مائارىپ
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى : 7-ئىيۇل ، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى داۋان جىنكۇن C رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇلۇغخان قاسىم مەھەللە ئەتراپىدىكى قوي گۆشى توپ تارقىتىش دۇكىنىغا كەلدى . ‹‹ يەنە بىر كۈندىن كېيىن مۇسۇلمان ئاممىسى رامىزان ئېيىغا كىرىدۇ ، رامىزان ئېيىدىكى تۇنجى ۋاق تاماق ئۈچۈن بىر ئاز يېڭى گۆش سېتىۋالدىم ›› دېدى ھۆرىخان قاسىم .
2 U) u* B# p3 W0 e, {* X2 G/ e ئۇلۇغخان قاسىمغا ئوخشاش ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىدىكى مۇسۇلمان ئامما ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللاردا رامىزان ئېيىغا تەييارلىق قىلماقتا .
% p( S1 w# k- ~8 T يېقىندا، بىر قىسىم تور ئەھلى ئېنتىرنېت ، ئۈندىدار سۇپىلىرىدا ‹‹ھۆكۈمەت شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتۇشىغا يول قويمايدۇ ›› دېگەن ئاتالمىش پىتنە-ئىغۋالار تارقىتىلغان ، بۇنىڭغا قارىتا ، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇختەر ھەسەن مۇنداق دېدى : ‹‹ شىنجاڭدا ، ھەر مىللەت ئاممىسى دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ ، ھېچكىم دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ياكى دىنغا ئىشەنمىگەنلىكىدىن كەمسىتىشكە ئۇچرىمايدۇ ، روزا تۇتۇشمۇ نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ بىرى ، بىز بۇ دىنىي ئېتىقادقا تامامەن ھۆرمەت قىلىمىز ›› .
# M! s) y; ?1 I J مۇختەر ھەسەن مۇنداق دېدى : ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن رامىزان ئېيىدىكى تۈرلۈك دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ۋە ئامانلىق قوغداش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىدۇ ھەم بىر قىسىم دىنىي سورۇنلارنىڭ ئوتتىن، ئوغرىلىقتىن ، بۇزغۇنچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق ئامانلىق قوغداش خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى دەل ۋاقتىدا يوقىتىپ ، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ رامىزان ئېيىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن بىخەتەر، تىنچ مۇھىت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ .7 N3 _" S9 X# @. f
شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن باشلىقى كېرەم ئابلىزنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئىسلام دىنى ئەقىدىسى بويىچە ، رامىزان ئېيى مەزگىلىدە ، بارلىق مۇسۇلمانلار ھەر كۈنى كۈن چىققاندىن تارتىپ كۈن پاتقىچە بولغان ئارىلىقتا ھەرقانداق يەپ-ئىچىش ، تاماكا چېكىش قاتارلىق ھەرىكەتلەردىن پەرھىز تۇتىدىكەن . ئەڭ مۇھىمى ، بارلىق مۇسۇلمانلار ‹‹روزا تۇتۇش›› مەزگىلىدە ، قىڭغىر يولدا ماڭماسلىقى ، تۆھمەت-غەيۋەت قىلماسلىقى ، پىتنە-ئىغۋالارغا قۇلاق سالماسلىقى، بولمىغۇر ئىشلارنى خىيال قىلماسلىقى ، يامان غەرەزدە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكى ، ئورۇنسىز جېدەل-ماجىرا چىقارماسلىقى ، ئوغرىلىق-قاتىللىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلماسلىقى كېرەك ئىكەن .: f. h8 e ?3 g" g, |: ~* `5 `5 q
مۇختەر ھەسەن مۇنداق دېدى : ‹‹مۇسۇلمان ئاممىنىڭ پىتنە-ئىغۋا تارقاتماي ، پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەي ، بىخەتەر ، ئىناق بىر رامىزان ئېيىنى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز ›› ., e( p4 {8 N( U# w- g
رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |