ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1722|ئىنكاس: 1

سېرىق ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش ئەنئەنىسىيانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9198 سەر
تۆھپە
2742 سەر
تىللا
6072 دانە
جەۋھەر
17 دانە
ۋاقتى: 2011-12-14 09:29:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
3d ئۇيغۇرلاردا ئىككى كىشى ئۆز ئار ئۇچراشقىنىدا بىر- بىرىگە سالام بېرىش ئادىتى ئەڭ قەدىمىي ئەنئەنىلەردىن سانىلىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار سالاملىشىشنى مىللىي ئەخلاق ۋە دىنىي قائىدە يوسۇن قاتارىدىن سانايدۇ. سالاملىشىش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا مېھرى - مۇھەببەتنى داۋام قىلدۇرۇش ۋە كۆڭۈللەرنى جەلپ قىلىشتا ئەڭ زور سېھرىي كۈچكە ئىگە بىر ئىشتۇر. ئىنسانلار ئارىسىدا بىر- بىرى بىلەن سالاملىشىش ئادىتى ئۇلار بارلىققا كەلگەندىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئارا سالاملىشىشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ، مەزمۇنى ناھايىتى مولدۇر.7 q- ~" J! L$ X- c
ئۇيغۇرلاردىكى سالاملىشىشنىڭ ئۆزگىچىلىكى؛ ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش بەزىدە قول ئېلىشىپ، بەزىدە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش يولى بىلەن بولىدۇ. دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىدىغانلار ئارىسىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش قىسقارتىلىدۇ. قۇچاقلىشىش تېخىمۇ قىسقارتىلىدۇ. بەزىلەر بىر تەرەپتىن سالاملىشىپ، بىر تەرەپتىن ئوڭ قولىنى كۆكرەككە قويىدۇ. بۇ سالامنىڭ چىن يۈرەكتىن چىققانلىقىنى، چىن دىلىدىن ئامانلىق تىلىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزىلەر ئوڭ قولىنى بېرىپ كۆرۈشۈپ، سول قولىنى قارشى تەرەپنىڭ ئوڭ بىلىكىگە قويىدۇ. بۇ بەدەننىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ۋە سالاملاشقۇچىلارنىڭ خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاش يېقىن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
- J& N  F  b1 p9 c  nسالاملىشىشنىڭ قائىدىسى ؛مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر ياش ئالىم سىراجىددىن ئەزىزى سالاملىشىشنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: سالامنى ئاۋۋال باشلاش سۈننەت بولسا، ئۇنى قايتۇرۇش پەرزدۇر. ئاللاھ تالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: سىلەرگە بىراۋ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب بېرىڭلار ياكى ئۇنىڭ سالىمىنى ئەينەن قايتۇرۇڭلاردەپ كۆرسەتكەن. ئايەتتىكى، تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاب بېرىش ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يەنى (ئاللاھنىڭ ئامانلىقى سىلەرگە بولسۇن)دەپ سالام بەرگەن كىشىگە: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ يەنى(ئاللاھنىڭ ئامانلىقى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلەرگە بولسۇن) دەپ جاۋاب قايتۇرۇش، سالامىنى ئەينەن قايتۇرۇش دېگەنلىك: ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام يەنى(سىلەرگىمۇ ئاللاھنىڭ ئامانلىقى بولسۇن)دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتۇر.سىراجىددىن ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، سالام بەرگۈچى گەرچە يالغۇز بىرلا كىشى بولسىمۇ، ئۇنىڭ سالىمىنى قايتۇرۇشتا ئەلەيكۇميەنى(سىلەرگە...)دەپ قايتۇرۇلىدۇ. چۈنكى قارشى تەرەپ كۆپچىلىكنىڭ ۋەكىلى دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدا مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك ۋە بىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.مۇسۇلمانلاردا سالاملىشىشنىڭ ئەھمىيىتى ئىككى كىشى ئۇچراشقىنىدا بىر - بىرىگە سالام بېرىشى دۇنيادا ھەركىم ياقتۇرىدىغان گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتتۇر.1 T& B  J! S8 H& k1 W% C2 d  o
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمانغا ئۆتەشكە تېگىشلىك ھەقلىرى 6 بولۇپ، ئۇلار: ئۇچراشقاندا سالام بېرىش، چاقىرسا بېرىش، نەسىھەت سورىسا نەسىھەت قىلىش، چۈشكۈرسە ئەلھەمدۇ لىللاھ دېيىش، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش، ئۆلۈپ كەتسە نامىزىغا بېرىش.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: سىلەر مۆمىن بولمىغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر - بىرىڭلارنى سۆيمىگىچە مۆمىن بولالمايسىلەر. سىلەرگە بىر- بىرىڭلارنى سۆيىدىغان ئىشنى كۆرسىتىپ بېرەيمۇ؟ ئۇنداقتا، ئاراڭلاردا سالاملىشىشنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىسىدە: سىلەرگە يەھۇدىيلاردىن ياكى خرىستىئانلاردىن بىرى سالام قىلسا، سىلەرمۇ ئۇلارغا ئوئە ئەلەيكۇم (يەنى: سىلەرگىمۇ شۇنداق بولسۇن)دەپ جاۋاب قايتۇرۇڭلاردەپ كۆرسەتكەن.ئىسلام سۆزى بىلەن سالام سۆزىنىڭ ئەرەبچە تۈپ يىلتىزى بىر بولۇپ، ھەر ئىككىسى تىنچلىق دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ مۇسۇلمانلىقنىڭ تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگىنىدىن تاشقىرى، سالاملىشىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
0 g" p- Z  [# C" ]& H( b% k9 |سالاملىشىش پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئېسىل ئەنئەنە سانىلىدىغان، ھېچقانداق چىقىم تەلەپ قىلمايدىغان، ئۆزى ئاسان، پايدىسى ئىنتايىن مول بىر ئىشتۇر.سالام بېرىشنىڭ تەرتىپى ؛سالام بېرىشتە كىچىكلەر چوڭلارغا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئولتۇرغانلارغا، ئازسانلىق كۆپ سانلىققا ۋە قاتناش ئۈستىدىكىلەر پىيادىلەرگە سالام بېرىدۇ. شۇنداقلا سىرتتىن كەلگەنلەر شۇ يەردىكىلەرگە، ئەرلەر ئاياللارغا، ئېرى ئايالىغا، مېھمان ساھىبخانغا سالام بېرىدۇ.
2 G3 |4 w, T" x8 O3 C/ ~; Z  @7 Kئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆزارا سالام بېرىشكە ئېتىبار بېرىپ كەلگەن خەلق بولۇپ، ئۆزارا ھۆرمەت قائىدە -يوسۇنلىرىنى ئىپادىلەيدىغان ئىبارىلەرگە ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغا باي.
1 F7 N: \, X4 Yكېلىش مەنبەسى :يۇرتىمىز تورى رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر

0

تېما

2

يازما

47

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
40 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-7-26 18:29:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخمۇ تىرىشىڭ!  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗