باش بەت / ساقلايمەن

مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر (1)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-11-26 11:36 | ئاپتور: خالىدە ئىسرائىل | مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

1857-يىلى ئەنگىلىيە ئىشچىللىرى دۇنيا بويىچە تۈنجى پۇتبول كۇلۇبىنى قۇردى.
1863-يىلى ئەنگىلىيىدىكى 11 پۇتبول كوماندىسى بىرلىشىپ تۈنجى پۇتبول جەمىئىيىتى قۇردى،
1870-يىلى ئەنگىلىيە پۇتبول جەمىئىيىتى ئەنگىلىيە ھەم دۇنيا بويىچە تۈنجى پۇتبول مۇسابىقىسى -« يەڭگۈچى» پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆردى. شۇنىڭدىن كىيىن ئەنگىلىيىدە پۇتبول ھەركىتى كەڭ قانات يىيىپ، ئاۋىستىرىيە، ئاۋىستىرالىيە، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە، بىلگىيە، ھوللاندىيە قاتارلىق ئەللەرگە تارقالدى.
1896-يىلى پۇتبول ھەركىتى خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ بىر تۈرى قىلىپ قوشۇلدى.
1904-يىلى مايدا پارىژدا خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى «FIFA» قۇرۇلدى.
1928-يىلى خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى 1930-يىلىدىن تارتىپ تۆت يىلدا بىر قىتىم دۇنيا پۇتبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى....

1870-يىللىرى ئەنگىليەنىڭ مانچىستىر شەھرىدىكى باغچا، مەيدانلاردا توپ تىپىپ يۈرگەن پىرىستان ئىشچىللىرى ئارىسىدا بىر ئۇيغۇر يىگىتىمۇ بار ئىدى. بەستلىك، چاققان، ئىنتايىن زىرەك بۇ يىگىت يىڭىلا ئۆگىنىۋالغان بىر نەچچە ئىغىز ئىنگىلىزچە سۆزىگە تايىنىپ بۇ يەردىكى ئىشچىلار بىلەن چىقىشىۋالغان ۋە پۇتبول ئويناشنى ناھايىتى ئوبدان ئۆگەنگەنتى.كىشىلەر ئۇنىڭدىن : « سەن قەيەرلىك ؟ » دەپ سورىسا، ئۇ ئويلىنىپ تۇرۇپ كىتىپ :
- مەن ئۈستۈنئاتۇشلۇق، ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ ئىكساق دىگەن يىرىدىن، - دەپ جاۋاب بىرەتتى. ھەممە ئىشقا قىزىقىدان ئەنگىلىيەلىكلەر دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۈستۈن ئاتۇش، ئىكساق دىگەن شەھەرلەرنى ئىزدەپ ئاۋارە بولۇشاتتى.
ئۇچاغلاردا ئۈستۈنئاتۇش قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسىگە قاراشلىق كىچىككىنە بازار ئىدى. ئۇنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ھەقىقەتەن تاپقىلى بولمايتتى .
بۇ يىگىت ئاشۇ ئۈستۈنئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىلىك ھاشىم بالىخان دىگەن يىتىم ئوغۇل ئىدى.
ئاتا -ئانىسىدىن كىچىك قالغان ھاشىم بالىخان ھاممىسىنىڭ قولىدا چوڭ بولدى. ئۇ، ھاممىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىشى بىلەن «قۇرئان» ساۋادىنى چىقارغاندىن باشقا، كۆچەت ئۇلاقچىلىقىغا ئۇستا بولۇپ يىتىلدى. ئايىغى چاققان، پاكىز، چىرايلىق كىينىپ يۈرۈشنى ياقتۇرىدىغان، ھەر قانداق ئىشنى ئىپىگە كەلتۈرۈپ قىلىدىغان ھاشىم بالىخانغا ھاممىسىلا ئەمەس، قۇلۇم - خوشنىللىرىمۇ ئامراق ئىدى. سۆزمەن- قىزىقچىلىقى، چىقىشقاقلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كۆرگەنلا ئىشنى قىلىپ باققۇسى كىلىدىغان ھەر دەم خىيال مىجەزىنىمۇ ئەيىپكە بۇيرىمايتتى. ئۇ ھەقتە سۆز ئىچىلسا بوۋايلار كۈلۈشۈپ : « ئوغۇل بالا شوخ بولسا، شوخ بولمىسا يوق بولسا دەپتىكەن، ھاشىم بالىزە شوخ ، كىلىشىملىك ئادەم بولدى، ئۇ ئاشۇ مىجەزى بىلەن ھەر قانداق يەرگە بارسا نىنىنى تىپىپ يىيەلەيدۇ» دىيىشەتتى .
ھاشىم بالىخان 17-18 ياش ۋاقىتلىرىدا ياشىنىپ قالغان ھاممىسى بىلەن ئىلىغا چىقىپ كەتتى.ھاممىسى ئىلىدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن كارۋانلارغا ئەگىشىپ ئەنجانغا،ئۇ يەردىن تۈركىيەگە باردى.ئىزىمىردا مۇساپىرلىق ۋە يوقسۇزلىقنىڭ دەردىنى تارتىپ يۈرگەن چاغلىرىدا زەرىف بەي دەيدىغان كىشىنىڭ ياردىمىگە ئىرىشىپ،خەلىقئارا يۈك پاراخۇتىنىڭ ياردەمچى يۈك تىزىملىغۇچىسى بولدى ۋە پاراخۇت بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ مانچىستىر شەھىرىگە بىرىپ ئۇ يەردە بىريىل تۇرۇپ قالدى.ئىككىنچى يىلى تۈركىيەگە قايتىپ موينا(ياۋايى ھايۋان تىرىسى)ساتىدىغان بىر دۇكاندا ئىشلەپ بىر مەزگىل ئۆتكەندە،خوجايىننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن مال سىتىۋالغۇچىلارغا يول باشلاپ سىبىرىيەنىڭ بىر قىسىم جايىغا،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئالمۇتا،روسىيەنىڭ شەمەي شەھەرلىرىگە،كىيىن يەنە قازانغا باردى.
قازان ئەينى دەۋردە غەرىپ ۋە شەرق ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئىقتىسادى تۈگۈن بولۇپلا قالماي،مەدەنىيەت-مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان، غەرىپ دۇنياسى بىلەن شەرىق دۇنياسىغا تەۋە خىلمۇ-خىلدىن ۋە مەدەنىيەت ھادىسىللىرى، پىكىر ئىقىملىرى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ توقۇنۇشۇدىغان ھەم بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، گۈللەنگەن زامانىۋى شەھەر ئىدى. رىقابەت تۈسى قويۇق، قىزىقارلىق تەنتەربىيە تۈرى بولغان پۇتبول بۇ يەردىكى مەكتەپلەردە يىڭدىن قوبۇل قىلىنىۋاتاتتى.
ھاشىم بالىخان قازاندىكى بۇ يىڭىلىقنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى بولدى.ئۇ بۇ يەردىكىلەرگە ئەنگىلىيە ئويناش قائىدىللىرىنى ئۈگەتتى، مۇسابىقىلەرگە قاتناشتى ۋە ناھايىتى تىزلا بۇ يەردىكى داڭلىق توپچىلاردىن بوپقالدى. شۇ مەزىلدە ئۇ سودا ئىشى بىلەن قازانغا كەلگەن بىر يۇرتلۇقى،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق باي-باھاۋۇدۇن ھاجى بىلەن كۆرۈشتى.ئۇلارياش- قۇرامى تەڭ، زىھنى كۈچى، پىكىر-ھىسياتى ئۇرغۇپ تۇرغان يىگىتلەر ئىدى، ئىككىسىلا يۇرتىنى، ئىكىساقنى قىزغىن سۆيەتتى،نامراتلىق،نادانلىق ئىلىكىدە ياشاۋاتقان يۇرتداش، قان-قىرىنداشلىرىنى،بۇلارنىڭ تەقدىرىنى كۆپ ئويلايىتتى.شۇڭا، ئوي- پىكرى كۆپىنچە بىر يەردىن چىقاتتى.ھاشىم بالىخان ئۇزاق يىل مۇساپىرلىق دەردىنى تارتىپ يۇرتىنى سىغىنغانلىغىنى، يۇرىتقا كەتكۈسى بارلىقىنى، مۇشۇ يەردىكى بالىلارغا پۇتبول ئويناشنى ئۆگەتكەندەك، يۇرتىدىكى ھوشۇق ئويناپ يۇرگەن بالىلارغىمۇ پۇتبول ئويناشنى ئۆگەتكۈسى بارلىقىنى ئىيتقاند ، باۋدۇنباي كۆزلىرىگە ياش ئالدى. ئۇمۇ يۇرتىدىكى قاراڭغۇ مەدرىسلەرنى ئىسلاھ قىلىش، ئوقوتۇش مەزمۇنىغا پەننى دەرىسلەرنى كىرگۈزۈش، شارائىت يارىتىپ، بۇ يەردىكىدەك يىڭىچە مەكتەپلەرنى قۇرۇش، تەن تەربىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىق خېلىدىن بىرى ئوي -خىيالىنى چىرماپ ،يۈرىكىدىن چىقماي كىلىۋاتقان ئارزۇ - ئارمانلىرىنى سۆزلىدى ئۇلار كۆپ قىتىم ئەنە شۇنداق سىردىشىپ،ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پىلانلىرىنى تۈزۈشتى.باھاۋۇدۇنباي ھاشىم بالىخاننى يۇرتىغا قايتىدىغان كارۋانلار بىلەن يولغا سالىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا ئۈچ پۇتبول توپى بىلەن بىر ناسۇس يوللۇق تۇتتى.بۇ توپلار پامىر تاغلىرى ئارىسىدىكى تىك- خەتەرلىك مۇز-داۋانلاردىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ ھاشىم بالىخان بىلەن بىللە ئىكىساققا يىتىپ كەلدى. تەۋەككۈلچىلىك روھىغا باي ئىكىساق دىھقانلىرى پۇتبولنى ياقتۇرۇپ قالدى.

1880-يىللاردا ئىكساقنىڭ ئەڭ دەسلەپكى پۇتبول كوماندىسى بارلىققا كەلدى.ئۇلار دەسلەپتە تۆت ئادەم بىر گوروپپا بولۇپ ئوينايتتى.ھاشىم بالىخان ،تاياخۇن،نامانكام ،خەلەمكام،نەسپاخۇن،سوپىكام،نۇدۇككام،نەبىكام قاتارلىق توپچىلار ئىكىساق پۇتبولچىلىق تارىخىنىڭ تۇنجى قۇرلىرىنى يازدى .يىللارنىڭ ئۆتۈشى ،تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلۇق ئۆزگىرىشىلىرىگە ئەگىشىپ پۇتبول ھەركىتى يېڭىلىق-تەرەققياتنىڭ سىمۇلى سۈپىتىدە ئىكىساقلىقلارنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس بىرلىشىپ كەتتى.
1927-يىلنىڭ ئاپرېل ئايلىرى. قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ نوبىشى دەرۋازىسىدىن ھېتگاھقا قاراپ سوزۇلغان ئوڭغۇل-دوڭغۇل يولدا ئەنگلىيىنىڭ كىچىك بايرىقى قادالغان تۆت چاقلىق ئىنگلىزچە پەيتۇن ئىرغاڭلاپ تېز كېتىۋاتاتتى .ئانچە كەڭ بولمىغان بۇ كوچىدا ئات-ئۇلاق ۋە يولۇچىلارنىڭ كۆپلىكىگە قارىماي ئۇچقانداق كېتىۋاتقان پەيتۇن ئالدىدىن پات - پاتلا دوڭغاقلاپ مىڭىپ ياشانغان بوۋايلار، ئىشتانسىز كىچىك بالىلار ياكى پەرەنجىلىك ئاياللار ھۇدۇقۇپ يۈگۈرۈپ ئۆتىشەتتى. كوچىدىكى ئادەملەر چاڭ توزىتىپ يىراقلاپ كىتىۋاتقان بۇ ئالىپتە پەيتۇنغا ھەيرانلىق، قىزىقسىنىش، ئەيمىنىش ۋە نەپرەت ئارلىشىپ كەتكەن مۈرەككەپ ھىسيات ئىچىدە قارىشىپ قالاتتى.
تار كوچىدىن ئۇزۇن پەرەنجىگە يۆگەنگەن ياش، نازۇك بىر قىز يەرگە قارىغىنىچە ئاستا مىڭىپ چىقىپ كەلدى. قارىغاندا ئۇ چۇڭقۇر خىيالغا پاتقاندەك قىلاتتى، بولمىسا ئارقىسىدا كوچىنى بىر ئىلىپ تاراقلاپ باستۇرۇپ كىلىۋاتقان ئۈچ ئاتلىق پەيتۇننى بايقىغان بولاتتى. ئەمما ئۇ ھىچ نەرسىنى سەزمەيلا قالماستىن، پەرەنجىسىنىڭ گىرۋەكلىرىنى نازۇك بارماقلىرىغا يۆگەپ تۇتقىنىچە يولنىڭ قارشى تەرىپىگە قاراپ قەدەم تاشلىدى. كىشىلەر ۋارقىرىشىپ كەتتى. شۇ چاغدىلا قىز ئارقىسىغا قاراپ ئۈستىگە باستۇرۇپ كىلىۋاتقان يوغان ھارۋىنى ، ئۆزىنىڭ يوغان قارا ئاتنىڭ ئىگىز پۇتلىرى ئارىسىغا كىرىپ قالغانلىقنى بايقىدى. ئاشۇ ئاخىرقى دەقىقىلەردە ئۇ كىمدۇر ئىزدىگەندەك كەينىگە قارىدى. ئۇنىڭ تاتارغان ئەمما تەڭداشسىز گۈزەل چىراينى، ئۈمىتسىزلىكتىن خىرەلەشكەن قارا كۆزلىرىنى كۆرگەنلەر « ۋاي ئىسىت !» دەپ قلىشتى.
دەل شۇ پەيتتە مۆجىزىدەك بىر ئىش يۈز بەردى. نەدىندۇر بۇركۈتتەك ئىتىلىپ كەلگەن ياشقىنا بىر يىگىت قىزنى ئارقىسىدىن قۇچاقلىغىنىچە يولنىڭ چىتىگە قاراپ يۇمىلىدى. ئاتلار ھۆركۈپ، پەيتۇننى تاراقشىتىپ سۆرەپ كەتتى. ھەيران قالغان ھەم ھاياجانلانغان كىشىلەر قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئەتراپىغا ئولاشتى. بۇ كوچىدىكى كىشىلەر قىزنىڭ چوڭ بىر باينىڭ يالغۇز قىزى ئىكەنلىگىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار يىگىتنى«سەن كىم ؟ قەيەرلىك سەن ؟»،«سەن ئۆزۈڭ قۇتۇلدۇرغان بۇ كىشىنىڭ كىملىگىنى بىلەمتىڭ ؟»دىگەندەك سۇئاللارغا كۆمۈپلىۋەتتى .
مەن بىر يولۇچى، - دىدى يىگىت ۋە كىشىلەرنىڭ تىخىمۇ كۆپ سۇئالىنى جاۋابسىز قويۇپ يولىغا راۋان بولدى. قىز بولسا ئالىقاچان بايا چىققان تار كوچىغا قېچىپ كىرىپ كەتكەنىدى.
پەيتۇندا ئولتۇرغان ئەنگلىيە كولسۇلنىڭ خانىمىمۇ بۇ كۆرنۈشتىن ھاياجانلانغاندى .بولۇپمۇ يىگتنىڭ چەبدەسلىكى ئۇنىڭغا ياراپ كەتتى .ئۇنىڭ ئوقتەك كېلىپ قىزنى قۇچاقلاپ يۇمۇلىغان ھالىتى خانىمغا ئەنگلىيەدە پات-پات ئۆتكۈزۈلۈپ تۇردىغان پۇتبول مۇسابىقلىرىنى ،داڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ چەبدەسلىك بىلەن ئېتىلىپ كىلىپ توپنى ئېلىپ مېڭىشلىرىنى ئەسلەتتى .بۇ ئەنگلىيەدە ئەمەس ، بۇ يەردە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ،بۇ بىر خەتەرلىك ھادىسە ،بايىلا بۇيەردە ياش بىر قىز ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالدى .شۇنداق چىرايلىق بىر قىز....
گېللىئان خانىم خونزارلىق پەيتۇنكەشكە نارازىلىق ئارلاشقان ئەندىشە ئىچىدە قاراپ قويدى. قارا چاچ تىرىسى سارغۇچ قارامتۇل كەلگەن، ياڭاق سۆڭەكلىرى بورتۇپ چىقىپ تۇرىدىغان 30 نەچچە ياشلاردىكى بۇ ئادەم تىپىك ئاسىيالىق ئىدى. ئەمما ئۇ ئۇزاقتىن بۇيان ئاق تەنلىكلەر بىلەن ئارلىشىپ ئۆتكەنلىكتىن بولسا كىرەك، ئاسىيالىقلارنى، بولۇپمۇ قەشقەرلىكلەرنى پەس كۆرەتتى. پەيتۇننى ئۇچقاندەك تىز ھەيدەپ، بۇ غەلىتە ھارۋىغا ھاڭۋاققىنىچە قاراپ قىلىپ، ئۆزىنى چەتكە ئىلىشنى ئۇنۇتقان كىشىلەرنى بولۇپمۇ سەھرالىقلارنى « چۆچۆتۈپ » قويۇشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ، قۇرقۇنىچتىن ئالاق - جالاق بوپكەتكەن كىشىلەرنىڭ يىنىدىن تېز سۇرئەتتە، سۈركىشىپ دىگۈدەك ئۆتۈپ كىتەتتى ۋە ئۆزىنىڭ ماھارىتىدى سۆيۈنۈپ نەچچە كۈنگىچە كۆرەڭلەپ يۈرەتتى. ئەمما بۇ سىناق داۋاملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋەرمەيتتى. بىر قىتىم ئېشەكلىك بىر بوۋاي ئېشىكى بىلەن پەيتۇن تىگىدە قالدى. يەنە بىر قىتىم بالا كۆتىرىۋالغان بىر ئايال يىقىلىپ، بالىسى نەچچە مىتىر يىراقلىققا ئۇچۇپ چۈشكەنىدى. ھەر قىتىم ھادىسىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ تۇققانلىرى بۇ ئىشنى خۇدادىن كۆرۈپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك سەۋر- تاقەتچانلىقىنى ئىپادىلەيتتى. ھەتتا كونسۇل گېللىئان ئەپەندى ھال سوراش يۈزىسىدىن بەرگەن پۇللارنىڭمۇ قايسى بەگ، قايسى قازىنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەيتتى. گېللىئان خانىم قىزىل جىيەكلىك فورما كىيىپ، پەيتۇندا گىدىيىپ ئولتۇرىدىغان پەيتۇنكەشنىڭ مۇنداق ئىشلىرىدىن نارازى ئىدى. ئۇنىڭ پەيتۇننى پاكىز تۇتىدىغانلىقى ، ئاتلارغا ياخشى قارايدىغانلىقى ئۈچۈنلا ئىشتىن بوشىتىۋىتىشكە قىيمىغانىدى. شۇڭا داۋاملىق ئۇنىڭغا پەيتۇننى ئېھتىيات بىلەن ھەيدەشنى جىكىلەپ تۇراتتى: - بۇلارمۇ ئادەمغۇ، تۇرمۇشنىڭ قىيىنلىقى، تېرىكچىلىك شارائىتىنىڭ ناچارلىقى بۇ ئادەملەرنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. ئىنچىكىلەپ قارايدىغان بولسىڭىز بۇلاردا بىر خىل ئېسىل سۈپەت بار. ئاۋۇ ئاپپاق ساقاللىق بوۋاينىڭ سالاپىتىگە قاراڭ، ئۇنىڭ پىشانىسى خۇددى سوقراتنىڭكىگە ئوخشايدىكەن ..... ئاۋۇ ئىشەكتە تۇرغان ئايالنى كۆردىڭىزمۇ. لوندۇندا بولىدىغان بولسا چوقۇم داڭلىق گۈزەللەردىن ھىسابلانغان بولاتتى. باللىرىنى دىمەيسىز، نىمىدىگەن سۆيۈملۈك ، نىمىدىگەن چىچەن - ھە. مەن ئۇيغۇر باللىرىنى بەك ياخشى كۆرىمەن......
خانىم شۇنداق سۆزلەپ كىتەتتى. ئوچۇق زەڭگەر كۆزلىرىنى سىرتقا تىكىپ، « مىڭ بىر كىچە » چۆچەكلىرىنى ئەسلىتىدىغان بۇ ئاجايىپ يۇرت ۋە ئۇنىڭدا ياشايدىغان كىشىلەر توغرىسىدا تىنماي مۇلاھىزە قىلاتتى.
پەيتۇن قەشقەرنىڭ ئوڭغۇل - دوڭغۇل كوچىللىرىدا بىر پەس ماڭغاندىن كىيىن ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئەنجان رەستىسى تەرەپتىكى بۇرجىگىگە كىلىپ توختىدى. ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئالدىدىكى كەڭرى مەيدان ھەر قاچانقىدەك يىمەك -ئىچمەك ، يەل - يىمىش، كىيىم - كىچەك ساتىدىغان ئۇششاق تىجارەتچىلەر، خېرىدارلار، ئىش كۈتۈپ تۇرۇشقان ھاممال - مەدىكارلار، چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ جېمى جاھاننىىڭ پارىڭىنى سوقىدىغان بىكارچىلار، ساپايى چىلىپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان قەلەندەرلەر بىلەن تولغانىدى. جامەنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېگىز تېرەكلەرنىڭ سايىسى چۆچۈپ تۇرىدىغان سۇپىلاردا يوغان سەللىلىك، ئاپپاق ساقاللىق موللىلار قاتار ئولتۇرۇشۇپ قىزىق سۆھبەتكە چۈشكەنىدى. دوپپىلىق، تۇماقلىق، بەقەسەم ياكى چەكمەن تون كېيىپ بەللىرىنى باغلىغان ئەر كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا كەڭ، ئۇزۇن پەرىجە كىيىپ، يۈزىنى ياپقان، باللىرىنى ئەگەشتۈرىۋالغان ئاياللار ئاندا - ساندا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. لىق گىردە تۇلدۇرۇلغان يۇمىلاق، يوغان تەۋەڭنى بىشىغا ئېلىپ ئۇستا سېركىچىدەك مىغ- مىغ ئادەملەر ئارىسىدا خىرامان ئايلىنىپ يۇرگەن شاگىرىت بالا ، ھىلىلا بازاردىن سېتىۋالغان قىزىل خورىزىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇۋالغان تاغلىق دېھقان ئالاھىدە كۆزگە تاشلىناتتى. قاما تۇماق، تاۋار تون كىيگەن چىرايى پارقىراپ تۇرىدىغان، كەينىدە چاپارمەنلىرى ئەگىشىپ يۈرگەن بايۋەتچىلەر ئالامان ئىچىدە سوقۇشقاق خورازلاردەك گىدىيىشىپ يۈرىشەتتى. ھېيتگاھنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى چوڭ يولدىن ئېسىل ئاتلار قوشۇلغان ياسىداق مەپىلەر قۇڭغۇراقلىرىنى جىرىڭلىتىپ توختىماي ئۆتۈپ تۇراتتى. كاتتىراق بىرەر مەپە ئۆتكەن چاغدا، بىكارچىلاردىن بىرەرسى: كۆردۈڭلارمۇ پالانچى ھاجىمنىڭ ياكى پالانچى بەگنىڭ مەپىسى دەيتتى . قالغانلار بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ تاكى مەپىنىڭ قارىسى يىتكىچە قارىشاتتى. ئارقىدىن تىلىنى چاكىلدىتىپ ئاتنى ياكى مەپىنىڭ بېزەكلىرىنى بىر ھازا ماختىشاتتى. تېخىمۇ ئىچكىرلەپ مەپىنىڭ ئۇجۇر - بۇجۇرلىرىغىچە سۆزلىشىپ كۆڭلىنى خوش قىلىشاتتى. ئەجنەبىيچە پەيتۇن ئەلۋەتتە بۇ يەردە ھەممىدىن زور قىزىقىش قوزغىدى. بىردەمدە پەيتۇن ئەتراپىدا بىر مۇنچە بىكار تەلەپ بىلەن تىلەمچى پەيدا بولدى. پاكار، دوغىلاق، قىزىل يۈزلۈك قاسساپ ئۆزىدىن گۆش ئالىدىغان پەيتۇنكەشنى كۆرۈپ يۈگۈرۈپ يىتىپ كەلدى ۋە تەزىم قىلىپ، ئۇنىڭغا شەرىت ئارىلاش بىر نەرسىلەرنى دېگىلى تۇردى. چىرايى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ئەر كىشىلەر باشلىرىنى ئېگىپ پەيتۇن ئىچىدە ئولتۇرغان ياش خانىمغا قىزىقىپ قارىشاتتى ۋە كۈلۈشۈپ بىر-بىرىگە بىر نەرسىلەرنى دەيتتى. بەزىللىرى پەيتۇننىڭ ئۇ يەر، بۇ يىرىنى تۇتۇپ سىلاپ بىقىشاتتى. خانىم ئەنگىلىيىدىن يىڭى كەلگەندە كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە قاراپ كۈلۈشكىنىنى كۆرۈپ ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى بىلىدىغان كاتىپتىن : « ئۇلار نىمە دەيدۇ ؟ » دەپ سورىغىنىدا كاتىپ ئۇنىڭغا : « كەچۇرسىز خانىم، ئۇلار سىزنى مايمۇنغا ئوخشايدىكەن دەۋاتىدۇ » دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.
پەيتۇنكەش قاپىقىنى تۈرۈپ ئەتراپتىكىلەرنى قوغلاشقا باشلىدى. دېمىسىمۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاجايىپ چىۋەر ئوغرىلار بار ئىدى. ئۇلار پۈرسەت تاپسىلا پەيتۇندىن قولىغا چىققان نەرسىنى ئوغرىلاپ كېتىشەتتى. ئۇلارنىڭ ئادەمنى قارىتىپ تۇرۇپ ئاشۇ نەرسىلەرنى قانداقلارچە شۇنچە تىز ئوغرىلاپ كەتكىنىگە ئادەمىنىڭ ئەقىل يەتمەيتتى.


مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر باشقا تېمىلار
مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر (1)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(2)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(3)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(4)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(5)
مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(6)