ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
تاماشا ساھەسىدىكى خوجايىنغا ئايلىنىپ كاتتا باي بولۇپ كەتكەن چولپانلار - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> مەملىكەت خەۋەرلىرى >>
تاماشا ساھەسىدىكى خوجايىنغا ئايلىنىپ كاتتا باي بولۇپ كەتكەن چولپانلار
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:672  

يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن ئايال چولپانلار كەسىپ ئۆزگەرتىپ خوجايىن بولىۋالدى ياكى فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇپ ئۆز ئالدىغا خىزمەت ئىشخانىسى ئېچىۋالدى .يېشۈەن بۇلتۇر تۇنجى قېتىم <توققۇزىنچى تۇل ئايال >فىلىمىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولغان. بۇ ي <ئافىنا ئايال ئىلاھى>نىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولغان ۋە باش رول ئالغان . يېشەن فىلىم ئىشلىگۈچى بولغاندىن سىرت يەنە نۇرغۇن ئايال چولپانلار پەردە ئارقىسىغا ئۆتۈپ خوجايىنغا ئايلاندى . فەن بىڭ بىڭ ، لىن شىنرۇ، جوۋشۈن قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىشخانىسىنى قۇردى .لىشياڭ رىياسەتچىلىكتىن بىراقلا فىلىم ئىشلىگۈچىگە ئۆتتى شۇنداقلا ئىنتايىن زور غەلىبە قازاندى . ئۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئايال چولپانلار ئۆزىگە كېيىنكى يول قويۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغان . ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ بەكرەك تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن بەس-بەس بىلەن <خوجايىنلىق >كەسپىگە قەدەم باسقان . لېكىن خوجايىنلىق قىلىپ ئۇتۇق قازىنىش ياكى ئۇتۇق قازىنالماسلىقى يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا باغلىق .تۆۋەندە تاماشا ساھەسىدىكى خوجايىن بولۇپ باي بولۇپ كەتكەن ئايال چولپانلارنى كۆرۈپ باقايلى !

1.يې شۈەن

گۈزەل يېشۈەن بۇلتۇر تۇنجى قېتىم <توققۇزىنچى تۇل ئايال >فىلىمىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى بولغان .يېقىندا يېشۈەن يەنە بىر قېتىم فىلىم ئىشلىگۈچىلىك سالاھىتى بىلەن <ئافىنا ئايال ئىلاھى >ناملىق يېڭى فىلىمىنى ئىشلەپ چىقتى ھەمدە بۇ فىلىمدە ئۆزى باش رول ئالغان بولۇپ ، بۇ قېتىم ھەم ئارتىس ھەم فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇشتىن ئىبارەت ئېغىر ئىككى خىل ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان .بۇ يېشۈەننىڭ يەنە بىر قېتىم نام چىقىرىشى بولۇپ قالدى . لېكىن يېشۈەن ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقاندا تۇيۇقسىز ھوشىدىن كەتكەن .قارىغاندا ھەم رول ئېلىپ ھەم فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇپ قاتتىق چارچىغان ئوخشايدۇ .شۇڭا بۇنداق ئېغىر خىزمەتلەر ئالدىدا يەنىلا سالامەتلىككە دىققەت قىلىش كېرەك .


2.فەن بىڭ بىڭ

فەن بىڭ بىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ نام قازانغا چولپانلارنىڭ بىر .2007-يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىشخانىسىنى قۇرۇپ خوجايىنغا ئايلانغان . فەن بىڭ بىڭ خوجايىن بولغاندىن سىرت يەنە ئاساسلىق ئارتىس، فىلىم ئىشلىگۈچى ، ھەتتا سېنارىيە ئۆزگەرتىش ۋە مالىيە جەدۋىلىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش بىلەنمۇ شۇغۇللانغان . ئۇنىڭ خىزمەت ئىشخانىسىدا داڭلىق سەنئەتكار چولپانلار بار يەنى كۈلدۈرگە ئارتىسى ۋاڭ شۆچى ، خەن شياۋ ، خۇاڭ شياۋچى قاتارلىقلار .

3.جوۋ شۈن

2010-يىلى جوۋ شۈن ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىشخانىسىنى قۇرغان بولۇپ ،ھازىر ئۇنىڭدا سەنئەتكارلاردىن پەقەت جوۋشۈن ئۆزى يالغۇز بار. ئۇ كىنو-فىلىم ئىشلەش ساھەسىدىن سىرت يەنە مۇھىت ئاسراش تۈرىنىمۇ قانات يايدۇرغان ھەمدە لاھىيەلەش ،مودا ئېقىم ساھەسىگىمۇ بۆسۈپ كىرگەن . فەن بىڭ بىڭ بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى جوۋشۈننىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە خەير-ساخاۋەتكە سالغان مەبلىغى سودا ساھەسىدىن ئېشىپ چۈشكەن .


4.لى شىياڭ

لىشياڭ ئەينى يىللاردا <شادلىق بازىسى >پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا ئىچكىرى ئۆلكىدىكى داڭلىق رىياسەتچى ئىدى . لېكىن ھازىر رىياسەتچىلىك جەھەتتە شېنا ،جۇدەن قاتارلىق يېتىشىپ چىقىۋاتقان رىياسەتچىلەر ئۇنى بېسىپ چۈشىدۇ .لېكىن لى شياڭنىڭ ھازىر باشقا نامى بار يەنى فىلىم ئىشلىگۈچى .ئۇ مەبلەغ سېلىپ ئىشلىگەن <ئېيىق پالۋان > ،<تۇيۇقسىز سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم >قاتارلىق فىلىملىرىنىڭ كۆرۈش نىسبىتى ئېشىپ ياخشى باھالارغا ئېرىشتى . ئۇ ھەم رىياسەتچىلىك قىلىپ ھەم فىلىم ئىشلىگۈچى بولۇپ نۇرغۇن پۇل تېپىپ باي بولدى .


5.لىن شىنرۇ

2008-يىلى ئۇ غەلىبىلىك ھالدا ئۆزىنىڭ خىزمەت ئىشخانىسىنى قۇردى . لېكىن ئۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ كېتەتتى ،شۇڭا ئۇ چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ داڭلىق ئارتىسلار ۋە ۋاسىتىچىلەر بىلەن توختام ئىمزالىدى . 2010-يىلى <مۇكەممەل ئەر >فىلىمىدە لىنشىنرۇ نەشر قىلغۇچى ۋە مەبلەغ سالغۇچى بولدى . 2011-يىلى ئۇ <چىنشىخۇاڭنىڭ توقال خانىشى>ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ئايال باش رولچى بولدى . بۇ فىلىم تېخى قويۇلماي تۇرۇپلا نۇرغۇن كىشىلەرنى جەلپ قىلغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم قويۇلغاندىمۇ ھەر قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ تالاش -تارتىش قىلىشىغا ئۇچرىغان .

6.جاڭ زېيى

<ئارتىس بولۇش ھەقىقەتەن تەس لېكىن رول ئېلىش ۋەزىپىڭىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قايتىپ كەتسىڭىز بولىدۇ .ئەمما فىلىم ئىشلىگۈچى بولسىڭىز تېخىمۇ تەس .ئۆزىنىڭ رولىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بېجىرىدىغان ئىشلار بولسا شۇلارنى ھەل قىلىش كېرەك .> بۇ 2009-يىلى جاڭزىيىنىڭ <ئىنتايىن مۇكەممەل >ناملىق فىلىمنىڭ تەشۋىقات مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى . بۇ فىلىمدە ئۇ ئۆزى فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان ھەمدە باش ئايالنىڭ رولىنى ئالغان . ئۇنى ئەسلىدىنمۇ تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك بولغاچقا بۇ فىلىم قويۇلۇشى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن .


7.جاڭ لياڭيىڭ

2010-يىلى جاڭ لياڭيىڭ دوستى بىلەن بىرلىشىپ شىركەت قۇرغان بولۇپ ئاساسلىق مۇزىكا ساھەسىنى ئاساس قىلغان . ئىگىلىنىشىچە ئۇ شىركەتنىڭ سەنئەتكارى ، پايچى ئىكەن .ھازىر ئۇنىڭ شىركىتىدە ۋاڭ جىڭلياڭ ۋە فەن جىن قاتارلىق داڭلىق ناخشىچىلار بار ئىكەن .


8.چيۇ شىجىن

شياڭگاڭنىڭ بۇرۇنقى داڭلىق چولپانلىرىنىڭ بىرى بولغان چيۇ شىجىن ناھايىتى قالتىس ئايال بولۇپ، ئۇ سۈرەتكە ئالغان نۇرغۇن فىلىملەرنىڭ كۆپرەكى ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان فىلىملەردۇر . ئۇ ۋاڭ جىڭ بىلەن بىللە 10نەچچە يىل سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان غەلىبە قازانغان ئايال . كېيىن ئۇ باي ئائىلىگە ياتلىق بولغاندىن كېيىن ،يولدىشى ئۇنىڭ قاتتىق جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ شىركىتىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك پايچىكنى چيۇ شىجىنغا بەرگەن . ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تاماشا ساھەسىدىن ئايرىلىپ يولدىشىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك مۈلكىگە ئىگە بولغان . ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى فوربىس تىزىملىكىدە ئۇنىڭ ئىسمى ئالدىنقى رەتتىن ئورۇن ئالغان .


9. لىن چىڭشيا

لىن چىڭشيامۇ ئەينى يىللاردىكى داڭلىق ئايال چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن فىلىملىرىنى كىشىلەر دائىم تىلغا ئېلىپ تۇرىدۇ . لىن چىڭشيامۇ باي ئائىلىگە ياتلىق بولغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق يولدىشىنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشكەن .ئۇنىڭ ئائىلىسى ناھايىتى باي بولۇپ يولدىشى بىلەن مۇھەببەت جەھەتتە بولسۇن ياكى مال-مۈلۈك جەھەتتە بولسۇن ناھايىتى باراۋەر .


10.ياڭ زىجىڭ

ھوللىۋودقا قەدەم بېسىپ خەلقئارالىق چولپانغا ئايلانغان ياڭزىجىڭ ،خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى كۈچلۈك چولپان ھېسابلىنىدۇ . ئەينى يىللىرى <007ئەتىدىكى ئىمپېرىيە >فىلىمىدە رول ئېلىپ پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا نام قازانغان ياڭزىجىڭنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان بىرەر فىلىمى چىقىپ باقمىدى .ئۇنىڭغا قىزىقىدىغانلارمۇ بارغانچە ئازلىماقتا . لېكىن خوجايىنغا ئايلانغان ياڭزىجىڭنىڭ كۈنى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، تاڭزەيياڭ ئەپەندىم بىلەن بىرگە <شىڭچىڭ تاماشا شىركىتى >نى قۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن تالانتلىق سەنئەتكار ۋە كىنو-فىلىملەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ ئاسىيا تاماشا ساھەسى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا . لىن شىلېي ، جاڭ فېڭ يى ،سوڭ خۈيچياۋ ، ۋاڭ شى ، لى ۋېي ، خۇاڭ مىڭ قاتارلىق چولپانلار مۇشۇ يەردە يېتىشىپ چىققان. 

 

يېڭى خەۋەرلەر
ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان قوش باشلىق مەخلۇقلار
ئادەمنىڭ ئىشەنگ...
دادىسىنىڭ تىمساھ بېقىش كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان ئوغۇل
دادىسىنىڭ تىمسا...
ھەريەردىكى ئاددىي خىزمەتنىڭ ئاجايىپ ھاياتىي كۈچكە تولغان دەقىقىلىرى
ھەريەردىكى ئادد...
ساھىپجامال زۇڭلىدىن مەھبۇسلۇققىچە بولغان ئايال- تيموشىېنكو
ساھىپجامال زۇڭل...
ئوباما ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشكەندە جۇڭگونى چەكلىمەيمىز، دېدى
ئوباما ياپونىيە...
قىزىقارلىق ئىش،سىزچە بىر دانە تانكىغا زادى قانچە ئادەم سىغار
قىزىقارلىق ئىش،...
120 جىڭ ئېغىرلىقتىكى ئۈچ ياشلىق بودەكنىڭ تۇرمۇشى
120 جىڭ ئېغىرلىقت...
چۇڭچىڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك پەتەك قىز-يىگىتلەر ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
چۇڭچىڭدا تۇنجى ن...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
خۇنەن ئۆلكىسى قىزىقارلىق تەنتەربىيە پائالىيىتى ...
ماي بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا تىيەنئەنمېن مە...
گۇيجۇدىكى كان قۇدۇقىدا كان ئىشچىلىرى قاپسىلىپ قا...
پولات چىۋىق بىر ئايالنىڭ مېڭە توقۇلمىسىنى پارچىل...
جۇڭگودىكى 136 كارخانا «فوربىس» تىزغان «2000 كۈچلۈك ك...
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى 2012-يىلى شىنجاڭدىن 28 ئوقۇغۇچ...
كىچىك ئوغۇل مىڭە قىسمى مىخ بىلەن مىخلىنىپ گەپ قىل...
شياڭگاڭدا بىرنەچچە ئەمەلدار خىيانەتچىلىك جىنايى...
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر كەسىپ تەربىيەسىگە ق...
100 يۈەنلىك قەغەز پۇلدا «哈哈» خېتى پەيدا بولۇپ قاپت...
توردا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاشقى قىياپە...
تاماشا ساھەسىدىكى خوجايىنغا ئايلىنىپ كاتتا باي ب...
15 دوللارغا ھاۋادا لەيلىگۈڭىز بارمۇ
روسىيەنىڭ دېڭىز ئۈستى نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسى چۆك...
ئامېرىكا ئىراقتىن چېكىنىپ،مۇئاۋىن زۇڭتۇڭغا تۇت...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 15902032603