باش بەت / ساقلايمەن

مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(3)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-11-26 11:44 | ئاپتور: خالىدە ئىسرائىل | مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

يىغىلغانلا ئادەم سانىغا قاراپ بەش-ئالتىدىن ياكى سەككىزدىن كوماندا بولۇپ مۇسابىقىگە چۈشۈپ كېتەتتى. بەزىدە مۇسابىقىنى كۆرگىلى كەلگەن دېھقان ياشلارمۇ مەيدانغا چۈشەتتى. ئادەم بارغانچە كۆپىيىپ، مەيدان قىقاس-چۇقان، بارىكاللا سادالىرى بىلەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈلەتتى.
ئەتىگەن سائەت سەككىزدە مەكتەپنىڭ بىر كۈنلۈك مەشغۇلاتىنىڭ مۇقەددىمىسى بولغان گىمناستىكا باشلىناتتى. ھەر-بىر ئوقۇغۇچى مەيداندىكى مۇقۇم ئورنىنى تېپىپ رەتلىك تىزىلاتتى. ئابدىراخمان ئەپەندى باشچىلىقىدىكى دۇخۇۋۇي مۇزىكا ئەترىتى ناغرا-سۇناي، نەي چېلىپ مەيدانغا كىرەتتى. ئوقۇغۇچىلار مۇزىكا ساداسىغا تەڭكەش قىلىپ گىمناستىكا ئوينايتتى. گىمناستىكىدىن كېيىن نۆۋەتچى ئەپەندىلەر ئوتتۇرىغا چىقىپ ئالدىنقى كۈندىكى، تەرتىپ- ئىنتىزام، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن خۇلاسە چىقىراتتى، ئەلاچى- ئىلغار ئوقۇغۇچىلار تەقدىرلىنەتتى، سەۋەنلىكلەر تەنقىد قىلىناتتى. خۇلاسە ئاياغلىشىشى بىلەن يەنە مۇزىكا ياڭراپ ئوقۇغۇچىلار:
قوپ ئى ئاداش تۇر،
ئەتراپىڭغا باق.
باق نە كۆرەرسەن،
ئويلىغىن ئۇزاق!
...
مارش ساداسى ئىچىدە سىنىپلارغا قاراپ ماڭاتتى. «ھۆسەينىيە»نىڭ يېڭى بىر كۈنى ئەنە شۇنداق باشلىناتتى.
«ھۆسەيىنىيە»دە شۇ ۋاقىتنىڭ ئادىتى بويىچە شەنبە ھەپتە بېشى ھېسابلىنىپ، جۈمە كۈنى ئارام ئېلىناتتى. چارشەنبە ئەتىگەندە قۇرئان تەجىۋىت ئۆتىلىپ پەيشەنبە پۈتۈن كۈن «قۇرئان» ئوقۇلغاندىن باشقا ۋاقىتلاردا شىپاھىيە يات ئىملا، ھىساپ، يۇرت تەھسىلى،تەبىئەت، رۇس تىلى، ئەرەپ تىلى، جۇغراپىيە قاتارلىق دەرىسلەر ئۆتۈلەتتى. تۇرسۇن ئەپەندى شىپاھىيە، يات ئىملا ۋە تارىخ ئۆتەتتى. ئوقۇغۇچىلار ئۇنىڭ دەرسىنى ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئاڭلايىتتى، قاچان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ دەرسى كىلەركىن، دەپ تۆت كۆزى بىلەن كۈتىشەتتى. تۇرسۇن ئەپەندى «ئانا تىلنى تولۇق بىلىش، توغراقوللىنىش ھەر-بىر ئىنسان پەرزەنتى ئۈچۈن پەرز ۋە قەرزدۇر. بىزنىڭ چىرايلىق، يېقىملىق ئانا تىلىمىز بولغاچقا، بىز ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا ئانا، دادا دەپ چاقىرشنى، باشقىلار بىلەن ئالاقىلىششنى، جاھاندارچىلىق قىلىشنى ئۈگەندۇق.

ئانا تىلىمىز بىلەن خۇدانى، دۇنيانى بىلدۇق. دۇنيادىكى، ئىنسانچىلقتىكى نۇرغۇن-نۇرغۇن ئىشنى چۈشەندۇق. ئانا تىلىمىز بىلەن شۇنداق چىرايلىق ناخشىلارنى ئاڭلىدۇق ھەم ئىيىتتۇق. ئانا تىلىمىز بىلەن بوۋاقلارنى ئىغىزلاندۇرۇپ، ئۆلگەنلەرنى ئۇزاتتۇق. ئانا تىلىمىز بولمىغان بولسا بىز بىچارە خەلق بوپ قالغان بولاتتۇق. شۇڭا ئانا تىلنى ياخشى ئۈگنىشىمىز، ئۇنى بىشىمىزغا ئىلىپ، ئەتىۋارلىشىمز كىرەك» دەيىتتى.دەرىسنى بەك ئەستايىدىل ئۆتۈپلا قالماي، ئىملا ۋە تىل قائىدىسى جەھەتتە تەلەپنى قاتتىق قوياتتى. ئۆزى خەتنى چىرايلىق،ئۆلچەملىك يازاتتى. ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ شۇنداق يىزىشنى تەلەپ قىلاتتى. تارىخ ئۆتكەندە، دۇنيادىكى، يىراق ئەللەردىكى زور ئىشلارنى خۇددى مۇشۇ يۇرۇتتا بولغان ئىشلاردەك قىزقارلىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بىرەتتى. دۇنيانى سۆزلەپ بولۇپ شىنجاڭنى، قەشقەرنى، ئاتۇشنى، سەلتەنەتلىك، ئازاپ-ئوقۇبەتلىك ھەم ئىچىنىشلىق تارىخنى، ئەركىنلىك، ئازادلىق يولدا كۆرەشكەن، قان تۆككەن باتۇر ئەزمەتلەرنى، داڭدار بىلىم-مەرىپەت ئىگىلىرنى سۆزلەپ، ئۆز نۆۋىتىدە مۇشۇ يۇرۇتتىن چىقىپ جاھان كىزىپ، كۆزى ئىچىلىپ پۇل ۋە يۈز تىپىپ زور ئىشلارنى قىلغان كاتتا بايلارنى بىر-بىرلەپ ساناپ،« ئەشۇلار بىزنىڭ يۇرۇتلۇق، بىر مەھەللىك قان-قىرىنداشلىرىمىز ئىدى، ئۇلار قىلغاننى بىز قىلالمامدۇق؟» دەپ بالىلارنىڭ كۆڭلىگە بىر ئوتنى سىلىپ قوياتتى.يۇرۇتنى، ۋەتەننى، ئۇنىڭ تارىخنىلا ئەمەس، تاغ-دەريالارنىمۇ چۈشۈنىشنى، بىلىشنى، يۇرۇت كۆرۈپ، شەھەر، دۆلەت ئاتلاپ دۇنيانى چۈشىنىشنى تەشەببۇس قىلاتتى. بىر قىتم ئۇ قەشقەر توغرىسىدا سۆزلەپ كىلىپ ئوقۇغۇچىلاردىن:
ئاراڭلاردا قەشقەرگە بىرىپ باققانلار بارمۇ؟- دەپ سورىدى.
13-14 ياشلارغا كىرىپ قالغان بۇ بالىلار كۆزلىرىنى يوغان ئىچىپ، ئۈندىمەي ئولتۇرۇشتى. ئۇ يەنە:
قەشقەرگە بىرىشنى خالايدىغانلار بارمۇ؟- دىدى.
---مەن خالايمەن!
---مەنمۇ خالايمەن!
---مەنغۇ خالايتىم، لىكىن شۇ ... ئاشۇ...
پەيشەنبە كۈنى تۇرسۇن ئەپەندى باشلىق ئون نەچچە بالا ئوزۇق-تۈلۈك ۋە يىپىنچا ئىلىپ پىيادە قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتى. قەشقەردە تۇرسۇن ئەپەندى ئۇلارنى باشلاپ ھىيگاھ جامەسى، خانلىق مەدىرسە، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى، بۇلاق بىشى، قىلىچ بۇغراخان مازىرى، ھەزرەت قااتارلىق جايلارنى ئايلاندۇردى. قەشقەرنىڭ ئاۋات بازىرى، مىغ-مىغ ئادەملەر ئىكساقلىق بالىلارنىڭ كۆزنى ئالا-چەكمەن قىلۋەتتى. شۇ كۈنى كىرەم كىچىىك بىلەن ئەنۋەر ئىگىز بوي، سىرىق چاچ، كۆزلىرى كۆپكۈك بىر ئادەمنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئاچقانچە ئارقىسىدىن ئەگىشىپ يۈرۈپ يوڭلدى ئىززىپ قالغاندا، تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئۈگەتكىنى بويىچە خانلىق مەدىرسەنى ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ ھەمراھلىرى بىلەن ئاخىرى تىپىشقاندى. شۇ قېتىمقى سەپەردىن كىيىن بۇ سەپەرنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن بالىلار بىردىنلا چوڭ بوپ قالغاندەك بولدى. تۇرسۇن ئەپەندى ئۇلارغا قازان، ئىستانبول، پارىژ، بىرلىن دىگەندەك شەھەرلەرنىڭ قەشقەردىن نەچچە ھەسسە چوڭلىق، ئۇ شەھەرلەردىكى كىشىلەرنىڭ رادىئو ئارقىلىق دۇنيادىكى يىڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولالايدىغانىلىقى، ئايروپىلان، ئاپتوموبىل، پويىز پاراخوتلارنىڭ سۈرئىتى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەندە، بۇ سۆزلەر ئۇلارغا چۆچەكتەك تۇيۇلمايدىغان بولدى.
تەبىئەت دەرىسىنى مەسئۇد ئەپەندى، جۇغراپىيىنى ئەمرۇللا ئەپەندى ئۆتەتتى. مەسئۇد ئەپەندى ياز كىچىلىرى ئوقۇغۇچىلار بىلەن مەكتەپ مەيدانىدا تۈنەپ، ئۇلارغا قاپقاراڭغۇ ئاسمان بوشلۇقىدىكى سامان ۋە ئۈنچىلەر چىچىلىپ كەتكەن يىزا يولغا ئوخشاش ئاقىرىپ كۆرىنىدىغان سامان يولى ھەققىدە، يۇلتۇزلار، ئاي، كۈن چولپان يۇلتۇزى ۋە ئۇلارنىڭ جايلىششى، ھەركىتى ھەققىدە سۆزلەپ بىرەتتى. مۇنداق ئۆتۈلگەن دەرىسلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسىدىن ئۆمۈرۋايەت چىقمايىتتى. جۇغراپىيە ئۆتىدىغان ئەمرۇللا ئەپەندى دۇنيادىكى داڭلىق يانار تاغلارنى ۋە يانار تاغلارنىڭ پارتىلاش سەۋەبىنى ئۆتكەندە كەنت سىرتىدىكى قۇمساڭ يەرگە دورا كۆمۈپ، ئۈستىگە تاغ شەكىلدە قۇم دۆۋلەپ، دورىنى پارتىلىتىش ئارقىلىق يانار تاغ ھادىسىنى جانلىق چۈشەندۈرگەن ئىدى.
ئابدۇراخمان ئەپەندى قاشلىرى قاپقارا، قاڭشارلىق، ئىگىز بوي، جانلىق، تىتىك يىگىت ئىدى. ئۇ، تەنتەربىيەنى قىزغىن سۆيەتتى. ئۆزى تەنتەربىيە دەرىسى بىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ قىزغىن سۆيەتتى. ئۇلارنى دائىم دالىغا، ئۆستەڭ بويلىرىغا ئىلىپ چىقىپ يۈگۈرۈش، سۇ ئۈزۈش، چىلىشش پائالىيەتلىرىگە تەشكىللەيىتتى. ئوقۇغۇچىلارنى يۈگۈرتۈپ ئاق تاغقا ئاپىرىپ تاغقا چىقىش، توشقان قوغلاشتا مۇسابىقىگە سالاتتى. ئۇبەك ھىسياتلىق، كۆڭلى يۇمشاق ئىدى، ھىرىپ قالغان، مىجەزى يوق بولۇپ قالغان بالىلارنى ھاپاش قىلىپ كۆتۈرۋالاتتى. كەمبەغەل-نامرات بالىلارنى كۆرسە چىداپ تۇرالماي، قولدا نېمە بولسا بىرىۋىتەتتى. بىر قېتىم ئۇ بالىلارنى باشلاپ تاغقا چىقىپ كىتىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئالدى تەرىپىدىن بىر كىيىك چىقىپ قالدى. بالىلار ئۇنى مۇھاسىرگە ئېلىپ قوغلاپ چۇڭقۇر بىر جىراغا قاپسىۋالدى. ئابدۇراخمان ئەپەندى ئۆزى جىراغا چۈشۈپ كىيىكىنى تۇتۇپ چىقىتى. كىيىكنىڭ پۇت-قولى باغلاندى. باغلاققا چۈشكەن كىيىك دىر-دىر تىتىرەيىتتى، ياش تولۇپ تۇرغاندەك بولۇپ كۆرنىدىغان قاپقار كۆزلىرى بىلەن ئەتىراپقا غەمكىن تەلنۈرۈپ قارايىتتى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار تاغ ئۈستىدە دەم ئىلىپ ئولتۇرغاندا ئابدۇرەھمان ئەپەندى نىمىشقىدۇر ئىچىلالماي خىيال سۈرۈپ قالدى. كىيىكنى سويۇپ، گۆشنى كاۋاپ قىلىشقا تەقەززار بولۇپ تۇرغان بالىلارمۇ مۇئەللىمىگە قاراپ شوخلۇقلىرىنى قىلالماي شۈكلەپ قىلىشتى. ئابدۇرەھمان ئەپەندى بىردەم جىن ئولتۇرغاندىن كىيىن بىردىنلا بىشىنى كۆتۈرۈپ:
بالىلىرىم، كىيىكنى قويىۋەتسەك رازى بولامسىلەر؟ دەپ سورىدى.
بالىلار بىر-بىرگە قاراشتى. «قويىۋىتىمىزمۇ؟ ئەمسە نىمىشقا جاپا تارتىپ تۇتتۇق؟ قورساق ئىچىپ تۇرغاندا، تەييار كاۋاپنى نىمىشقا يىمىگۈدەكمىز؟» بالىلارنىڭ سەبى كۆزلىرىدىن ئەشۇ مەنا ئەكىس ئىتىپ تۇراتتى.
بۇ بىچارە تۇتقۇنغا قاراڭلار. مۇشۇ تاغدا ئەركىن يايلاپ يۈرگەن بىزنىڭ نەپسىمىز تۈپەيلى ئەركىنلىكىدىن ئايرىلدى، ئەمدى جىنىدىنمۇ ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭمۇ ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ئىنى، ئاچا-سىڭىللرى بارىدۇ، ئۇلار شۇ تاپتا بۇ بىچارىنىڭ يولىغا قاراپ تۇرۇشقاندۇ.
كىرەم كىچىكنىڭ يوغان، قاپقارا كۆزلىرىگە ياش تولدى.
---ئەپەندىم، قويىۋىتەيلى،- دىدى ئۇ تىتىرەك ئاۋازدا.
---قويۋىتەيلى!-دىيىشتى قالغان بالىلارمۇ.
--- كىيىك باغلاقتىن ئازاد بولۇپ تاقلاپ-تاقلاپ قىيالا ئارسىدا غايىپ بولدى.ھەممەيلەنىنڭ كۆڭلىدىكى غەشلىك يوقاپ، كۆڭۈللىرى ئىچىلىپ قالدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇلار تاغقا چىقسا توشقان، كىيىك ئوۋلىمايدىغان بولدى.
بىر كۈنى كىرەم ئاغىنىلىرى بىلەن يولدا توپ تىپىپ ئويناپ كىتىۋىتىپ تاغسى ئىمىن مەزىنگە ئۇچىراپ قالدى. توغرىسىنى ئىيتقاندا، ئۇنىڭ تەپكەن توپ دەل تاغىسىنىڭ قاڭشىرىغا بىرىپ تەگكەن ئىدى. مەزىن تاغىسى ئۇنى قۇلىقىدىن تارتقىنىچە ئانىسىنىڭ ئالدىغا ئىلىپ كىرىپ قوللىرىنى شىلتاپ، كۆزلىرىنى ئالايتىپ، ئاغزىدىن شالىلىرنى چاچراتقىنىچە تىللاپ كەتتى؛
---ھۇ جويۇد، مۇرتەد! ئىمانسىزلارنىڭ ئارقىسدا يۈرۈپ يولدىن چىققاندىن نان قىپى! جىنىڭ ئىچىڭگە پاتماي قالغان بولسا، مۇشۇ ئەسكى توپنى تىپىپ يۈرگىچە ئىتىزغا چىقىپ كەتمەن چاپساڭ بولماسمىدى!
ئىمىن مەزىن يىڭىچە مەكتەپلەرگە ۋە ئەپەندىلەرگە جېنىنىڭ بارىچە ئۆچىلىك قىلاتتى. يۇرۇت بىگى ۋە بىر قىسىم قازى-قوزاتلار بىلەن بىرلىشىپ: «مۇسا بايلار بالىلىرىمىزغا پەرەڭلارنىڭ ئىشلىرىنى ئۈگىتىپ نىمە پايدا تاپتى. بالىلار ئەتىدىن كەچكىچە ئەپەندىلەرنىڭ ئارقىسىدا شەيتاننىڭ توپنى تالشىپ يۈرۈپ مۇسۇلمانچىلىقنىڭ يولدىن چىقىپ كەتتى ئۇ ئەسكى توپتىن ئاش-نان چىقمامدىكەن؟» دەپ ۋەز ئىيتاتتى. تاغسى كىرەمنى نەدە كۆرسە تۇتىۋىلىپ پەندى-نەسھەت قلاتتى ياكى تىللاپ ۋەز ئىيتىپ قورقۇتماقچى بولاتتى.كىرەمنىڭ ئانىسى ئاكىسىغا بولىشىنى ياكى ئوغلىغا بولىشىنى بىلەلمەي مىشىلداپ يىغلايىتتى. ئاكىسىنىڭ دىگەنلىرىمۇ ھەق. دىمىسىمۇ مۇشۇ مۇشتۇمدەك بالىغا نىمە جىن چاپلاشتىكىن، ئولتۇرسا، قوپسا تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن توپنىڭ گىپىدىن باشقا گەپ قىلمىغان. كىچىلىرى نىمىلەرنىدۇ دەپ ۋارقىراپ جۆيلۈپ ئادەم قورقۇتۋاتقان، چۈشەكەپ، توپ تەپتىم دەپ يوتقاننى تىپىپ، يوتقان توشاتمىغان....ئۇ،ئاكىسنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئوغلىنى ئوقۇتۇپ، دىمىدە سۈيى ئىچكۈزۈپمۇ باقتى،نەسھەت قىلىپمۇ، ئۆيگە سولاپ قويۇپمۇ باقتى، لىكىن كار قىلمىدى، ھىچ نەرسە كىرەمنى يولدىن قايتۇرالمىدى. تىخى، بىر جۈمە نامازدىن يانغاندا، ئەپەندىلىرىم سىنى مەكتەپكە كەلسۇن دەيدۇ،ھەممە بالىنىڭ ئانىلىرى بارىدىكەن، دەپ مەكتەپكە باشلاپ باردى. ئەسلىدە ئۇ كۈنى چوڭ مۇسابىقە بولغانكەن.كىرەمىنىڭ ئانىسى ئۆزىگەئوخشاش يۈزىنى ياپقان بىر توپ ئايالنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئوغلىنىڭ مەيداندا ئوقتەك تىز يۈگۈرۈپ، توپنى ۋارتارغا قانداق تىپىپ كىرگۈزگىنىنى، توپ كۆرىۋاتقانلارنىڭ«كىرەم كىچىك، ياشاپ كەت!»،«ئوغۇل بالا!» دەپ توۋلاشقانلىرىنى ئاڭلىدى ھەم كۆردى. ئۆزىمۇ ھاياجانلىنىپ گاھىدا ئوغلىدىن ئەنسىرەپ نەچچە قىتىم ۋارقىراپ سالغىنىنى تۇيمايلا قالدى. مۇسابىقىدىن كىيىن تۇرسۇن ئەپەندى ئوتتۇرغا چىقىپ كىرەمنى مۈرىسىگە ئولتۇرغۇزىۋىلىپ:«خالايىق، بۈگۈندىن ئىتىبارەن كىرەمنىڭ ئىتى كىرەم توپچى بولسۇن!» دىگەندى، ھەممە ئادەم چاۋاك چىلىپ ئالقىشلاپ كەتتى. ئانىسى شۇنىڭدىن كىيىن كىرەمىنى توسمايدىغان، تىخى ئۆزىگە ئوخشاش ئانىلىرى بىلەن توپنىڭ، مۇسابىقىنىڭ پارىڭىنى سىلىشىدىغان، ئوغلىدىن پەخىرلىدىغان بولدى. كىرەم بىر كۈنى ئۇنىڭغا:«ئانا، ئاڭلىسام پەرەڭلەرنىڭ توپى بىزنىڭكىدىن قاتتىق ئىكەن. مەن ھەرقانداق قاتتىق توپنىمۇ تىپەلەيدىغان بولسام دەيمەن. سەن ماڭا زىغىر پاخىلنىڭ ئارسىغا شىغىل ئارلاشتۇرۇپ بىر توپ تىكىپ بەرگىنە» دىگەندە نەچچە كۈن باش قاتۇرۇپ ئوغلى دىگەندەك توپتىن بىرنى تىكىپ بەردى. بۇ توپنى تەپكەن دەسلەپكى كۈنلەردە كىرەمنىڭ يالاڭئاياغ پۇتلىرى قىزىرىپ،قاناپمۇ كەتتى. بىراق بىر مەزگىل دىن كىيىن قانىماس بولدى، ئانىنىڭ كۆڭلىمۇ جايىغا چۈشتى. كىرەم ئەنە شۇنداق توپ تىپىپ يۈرۈپ چوڭ بولدى.مەكتەپ پۈتتۈرۈپ تىخى شۇ مەكتەپكە ئەپەندى بولدى. توپ تىپىپ يۈرۈپ مۇشۇ يۇرۇتتىكى ئەڭ چىرايلىق قىزنىڭ مۇھەبىتىگىمۇ ئىرىشتى.
بىر كۈنى كىرەم ئاغىنىلىرى بىلەن كونا تۇماقنى ئۆزگەرتىپ ياسىۋالغان توپنى تىپىپ ئويناۋاتاتتى. كىمدۇر بىرنىڭ كۈچەپ تىپىشى بىلەن توپ يول بويدىكى ئەنجان تاملىق چوڭ باغنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. باغنىڭ تاملىرى ئىگىز ئىدى. تام بويلاپ ئاسمان-پەلەك قەد كۆتۈرگەن قويۇق سەگۈ تىرەكلەر باغنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ تۇراتتى. كىرەم توپنى ئىلىۋىلىش ئۈچۈن باغنىڭ شورىسىدىن ئۆمىلەپ كىردى. باغدا ئۇ باينىڭ قىزى مەرىگۈلنى كۆردى.ئۇ قىزنىڭ قولىدىكى توپنى ئىلۋالماقچى بولۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردى.
----كىرەم كىچىك، سىنى قەشقەرگە بىرىپ ئوقۇيدىكەندەيدىغۇ،راستمۇ؟- دەپ سورىدى مەرىگۇل بۇلاقتەك كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ.
---ئەپەندىم مىنى قەشقەردە ئوقۇتماقچى بولغان، لىكىن ئانامنى يالغۇز قالىدۇ دەپ بارمايدىغان بولدۇم. ئەپەندىم ئۇنداق بولسا سىنى ئۆزۈم تەربىيلەيمەن،دىدى،- دىدى كىرەم مەغرۇرلۇق بىلەن.
---قەشقەرگە ئاناڭنىمۇ بىللە ئىلىپ كەتسەڭ بولىدىغۇ؟
---ئانام ئۇنىمايدىكەن. سەھرادا ئازادە ياشاپ ئۆگىنىپ قالغان ئادەم شەھەرگە كۆنەلمەيمەن، دەيدۇ. مەن تۇغۇلمىغان ۋاقتىمدا دادام بىلەن قەشقەرگە بىرىپ، شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا ئىسىلغان ئادەملەرنى كۆرۈپ قورقۇپ كىتىپتىكەن، قەشقەرنىڭ گىپى چىقسا ھازىرمۇ تىترەپ كىتىدۇ.
---ئۇغۇ راست، مەنمۇ قەشقەرگە كۆنەلمەيمەن،- مەرىگۇل شۇنداق دەۋىتىپ ناھايىتى چىرايلىق ھەم چەبدەس ھەرىكەت بىلەن توپنى باغ سىرتىغا قارتىپ تەپتى. توپ ئىگىز ئەنجان تىمىنىڭ ئۈستىدىن ھالقىپ، كۆكۈش پارقىراپ تۇرغان سەگۈ تىرەكلەر ئارىسىدىن غۇيۇلداپ ئۆتۈپ كەتتى.
---نىمە،سەن....سەن؟
---قانداق مەندىن باشقا ئادەم توپ ئوينىيالمايدۇ،دەپ قالغانمىدىڭ،- دىدى مەرىگۇل لەۋلىرىنى دومسايتىپ ۋە بىردىنلا ئىچىلىپ كۈلدى،- مىنىڭمۇ بىر توپۇم بار، ئاۋۇ بۇلۇڭدا بىر ۋاراتارمۇ بار تىخى.
ئوغۇل بالا بولۇپ قالساڭمۇ بوپتىكەن،- شۇنداق دەپ كىرەممۇ كۈلىۋەتتى.
كىرەم باغ ئىشىكى تەرەپكە كىتىۋىتىپ، بىردىنلا توختاپ مەرىگۇلدىن سورىدى:
---راست، سەن ھىلىقى مىنى قەشقەرگە بارىدىكەن دىگەن گەپنى نەدىن ئاڭلىدىڭ؟ مەن ھىچكىمگە دىمىگەنتىم.
---كالۋا،- مەرىگۇل سەدەپتەك چىشلىرىنى كۆرسىتپ يەنە كۈلدى،- ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىدا سىنىڭلا گىپىڭ، تېخى سېنى ئەنجانلىق بىر ئەپەندى بىلەن ئەنجانغا كېتىدىكەن دىگەن گەپمۇ بار!
........
كىرەملەر شۇنىڭدىن كىيىن دائىم مۇشۇ باغنىڭ تۈۋىدە توپ تىپىدىغان بوپ قالدى. كىرەم ھەر قىتىمدا بىر- ئىككى نۆۋەت توپ ئىلىپ چىققىلى باغقا كىرىپ تۇردى. كىرەم ھەر قىتىم باغقا كىرىپ كەتسە نىمىشقا پات چىقمايدىغانلىقىغا ئەجەبلەنگەن ئاغىنىلىرى باغنىڭ شورىسىدىن ئۆمىلەپ كىرىپ كىرەمنىڭ مەرىگۇل بىلەن ئىرىق بويىدا يانمۇ-يان ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىۋاتقانلىقنى كۆردى. شۇنىڭدىن كىيىن ئىكساقتىكى ياش بالىلارنىڭ ئارسىدا بىر ناخشا تارىلىپ كەتتى. ناخشىنىڭ نامى«گۈلمەرەم»ئىدى. بۇ ناخشا شۇنچىلىك مۇڭلۇق، گۈزەل ئىدىكى، ئاڭلىغانلار كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىپ، ئۇزاققىچە ئىسىدىن چىقمايىتتى.
بىر كۈنلەردە مەرىگۈلنىڭ دادىسى ھەمراباي قىزى بىلەن كىرەم توپچى توغرىسىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ نۇمۇس ۋە غەزەپتىن يىرىلىپ كەتكىدەك بولدى.«نى-نى بەگزادىلەرنى قىزىمغا لايىق كۆرمەي يۈرسەك، قىزىمىز بىر يالاڭتۆش يىتىم ئوغلاق بىلەن تىپىشىپتىمۇ. ۋاي ئىسىت، قىزبالا دىگەننىمۇ باقامدىغان!»دەپ نالە-پەرياد چىكىپ، خوتۇنىغا يەتكۈچە كايىپ ئاخىرى خوتۇنى بىلەن قىزىنى قورۇقچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا قەشقەردىكى پىنھان قورۇ-جايغا يولغا سالدى. كىرەمنىڭ پۇتلىرى ئالدىدا قەشقەرنىڭ يولى قانچىلىك يول ئىدى! ئۇھەپتە، ئون كۈندە بىر قەشقەرگە بىرىپ نو بىشى تەرەپتىكى كوچىلارنى ئارلايىتتى. مەرىگۇلمۇ بەزىدەيالغۇز، بەزىدە بىر قىرى خوتۇننىڭ ھەمراھلىقىدا كوچا تەرەپكە چىقىپ قالاتتى. ئۇ، پەرەنجىگە يۆگەلگەن قىزنىڭ بۇرۇلۇپ لەپپىدە بىر قارىشىدىن، نازۇك بەدىنىنىڭ ئالاھىدە بىر قىياپەتلىرىدىن ئۆزىنى كۆرگىنىنى سىزەتتى ۋە ئۆزىچە قىزىرىپ، ھاياجانلىنىپ، شىرىن خىياللار ئىلكىدە ئارقىسىدىن ئۇزاق قاراپ قالاتتى. قىزنى يىراقتىن بولسىمۇ بىر كۆرەلىگەن چاغلىرىدا ئۇنىڭغا يولنىڭ يىراقلىقى، ھارغىنىلىق ۋە ئاچلىق، ۋىسال ئارزۇسىنىڭ بىقارارلىقى بىلىنمەي قالاتتى.
ئاق تاغ خۇددى ئاسماندىن توككىدە چۈشۈپ قالغاندەك ياكى يەر تىگىدىن ئۈسۈپ چىققاندەك ئىكساقنىڭ جەنۇبىدىكى قۇم تاشلىق چۆلدە سىرلىق قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. قاراڭغۇ كىچىلەردە، تاڭ سەھەردە ۋە گۇگۇم پەيتىدە ئۇ سۈكۈت ئىچىدە زىمىنغا نەزەر سىلىپ تۇرغان مويسىپىتقا ئوخشىسا، ئايدىڭ كىچىلەردە ياكى ئاپتاپ قاينىغان ياز كۈلىرىدە كىرىستالدەك يالتىراپ نۇر چاچىدۇ. تىخىمۇ يىراقتىن نەزەر تاشلىغاندا ئۇ خۇددى ئىكساقتىن ئىبارەت بۇ قەدىمى يۇرۇتنىڭ بىشىدىكى ئوتىغاتتەك كۆرۈنىدۇ. تارىختىن بۇيان بۇ شىخىل تاشتا بۇ يۇرۇتتا، بۇ يۇرۇت ئەتىراپىدىكى كىچىك-كىچىك بوستانلىقلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە خاراكتىرگە ئىگە بىر قوۋمى ياشىغان. بۇ يۇرۇت خەلىقىنڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى جاھان كىزىش بولسا كىرەك.
يەرنىڭ ئۈنۈمسىز، قۇرغاقلىقى ۋە قىستاڭچىلىق ئۇلارنى باشقىلاردىن تىرىشچان، چىداملىق قىلىپ يىتىلدۈرۈپلا قالماي، جاھان كىزىپ باشقىچە تىرىكچىلىك يولى تىپىشقا مەجبۇر قىلغان. نەتىجىدە ئۇلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد تاغ-داۋانلاردىن ئىشىپ، چۆل-باياۋان،دىڭىز-ئوكيانلاردىن ھالقىپ دۇنيانىڭ ھەممىلا يىرىدە ئاياغ ئىزلىرىنى قالدۇرغان. بارغانلا يىرىدە روناق تىپىپ، ئۆز يۇرۇتىدىن كۆپ ياخشى ياشىغان. ئەمما ئۇلار ئاشۇ كىچىككنە نامرات، تاشلىق زىمىنىنى زادى ئۇنتۇپ قالمىغان. شۇڭا ئۇ يەر ئۇيغۇرلار يۇرۇتىدىكى تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئەڭ زىچ، دۇنيادىكى يىڭىلىقلار ئەڭ ئاسان ئۆزلىشىدىغان كۆزنەك بولۇپ، پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە تەقدىرگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. تارىختا شۇنداق بولغان، بۈگۈنمۇ شۇنداق بولىۋاتىدۇ.19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ مۇسا بايلار. ئاچقان «ھۈسەينىيە»،«ھەبىبىزادە دارىلمۇئەللىمىن» مەكتەپلىرى، مەرىپەتپەرۋەر بايلار ئاچقان ۋە ئىچىۋاتقان تىخمۇ كۆپلىگەن مەكتەپ خۇددى قاراڭغۇلۇق قوينىدا لاۋۇلداپ يانغان مەشئەلدەك كىشىلەرنى ئويغۇتىۋاتىدۇ، ئۈمىدلەندۈرۋاتىدۇ، تىخىمۇ گۈزەل مەنزىرىگە ئىنتلدۇرىۋاتىدۇ......لىكىن ، دۇنيادا ياخشى، گۈزەل ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقمىقى نەقەدەر مۈشكۈل، ئۇنىڭ رەقىبلىرى نەقەدەر كۆپ ۋە رەزىل ھە......
يۇرۇت بىگىنىڭ ئۆيىدىن ئاتلىق چىقىپ كەلگەن تۇرسۇن ئەپەندى چۇڭقۇر خىياللارغا پاتقاندى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن چىرايى غەزەپتىن قىيسىيىپ، ساقاللىرى تتىرەپ تۇرغان يۇنۇس بەگ ۋە بەگنىڭ مىھمانخانىسىدا تۈكۈرۈكلىرىنى چاچىرتىپ سۆزلەپ«ھۈسەيىنىيەنىڭ» ئوقۇتۇشقا، تەنتەربىيە ئىشلىرىغا، بولۇپمۇ چوڭ-كىچىك ھەممە ئادەمنىڭ پۇتبۇل ئوينىشىغا تىل-ئاھانەت ياغدۇرۋاتقان قازى-قۇززات، ئىشان مەزىنلەر بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتى ئىدى.
-كونىچە مەدىرسلىرىمىزنىڭ نىمىسى يامان؟ باللىرىمىزنى قوينىڭ قوزىسىدەك يۇۋاش-يۇمشاق، تەقۋادار مۇسۇلمان قىلىپ تەربىيلەپ كىلۋاتقىنى، ئاشۇ مەدىرىسە ئەمەسمۇ!
پەننى دەرىس دەپ دىنىمىزغا، «قۇرئان-كەرىم»، ھەدس مۇبارەككە خىللاپ پەتىۋارلارنى تارقىتىپ يۈرسە جاھاننىڭ ئىشلىرى ئىزدىن چىقىپ كەتمەمدۇ! يەر دىگەننى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بىر كالا مۈڭگۈزىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ نىرىسىدىكى ئىشلارنى بىر خۇدايىمنىڭ ئۆزى بىلىدۇ. جەدىت ئەپەندىلەر يەر يۇمىلاق توپقا ئوخشايدۇ، توختىماي چۆرگىلەپ تۇرىدۇ، دەپ دەرىس ئۆتكىدەك. ئەگەر ئۇلار دىگەندەك بولسا ماۋۇ پىيالىدىكى چاي نىمىشقا مىدىرلىمايدۇ، تۇرسۇن ئەپەندى قانداقچە يۇمىلاپ كەتمەي بىزنىڭ يىنىمىزدا بەخۇدۈك ئولتۇرالايدۇ، ھا.....ھا.....
بىر ئوبدان باللىرىمىزنى تاغمۇ-تاغ، باغمۇ-باغ چاپتۇرۇپ يۇرۇپ ياۋايىلاشتۇرۋەتتى بۇ ئەپەندىلەر. ھىلىقى پەرەڭلەرنىڭ شەيتان توپى ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى. نەگە قارىسا شۇ،كىمنىڭ ئاغزىغا قارىسا شۇنىڭ گىپى. ھەتتا خاتۇن خەقلەرمۇ چەتتە قالمىدى.بالىلا خەلىپەتلەرنىڭ گىپىنىلا ئەمەس، ئاتا-ئانىلىرنىڭ گىپىنىمۇ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ كەتتى.
ئاۋۇ ئەمرۇللا بەگنى خىلى ئوڭلۇق ئادەم دەپ يۈرسەك، ئۇششاق بالىلارنى باشلاپ تاش مەسچىتنىڭ يىنىدىكى قۇملۇققا مىلتىق دورىسى كۆمۈپ پارتىلىتىپ، «يانار تاغ» مۇشۇنداق پارتىلايدۇ، دەپ يۈرۈپتۇ. جاھاننىڭ ئىشلىرى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولامدۇ يا ئەرۇللا ئەپەندىنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولامدۇ! سىلى دەپ باقسىلا تۇرسۇن ئەپەندى، سىلى چوڭ يەرلەردە ئوقۇغان، چوڭ ئىشلارنى كۆرگەن ئادەم. بىزنىڭ يۇرۇتتىكى بۇ ئىشلار قالايمىقانچىلىق، دەھرىيلىك بولماي نىمە؟! بۇ ئىشلارنى دوتەي ئالىيلىرى ئاڭلاپ قالىدىغان بولسىغۇ، كۆرگىلىكى بار بۇ ئەپەندىلەرنىڭ.
ئىگىز پاپاخ، ئاق كۆينەك ئۈستىگە بەدىنىگە چىپپدە كىلىدىغان خورما رەڭ تون كىيگەن تۇرسۇن ئەپەندى يوغان سەللىك، پار-پۇر تونلۇق، يوغان قورساق قازى-قۇزاتلارنىڭ ئارىسىدا چاققان، خۇشپىچىم كۆرۈنەتتى. ئۇ بىر قىشنى سەل ئىگىز كۆتۈرۈپ، نىپىز لەۋلىرىىڭ بۇرجىكىدە سۇسقىنە كۈلۈمسىرگەن پىتى ئۇلارنىڭ قايناشلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇردى. ئۇ ئۇلارغا بۇنىڭدىن 430يىللار ئىلگىرى پەرەڭلەرنىڭ ئىتالىيە دىگەن يىرىدە دىنى ئۆلىمالار بىلەن بىر ئالىم ئوتتۇرسىدا دەل مۇشۇنداق مۇنازىرلەرنىڭ بولغانلىقىنى، كوپىرنىك ئىسىملىك بۇ ئالىم يەر شارى قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدىغان ئادەتتىكى بىر پىلانىت دىگەن قارىشىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەت نەزەربەنىت ئىچىدە ياشاپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆتكەن ئالىم گاللىنىڭمۇ كوپىرنىڭ تلىماتىنى ياقلىغانلىقى تۈپەيلى كوپىرنىڭ بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولغانلىقى، 1600-يىلى گىئوردانو برونۇ ئىسىملىك بىر ئالىمنىڭ كوپىرنىك تەلىماتىنى تەشۋىق قىلغانلىقى تۈپەيلى رىم مەيدانىدا ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى....لىكىن، بۇ نەزەربەنىت ۋە كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈشلەر بىلەن بۇ ئىلمى يەكۈن يوقالمايلا قالماستىن، بۇلۇتلارنى يىرىپ چىققان قۇياشتەك چاقناپ، ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى بىلشنى ۋە ئىنسانىيەت مەدىنىيتىنى زور بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلەتكىنى.....دەپ بەرگۈسى كەلدى. ئەمما ئۇ ئۇلارنىڭ چىرايىغا بىر-بىرلەپ نەزەر سىلىپ بۇ نىيتىدىن ياندى. ئاچكۆزلۈك، تەمە ۋە نادانلارچە مەنمەنلىك قاپلىغان بۇ چىرايلا ئۇنىڭ رايىنى قايتۇرغان ئىدى ئۇلا سۆزلەپ ھارغاندا ئالدىرماي گەپ باشلىدى:
ھەر قايسىلىرى بۇ يۇرۇتنىڭ مۆتىۋەرلىرى، كاتتىلىرى. ھەرقايسىلىرى كىچە-كۈندۈز يۇرۇتىمىزنىڭ غىمىنى يىيىشتىلا.ھەر قايسىلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيەلىرىگە ئەمەل قىلماي ھەددىمىز ئەمەس، چوقۇم ئەمەل قىلىمىز، لىكىن بىزمۇ ھەرقايسىلرنىڭ ئىككى ئىغىز گىپىمىزنى ئاڭلاپ قويۇشلىرىنى ئۆتۈنىمىز. ھەر قايسىلىرى ئاق تاغقا چىقىپ باققان بولۇشلىرى مۇمكىن. تاغدىن پەسكە قارىساق بىزنىڭ بۇ ئىكساق ئالقانچىلىكلا كۆرۈنىدۇ. ئۇنىڭغا ئەتراپىدىكى قايراق، بەيساق، تاقۇت، يولچىلارنى قوشقاندىمۇ ئۇ يەنىل ئالقانچىلىك يۇرۇت. دۇنيادا تاغنىڭ نىرىسىدا تاغ، يۇرۇتنىڭ نىرىسىدا يۇرۇت، دەريانىڭ نىرىسىدا دەريا، ھەتتا قاتمۇ-قات دىڭىز- ئوكيانلار بار. ئاشۇ تاغلارنىڭ، دىڭىز-ئوكيانلارنىڭ نىرىسىدا نۇرغۇن ئادەملەر بار. ئاشۇ تاغلارنىڭ، تاغلارنىڭ، دىڭىز-ئوكيانلارنىڭ نىرىسىدا ھىساپسىز نۇرغۇن ئادەملەر بار. ئاشۇ ئادەملەر نى-نى ئىشلارنى قىلۋاتىدۇ، ئاجايىپ يوغان دۇربۇن، تىلىسكۇپلارنى ياساپ يۇلتۇزلارنىڭ سىرنى ئىچىۋاتىدۇ، يەر ئاستىدىن خىلمۇ-خىل بايلىقلارنى قىزۋاتىدۇ.ماشىنا، ئايرۇپىلان، پاراخۇت، پويىزلارنى كەشىپ قىلىپ ئالتە ئايلىق يولىنى بىر كۈندە بىسىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇنى ئىلىم-پەنگە، مائارىپقا تايىنىپ قىلۋاتىدۇ. ئۇلار ياراتقان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىگە كۆز يۇمغىلى، شەك كەلتۇرگىلى بولماس. بىز مۇشۇ يۇرۇتتىن چىقماي ئولتۇرۋىلىپ ئاكاڭ قارىغاي ھەممىدىن كاتتا، دەپ جاھاندىكى ھەممە ئىش،ھەممە يەر بىر قىلپتا دەپ قارىساق بولماس. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام بۇخارايى شەرفنىڭ ئۆلىمالىرىدىن«ئۇسۇلى جەدىت ۋاجىپ» دىگەن پەتىۋانى ئىلىپ كەلمىدىمۇ؟! يۇرۇتىمىزدىن چىققان مۇسا ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى چەتئەللەرنى كۆرۈپ، يۇرۇتىنى ئويلاپ، خەلقىمنىڭ كۆزى ئىچىلسۇن جاھالەتتە قالمىسۇن، دەپ«ھۈسەينىيە»نى بەرپا قىلمىدىمۇ؟! ئەمدى تەنتەربىيەگە كەلسەك، ئۇسۇلى جەدىت ئەقلى تەربىيە بىلەن بەدەن تەربىيىسىگە تەڭ ئىتىبار بىرىدۇ. بەدەن چىنىقتۇرغاندا روھى ۋە جىسمانى ئىللەتلەردىن خالى بولغلى بولىدۇ. جۇشقۇن روھ ۋە ساغلام بەدەنسىز ھىچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولماس. ھەر قايسىلىرىمۇ باللىرىمىزنىڭ، دىھقانلىرىمىزنىڭ روھىدىكى جۇشقۇنلۇقىنى كۆرۋاتىدىغانلا. پىقىرنىڭ قارشىچە بۇ يامان ئىش ئەمەس. بىز خەلقنى سۇغا ئوخشاتساق، توختام سۇ چىرىندە بىلەن تولغان ئۆلۈك سۇدۇر. ئىقىپ تۇرغان جۇشقۇن سۇلار ساپ، تازا ۋە تىرىك سۇ ھىسابلىنىدۇ. بۇ ۋاجىدى ئالغاندا بەدەن چىنىقتۇرغاننىڭ نىمىسى يامان؟ ئۇ نىمە سەۋەپتىن ھەرقايسى زاتى مۇبارەكلىرىمىزنىڭ كۆزىگە سىغماي قالدىكىن؟
يۇرۇت چوڭلىرى بىر پەس بىر- بىرگە قارىشىپ جىم بولۇشۇپ كەتتى. كىيىن ئۆز-ئارا كۇسۇرلىشىپ ، دىمىقىنى قىقىپ، گاللىرىنى قىرىپ تۇشمۇ-تۇشتىن سۆز باشلاشتى:
---تۇرسۇن ئەپەندىم، سىلىنىڭ دىگەنلىرىنى بىزمۇ بىلىمىز. ئۇيەرلەرگە بارمىساقمۇ بارغانلاردىن ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز. لىكىن ئۇلار كىم؟ بىز كىم؟ بىزنىڭ دىنىمىزمۇ، ئۆرىپ ئادىتىمىزمۇ، تۇتقان يولىمىزمۇ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇنچە يىلدىن بۇيان بىز ئۇلارسىزمۇ ياشاپ، يولنى ئوڭ مىڭىپ كەلدۇق ئەمدى بۈگۈنگە كەلگەندە خەقنى دورايمەن دەپ ئوڭدا چۈشمەيلى يەنە! بۇ ئالەمنىڭ ئىشلىرىغىمۇ بەك كايىپ كەتكۈچىلكىمۇ يوق. خۇدايىم بىزگە بۇ دۇنيالىقنى بەرمىگەندىكىن بىز خەق نامىزىمىزنى ئوقۇپ، شەرەئەت يولىنى تۇتۇپ، سىڭگەن نانىنى يەپ، تىنىچ ئۆتسەك بولارمىكىن.
ئۇدۇنيا، ئۇ دۇنيا دەپلا مۇشۇ كۈنگە قالغان خەق بىز. ئۇنداق بولسا خۇدايىم بىزنى بۇ دۇنياغا- مۇشۇنداق گۈزەل، باي-باياشات بىر زىمىن ئۈستىگە نىمە دەپ ياراتتى؟ يارتقۇچى مەن، يارالغۇچى ئۆزۈڭ دىمىدىمۇ! بىزمۇ ئادەمغۇ! بولدى، بۇ گەپلەرنى مۇشۇ يەردە قويۇپ ھەر قايسىلىرىغا مۇھىم بىر خەۋەرنى يەتكۈزەي. باھاۋۇدۇن ھاجىم چەتئەللەردىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پات ئارىدا يۇرۇتقا يىتىپ كەلگۈدەك. ھاجىم كەلسىغۇ قاراپ تۇرماس. لىكىن بىز ھازىر تازا ئۈزۈكچىلىك ئىچىدە تۇرۋاتىمىز. بالىلىرىمىز قىينىلىپ قالمىسا بولاتتى. ھەر قايسىلىرىغا ئايان بولغىنىدەك، يىقىندىن بۇيان مەكتىپىمىزدە ئوقۇيدىغانلار ھەسىلەپ كۆپەيدى، خىراجەت بولسا يەنە بۇرۇنقىدەك. شۇڭا ھەرقايسىلىرىنى جامائەت ئىسكىلاتىدىن بىرىلىدىغان ياردەمنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ بەرسە دىگەن ئۈمىدە بىز. بولسا، جاۋابىنى ھازىر ئېلىپ كەتسەم.
يۇرۇت چوڭلىرى يەنە بىر نۆۋەت جىم بوپ كىتىشتى. بۇ جىمجىتلىق خىلى ئۇزاق سوزۇلدى. ئۇلارنىڭ رايىچە بولسا خىراجەتنى كۆپەيتىش ئەمەس، بەلكى پەقەتلا بەرگۈسى يوق ئىدى. ئەمما باھاۋۇدۇن ھاجىم راستىنلا كىلىپ قالسا ئۇ كىشىگە يۈز كەلگىلى بولمايدۇ-دە. ئۇ دىگەن ئۇنداق-مۇنداق ئاددەم ئەمەس، دۇنيانىڭ يىرىمى تونۇيدىغان كاتتا باي. ھىلىغۇ قەشقەردىكى چوڭلارئىكەن ئۆلكىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا ھۆرت-پۆرت دىيەلمەيدۇ، ئاشۇنداق بىر ئادەمگە ھاجىتىم چۈشمەيدۇ دەپ ھىچكىم ئىيىتىيالمايدۇ....
باھاۋۇدۇن ھاجىمىنىڭ نامى تىلغا ئىلنىشى بىلەنلا ھەممە نارازىلىقلا قايناپ تۇرغان قازانغا سۇ قۇيۇلغاندەك بىسقىپلا قالماي، خىراجەت ئىشىمۇ ھەل بولدى. تۇرسۇن ئەپەندى دەيدىغانلىرىنى دەپ، مەقسىدى ھەل بولغاندىن كىيىن ئۇلارنى ئوڭچە قالدۇرۇپ، ئۆزرە سوراپ قايتىپ چىقتى...
تۈنۈگۈن ئاتچىلار ئەۋەتكەن كىشىدىن باھاۋۇدۇن باينىڭ يۇرۇتقا كىلىدىغانلىق خەۋرىنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ كۆڭلىدە ئىللىق بىر سىزىم، بىر خۇشلۇق پەيدا بولدى. ئەينى يىللىرى باھاۋۇدۇن باي مۇشۇ يۇرۇتلۇق ئون نەچچە بالىنى تۈركىيىگە ئوقۇشقا يولغا سالىدىغان چاغدا ئۇنىڭ بىشىنى سىلاپ، پىشانىسىدىن سۆيگەندىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئاشۇنداق ئىللىق سىزىم، خۇشلۇق پەيدا بولغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا باھاۋۇدۇن باي ياش، قاۋۇل ئىدى. مەخمەلدەك قويۇق، قاپقارا قاشلىرىنىڭ قۇيرۇقى بىشىدىكى ئىگىز پاپاخنىڭ ئىچىگە قەدەر سوزۇلغان بولۇپ، ئوتتەك چاقناپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىن، كىشىگە سەمىمىي، ئىللىق بېقىشلىرىدىن، گەپ سۆزلىرىدىن بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك، مىھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى.ئۇ:
بالىلىرىم تىرشىپ ئوقۇپ، يۇرۇتىمىز خەلىقىمىزگە كىرەكلىك ھەممە نەرسىنى ئۈگنىۋىلىڭلار، بىز سىلەرنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز، ئاتۇش خەلق سىلەرنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدۇ...دىگەن ئىدى.
ئۇ بىر كەتكىنىچە تۈركىيىدە ئون يىلچە تۇرۇپ قالدى. دەسلەپتە قىسقا كۇرۇسلاردا، كىيىن ئالى بىلم يۇرۇتى«سۇلتانەم»دە ئوقۇدى. بۇ جەرياندا باھاۋۇدۇن باي تاپىلىغاندەك، ئۆزى يۇرۇتىمىزغا كىرەكلىك دەپ قارىغان ھەممە نەرسىنى-ھىساب، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ،جۇغراپىيە، رەسىم، مۇزىكا، ئاستىرونومىيە، ھىسابات باشقۇرۇشنى، تۈرۈكچىنىلا ئەمەس،ئىنگىلىز، فىرانسۇز تىللىرنىمۇ ئۈگەندى. تەنتەربىيە، توپ تۈرلىرنىڭ ھەممىسىگە ماھىر بولۇپ يىتىشتى. ئاخىر ۋاقتى سائىتى كىلىپ ۋەتەنگە قايتىدىغان چاغدا تۈركىيىدە تونۇشقان، ئارلاشقان دوستلىرى، خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭغا چىدىماي قىلىشتى. ئىست، ئاشۇ چەت قالاق يەرگە سەندەك ئادەم بىكار كىتىسەن، دەپ ئەپسۇسلىنىشتى.ئۇنى كاتتا خىزمەتلەرگە تونۇشتۇرۇشتى.ئەمما ئۇ ئاشۇ بىلىم ماھارەتلىرىنى يۇرۇتى، خەلىق ئۈچۈن ئۈگەنگەندى. ئۇ ئۈگەنگەنلىرنىڭ بىرنى قالدۇرماي يۇرۇتى ۋە خەلقىگە تەقدىم قىلشى كىرەك ئىدى. شۇنچە يىلدىن بىرى ئۇ ئەقىدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆيۈپ پىشتى،ھەريان چاپتى، كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلىدى. ئۇۋالچىلىق، ھاقارەت، زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچىرىغاندىمۇ، ھاياتى خەۋىپ ئاستىدا قالغاندىمۇ ئۆز يولىدىن تەۋرىنىپ قالمىدى. ئۇ، مائارىپنىڭ مەنىلىك ئۇلۇغ ئىش ئىكەنلىكگە چىن دىلىدىن ئىشىنەتتى. مائارىپ بىلەن ئۆز يۇرۇتىنىمۇ ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا كۆز يىتەتتى.شۇڭا ئۆز تەقدىرىنى، بارلىق ئارزۇ ئارمىنىنى، بەخىت ۋە ئازابىنى «ھۈسەيىنىيە»نىڭ ئىشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۋەتكەندى .


مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر باشقا تېمىلار
مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر (1)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(2)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(3)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(4)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(5)
مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(6)