سۆزلىشىپ زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ،دېگەن.1 a* t# a1 o1 u/ |) O
2008-يىلى 9-ئايدا ئەخمەد نىجاد بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 2010-يىلى 6-ئايدا جۇڭگوغا كېلىپ دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ ئىران سارىيى كۈنىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشقان., ?4 H7 j( V7 m9 G/ x# \+ M4 k* O4 n
|