سۈرەتتە، 2011-يىل 5-فېۋرال ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ياڭ جيېچى (ئوڭدا) ۋاشىنگىتوندا سودا مىنىستىرى لو جياخۇي بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)
خەلق تورىنىڭ 9-مارت ۋاشىنگتوندىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 9-مارت ئاقسارايدا ھازىرقى سودا مىنىستىرى لو جياخۇينى 4-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان جون خانتىسمەننىڭ ئورنىغا جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى نامزاتى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئوباما نامزات كۆرسەتكەندە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، لو جياخۇينىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىكى تۆھپىسى بىلەن جون خانتىسمەننىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان ئەڭ ياخشى نامزات بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئوبامانىڭ لو جياخۇينى نامزاتلىققا كۆرسىتىشى ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
خەلىق تورى |