شىنخۇا ئاگېنتلىقى 31-ماي ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:تاڭزۇڭزا چاغىنىغا ئاز قالغاچقا ،بەزىلەر دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇلۇق كۆل _ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باغراش كۆلىدە قۇمۇش يۇپۇرمىقىنى قالايمىقان ئۈزۈپ ساتقان،شۇ جايدىكى قانۇن ئىجراچىلىرى كۆلنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئۈچۈن، ھازىر مەخسۇس زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى قوزغاپ بولدى.
باغراش كۆلىنى قويۇق قۇمۇشلۇق ئوراپ تۇرىدۇ،شۇڭا بۇ يەر دۆلىتىمىزدىكى تۆت چوڭ قۇمۇشلۇقنىڭ بىرىگە ئايلانغان. قۇمۇشلۇق نەم بەلبىغىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ،يېقىندىن بۇيان كۆلنىڭ ئەتراپى ۋە قومۇشلۇقتا ياۋا ئۆردەك ،غار-غار ئۆردەك،ياۋا غاز توپى ئەركىن پەرۋاز قىلىدىغان؛بۇغا-مارال،تارىم توشقىنى،جەرەن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى يايلاپ يۈرىدىغان مەنزىرە شەكىللەندى.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى