

1-ئاينىڭ 7-كۈنى، كورېيەنىڭ پايتەختى سيولدا، بىر يولۇچى سەنشىڭ شىركىتىنىڭ تەشۋىقات تاختىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈۋاتماقتا.

1-ئاينىڭ 7-كۈنى، كورېيەنىڭ پايتەختى سيولدا، سەنشىڭ شېركىتىنىڭ بايرىقى مەلۇم بىر چوڭ بېنانىڭ ئالدىدا لەپىلدىمەكتە.
سەنشىڭ ئېلېكترونى شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم سىتاستىكا نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ شىركەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالدىنقى يىلدىكى سېتىلىش سوممىسى ۋە تىجارەت پايدىسى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى ئېيىتتى. سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ شىركەت ئالدىنقى بىر يىلدىكى مەھسۇلات سېتىلىش سوممىسى 1537600 مىليون كورېيە پۇلى بولۇپ تۇنجى قېتىم 1500000 مىليوندىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا 12.8 پىرسەنت ئاشتى. تىجارەت پايدىسى 17280000 مىليون كورېيە پۇلىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىن 58.1 پىرسەنت ئاشقان. بۇ شىركەت ئالدىنقى يىلى تۆتىنچى پەسىللىك سېتىلىش سوممىسى 410000 مىليون كورېيە پۇلىغا، تىجارەت پايدىسى 30000 مىليون كورېيە پۇلىغا يەتكەت. شىنخۇا ئاگىنتلىقى فاشيىن خەۋىرى.
خەۋەر مەنبەسى: شىنخۇا تورى
-