باش بەت / ساقلايمەن

ئالتە قىرلىق تاش(02)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-10-5 03:04 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: «تۇرپان»ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئىككىنچى باب

1


يوغان داشقازانلار چېقىلىپ كوپىراتسىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى دېھقانلارغا كىشى بېشىغا تەقسىملەپ بېرىلگەندىن كېيىن، تۇرپان ئارىسىلىقلارنىڭمۇ تۇرمۇشى ۋە روھىي ھالىتىدە باشقا جايلاردىكى دېھقانلارنىڭكىگە ئوخشاش ئاجايىپ بىر ئۆزگىرىشلەر بولدى.

باي بولۇشقا ئىنتىلىش نەقەدەر شېرىن تۇيغۇ –ھە؟ ئۇزۇن يىللىق نامراتلىق ھەسرەتلىرىنىڭ قارا داغلىرى كۆڭۈللەردە تېخىچە ئۇيۇتما ھالەتتە ئىدى. ئاچارچىلىق يىللىرىدىكى قاباھەتلىك كۆنلەرمۇ كەلمەسكە كەتتى، ئەمما ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا ئېلىپ كەلگەن سوغۇق قارا تۇمانلىرى تېخىچە تۇلۇق تارقاپ كەتكىنى يوق. شۇڭغىمۇ تۇرپان ئارسىلىقلارنىڭ بەزىلىرى يەنىلا كىشى بېشىغا كەلگەن1.5مو يەرنىڭ كۆپ قىسمىغا بۇغداي-قۇناق، ئاز بىر قىسمىغا كېۋەزلا تېرەتتى.بۇلارچە بولغاندا،قورساققا مۇھىمى پۇل ئەمەس، ئاشلىق بىلەن ماي ئىدى.پەقەت يىراقنى كۆرەر كىشىلەرلايەرلىرىگە تەك قىلغان. ئومۇمىي نوپۇسقا سېلىشتۇرغاندا، ئۇلار ئاندا-ساندا بولۇپ، يوقنىڭ ئورنىدا تۇراتتى.بۇنداقلار پەقەت ئەينى چاغدىكى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىلھامى بىلەن رەخت-پېچەك سودىسىغا يۈرۈش قىلغانلار ئىدى.باي بولۇش ئارزۇسى پۈتۈن دېھقانلارنىڭ كۈندىلىك پارىڭىدىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ قالغانىدى.بۇ چاغلاردا تېلېۋىزورلارمۇ مەھەللىلەردە ئاندا-ساندا پەيدا بولۇۋاتقان، ئېلىمىزنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى، ياپونغا قارىشى ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن ئىنقىلابىي كىنولىرى ۋە يېڭىدىن پەيدا بولغان چامباشچىلىق فىلىملىرى، ئامېرىكىنىڭ بايلىق ئىزدەش تېمىسىدىكى ئاجايىپ-غارايىپ فىلىملىرى، ھىندىستان، پاكىستان، چاۋشيەن ۋە سابىق يۇگوسلاۋىيىنىڭ نادىر كىنولىرى ئۈستى ئوچۇق كىنوخانىلارداقۇيۇلاتتى.بۇ توغرىسىدا پاراڭلار تۈگەپ يەنىلامەھەللە دوقمۇشلىرىدا، ئۆي-ئۆيلەردە «كىملەرنىڭدۇ قالماق گۆرلىرىنى قېزىپ، ئالتۇن-كۈمۈش تېپىۋېلىپ بىر كېچىدىلا باي بولۇش»دەك ئەپ-قاچتى ھېكايىلەر سۆزلىنىدىغان، ھەرقانداق گەپنىڭ ئايىغى ئاخىرى بېرىپ مۇشۇنداق تاتلىق-تاما گەپلەر بىلەن تاماملىنىدىغان بولۇۋاتاتتى.ھەممە كىشى ئاشۇنداق تەييار بايلىققا ئېرىشىپ، بىراقلا باي بولۇشقا ئىنتىزار ئىدى.

كونا دوقمۇش بۈگۈنمۇ ئاۋاتلاشقان، جىمىكى پاراڭلارنىڭ قىزىقى مۇشۇ يەردە چىقسا كېرەك. پاراڭ ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۈچەيلىرى خېلى ئەۋرىشىم بولمىسا، قاتتىق كۈلگەندە بەرداشلىق بېرەلمەي يېرىلىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.

-ئابلىزجىرتاق مەتنىياز دادۈيجاڭنى باشلاپ، بىر قەدىمىي قالماق گۆرلىرىنى قېزىپتۇدەك،-دېدى بارات تاز كېكەچلىگىنىچە تاز بېشىنى قاشلاپ تۇرۇپ.

-ئالتۇن تېپىپتىمۇ؟-چاققان دېگىنە تاز، تىلىڭنى قاغا چوقۇۋالمىغاندىكىن،-دېدى ھەممىدىن بەكرەك تەقازا بولغان مۆمىن ئىسىملىك ياشانغان دېھقان تامىقىنى تامچىپ.

-ئالتۇننى تاپمايچۇ، بىراق تۇيۇقسىز ئالدى بىلەن ئالتۇن ئېلىشتا«قان قېلىش»مەتنىياز دۈيجاڭنىڭ خىيالىغا كېلىپ قاپتۇ.ھەرنېمە دېگەن بىلەن كۆپنى كۆرگەن ئادەم –دە! نېمىنى قان قىلىش كېرەك؟ قان قىلىشقا ئاتاپ ئېلىپ كەلگەن توخۇسى تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغانىكەن. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، ئۇلار ئېشىكىنىڭ بىر پۇتىنى تىلىپ، قان ئېقىتىپتۇ، ئاندىن ئابلىز جىرتاق ئۆلۈك توخۇنى مەتنىياز دادۈيجاڭغا تۇتتۇرۇپ گۆرگە ساڭگىلىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ، ئۆزى گۆرگە چۈشۈپتۇدەك.قارىسا، بايا تەڭ كۆرۈشكەن ئالتۇن-كۆمۈش، ئۈنچە-مارجانلار چېچىلىپ ياتقان ئورنىدا يوق تۇرغۇدەك. ئاچچىقىدا ئىككىلىسى بىر-بىرىدىن گۇمانلىنىپ، ياقا سىقىشىپ گۆرنىڭ ئىچىدە ئۆلۈشۈپ قالغىلى تاسلا قاپتۇدەك.

-چوقۇم بىرى ئىچ -زاسۈيىنى بۇزۇپ يوشۇرۇپ قويغان گەپ، بولمىسا ئالتۇنلار نەگە كېتىدۇ-ھوي،-دەپ گەپنىڭ بېلىگە تەپتى بوجىغۇر ساقاللىق ئات يۈز بىر دېھقان.

-شۇ ئىشتىن كېيىن ئابلىزجىرتاقنىڭ ئېغزى مايماق، مەتنىياز دادۈيجاڭنىڭ قولى تىترەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، توۋا دەيمەن.

-ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان گالۋاڭ،-دەپ تەنبىھ بەردى ئۇزۇندىن بۇيان جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ تۇرغان ماشرەڭ ھەربىيچە چاپان كىيىۋالغان يۈسۈپ قارىي.

-مانا مەن ئۇلارنى ئوقۇپ، تەگكەن قالماق ئوچۇقلىرىنى قوغلىغان، توۋا دەڭلار جۇمۇ.قالماق جېنى شۇنداق يامان نېمىكەن، ئۆلۈك مالغا ئەسلا قاراپ قويمىغۇدەك.ئۇلارمۇ ئالتۇن ئالىدىغان بولغاندىكىن بىرەر ئوغلاقنىڭ مېھرىدىن كەچسىمۇ بوپتىكەن.

-قالماق جىنلىرى ئۆلۈك توخۇ بۇلامدۇ، ئېشەك قېنى بولامدۇ ئۇلارغا بەرىبىرغۇ.قارىي دېگەنىغوي،-دېدى بارات تاز ئاچچىقلاپ،-«ئەستاغپۇرۇللا ۋەلىكىن، ئىسسىق پوشكال نەدىكىن؟»دەپ بىرنېمىلەرنى ئوقۇپ، گالنىڭلا غېمىنى قىلىپ يۈرىدىغان بىر ھەق.

-ئاغزىڭ مايماق كېتىدۇ بىكار، ھۇ ئىمانسىز!

-مۇنداقلا چېقىشىپ قويسام، جاغال ئۆچكىدەك سەكرەپ تاقلىغىلى تۇردۇڭغۇسەن!

-كۆكۈيۈن چېقىۋالغان قېچىردەكئاچچىقىڭلار ئەجەب يامانغۇ،-ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىر كۆرۈشۋېتەيلى-دەپ توپقا قېتىلدى 53ياشلار ئەتراپىدىكى بۇغداي ئۆڭلۈك، چىرايى ئىسسىق، ياشلاردەك كۆزلىرىدە ئوت يېنىپ تۇرىدىغان، ئارا بوي، كىچىك چىراي كۆرۈنىدىغان دېھقان.

-كېلە قاسىم قۇرچى،-دېدى سېتنىياز ئۇستا سارغىيىپ پىشقان كاۋىدەك چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ،-بۇ يەردە ئۆزىلىرى كەم قالغان ئىدىلە،-دېگىنىچە يوغان ئالىقانلىرىنى ئۇزاتتى.كاۋا لەقەملىك بۇ كىشىنىڭ يېشى 60ياشلاردىن ئاشقان بولۇپ، بۇرۇن قارىماي نېفىت ئوتتۇرا ئەترىتىدە ئىشلىگەن.كان بايلىقلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش بىلىملىرى مۇكەممەل، تەجرىبىسى مول، ئاشلانغان قوي تېرىسىدىن پىنجەك تىكىش ھۈنىرىمۇ قالتىس.چىرايىدىن ئىللىق كۈلكە يىغىپ تۇرىدىغان بىر چىقىشقاق، چاقچاقخۇمار، خۇشپېچىم كىشى ئىدى.قاسىمقۇرچى ئۇنى ھۆرمەت قىلىپ « ئىنژېنېر»دەۋالاتتى.

-يەنە شۇ ئالتۇننىڭ ماجىراسىمۇ؟-دېدى قاسىم قۇرچى ۋەزمىن تەلەپپۇزدا،-ئېنجىنىرىمىزدىن سوراپ بېقىڭلار، ئالتۇن بار يەردە زەھەرلىك يىلانمۇ بولىدۇ. بىز بىرەر ئەمىلى ھەرىكەت قىلمامدۇق، قانداق دېدىم ئۇستام.

-چىقتىملىقلار چۆل تاغدىن ئالتە قىرلىق تاش قېزىپ چىقىپ پۇل تېپىۋاتىدۇ، ھازىر تازا ئوبدان پەيتى، چۆل دېگەن قىشتا ياخشى بولىدۇ، بىزمۇ بېرىپ بىر تەلەي سىناپ باقمامدۇق-ھە؟!

-پۇلغا يارايدىغانلىقى بولسا بارساقمۇ بارايلى.

-بەك بەلەن بولدى، ئىسمائىلجۈجەك تۇل بولغاچ، رۇخسەت سوراشنىڭ ھاجىتى يوق. بىزغۇ بالا –چاقىلىرىمىز بار ئادەم.

-بويتاق-دە، خاۋارىچ!سەنغۇ خوتۇننىڭ تۈكۈرۈپ قويغان تۈكۈرۈكى سىڭىپ بولغۇچە ئۆيىگە يۈگرەيدىغان بىر لومودى.

-ھاي-ھاي، سەت گەپنى قويۇڭلار، بارىدىغانلار بولسا، خوتۇنۇڭلاردىن سوراپ ئولتۇرمايلا ھازىرلا ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلىپ قول بېرىڭلار.مانا مەن ئۇستام بىلەن سىلەرنى باشلاپ ئاپىرىمەن!چۆلتاغ دېگەن يەرنى بەش قولدەك بىلىدىغان ئىنژېنېرىمىزبار تۇرسا، نېمىدىن غەم قىلىسىلەر، قانداق دېدىم ئۇستام؟-دېدى قاسىم قۇرچى كەسكىن تەلەپپۇزدا.

- دېگەندىمۇ جىڭ موما يېگەندەك دېدىلە! ئەكېلىڭ شۇ مۇبارەك قولىڭىزنى بىر سىقاي،-دېدى سېتنىياز ئۇستا ھەييارلىق بىلەن ھىجىيىپ.

-مەنغۇ خوتۇندىن ھەرگىز قورمايمەن، ئەمما چۆل دېگىنىغۇ سايىسىنى ھەمراھ، قۇيرۇقىنى قامچا ئېتىپ يۈرىدىغانلار بارىدىغان جاي، مەن ئۇنداق جايغا ئەسلا بارمايمەن،-دېدى باسىت مۇجاڭ ياڭيۇدەك تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ.

-مەن خوتۇندىن قورقمايمەن، ئەكېلىڭلار قولۇڭلارنى!

-مېنىڭ يېگىنىم ئالدىمدا، يەيدىغىنىم كەينىمدەئادەممەن،-دەپ ئېزىلەڭگۈلۈك بىلەن ئىنجىقلاپ سۆز قاتتى يوغان يۇلپى كەلگەن دېھقان تەڭنىدەك قورسىقىنى سىلاپ تۇرۇپ.

-تەڭنەم چېقىلىپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرەيسەنغۇسەن، -دېدى بارات تاز قورسىقىنى سىلاپ.

-ئۇمىچىڭنى ئىچە، بېشى قىچىشسا، قورسىقىنى تاتىلايدىغان گالۋاڭ تاز!

-مېنىۋاغۇ ئاپام تۇمشۇقلۇققا چوقتۇرماي، قاناتلىققا قاقتۇرماي چوڭ قىلغان جۇمۇ، بىلىپ قوي.

-توغرا دەيسەن، شۇڭا بېشىڭغا قاغا قۇنۇپ، ماياقلاپ قويغاچ، ئاختارمىلىقتىكى پوق چالمىسىدەك پۇلتىيىپ قالغانكەندە!

-ھاي-ھاي! تۇرپاندا پاراڭ تولا، پىچاندا ساراڭ، دېگەندەك قىلماڭلارچۇ!

-ئوغۇل بالالەۋزىدە گەپ، لەۋزىدە تۇرماسنىڭ كۆتىگە تەپ،-دېدى قاسىم قۇرچى ئۇلارنىڭ كىچىك بالىلاردەك قىلىقلىرىغا قاراپ كۈلكىسىنى باسالماي كۈلۈپ تۇرۇپ،-بېرىشنى خالايدىغانلار بىر ئۆيگە كىرىپ جىڭ گەپنى قىلايلى.

-شۇنداق قىلايلى، يۈرۈڭلار.

مۇشۇنداق بىر قاتارتالاشتىن كېيىن، بارات تاز، باسىت مۇجاڭدىنباشقا،«خوتۇنىدىن راست قورقمايدىغان»يەتتە دېھقان قەسەملەشكەن پالۋانلاردەك ئۆزئارا قول بېرىشىپ زۆرۈر پىلان-مەسلىھەتتنى قىلىشقا قاسىم قۇرچىنىڭ ئۆيگە ئالدىرىدى.


2


بارلىق تەييارلىق ئىشلار پىلان تەرتىپى بۇيىچە ھەربىر كىشىگە ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولغاچ، تېز تۈگىدى.بۇ ئىشلارغا پەقەت ئۈچ كۈنلا ۋاقىت كەتتى.يىگىرمە سەككىز ئاتلىق چوڭ تراكتور توچىيىنىڭ ئۈستىنى بىر پارچە چېدىر كانىپىنى بادىر-توخماقلارنىڭ ياردىمى بىلەن چۈمكەپ، سىم-چېگە ئارغامچىلار بىلەن چىڭ چىگىپ تاڭغاندىن كېيىن، ئاي بىلەن كۈننىڭ تولغان، قىشنىڭ قۇتلۇق سەھىرىدە، كەسكەن چۆپ-گۆش، ماي، تۇز، كۆكتات، سۇ-مۇز پارچىسى، چەيداۋ-پىچاق، ئاشتاختا، قاچا-چىنە، چوكا، دورا-دەرمەك، يوتقان-كۆرپە، ياستۇق، يىڭنە-بىگىز، يىپ، تەلەڭگە، چۆگۈن، موزا كېسىكى، بېنزىن، پارتلاتقۇچ

دورا، سەرەڭگە، ئوتۇن-كۆمۈر، سىم-ئارغامچا، گۈرجەك، جوتۇ، بازغان، بولقا، ئامبۇر، مىق-تۆمۈر پارچىسى، لوم تۆمۈر، ئامبۇر، ئەتۋىركە ئىشقىلىپ يېتەرلىك لازىمەتلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئالدىن خاتىرىگە ئېلىنغان تىزىملىك بۇيىچە، بىر-بىر سانىلىپ رېتى بىلەن تراكتورغا قاچىلاندى.

-ئۇستام، تاغار ئېلىۋاپتىلاغۇ،-دېدى قاسىم قۇرچىتەئەججۈپ بىلەن ساۋۇت مەزىننىڭ قولىغا قاراپ.

-ئۈكەم، مەن بىر تاغار تاش ئالساملا بولدى.

-مەزىن مالكام قارىغاندا، ئالتە قىرلىق تاش ئىزدەشنى شېغىل تاسقىغاندەكلا ئالىدىغان ئىش دەپ قاپتىلا -دە!

-ھا، ھا............................................................

-مەسچىتىدە ئەزىنىنى ئېيتىپ ساۋابىنى تاپماي، بۇ كىچىك بالىدەك ئىش بىلمەس قېرىغا نېمە باركىن-تاڭ؟!-دەپ غودۇڭشىدى دوغىلاق بۇغداي ئۆڭلۈك دېھقان يەنە نارازىلىقىنى ئوچۇقلا ئېيتىپ.

- ساقالغا بولسىمۇ ھۆرمەت قىلايلى، مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈندىمۇ سوغۇق سۇ چاچقان بارمۇ؟ مەزىن ئاخۇنۇم ھەرقايسىڭنىڭ ئامان-ئېسەنلىكى ئۈچۈن چۆلتاغدا ئەزان ئېيتىدۇ.بولمىسا غايىب شەھەردىن قانداقلارچە گۆھەر ئالغىلى بولىدۇ، شۇنداقمۇ مەزىن ئاخۇنۇم.-دېدى قاسىم قۇرچى كۈلكىسىنى زورىغا بېسىۋېلىپ.

- ھى، ھى... مەن.. ئەمدى شۇ، خۇدا بۇيرۇسا شۇنداق بولسا دەپچۇ،-پوكاندەك قىزىرىپ كەتكەن ساۋۇت مەزىن ئويلىمىغان يەردىن ساقىلىنىڭ چوڭلۇقىغا يارىشا، كىچىك بالىدەك ئوي-خىيالى بىلەن ئەلە-مەلە ئالدىدا بۇنداق كۈلكىگە قالغىنىغا قاتتىق ئىزا تارتقان ئىدى.ئۇنىڭ سارغۇچ چىشلىرى تاتىراڭغۇ ئەتسىز يۈزىدىكى سانسىز قورۇقلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، يا يىغلىغىنىنى، ياكى كۈلگىنىنى بىلگىلى بولمايتتى.سېتنىياز ئۇستا قۇدىسىنىڭ بۇ ساددا ھالىتىنى كۆرۈپ، يەنە بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلىپ، كۈلكە –چاقچاق بىلەن ئۇنى ئوسال ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرغان بولدى.

قاسىم قۇرچى باشچىلىقىدىكى بۇ بايلىق قېزىش ئەتىردىكىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرى پۈتۈن مەھەللە ۋە قوشنا مەھەللىلەرگە پۇر كەتتى.بەزىلەر ئۇلارنى قۇرۇق خىيالغا بېرىلگۈچىلەر دەپ مەسخىرە قىلسا، يەنە بەزىلەرنىڭ ئۇلار بىلەن بارالمىغىنىغا كۆڭلى يېرىم بولۇشۇپ، باتناپ قىيداپ يۈردى.نېمىلا دېگەن بىلەن، بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىز تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ، زور غەيرەت بىلەن بۇ قېتىملىق زور تەۋەككۈلچىلىككە ئۆزلىرىنى ئاتاپ قويغان ئىدى.كەلمىش قىسمەتكە بەندىنىڭ ئامالى يوق، قانداق كەلمىشلەر ئۇلارنى ساقلاپ تۇرىدىكىن؟


ئالتە قىرلىق تاش باشقا تېمىلار
ئالتە قىرلىق تاش(01)ئالتە قىرلىق تاش(02)ئالتە قىرلىق تاش(03)ئالتە قىرلىق تاش(04)ئالتە قىرلىق تاش(05)
ئالتە قىرلىق تاش(06)