باش بەت / ساقلايمەن

مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(5)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-11-26 11:46 | ئاپتور: خالىدە ئىسرائىل | مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

باھاۋۇدۇن باي شۇ كۈنى ھىرىپ چارچىغىنىغا قارماي ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە «ھۈسەيىنىيە»گە بىرىپ، ھەزىرتى ھەبىپ ئەجەم مازىرى يىنىدىكى دادىسىنىڭ تۇپرىقىنى يوقلىدى، مەسچىتتە بىر رەكەت ناماز ئوقۇپ بولۇپ، دىھقانلار كوماندىسى بىلەن «ھۈسەيىنىيە» كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆردى. بۇ، 1927-يىلنىڭ ئاپرىل ئىيى بولۇپ، باھاۋۇدۇن باي شۇ يىلى 77ياشتا ئىدى.
ئىكساق تىپتىنىچ كىچىككىنە كەنت ئىدى. ئۇ يەر-بۇيەردىكى قويۇق ئۈرۈكلۈك، شاپتۇل، ئۈزۈملۈك باغ ئىچىگە سىلىنغان كىسەك تاملىق ئاددى ئۆيلەردە كىشىلەر خاتىرجەم ياشايىتتى. كەنىت مەركىزىدىكى مەسچىتتىن ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئىمىن مەزىننىڭ مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازى بىلەن «ھۈسەيىنىيەدىكى بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇۋاتقان جاراڭلىق ئاۋازىلا كەنىتنىڭ جىمجىتلىقىنى ئاندا-ساندا بۇزۇپ تۇراتتى. بەزى-بەزىدە ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ياپيىشىل قوناقلىقتىن ئاڭلىنىپ قالىدىغان ھەسرەتلىك ناخشا ئاۋازى يۈرەكلەرنى لەرزىگە سىلىپ ئۆتەتتى-دە، جىمجىتلىق يەنە ئەسلىگە كىلەتتى.كۈنلەر بىر خىلدا تىنىچ ئۆتەتتى.
باھاۋۇدۇن باينىڭ كىلشى بىلەن ئىكساقنىڭ زىرىككەكلىك، جىمجىتلىق بۇزۇلدى. ئىكساقتىن قەشقەرگە، ئاستىن ئاتۇشقا، ئۇلۇغچات تاغلىرىغا تۇتاشقان يوللاردا ياسىداق مەپىلەر، ئىسىل ئاتلارنىڭ قوڭغۇرقى توختىماي جىرىڭلاشقا باشلىدى.باھاۋۇدۇنباينىڭ ئىغىل ،ھويلىلىرى، ئىشىك ئالدى مەپىلەر، نەسىللك ئاتلار بىلەن تولۇپ تۇراتتى. مىھمانلىرنىڭ ئىچىدە مۇسا بايلارنىڭ قەشقەردىكى، يىقىن-يىراق ناھيلەردىكى ۋە چىگرا بويلىرىدىكى سودا ۋاكالەتخانىلىرنىڭ خادىملىرى، ئۇرۇق-تۇغقان، ئەل-ئاغىنىلىرى، ئەتراپتىكى يۇرۇتلارنىڭ ۋە قەشقەرنىڭ يۇرۇت چوڭلىرى، ئىلىم ئەھلى، ئۆلىمالار، داڭلىق تىۋىپلار بار ئىدى. كەلگۈچىلەر ئۇزاق ھايال بولمايىتتى. بايمۇ ئۇلارنى ئارتۇقچە تۇتۇپ كەتمەيتتى، ساقلقى يوقلقى تۈپەيلى ئۇلارنى ئۇزتىپمۇ چىقمايتتى. پەقەت بىرلاقىتىم باھاۋۇدۇن باي بىر مىھماننى ساق بىر كۈن تۇتۇپ قالدى. ساھىبخان بىلەن مېھمان ئىنتايىن بىرىلىپ قانداقتۇر ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشتى، سىردىشىپ مۇڭدىششىتى. ئاخىردا مىھماننىڭ توسقىنىغا قارىماي ئۇنى كوچا بىشىغىچە ئۇزتىپ چىقتى. مىھمانمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا خوشلاشتى. بۇغداي ئۆڭلۈك، كۆزلىرى ئوتتەك يىنىپ تۇرىدىغان بۇ ئادەم مەشھۇر پېداگوك، ژورنالىسىت ھەم يالقۇنلۇق شائىر قۇتلۇق شەۋقى ئىدى.
باھاۋۇدۇن باي مەكتەپنى بىر كۈنمۇ ئىسىدىن چىقارمايىتتى. ساقلىقى ياخشى بوپقالغان كۈنلىرى ئەتىگەنلىك گىمناستىكا ۋاقىتىدا، بەزىدە دەرس ئۆتۈلۋاتقان چاغلاردا ھاسىغا تاينىپ مەكتەپتە پەيدا بولاتتى. بىردەم- يىرىمدەم ئولتۇرۇپ مۈئەللملەرنىڭ دەرىسىنى ئاڭلايىتتى. ئوقۇغۇچىلارنى خەت يازدۇرۇپ، خەتنى چىرايلىق، توغرا يازغان بالىلارنى كۆرسە بەك خۇشال بولۇپ ماختاپ كىتەتتى. يىتىم-يىسىر، نامرات بالىلارنى كۆرگەندە ئىچ ئاغرىتىپ كۆزلىرىگە ياش ئالاتتى. بەزىللىرىگە ئۆزى يىنىدىن چىقىرىپ پۇل،كىيىم-كىچەك تارقىتىپ بەرسە، بەزىلىرىگە جامائەت ئىسكىلاتى، «ۋاردات»ئارقىلىق ياردەم قىلاتتى. تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن ھارۋۇدا ئولتۇرۇپ مەھەلىلەرنى ئىتىز-ئىرىقلارنى ئارلاپ، چوڭلاردىن كىملەرنىڭ ۋاپات بولغىنىنى، كىشلەرنىڭ تىرىقچىلىق ئەھۋالىنى، تىرىكچىلىك يوللىرىنى سۈرۈشتۈرەتتى. كىم بىلەن كىمنىڭ قۇدا باج بولۇشقىنىنى، كىملەرنىڭ كۆكلەپ كىملەرنىڭ خاراپ بولغانلىقنى چۇڭقۇر خىيال ئىچىدە كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايىتتى. تۇمىقىنى قولغا ئىلىپ، ئاق تاغقا ئوخشاش بىشىنى سىلاپ، كۆزنى يىراقلارغا تىكىپ سۆزلەيىتتى:
ئۆمۈرۈمنىڭ كۆپ قىسمى ياقا يۇرۇتتا ئۆتۈپتۇ، كۆپ ئەلنى كىزىپتىمەن، بايۋەتچە، باي، ھاجى ئاتىلىپ راھەت-پاراغەتتە، ئىززەت-ھۆرمەت ئىچىدە ياشاپتىمەن. لىكىن كىندك قىنىم تۆكۈلگەن مۇشۇ ئالقانچىلىك يەرنى ھىچ يەرگە ئوخشاتمىدىم. ئانىلىرىمىز سامان قالاپ ئەتكەن ھەمەك نان، زاغرىلارنى،ئاياللىرىمىز ئەتكەن قۇيماقلارنى دۇنيانىڭ ھىچقانداق يىردىن تاپالمىدىم. ئاشۇ يۇرۇتلاردا يۈرۈپ ئاتۇشلۇقمەن، ئىكساقلىقمەن دىگەن ئادەم كۆزۈمگە دادامدەك كۆرۈندى. چۈش كۆرسەم دائىم ئاق تاغنى چۈشىدىم، دائىم يۇرۇتىمغا ھىچ ئىش قىلىپ بىرەلمىدىم، دەپ پۇچۇلنىپ يۈردۈم. ئەمدى ئويلاپ باقسام «ھۈسەيىنىيە» نىڭ ۋەزنى ئۆمۈرۋايەت تاپقان مال-دۇنيايىمىزنىڭ ۋەزنىدىن ئىغىر ئىكەن. ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ يۈزى«ھۈسەيىنىيە» بىلەن يورۇق بولىدىكەن . دادام رەھمەتلىكنىڭ بىر تەرىپىگە ھەزىرتى ھەبىب ئەجەمنى، بىر تەرىپىگە«ھۈسەيىنىيە»نى ئىلىپ يىتىشمۇ بىكار ئەمەسكەن....
كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ، مۇشۇ قىتىم كەتسەم ئاتۇشقا يەنە بىر كىلش يوق ماڭا. شۇڭا ساڭا قىلدىغان ۋەسىيتىم شۇ بالام:«ھۈسەيىنىيە» خاراپ بولمىسۇن ...
تۇرسۇن ئەپەندى باينىڭ سۆزلىرىنى ئۈن-تىنسىز ئاڭلايىتتى. ئۇ ۋەدە بەرمىگەن، چىرايلق گەپلەرنى قىلمىغان بولسىمۇ يۈز سۆڭەكلىرى قوپال، قارامتۇل كەلگەن بۇ ئەزمەتنىڭ چىرايىدا ئەكىس ئەتكەن ئىپادىلەردىن باھاۋۇدۇن باي غايەت زور ئىشەنچ ۋە تەسەلى تاپاتتى.
بىر كۈنى باھاۋۇدۇن باي بىغىدىكى ئۈرۈك چىچەكلىرى ئاستىغا قويۇلغان نەقىشلىك كات ئۈستىدە قوش-قوش دۇخاۋا تەكىيلەرگە يۆلىنىپ ئارام ئىلىپ ياتاتتى. ئىنىسنىڭ كەنجى قىزى ئابىدەم ئۇنىڭغا كۆمۈ پەتمۇستا چاي ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئاياغ تەرپىگە كىلىپ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈپ چاي ئوتلاۋاتقان بايدىن:
-تاغا، نىمە ئويلاۋاتىسەن؟ ئەتىدىن كەچكىچە قوشۇماڭنى تۈرۈپ خىيال قىلىدىكەنسەن، ئويلىغانلىرىڭنى بىزگىمۇ دەپ بەرسەڭ بولمامدۇ؟- دىدى.
«13-14 ياشلارغا كىرگەن، ئۆڭى قولىدىكى كۆمۈشتەك سۈزۈك، قاش-كۆزلىرى سىزىپ قويغاندەك چىرايلىق جىيەن قىزىغا قاراپ باھاۋۇدۇن باي ئامراقلىق بىلەن كۈلدى:
-نىمىنى ئويلايتتىم، مىنىڭ ئابىدەم قىزىم نىمانچە چىرايلىقتۇر، خۇدايىم نىمىشقا بەزى ئادەملەرنى چىرايلىق، بەزى ئادەملەرنى سەت يارتىدىغاندۇ دەپ ئويلاۋاتىمەن.
-يالغانچى، تاغام دېگەن يالغانچى!- قىز نىپىز لەۋلىرىنى پۇرۇپ دومسايغندەك قىلىپ ئورنىدىن تۇردى.
توختىغىنا قىزىم ئاۋۇ باغۋەن تاغاڭنى چاقىرۋىتە بۇ يەرگە،- دىدى باي. قىز بىر قولىدا بىشىدىكى دوپپسىنى تۇتۇپ ئۇششاق چاچ ئۆرۈملىرىنى سىلكىتىپ ھويلا تەرەپكە يۈگۈردى. ھايال ئۆتمەيلا ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان، ئىككى مەڭزىدىن قان تىمىپ تۇرىدىغان باغۋەن كىلىپ باينىڭ ئاياغ تەرىپىدە قول باغلاپ تۇردى. باي سەل كۆتۈرلۈپ ئولتۇردى:
---تۇردىكا، باغ بەك قۇرۇپ كىتىپتۇ،بىر سۇغۇرۋەتسەڭ قانداق؟
---مەنمۇ شۇنى ئويلاپ تۇراتتىم ھاجىم، شۇغىنىسى بىزنىڭ نۆۋىتىمىز تېخى كەلمىدى ئەمەسمۇ.بىرىپ سۇنى ئىچىۋەرگىن، بىر نىمە دىسە، باھاۋۇدۇن ھاجىم شۇنداق دىدى، دە.
باغۋەن ئىڭىشىپ تەزىم قىلىپ چىقىپ كەتتى.كۆپ ئـۆتمەي باغدىكى ئىرىققا شىلدىرلاپ سۇ كەلدى.ئەمما دەرەخلەرنىڭ ئارىسىغا يىتىپ بارماي تۇرۇپلا توختاپ قالدى.ئارقىدىنلا قىرى باغۋەنمۇ ھاسىراپ-ھۆمىدەپ يىتىپ كەلدى.
مەن دىمىدىممۇ ھاجىم، ئاۋۇت مىراپ دىگەن زادى يۈزسىز نېمە، تاپقان دادىسىغىمۇ يۈز-خاترە قىلمايدۇ ئۇ. سۇنى ئىچىپ بولۇشىمغا يۇقىرى تەرەتتىن قارا-يامغۇر بولۇپ يۈگۈرۈپ كەلدى«ئىچىقنى ئەت!ئەت دېدىم ئەت!»دەپ كەتمەننى تەڭلەپ تۇرىدۇ ئۇ مۇناپىق. باھاۋۇدۇنباي ئاچ دېگەن، دېسەم، بۇ سېنىڭ بېيىڭنىڭ سۈيى ئەمەس،خەلىقنىڭ سۈيى، باش كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ نۆۋىتىنى بۇزغىلى بولمايدۇ، دەپ ھەيۋە قىلۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن...
ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان باينىڭ چىرايى ئاستا-ئاستا ئىچىلدى. باغۋەننىڭ ئارقىسىدا ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سىلىپ تۇرغان ئابىدەم تاغىسىنىڭ ئەتىگەندىن بىرى تۈرۈكلۈك تۇرغان قوشۇمىسنىڭ ئىچىلىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ھىچ نەرسىنى چۈشىنەلمەي بىشىنى چايقىدى، شۇنچە كاتتا باي تۇرۇپ، بىر سوكال مىرابقا سۆزىنى ئۆتكۈزەلمەي خاپا بولۇشنىڭ ئورنىغا، كۈلىۋاتىدۇ تىخى،دەپ ئەجەپلەندى.
ئەتىسى جۈمە نامىزىدىن كىيىن باۋۇدۇنباي جامائەت ئالدىدا بۇ ئىشنى تىلغا ئىلىپ ئاۋۇت مىرابنى تەرىپلىدى. ئۇنىڭدى رازى بولغانلىقىن ئىيتىپ:«سۇ يۇرۇتنىڭ، خەلىقنىڭ سۈيى. مەيلى باي ياكى كەمبەغەل بولسۇن، ئۇنىڭدا ھەممە ئادەمنىڭ ھەققى بار، ئەمما ئۇنى ھەركىم قائىدە بويىچە، ئۆز نۆۋىتىدە ئىلىشى شەرت. قائىدە- يۇسۇن بۇزۇلسا كىشىلەر كۆڭلى پاراكەندىچىلىكتە قالىدۇ، ئەلدىن ئىنساپ كۆتۈرۈلىدۇ. ئىنساپ كۆتۈرۈلگەن ئەلدىن بەخىت- سائادەت قاچىدۇ»دىدى . شۇ سورۇندا ئۆز قولى بىلەن ئاۋۇت مىرابقا تون كىيگۈزدى. بۇ ئىش ،بۇ سۆز ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىگە يىقىپ ، ئىغىزدىن- ئىغىزغا ، ئەۋلادتىن- ئەۋلادقا تارالدى. ئاۋۇت مىرابمۇ ئىكىساقتىكى مەشھۇر ئادەم بوپ قالدى. قەشقەردىن ۋەلىخانباي كەلدى. ئۇ، باھاۋۇدۇنباينىڭ قەشقەردىكى سودا كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىدى. بۇ كارخانىلارنىڭ ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا شەھەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ئىشلىرىنىمۇ ئاشۇ ۋەلىخانباي باشقۇراتتى.ئۇ بۇقىتىم خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلمىگەنىدى. ھىندىستاننىڭ شىنجاڭدىكى سودىگەر ، جازانىخورلىرى قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئەزەلىدىن جۇڭگۇ تەرەپكە باج-سىلىق تاپشۇرمايىتتى. پەقەت يېقىنىقى يىللاردىلا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانى بىلەن شەكىل ئۈچۈن ئاز-تولا رەسمىيەت بىجى تۆلەيدىغان بولغانىدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتى بولسا ھىندىستاندىكى شىنجاڭلىق سودىگەرلەردىن ھەسسىلەپ باج ئىلىپلا قالماي، قەدەمدە بىر ئىشلىرىغا قېيىنچىلق تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى قاقتى-سوقىتى قىلاتتى. يىقىندا يەنە باجنى ئۆستۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يوشۇرۇن يوللار بىلەن شىنجاڭنىڭ خام ئەشيالىرىنى ھىندىستانغا ئاپىرىپ تۆكمە قىلىپ سىتىپ، مۇسا بايلارنىڭ ۋە باشقا شىنجاڭلىق سودىگەرلەرنىڭ ماللىرنى كاساتلاشتۇرىۋەتكەنىدى. ۋەلىخانباي بىلەن باھاۋۇدۇنباي بۇ ئىشلاردا ئەزەلدىن دوستانە ئۆتۈپ كىلۋاتقان ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسلىھىتىگە كىلىشتى. ئاپىرىلنىڭ ئاخىردا ۋەلىخانباي تۇرسۇن ئەپەندىنى قەشقەرگە ئېلىپ باردى. چىن باغدا كونسۇل گىللئان ئەپەندى ئۇلارنى دەبدەبىلىك ئەمما قۇرۇق تەكەللۇپ سۆزلەر، ھىندىستاننىڭ خۇش-پۇراقلىق چىيى بىلەن كۈتىۋالغان ئىدى. سورۇندا كونسۇلخانىدا ھىندىستانلق مۇسۇلمان ئەمەلدارمۇ بار ئىدى. تۇردۇن ئەپەندى راۋان ئىنگىلىز تىلىدا ئۆزىنىڭ مۇسا بايلار ئىگىلىكنىڭ ۋاستىسى-باۋۇدۇن مۇسا باينىڭ ئالى ئىھتىرامىنى ۋە ھاۋالىسىنى ئىلىپ كەلگەنلكىنى ئىيىتقاندا،كونسۇل جاناپلىرى بىلەن ھىندىستان ئەمەلدارلىرى ئاغزىنى ئىچىپلا قالغانىدى. ئۇلار ئاددى-ساددا، سىپايە كۆرۈنىدىغان بۇ سەھرالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىنگىلىزچە سۆزلىىشىنى ئەسلا كۈتمىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن تونۇشۇش ۋە چۈشىنىش بىر قەدەم چۇڭقۇرلىشىپ، سۆھبەت دوستانە تۈس ئالدى. ۋەلىخانباينىڭ پاكلىق، قائىدىلىك سۆزلىرى ئالدىدا كونسۇل جاناپلىرى ئارتۇقچە بويۇن تولغاشنى راۋا كۆرمىدى.چۈنكى مۇسابايلار بىلەن بولغان كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىقنىڭ زىينىغا ئۇچىرشىنى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىمۇ،ھىندىستانلقلارمۇ خالىمايىتتى. گىللىئان ئەپەندى يۇقىردا قويۇلغان ئىشلارنى ئەستايىدىل ئىنىقلاش ۋە تۈزتىشكە كۈچ چىقارغانلىقنى بىلدۈردى. ھىندىستانلىق مۇسۇلمان خىزمەتكار ئۇلارغا بىر پەتمۇستا قەن-گىزەك ۋە قەھۋە ئىلىپ چىقىتى. ئۇلارنىڭ قەھۋە ئىچكەن راۋاقتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرگە كۆز تاشلىدى. راۋاقنىڭ تۆۋىنى يول بولۇپ يولدىن ئات مىنگەن ئادەملەر، ھارۋا-مەپىلەر توختىماي ئۆتۈپ تۇراتتى، يولنىڭ نىرىسى كەڭ كەتكەن ياپيىشىل ئىتىزلىقلار، ئۇنىڭ نىرىسى قىزىل دەريا لۆمشۈپ ئاقاتتى.دەريا بويىدا بىرمۇنچە ئاتلار، بەزىلىرى سۇ ئىچىدە،بەزىلىرى قىرغاقتا تۇرۇپ سۇ ئىچىۋاتاتتى. قىپيالىڭاچ ئوغۇل بالىلار بۇ ئاتلارغا مىنۋالغان بولۇپ ياۋداق ئاتلار ئۈستىدە شۇنداق ئەركىن ئولتۇراتتى. ئاتلارنىڭ باش تەرىپىدە سۇ ئىلىنغان تۇلۇم، سۇغلار ئارتىلغان ئىشەكلەر، چىلەككە سۇ ئىلىۋاتقان ئوغۇل بالىلار ۋە چوڭ ئادەملەر بار ئىدى. ئۇلار بۇ سۈنى شەھەرگە ئەكىرىپ ساتاتتى. دەريانىڭ قارشى تەرىپى بوياقچىلار مەھەللىسى بولسا كىرەك، ئۆگزىلەرگە يىيىلغان رەختىلەر بەكمۇ چىرايلىق كۆرۈنەتتى راۋاق ئاستىدىن تۈگمەنچىلەرنىڭ بۇرغا ئاۋازى، ئادەملەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭى ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى....بۇ تەرەپتە-كونسولغانا ئىچىدەئاپئاق ئاقارتىلغان رەت-رەت ئۆيلەر، گۇللۇكلەر، ھۆپپىدەئىچىلىپ كەتكەن چىچەكلەر، توپ مەيدانى خۇددى كەڭ يىيىلغان سۇرەتتەك كۆرۇنەتتى. مەيدانداپۇتپۇل ئويناۋاتقان ئاق تەنلىك ۋە قوڭورتەنلىك كىشىلەر تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ دىقىتىنى تارتتى. ئۇئۇلارنىڭ ھەربىرھەركىتىگە زەن قۇيۇپ قارىدى .ئۇلارھەممىسى دىگىدەك ئىگىزبۇي، قاۋۇل يىگىتلەرئىدى،ماھارىتىمۇخىلى ئۈستۇندەك قىلاتتى .

گىلليان ئەپەندى تۇرسۇن ئەپەندىگەقاراپ كۇلۇمسىردى :
---بۇئويۇنغا قىزقىۋاتىسىزغۇ دەيمەن،ئەپەندى ؟
ۋەلىخنباي ئۇنىڭ ئۇرنىداجاۋاپ بەردى :
---كونسۇل جاناپلىرى، بۇلارنىڭ يۇرۇتىدىمۇياخشى تەربىيلەنگەن پۇتپۇل كوماندىسى بار.مۇشۇئەپەندىم ئۇلارنىڭ يىتەكچىسى. مىنىڭچەئۇ سىزنىڭ ئادەملىرىڭىزبىلەن مۇسابىقلششنى ئويلاۋاتىدىغۇ دەيمەن .
كونسول قىزىقىپ قالىدى .ئىلگىرى سوۋىت ئىتتىپاقى كونسولنىڭ بۇيەردىكى قانداقتۇردېھقان پۇتپۇلچىلارتوغرىسىدا.ئىيتقانلىرنى ئىسگەئىلپ، بۇنى بۈيۈك برېتانىيە مەدەنىيتنىڭ ئوتتۇرائاسياىدىكى بىر غەلبىسنى نامايەن قىلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، دەپ ئويلىدى .
---راستمۇ؟ ناھايىتى ياخشى، بۇقالتىس ياخشى گەپ بولدى. مەن سىلەرنىڭ كومانداڭلار توغرىسدائىلگىرى ئاڭلىغان. بىزمۇسابىقەئوينايلى. ئەمىلىيەتتە قەشقەردە ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئىككى كوماندىسى بار. بىرى ئەنگلىيىنىڭ، يەنەبىرى شىۋتسيىلىكلەرنىڭ. مىنڭچەئۇلارمۇ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويۇشنى خالىمايدۇ...
شۇ قىتىمقى سۆھبەتتىن كىيىن ئەنگىليىنىڭ قەشقەردەتۇرۇشلۇق ياردەمچى كونسولى شىرىف ئەپەندى بىلەن شىۋتسيەدىن تارقىتىش ئۆمىكى دوختۇرخانىسنىڭ باشلىقى ئاندىسن ئەپەندى ئىكساققا كەلدى. ئۇلارئىكساقلىقلارنىڭ يەرلىك توپلىرنى، يالاڭئاياغ پۇتلىرداتوپ تىپپ ئويىنغان مۇسابىقلىرنى قىزىقىپ كۆردى .ئىككى تەرەپنىڭ مەسلھەتلىشىپ بىكىتىشى بىلەن مۇسابىقە 20-،21-مايدائۆتكۆزۈلدىغان بولدى .
بۇ خەۋەرچاقماق تىزلىكىدە قەشقەر، ئاتۇش دائىرسگەتارالدى. كۆپ قىسم كىشلەرئۈچۈن بۇ بىر كۈتىلمگەن خەۋەر بولدى .
---ئىنگىلىزلار دىگەن كىم؟بىز كىم؟ بىزنىڭ دىھقانلىرىمىز ئۇلارنىڭ بىر پەشۋاسىغىمۇ يارىماس.....
---ئىنگىلىز-شۋېتلار بىلەن پۇتبولدا مۇسابىقىلىشىمەن،دىيىش ئۆزىنى بىلمەي شىلىتىڭ ئاتقانلىق بولماي نىمە!
---ئىكساق پۇتبۇلچىلىرىمۇ بوش ئەمەس، ئۇلارنىڭ قانداق ئوينىغىنىنى مانا مەن كۆرگەن!
كىشىلەر شۇنداق دىيىشىپ تالاش-تارتىش قىلشاتتى، ھەتتا ئۇرۇشۇپ-تىللىشپ، كاللا-قاپاق يىرىشقانلارمۇ بولدى.
قەشقەردىكى ئۆمەر باي قاتارلىقلار باھاۋۇدۇن بايغا دۇئايى سالام يوللاپ «دىھقانلارنىڭ ئىگىلىز-شۋېتلار بىلەن مۇسابىقىلەشمەكچى بولغىنى ئەخمىقانە ئىش ئەمەسمۇ، ئۇلارنى يىڭىشقۇ مۇمكىن ئەمەس، يىڭىۋالغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويساق، ئىككى ئوتتۇردىكى مۇناسىۋەتكە دەز كەتمەمدۇ، ئالدى بىلەن جانابلىرنىڭ سودا ئىشىغا دەخلى-تەرۇز يەتمەمدۇ. جانابلىرىنىڭ دەرھال بۇ ئىشنى توسۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز»دىيىشتى. قەشقەر دوتىيى ماشاۋۇرمۇ باھاۋۇدۇن بايغا ئادەم ئەۋەتىپ:« ئەل كۆڭلىگە پاراكەندىچىلىك سالىدىغان، چەتئەل دائىرلىرى بىلەن بولغان ئىناق مۇناسىۋەتكە دەخلىيەتكۈزىدىغان» بۇنداق«مۇسابىقە»دىن خاتىرجەمسىزلىنىۋاتقانلقىنى، باھاۋۇدۇن باينىڭ بۇ ئىشنى ئاقىلانىلىك بىلەن توسۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باھاۋۇدۇن باي بولسا:
«بۇ ئاددى، دوستانە بۇسابىقە، ئۇنىڭدا باشقىچە مەقسەت، مۇددىئا يوق، يەنە كىلىپ كونسۇل جانابلىرى ئۆزى خالىغان، ئىككى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ بىكتىپ بولغان ئىش. ئۇنى ئۆز ئالدىمىزغا قالدۇرساق مۇۋاپىق بولماس. پىقىر ھەر قايسىلىرنىڭ قارشى تەرەپ بىلەنمۇ مەسلىھەتلىشىپ كۆرۈپ، قايتا يوليۇرۇق بېرىشلىرىنى كۈتىمەن»دەپ جاۋاپ قايتۇردى.
بىر كۈنى شەھەر كاتتىلىرى ھەم چەتئەل كونسۇللىرى داخىل بولغان بىر سورۇندا، ئۆمەر بايلار گەپ ئىچىشقا پۇرسەت كۈتۈپ ئولتۇرۇشقاندا، گىللېئان ئەپەندى كونسۇلخانىدىكلەر بىلەن شىۋېتسىيىلىكلەرنىڭ ئىكساقلىق دىھقانلار بىلەن پۇتبۇل مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى جاكارلاپ قالدى. بۇنى سوۋىت ئىتىپاقى كونسۇلى دومپىس ئەپەندى دەرھال قوللىدى ۋە دوتەي جانابلىرى بىلەن شەھەر چوڭلىرىنىڭمۇ بۇ ئىشنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانىلقىنى بىلدۈردى. دوتەي ماشاۋۋۇ شۇ يەردىلا:
ياخشى، بۇ بىر رەسمىي مۇسابىقە بولسۇن، بىزنىڭ دىھقانلار كوماندىسىنى «جۇڭگۇ كوماندىسى» لا دەيلى، لىكىن ئۇلار يىڭىلىپ قالسىمۇ كىرەك يوق، كىم ئۇلارنى يىرىنى تىرىماي توپ ئوينىسۇن دەپتۇ!-دىۋىدى، ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن كاتتىلار بۇ«خەلىقئارالىق پۇتبۇل مۇسابىقىسى»نى قانداق قىلىپ ياخشى ئۆتكۈزىشنىڭ مەسلىھىتىگە چۈشتى. شۇ سورۇندا ئولتۇرغان ھوشۇر ھاجى سەمەن يولىدىكى بىدىلىكىنى توپ مەيدانى قىلشقا بەردى. يەنە بىر باي ۋاراتار ياسىتىپ بەرمەكچى بولدى. مۇسابىقە توغرىسىدا ئىلانلار چاپلىنىپ، كوچىغا جاكارچىلار چىقىرىلىدىغان بولدى. مۇشۇ سورۇندا ئولتۇرغانلار باشلامچىلىق بىلەن مۇسابىقىنى كۆرۈشكە دەۋەت قىلىندى.
شۇنداق قىلىپ مۇسابىقە توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار پەسكويغا چۈشۈپ، ھەممە ئادەم مۇسابىقە بولىدىغان كۈنلەرگە ئىنتىزار بولۇشتى، پەقەت ھەمرا بايلا شەھەردىكى ئۆيىدە ئەتىدىن كەچكىچە كوتۇلداپ يۈرەتتى. يۇرۇتىدىكى «توپا توزىتىپ يۈرگەن تۆت-بەش قەلەندەر»نى تىللىغىنى تىللىغانىدى. بىر كۈنى مەرىگۇل چىداپ تۇرالماي ئىغىز ئاچتى:
---دادا يۇرۇتتىكىلەر ئىنگىلىزلار بىلەن شىۋېتلارنى يىڭىۋالسا سەن خۇشال بولمامسەن؟
يىڭەلەمتىكى، يىڭەلمەيدۇ ئۇ خەق!
---ناۋادا يىڭىۋالسىچۇ...؟
---دىدىمغۇ يىڭەلمەيدۇ دەپ.
---راستىنلا يىڭىۋالسا قانداق قىلسەن؟
قىزنىڭ جاھىللىقىغا قاراپ ھەمراباي ئىچىدە«قىز بالا بولسمۇ مىنى دورىغان دە، ئىسىت، ئوغۇل بالا بولۇپ قالسىچۇ» دىگەنلەرنى ئويلىدى. قىزنىڭ بىشىنى سەل سىڭايان قىلىپ، قاپقارا قاشلىرىنى ھىمرىپ تۇرغان تۇرقىغا مەستلىكى كىلىپ پىخىلداپ كۈلىۋەتتى:
---ناھايىتتى كەلسە ناغرا سۇناي چالدۇرۇپ بىرەرمەن شۇ.
---ئاران شۇنچىلىكما؟-دىدى قىز ياراتمىغاندەك لەۋلىرىنى ئۈمچەيتىپ.
---ھە بولاپتۇ، ئاۋۇ ئىغىلدىكى ئىرىكنى سويۇپ مىھمان قىلارمەن ئەمسە،- شۇنداق دەۋىتىپ بىردىنلا قىز بالىغا بەك بالدۇر ۋەدە قىلىپ قويغىنىنى سىزىپ دەرھال قاپقىنى تۈرىۋالدى،- قىنى ۋاقتى كەلسۇن ، ھازىر كىمنىڭ ئۇتۇشىنى بىر ئاللا بىلىدۇ...
مۇشۇ زىمىن،مۇشۇ تاغلار يارالغاندىن تارتىپ ئىقىپ كىلىۋاتقان تۈمەن دەرياسى نىمە ئىشلارنى كۆرمىگەن-ھە!ئۇ ئۆز ۋادىسىدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ ھەممە خۇشاللىق ۋە غەم-قايغۇللىرنى، سىغىز توپىلىق يارلىق ئۈستىدىكى بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ، گىرەلىشىپ كەتكەن توپرەڭ ئۆيلەرنىڭ قايسى بىرى قاچان سىلىنغىنىنى، قىپيالىڭاچ بولىۋىلىپ ئۆز باغرىدا پىلتىڭلاپ ئۈزۈپ ئوينايدىغان ئوغۇل بالىلارنىڭ قاچان چوڭ بولۇپ ئۆيلىنىپ، قىرىپ تۇپراق ئاستىغا كۆمۈلگىنىنى؛ نى-نى ھەشەمەتلىك ئوردا-قەسىرلەرنىڭ قاچان بىنا بولۇپ، قاچانلاردا كۈلگە ئايلانغىنىنى بىلىدۇ. ئۇ يەنە شەھەرنى ئەجدىھاردەك ئوراپ تۇرغان ئىگىز قىلىن سىپىلنىڭ قانچە قىتىم ۋەيران بولۇپ قانچە قىتىم سوقۇلغىنىنى، سىپىلغا تىرىك كۆمۈلگەن ئادەملەرنى كۆرگەن. ئەجدىھارنىڭ ئىغىزىدەك سۈرلۈك دەرۋازىلارغا قاتار ئىسىلغان ئادەم باشلىرىنى كۆرگەن. سىپىل دەرۋازىلىرىدىن توختىماي كىرىپ-چىقىپ تۇرىدىغان بايلار ۋە نامراتلارنى، دىھقانلار، ئىشلەمچىلەرنى، سودىگەر، بەگزادىلەرنى، كىيىملىرىگە يىراق يۇرۇتلارنىڭ توپىسى سىڭگەن سەيياھ-جاھانكەزدىلەرنى ھەم كۆپ كۆرگەن، ئەمما ئۇ بۈگۈنكىدەك ھەممە ئادەمنىڭ شەھەر سىرتىغا قاراپ سۇدەك ئاققىنىنى كۆرمىگەن.
راستىنلا قەشقەرلىكلەرگە بۈگۈن نىمە بولدى-ھە؟ ئەتىگەندىن تارتىپلا قەشقەر تەۋرەپ كەتكەنىدى. ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا توپنىڭ، مۇسابىقنىڭ گىپى. ئاشخانا-ناۋايخانىلار، دۇكانلار تاقالدى. ئادەم بىلەن تولۇپ تۇرىدىغان كوچىلار چۆلدەرەپ قالدى. شەھەر ئەتراپىدىكى ئۇچما راۋان يارباغ دەرۋازىغىچە، ناچۇق ئۆستەڭ بويلىرىدىن قۇمدەرۋازىغىچە بولغان يوللاردا ئات-ئىشەكلىك، ھارۋىلىق پىيادە ئادەملەر مۇسابىقە بولىدىغان سەمەن يولغا قاراپ ئاقماقتا.
مۇسابىقە بولغان بىدىلىكتە كىشىلەر ئاھاڭ چىچىپ بەلگە قىلىنغان «مەيدانىنى چكرىدەپ يىغلىشقانىدى. مەيداننىڭ باش تەرىپىدە ھەمرا باي ئەكەلدۈرگەن ناغرا-سۇنايچىلار ئەتىگەندىن تارتىپلا توختىماي شوخ ئاھاڭلارنى چىلىپ، كىشىلەرنى جەلىپ قىلماقتا، ھاياجانلارندۇرماقتا. مەيداننىڭ «تۆر» تەرىپىگە دوتەي، شەھەر چوڭلىرى، چەتئەل كونسۇللىرىنىڭ ئولتۇرىشى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ياغاچ ئورۇندۇقلار ياسالغان، ئاددى پۇقرالار- سەللىك، دوپپىلىق ،تۇماقلىق كىشىلەر، ئۇششاق بالىلار ئاللىقاچان ئالدىنقى ئورۇنلارنى ئىگىلەپ، چاپان-چارا، كىگىزلەرنى سىلىپ بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ بولۇشقانىدى. مەيداننىڭ سەل نىرىسىغا ئۇششاق يايمىچىلار، دوغاپچىلار، غالتەكچىلەر، سامسىپەز-مانتىپەز،ئۆپكە ھىسابچىلار، گازىر-پۇرچاقچى، لەڭپۇڭچىلار جايلىشىپ ئاۋات بازار شەكىللەندۈرگەنىدى. ئۇششاق بالىلار بىلەن چوڭراق بالىلار بازار بىلەن مەيدان ئوتتۇرسىدا توختىماي چىپىشىپ، ئۇنى-بۇنى سىتىۋىلىپ يىيشەتتى ياكى قوغلىشىپ ھەرخىل شوخلۇقلارنى قىلاتتى. ئۇلار بۈگۈن خۇددى ھىيىت بولغاندەك خۇشال ئىدى.
مەيداننىڭ بىر چىتىدە تۈنۈگۈن ئاتۇشتىن پىيادە مىڭىپ كەلگەن ئىكساقلىق توپچىلار ۋە ئۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەن بىرەر يۈزدەك ئادەم دائىرە بولۇپ ئولتۇرۇشاتتى. مۇسابىقىگە چۈشىدىغانلارنى باھاۋۇدۇن باي بىلەن تۇرسۇن ئەپەندى مەكتەپتىكىلەر ۋە دىھقانلار ئارسىدىن ئىنچىكىلەپ تاللىدى. بۇ جەرياندا قايسىسىنى تاللاپ، قايسىسىنى قويۇشنى بىلمەي خىجالەتچىلىكتىمۇ قالدى. بىز دىگەن ھاشىم بالىخاننىڭ شاگىرتلىرى تۇرساق، مۇنداق مۇسابىقىگە بىز چۈشمەي كىم چۈشىدۇ، دەپ تۇرىۋالغان ئاپئاق ساقاللىق ئىككى بوۋاينى ئامالسىز زاپاس توپچىلار قاتارىغا قوشۇپمۇ قويۇشتى. ئالدىنقى كۈنى توپچىلار يولغا چىقىدىغان چاغدا ناھاۋۇدۇن باي باشچىلىقىدا يۇرۇت خەلق قومۇرلۇپ چىقىپ ئۇلارنى ئۇزاتتى. پۇتبۇل دىسە جىنىنى بىرىدىغان بىر توپ ئادەم يولنىڭ يىراقلىقىغا قارىماي ئۇلارغا ئەگىشىپ قەشقەرگىچە كەلدى. توپچىلار بىر كىچە قونغان خانلىق مەدىرىسەدە بۇ سەپ تىخىمۇ زورايدى. شۇ تاپتا مۇشۇ مەيداندا ئولتۇرغان شۇنچىۋالا جامائەتمۇ توپچىلارغا چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئۈمىە ئىچىدە تەلپۈنىۋاتىدۇ. ئاشپەز-ناۋايلار ئوخشىتىپ ئەتكەن تاماقلىرى، كۆڭۈل قويۇپ ياققان نانلىرى بىلەن ئۇلارنى بىقىۋاتىدۇ. دوغاپچىلار:«يۈرىكىڭلارنى سەگىتىپ، جىنىڭلارنى ياشارتىدىغان دوغاپ بۇ» دىيىشىپ، يوغان چىنىلەردە دوغاپ ئەكىلىپ بىرىشىۋاتىدۇ. ئۇلار نىمىشقا مۇشۇنداق قىلدۇ؟ تۇرسۇن ئەپەندى ئويلىغانچە ئۆزىنى بىر تاغ يۈدىۋالغاندەك سىزەتتى. بەزىدە ئەندىشىگىمۇ چۈشۈپ قالاتتى. لىكىن تىگى-تەكتىدىن ئالغاندائۇنىڭ يۈرىكى توق، ئىشەنچىسى كۈچلۈك ئىدى. ئۇ ئەتراپىدا ئولتۇرغان ئاشۇ بىر-بىردىن قاۋۇل، چەبدەس يىگىتلەرگە ئىشىنەتتى، ئۇ ئۇلارنىڭ خىلى كۆپىگە قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ خەتنى توغرا ھەم چىرايلىق يىزىشنى ئۈگەتكەن. پۇتبۇل دىگەننىڭ جۈرئىتى بار ئوغۇل بالا ئوينايدىغان نەرسە ئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەر-بىرنى ئاۋۇ چاقماقتەك چەبدەس كىرەم كىچىكنى، قاراقاش، قاراكۆز، قاڭشارلىق، ئىگىز بوي ئەنۋەرنى، بەستىلىك چىرايى قىزىل، سىرىق ساقال ئىبراھىمنى، يوغان-يورپا، قاۋۇل، ئەمما كىچىك بالىدەك ساددا غوپۇرنى، ياۋاش ئەمما پەملىك بىشراخۇننى، مۇسا پالۋاننىڭ ئىنىللىرى پالۋان قامەت تۇرسۇن قارىي بىلەن ئەمەت قارىيلارنى.... بەك چۇڭقۇر چۈشىنەتتى. ھەر-بىرنىڭ مىجەزىنى، توپنى قانداق تىپىدىغانلىقنى، ئارتۇق-كەم تەرەپلىرىنى بەش قولدەك بىلەتتى. قارىماققا ياۋاش، جىمغۇر كۆرۈنىدىغان بىر بالنىڭ كۈتمىگەندە كارامەت ئىشلارنى قىلىۋىتەلەيدىغانلىقنى بىلەتتى. بىر ئايدىن بۇيانقى جاپالىق مەشىق جەريانىدا ئۇلارنىڭ ھەربىرى خىللا ئورۇقلاپ، چىرايلىرى قارداپ قالغان بولسىمۇ، روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى. ۋۇجۇدىدىن پۈتمەس-تۈگمەس كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. مانا ئۇلار شۇ تاپتىمۇ:
ئاقاداشلار توپلىنايلى، جەھلىن ئوينى بۇزغىلى،
ئەل كۆزىدىن ئالغان قاراڭغۇ پەردىنى يىرىتقىلى.
ئىنقىرازدىن خەلقىمىزنى قۇتقازغۇچى ئىلىمدۇر،
بىزلەرنىمۇ دەل بۈگۈن ھەم بىلىم ئكزى قۇتقۇزۇر.
دىگەندەك ناخشىلارنى كەينى-كەينىدىن ئۇلاپ ئوقۇپ، مەيداننى لەرزىگە سالماقتا ئىدى.
ئۇلارنىڭ قارشى تەرپىدە-مەيداننىڭ سىرتىدا ئاق رەڭلىك تەنتەربىيە كىيىمى، پۇتبۇل ئايىغى كىيگەن ئىگىز بوي، سىرىق چاچ، كۆك كۆز كەلگەن ئىنگىلىزلار ۋە ھىندىستانلقلاردىن تەركىپ تاپقان «ئەنگىلىيە كوماندىسى» دىكىلەر توپلىشىپ تۇرۇشاتتى. ئۇلارنىمۇ بىرەر يۈز ئادەم-كونسۇلخانا خىزمەتچىلىرى، شىۋېت دىن تارقاتقۇچىلىرى ھەم دوختۇرخانا خادىملىرى ۋە تاماشا كۆرگۈچىلەر ئورىۋالغاندى.
كەينە-كەينىدىن كەلگەن ھەشەمەتلىك مەپىلەردە دوتەي ۋە شەھەر بەگلىرى، قازىكالان، ئۆلىمالار ۋە كاتتا، زەردار بايلا يىتىپ كىلىشتى. ئۇلارنىڭ كەينىدىلا رۇسچە ۋە ئىنگىلىزچە پەيتۇندا ئەنگىلىيە ۋە سوۋىت ئىتىپاقى كونسۇللىرى، خانىملىرى بىلەن يىتىپ كەلدى. بۇ چاغدا مەيدان ئەتراپى سانجاق-سانجاق ئادەملەر بىلەن تولۇپ يىڭنە سىغقۇدەك يەر قالمىغان، ئەتراپتىكى ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىسى، دەرەخ شاخلىرىغىمۇ ئادەملەر چىقىۋالغانىدى. ئىككى كونسۇل خانىملىرى بىلەن دوتەينىڭ ئىككى تەرپىگە ئورۇنلاشتى. دوتەي ئىككى تەرپىدىكىلەر بىلەن بىر نەچچە ئىغىز سۆزلىشىپ باش لىڭىشىتتى. ئارقىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىگىز بوي، ئاۋاق تىلماچ بىلەن مەيداننىڭ ئوتتۇرغىراق كىلىپ سۆزىنى باشلىدى. بۈگۈنكى قەشقەر تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن كاتتا خەلىقئارالىق مۇسابىقىنىڭ جۇڭگۇ- ئەنگىليە خەلىقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم بەلگە تىشى بوپقىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىككى تەرەپ توپچىلىرىغا ئامەت تىلىدى. ئارقىدىنلا كونسۇل گېللئان ئەپەندى سۆز ئىلىپ ئالاھىدە بىر خىل ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى ئىچىدە، بۈگۈنكى مۇشۇنچە كۆپ، مۇشۇنچە قىزغىن تاماشىبىننى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ پۇتبۇل يۇرۇتى بولغان ئەنگىلىيىلىك ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈنكى مۇسابىقىدە «ئەنگىلىيە كوماندىسى»نىڭ ماھارىتى ھەم جاسارىتىگە، كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجە يارتالايدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «جۇڭگۇ كوماندىسى»توغرىسىدىمۇ نۇرغۇن تەسىرلىك تەرىپىنى ئاڭلىغانلقىنى ئىيتىپ ئۇلارغىمۇ ئامەەت تىلىدى.ئاخىردا يۇمۇرلۇق تەلەپپۇزدا: ئەگەر جۇڭگۇ تەرەپ ئۇتىۋالسا، بىز ئۇلارغا كۆمۈش ئىگەر جاپدۇقلۇق بىر جۈپ ئارغىماق بىرىشكە ۋەدە قىلىمىز. بىز ئۇتىۋالساق جۇڭگۇتەرەپ بىزگە نىمە بىرىدىكىن؟ دەپ ئەتراپىدىكىلەرگە قارىدى. چەتئەللىكلەر قاقاقلاپ كۈلۈشتى. تۇرسۇن ئەپەندى تىلماچنىڭ تەرجىمە قىلشىنى ساقلىمايلا، يۇقىرى ئاۋازدا:
بىر بىرگە ئىككىنى بىرىشكە تەييار!-جاۋاپ بەردى. تىلماچ كونسۇلنىڭ سۆزنى تەرجىمە قىلىپ بولغاندا تاماشىبىنلا بارىكاللا ئىيىتىشىپ چاۋاك چىلىشىپ كىتىشتى.
بۇسابىقە باشلاندى، ئىككى كوماندا ناغرا-سۇناي، ئالقىش ساداسى ئىچىدە مەيدانغا كىرىپ كەلدى. بۇ بىر بىرگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى كوماندا ئىدى. ئاق كىيىملىك«ئەنگىلىيە كوماندىسى» ياردەمچى كونسۇل شىرىف ئەپەندى، كونسۇلخانا دوختۇرى، ئۇزاقتىن بىرى كونسۇلخانىدا تۇرۋاتقان مۇخبىر ھەم ساياھەتچى، شاپ بۇرۇت مېچىل ئەپەندى، ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيسىنىڭ لىيتنانتى گىرگىسىن، ئىككى نەپەر ياش جۇغراپىيە شۇناس ۋە ھىندىستانلىق ئۈچ خادىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ھەممىسىنىڭ چىرايىدىن غالىپلىق ھەتتا مەسخىرە ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى.دىمىسىمۇ مەدەنىيەتلىك دۇنيادىن يىراق جاھاننىڭ بىر چىتىدىكى سەھرالىقلارنىڭ ئۇلار بىلەن مۇسابىقىگە چۈشمەكچى بولغىنى كۈلكىلىك بىر ئىش ئەمەسمۇ. ئۇلارنىڭ ئارسىدا ياخشى چىنىققان تەنتەربىيە ھەۋەسكارى شىرىف ئەپەندى، بىر مەزگىل لوندۇندىكى پۇتبۇل كولۇبلىرىدا توپ تەپكەن، پۇتبۇلغا ئائىت ئوبرۇزلارنى يازغان مىچىل ئەپەندى تاغقا چىقىش ماھىرى گىرگىسىنلار تۇرسا. خەيريەت، بۇ مۇسابىقە ئۇلار ئۈچۈن بىر قىتملىق يەڭگىل كۆڭۈل ئىچىش مۇسابىقسى بوپ قالغۇسى. ماۋۇ يىرىم ياۋايى ئادەملەر ئۈچۈن بولسا ھەققىي مۇسابىقىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىۋالىدىغان بىر پۇرسەت، پۇرسەت بولغاندىمۇ، ھاياتىدا يەنە بىرقىتىم ئىرشەلمەيدىغان تىپىلغۇسىز بىر پۇرسەت ئىكساق كوماندىسىدىكلەر. بىشىغا ئاق دوپپا، ئۇچىسىغا ئاق ماتا كۆينەك كىيگەن، بەللىرىگە بالۋاغ باغلىغان، پۇتلىرىدىكى مەسە كالاچلىرىنى چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن خىلمۇ-خىل شوينىدا باغلىۋىلىشقان ئىدى. ئەمما دىققەت بىلەن كۈزەتكەن كىشىلەر ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئەستايىدىللقىنى، مەقسىدىگە يەتمىگۈچە توختىمايدىغان«ياۋايى كۈچ»ۋە يۈرەكنى جىغىلداتقىدەك قەيسەرلىكنى ھىس قىلالايىتتى.


مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر باشقا تېمىلار
مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر (1)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(2)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(3)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(4)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(5)
مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(6)