
6 -ئانىڭ 15-كۈنى جىنەن مۇھىت ئاسراش ئىدارسى خىزمەتچىلەرنىڭ تېخنىكىسىنى سىناش مۇسابىقىسى ئېلىپ باردى .بۇ مۇسابىقىدە بىرىنچى سەپتىكى مېڭ جا ،جاڭ تىڭ قاتارلىق بەش نەپەر خىزمەتچىلەر ئاخباراتچىلارنىڭ دىققتىنى ئۆزىگە تارتتى .چۈنكى بۇلارنىڭ سالاھاتى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى،ئۇلارنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى بولسا قىخ توشۇش ئىدى .2009-يىلى بۇ ئۇرۇنغا 390ئادەم ئىمتىھان بەرگەن بۇلۇپ ئاخىرىدامېڭ جا ،جاڭ تىڭ قاتارلىق بۇ بەش نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تاللانغان .ئۇلار بۇ ئورۇندا ئىشلىگىلى ئىككى يىلدەك بولغان ھەر ئايدا 2500يۇەن ئالىدىكەن .
يەرلىك ئاخباراتچى مىڭ جانى زىيارەت قىلغاندا ئۇ :‹باشتا بۇ خىزمەتنى ئشلىگنىمدە يىغلاپ تۇرۇپ قىلاتتىم ، كۈندە ئەتىگەن 4دە تۇرىمەن، قۇلۇم ھەم مۆرەم قىزىرىپ قان ئۇيۇلۇپ قالاتتى .لېكىن بۇ خىزمەت مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمىدى ،بۇ يىل مەن تېخى تويۇمنى قىلماقچى بولىۋاتىمەن ›دەپ ئېيتتى .بىر قىز بالىغا نىسبەتەن بۇ خىزمەت ھەقىقەتەن تەس ئىدى. ھازىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاسان خىزمەت ياراتمايدۇ ،خىزمەت بولمىسا قانداق قىلقمەن دەپ ئاتا-ئانىسىدىن پۇل ئېلىپ خەجلەيدۇ ،ئۇلارچە بولغاندا چوقۇم دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تۆمۈر تاۋاق خىزمىتى بولسا ئىشلىشى كېرەك بولمىسا بىكار يۈرسە بولدۇ .ئۇنداقتا ھازىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جاسارىتى قېنى ؟