باش بەت / ساقلايمەن

مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(4)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-11-26 11:45 | ئاپتور: خالىدە ئىسرائىل | مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

«ھۈسەيىنىيە» ھەقىقەتەنمۇ بىر مەشئەلگە ئوخشايىتتى. ئۇ جاھالەت، نادانلىق قاپلىغان بۇ زېمىندا نەچچە ئەۋلاد مەرىپەت تارقاتقۇچىىلارنىڭ جانىنى- جانغا ئۇلاپ قولدىن-قولغا يەتكۈزىشى بىلەن 40يىل ياندى. ھەرقىتىم ئاسماننى قارا بۇلۇت قاپلاپ، دەھشەتلىك بوران-چاپقۇن كۆتۈرۈلگەندە ئۇ سۇسلاپ ئۆچۈپ قىلىش گىردابىغا بىرىپ قالسىمۇ، بوران توختاپ، سۈزۈك ئاسمان يۈز ئاچقاندا تىخىمۇ يالقۇنجىدى، لاۋۇلداپ ئۇلغايدى.
تۇرسۇن ئەپەندى بىشىنى كۆتۈرۈپ يىراقلارغا، ئىگىز سەگۈ تىرەكلەرنىڭ نىرىسىدىكى شىغىل تاشلىق چۆللەرگە، ھەيۋەتلىك ئاق تاغقا قارىدى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئاق تاغ چوقىسىدا راستىنلا بىر مەشئەل لاۋۇلداپ يىنىۋاتقاندەك، مەشئەلنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن دىھقان بالىسى تىقما-تىقما بولۇپ ئالغا ئىنتىلىپ تۇرغاندەك كۆرۇندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر قولىدا قەلەم، بىر قولىدا توپ بار ئىدى. قەلەم ئۇلارنى ئىلىم ئۈگنىشكە ئۈندىسە، توپ ئۇلاردا غورۇر ۋە ئىشەنچىنى، ھەر بىر كىشى كۆپچىلىك ئۈچۈن، كۆپچىلىك ھەربىر كىشى ئۈچۈن دەيدىغان جەڭگۈۋار بىرلىكىنى يىتىلدۈرگەنىدى.
تۇرسۇن ئەپەندى ئارقا تەرىپىدىن چىپىپ كىلۋاتقان ئاتنىڭ تۇياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ سەگەكلەشتى. بىر قىتىم كۈپكۈندۈزدە ئاشۇنداق بىر ئاتلىق ئارقا تەرەپىدىن كىلىپ ئۇنى چوماق بىلەن ئۇرۇپ يىقىتماقچى بولغان، ئەنەشۇنىڭدىن كىيىن ئۇ يالغۇز ۋاقىتلىرىدا ئەتراپىدىكى شەپىلەردىن ھۇشيار تۇرىدىغان بوپقالدى.ئۇ، يولنىڭ چىتىگىرەك چىقىپ، كىلىۋاتقان ئاتلىققا يول بەردى. ئاتلىق تىز كىلىۋاتاتتى. ئۇ يىقىنلاپ كىلىپ: «تىنىچ-ئامانلىقمۇ موللا ئاكا. مەن سەندىن ئەنسىرەپ بەگنىڭ ئۆيىگە بارسام، سىنى كەتتى دىيىشتى. كەينىڭدىن ئالدىراپ يىتىپ كىلىشىم...»دىگەندىلا تۇرسۇن ئەپەندى كەينىگە قاراپ كۈلۈمسىردى. ئۇ مۇشۇ كەنىتلىك مۇسا پالۋان دىگەن يىگىت ئىدى. ئۇلار تۇرسۇن ئەپەندىنى بىر تۇغقان قىرىندىشىدەك كۆرۈپ، ئۇنىڭغا كۆز قۇلاق بولۇشاتتى.
-تىنىچلىق، رەھمەت ساڭا مۇسا، كەلمىسەڭمۇ بولاتتى. ھە، توپخانىدا مۇسابىقە باشلىنىپ كەتكەندۇ ؟
سىنى ساقلاپ قىلشتى، ئەپەندىم ئۆزى باش بولۇپ بەرسە دىيىشىۋاتىدۇ.تىزرەك ماڭايلى ئەمسە،- ئۇلار ئاتنى قامچىلاپ ئىتتىك يۈرۈپ كەتتى.
ئاپرىل كىرىشى بىلەن چىنباغ ئاجايىپ گۈزەللىشىپ كەتتى. باغ ئەتراپىدىكى تىرەكلەر پوتلا تاشلاپ، نازۇك يىشىل يوپۇرماقلارنى چىقاردى.
يول بويىغا تىكىلگەن تۇخۇمەك دەرەخلىرى، قارىياغاچ،سىدە، ئەرمۇدۇن دەرەخلىرى تۈگۈچلىرنى يىشىپ، خىلمۇ-خىل شەكىللىك يىشىل يوپۇرماقلىرىنى يىيىشتى. يول بويلىرىدىكى بوش يەرلەرگە ياتقۇزۇلغان چىملار يىشىل مەخمەلدەك تاۋلىناتتى. باش باھاردىكى بۇ يىشىللىق كۆزگە ۋاللىدە كۆرۈنۈپ، كۆڭۈللەرنى يايرىتىدىغان بىر خىل پاك، يۇمران يىشىللىق ئىدى.
گىللئان خانىم كۈنگەي تەرەپتىكى بىر تۈپ ئۈرۈكنىڭ چىچەكلىگنىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدىكى خۇشلۇقىدىن ھۇزۇرلىنىشقا تىخى ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. ئەتىسىلا قورۇدىكى ۋە باغدىكى ئالما، ئۈرۈكلەر غۇچىچىدە چىچەكلەپ كىتىشتى.
پاكار،ۋىجىك، مىسرەڭ چىرايى قات-قات قورۇقلار بىلەن تولغان باغۋەن گۈللۈكتە ئىشلەپ يۈرەتتى. ئۇ ئىڭىشىپ تۇپراقتىن ئەمدىلا بىخ يىرىپ چىققان يۇمران مايسىلار بىلەن گەپلىشىۋاتقاندەك بىر نىمىلەرنى دەيىتتى. گىللئان خانىم تەرجىماندىن سوراپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ گۈللەرگە:«تىنىچ-ئامان ئۈنۈپ چىقىۋالدىڭلارمۇ بالىلىرىم؟ قورۇقماڭلار ياخشى كۈنلەر ئەمدى كىلدۇ، ئاپتاپتا ئىتىتىك-ئىتىتىك ئۆسۈڭلار...»دىگەنلىكىنى بىلىپ نەچچە كۈنگىچە كۈلۈپ يۈردى. باغۋەن كونسۇلخانىدىكى چەت ئەللىكلەرگە ئۆزىچە ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قويۇۋالاتتى ۋە شۇنداق چاقىراتتى،بۇ ئىسىملار بارا-بارا ئومۇملىشىپمۇ قالاتتى. ئۇ گىللئان خانىمنىڭ مارگارېتا دىگەن ئەسىمنى ئېغىزغا كەلمەيدىكەن، دەپ ياراتماي،«مەريەمخان دەپ چاقىراتتى. گىللىئان ئەپەندىنى جىلىلئاخۇن، كونسۇلخانىغا تولا كىلىدىغان ئىسمى بەكمۇ مۇرەككەپ قىرى مىسسسئونېرنى «گىلدىڭباش ئەپەندى» دەيىتتى. گىللئان خانىم ئۇنىڭ بۇنداق گەپلىرىگە ئامراق ئىدى.
گللىئان خانىم باھار مەنزىرسىدىن ئىلھاملىنىپ بۈگۈنگە چاقىرىپ قويغان مىھمانلارنى باغدا كۈتمەكچى بولدى. خىزمەتكارلار ئۇنىڭ تاپشۇرقى بىلەن سىپىل تەرەپتىكى چوڭ بىر تۈپ ئۈرۈكنىڭ ئاستىغا ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى تىزدى. ئۈستەلگە پاكىز ئاق داستىخان سىلىپ، سالېفىتكا، تەخسە،ۋېلكا-قوشۇق، رۇمكىلارنى تىزىپ تەييار قىلدى. لوندۇندىكى داڭلىق ئۇستىنىڭ قولىدىن چىققان سۇس كۈلرەڭ شىم-كاستومنى كىيىپ، گالىستۈك تاقىغان كونسۇل گىللئان ئەپەندى بىلەن ياقا ۋە مەيدىسىگە تور تۇتقان، ئۆرە ياقىلىق ئاق كوپتا، ئۇزۇن قاتلاق يوپكا كىيگەن،مۈ.رىسىگە نىپىز تورنى يىپىنچا تاشلاپ، سىرىق چىنگىلەك چاچلىرىنى ئارقىسىغا تۈرىۋالغان گېللئان خانىم مېھمانلارنى قىزغىن كۈتىۋىلىپ، ئىنگلىز پاسونىدىكى ئېگىز يۆلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقلارغا باشلىدى. بۈگۈنكى مېھمانلار ياردەمچى كونسول شىرىف ئەپەندىدىن باشقا كونسولخانىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولغان شىۋىتسىيىلىك دىن تارقاتقۇچىلار ئۆمىكى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى يوھان. ئاندىسىن ئەپەندى، شېۋىتسىيىلىك مىسسىئونېر، داڭلىق ئۇيغۇرشۇناس راكويتىس ئەپەندى،ئەنگىلىيىلىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان 1-دۇنيا ئۇرۇشى جەڭ مەيدانىدىكى قانداقتۇر كەچۈرمىشلىرى تۈپەيلى ھەربىي ئىشلار ۋە سىياسيدىن قول ئۈزۈپ، تەقۋادار خىرىستىئانغا ئايلانغان، ئەنگىلىيىدىكى راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇشنى تاشلاپ قەشقەرگە كىلىپ شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىلىرى ئۆمىكىدە دىن تارقاتقۇچى بولغان مان ئەپەندى، يەنە شۇ شىۋېتسىيىلىكلەر بىلەن بىللە ئىشلەۋاتقان ئەنگىلىيىلىك رېچىر خانىم، ئەنگىلىيىلىك ساياھەتچى ۋە مۇخبىر مېچىل ئەپەندى، پامىر ئېگىزلىكى ۋە تەڭرىتاغلىرىىكى ئۆسۈملۈكلەرنى تەكشۈرۈپ تۈرگە ئايرىش خىزمىتى بىلەن كەلگەن ئۆسۈملۈكشۇناس فىرانك. لودىلو، ھىندىستان ئارقىلىق قەشقەرگە ساياھەتكە كەلگەن ئەنگىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىە لېيتىنانتى گىرگىسېن ۋە ئۇنىڭ خانىمى، ئۇلار بىلەن بىللە كەلگەن جۇغراپىيىلىك تەكشۇرۇش ئۆمىكىدىن ئۈچ كىشىمۇ بار ئىدى.
مېھمانلار جايلىشىپ، ئۆزئارا تونۇشۇۋالغاندىن كىيىن، تېزلا قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كىتىشتى.پامىر، قاراقۇرۇم تاغلىردىكى مۇشەقەتلىك يوللارئارقىلىق توشۇپ كىلىنگەن شوتلاندىيە ۋىسكىسى، مەدىنىيەتلىك جەمىيەتنىڭ قاتمۇ-قات قائىدە يۇسۇنلىرى، تىرىكچىلىك غىمى،رىقابەتلىرىدىن يىراق،رىۋايەت تۈسى قويۇق بۇ قەدىمى شەھەر، ئەتراپتىكى ئۆزگىچە باھار مەنزىرسى، ھەممە يەرنى قاپلىغان چىچەكلەرنى ئارلاپ ئۇچۇپ يۈرۈشكەن ھەرە-كىپىنەكلەر....مىھمانلار ۋە ساھىپخاننىڭ كەيپىنى بىراقلا كۆتۈرۋەتكەنىدى.
ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغان لوندۇن ۋە نىيۇ-يۇرك توغرىسىدكى ئەڭ يىڭى خەۋەرلەردىن كىيىن ئۇلارنىڭ پاراڭ تىمىسى تەبئى ھالدا كونسۇلخانا مەنزىرسى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇلىشىغا، شىۋىتسىيىلىك مىسسئونېر، ۋىراچ ھەم ئارختىكتور خاۋگىرىگنىڭ لايھىلىشى، قەشقەرلىك تامچىلارنىڭ تىرىشچانلىقدا سىلىنغان كۆركەم ۋە ئەپلىك كونسۇلخانا ئىمارەتلىرى، بۇ ئىشلارغا يىتەكچىلىك قىلغان قەشقەردىكى تۇنجى كونسۇل ماكارتىنى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە، ئۇلارنىڭ يىقىن دوستى- نىمىشقىدۇر قەشقەردە ئۇزاق يىللاپ ئۆزى يالغۇز ياشاپ، ئاخىرى يەككە-يىگانە ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن ھوللاندىيىلىك مىسسئونىر ھىندىركىسقا يۆتكەلدى. كۆپ يىلدىن بۇيان بۇ كونسۇلخانىغا كىلىپ كەتكەن خىلمۇ-خىل ئادەملەر، بۇ يەردە يۈز بەرگەن ئاجايىپ ۋەقەلەر ئەسلەندى. ئولتۇرغانلار ئىچىدە راكويتىس ئەپەندى قەشقەرگە ھەممىدىن كونا ھىسابلىناتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يەردە ئاۋرىل.سىتەيىن،سىۋىن ھىدىن،گىرمانىيلىك فون.لىكوك، ئامرىكىلىق لاتىمۇر قاتارلىق مەشھۇر شەخىسلەر بىلەن كۆرۈشكەن چاغلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان تەسىراتىنى قىزقارلىق سۆزلەپ كۆپچىلىكنى جەلىپ قىلىۋالدى. بولۇپمۇ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇنيا مىقياسىدا شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زامان مەدەنىيىتى ۋە ئاسار ئەتىقىلىرىگە كۈچلۈك قىزىقىش كۆتۈرۈلگەن، ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن ئارخئولوگ، ئىكىپىدىتسىيىچىلەرنىڭ قەدىمى خارابىلىقلاردىن قازغان ۋە يەرلىك كىشىلەردىن سىتىۋالغان ھەددى-ھىسابسىز مەدىنىيەت مىراسىنى ساندۇق-ساندۇقلاپ ئۆز دۆلەتلىرىگە ئىلىپ كىتىۋاتقان شارائىتتا خوتەنلىك كىتابپۇرۇش ئىسلام ئاخۇننىڭ چەتئەللىكلەرنى قانداق كولدۇرلاتقانلىقى توغرىسىدىكى ھىكايە ھەممەيلەنگە قاتتىق تەسىر قىلدى.
ئاشۇ يىللاردا ئەنگىلىينىڭ قەشقەردىكى كونسۇلى ماكارتىنى، روسىيە كونسۇلى پىتروۋىسكىي ۋە دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايىدىن كەلگەن ئارخىئولوگلار ئىسلامئاخۇننىڭ قولىدىن نامەلۇم قەدىمكى يىزىقتا يىزىلغان، سارغىيىپ، چىرىپ كەتكەن ھۆججەت، كىتابلارنى سىتىۋالىدۇ. بۇ كىتابلار كالىكۇتتا، سان-پىتىبۇرگ، لوندۇن، پارىژنىڭ كىتابخانا ۋە كۈتۈبخانىلىرىدا پەيدا بولىدۇ. دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئالىم بۇ« قەدىمكى يىزىق» نىڭ مەنىسىنى يېشىش يولدا تىرشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئەنگىلىيلىك مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى سىر رودولف. خوئىنلى بۇ «قەدىمكى يېزىق» ئۈچۈن قىممەتلىك بەش يىل ۋاقتىنى سەرىپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھىچقايسىسى بۇ كىتابلارنىڭ ئىجادچىسىنىڭ ئىلىپنىڭ سۇنۇقىنىمۇ بىلمەيدىغان بىر ئۇششاق تىجارەتچى ئىكەنلىكىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ. سىتەيىن يەنە بىر قىتىم شىنجاڭغا كەلگەندە خوتەن ئامبىلى فەن دارىننىڭ يادىمىدە ئىسلام ئاخۇن بىلەن كۆرىشىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇستىلىق بىلەن ئەيىنى يىللاردا ئۆزىگە سىتىپ بەرگەن كىتابلارنىڭ كىلىش مەنىبەسى توغرىسىدا گەپ ئالىدۇ. ئەسلىدە ئىسلامئاخۇن ۋە ئۇنىڭ شىرىكلىرى خوتەن قەغىزىنى توغراق يىلىمىنىڭ سۈيىگە چىلاپ سارغايتقاندىن كىيىن قەغەزنى كونا كىتاپقا ئوخشاش كىسىپ، تۈپلەپ، خەتكە ئوخشاش بىر نىمىلەرنى سىزىپ قويىدىكەن-دە،سىۋەتكەسىلىپ ئوچاقنىڭ مورىسىغا بىر-ئىككى ئايغىچە ئىسىپ قويىدىكەن....دۇنيادىكى نى-نى ئالىم، ئارخئولوگنى نەچچە يىللاپ قايمىقتۇرغان بۇ« قەدىمكى يىزىقتا يىزىلغان كىتابلار »نىڭ بارلىق كىلش جەريانى ئەنە شۇنداق ئاددى مۈكەممەل ئىكەن.
بۇ ۋەقەگە قارىتا سورۇندىكىلەرنىڭ ئىنكاسى ھەرخىل بولدى. شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى، بولۇپمۇ دىن تارقاتقۇچىلا بۇ يەردىكى ئاھالىنى چۈشكۈن، خۇراپى دىنى ئاسارەت ئىلكىدە گۇناھقا پىتىپ ياشاۋاتقان دوزىخيلار، دەپ بىلگەنلىكتىن ئىسلام ئاخۇننىڭ قىلمىشىنى كەچۈرگۈسىز ئالدامچىلىق دەپ ئەيىبلەشتى. لىتنات، مۇغبىر ۋە جۇغراپىيشۇناسلار :ئۇ ھەقىقەتەن تالانتىلق سودىگەر ئىكەن، دىدى. راكويىتس ئەپەندى ئۆزى يىغىپ توپلىغان بىر نەچچە كوپلىت ئۇيغۇرچە قوشاق ۋە ماقال تەمسىلنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەندە بولسا ھەممەيلەن ئىختىيارسىز ئاپىرىن ئوقۇشتى. گىللئان خانىم ھەممىدىن ھاياجانلىنىپ:
بىز ئۇلارنىڭ ھىسياتىنى ھىچقانچە چۈشەنمەيمىز. مىنىڭچە، ئۇلار بىز ئويلىغاندەك نادان ئەمەس. يەنە بىرى، سىلەرمۇ دىققەت قىلدىڭلارمىكىن، ئۇلاردا تۇغما ئىسل سۈپەتلىك بار. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى، بوۋايلىرى نىمىدىگەن سالاپەتلىك ھەم مەردانە، ئاياللىرى نىمىدىگەن سۈلكەتلىك. ئۇلاردا گۈزەللەر بەك كۆپ. ئۇلارنىڭ ناخشا-مۇزىكىللىرى ،ئۇسۇللىرىمۇ بەك گۈزەل... ئۇ سەل ئويلىنىۋىلىش ئۈچۈن بىشىنى كۆتۈرۈپ، نىرىدىكى گۈللۈكتە ئىشلەپ يۈرگەن باغۋەننى كۆردى-دە سۆزىنى داۋام قلدى:- ئاۋۇ قىرى ئادەم دائىم گۈللەر بىلەن، ھايۋانلار بىلەن گەپلىشىدۇ. يىڭى ئۈنۈپ چىققان مايسىلارغا قاراپ:« تىنىچ-ئامان ئۈنۈپ چىقالىدىڭلارمۇ؟ ئەمدى قورۇقماڭلار،مەن بار» دەيدۇ. ماڭا بۇگەپلەردە چوڭقۇر شىئرى مەنا باردەك تۇيۇلىدۇ....
ياش ھەم جۇشقۇن ياردەمچى كونسۇل ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇلدى:
ئىنچىكە كۈزەتسەك، بۇ ئادەملەردە ھەقىقەتەن بىر خىل سۈپەت بار. ئۇلار ھەم بەك ئەقىللىق، ئەمما ئۇلارنى چۈشەپ تۇرغان نەرسىلەر بەك كۆپ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ھەم ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى بايقىيالمىغان ھەم ئۇنداق شارائىتمۇ يوق.
ئەلۋەتتە، ئەلۋەتتە. بىر قەدىمى مىللەت سۈپتىدە ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا مەلۇم ئالاھىدە تەرەپلەر مەۋجۇت،- دەپ سۆزىنى قاتتى ئاندسن ئەپەندى،- لىكىن نىمشقىدۇر ئۇلاردا ۋەتەن، مىللەت ئىڭى يوق، بۇلار ناماز ئوقۇش بىلەن قورسىقىدىن باشقا نەرسىنى ئويلىمايدۇ. مىللىتىڭ نىمە دىسە، مەن مۇسۇلمان ياكى قەشقەرلىك، دەپ جاۋاپ بىرىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋاش، ئىتائەتمەن كىلىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇلار باشقا مىللەتلەر تەرپىدىن باشقۇرۇلۇشقىلا مۇۋاپىق كىلىدۇ.
مەن قەدىمى قەشقەرلىكلەر بىلەن شىۋىتسىيىلىكلەر ئوتتۇرسىدا قانداقتۇر باغلىنىش بارلىقى توغرىسىدا بەزى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغان،- دىدى مۇخبىر ھەم ساتاھەتچى مېچىل ئەپەندى كۈلۈمسىرەپ، - شىۋىتسىيىلىك مىسسئونىرلارنىڭ مۇشۇنداق جاپالىق جايىدا، يەرلىك كىشىلەرنىڭ دۈشمەنلىك بىلەن قارشى ئاستىدا شۇنچە كۆپ ئىشنى قىلشى ئەنە شۇ قەدىمى رىشتىنىڭ سەۋەبىدىنمۇ، قانداق؟
---بۇ رىۋايەت ئەمەس،- دىدى راكويتىس ئەپەندى،- دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى يىل نامىللىردە ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كاسكارىت دىگەن شەھەردىن كۆچۈپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرلەر بولغان، بەزى ئالىملىرىمىز بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئىزدىنىپ مەخسۇس ئەسەرلەرنى يازغان.ئەمما بۇ ھىچ نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. تەكلىماكان قۇملىقى بىلەن شىمالى قۇتۇپ ئوتتۇرسىدا پەرق قانچە زور بولسا، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار بىلەن شىۋىتسىيەلىكلەر ئوتتۇرسىدىكى پەرقمۇ شۇنچە زور.
ھىندىستانلىق ئاشپەز ئوخشىتىپ ئەتكەن پۇدىڭنىڭ داستىخانغا كىلىشى بىلەن پاراڭنىڭ تىمىسى ئۆزگەردى. ئۇلار گىللئان خانىمنىڭ مول داستىخىنى ۋە مىھمان دوستلىقىنى مەدىھيلىشىپ تاماققا تۇتۇش قىلىشتى. شۇنىڭدىن كىيىن خىلىغىچە پاراڭ تازا قولاشمىدى. تاماق يىيلپ بولغاندا بۈگۈنكى بۇ سورۇندا ناھايىتى ئاز سۆزلەپ،تارتىنىپ ئولتۇرغان سىرىق چاچ، ياشقىنە جۇغراپىيشۇناس:
---مەن بۇ قىتىمقى سەپىرىمدىن ناھايىتى مەمنۇنمەن،- دەپ سۆز باشلاپ قالدى،- شىنجاڭنىڭ تاغلىرى كارامەت ھەيۋەتلىك، كۆركەم ئىكەن، ئادەمدە ئىختىيارسىز ھۆرمەت قوزغايدىكەن. تەكلىماكان قۇملۇقى ماڭا مەۋىج ئۇرۇپ تۇرغان ھالىتىدە دىڭىزنى ئەسلەتتى. بەلكىم ئۇ تىخىمۇ سەلتەنەتلىك، سىرلىق يەنە بىر خىل دىڭىزدۇر. مەن بۇشۇنداق بىر زىمىندىن يارىماس جەلىقنىڭ چىقىشىنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن. مىنىڭچە، ئۇلار ھامان بىر كۈنى ئويغىنىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ قەدىر-قىمىتىنى تونۇپ يىتىدۇ.
كۆپچىلىك مۈرەككەپ خىياللار ئىلىكىدە بىدەم جىم ئولتۇرۇشۇپ قالدى ئارىدىن كىمدىن بىرى:
---مۇمكىن ئەمەس، بۇ خەلىق مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئۇلارنى ئويغىنىدۇ دىگەندىمۇ، بۇنىڭغا يەنە ئاز دىگەندە مىڭ يىل بار،- دىدى.
---كەچۈرڭلار، بۇ گەپلەرنى قىلشمايلى،كۆز ئالدىمىزدىكى گۈزەل باھار مەنزىرسىدىن ھوزۇرلىنايلى، مۇزىكا ئاڭلايلى، تانسا ئوينايلى....
گىللئان خانىم چەتتىكى ئۈستەلگە قويۇلغان پاتىفۇننىڭ ئالدىغا بىرىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان«باھار ساداسى» دىگەن ۋالىس مۇزىكىسىنى قويدى. تونۇش-گۈزەل مىلودىيە، يەر-جاھاننى قاپلىغان ئاپئاق چىچەكلەر، زەڭگەر ئاسماندا ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۈزۈپ يۈرگەن يۇپقا بۇلۇتلار مىھمانلارغا ئۆزلىرىنى خۇددى ۋىنا شەھىرىنىڭ يىنىدىكى ئورمانلىقلاردا سەيلە قىلۋاتقاندەك خىيالى بىر تۇيغۇ بەخش ئەتتى. گىللئان ئەپەندى بىلەن خانىمى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ليىتىنانىت بىلەن ئۇنىڭ ياش، چىرايلىق خانىمى ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ۋالىس ئاھاڭىغا كەلتۈرۈپ يەڭگىل ئايلىنىشقا باشلىدى. شىرىف ئەپەندى بىلەن رىچىر خانىممۇ ئولتۇرالماي ئوتتۇرىغا چۈشمەكچى بولۇشتى....دەل شۇ پەيىتتە، سىپىلنىڭ ئارقىسىدىنلا بىر ئۇيغۇر ئەركىشىنىڭ ياڭراق ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىپ پاتىفۇن ئاۋازىنى بىسپ كەتتى. ئۇ قوپال، سەل غاژ-غۇژ، ئەمما جەلىپكار ئاۋاز خۇددى ئۆز مەۋجۇتلىقنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك يوچۇن، ساددا، ئەمما خىللا يىقىملىق بىر ئاھاڭغا جىنىنىڭ بارىچە توۋلايىتتى....
تانسا ئويناۋاتقانلارمۇ، ئوينىماقچى بولىۋاتقانلارمۇ توختاپ قالدى. ھەممەيلەن ئىىتىيارسىز باشلىرىنى بۇراپ ئاشۇ ناخشىغا قۇلاق سالدى. سىپىل كەينىدىكى يولدىن ئىشەك مىنىپ كىتىۋاتقان يولۇچى ياكى كەتمەننى مۈرىسىگە سىلىپ بىرەر دىھقان ئىيىتقان بۇ ناخشا ئۇلارغائۆزلىرنىڭ قەشقەردە تۇرىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ، ئۇلارنى رىئاللىق قوينىغا قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
باھاۋۇدۇن ئەپەندى ئىكساققا كەلدى.ئۇ كىلىدىغان كۈنى يۇرۇت مۆتىۋەرلىرى ، ئىكساق خەلقى، «ھۈسەينىيە»نىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن يۈزدەك كىشى قايراقنىڭ يۇقۇرسىغىچە بىرىپ ئۇنى كۈتۈۋالدى. كۈتۈۋىلىشقا ماڭغان خەلق توپىنىڭ ئالدىدا فورما كىيگەن پۇتپۇل كوماندا ئەزالىرى مارشقا دەسسەپ كىتىۋاتاتتى. ئۇلارنى باشلاپ ماڭغىنى توپ سىلىنغان خالتىنى بوينىغا ئاسقان كېرەم توپچى ئىدى. شۇ تاپتا پۈتكۈل يۇرۇت خەلقىگە باش بولۇپ ماڭغىنىدىن ئىپتىخارلىنىپ، ئۇنىڭ ئاپتاپتا كۆيگەن چىرايى ئاناردەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۆز ئانىسىلا ئەمەس، مەھەللىدىكى ھەممىلا ئادەم دىگىدەك نامىزىدا نامىنى ئاتاپ دۇئا قىلىدىغان، بۇ يۇرۇتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بۇ ئۇلۇغ ئادەمنى كۆرۈش ئارزۇسىدا يۈرىكى تىپچەكلەپ قىنىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك سوقاتتى. ئۇ ئەقلىگە كەلگەندىن بىرى باھاۋۇدۇن باينى كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ، بۇ يۇرۇتتىكى ھەر بىر كىشىگە ئوخشاش باھاۋۇدۇن باينىڭ نامى ئۇنىڭ قەلبنىڭ چوڭقۇر قىتىغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى، كەنىتتە، كەنىتىتىكى ھەربىر ئۆيدە، «ھۈسەيىنىيە» دە باھاۋۇدۇن باي بىلەن باغلىنىشلىق بولغان نۇرغۇن ئىش بار ئىدى.
ئىلگىرى ئىكساق تەۋەسىدىكى كىشىلەر سۇ ماجراسى تۈپەيلى جەڭگى-جىدەل، ئاداۋەت ئىچىدە ياشايدىكەن،ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىمۇ دائىم يۈز بىرىپ تۇرىدىكەن. ئۇزاق يىللار ئىلگىرى باھاۋۇدۇن باي ئوتتۇرىغا چىقىپ:بىر يۇرۇتلۇق، قان-قىرىنداش تۇرۇپ، خۇدا بەرگەن سۇنى نىمە ئۈچۈن باي-كەمبەغەل دەپ ئايرىماي،سىنىڭ-مىنىڭ دىمەي تەڭ ئىشلەتمەيمىز؟-دەپ كەنتتىكى يەر ۋە ئائىلىلەرنى رەتكە تىزىپ، سۇنى نۆۋەت بىلەن ئىشلىتىشنى تۈزۈملەشتۈرۈپتۇ. ئەڭ ئادىل، ئەڭ قاتتىق قول كىشىلەرنى مىرابلىققا تاللاپتۇ.ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ تۈزۈم بۇزۇلماپتۇ، ئىكساقتا سۇ ماجراسىمۇ يۈ بەرمەيدىغان بوپتۇ.
ئىلگىرى بۇ يۇرۇتتا يىتىم-يىسىر، يوقسۇل كىشىلەر پۇلغا مۇھتاج بولغاندا جازانىخورلاردىن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرىز ئىلىشقا مەجبۇر ئىكەن. شۇ تۈپەيلى نۇرغۇن ئادەم ۋەيران بولۇپ كەتكەنىكەن. باھاۋۇدۇن باي بىلەن ھۈسەيىن باي چەتئەللەرنى كۆرۈپ كەلگەندىن كىيىن ئىكساقتا«ۋاردات»ۋە«جامائەت ئىسكىلاتى»نى قۇرۇپتۇ. خەلىقنىڭ ئۆلۈم -يىتىم ئىشلىرىدىكى ئىسقاتىنىڭ يىرىمى، سودا شىرىنكانىسىنىڭ يىرىمى ھەشەمەتلىك توي قىلغانلارنىڭ«ياغلىق پۇلى»، جەمىيەت تەرتىۋىنى بۇزغانلاردىن ئىلىنىدىغان جەرىمانلار« ۋاردات» قا يىغىلىدىكەن. خەلىقنىڭ ئۆچرە-كەپسەنلىرى بولسا جامائەت ئىسكىلاتىغا تۆكۈلىدىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن«ۋاردات» ھاجەتمەنلەرگە ئۆسۈمسىز قەرىز بىرىپ تۇرىدىغان، قەرىزنى تۆلىيەلمىسە، ئاجىز يوقسۇللارنىڭ قەرىزنى كۆتىرىۋىتىدىغان، ھەتتا قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى يۆلەيدىغان بوپتۇ. جامائەت ئىسكىلاتىغا يىغىلغان ئۆشرە كەپسەنلەر بولسا مەكتەپلەرگە ئىشلىتىلىپتۇ. باھاۋۇدۇن باي جۈمە نامىزىدا ۋە ھەرخىل سورۇندا تەرەققى تاپقان ئەللەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە تىجارەت يوللىرى تونۇشتۇرۇپ، كىشىلەرنى تىجەشلىك ئىقتىسادچىل ياشاشقا، پاكىزلىققا، توي-تۆكۈن، نەزىر -چىراقلارنى ھەشەمەتلىك قىلماسلىققا، بالىلارنى بىلىملىك، ھۈنەرلىك، ئەدەپ-ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيلەش، قىز-ئاياللارنى ئاسراش، ئىلىم ئىگىللىرى ۋە سەنئەتكارلارنى قەدىرلەش، ھۆرمەتلەشكە ئۈندەيدىكەن.ھۈسەيىن باي، باھاۋۇدۇن بايدەك چەتئەللەردە نى-نى زاۋۇتلىرى بار كىشىلەرگە قانچىلىك ھەشەمەتچىلىك قىلسا ياراشقان بولاتتى-ھە. ئەمما ئۇلار پەرزەنتىلىرگە مۇۋاپىق لايىق چىقسىلا بىر قازان ئاشنى ئىتىپ، تۆت ئادەمنى چاقىرىپلا نىكاھ ئوقۇتۇپ قويىدىكەن. مال-دۇنياسىنى كۆز-كۆز قىلىشنى زادى راۋا كۆرمەيدىكەن، نىمىشقا ئۇدۇنيادىكى بايلارنىڭ ھەممىسى شۇلاردەك بولمايدىغاندۇ-ھە....
كىرەم توپچى بارغانسىرى يىراقلاپ كىتىۋاتقان خىياللىرنى يىغىپ،«گۇس-گۇس» دەسسەپ كىتىۋاتقان ھەمراھلىرىغا بويۇنداپ قاراپ قويدى. ھەممىسىنىڭ چىرايىدا ۋىلىلداپ تۇرغان بىر ھاياجان-خۇشلۇقنى كۆرۈپ،مەيدىسىدىكى توپنى ئىختىيارسىز چىڭ باستى. يىقىنقى كۈنلەردىن بىرى يۇرۇت بىگى، ئىمان-ئىشانلار «يىڭى مەكتەپنىڭ بالىلىرى پەنىنى دەرىسلەرنى ئوقۇسا ئوقۇسۇن، ئەمما ھىلىقى شەيتان توپنى ئويناپ، ئادەم يىغىپ يۇرۇتنى پاراكەندە قىلمىسۇن» دىيىشىپ مەكتەپكە بىسىم ئىشلەتكەنىلىكنى، ھەتتا، بەزىلەرنىڭ قەشقەردىكى ئۆمەر باي، دوتەيلەرگىچە ئەرىز قىلغىنىنى، مەكتەپكە قۇراللىق شىرىكلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇزۇن قارا تاۋار چاپان كىيگەن ئەلپازى بۇزۇق ئەمەلدارلارنىڭ كەلگەنلىكىنى ....كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، ھىلىلا خوشلۇق ئىچىدە تىپچەكلەپ تۇرغان كۆڭلىگە بىر غەشلىك سايە تاشلىدى.«توپتا نىمە گۇناھ؟ توپ ئوينىغانىنىڭ گۇناھى نىمە؟ بولۇڭ-پۇشقاقلاردا ھوشۇق ئويناپ، نىشە چىكىپ يۈرسەك بولامتى ئەمسە!»
كىرەم توپچى ئىختىيارسىز بۇرۇلۇپ ھەمراھلىرىغا يەنەبىر قارىدى. ۋۇجۇدىدىن جۇشقۇنلۇق، چىرايلىرىدىن نۇر تېمىپ تۇرغان بۇ بالىلار مەدىرىسەلەردىكى بالىلاردىن ئاسمان-زىمىن پەرىقلىنەتتى. يول ماڭسا قەددىنى تىك تۇتۇپ روھلۇق ماڭاتتى.مۇئامىلىدە دادىل، ئوچۇق-يورۇق، سۆزلىرى چاقماقتەك ئىدى. بىر قىتىم بۇ يېزىغا كەلگەن بىر چەتئەللىك ئۇلارنىڭ مەشىق، مۇسابىقىلىرنى كۆرۈپ:«ئەنگىلىيىدە بارلىققا كەلگىنىگە ئانچە ئۇزاق بولمىغان پۇتپۇل ھەركىتىنىڭ ئاسىيانىڭ ئىچكىرىدىكى بۇ چەت يىزىدا بۇنچىۋالا ئوموملىشىپ كىتىشىنى زادىلا تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىكەنمەن. پۇتبول بۇ يەردىكى كىشىلەرگە ئاجايىپ بىر جۇشقۇنلۇق ئەكەپتۇ» دەپ ھەيرانلىق ۋە قايىللىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.تۇرسۇن ئەپەندى ئەجەپ توغرا ئىيىتتى: توپتا گۇناھ يوق، توپ ئويناشتا گۇناھ يوق! گۇناھ ئاشۇلاردا ، يېڭىلىقنى ، تەرەققىياتنى كۆرەلمەيدىغان، ئاللىقانداق رەزىل مەقسەتلىرى ئۈچۈن خەلىقنى مەڭگۈ ئىتائەتمەن، نادان ھالىتىدە قالدۇرۇشتا ئويلايدىغانلاردا. توپنى ئوينىغىنىمىز ئوينىغان. پۇتبۇلنى ئىكىساققا ھاشىم بالخان بىلەن باھاۋۇدۇن ھاجىم ئەكىرگەن. باھاۋۇدۇن ھاجىم ئىكىساقنىڭ پۇتبۇل ھەرىكىتىگە باشتىن ئاياغ كۆڭۈل بۆلگەن ، يانتاياق بولغان. بۇقېتىم بىز ئۇزاتقان ئاشۇ ئەجىرنىڭ بىكارغا كەتمىگىنىنى بىلدۈرۈپ قويايلى. روھلۇق-جۇشقۇن ھالىتىمىز، ئەڭ يۇقىرى ماھارىتىمىز بىلەن ئۇنى خۇشال قىلايلى ،ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بىرەيلى........
توپ ئىچىدە بىردىنلا كۆتۈرۈلگەن غۇلغۇلا كېرەم توپچىنىڭ خىيالىنى بۆلدى. ئۇ، كىشىلەر«كەلدى، كەلدى!»دېيىشىپ كۆرسىتىۋاتقان تەرەپكە قاراپ، بىر نەچچە ئاتلىق كىشىنىڭ ۋە ئۈچ ئاتلىق بىر مەپىنىڭ دوقمۇشتىن قايرىلىپ چوڭ يولغا چۈشكەنلىكىنى كۆردى.
خەلىق توپى داۋالغۇپ كەتتى. تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن يۇرۇت چوڭلىرىدىن بىر نەچچىسى ئىتتىگىرەك مىڭىپ ئىلگىرلەپ كىتىشتى. بىر قىسىم ياشلار بىلەن ئۇششاق بالىلار ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈردى. ئالدىغا ماڭغانلارنى كۆرۈپ مەپە توختىدى. باھاۋۇدۇن ھاجىم باشقىلارنىڭ توسقىنىغا قارىماي مەپىدىن چۈشۈپ جامائەت بىلەن سالاملاشتى. گاھلىرى بىلەن قول سىقىش ياكى قۇچاقلىشىپ، مۈرە قىقىشىپ كۆرۈشتى. كىيىن قارشى ئالغۇچىلار بىلەن بىللە ئاستا خەلق توپى تەرەپكە قاراپ كەلدى.
كىرەم توپچى كوماندا ئەزالىرىغا سەپنى بۇزماسلىقىنى جىكىلەپ، مەكتەپ ناخشىسىنى باشلىدى. كۆپچىلىك ئۇنىڭغا تىزلا ئەگىشىپ كەتتى. توپچىلارنىڭ بىر خىلدىكى قەدەم ئاۋازى بىلەن ياڭراق ناخشا ساداسى باھار تۈسىنى ئالغان دالىنى لەرزىگە كەلتۈردى.
چەكە چاچلىرى ۋە ساقالىلىرى ئاقارغان، جۈدەپ، ئاجىزلاپ قالغان بولسىمۇ كۆزلىرىدى پاراسەت، مىھرىبانلىق نۇرى چىچىلىپ تۇرغان، كىينىشى ئاددى، ئەمما يەنىلا شۇنداق سۆلەتلىك، مىھرى ئىسسىق باھاۋۇدۇن باي خەلق توپى ئالدىغا كىلىپ:
-ئەسسالام خەلىقم !-دەپ چۇڭقۇر باش چۆكۈرۈپ تەزىم قىلدى. باينىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر نەچچە قىرى ئايال ھۈ تارتىپ،قوشاق قىتىپ يىغلىشىپ كەتتى. ئاق ساقاللىق ئىككى مويسىپىت ئىتتىك بىرىپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزغاندا كىرەم توپچى باينىڭ قارا كۆزلىرىگە ياش تولغانلىقنى كۆردى. كىرەم توپچىنىڭ باشلامچىلىقدا پۇتبولچىلار بايغا ياڭراق ئاۋازدا سالام بەردى. قاتار تىزىلىپ تۇرغانبىر-بىردىن چىرايلىق، چاققان چەبدەس بالىلارنى كۆرۈپ باينىڭ لەۋلىرى تىتىرەپ، كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلدى. ئۇ، پۇتبۇل كوماندىسىدىكى ھەر-بىر بالىنى بىر-بىرلەپ باغرىغا بىسىپ:«كىمنىڭ ئوغلىسەن بالام؟» دەپ سوراپ، پىشانىلىرىگە سۆيدى. جامائەتنىڭ توسقىنىغا قارىماي توپچىلار قاتارىدا خىلى يەرگىچە پىيادە مىڭىپ، بۇ قىتىمقى سەپىرىدە ھىندىستان، تۈركىيە، گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر مۇنچەچوڭ شەھەرگە بارغانلىقىنى، بارغان يىرىدىكى مەكتەپلەردە كۆرگەنلىرىنى، گىرمانىيە، تۈركىيىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئۆزى كۆرگەن پۇتبول مۇسابىقىلرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىنتايىن قىزقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ماڭغان بالىلار ئۇنىڭ ھەربىر ئىغىز سۆزىنى زەن قويۇپ ئاڭلاپ، ئىسىدە مەھكەم تۇتىۋىلىشقا تىرىشتى. دەرۋەقە، باھارنىڭ ئاشۇ چىرايلىق، ئىللىق بىر كۈنى شۇ مەيداندىكى بالىلارنىڭ خاتىرسىدە ئۆمۈرۋايەت ساقلىنىپ قالدى.


مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر باشقا تېمىلار
مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر (1)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(2)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(3)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(4)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(5)
مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(6)