باش بەت / ساقلايمەن

ئالتە قىرلىق تاش(06)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-11-19 05:14 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئالتىنچى باب


خاتىمە


قاسىم قۇرچى باشچىلىقىدىكى تاش قازغۇچىلارنىڭ غەلبە خەۋىرى تۇرپان ئارىسى مەھەللىسىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، قوشنا يېزا-مەھەللىلەرگە پۇر كەتتى. چۆلتاغقا كىرىپ تاش قېزىش قىزغىنلىقى يەنە بىر بالداق يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. ئەمما قاسىم قۇرچى باشچىلىقىدىكى بۇ ئەزىمەتلەر چۆلتاغقا قايتا بارمىدى. ئۇلارنى دەسلەپ« بەك نامرات، بۇلار بىلەن بارساق، تاش ھەرگىز چىقمايدۇ. دۇنيا دېگەن دۆڭگە قونىدۇ» دېيىشىپ زاڭلىق قىلىپ، ئۇلارغا قېتىلمىغان«بىر-بىرىدىن قۇۋ، ئەقىللىق» ھەم ھاللىق تۇرمۇشتىكى بۇ بىر توپ كىشىلەر چۆلتاغقا ئايرىم تاش قازغىلى بارغان بولسىمۇ، ئاقىۋەت ھېچنېمە تاپالماي، سوغۇقنى يەتكۈچە يەپ، جاپانى بولۇشىچە تارتىشىپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ نىمجان قايتىپ كەلگەنىدى. ئەسلىدە ئۇلار چۆلتاغدىن رايى قايتىپ يۇرتقىمۇ قايتماي، غەربى جەنۇبتىن ئۈزلۈكسىز شىمالغا قاراپ ئىلگىرلەپ، تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدىن قالماق گۆرلىرىنى مىڭ بىر جاپادا تاپقان بولسىمۇ، بىرەر تال يارماقمۇ تاپالماي، جېنىنى ئاران ئېلىپ قۇرۇق قول قايتىشقا مەجبۇر بولغانىدى.
شۇنداق ئەمەسمۇ، تاماگەرلىكتىن ئۈزگەن مېۋە شۇنداق ئاچچىق، بەئەينى زەھەردۇر. ھالال تەردىن يېگەن زاغرىنىڭ تاتلىقلىقىغا ھەسەل ۋە شېكەرنىڭ لەززىتىمۇ تەڭلىشەلمەيدىغىنىغا چىن پۈتكىن.
قاسىم قۇرچى باشچىلىقىدىكى بۇ قەيسەر ئەزىمەتلەرنىڭ ئالتە قىرلىق تاش بىلەن كەلگەن خۇشاللىق كۈلكىلىرى ئۆي-مەھەللىلەردىن تاراپ، ئېتىز-قىرلاردىمۇ جاراڭلاپ، قۇشلارنىڭ ناخشىسىغا ئايلىنىپ كەتكىلىمۇ يىگىرمە نەچچە يىل بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شۇ ئالتە قىرلىق تاشتەك چوڭقۇر قارا تۇپراق قوينىغا كىرىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ، بايلىق ئىزدەپ بىراقلا باي بولۇش قىزغىنلىقى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇپ غۇۋا شېرىن ئۆتمۈشكە ئايلاندى، خالاس.
قاسىم قۇرچىنىڭ قىزىق ھېكايىلىرى تېخى تۈگىگىنى يوق. ئۇ ئېيتقان چۆچەكلەر مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ بىر كۈچلۈك ئارزۇ، جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھاياتلىق بۇلىقى!


(تامام)
«تۇرپان» ژۇرنىلى 2011يىلى 3-ساندىن ئېلىندى. 

 


ئالتە قىرلىق تاش باشقا تېمىلار
ئالتە قىرلىق تاش(01)ئالتە قىرلىق تاش(02)ئالتە قىرلىق تاش(03)ئالتە قىرلىق تاش(04)ئالتە قىرلىق تاش(05)
ئالتە قىرلىق تاش(06)