باش بەت / ساقلايمەن

ئالتە قىرلىق تاش(05)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-11-18 13:31 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

بەشىنچى باب


1


- توۋا، تۇخۇم بۇسۇرغان مېكىياندەك نەق بايلىقنىڭ ئۈستىدە يېتىپتۇ، بۇلار؟
- خىھ، خىھ .... ئارىمىزدا كۈرۈك مېكىيان بارلىقىنى نەدىن بىلىۋالغاندۇ بۇ؟- دوغىلاق ئىسمائىل جۈجەككە قارىتىپ پىخىلداپ كۈلۈۋەتتى.
- شۇ ئەمەسمۇ،- دېدى ئىسمائىل جۈجەكمۇ ئالا-سېرىق بولغىنىچە كېكەچلەپ دوغىلاققا دارتمىلاپ تۇرۇپ،- پور كۆتەكتەك دومىلاپ-دومىلاپ مۇشۇ ئازگالغا چۈشۈپتۇق، شۇ.
- ھى، ھى..«ئالتۇن ياتىدۇ سايدا، تونۇمىساڭ نېمە پايدا» دېگەنمۇ راستكەن، دېسىلە،- دېدى سېتنىياز ئۇستىمۇ ھاياجاندىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي.
- شۇنداق ئەمەسمۇ، 20-30 كۈن سوغۇق يەپ قۇرۇق قول قايتىدىغان بولدۇق- تە، ئىسىت!
- ئاراڭلاردا بۆرە ئوشۇقى ئاسقانلار بولغان بولسا، سىلەرگىمۇ ئالتە قىرلىق تاش ئۇچرايتىمىكىن.
- تاشنى ئالغۇچە، ئاۋۋال، قان قىلغانسىلەر-ھە؟
- ..........................................
ئەتراپتا تاش قازغاننى تاماشا قىلىپ كېلىدىغانلار مۇشۇنداق قىزىق گەپلەر بىلەن ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇزاققا بارماي، بۇنداقلار خۇددى يەردىن ئۈنگەندەكلا كۆپىيىپ كەتتى.
دوغىلاق بىر تەرەپتىن ئىسمائىل جۈجەك بىلەن گەپتە چېقىشىپ، ئەتراپتىكىلەرنى كۈلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەتراپتىكىلەر تاشلاپ بەرگەن بازغاننى ئىسمائىل جۈجەك تۇتۇپ تۇرغان لوم تۆمۈر قوزۇققا غۇلاچلاپ ئۇراتتى. ئىسمائىل جۈجەك دوغىلاقنىڭ دىققىتىنى چېچىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان چېغى ئەمدى ئارتۇقچە گەپ قىلماي، پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ سوغۇق تۆمۈرنى چىڭ قاماللاپ تۇتاتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئاق-سېرىق كەلگەن يالپاق يۈزى بىلىنەر- بىلىنمەس مىدىرلاپ پۈرۈشۈپ -تارتىشىپ تۇرۇشلىرىدىن ئۈزلۈكسىز قاتتىق ئۇرۇلىۋاتقان بازغاننىڭ قولىغا تېگىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
باشقا ھەمراھلارمۇ خۇشال-خۇرام ھالدا نۆۋەت بىلەن چوڭقۇرلاپ كىرىپ كەتكەن ئورەكنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ، خۇددى ئۇۋا قېزىۋاتقان توشقاندەك ئەپچىللىك بىلەن تېز ھەرىكەت قىلىپ قېزىپ چىققان يېشىلراق قۇم-شېغىللىق توپىنى يانغا دۆۋىلەپ تاشلايتتى، تاش چىققان ھامان «مانا يەنە چىقتى!»، «ۋاھ، موگودەك غۇچچىدىكەن!» دەپ ۋارقىراشقىنىچە خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ، ئاۋايلاپ ئالاتتى-دە، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلغاندەك ئېگىز كۆتۈرۈپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاندىن كەينىدە تۇرغان ھەمراھىغا سۇنۇپ بېرەتتى. قاسىم قۇرچى مەغرۇر، سالماق تەلەپپۇزدا قايسى تەرەپنى قانداق قېزىشقا كۆرسەتمە بەرگەچ، قېزىپ چىققان خاسىڭدەك، ياڭاقتەك، مۇشتەك، بېلەكتەك چوڭلۇقتىكى سۈپسۈزۈك، چىرايلىق ئالتە قىرلىق تاشلارنىڭ سانى، چوڭ-كىچىكلىكى بويىچە خاتىرىگە ئېنىق يازماقتا ئىدى. ئۇلار مۇشۇنداق كۈنگە قانچىلىك زارىققان بولغىيتتى. ئۇلارنىڭ ھايات-ماماتلىق پەيىتلەردىمۇ ئەزان توۋلاپ، ئاللاھنى يات ئېتىپ نامازنى تاشلىمىغانلىقى تەڭرىنى تەسىرلەندۈرگەنمىدۇ ياكى بىر-بىرىگە مېھىر بېرىپ ئۇيۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىپ چۆلتاغ بىلەن قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشقانلىقى تەڭرىنى تەسىرلەندۈرگەنلىكىدىنمىدۇ؟ نېمىلا دېگەن بىلەن، ئۇلارنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىغا چۇشلۇق ئاجايىپ بىر مۆجىزە يۈز بەردى. بۇ خۇشاللىقلارنى كۆڭۈلگە يوشۇرۇش مۇمكىنمۇ!؟
- پاھ، بۇنىڭ قولى ئاسقاققا ئوخشاش پازىكەنغۇ!
ئازگالنى چۆرىدەپ تۇرغانلار لەۋلىرىنى تامچىپ، شوپۇر يىگىتنىڭ يېلىڭ كىيىنىۋالغىنىغا قارىماي مۇزدەك توپىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، يۇمشاق قۇم-شېغىلنى تارتىۋاتقان تۇرقىغا قاراپ زوقلىنىپ كۈلگىنىچە، قىزىق گەپلەرنى قىلىشىپ، ھەيرانلىق ئىلكىدىكى كۈلكىسىگە يوشۇرۇنغان ھەسەت ئوتلىرىدا پۇچىلىناتتى. دېمىسىمۇ مۇشۇ كۈننى ئۇلار قانچە قېتىملاپ چۈشلىرىدە كۆرگەن ئىدى-ھە؟ قاتتىق سوغۇقتا قانچە كۈنلەپ، بازغان ئۇرۇپ، دورا بىلەن دۆڭلۈكلەرنى پارتلىتىپ، ھېچنېمە تاپالماي، قانچە قېتىملاپ تۇرالغۇ جايىغا ئۈمىدسىز قايتقان ئىدى- ھە؟ چۆلتاغدا يولدىن ئادىشىپ قېلىپ، قانچە كېچە-كۈندۈز ئاچ قورساق، ئۇسسۇز، زار-زار يىغلاپ، تېرە جۇۋىنى يىرتىپ يەپ، سۈيدۈكىنى ئىچىپ يۈرۈپ ئاران ھاياتىنى ساقلاپ قالغان ئىدى –ھە؟ تەقدىر ئۇلارنى نەق ئالتە قىرلىق تاشنىڭ ئۈستىگىلا چېدىر تىكتۈرگەن ئىدى، قىزىق يېرى، تۆگە مىنىپ، تۆگە ئىزدەشتەك ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلار ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالغىلى تاس قالغانغۇ؟ ھېلىمۇ ياخشى، ئۇلار يەنە بىر قېتىم سەپەرداشلار تەرىپىدىن تاسادىپەن ئۇچرىشىپ قېلىشى بىلەن ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالدى. قاسىم قۇرچىنىڭ چېدىرلارنى يىغىشتۇرۇپ قايتقۇچە، قونالغۇ ئورنىنى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم قېزىپ بېقىش غەلىتە خىيالى چۆلتاغقا تاش ئىزدەپ كەلگەنلەردىن ھېچكىمنىڭمۇ خىيالىغا كەلمىگەن بۇ تاسادىپىيلىق ئويلىمىغان يەردىن مۆجىزە ياراتتى. باشقا گۇرۇپپىدىكىلەرمۇ ئۇلارنى كۆرۈپ، چېدىرلىرىنى بۇزۇپ، ئورنىنى شۇنچە چوڭقۇر قېزىۋەتكەن بولسىمۇ، ھېچكىمگە تاش ئۇچرىمىدى.
بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىز جاپانىمۇ يەتكۈچە تارتتى، بىراق شۇنىڭغا لايىق نۇرغۇن تاش قېزىپ، ھالاۋەتنىمۇ شۇنچە كۆرگەندەك بولدى. ئاقىۋەت، بۇنداق ئامەت ھەممىسىگىلا نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ-دە! خەيرىيەت، قاباھەتلىك چۈش بەختىيارلىق كۈلكىسىگە چۆمۈلگەن ئارزۇ رېئاللىققا ئايلىنىپ، خرۇستال جىلۋىسى مىسكىن توپا رەڭ چېھرىلەردە چاقنىدى.
- بىز مۇشۇنچىلىك ئالايلى،- دېدى قاسىم قۇرچى ھاياجاندىن شامالدىكى ياپراقتەك تىترەپ،- ئابدۇللا سىلەرمۇ بۇ جايدىن بىر نەچچە تال بولسىمۇ تاش قېزىۋېلىڭلار، يول خىراجىتىڭلارنى بولسىمۇ كۆتۈرۈپ قالار. سىلەرمۇ بۇ چۆلتاغدا بىز بىلەن ئۇزۇن يورۇپ، سوغۇقنى يەتكۈچە يەپ، جاپانى بولۇشىچە تارتىپمۇ ھېچقانداق تاش تاپالمىدىڭلار. بىزنى ئۆلۈمدىن ئىككى قېتىم قۇتقۇزۇپ قالغىنىڭلارغا بۇ كۆڭلىمىز ئازراقمۇ ياماقچىلىك بولالمايدۇ، قانداق، كۆپچىلىك؟
- جىڭ موما يېگەندەك گەپ قىلدىڭىز ئۈكەم!- دېدى سېتنىياز ئۇستا ئەتەي چاقچاقنىڭ پىلتىسىنى تارتىپ.
- ۋاھ، ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە ئەر باركەن جۇمۇ!
- كۆڭلۈڭلارنى قوبۇل قىلدۇق، مالكا، رەھمەت ھەرقايسىلىرىغا! مەردلىك قىلدىلا!- دېدى ئابدۇللا يوغان ئالىقانلىرىنى ئۇنىڭغا ئۇزىتىپ.
ئەتراپتىكىلەر ئۇلارنىڭ مەردلىكىدىن زوقلىنىپ چاۋاك چېلىپ تەبرىكلەشتى.
شۇنداق ئەمەسمۇ، مەرتلەر نەگىلا بارسۇن ياخشىلىق ئۇرۇقىنى چاچقۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ھەرزامان جەننەت دەرىخى ئۈنۈپ مېۋىلەيدۇ. ئىككى دۇنيالىق ساۋاپ تاپاي دېسەڭ، تەكەببۇرلۇق تونىنى سېلىپ، ياخشىلىق تونىنى كەيگىن. خۇددى سېۋەتتە سۇ تۇرمىغىنىدەك مەردلەرنىڭ قولىدىمۇ مال-دۇنيامۇ تۇرمايدۇ. ئەمما ئۇلارغا خوش بەخت ھەر تەرەپتىن قوشلاپ كېلىدۇ، كۈلۈپ كېلىدۇ، يۈگۈرۈپ كېلىدۇ. چۈنكى مەردلەر ئەل بىلەن بىر چۈشنى ئورتاق كۆرگۈچىلەردۇر. ئەي ئاق كۆڭۈل دوستۇم، نېمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسەن، ئۇلارغا يول بەرگىن، ساخاۋەت نۇرلىرى كەڭ ئالەمگە تارالسۇن!
ئابدۇللانىڭ گۇرۇپپىسىدىكىلەر خۇشاللىق بىلەن ئورەككە سەكرەپ چۈشتى-دە، ئازراق كولاپلا، يەنە چايداندەك چوڭلۇقتىكى ئىككى چوڭ تاش تاپتى. «ۋاھ! نېمە دېگەن يوغان» دېيىشكەنچە باشقا گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ كۆزلىرىمۇ ئالا-چەكمەن بولۇشۇپ ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ كەتتى. يۇمشاق قۇم-شېغىللىق ناسرەڭ توپا تۈگەپ، ئاقۇچ قاتتىق تۇز تۇپراق قەۋىتىلا قالدى. ئۇنى پارتلىتىپ، قارا تەرگە چۆمۈلۈپ يورۇپ خېلى قىزىپ كۆرۈۋىدى، ئۈزۈمچىلىك چوڭلۇقتىكىمۇ تاش چىقمىدى.
- تاش دېگەننى مۇشۇنداق نان يېگەنلەر قازسا بولغۇدەك!
ئېگىز ئورۇق دېھقاننىڭ چىرايى شۇنداق سەت تۈرۈلدىكى، نارازىلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلەشكە خىجىل تارتتى بولغاي، يەنە ئارتۇق گەپ قىلالماي، قاسىم قۇرچىنىڭ پېشىنى تارتىپ قويدى.
- «قىچقارمىغان جايدا پۇتىمىغان چوماق» دېگەن شۇ!- دەپ ئىچىدە غودۇڭشىدى ئىسمائىل جۈجەكمۇ ئۆپكىدەپ قىزىرىپ.
خەيرىيەت، ئۇلارنىڭ قورايدەك قورۇلۇپ قۇرۇپ كەتكەن كۆڭلىنى مېھمانلار سەزمىدى. قاسىم قۇرچىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ سەت قىلىقىنى توغرا چۈشەندى بولغاي، چاندۇرۇپ ئارتۇقچە گەپ قىلماي، ئەتراپتىكىلەر بىلەن بىرمۇ- بىر قىزغىن قول ئېلىشىپ خوشلىشىپ چىقتى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قالغان ئەزالىرىمۇ يانغا چىقىپ شۇ تەرىقىدە خوشلىشىپ، تراكتورغا ئالدىرىدى.


2


ئاقىرىپ سوزۇلۇپ ياتقان چەكسىز ئايدالا. كەچكى قۇياش بۇلۇتلارنى قىزغۇچ رەڭ شايى بىلەن چۈمكەپ، شۇنداق چىرايلىق شەپەقنى ھاسىل قىلغانىدى. كۆپچىلىكنىڭ چۆل تاغقا كەلگەندىن بۇيان، تۇنجى بولۇپ بۇنداق چىرايلىق شەپەقنى كۆرگىنىگە ھاياجانلىنىپ، چىرقىراپ كەتتى. كونا تراكتور نەچچە خالتا ئالتە قىرلىق تاش بىلەن تەلەيلىك قەھرىمانلىرىمىزنى ئېلىپ، قويۇق قارا ئىس چىقىرىپ تات-تات ئاۋاز بىلەن، مۈگدەپ ياتقان چۆللۈكنىڭ چۈشىنى بۇزۇپ يولسىز دالادا يول ئېچىپ ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇلارنىڭ شۇ تاپتىكى خۇشاللىقىغا سوغۇقنىڭمۇ پەركاسى ئۇچۇپ، بوشىشىپ قالغاندەك يالىڭاچلانغان قىلىچىنى تاشلىۋەتكەن بولسا كېرەك. شۇنىڭ تەسىرىدىن كەچقۇرۇنقى تەلۋە شامالمۇ ئاللىقاياققىدۇر شۈمشىيىپ يوقالغانىدى. پاكار-پاكارتۆپىلىك ۋە ئويمان-ئازگاللاردىمۇ ئەمدى قورقۇنچلۇق سايىلەرمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇلارنىڭ چاقچاق- كۈلكىلىرى چاڭ-توزاننى بېسىپ شەپەققە قاراپ سىڭىپ كەتتى. قىزىق يېرى شۇكى، ئۇلارنىڭ چۆلتاغدا ئېزىپ قالغاندا، زار-زار يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان ناخشا زىمىننىڭ تېگىدىن ياڭرىماقتا، ئۇنى ئېيتقان كىشىلەر نەدىدۇ؟!


تاش بىلەن مەسچىت قوپاردۇق،
سايىسىدۇر جايناماز.
ئارىمىزدا موللا يوق،
ئۆلسەك كېتەرمىز بىناماز.
ئا-يارەي............


ئالتە قىرلىق تاش باشقا تېمىلار
ئالتە قىرلىق تاش(01)ئالتە قىرلىق تاش(02)ئالتە قىرلىق تاش(03)ئالتە قىرلىق تاش(04)ئالتە قىرلىق تاش(05)
ئالتە قىرلىق تاش(06)