ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1943|ئىنكاس: 1

دەرىس ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرىلۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

448

تېما

478

يازما

8606

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2629 سەر
تۆھپە
1626 سەر
تىللا
1229 دانە
جەۋھەر
3 دانە
ۋاقتى: 2011-10-14 14:26:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
خەۋەر 20070517133700129.jpg 093430H51-1.jpg df50df14e70e6a7043341756.jpg ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى& f: R) i+ Q6 P0 i  j* V( w( W
5.jpg
1 Z8 }. G9 {: m* c+ \3 R' z 404e7371cff3f29b08d18735.jpg " x/ I& Y. H1 G) ^. F
0 q- H7 B: W2 Z0 l' A! A- W/ ^
بۇرۇن ئوغۇل بالىلار يىگىتلىك يېشىغا (16 ياشتىن ئاشقاندا) يەتكەندە، بېشىغا گۈللۈك چىمەن دوپپا كىيەتتى. ئۇچىسىغا (يەڭ، ياقا، پەۋازلىرىغا) گۈل، چىلتەك-جىيەكلەر تۇتۇلغان قاپ شەكىللىك كۆڭلەك كىيەتتى. بېلىگە پوتا ياكى كەمەر باغلىمايتتى. ئىشتانباغنىڭ ئۇچىغا پۆپۈك قىلىپ، ئۇنى قىزىل رەڭدە بوياپ ، ئىككى ئۇچىنى تىزىغىچە ساڭگىلىتىۋالاتتى. پۇتىغا قونجىنى قايرىماي يالاڭ ئۆتۈك كىيەتتى . ساقال- بۇرۇت قويمايتتى.3 y  `% o6 ], D* G: @( X
' j  h4 [. P/ M& X" F; J
يىگىتلەر توي قىلغاندىن كېيىن، بېشىغا چىرايلىق گۈل كەشتىلەنگەن دوپپىنى بېشىنىڭ ياڭشىقىغا (بېشىنىڭ يان تەرىپىگە) كىيىۋالاتتى. ئۆرە ياقىلىق كۆڭلەك كىيىپ، بېلىگە گۈل كەشتىلەنگەن ياغلىقنى تۇمارچە (ئۈچ بۇرجەك) شەكلىدە يانپاش سۆڭگىچىنى باستۇرۇپ چىگىۋالاتتى. ئۆتۈكنىڭ قونجىسىنى ئىككىلىك قايرىپ، قونجىغا غىلاپلىق پىچاقنى قىستۇرۇۋالاتتى. ئۆتۈك ئىچىگە تىزىنى يېپىپ تۇرىدىغان كەشتە پايپاق كىيىۋالاتتى ھەم بۇرۇت قويۇۋالاتتى.2 R$ l% c* `3 e

" @# I$ ]7 h+ f) b9 _! u$ y# I# oئەرلەر بالىلىق بولغاندىن كېيىن، بۇرۇتىدىن باشقا يەنە داقال قوياتتى. بېلىگە قىزىل ياكى جىگەر رەڭلىك پوتا باغلايتتى. ئۆتۈكنىڭ قونجىنى يېرىمىغىچە قايرىۋالاتتى. غىلاپنى پوتىسىغا ئېسىۋالاتتى. رەڭگى تۇتۇقراق كىيىملەرنى كىيەتتى .
" W# ?- B" @9 a& V/ _8 A* |' M# R% S: V( W
بۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان شەرتلىك مەنىلىرى مۇنداق: «داقال» - ئۇنىڭ بالىلىق بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. «پوتا» - ئۇنىڭ رەسمىي ئەر بولۇپ يېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. «پوتا» ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئەر كىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. غىلاپنىڭ پوتىسىغا ئېسىلىشى - ئۇنىڭ ئائىلىسىنى، بالىلىرىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكنى بىلدۈرەتتى. كىيىملەرنىڭ تۇتۇقراق رەڭلىرى بولسا، ئۇنىڭ ياشلىق چاغلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.& W$ J0 [4 _" @+ \3 ~+ F( E6 a# `% x

3 _1 U2 l3 N3 E* M' Z, v- Wئەرلەر بالا-چاقىسى كۆپەيسە «قارا ساقال ئەر» دەپ ئاتىلىدۇ. ساقال قويىدۇ، بېشىغا سىدام ياكى تۇتۇق رەڭدىكى گۈل كەشتە قىلىنغان دوپپىلارنى، كۇلا-تۇماقلارنى كىيىدۇ. ئۇچىسىغا يان ئىزمىلىق ياكى قاپ شەكىللىك، تىك ياقا كۆڭلەك كىيىپ، بېلىگە پوتا باغلايتتى. پۇتىغا قىشتا ئۆتۈك، باجىڭگىر، يازدا شىۋەك كىيەتتى.1 ]$ x* I6 j& n5 `; X  N+ c8 @/ l- Z
; i, D+ w1 K% A& r
بۇلارنىڭ ئىپادىلەيدىغان شەرتلىك مەنىلىرى مۇنداق: سىدام دوپپىسى - ئۇنىڭ ياشلىق چاغلىرىدىن ئەسەر قالمىغانلىقىنى؛ ساقال - كۆپ بالا-چاقىلىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى؛ تىك ياقىلىق قاپ كۆڭلەك - تۇرمۇش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنىڭ رىجىمىغا ئېلىنغانلىقىنى، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئاۋارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. ( b3 O2 \, x5 C; S  V

5 K* J' h# ?0 o  B$ fياشانغان (45 ياشتىن ئاشقان) ئەرلەر بېشىغا يازدا سىدام دوپپا ياكى شاپاق دوپپا، كۈزدە ياكى قىشتا كەمچەت تۇماق كىيەتتى. ئۇچىسىغا يازلىقى يەكتەك، قىشتا پىرىجە (تون) ، پۇتىغا مەسە - كالاچ كىيەتتى . ياشانغان ئەر كىشىلەرنىڭ بۇ خىل كىيىنىش ئادىتى ھازىرمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت.
; I3 p3 |4 C  u" O8 B
9 a, k: J8 o8 A: `ئاياق كىيىملىرى
% T/ X) M1 M9 f
: V5 A" B: R5 Q& o5 o1. چورۇق: چورۇق - كالا ، تۆگە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ خام تېرىسىنى پۇتقا ماس كەلگۈدەك كېسىۋېلىپ، چۆرىسىگە تۆشۈك ئېچىپ، تاسما، شوينا قاتارلىق (بوغقۇچ) نى ئاشۇ تۆشۈكلەردىن ئۆتكۈزۈپ، پۇتقا چىڭ باغلىۋالىدۇ، پۇت تەبىئىي قىلىپ (مودېل) بولىدۇ . بۇ خىل ئاياق كىيىمىنى كىشىلەر «چورۇق» دەپ ئاتايدۇ. ) ^5 S& V6 E- K" d- a, }& n1 g
# i4 j0 D: P7 x' U+ n
2. ئۆتۈك: ئۆتۈك - ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ كىيىپ كېلىۋاتقان ئاياق كىيىملىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇ، ئاساسەن ھايۋانلارنىڭ تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن كۆن-خۇرۇم، چەم ھەم بۇلغارلاردىن تىكىلىدۇ. ئۇنىڭ (ئەرەنچە - ئايالچە) نۇسخىلىرى نەچچە ئون خىلغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ يەنە قىشلىق-يازلىقلىرى پەرقلىنىدۇ. قىشتا كىيىدىغانلىرىغا (ئەستىرىگە) نېپىز تېرە ياكى كىگىزلەر قات قىلىنىدۇ. كۈزدە كىيىلىدىغانلىرى يالاڭ تىكىلىدۇ. ئايالچە ئۆتۈكلەرنىڭ پاشنىسى ئېگىزرەك بولىدۇ. رەڭگى ھەر خىل بولىدۇ. سىپتا تىكىلىدۇ. قونجى ۋە باش قىسمىغا تىكمە، باسما ھەم چاپلىما قىلىپ، ھەر خىل نۇسخىدىكى گۈل-نەقىشلەر قىلىنىدۇ. ياش ھەم ئوتتۇرا ياشلىق ئەر-ئاياللار ئومۇميۈزلۈك كىيىدۇ. ئۇنىڭ يەنە، قىشلىق كىيىلىدىغان، يۇڭدىن ئىشلىنىدىغان «كىگىز ئۆتۈك» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تۈرىمۇ بار.
% K. x# [; {0 D- E& _5 p5 l- {0 v
' d4 c0 Y' `% ]- @9 b: m6 Y3. مەسە- پايپاق: مەسە پايپاقلار ئاساسەن ئىچكى ئاياق كىيىم ھېسابلىنىدۇ. كۆن-خۇرۇم ۋە بۇلغاردىن تىكىلگەن پايپاقلارنى «مەسە» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ يەنە «ئۆتۈك مەسە» ۋە «پايپاق مەسە» دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. پايپاق مەسىلەر، ئۇزۇن قونجىلىق، كالتە قونجىلىق قىلىپ، نېپىزرەك ماتېرىياللىرىدىن سىپتا قىلىپ تىكىلىدۇ، ئاقۇرت قويۇلمايدۇ، يۇمشاق بولىدۇ. ئۇنى ياز، كۈز-ئەتىيازلىقى كىيىدۇ. / U. l0 S2 n6 N* W: R: }+ W6 i
0 q' s7 q* P" x: k
4. كالاچ: كالاچ - پۇتنى سېپىپ كىيىدىغان بىر خىل ئاياغ كىيىم ھېسابلىنىدۇ. كالاچ - ئاساسەن مەسە بىلەن كىيىلىدۇ. سۇڭ تەرىپى پەس بولىدۇ، ئاقورتى بولمايدۇ، كىيىپ-سېلىشقا ئەپلىك. كۆن-خۇرۇم، چەم ھەم بۇلغارلاردىن تىكىلىدۇ، پاشنىسى پەس بولىدۇ. ئۇنى، ئوتتۇرا ياشلىق ھەم ياشانغان ئەر-ئاياللار ئورتاق كىيىدۇ. كالاچ-پايپاق كالىچى، ئۆتۈك كالىچى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ، شەكلى ئۇچلۇق تۇمشۇق، توغرا تۇمشۇق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ .
  a/ z( T) D7 s+ D) V6 @; T. e$ `+ \2 E8 I; Q  a
5. ساپما كەش: ساپما كەش (تو شېي)، سۇڭى بولمىغان، پۇتىنى سىپىپ كىيىپ سۆرەپ يۈرۈشكە قولايلىق بولغان بىر خىل ئاياغ كىيىم.! s* U$ D* `0 Q2 u
% o8 @% n) v( n& V
6. شىۋەك : شىۋەك - كالاچقا ئوخشاش سېپىپ كىيىشكە قولايلىق بولغان يازلىق ئاياق كىيىم. ئۇ، كۆن ياكى خۇرۇمدىن تىكىلىدۇ، شەكلى كالاچقا ئوخشايدۇ. ئەمما، سۇڭى بار بولۇپ، ئاقۇرت قويۇلۇپ، ئازراق پاشنا قويۇلۇپ تىكىلىدۇ. ئۇ نېپىزرەك (يالاڭ) بولىدۇ. كىيىپ-سېلىشقا قولايلىق، يېنىڭ، ئازادە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
) q  `8 w2 x3 Y3 [! N- V& D5 ]+ I! J2 p$ f
7. پوپۇچ: پوپۇچ - بۇ ئاساسەن قىزلارنىڭ ئاياغ كىيىملىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، لاتىدىن ھەم خۇرۇم ياكى بۇلغاردىن تىكىلىدۇ. ئۇ يېنىك، يۇمشاق بولىدۇ. كىيسە پۇت ئازادە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ تۈر، نۇسخىلىرى كۆپ . 6 `" _( |: c$ Y/ |! O5 B( L& a

, X+ K* j6 j2 y5 \0 M' O# `8. باجىڭگىر: باجىڭگىر - دېگەن بۇ ئاتالغۇ «بوغ-جەم-گىر» دېگەن ئۈچ سۆزنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان بىرىككەن ئىسىم (ئاتالغۇ) . «بوغ» - بوغۇش، چىگىش، باغلاش دېگەن مەنىلەرنى؛ «جەم» - توپلاش، يېغىش، جەملەش دېگەن مەنىلەرنى؛ «گىر» - قىسىش، سىقىش، چىڭىتىش دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل ئاياق كىيىمنى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىق ئەر - ئاياللار ئورتاق كىيىۋېرىدۇ. بۇ خىل ئاياق كىيىمنى كۆن-خۇرۇم، چەم ھەم بۇلغارلاردىن تىكىدۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇن قونجىلىقى، كالتە قونجىلىقى ھەم قونجىسىزلىرى بولىدۇ. ئۇنىڭ يەنە قىشلىق ۋە، كۈز - ئەتىيازلىق كىيىدىغان تۈرلىرى بولىدۇ .
3 b- w. m( M" w. }9 d: f5 N0 A1 C. {. ~: g6 n
9.توپلەي : توپلەي ---- ئاياللار كىيىدىغان باجىڭگىرنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى ، ئۇنىڭ تىكىلىشى ، نۇسخا - پاسونلىرى ئەرلەر كىيىدىغان باجىڭگىر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ ، ئەمما ، زىلۋاراق ھەم پاشنىسى ئېگىزرەك بولىدۇ .
5 a. n9 I& t- C! N/ [4 V5 T+ s2 F
2 z9 s! T+ I$ S+ Uمەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
: }+ L* ~$ [1 j2 Hچۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

8

يازما

173

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
160 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-7-25 17:59:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەھشەت قوللايمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗