ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 1-ئىيۇندا ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: مەملىكەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانىغا توردا بىر تۇتاش تىزىملىتىش 5-ئىيۇن سائەت 0:00 دىن 25-ئىيۇن سائەت 24:00 كىچە داۋام قىلىدۇ،ئىمتىھان 17-ۋە 18-سېنتەبىر ئېلىنىدۇ. ئەدلىيە ئىمتىھانىغا تىزىملاتقۇچىلار چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتى (http//:www.moj.gov.cn) گە چىقىپ تىزىملاتسا بولىدۇ.
بۇ يىلقى ئىمتىھان مەزمۇنى نەزەرىيەۋى قانۇنشۇناسلىق،قوللىنىشچان قانۇنشۇناسلىق،ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇنلار،قانۇننىڭ ۋەزىپىسى ۋە قانۇن كەسپىي ئەخلاقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش سوئال چىقىرىلىدۇ،ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئىمتىھان دائىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن، <2011-يىللىق مەملىكەتلىك ئەدلىيە ئىمتىھانى پىروگراممىسى> نى تۈزۈپ تارقاتتى.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى