باش بەت / ساقلايمەن

مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(2)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2012-11-26 11:43 | ئاپتور: خالىدە ئىسرائىل | مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

كوچا ئاغزىدىن تىقىلىشىپ تۇرغان بىر نەچچە مەپە جايىدىن قوزغىلىپ ئەنجان رەستىسىگە ئۆتىدىغان يول ئىچىلدى، پەىيتۇنكەش ئەتراپتىكىلەرنى « ھارامتاماق ئوغرىلار، يالقاۋلار » دەپ تىللاپ ، پەيتۇننى ئەنجان رەستىسىگە ھەيدىدى. ئەنجان رەستىسى قەشقەردىكى كەڭرەك ، رەتلىكرەك كوچىلاردىن بىرى ئىدى. كوچا ئۈستى ياغاچ ، بورىلار ياكى ئىككى ياقتىكى ئۆيلەرگە ئارتىلدۇرۇپ سىلىنغان بالىخانا ئۆيلەر بىلەن يىپىلغان بولۇپ، ئۇ يەر -بۇ يەردىن چۈشۈپ تۇرغان كۈن نۇرى كوچىنى خىرە يورۇتۇپ تۇراتتى. كوچىنىڭ ئىككى يىنىدا ئۆزبىك، ھىندى ۋە يەرلىك باي سودىگەرلەر، جازانىخورلارنىڭ ئىككى قەۋەتلىك خىش ئۆيلىرى ۋە دۇكانلىرى، بىر -بىرىگە ئۇلۇشۇپ كەتكەن زەرگەر بازىرى بار ئىدى. بۇ دۇكانلاردا چەت ئەللەرنىڭ ئېسىل رەخت، موينا، كىيىم -كىچەكلىرىدىن تارتىپ ئىران گىلەملىرى، خاڭجۇ ۋە خوتەننىڭ يىپەك رەخت، ئەتلەسلىرى سىتىلاتتى. يەرلىك زەرگەرلەر ياسىغان ئالتۇن - كۆمۈش، زىبۇ - زىننەتلىرىمۇ خىلى سىپتا ئىدى.گىللېئان خانىم پەيتۇننى بازارنىڭ ئىچكىرسىدىكى بىر تار كوچىنىڭ ئاغزىغا توختاتتى. ئاشۇ تار كوچىدا خىلى چوڭ بىر يىپەك مال دۇككىنى بار ئىدى .دۇككان خوجايىنى ئەزەلدىن چەت ئەللىكلەر بىلەن سودا قىلىپ كەلگەن ئۇقۇمۇشلۇق يەرلىك سودىگەر ئىدى. دوقمۇشتا قىزىل سىرلانغان ئىگىز چاقلىق، ئىشىكىگە چىلتەكلىك تاۋار پەردە تۇتۇلغان مەپە توختىدى.
مەپە ئالدىدا قۇراللىق ئىككى ئەسكەر تۇراتتى. سەل نىرىدا يەرلىك كىشىلەردىن بىر توپ ياش ئەر بىلەن ئۇششاق بالىلار تاماشا كۆرۈپ تۇراتتى. تار كوچىغا پىيادە كىرمەكچى بۇلۇپ تۇرغان خانىم، ئەسكەرلەرنىڭ رەتلىك قەدەم تىۋىشى، ئوفىتسىرلارنىڭ بۇيرۇق ئاۋازى، مىلتىقنىڭ شاراق - شۇرۇق قىلغىنىنى ئاڭلاپ جايىدا تۇرۇپ قالدى. تار كوچىدىن يەتتە - سەككىز ئەسكەر يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ مەپىنىڭ ئەتراپىدا ئىككى قاتار بولۇپ ھۆرمەتتە تۇردى. ئارقىدىنلا بىر نەچچە ياش ئوفىتسىرنىڭ ھەمرالىغىدا قىزىل ، ھاۋارەڭ كۆڭلەك، زەرلىك تاۋار كەمزۇل، كىچىك پۇتلىرىغا گۈل بىسىلغان خەي كىيگەن ئالتۇن -كۆمۈش ،قاشتىشى زىبۇ -زىننەتلىرىنى بولۇشىغا تاقاپ، قىنىق گىرىم قىلغان ئىككى ياش خىنىم ئەركىلىپ، تولغانغىنىچە چىقىپ كەلدى. تاماشا كۆرۈپ تۇرغان ئەرلەر بىلەن ئۇششاق بالىلارنى كۆرۈپلا يۇپۇرلۇپ كەلدى. ئەرلەرنىڭ چىرايىدا ئاشكارە بىر ھەۋەس، ئېچىرقاش ئىپادىلىنەتتى. بولۇپمۇ توپنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرغان كىيىملىرى جۇل - جۇل، يۇز كۆزىنى قاسماق باسقان گومۇش چىراي بىر ئەر ياش خىنىملارغا قاراپ ھىڭگىيىپ كۈلۈۋىدى، قىلىن لەۋلىرىنىڭ بۇرجىگىدىن سىرغىغان شۆلگىيى يىپتەك ئۇزۇن سوزۇلۇپ ، كىردىن پارقىراپ كەتكەن تونىنىڭ ياقىسىغا ئېقىشقا باشلىدى.ئەركە- نايناق خېنىملاردىن بىرى ئۇنى كۆرۈپ:
-ئەييۇ، جىگې، سىڭكۇ! ئېشىن سىلى،- دىيىشىگە، ئوفىتسىرلار بىلەن ئەسكەرلەر يۈگۈرۈشۈپ كىلىپ ھىلىقى گومۇشنى يەرگە يىقىتىپ مۇشتلاپ دەسسەپ كىتىشتى. بۇنىڭ بىلەن پۇخادىن چىقماي ئەتراپتا تۇرغانلاردىن ئۈچ - تۆتنى تارتىپ ئەكېلىپ مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن ئۇرۇپ باش كۆزىنى قانغا بويىدى..............
بۇ ۋەقە كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە يۈز بەردى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئىككى خىنىمنى يۆلەپ مەپىگە چىقىرىپ، مەپىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ ، بىردەمدە كۆزدىن غايىپ بولدى. بۇ ۋەقەنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ھىلىقى گومۇش تىخىچە يەردە ئىڭراپ ياتاتتى تاياق يىگەن بىر نەچچسى دەلدەڭشىگىنىچە « ۋايجان - ۋاييەي » دەپ نالە قىلىشاتتى. دۇككان خوجايىنلىرى، خىرىدارلار، بايىقى بىر توپ تاماشە كۆرگۈچى بۇ يەردە ھىچ ئىش يۈز بەرمىگەندەك بىر خىل سوغۇق ئىپادىدە قاراپ تۇرىشاتتى. بۇ سوغۇقلۇق نىمىشقىدۇر ئادەمنىڭ تىنىنى شۈركۈندۈرەتتى......
گىللېئان خانىم بىردىنلا كەينىگە ياندى.ئۇنىڭ كۆڭلى ئېلىشقاندەك بولدى. ئۇنىڭ بۇ يەردىن مال سىتىۋالغۇسى كەلمىدى. بۇ كوچىدىن، بۇ كوچىدىكى، بۇ شەھەردىكى ئادەملەردىن رايى يانغانىدى.
چىنباغ - ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى جايلاشقان باغلىق قورۇنىڭ نامى. ئىيتىشلارغا قارىغاندا ئىسىم قويۇشقا ماھىر قەشقەرلىكلەر بۇ باغنىڭ پەلەمپەيسىمان يەر شەكلىنى ۋە جانا چىنىدەك چىرايلىق كۆركەملىگىنى سۈپەتلەش ئۈچۈن چىنباغ دەپ ئاتىغانىكەن.
چىنباغ ھەقىقەتەن گۈزەل بىر جاي. بۇككىدە دەل - دەرەخلەر ئارىسىغا جايلاشقان ئىگىز پوسۇندىكى ئىمارەتلەر ۋە راۋاق شەھەر سىپىلىغا ياندىشىپ پۈتكۈل قەشقەر شەھرىگە ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى چەكسىز ئېتىز - باغلارغا، ئەگرى- بۈگرى كەتكەن دەريا - ئىقىنلارغا يىراقتا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتىرىپ تۇرغان پامىر تاغلىرىغا نەزەر سىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ جاھاننىڭ تەرەپ -تەرەپلىرىدىن قەشقەرگە كەلگۈچىلەر ئۈچۈن ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ سۈت ئۇيقۇسىدا ياتقان بۇ قەدىمقى شەھەردىكى زامانىۋى مەدىنىيەتكە، بۇ شەھەرنى يىراققا تاشلاپ كىتىۋاتقان شاۋقۇن - سۈرەنلىك كەڭ دۇنياغا ۋە تەرەقىقىياتقا ۋەكىللىك قىلىدىغان كىچىككىنە ئارال، چۆل -جەزىرىدىكى خىيالى جەننەت ھېسابلىنىدۇ.
پەيتۇن ئەنگىلىينىڭ قالقان شەكىللىك دۆلەت گېربى قادالغا كونسۇلخانا دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلگەندە سوكنۇدىن فورما كىيگەن، قىزىل سەللىلىك ، بومبۇر ساقاللىق ئىككى ھىندى ئەسكەر تىك تۇرۇپ كونسۇل خانىمغا سالام بەردى.
دەرۋازا ئىچىدىكى توپ مەيداندا ياللانما خادىملار بىلەن پۇتبول ئويناۋاتقان ياش ياردەمچى كونسۇل جورج. شىرىف ئەپەندى خانىمغا يىراقتىن ئىھتىرام بىلدۈردى. پەيتۇن يولنىڭ ئىككى يىقىدىكى رەتلىك سىلىنغان ياللانما خىزمەتچىلەر ئۆيى، ھىندىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ، كونسۇلخانا دوختۇرىنىڭ ئۆيىدىن ئۆتۈپ دۆڭدىكى ئىچكىركى قورۇنىڭ ئالدىدا توختىدى. پەيتۇنكەش ئاۋۋال سەكرەپ چۈشۈپ پەيتۇننىڭ ئېشىكىنى ئىچىپ خانىمنىڭ پەيتۇندىن چۈشۈشىگە ياردەملەشتى.گىللېئان خانىم دەرەخلەر ئارىسدىكى بالكۇنلۇق ،يوغان دىرىزىللىرى كۈن نورىدا ۋالىلداپ تۇرغان كونسۇلخانا بىناسىغا نەزەر سالغىنىدا ھەر قاچانقىدەك كۆڭلىدە مەمنۇنلۇق ۋە قانائەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى. ئۇ، پەي قىستۇرۇلغان شىلەپىسىنى قولىغا ئىلىپ ئاق تور پەلىيىنى يەشكەچ كەڭ پەلەمپەيگە چىقتى. قولىدىكى نەرسىلەرنى ئىشىكنى ئىچىپ بەرگەن ھىندىستانلىق خىزمەتكارغا بىرىپ :
-ئەپەندىم ئۆيدە بارمۇ ؟ دەپ سورىدى.
-ئەپەندىم ھازىرلا ئاتلىق چىقىپ كەتكەنىدى،-- دىدى خىزمەتكار ھۆرمەت بىلەن. ئۇ ، خىزمەتكارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەندەك تاملىرىغا ھايۋان مۇڭگۈزلىرى ۋە باش سۆكەكلىرى چوڭايتىلغان سۈرەتلىرى ئىسىلغان قۇبۇلخانىنى ، تورۇسى ئىگىز، تىپتىنىچ، سۈرلۈك ئىشخانىلارنى ، ئىككىنچى قەۋەتتىكى چىرايلىق بىزەلگەن، ئوتتۇرسىغا بىليارت شىرەسى ، پاتىفۇن، تام بويلاپ ئىگىز ئەينەكلىك كىتاب ئىشكاپلىرى قويۇلغان چوڭ ئۆينى ئارىلىدى. ئۇ شۇ تاپتا گىللېئان ئەپەندىنى بۇ يەردە كۆرۈشنى، بۈگۈن بازاردا كۆرگەنلىرىنى، كالىلىسىدىكى خىلمۇ -خىل ئوي -پىكىرىنى ئىيتىپ بىرىشنى ، ئۇنىڭ تەسەللى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلىدىكى غەشلىكلەرنى ئۇنتۇپ كىتىشنى شۇ قەدەر خالايىتتى- ھە. ھەر قاچان ، ھەر قانداق ئىشتا بۈيۈك بىرتانىيە ئىمرىيەسىنىڭ مەنپەتى نۇقتىسىدىن پىكىر يۈرگۈزىدىغان گىللېئان ئەپەندى ھەددىدىن ئارتۇق ھىسياتچان خانىمنى بىر نەچچە ئېغىز ماختـاپ ئۇچۇرۇپ ۋە يىنىككىنە تەنبىھ بىلەنلا پەسكويغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. خانىممۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قايىل بولاتتى ۋە ئۇنىڭدىن تەسەللى تاپاتتى.
ئۇ كىتاب ئىشكابىنىڭ ئالدىغا بىرىپ كىتابلارنىڭ يۇقىرسىغا چاپلانغان « ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت قىممەتلىك ھۆجقەتلەر ۋە ئەسەرلەر »، « ئوۋچىلىق قامۇسى »، «رازۋېدكا رومانلىرى » دەپ يىزىلغاي كىچىك باغاقچىلارغا بىر دەم قاراپ تۇردى. ئارقىدىن ئۆينىڭ ئوتتۇرسىغا كىلىپ كىچىك شىرەدىكى پاتىفۇن پىلاستىلىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. نىمىدىگەن قىزىق - ھە! قەشقەرلىكلەر پاتىفۇننى « شەيتان نەغمىسى » دەپ ئاتىشىدۇ.
ئۇ پاتىفۇننى ئىچىپ كونا بىر پىلاستىنكىنى قويدى، ئۇ موزارتنىڭ مۇزىكىسى ئىدى. ئۇ بۇ يەردە - قەشقەردە موزارتنىڭ مۇزىكىسىنى ئاڭلاش تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلدى.
ئۇ تەۋرەنمە ئورۇندۇقتا مۇھەببەت كۈيلەنگەن يىقىملىق مۈزىكىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ نىمىشقىدۇر نوبىشى كوچىسىدىكى ھىكىقى كىچىككىنە قىستۇرمىنى - نازۇك، لاتاپەتلىك، گۈزەل قىز بىلەن ئۇنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغان بۇركۈتتەك چەبدەس يىگىتنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈمسىرىدى.
ئۇ يىگىت شۇ تاپتا قەشقەردىن ئاتۇشقا قاراپ سوزۇلغان يولدا چاپىنىنى مۈرىسىگە سىلىپ تىز قەدەملەر بىلەن كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇغداي ئۆڭ، يۇمىلاقراق كەلگەن يۈزىگە يارىشىپ، ئەقىل ۋە ھىسيات بايلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىغان ئۇزۇن كىرپىكلىك يوغان قارا كۆزلىرىگە چۇڭقۇر خىيال ۋە مۇڭ چۆككەن، يۈرىكى ھاياجانغا تولغانىدى. سېھرلەنگەندەك ئالدىدىكى نامەلۇم بوشلۇققا تىكىلگەن كۆزلىرى گويا قاندۇقتۇر خىيالى بىر ئىشنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ياكى كىم بىلەندۇر سۆزلىشىۋاتقاندەك گاھ غەزەپتىن ئوتتەك چاقناپ كەتسە، گاھ مۇھەببەتتىن مۇلايىم، خۇمارلىق جىلۋىلىنەتتى. ەۋلىرى نىمىلەرنىدۇ پىچىرلاۋاتقاندەك بىلىنەر-بىلىنمەس تىترەيتتى .... ئەجەپ بىر ئىش بولدى - ھە .خۇددى بىرسى ئىتتىك بول دىگەندەك پىشىمدىن تارتقاندەك يۈگۈرۈپ كەلگەنىدىم. بىر قەدەم كىچىككەن بولسامزە .... كارامەتلىك خۇدا ئىككىمىزنىڭ دىلىغا بۇ ئوتنى ئۆزەڭ سالغان بۈگۈن بۇ يەردە مىنى بىر سىنىماقچى بولغانمىدىڭ ؟ سىنىقىڭدىن ئۆتكەن بولسام ئىشىمنى ئۆزۈڭ ئاسان قىلغايسەن، يىتىم بەندەڭنى مۇرادىمغا يەتكۈزگەيسەن، ئاھ، خۇدا !
ئۇ بۈگۈن قەشقەرگە ئاشۇ قىزنى بىر كۆرۋىلىش ئۈچۈن كەلمىگەنمىدى، ئۇنىڭ كوچىسىنى ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى نەچچە ئايلانمىغانمىدى. ئاخىر قىزنى كۆرۈش ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ھىيتگاھنى بىر پەس ئايلىنىپ قايىتىپ كەتمەكچى بولدى. ئاشۇ چاغدا كۆڭلى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك، بىر نەرسە ئۇنى ئاشۇ مەھەللە تەرەپكە تارتقاندەك بولدى. ئۇ ئاشۇ يۇگۈرەك پۇتلىرىغا تايىنىپ قىزنى ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدىن تارتىۋالدى. ئۇ قىز ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىشقىمۇ رازى ئىدى.
ئۇ قىزنىڭ يۇمران تېنىنىڭ ھارارىتىنى ، قاتتىق ھاسىراپ، ئوق تەككەن كىيىكتەك تىپىرلاشلىرىنى سەزگىنىدە بىردىنلا قاتتىق ھۇدۇقۇپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. قىز ئۇنىڭ قولىدىن ئاجراپ ئۇنىڭغا لەپپىدە بىر قاراپ قويدى- دە تېزلىكتە ئۆزىنى ئوڭشاپ ئۆيى بار تار كوچىغا كىرىپ كەتتى.
ئۇ، قىزنىڭ قىزارغان يۈزىنى، ھاسىراشتىن نازۇك گەۋدىسىنىڭ تىترەشلىرىنى، كۆزلىرىدىكى ۋەھىمە ۋە ھاياجاننى، ئۇياتچانلىقنى شۇنچە يىقىندىن كۆردى. ئۇنىڭ ئاشۇ لەپپىدە بىر قاراپ قويۇشى ئۇنىڭ يۈرىكىگە چۇڭقۇر ئورناپ كەتتى. ئۇ ھېسابسىز مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاراش ئىدى. ئۇنى تىل تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پەقەت ئاشىق يۇرىكى ئارقىلىق سېزىۋالاتتى. شۇ تاپتا ئۇ خۇددى بېخىل پۇل پارچىلىغاندەك قىزنىڭ ئاشۇ قارىشىنى ئۆز خىيالىدا پارچىلاپ ئۇنىڭ ھەر بىر بۆلىكىدىن ئۆزگىچە زوق - لەززەت ئالاتتى . بۇ زوق ۋە لەززەت تەڭداشسىز كۈچ - قۇۋۋەتكە ئايلىنىپ ئۇنى قانائەتلەندۈرەتتى. ئۇنىڭ خوشلۇقى ئىچ - ئىچىگە سىغماي، كۆز ئالدىدىكى يىشىل دالىنى، يەر ۋە ئاسمانىنى قۇچاقلىماقچىدەك قوللىرىنى كىرىپ شامالغا قارشى يۈگۈرۈپ كىتەتتى. ئەگرى - توقاي يوللار، ئىگىز - پەس سارغۇچ دۆڭلەر ، كۆكىرىشكە باشلىغان ئوت - چۆپ چاتقاللار، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سۈرەتتەك رەڭدار تاغلار ھەزرەت، ئاۋات بەشكىرەمنىڭ باغلىرى ئۇنىڭ ئۇچقۇر تاپانلىرى ئاستىدىن يىراقلاپ كەتتى. ئەمدى ئۇ ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ تاغ باغرىنى بويلاپ بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن يۇرت - مەھەللىرى ئىچىدە كىتىپ باراتتى. ئەنە ھەمرا باينىڭ خۈۋەينى ئۈرۈكلۈك باغلىرىمۇ كۆرۈندى. بىر چاغلاردا بۇ باغنىڭ ئىگىز ئەنجان تاملىرى ئۈستىدىن ئۇ ياخشى كۆرىدىغان قىزنىڭ زىل ئاۋازدا ئىيتقان ناخشىللىرى ئاڭلىناتتى. قىز قەشقەرگە كەتكەندىن بىرى بۇ چوڭ باغ ئۇنىڭ كۆزىگە چۆلدەرەپ قالغاندەك كۆرىنىدىغان بولدى.
يىراقتىن ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم مازىرىنىڭ ئىگىز مۇنارىسى كۆرۈنگەندە ئۇ قەدىمىنى تىزلەتتى. ھەبىب ئەجەم مازىرى يېنىدىكى ئاددى قەبرىدە ئاجايىپ بىر ئادەم مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى، ياق، ئۇنىڭ جىسمى ئۆلگەن بىلەن روھى ھاياتتۇر، ئوغۇللىرى قىلىۋاتقان خاسىيەتلىك ئىشلارنى ئاشۇ روھ ئۇلارنىڭ دىلىغا سىلىپ تۇردىغاندۇ......
مازارغا يانداپ سىلىنغان بىر كورپۇس ئاپئاق بىنا ، قاپقاقلىرى ھاۋارەڭ سىرلانغان چوڭ دېرىزىلىك سىنىپلار ، ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسى، يىڭىدىن سىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار ياتاقلىرى، تاش مۇنچا، تىياتىرخانا، كەڭ كەتكەن توپ مەيدانى ...... مانا بۇئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئىچكىرسىدىكى مازارلار بىلەن تولغان بىر سەھرادا يۈز بەرگەن مۆجىزە - «ھۆسەيىنىيە » مەكتىۋى ئىدى. ئىللىق چىرايىدىن سەبىلىك، ئاق نىيەت پارلاپ تۇرغان بۇ يىگىت بولسا مۇشۇ مەكتەپنىڭ بالا ئەپەندىسى ئىدى.
قىز بىلەن يىگىت ئەسلىدە بىر مەھەللىدە -ئۈستۈن ئاتۈشنىڭ ئىكساق كەنتىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بالىلار ئىدى . ئوغۇلنىڭ ئىسمى كىرەم بولۇپ كىشىلەر ئۇنى دادىسى كىچىكئاخۇننىڭ ئىسمىنى قوشۇپ كىرەم كىچىك دەپ چاقىرىشاتتى، قىزنىڭ ئىسمى مەرىگۈل ئىدى . كىچىك ۋاقىتلىرىدا مەھەللىنىڭ ئىرىق - ئۆستەڭلىرىدە چۆمۈلۈپ، لاي ئويناپ يۈرگەن چاغلىرىدا ئۇلار باراۋەر ئىدى . كىرەم مەرىگۈللەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۇنى ئوينىغىلى چاقىرىپ چىقاتتى ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئاشۇ جەننەتتەك باغ ئىچىدە ئەتىدىن-كەچكىچە بىللە ئوينايتى. ئۇلا ئاستا-ئاستا چوڭ بولدى. مەرىگۇلمۇ باشقا قىز بالىلاردەك ئۆيىدىن تالاغا چىقمايدىغان، ئۇلار كۆرۈشمەيدىغان بولۇپ قالدى.مەرىگۇلنىڭ دادىسى پات-پات تاغ ئارقىسىغا سودا قىلغىلى بېرىپ تۇرىدىغان چوڭ سودىگەر ئىدى. ئۇنىڭ قەشقەردىمۇ كاتتا دۇكانلىرى، ئۆيلىرى بار ئىدى.كىرەمنىڭ دادىسى كىچىك ئاخۇن بولسا كىرەم قورساقتىكى چاغدا كارۋانلارغا ئەگىشىپ ئەنجان تەرەپلەرەگە چىقىپ كەتكىنىچە خەت-خەۋرى بولمىغان ئىدى. ئانا-بالا ئىككىسى مەھەللنىڭ ئايىغىدىكى كىچىك بىر ھويلىدا يالغۇز ياشايىتتى. كىرەم ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىدىن تارتىپلا ئانىسىغا ياردەملىششكە باشلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىنن بىر-ئىككى چاقىرىم يىراقلىقتىكى جاڭگالدا كىرەمنىڭ چوڭ ئانىسىنىڭ ئۆيى بار ئىدى. ئانىسى ھەركۈنى ئاشنى تاۋاققا ئۇسۇپ داستىخانغا چىڭ چىگىپ:« ئوبدان بالام، يۈگۈرۈپ ماۋۇ ئاشنى چوڭ ئاناڭغا ئاپىرىپ بەر. ئاش سوۋۇپ كەتسە چوڭ ئاناڭنىڭ دۇئاسىنى ئالالماي قالىسەن، يۈگۈرۈپ بىرىپ ،يۈگۈرۈپ كەل!» دەيىتتى. قۇلقى يۇمشاق كىرەم ئاشنى ئىسسىق پىتى ئىلىپ بارىمەن دەپ پىلدىرلاپ يۈگۈرۈپ ماڭاتتى. چوڭ ئانىسى ئىسسىق ئاشنى ئىچىپ ئۇنىڭغا ۋە ئانىسىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ بولۇپ « تاتلىق نەۋرەم، قارا كۆز نەۋرەم» دەپ ئەركلىتەتتى. قولغا قۇيماقتەك ساپسىرىق، شىرىن قاقلارنى تۇتقۇزۇپ:«بىچارە ئاناڭ ئەنسىرەپ قالمىسۇن، يۈگۈرۈپ-يۈگۈرۈپ ئۆيۈڭگە كەتكىن، بىركىملەر ئېتىڭنى چاقىرسا ئالدى-كەينىڭگە قارىمىغىن» دەپ تاپىلايىتتى.كىرەم ئانىسىنىڭ چۆچەكلىرىدىكى دەرەخ ئۈستىگە چىقىپ ئولتۇرىۋالدىغان، مەھەللىدىكى ھەممە ئادەمنىڭ ئېتىنى بىلىدىغان جىنلارنىڭ ئۆزنى تۇتۋىلىشىدىن قورقۇپ، ئالدى-كەينىگە قارىماي ئۇدۇل ئۆي تەرەپكە چاپاتتى. ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى مۇسا ھاجىمنىڭ ئوغۇللىرى ئاچقان« ھۈسەيىنىيە» مەكىتىپىگە ئوقۇشقا كىردى. ئۇ مەكتەپكە كىرگەن تۈنجى كۈنى تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئۇنى يىتىلەپ ئىسسسىق مۇنچىغا ئەكىرىپ يۇيۇندۇرغىنى، سارغۇچ ماتادا تىكىلگەن مەكتەپ فورمىسىنى كىيدۈرۈپ قويغىنى ئۇنىڭ ئېسىدىن زادى چىقمايدۇ. ئۇ، مەكتەپ ھاياتىغا تېزلا ئۆزلىشىپ كەتتى. بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ يۈگۈرۈك، چەبدەسلىكى بىلەن تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيىتىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈندى. مەكتەپ مۇدىرى تۇرسۇن ئەپەندى تۈركىيىنىڭ داڭلىق بىلىم يۇرتلىرىدا ئون يىللاپ ئوقۇپ كەلگەن ئالىي مەلۇماتلىق، بىر نەچچە خىل چەت ئەل تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ھەممە ئادەمنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر كىشى ئىدى. ئۇ يەنە چېنىققان تەنتەربىيىچى، ئۇستا توپچى ئىدى. بىر قىتىم كېرەم كىچىك 100مېتىرغا يۈگۈرۈشتە بىرىنچىلىكنى ئالغاندا، شۇ ئەپەندىم ئۇنىڭ باش-كۆزىنى سىلاپ «بارىكاللا ئوغلۇم، ئاتاڭغا رەھمەت، خۇدا خالىسا مۇشۇ يۈگۈرۈك پۇتلىرىڭ بىلەن ھەممەمۇراد-مەقسىتىڭگە يېتىسەن» دەپ پىشانىسىدىن سۆيگەنىدى. ئۇ سەل چوڭ بولغاندا تۇرسۇن ئەپەندى ئۇنى قولىدىن يىتىلەپ ئاپىرىپ مەكتەپ پۇتپول كوماندىسىدىكىلەرگە؛ «مانا بۇ يىگىت ئۇزاققا بارمايلا ناھايىتى ياخشى بىر ھۇجۇمچى بوپقالىدۇ»دەپ تونۇشتۇردى. ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنىڭ ئەس-يادى پۇتپۇلغا باغلاندى. ئۇ، «كېرەم توپچى »دېگەن نامغا ئاشۇ مۇشتەك ۋاقىتلىرىدىلا ئېرىشتى. تۇرسۇن ئەپەندى ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مىھرىبان، ئەڭ قەدىرلىك، شۇنداقلا كۆزيەتكۈسىز ئۇلۇغ ئادەم ئىدى.
ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئانىسى نامازغا قوپقاندا كېرەم كىچىكىمۈ تەڭلا ئورنىدىن تۇراتتى. ئالدىراپ ناشتا قىلىۋېلىپلا مەكتەپكە يۈگرەيتتى. ئۇ ئەمدى جىندىن قورقمايدىغان بوپ قالغان ئىدى. مەكتەپكە بالدۇرراق بېرىش ئۈچۈن باغلارنىڭ شورلىرىدىن ئۆمىلەپ كىرەتتى. قاشالاردىن ئاتلاپ، ئۆستەڭلەرنى كېچەتتى. بەزىدە ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن يوغان بۆرە ئىتلار چىقىپ ئۇنى قوغلاپ كېتەتتى. تاپانلىرى يەرگە تېگەر-تەگمەي دېگۈدەك يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان كېرەمنىڭ ئارقىسىدىن بىردەم قوغلاپ بېقىپ، ئۈمىدسىزلەنگەندەك توختاپ قېلىشاتتى. تاڭ نۇرى ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم ئاسمانپەلەك پەشتىقىنى، پەشتاق يېنىدىكى ئاپئاق ئاقارتىلغان سىنىپلارنى، توپ مەيدانىنى، مەكتەپ ۋە مەيدان ئەتراپىدىكى قويۇق تېرەكلەرنى غۇۋا يورۇتۇشقا باشلىغاندا ئۇ مەكتەپكە يېتىپ كېلەتتى. ئۇ ھەرقانچە بالدۇر كەلسىمۇ مەيداندا ئۆزىدىن بۇرۇن كەلگەن تۇرسۇن ئەپەندىنى كۆرەتتى. ئاق كۆڭلەك كىيگەن، ئوتتۇرا بوي، خۇشپىچىم كەلگەن تۇرسۇن ئەپەندى ئۇنى كۆرۈپ:
_ تىنچ قوپۇپسەنمۇ ئوغلۇم؟ _ دەپ سورايتتى.
_ تىنچ قوپتۇم، ئەپەندىم، سىزمۇ تىنىچ قوپۇپسىزمۇ؟_ دەپ سورايتتى كېرەم كىچىك بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ. تۇرسۇن ئەپەندى ئۇنىڭ جاۋابىغا مەمنۇن بولۇپ كۈلۈپ كېتەتتى. كېرەم يۈگۈرۈپ بېرىپ دەرەخكە ئېسىپ قويۇلغان توپ خالتىسىدىن توپنى ئېلىپ كېلەتتى. بۇ، تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزى قەشقەردىكى موزدۇزلارغا بۇيرۇتۇپ تىككۈزگەن سارغۇچ تېرە توپ ئىدى. خالتىدا يەنە توپچى بالىلارنىڭ ئانىلىرى كونا تۇماق، بۆكلەرنىڭ ئىچىگە سامان، زىغىر پاخىلى سېلىپ تىكىپ بەرگەن توپلارمۇ بار ئىدى. ئادەتتە توپ ئوينايدىغان ھەرقانداق بالىنىڭ چەكمەن چاپان تىكىدىغان قىل رەختە ياكى قېلىن ماتادا تىكىلگەن توپى بولاتتى. ئۇلار ئۇنى ھويلىدا، يوللاردا، خاماندا تېپىپ ئوينايتتى. مەھەللىدىكى ئۇششاق بالىلارمۇ ئۇلارنى دوراپ ئانىلىرىغا ھەرخىل بۇرۇچ رەختتىن گۈل تەپچىلەنگەن توپلارنى تىكتۈرۈپ ئويناپ يۈرىشەتتى.
تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن كېرەم كىچىك بىر-بىرىگە پاس بېرىپ، توپنى پۇت، بەل، مۈرە، باش بىلەن توسۇشنى مەشىق قىلاتتى.
تۇرسۇن ئەپەندى توپنى پىرقىرىتىپ پۇتىنىڭ ئۇچى، دۈمبىسى، تىزى، تاپىنى بىلەن تەپكۈچ تەپكەندەك تېپىپ، گاھ تىزىنىڭ ئارىسىدىن، گاھ مۈرە، قولتۇقىدىن چىقىرىپ ھۈنەر كۆرسىتەتتى. توپ خۇددى ئۇنىڭ بەدىنىگە چاپلىشىپ، ئۇنىڭغا ئۈنسىز ئىتائەت قىلىۋاتقاندەك كۆرنەتتى. مەيداننىڭ ئىككى بېشىدا كېسەك بىلەن ياسالغان ۋاراتا بار ئىدى. تۇرسۇن ئەپەندى توپ تەپسە، كېرەم ۋاراتار بولاتتى. كىچىكلىكىگە، بويىنىڭ پاكارلىقىغا باقماي يىقىلىپ-قوپۇپ، دومىلاپ يۈرۈپ توپنى تۇتۇۋېلىشقا تېرىشاتتى. ئۇ توپ تەپكەندە تۇرسۇن ئەپەندى ۋاراتار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەربىر توپ، ھەربىر ھەركىتىنى ماختاپ ياكى تۈزىتىپ تۇراتتى. بارا- بارا مەيدانغا ئابدىراخمان ئەپەندى، ئالىز ئەپەندى، مەسئۇد ئەپەندىلەر، پۇتبول كوماندىسىدىكى ئەنىۋەر، ئىبراھىم،غوپۇر، پەخرىدىن، تۇرسۇن قارى، بېشىراخۇنلار يىغىلاتتى. ئابدىراخمان ئەپەندى بىلەن ئەنۋەرمۇ قالتىس توپچىلاردىن ئىدى. بولۇپمۇ قاش-كۆزى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان مەڭزى قىزىل كەلگەن ئەنۋەرنىڭ تەپكەن توپى زايا بولمايتتى. شۇڭا ھېچقانداق مۇسابىقە ئەنۋەرسىز قىزىمايتتى


مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر باشقا تېمىلار
مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر (1)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(2)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(3)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(4)مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(5)
مەشئەل كۆتۈرگەن كىشىلەر(6)