باش بەت / ساقلايمەن

مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(6)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-11-26 11:47 | ئاپتور: خالىدە ئىسرائىل | مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

سوۋىت ئىتتپاقلىق رىپىرنىڭ پۈشتەك چىلىپ بەلگە بىرىپ بىرىشى بىلەنلا، ساقاللىق ئىنگىلىز دوختۇر توپنى قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىغا قارىتىپ تەپتى. شۇنداق قىلىپ دۇنيانىڭ مەدەنىيەت مەركىزىدىن كەلگەنلەر بىلەن«يىرىم ياۋايى»لار ئارسىدىكى ئىس -تۈتەكسىز كۈرەش باشلىنىپ كەتتى.
مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى پەيىتلىرىدە ئىككى تەرەپ كوماندا ئەزالىرنىڭ روھى دۇنياسى ئاسمان-زىمىن پەرىقلىنەتتى.
ئەنگىلىيە كوماندىسىدىكىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسى ۋە مەيداندىكى ھەركەتلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە شەكسىز ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى، ئىكساقلىقلار بولسا ھەدىگەندىلا تەمتىرەپ تۇراتتى. ناتۇنۇش، كۈچلۈك رەقىب، تۈمەنىلىگەن تاماشىبىننىڭ دىڭىز شاۋقۇنىدەك چۇقان-سۈرەنلىرى ئۆمرىدە بۇنداق كاتتا سورۇننى كۆرۈپ باقمىغان بۇ ساددا كىشىلەرنىڭ
دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرشىگە كاشىلا قىلماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ تەمتىرەپ قىلۋاتقانلقنى سەزگەن ئەنگىلىيىكلەر چەبدەسلىك بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇلارنىڭ ھۇجۇمى ھە دىگەندىلا ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتاتتى. بۇ ھالەت يەنە بىر پەس داۋاملىشىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ غەلبە ئاساسىنى قۇرىۋىلىشىدا گەپ يوق ئىدى.
دەل شۇ چاغدا مەيداننىڭ بىر چىتىدىن بوراندەك غەزەبلىك ئاۋاز ياڭرىدى. ھەممە ئادەم ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇرۇلۇپ قاراشتى. ئىكساقنىڭ زاپاس كوماندا ئەزالىرى ئارسىدا ئولتۇرغان ئاپئاق ساقاللىق تەمبەل بىر بوۋاي ساقاللىرىنى تىتىرتىپ:«...ئوينىيالمىساڭ چۈشە مەيداندىن! ھەرقايسىڭ توپنى تالاشماي ساماغا چۈشتىڭمۇ مەيدانغا؟!» دەپ ۋارقىراۋاتاتتى. ئۇ، ئىكساقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى توپچىلىرىدىن بىرى بولغان نامان ئاكا ئىدى. نامان ئاكىنىڭ قەھىرلىك ئاۋازى ۋە ئاپئاق ساقىلى ئىكساقلقىلارنى سەگىتتى. كىرەم كىچىك ئىچىدە ئىختىيارسىز بوۋايغا ئاپرىن ئوقۇدى. ئۇ بىردىنلا پۇت قولنىڭ كۈچكە تولغانلىقنى ھىس قىلدى. ئۇ ئەنگىلىيىلىكلەر چەبدەسلىك بىلەن پاسلىشىپ ئىلىپ كىتىۋاتقان توپنى بۈركۈتتەك ئىتلىپ بىرىپ ئۈزۈپ ئالدى....
---بارىكاللا! ئوغۇل بالا دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ مانا.
---ئاتاڭغا رەھمەت!- دەپ توۋلىشاتتى ئەتراپتىكىلەر.كىرەم توپنى توختىتىپ مەيدانغا بىر نەزەر سالغاندىن كىيىن، ھۇجۇمچى ئورنىدا تۇرغان ئەنۋەرنى كۆردى-دە، «ئالە ئەنۋەر» دىگىنىچەتوپنى كۈچەپ تەپتى. ئاللىقاچان توپنى كۈتۈپ تۇرغان ئەنۋەر توپنى مەيدىسىگە شۇنداق چىرايلىق ئىلىپ توختاتتىكى، ئەنگىلىيىكلەرنىڭ چىرايىدىمۇ ھەيرانلىق ئەكىس ئەتتى. مەيدان سىرتىدىكىلەر ھاياجاندىن ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، گۈلدۈرلىشىپ كەتتى.
ئەنۋەر بۇرۇلۇپ ئەنگىلىيە تەرەپنىڭ ۋارتاسىغا قاراپ شامالدەك تىز يۈگۈردى. ئەتراپتىكىلەرنى كەينىگە تاشلاپ، ئالدىغا كەلگەن بىر ئىنگىلىز بىلەن ھنىدىستانلىقىنى ماھىرلىق بىلەن ئالداپ ئۆتۈپ، توپنى ۋارتاغا قارىتىپ كۈچەپ تەپتى. پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ تۇرغان ئەنگىلىيە ۋاراتارى توپنى سالماقلق بىلەن تۇتىۋالدى. ئەمما بۇ بىر توپ ئىكساق كوماندىسىدىكلەر ئۈچۈن ئىلھام بەخش ھۇجۇم سىگنالى بولۇپ قالدى. مۇسابىقە بارغانسىرى كەسكىنلەشتى، ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق قاملاشقان ھۇجۇممۇ كىشىلەرنى ساراسىمىگە سىلىپ چۇقان كۆتۈرگۈزىۋەتتى. ئىككى تەرەپنىڭ جان پىدالىق بىلەن ئىلشىشى پۈتكۈل مەيداننى مسلىسىز جددىيىلىك ئىچىگە ئىلىپ كىردى. مەيداننىڭ ئومۇمى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئىكساق كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى بارغانسىرى ياخشىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىدىكى جىددىيىچىلىك ۋە يۈرەكسىزلىكىنى يوقتىپ، بارا-بارا مۇسابىقىگە كىرىشىپ كىتىۋاتاتتى. ئەنگىلىيە كوماندىسىدىكىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ «يىرىم ياۋايى» لارنى بوش چاغلاپ قالغانلقىلىرىنى سىزىپ، ئەسلىدىكى ھاكاۋۇرلىقىنى تاشلاپ، توپنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئويناشقا باشلغانىدى.
ئىكساقلقلار كەينى-كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئەنگىلىيىلىكلەرنى خىلىلا تەمتىرىتىپ قويدى. بولۇپمۇ كىرەم توپچى بىلەن تۇرسۇن ئەپەندى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە قادالغان خەنجەردەك توختىماي زەربە بىرەتتى، مۇسابىقىنىڭ ئىكساقلىقلارغا پايدىلىق تەرەپكە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تاماشىبىنلار بولسا خۇددى بۇ ئالەمدىكى ئاجايىپ كارامەتلىك مۆجىزىنىڭ شاھىتىدەك ئۆزلىرىنى ئۇنۇتقان ھالدا چۇقان سۈرە سىلىشاتتى.
بۇ ھال ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى بولغان لىيىتنانت گىرگىسنىنى قاتتىق تىرىكتۈردى. «نىمە ئىش بۇ، ماۋۇ يالىڭاياغلار خۇددى خۇداسىدىن مەدەت ئالغاندەك كۈچىيىپ كىتىپ بارىدىغۇ. مەيلى، ئۇلارغا كىمنىڭ مەدەت بىرىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنى يىڭىشىمىز كىرەك. بۇ ياۋايىلارنىڭ بۈيۈك برېتانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ تەڭداشسىز ئوبرازىغا نوقسان كەلتۈرىشىگە يول قويۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر بۇلار يىرىتقۇچ يولۋاس بولغان تەقدىردىمۇ، قامچا بىلەن باش ئەگدۈرۈش كىرەك!»دەپ ئويلىدى.
ئۇ ئويىلغانسىرى غەزەبلىنىشكە، ئەسەبىيلىششىكە باشلىدى.
دەل شۇ چاغدا ئەنگىلىيە تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايۇنغا قاراپ توپنى ماھىرلق بىلەن ئىلىپ كىتىپ بارغان بىشراخۇنغا قاراپ ئىتىلغان قوڭۇر تەنلىك بىر بىكتوپقا قاراپمۇ قويماي، بىشىراخۇننىڭ ھوشۇقىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتى. ئۇنداق يولسىز ھۇجۇمغا تەييارلىقسىز تۇرغان بىشىراخۇن ئاغىرىققا چىدىماي يەردە يۇمىلاپ كەتتى.
---ياخشى! دەپ ۋارقىردى لىېيتنانىت،- ئۇلارنى مۇشۇنداق قوپالماس قىلىپ قويۇش كىرك.
---نىمە قىلىق بۇ، شۇنداقمۇ نامەرتلىك قىلغان بارمۇ؟!
---چىدىغانغا چىقارغان! چىدىماسلار ئوينىمىسۇن!
نارازىلىق سادالىرى مەيداننى بىر ئالدى. سوۋىت ئىتىپاقى كونسۇلخانىسىدىن تەكلىپ قىلىنغان رىپىر دەرھال پۈشتەك چىلىپ مۇسابىقىنى توختاتتى ۋە بىنگاللىق بېكىنى ئاغزاكى ئاگاھلاندۇردى توپنى ئكساق كوماندىسىغا ئىختىيارى باشلاتقۇزدى.
شۇنىڭدىن كىيىن ئىكساقلىقلار كەينى-كەينىدىن يىقىلغىلى تۇردى. تۇرسۇن ئەپەندى ئەھۋالنىڭ خەتەرلىكلىكىنى سىزىپ، ئەزالىرىنى ھوشيار بولۇشقا چاقىرىدى. ئىكساقلىقلارنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ غەزەپ ئۇچقۇنى چاچىرماقتا ئىدى.
ئەنگىلىيە كوماندىسى ھۇجۇم قىلىپ، توپنى ئىكساق تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايونى ئەتراپىغا ئىلىپ كەلدى. ئەڭ ئالدىدا يۈگۈرۈپ كەلگەن مىچىل ئەپەندى توپنى ئىلىشىغا، ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ«ئىلتىپاتى»دىن تولا بەھرىمان بولۇپ، ئىچى قايناپ تۇرغان ئەمەت قارى يۈگۈرۈپ بىرىپ مىچىل ئەپەندىنى دولىسى بىلەن كىلىشتۈرۈپ ئۈستى.
ئىگىز بوي مىچىل ئەپەندى دەرەختەك ئۆرۈلۈپ، يەردە نەچچە يۇمىلاپ كەتتى. رىپىر دەرھال پۈشتەك چىلىپ ئەنگىلىيە كوماندىسىنى ئىختىيارى توپ باشلاتقۇزدى. ئىكساقلىقلار بۇنىڭغا نارازى بولدى، تۇشمۇ-تۇشتىن رىپىرنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بىرىپ، بۇنى قائىدىگە خىلاپ ھەركەت ئەمەس، دەپ تالشىشتى.
ئەنگىلىيىلكلەر بولسا توپنى تىز سۈرئەتتە باشلاپ، قارشى تەرەپنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ۋاراتاغا قارىتىپ توپنى تەپتى. پۈتۈن دىققىتىنى مەيداننىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى تالاش-تارتىشقا قارىتىپ تۇرغان ۋاراتار مۇھەممەت توڭپنى توسۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى. مەيداندىكى تاماشىبىنلار بۇ تۇيۇقسز ئەھۋالدىن ھۇدۇقۇپ، ئۈن چىقارماي ھاڭۋىقىپ قىلىشتى. رىپىر بولسا ئىككىلەنمەي، كىرگەن توپنىڭ ئىناۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلان قىلىپ، ئوتتۇرا مەيداندىن توپ باشلاشنى ئۇقتۇردى.
گىللىئان ئەپەندى بىلەن خانىمى باشچىلىقىدىكى كونسۇلخانا خادىملىرى، شىۋېتسىيىلىكلەر ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ چاۋاك چىلىپ تەنتەنە قىلىشتى. تاماشىبىنلار بوراندەك گۈركىرەپ ۋارقىراشتى:
---ناھەق بولدى، ناھەق!
---ھۇ نامەردلەر، خوتۇن كىشىدىن ئۇششۇق نىمىلەرىكەن بۇ!
---يالغانلىقىمىز چىنىپ قالمىسۇن، دەپ قويىۋالغان ساقاللىرىغا قاراڭلار، خالايىق! بۇنچە كۆپ كىشى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بىر نىيەت-بىرمەقسەت ئۈچۈن جىنىنىڭ بارىچە ۋارقىرىشىپ چۇقان سىلىپ باقمىغان، مۇشتۇملىرىنى چىڭ تۇگۈپ سەكرەشمىگەنىدى. شۇتاپتا مەيدان ئىچى بىلەن سىرتى بىرلىشىپ كەتكەنىدى. تاماشىبىنلارنىڭ يۈرىكى ئۆز توپچىلىرنىڭ يۈرىكى بىلەن تەڭ سوقاتتى. ھېس تۇيغۇلىرى ئۇلار بىلەن تەڭ ئۆركەشلەپ، دىڭىزدەك داۋالغۇيىتتى.
سوۋىت ئىتىپاقلىق رىپىر سائەتكە قارىدى-دە، ئكساق كوماندىسىدىكىلەر ئوتتۇرا مەيداندىن توپنى باشلىشى بىلەنلا پۈشتەك چىلىپ يىرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقنى ئۇقتۇردى. تىزلىكتە بىرىپ توپنى قولىغا ئىلىپ، تۇرسۇن ئەپەندىگە ئەتراپتىكى چوقان-سۈرەن سىلىپ تۇرغان تاماشىبىنلارنى ۋە غەزەپلىك چىرايلارنى كۆرسىتىپ بىر نىمىلەرنى دەپ مەيداندىن چىقىپ كەتتى.
ئەنگىلىيىلىكلەر مەيدان سىرتىغا سايىۋەن بىكتىپ ئالاھىدە راسلانغان ئورۇنلارغا بىرىپ ئارام ئىلىشتى. شىۋېت دوختۇرلىرى ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا پايپىتەك بولۇشاتتى، كونسۇلخانا خىزمەتچىلىرى ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنى ئۇۋلاپ، ئىچىملىك ئەكىلىپ بىرىپ، ھارغىنلىقىنى تۈگىتىشكە تىرشاتتى.
ئىكساقلىقلار بولسا تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ باشچىلىقىدا مەيدان ئوتتۇرسىدا يۇمىلاق بولۇپ ئولتۇرىشتى.
---ھەممىمز ماۋۇ خەلقنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىمىز، - دىدى تۇرسۇن ئەپەندى،- ئۇلار بىزنىڭ ئارقا تىرىكىمىز، كۈچ-قۇۋىتىمىزنىڭ مەنبەسى. ئاشۇ ئەزىز خەلىقىمىزنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولۇش بىز ئۈچۈن ئۆلۈم بىلەن باراۋەر. ئەگەر بۈگۈن بىزگە ئەجەل كەلگەن تەقدىردىمۇ، مۇشۇ مەيداندا رەقىبلىرىمىزنى يىڭىپ، يۇرۇت خەلىقنىڭ تەنتەنىسى ئىچىدە ئۆلىمىز. قورقۇنچاقلىق قىلىشقا، چىكىنىشكە قەتئى يول يوق. رەقىبىمىزنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بىز ئۇلاردىنمۇ كۈچلۈك بولىشىمىز كىرەك.
دەل شۇ چاغدا ئالىمان ئىچىدە ئادەم توپىنى يىرىپ كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇ، مۇسابىقىنىڭ دەسلىپىدە ۋارقىراپ ئىكساقلىق توپچىلارنىڭ دىققىتىنى يىغقان، ئاپئاق ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان نامان توپچى ئىدى. ئۇ، تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ قوللىرىغا ئىسلىپ تۇرۇپ:
---بالىلىرىم، پالۋانلىرىم، مەن سىلەردىن رازى بولدۇم، خەلىقىمىز سىلەردىن رازى بولدى. سىلەر جىنىڭلارنى تىكىپ قويۇپ ئوينىدىڭلار، ئاۋۇ ھاكاۋۇر پەرەڭلەرنى ئەندىشىگە سىلىپ قويدۇڭلار، ئۇلۇغ ئاللا پۇت قولۇڭلارغا يەنىمۇكۈچ-قۈۋەت بەرگەي، سىلەرگە يىڭىلمەس نۈسرەت ئاتا قىلغاي، خەلىقنىڭ ئالقىش رەھمىتىدىن كۆكلەپ كەتكەيسىلەر ئىلاھىم، ئامىن!-دەپ دۇئا قىلدى. ھاياجان ياشلىرى بوۋاينىڭ ئۇزۇن، ئاق ساقاللىرىغا ئىقىپ چۈشتى.
بۇ چاغدا كوماندا ئەزالىرنىڭ كۆزلىرىمۇ ئوتتەك يىنىپ، تومۇرلىرىدىكى قانلار ئۆركەشلەپ ئاقماقتا ئىدى. ئۇلار ئەتراپقا قاراپ، بىدىلىككە يىغىلغان تۈنەنلىگەن خەلىقنىڭ ئۆزلىرىگە تىككەن ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى كۆردى. بۇ كۆزلەر ئىچىدە يەتتە ياشلىق بالىلارنىڭ غۇبارسىز كۆزلىرىمۇ، 70 ياشلىق بوۋايلارنىڭ نۇرى قاچقان كۆزلىرىمۇ بار ئىدى. بۇ كۆزلەردىكى ئۈمىد ئۇچقۇنىنى ئۆچۈرىۋىتىشكە بولمايتتى، ئۇلارنىڭ ئارزۇ ئۈمىدلىرىنى جان تىكىپ ئاقلىماي بولمايىتتى.
رىپىر مەيدانغا كىرىپ پۇشتەك چالدى. ھەل قىلغۇچ جەڭ باشلاندى.
ئىكساقلقلار خۇددى باشقىچىلا ئادەملەرگە ئۆزگىرەپ قالغاندەك ئىدى. ئۇلار ھىچنىمىدىن قورۇقمايىتتى، نىشانىغا قاراپ شىردەك ئىتىلاتتى. ھەركەتلىرى شۇ قەدەر چاققان، چىرايلىق ئىدى. ئۇلار ئەنگىلىيە تەرەپ ۋاراتاسىغا توختىماي ھۇجۇم قىلاتتى. ھۇجۇملار خۇددى دىڭىز دولقۇنلىرىدەك بىر-بىرىدىن شددەتلىك، بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كىلەتتى. ئەمدى ئەنگىليە كوماندىسىدىكىلەر تەمتىرەپ قىلىشقان بولۇپ، ئۇلار ئۆز مەيدانىدا توپلىشىپ مۇداپىيەدىلا تۇراتتى، تىپەتتى، پۇتلايىتتى، ئالدىغا ئۆتكەننى تارتىپ يىقىتاتتى. ئەمما ئىكساقلقلار يىقىلسا دەرھال قوپاتتى-دە، ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئالغا يۈگىرەيىتتى، ئىتىلاتتى، يەنە يىقىلسا يەنە تۇراتتى، يەنە يۈگرەيىتتى، يىقىلغان يەردىن قۈۋەت ئالغاندەك تىخىمۇ قەيسەر بولۇپ تۇراتتى. ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ چىرايىدا كۆرەڭلىكتىن ئەسەر قالمىدى. ئۇنىڭ ئورنىنى ھەيرانلىق، قورقۇش ھەتتا ئاز-تولا قايىللىق ئىگىلىدى.
تۇرسۇن ئەپەندى پەخىردىدىن بەرگەن پاسنى ئالدى دە، تىز سۈرئەت بىلەن قارشى تەرەپ كوماندىسىنىڭ چەكلەنگەن رايۇنىىغا ئىلىپ كىردى. ھىندىستانلىق ۋاراتار تۇرسۇن ئەپەندىنى نىشان قىلىپ شىددەت بىلەن ئىتىلىپ چىقتى. قارشى تەرەپنىڭ مەقسىدىنى پەمىلگەن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزنى يانغا ئىلىپ، ئۇنىڭ يىنىدىن شامالدەك ئۆتۈپ كەتتى. ۋاراتار ئۆزىنى تۇتالماي، ئۆزىگە ئوخشاش مەقسەت بىلەن تۇرسۇن ئەپەندىگە قاراپ ئىتىلىپ كەلگەن سەپدىشى بىلەن قاتتىق سوقۇلۇشتى ۋە ئىككىلىسى ھۆركىرەشكىنىچە يەردە يۇمىلاپ كىتىشتى. بۇنى كۆرگەن تۇرسۇن ئەپەندى پۇتىدىكى توپنى ۋاراتارغا تەپمەستىن، يان سىزىقتىن تىپىپ چىقىرۋەتتى-دە، دەرھال بىرىپ ۋاراتارنى يۆلىدى. بۇ ئالىيجاناپ ھەرىكەت پۈتكۈل مەيداننى لەرزىگە سىلىۋەتتى. ھەتتا كونسئول گىللىئان ئەپەندى بىلەن خانىممۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تۇرسۇن ئەپەندىگە قاراپ كۈچەپ چاۋاك چالدى. ئۇلارغا ئەگىشىپ كونسۇلخانا خادىملىرى ۋە ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ زاپاس ئەزالىرىمۇ ئۆزلىرىنى ئۇنتىغان ھالدا چاۋاك چىلىشىپ كەتتى.كونسۇلخانىنىڭ داۋالاش خادىملىرى دەرھال مەيدانغا يۈگۈرۈپ كىرىشتى. بۇ كىچىككىنىە ئۈزىلىش داۋمىدا گىللىئان ئەپەندى مەيداننىڭ چىتىگە كىلىپ ئەنگىلىيە كوماندىسىدىكىلەرگە:« بۇ مۇسابىقىدە بەلكىم ئۇتتۇرشىمىز مۇمكىن. ئەمما ئىناۋەتنى ئۇتتۇرۋىتىشكە بولمايدۇ. ئۇنتۇپ قالماڭلاركى، ھازىر سىلەر بۈيۈك بىر برېتانىيە ئىمپىريىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپتىدە تۇرۋاتىسىلەر. بىرىڭلار، ئۇلارغا ھەقىقى ئەنگىلىيە مۆتىۋەرلىرىنىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىپ قويۇڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولغاي»دىدى.
ئادەم ئالماشتۇرۇلۇپ، كەسكىن جەڭ باشلاندى. ئەمما بۇ قىتىم مەيداندىكى كەيپىيات تۈپتىن ئۆزگەرگەنىدى. ياپيىشىل بىدىلىكتە 22ئەزىمەت باراۋەر ئورۇندا، كەمسىتىش ۋە كەمسىتىلىشتىن خالى ھالدا غەلبە ئۈچۈن كۈرەش قىلۋاتاتتى. مانا بۇ ھەققى مۇسابىقە ئىدى.
ئىكساق كوماندىسىدىكىلەر توپنى ھۇجۇم سىپىدە تۇرغان ئەنۋەرگە پاس بىرىشتى. ئەنۋەر توپنى ئەپچىللىك بىلەن كونتىرول قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا ئوقتەك يۈگۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئالدىنى توسقان ھۇجۇمچىلاردىن ئۇيان-بۇيان ئەگىپ، ناھايىتتى چاققان ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار ھەرقانچە قوغلاپمۇ ئەنۋەرگە يىتىشەلمىدى. ئۇ توپنى ئىلىپ ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ چەكلەنگەن رايۇنىغا كىرىپلا ئوڭ بۇرجەككە قارتىپ شۇنداق كۈچ بىلەن تەپتىكى ۋاراتار توپنى توسۇپ بولغىچە توپ كىرىپ كەتتى. ناغرا-سۇناي ساداسى، قىقەس سۈرەن قاپلىغان مەيدان داۋالغۇپ كەتتى. كىشلەر ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا تەنتەنە قىلىشتى. رىپىر توپنى ئىلىپ ئوتتۇرا مەيداننى كۆرسەتتى، ئىككى تەرەپنىڭ نەتىجىسى بىردە بىر بولۇپ، تەڭشىلىپ قالغانىدى.
مۇسابىقىنىڭ ئاخىردا، ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ھەممىسى دىگىدەك ئۆز مەيدانىغا قايتىپ قەيسەرلىك بىلەن مۇداپىيەدە تۇرغاچقا، مۇسابىقە تىركىشىش باسقۇچىغا كىرىپ قالغانىدى. ۋاقىت مىنۇت سىكۇنىتلاپ ئۆتمەكتە، رىپىر توختىماي سائەتكە قارايىتتى، تاماشىبىنلارنىڭ چىرايىدىن تاقەتسىزلىك ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى. مۇسابىقە ۋاقىتنىڭ توشۇش ئالدىدا تۇرغانلىقنى كۆرگەن ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ چىرايىدىكى جىددىيلىكمۇ يوقىلىشقا باشلىغاندى.
توپ ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ پۇتىدا بولۇپ، ئۇلار ئاخىرقى بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىتىنى ئۆتكۈزۋىتىش ئۈچۈن ئۆز مەيدانىدا پاس بىرىشىپ يۈرمەكتە ئىدى. تۇيۇقسىز توپنىڭ يىنىدا پەيدا بولۇپقالغان كىرەم مايمۇندەك چاققانلىق بىلەن توپنى لىتنانىت گىرگىسىننڭ پۇتىدىن تارتىپ ئالدى-دە، ئەنگىلىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتارسىغا يۈگۈرۈپ كەتتى. ئۇ شۇنداق تىز يۈگۈردىكى، كۆرۈپ تۇرغان ھەممە ئادەم ھەيرانلىقتىن قىتىپ قالدى. گىرگىسىن بولسا، ھازىرلا پۇتىدا تۇرغان توپنىڭ قانداق قىلىپ بۇ مۇشتۇمدەك بالىنىڭ پۇتىغا ئۆتۈپ قالغىنىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. كىرەم ئاجايىپ چاققانلىق ۋە ماھىرلىق بىلەن قات-قات توساقلاردىن ئەگىپ ئۆتۈپ ۋاراتارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. ۋاراتار ئۆزىنى كىرەمنىڭ پۇتىدىكى توپقا ئاتتى. كىرەم بولسا سىھرىگەرلەردەك بىر ھەرىكەت بىلەن توپنى ۋاراتارنىڭ ئالدىدىن ئىلىپ كەتتى دە، قۇرۇق ۋاراتارغا قارىتىپ جىنىنىڭ بارىچە تەپتى، توپ كىردى.
نەتىجىدە ئىككىدە بىر بولدى. مەيدان قاينام تاشقىنلىققا چۈمگەن، كىشىلەر سەكرىشىۋاتقان، ۋارقىرشىۋاتقان، تونۇشسۇن، تونۇشمىسۇن مەھكەم قۇچاقلىشىپ يىغلىشىۋاتقان ئاشۇ دەقىقىدە، كونسۇل خانىممنىڭ چىداپ ئولتۇرالماي پەيتۇنغا چۈشۈپ ئۆزى يالغۇز كىتىپ قالغىنىنى كىشىلەر كۆمەي قالدى. رىپىرنىڭ پۈشتەك چىلىپ مۇسابىقە ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىلان قىلغانلىقىنىمۇ ھىچكىم سەزمىدى. تاماشىبىنلار مەيدانغا سەلدەك يوپۇرىلىپ كىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمان توپچىلىرىنى قاتمۇ-قات ئورىۋالدى. ھەممە ئادەم ئۇلارغا ئىككى ئىغىز يۈرەك سۆزىنى ئيىتىۋىلىشنى ياكى بىرەرسىنىڭ چاپىننىڭ پىشىنى بولسىمۇ تۇتىۋىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. كىشىلەر توپىنىڭ سىرتىدا ھەمرا بايمۇ ھاسىراپ ھۆمىدەپ ئايلىنىپ يۈرەتتى. قىپقىزىل يۈزىدىكى تەرلىرىنى يوختىماي سۈرىتكەچ كىشىلەر توپىغا ئۆزىنى ئۇرۇپ، قىستىلىپ ئالدىغا ئۆتمەكچى بولاتتى. سانجاق-سانجاق تۇرۇشۇپ كەتكەن ئادەملەر يول بەرمىگەندە بولسا پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، بوينىنى سوزۇپ ئىكساقلىق يۇرۇتداشلىرىنى ياكى ئۆزى دائىم تىللاپ، قارغاپ يۈرىيدىغان كىرەم كىچىكنى، يا كىرەم توپچىنى كۆرىۋالماقچى، ئۇلارنى ئۆيىگە باشلاپ يوغان ئەركەك قوينى سۆيۈپ مىھمان قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ئيىتماقچى بولاتتى....
ئادەملەر توپ پىچاق بىلەن كەسكەندەك ئىككىگە ئايرىلپ، يول ئىچىلدى. دوتەي باشلىقى ئەمەلدارلار ۋە يۇرۇت چوڭلىرى، سوۋېت ئىتىپاقى كونسۇلى قاتارلىقلار توپچىلار بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. ھەممىسىنىڭ ئاغزى قۇلقىغا يەتكەن، خۇشاللىق ۋە ھەيرانلىقتىن ئاغزى گەپكە كەلمەي قالغانىدى. سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلى دومپىس ئەپەندى«ئەمگەكچى خەلىقنىڭ جاھانگىرلىك ئۈستىدىن قىلغان غەلبىسى»نى تەبرىكلەپ ئىكساقلىقلارغا ئىككى پۇتبۇل توپى تەقدىم قىلدى. توپلار ناھايىتتى چىڭ، يىپيىڭى، پارقىراپ تۇراتتى، خۇددى كىرەم بىلەن ئەنۋەرلەرنىڭ ئارزۇسىدەك ئىدى.
ئىككىنچى كۈنى، يەنى 21-مايدا ئىكساق پۇتبۇل كوماندىسى شىۋېتسىيىلىك دىن تارقاتقۇچىلار، دوختۇرخانا خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن پۇتبۇل كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ئۇلارنى يەتتىدە بىر نەتىجە بىلەن يەڭدى. مۇسابىقىدىن كىيىن مىڭلىغان خەلق ئىكساقلىق پۇتبۇلچىلارنى دولىسىدا كۆتۈرۈپ شەھەر ئايلاندۇرۇپ، خانلىق مەدىرىسگىچە ئاپىپ قويدى.
توپچىلار ئەتىسىلا ئىكساققا قايىتتى. باھاۋۇدۇن باي بىلەن يۇرۇت خەلىقى ئۇلارنى چوڭ يولغا چىقىپ كۈتۈپ تۇرۇشاتتى. ئىكساقلىقلار قەھرىمان توپچىلىرىنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلەپ چوڭ توي ئۆتكۈزۈپ بەردى. تويلار تويلارغا ئۇلىشىپ كەتتى. شۇ تويلارنىڭ بىرى كىرەم توپچى بىلەن مەرىگۇلنىڭ ئىدى.
ئادەملەر دىگەن قىزىق بولدۇ، نامرات تۇل خوتۇننىڭ ئوغلى كاتتا باينىڭ يالغۇز قىزىنى ئەمرىگە ئىلىپ، باينىڭ ئەتىۋارلىق كۈيئوغلى بوپقالغاندا ھىچكىم كىرەمنىڭ توپنى نەقەدەر ياخشى ئوينايدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى.بەلكى كىرەم كىچىكنىڭ ئانىسىغا نەقەدەر كۆيۈمچان ئىكەنلىكىنى ، كىچىك ۋاقىتلىرىدا چوڭ ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى كۆپ ئالغىنىىنى، ئۇنىڭ ئاشۇ ياخشىلىق ۋە دۇئالارنىڭ خاسىيىتىدە كۆكلەپ ، بۈگۈنكى كۈنگە ئىرىشكىنىنى سۆزلەپ يۈرۈشتى.
ئىيۇل كىرىپ تاغ يوللىرى ئىسسىغاندا باھاۋۇدۇنباي غۇلجىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئىكساق خەلقى ئۇنى يىغا- زارى بىلەن ئۇزاتتى. باھاۋۇدۇنباي غۇلجىغا بىرىپ، بىر يىلدىن كىيىن، يەنى 1928-يىلى ۋاپات بولدى .
يىللار توختىماي ئۆتىۋەردى . جاھاندا نۇرغۇن ئۆزگىرىش بولدى . .ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى لوندۇندىكى « ئاركوس » شىركىتىنىڭ جاسوسلۇق دېلوسى تۈپەيلى سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزىگەنلىكىتىن قەشقەردىكى ئەنگىلىيە ، سوۋېت ئىتىپاقى كونسۇللىرى بىر سورۇندا ئولتۇرمايدىغان بولدى .
بۇ يىللاردا شىنجاڭدا ئۈچ قىتىم ھاكىميەت ئالماشتى. ئۆلكە ئاسمىنىنىى قارا بۇلۇت قاپلاپ ، جۇدۇن -چاپقۇن ئۈزۈلمىدى.
1937-يىلى تۇرسۇن ئەپەندى شىڭ سىسىەي تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلدى.
يىللار ئىكساقتىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈردى. كىچىكلەر چوڭايدى، چوڭلار قىرىپ ئالەمدىن ئۆتتى. « ھۆسەيىنىيە » نىڭ مۈنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىللىرى كەينى-كەينىدىن تۇتۇلدى. قىرىپ- چىپىلدى. ئەمما «ھۆسەيىنىيە » تاقىلىپ قالمىدى، ئىكساقلىقلارنىڭ پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقىمۇ ئۆچمىدى.
1954-يىلى ئىكساقتا تۈنجى پۇتبول جەمىئىيىتى قۇرۇلدى.

«ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ» 2006-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 3-ﺳﺎنىدىن ئېلىندى.


مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر باشقا تېمىلار
مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر (1)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(2)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(3)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(4)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(5)
مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(6)