باش بەت / ساقلايمەن

ئالتە قىرلىق تاش(03)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-10-10 17:11 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: مەنبە: «تۇرپان»ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئۈچىنچى باب

1


كۈن تېرەك بويى ئۆرلىگەندە، شوپۇرنى قوشقاندا جەمئىي يەتتە كىشىلىك بۇ خرۇستال ئىزدەش ئەترىتى ئەلە-مەلە بىلەن خوشلىشىپ، چوڭ ئىرادە بىلەن چۆل تاغقا قاراپ ئۇچقاندەك ئاتلاندى. مەھەللىنىڭ قارىسى يىتكەندە، ئىسمائىل جۈجەكتىن باشقىلىرىنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، ئايرىلغان بوتلىقىغا قىيماي كەينىگە قاراپ بۇزلىغان ياش ھىنگان تۆگىلەردەك ئېغىر كەيپىياتقا چۆمۈلۈپ شۈمشىيىپ قالدى.

-ھەي جۈجەك، ساڭا مېكىيان ئالغىلى ماڭمىدۇق، كۆڭلىمىز بۇزۇلۇپ، ئاران تۇرساق نېمانچە خوش بولۇپ كەتتىڭ،-دېدى سېتنىياز ئۇستا ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.

-ئالتە قىرلىق تاشنى ئېلىپ كەلسەك، مېكىيان ئالىدىغان پۇلمۇ بولىدۇ، ئەمەسمۇ،-دېدى قاسىم قۇرچى چاقچاققا پاس بېرىپ.

كۆپچىلىك شۇنداق قىزىق گەپلەر بىلەن يېزا-كەنىتلەردىن ئۆتۈپ، بوستانلىقلارنى يىراق قالدۇرۇپ قۇمۇل چېگرىسىغا يېقىن كەلگەندە، تاشيولدىن چىقىپ، جەنۇبقا قاراپ يولسىز ئايدالادا ماشىنا-تراكتورلارنىڭ كونا ئىزلىرىنى بويلاپ، چۆل تاغقا قاراپ بۆشۈكتەك چايقىلىپ، ئاستا-ئاستا ئىلگىرىلىدى.مانا مۇشۇنداق تەرىقىدە چۆللۈكتە توپا-چاڭغا مىلىنىپ ماڭغىلى ساقمۇساق ئىككى كۈن بولۇپ قالدى.بۈگۈنمۇ شۇنچە تېز ئۆتۈپ كەتكەندەك كۆزنى يومۇپ ئاچقىچىلاكۈن پەسلەپ، ئەتراپ گۇگۇم ۋاقتىغا كىردى-دە، بىر تال تاماكا چەككۈچە، قورقۇنچلۇق قاراڭغۇ چۈشتى.چىرايلار توپا-چاڭ، ئاچ قورساق، ھارغىن روھتا قاسقاندىكى مانتىدەك زىچ ئولتۇرغان بۇ تەۋەككۈلچىلەر ئويمان-دۆڭلۈك دالاداتولا چايقىلىپ خۇددى دورا تامچىۋاتقان ھاۋانچا تېشىدەك ئېگىز-پەس تەۋرەپ ئاران-ئاران تۇراتتى. ھېچكىمنىڭ بىرەر ئېغىز گەپ قىلغۇسى يوق، نېمىلا دېگەن بىلەن يول ئازابى گۆر ئازابى –دە.ئۇنىڭ ئۈستىگە، كېچىنىڭ سوغۇقى ئۇلارنى بوزەك قىلىپ،ئۆزىنىڭ زېرىكىشلىك كۆڭلىنى ئاچماقتا ئىدى.كىمدۇر بىرىنىڭ خارتىلدىغان خورىكى قوغلىسىمۇ نېرى كەتمەيدىغان بىزەڭ چىۋىندەك بەزى سەپەرداشلارنىڭ ئۇنىڭسىزمۇ ئارامسىز كۆڭلىنى پەرىشان قىلىپ كەيپىنى بۇزاتتى.بۇ بىر ئۇزۇن قەھرىتان قىش كېچىسىنىڭ خۇنۈك چۈشىدەك باش-ئاخىرىنى بىلگىلى بولماس مەۋھۇم سەپەر ئىدى.تراكتورنىڭ قاتتىق تات-تات قىلغان ئاۋازى تۈن قاراڭغۇسىنى يېرىپ، گۈمبەزسىمان ئېگىز-پەس دۆڭلەرنىڭ ئارىسىدىن ئاستا-ئاستا ئۆمىلىمەكتە.شوپۇرنىڭ گازىر كۆزلىرى يۇمۇلۇپ، بېشى قاتتىق سىلكىنگەندىلا، ئاندىن ئالدىغا تېخىمۇ ئېڭىشىپ، كۈچلۈك چىراغ يورۇقىدا مەنزىلنى كۆزىتەتتى.تاڭ يورۇغۇچە بۇ نەس باسقان چۆل يولىدىن كۆزلىگەن دائىرىگە بېرىۋېلىش كېرەك.تراكتورنىڭ ماتورى مۇزلاپ قالسا، جەۋرى-جاپا تېخىمۇ ئاشاتتى.ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرى ئۈچىنچى قېتىمقىسى بولغاچقىمىكىن، ئۆزىگە بەكمۇ ئىشەنچ قىلسا كېرەك، شۇنداق بەخىرامان ئولتۇراتتىمۇ؟ يېنىدا ئولتۇرغان كىشىگە خۇددى ئۇخلاش بىلەن ئويغاقنىڭ ئارىلىقىدا خىيالى تۇيغۇدالەيلىگەندەك ھېسقا كەلتۈرەتتى.ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ساۋۇت مەزىن ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي، ئۇيقۇنى كۆزىدىن نېرى قوغلاپ، يوغان كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ نېمىلەرنىدۇر پىچىرلاپ توشقان يۈرەك ھالەتتە ئولتۇراتتى.تراكتوردىكى يەتتە كىشىنىڭ ئىچىدە ئەڭ قېرىسى شۇ ئىدى.65ياشلار قارىسىنى ئالغاننى بىلەن چىرايىدىن قىران يىگىتلەردە بولىدىغان بىر خىل چاققانلىق، روھىي كۆتۈرەڭگۈلۈك چىقىپ تۇراتتى.ساۋۇت مەزىن سېتنىياز ئۇستىنىڭ قۇدىسى ئىدى.ئۇ لۈكچۈنلۈك بولۇپ، قۇدىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ قېتىملىق بايلىق ئىزدەش تەۋەككۈلچىلىكىگە قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقانىدى.شۇڭنىڭغىمىكىن، يېشىنىڭ چوڭلۇقىنى سەۋەب قىلىپ، بەزىلەر «بىز تويغا ماڭمىدۇق،توڭ يەرنىڭ قاپ بېلىگە غۇلاچلاپ بازغان ئۇرالايدىغان ئەر كېرەك»،«چۆل تاغدا ئاغرىپ-تارتىپ قالغۇدەك بولسا، قانداق قىلغۇلۇق»دېيىشىپ ئۇنىڭ سەپكە قېتىلىشىغا قارىشى چىققان بولسىمۇ، باش گۇرۇپپا باشلىقى قاسىم قۇرچى ساۋۇت مەزىننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىقىنى، مۇھىمى ئۇنىڭ ياشقا چوڭ بولغاچقا، كۆرگەن-بىلگىنى جىق بولىدۇ دەپ ئويلاپ«ھېچ بولمىغاندا، بىزگە بىر ئاشپەز كېرەك بۇلار، ئاشپەزلىك قىلسا بولىدىغۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بارىدىغان جاي ھەقىقەتەن سىرلىق، مەۋھۇم بىر دۇنيا، ئۆلۈم پۇراپ تۇرغان چۆلتاغ. شۇنداقكەن ئارىمىزدا كۆپنى كۆرگەن ۋە مول تۇرمۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان بىرەر ئادەم بولۇشى زۆرۈرغۇ»دەپ كۆپچىلىكنى قايىل قىلىپ، ئۇنىڭ سەپكە كىرىشىگە قوشۇلغانىدى.بىراق ئىسمائىل جۈجەك بىلەن يەنە بىر ئوتتۇرا ياشلىق سېمىز، دوغىلاق كەلگەن «قاۋان»لەقەملىك دېھقان بەكلا نارازى ئىدى. بەزىدە تراكتورنىڭ ئالدى چاقى قىيسىيىپ بىر ئۆلۈك توپىلىق ئازگالغاچۈشۈپ كېتىپ جايىدا تەكرار پىرقىرىغاندا، بۇنداق چاغلاردا قاتتىق سىلكىنىشتىن مۈگدەپ قالغانلارنىڭ باشلىرى قاتتىق چىقىلىپ چۆچۈپ ئويغىناتتى-دە، قالايمىقان ۋارقىراشلارئەنسىز چىرقىرىغان ياۋايى مەخلۇقنىڭكىدەك ئېچىنىشلىق چىقىپ كېتەتتى، بولۇپمۇ «قاۋان»لەقەملىك دوغىلاق دېھقاننىڭ ئاۋازى بەك يۇقىرى ئىدى.ئاچچىقىغا يارىشا، كۈيەڭلىكى بۇنداق كۆڭۈلسىز چاغلاردا چاقچاققا دەسمايە بولاتتى.ئەڭ كۈچلۈك خورەكمۇ شۇنىڭ ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەرسا-سەپرا شۇ مىجەزلىرى بىلەن بارا-بارا ياندىكىلەرگە بىزار قىلىپ، شۇنىڭدەك كېلەڭسىز يوغان بەدىنى بىلەن تراكتورنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ ئورۇننى ئىگىلىۋالاتتى.بۇنداق چاغلاردا سېتنىياز ئۇستا كاۋىدەك سېرىق ئەت دۈگىلەك يۈزىنى بىر قىسما پۈرۈشتۈرۈپ «ياپىر، شۇمۇ كۈن بولدىمۇ؟ پور كۆتەك تاشقىندا لەيلىگەندەك ئەجەب قاتتىق چايقالدۇق»دەپ مۇزدەك سولغۇن چىرايلارنىڭ ئېتىدىن ئەتىيازنىڭ كۈچلۈك شامىلىدەك ئىللىق سېزىملەرنى قېزىپ چىقاتتى.

قىشنىڭ قەھرىگە بىر نېمە دېمەك تەسكەن. ئىزغىرىن شامال قۇم-چاڭلارنى توزۇتۇپ، قىلىچىنى يالىڭاچلاپ بۇ قەيسەر كىشىلەرگە جان-جەھلى بىلەن ئېتىلىپ كېلەتتى.شوپۇرنىڭ كۆزى باغلىنىپ ئاستا-ئاستا رولغا قىيسىيىپ مۈگدەپ قېلىۋاتاتتى.ياندا ئولتۇرغان ساۋۇت مەزىننىمۇ ئۇنى ئاگاھلاندۇرغىدەك ماجالى قالمىسا كېرەك، شۇ تەرىقىدە نىشانسىز ئىلگىرىلەۋاتقان تراكتورغا ھېچكىم دىققەت قىلمىدى.نەگە قاراپ ماڭماقچى، نەگە مېڭىش كېرەك؟ بۇنى شوپۇردىن باشقىلار ھېچنېمىنى بىلمەيتتى، ئۇلار پەقەت يولنىڭ شۇنداق جاپالىق، شۇنداق ئۇزۇنلۇقىنىلا ھېس قىلىشاتتى.دېمىسىمۇ، بۇ يولسىز چۆلدە بىرەر خەرىتە ۋە كومپاس بولمىغان شارائىتتا يەنە كېلىپ ھازىرقىدەك تۈن قاراڭغۇسىدا نە بىرەر ئىزنانى بايقىماق بەسى مۈشكۈل، ئەلۋەتتە.ئالاھازەل ئاشۇنداق زېرىكىشلىك ئۇزۇن قىش كېچىسى بىلەن ئېلىشىش ئارقىلىق، ماڭا-ماڭا ئاقىۋەت تار بىر جىلغا ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىنى ھېچكىم تۇيمىدى.شۇنداق قىلىپ، تراكتور مەست كىشىدەك ئېگىز-پەس دەسسەپ ماڭا-ماڭا بىر دۆڭگە بېرىپ قاتتىق سوقۇلدى.قاتتىق سىلكىنىشتىن كېيىن، تراكتورنىڭ ئاچچىق تات-تات قىلغان ئاۋازى بارا-بارا گىر-گىر قىلغىنىچەگاھ كۈچلۈك، گاھ ئاجىز ئوت ئېلىپ، تۇيۇقسىزلا ئۆچتى.سەپەرداشلار بۇ كۈتۈلمىگەن ۋەقەدىن ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ كەتتى. ھارغىن توپا-چاڭ چىرايلارنىڭ ئۆڭسۈلى ئۆچۈپ، ئاۋازلىرىمۇ پەسىيىپ كېتىشتى.بولۇپمۇ يېرىم سائەتتەك ھەپىلىشىپمۇ ئوت ئالدۇرالمىغان شوپۇرنىڭ ئاۋازى يىغىغا ئوخشاپراق چىقىپ كەتتى:

-ئاپلا، يولدىن ئېزىپتۇق. بۇ نە باسقۇر كېچىدە قانداقمۇ قىلارمەن؟

–شوپۇر بولغاندىكىن، كۆزۈڭگە قاراپ ماڭساڭمامدۇ؟-دېدى دوغىلاق دېھقان ئاچچىقلاپ.

–كۆزدە نەگۇناھ، يولسىز چۆلدە كۈندۈز تۇرماق، نىشانغا توغرا يۈزلىنىپ مېڭىشقىمۇ ھۆددە قىلغىلى بولمايدۇ،-دېدى سېتنىياز ئۇستا شوپۇرنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ.

-كۆزۈگە ئىگە بولالمىغان ئادەمنى كابىنكىدا ئولتۇرۇپ قويغاندىكىن، بىزمۇ ئەخمەق،-دەپ ئېتىراز بىلدۈردى ئىسمائىل جۈجەك گازىر كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ.

-سەنچە ئۆزۈڭ ئولتۇرغان بولساڭ-ھە؟ توي كۆچۈرۈش ماشىنىسى دەپ قالدىڭمۇ خوتۇنپۇرۇش!

-ھۇ پۇرۋاش، نىيىتىڭنىڭ پالاكەتلىكىدىن بېشىڭدا تۈكمۇ تۇرمىغان بىرنېمىسەن!

- ھاي مۇشۇ چاغدىمۇ ئىتتەك تالىشىۋاتامسىلەر؟

-ئەمدى كىمدە كىم جېدەل چىقارسا، يۈز-خاتىرە قىلىپ ئولتۇرمايمەن!ئارتۇقچە جىددىيلىشىشنىڭ قىلچە پايدىسى يوق.بىز بۇ يەرگە چۆجە-خورازلاردەك ئۇرۇشقىلى كەلمىدۇققۇ، ئاخىر. قېرىنداشلار! ئەمدى ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى، ھازىر يېرىم كېچە، ھاۋا سوغۇق.ھەرقايسىمىز دەرھال جايىمىزغا بېرىپ پۇختا ئورۇنلىشايلى، سوغۇق تەككۈزۋېلىپ ئاغرىپ قېلىشقا ئەسلا بولمايدۇ.ھەممىمىز ئۆزىمىزگە پۇختا بولۇپ، بۈگۈن ئاخشام جايىمىزدا تۈنەپ، ئەتە ئەتىگەن يورۇقتا بىرەر چارە تاپمامدۇق،-دېدى قاسىم قۇرچى سالماق ئاۋازدا.ھەممەيلەن ئەترەت يېتەكچىسىنىڭ ئورۇنلۇق مەسلىھەتىگە قوشۇلدىبولغاي،«شۇنداق قىلايلى، ئەمىسە»دېيىشىپ، ئۆز ئورۇنلىرىغا بېرىپجۇۋا، يوتقانلارغا چىڭ پۈركىنىپ شۈمشىيىپ ئولتۇردى.كىشىنى شۇنداق زېرىكتۈردىكى، كۆڭۈللەرنى شۇ تاپتىكى تۈن قاراڭغۇسىدەك بىر ۋەھىمىلىك كەيپىيات چۇلغىۋالغان ئىدى.چۆلتاغقا كىرە-كىرمەيلا يۈز بەرگەن بۇ ئوڭۇشسىزلىققا چىدىماق ئاسانغا چۈشۈرمۇ؟ بىرنېمە دېمەك ھەقىقەتەن تەس.


2


كۈتە-كۈتە ئاخىرى ئۇپۇق قىزىرىپ قۇياش بوۋايمۇ كۆكتە ئىللىق جامالىنى كۆرسەتتى.كۆپچىلىك ئاچچىق سوغۇق ۋە ئەندىشە دەستىدىن ئارامخۇدا ئۇخلىيالىسۇنمۇ؟ كېچىچە بىر كىرپىك قاقمىغان كىشىلەرنىڭ ھارغىنلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان تاتىراڭغۇيۈزى، قىزارغان كۆزلىرى ئەتراپىدا جۇۋا ۋە يېپىنچىلارنىڭ پېتىپ قالغان ئىزلىرى قوشۇلۇپ، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئۇزۇن، سوغۇق بىر كېچىنى قانداق ئۆتكۈزگىنىنى ھېس قىلماق تەس بولمىسا كېرەك. بەختىگە يارىشا، بىرەرىگەسوغۇق ئۆتۈپيۆتىلىپ، بەدىنى قىزىپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈنمىدى.ھەر ھالدا بۇ تەۋەككۈلچىلەرنى تەلەيلىك دېسە بولاتتى.

ساۋۇت مەزىننىڭ ئەزان ئاۋازى بۇ نامسىز چۆللۈكنىڭ شېرىن ئۇيقۇسىنى بۇزدى.يەتتە كىشىدىن پەقەت ساۋۇت مەزىن، ئۈچكە ساقاللىق، ئورۇق دېھقاندىن باشقىلىرى شارائىتنى باھانە قىلدى بولغاي، ناماز ئوقۇمىدى.قاسىم قۇرچى، سېتنىياز ئۇستا شوپۇر بىلەن ماسلىشىپ تراكتورنىڭچاتاقنى تېپىپ، ئۇنى ئوڭشاشنىڭ كويىدا تېپىچەكلەيتتى.قانچە ئالدىرىغانسېرى، چاتاق شۇنچە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.ھەممىدىن قورقۇنچلۇق يېرى، شوپۇرنىڭ رېمۇنىتچىلىققا چولتىلىقى چېنىپ قالدى.ئەيتاۋۇر، سېتنىياز ئۇستا ئۇنىڭغا قارىغاندا خېلى كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىغاندەك قىلاتتى. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ شوپۇر ئەمەستە.ئۇ يەر بۇ يەرلەرنى تەكشۈرۈپ چۇۋۇپ-قۇراشتۇرۇپ دېگەندەك بىر قاتار تەكرار ئىشلاردىن كېيىن، بەزى بىر مەسىلىلەر بايقالغان بولدى.بىراق تولۇق ئوڭشۇلدىغاندەك قىلمايتتى، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا كۆپ سەۋرچانلىق كېرەك.قايتا-قايتا تەكشۈرۈپمۇ بىرەر چاتاقنى تاپالمىغان شوپۇرنىڭ ئاچچىقى كەلدى، سوغۇقتىن يۈز-كۆزى قىزىرىپ، قوللىرى ئۇيۇشۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۇمۇ ئۇزاققا بارماي، گۈلخانغا ئۆزىنى پەرۋانىدەك ئاتتى.

كۆپچىلىك كىچىك بىر دۆۋە كۆتەكنىڭ گۈلخانى ئەتراپىدا، مىڭبىر مۇشەققەتتە قاينىغان دۇغ سۇدىن قويۇق ھور پۇرقىرىتىپ ئىشتىھا بىلەن نانلىرىنى غاجىلىشىپ ناشتىغا ئالدىرىدى.

-قىشنىڭ گۈلى ئوت دېگەن گەپنى ئەڭ ئاۋۋال كىم دېگەن بولغىيتىكىن؟

-سىلەرمۇ چاي ئېچىۋالامسىلەر؟ قورساق توق بولسا، ئاندىن كۆزمۇ، كاللىمۇ تېز ئىشلەيدىغان گەپ،-دېدى ساۋۇت مەزىن كۆيۈنۈپ.

-«كاشىلىنىڭ ئانىسى ئون سەككىز، نەۋرە –چەۋرىسى قوشۇلۇپ يەتمىش ئىككىگە بارىدۇ.»-دېدى سېتنىياز ئۇستا ئېغىر خورسىنىپ.

-بۇنىڭ زۇۋانىنى چىقىدىغان قىلمىغۇچە ھەرگىزمۇ بىرنېمە يېمەيمەن،-دېگىنىچە شوپۇر ھاي-ھاي دېگەنگە قارىماي، بىر ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.دېمىسىمۇ پۈتۈن بېسىم ئۇنىڭغا چۈشكەندەك بىر خىل ھېسسىياتتا ئۈنسىز ياش تۆكۈپ ئازابلىنىۋاتقان شوپۇرنىڭ شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىنى بىلىشكە بولاتتى.نېمىلا دېگەن بىلەن، ۋاقىت سۈرئىتى ھاياتلىق ئىدى.ئەمما قايتا-قايتا ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھەممىسى نۆل بىلەن نەتىجىلىنەتتى.يەنە ئىپادىلىگۈسىز بىر خىل جىددىيلىك بۇ نەس باسقان جايدابەخىرامان شەيتان ئۇسۇلى ئوينىماقتا ئىدى.ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟!ئاھ، تەڭرىم، ئاجىز بەندەڭگەكۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ، ئۆزۈڭ مەدەت قىلغايسەن!

قۇياش دەسلەپ جىلمىيىپ چىقىۋېدى، ئۇزاققا بارماي ئۇمۇ ئەمدى تەلەتىنى سۆرۈن قىلىپ تەتۈر قارىغىلى تۇردى.ھەش-پەش دېگۈچە كۆكنى قوغۇشۇن رەڭ بۇلۇتلار قاپلاپ، ئىزغىرىن شامال كۈچىيىشكە باشلىدى.پۈتۈن ئەتراپ ئويمان-دۆڭ چۆل-جەزىرە، كۆز يەتكۈسىز قاقاسلىقتا نە بىر يانتاق، لوڭقا، يۇلغۇن دېگەندەك بىرەر چۆل گۈلى يوق ئىدى.خۇددى يالماۋۇزنىڭ سېھرىي ئەپسۇنىدەك سۈرلۈك شامالنىڭ ۋىژىلدىغان ئاۋازىدىن باشقا ھېچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمايتتى.ئەتراپتا بايلىق ئىزدەپ كېلىپ قالغان بىرەر ماشىنا-تراكتور، ياكى ھارۋا چاقىنىڭ ئىزى تۈگۈل ھەتتا بىرەر ياۋايى ھايۋاننىڭ ئاياق ئىزى، مايىقىنىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايتتى.قىسقىسى، مەن-مەن دېگەن ئەرنىمۇ شۈركۈندۈرۈپ، يۇقىرى ئاۋازلىقنى پەسەيتىدىغان، تۆۋەن ئاۋازلىقنى ئۆچۈرۈپ كېكەچ قىلىپ قويىدىغان كونا تاشلاندۇق قەبرىستانلىقتەك ئىنتايىن خىلۋەتلىكىگە يارىشا، يەر شەكلىمۇ ئاجايىپ-غارايىپ بولۇپ، سۈرلۈكلىكى بىلەن ھەقىقەتەن جىن-ئالۋاستى ماكانىغا ئوخشايتتى. يېرىم كۈنلۈك ئۇرۇنۇشمۇ ئاقىۋەت بىكارغا كەتتى.ئۇلار ئاخىرى تراكتورنى ئىتتىرىپ باقماقچى بولدى.ھە-ھۇ بىلەن قارا تەرگە چۆمۈلۈپ، ئىتىرە-ئىتىرە يۈز مېتىر ماڭا-ماڭمايلا، تراكتورنىڭ زۇۋانى بىرنەچچە قېتىم ئاجىز«گىر-گىر»قىلغىنىچە سىلجىپ بېرىپ بىر ئازگالغا غۇيۇلداپ پېتىپ توختىدى.شوپۇرنىڭ سوغۇقتا مۇزلاپ كەتكەن قوللىرى تىترەپ، كۆكىرىپ كەتكەن كالپۇكلىرى ئاجىز تىترەشكە باشلىدى، ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ئۈمىدنىڭ يوقلۇقىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى.

-ئىسىت،«چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارغۇ قىپتۇ»دېگەندەك بولدى-دە!-دەپ ھەسرەتلەندى سېتنىياز ئۇستا گازىر كۆزلىرىنى چىمچىقلاتقىنىچە ئېغىر خورسىنىپ.

-شۇ تاپتا ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولۇۋاتىدۇ، بەزى ئىشلارغا بىرنېمە دېمەك ھەقىقەتەن تەسكەن، ئۇستام.

-«چىققان كۆز ئورنىغا كەلمەپتۇ»دېگەندەك دەيسىزغۇ؟

-شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن، بېشى يوق چىۋىندەك قاليمىقان مېڭىۋېرىپتۇق-تە، توۋا.

ئۇلارنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى.«شەيتان»نىڭ نامى تىلغا ئېلىنىۋېدى ساۋۇت مەزىن بىلەن ئىسمائىل جۈجەك بەكرەك ئەندىشىگە چۈشكەن بولسا كېرەك، ئىچىدە بىرنېمىلەرنى پىچىرلىغىنىچە قولغا چۈشكەن توشقاندەك غال-غال تىترەپ تۇراتتى.قالغان ھەمراھلار بولسا، چىرايلىرى تۈرۈك، خاپىغان ھالەتتە گەپ قىلغۇدەكمۇ راۋىتى يوقتەك كۆرۈنەتتى.«ئۆيدىكى گەپ بازارغا توغرا كەلمەپتۇ»دېگەندەك باشتىكى شېرىن پىلانلار ئاللىقاچان توزۇپ، كۈلى سورىلىدىغاندەك قىلاتتى.شۇنچە تۈجۈپىلەپ قىلىنغان ھەرىكەت، چارىلەر ئەكسى نەتىجە بىلەن تاماملىنىپ، ئاقىۋەتتە كۆزگە تور، قولغا كىشەن سېلىپ قويماقتا ئىدى.

فېۋرالنىڭ بېشىدىكى ئازغىنە جىلمىيىپ تۇرغان كۈنمۇ غەربكە قىيسايغان، ھايال بولمايلا بىر كۈن ئاخىرلىشىپ، ئۇزۇن قىش تۈنى باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. كۆپچىلىكنىڭ ئەندىشىسى تېخىمۇ كۈچىيىپ، جىددىيلەشكەنلىكى ئۇلارنىڭ روھسىز تاتىراڭغۇ چىرايىدىن مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپلا قالدى.ئۇلار تراكتورنىڭ يېنىدىكى ئويماندا شامالدىن پاناھلىنىپ ياي شەكىلدە چۆرىدىشىپ ئولتۇردى.ئەمگەك جەريانىدا، قىسقا دەملىش ۋاقتىدا ئارامغا ئولتۇرغان مەھبۇسلاردەك جايىداسالپىيىپلا قالغان بۇ كىشىلەر شۇنداق مەيۈس ئىدىكى، مۇرەككەپ كەيپىياتتا بىر-بىرىنىڭ ئېغزىنى مارىشىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان.چۆل-جەزىرىدە ئۇزاق ئىشلەپ دەملىشكە چىققان، كۆپنى كۆرگەن سېتنىياز ئۇستىمۇبېشىنى ساڭگىلتىۋالغانىدى.ئارىدىكى ئون نەچچە مىنۇت سۈكۈتتىن كېيىن، قاسىم قۇرچى ئىلمەك بۇرنى تارتىپ قۇيۇپ، ئورنىدىن دەس تۇردى.

-قېرىنداشلار، بىز يولدىن ئازدۇقدەپ ئۆزىمىزنى تۈگەشتۈرۈپ قويساق بولمايدۇ، ماڭا ئىشىنىڭلار، مەن ھەرگىزمۇ سىلەرنى بۇ قارغىش تەگكۈر، نەس باسقان چۆلگە تاشلاپ قويمايمەن.بىزنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقىمىز، يېقىلغۇ، يېپىنچىلىرىمىز بارغۇ؟ پەمىمچە بىز ئەمدى تېخى تاشيولدىن ئىككى كېچە كۈندۈز يول يىراقلىقىدا، يۈز كىلومېتىردىن ئاشمايدۇ.گەپ بىز نەدىن كەلدۇق، نەگە بارىمىز؟ قايسى تەرەپكە ماڭىمىز؟ بۇنى ئوبدانراق ئويلاپ، بىرەر نىشان تاپايلى.ئاندىن ھەرىكەت قىلىمىز، ھېچكىمنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىز كېلىپ قالغان جاينىڭ ئالدى كەينى-ئەتراپىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىمىز زۆرۈر، ئاندىن ئەھۋالغا قارىتا بىرەر قارارغا كېلەيلى، مەن گۇرۇپپا باشلىقى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ھەرقايسىڭغاشۇنداق بۇيرۇق قىلىمەن. بىزنىڭ ھازىرقى ئورنىمىز ۋاقىتلىق تۇرالغۇ بولىدۇ، چېدىرنى بۇ ئويمانغا تىكىپ، دۆڭلۈكىگە ئۇزۇنخادىنى قاداپ، ئۇنىڭ ئۇچىغا داستىخاننى بايراق قىلىپ چىگەيلى.ئەتە تاڭ يورۇغاندا، يەتتىمىزئىككىدىن بىر كىچىك گۇرۇپپا بولۇپ، ئىككى تەرەپكە مېڭىپ يول ئىزدەيمىز، گۇگۇم چۈشكىچە بايراق خادىسىنى نىشانلاپ جايىمىزغا قايتىپ كېلىمىز، ھەركىمنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، سۇنى بىر تېمىم ئارتۇق ئىچىۋېلىشقا، يېمەكلىكنىمۇ نورمىدىن ئاتتۇق يەۋېلىشىغا بولمايدۇ.شوپۇر بىلەن سېتنىياز ئۇستام تراكتورنى ئوڭلاش، كەچلىك تاماق تەييارلاشقا قالىدۇ.

خەيرىيەت، كۆپچىلىك شۇنداق پۈتۈشتى.كەچلىك تاماق يېيىلىپ بولۇشىغىلا قاتتىق سوغۇق، ئۇزۇن تۈنمۇ شاپاشلاپ يېتىپ كېلىپ، سىرلىق چۆللۈكنى قوينىغا ئالدى.

3


ساۋۇت مەزىننىڭ مۇڭلۇق ئېيتقان زىل ئەزان ئاۋازى بىپايان چۆللۈكنى شېرىن ئۇيقۇدىن ئويغاتتى.يەر يۈزىگە يېڭىلا يورۇق چۈشكەن بولغاچ، كۆكتە يۇلتۇزلار تەئەججۈپ ئىلىكىدە چىمىرلاپ، نېمىلەرنىدۇر بىلمەكچى بولغىنىدەك قىلاتتى.پاكار-پاكار دۆڭلەرنىڭ ئەتراپىغا يېيىلغان قارا سايىلىرى بۇ نامەلۇم چۆللۈكنىڭ سىرلىق تۇرقىغا قورقۇنچلۇق تۇيغۇ بېرەتتى.ساۋۇت مەزىن سوغۇقنىڭ نەشتىرىگە چىداپ تۇرۇپ، يۇمشاق توپا بىلەن قول-باشلىرىغا سۈرۈپ، پېشانىسىگە توپا بىلەن مەسھى تارتتى، ئاشۇ تەرتىپتە تەيامۇم تۈگىگەندىن كېيىن، قىبلىگە قارىتىپ توغرىسىغا قىرلاپ قويۇلغان تاش دۆۋىسىگە قاراپ،بامدات نامازنى ئوقۇشقا تەرەددۇت قىلىۋاتاتتى.ئاڭغىچە،سېتنىياز ئۇستا ئېرىنچەكلىك بىلەن مىڭبىر مۇشەققەتتە ئورنىدىن تۇردى.ئۈچكە ساقاللىق يەنە بىر دېھقانمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپلا ئورنىدىن تۇردى، يۇمشاق توپا بىلەن تەيامۇم قىلىپ تەرەت ئالغاندىن كېيىن، ساۋۇت ئۇستا كەينىدىن نامازغا ئۈلگۈردى.قالغانلار بېشىنى چىڭ چۈمكەپ تېخىچە دۈگدىيىپ ياتاتتى.ئىسمائىل جۈجەك غىڭشىپ نېمىلەرنىدۇر غۇدۇراپ، ئاستا-ئاستا جىمىپ قالدى.مۇشۇنداق ناچار مۇھىتتا توپا بىلەن تەيامۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشمۇ خېلى كۈچلۈك ئىرادە بولمىسا مۇمكىنمۇ؟ مۇشۇنداق بىر مۇستەھكەم ئېتىقاد ئۇلارغا مەنىۋى چىراغ بولۇپ، بۇ نەس باسقۇر چۆلدىن يېڭى ھاياتلىق يولىنى تېپىۋېلىشىغا ئۇزاقتىن –ئۇزاق دۇئا-تەكبىر ئوقۇتاتتى.«ئەتە ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل»دېگىنى شۇمىدۇ؟

قاسىم قۇرچى يەر يۈزىگە يورۇق چۈشكەندە، پاختىلىق چاپىنىنى چىڭ تۈگمىلەپ، قۇلاقچىنىنى ئىڭەكتىن چېگىپ، گۇس-گۇس دەسسەپ يالغۇزلا سىرتقا قاراپ يول ئالدى.ئارقىدىن سېتنىياز ئۇستىمۇ ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ چاپتى.بىر چۆگۈن چاي قاينىغىچەئارلىقتا ئۇلارمۇ گۇدۇڭ-گۇدۇڭ پاراڭلاشقىنىچە، روھلۇق قايتىپ كىرىپ كەلدى.بىرەر كونكرېت پىلان ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتقان بولسا كېرەك، گېپى تۈگەيدىغاندەك قىلمايتتى.

-«مىڭ ئېغىز كاپ-كاپتىن، بىر ئېغىز چاپ-چاپ ياخشى»چېيىڭلارنى ئېچىۋېلىڭلار،-دېدى ساۋۇت مەزىن مۇلايىملىق بىلەن.

-ئوتنى تۇتاشتۇرالماي، ئۆپكىلىرى قېقىلىپ توزۇپ كەتمىگندۇ، مەزىنىم.

-بۇ قانچىلىك ئىشتى ئۈكەم، تاشتىن باشقىسىنى ئېرىتىپ قاينىتالايمەن، دېسىلە،-دېدى ساۋۇت مەزىنمۇ بوش كەلمەي.

ساۋۇت مەزىننىڭ چاي قاينىتىشى بىلەن قايتا ياتقانلار ئورۇنلىرىدىن ئېرىنچەكلىك بىلەن تۇرۇشۇپ، چىلىغان تۇزلۇق يېسبېلەك سەينى بىر پارچىدىن قۇرۇق نانغا تۆگۈرۈپ ناشتىلىق قىلىشقا باشلىدى.قاسىم قۇرچى بىلەن سېتنىياز ئۇستىمۇ قول-يۈزلىرىنى رەسمىيەت بىلەن «نەمدەپ»لا داستىخانغا قىسىلدى.

ناشتىلىق گەرچە بەك ئاددىي بولسىمۇ، ئىسسىق قىزىل چاي بىلەن بەدەنگە ئوبدانلا ھارارەت بېغىشلىدى.ئەتىگەنلىك ئاددىي ناشتىدىن كېيىن، پىلان بويىچە ئەتراپتىكى بىر ئېگىز دۆڭگە ئون غۇلاچ ئۇزۇنلۇقتىكى خادىنىڭ ئۇچىغا بىر كونا داستىخاننى چېگىپ، بايراق قىلىپ راۋۇرۇس تىكىلدى.ئاندىن بايلىق ئىزدىگىچىلەر ئەترەت باشلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۈچتىن ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللەندى.ئەتراپنى تەكشۈرۈپ يول ئىزدەشتە بەلگە ئۈچۈن ھەر يۈز مېتىرغا بىر دۆۋۋە تاش دۆۋۋىلەش؛ گۇگۇم چۈشۈشتىن ئاۋۋال چوقۇم بارگاھقا قاراپ قايتىپ كېلىش؛ گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش قاتتىق جېكىلەندى.سېتنىياز ئۇستاشوپۇرغا ياردەملىشىپ تراكتورنى ياساشقا ھەم كەچلىك چايغا تەييارلىق قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ ئۆز ئورنىدا قالىدىغان بولدى.قۇم، شېغىل ئارىلاشقان تۇپراقتا ماڭغان ئىزلار چوڭقۇر قالمايتتى، ئويمان-دۆڭ يەر شەكلى نەگە بېرىپ نەگە مېڭىشقىمۇ ئىنتايىن چوڭ توسالغۇلۇق قىلاتتى.قاسىم قۇرچى سېتنىياز ئۇستىنىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن بۆلۈنگەن گۇرۇپپىلار ئىككى تەرەپكە قاراپ ئاخىر يولغا چىقتى.

قاسىم قۇرچى ئىككى ياش سەپدىشىنى باشلاپ ماڭدى. ئۇلار بەلگە نىشاننى تېز تېپىشقا قۇلايلىق بولۇشىنى كۆزلەپ، توغرىسىغا بىر سەپ تۈزەپ، ئۈچ مېتىردىن ئارىلىق قويدى، ئېغىر پۇتلىرىنى سۆرەپ، قاتتىق سوغۇققا بەرداشلىق بېرىپ، قۇم، شېغىللىق ئويمان-دۆڭ ئازگاللارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ داۋاملىق ئىلگىرىلىدى، قېرىشقاندەك شامالمۇ ۋىژىلداپ چىققىلى تۇردى.بىرى ئوڭغا قاراپ بىرەر يۈز مېتىردەك دائىرىنى تەكشۈرۈپ كېلەتتى؛ يەنە بىرى سول يانغا چاپاتتى؛ بەزىلەر بۇنداق چاغلاردا ئېھتىياتسىزلىقتىن گاھ يۇمشاق توپىلىق ئازگاللارغا چۈشۈپ، دومىلاپ كېتەتتى؛ گاھىدا بەلگە سالغۇدەك تاش تاپماقمۇ تەسكە چۈشەتتى؛ ئۇلارئالاھازەل ئىككى ئاش پېشىم ماڭغان بولسا كېرەك، ماشىنا ئىزى ياكى بىرەر نىشان بەلگىمۇ ئۇچرىمىدى.

چەكسىز چۆللۈك، پەقەت باش ئۈستىدە ئاجىز شولا چېچىپ تۇرغان قۇياش.سۇس قوينىڭ چاۋا يېغىدەك نېپىز بۇلۇتلۇق غۇۋا ئاسماندىن باشقا كۆڭۈلگە تەسەللى بەرگۈدەك ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى.يۈزلەر قۇرغاقلىشىپ، سوغۇق شامالدا ئېچىشىپ ئاغرىشقا باشلىدى.قاسىم قۇرچى بىر ئازگالدىن ئۆتىشىگە ئۆزىنى كونترول قىلالماي، سەنتۈرۈلۈپ كېتىپ، كېسەكتەك چوڭلۇقتىكى بىر تاشقا پۇتىنى قاتتىق ئۇرۇۋالدى.ئېغىر چاتاق چىقمىغان بولسىمۇ، ئاغرىق ئازابى ھارغىنلىق بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇنى ماڭغىلى قويمىدى.قورساقمۇ تازا ئاچقان ئىدى.ئۇلار بىر يەرگەجەملىنىپ ئولتۇرۇپ، بېلىدىكى نان بىلەن سۇداندىكى مۇزدەك چاينى غۇرتۇلدىتىپ ئىچىشتى.

-مۇشۇمۇساق ئادەمنىڭ ئىشىمۇ؟-دېدى چاچلىرىغا قويۇق ئاق كىرگەن ئاقسېرىق دېھقان غۇدۇراپ،-ئەينى بىر ساراڭغۇ بىز، ئىسسىق كاڭدا يېتىپ، ئىسسىق ئۇمىچىڭىزنى ئىچمەي، بۇقارغىش تەگكۈر چۆلدە بىھۇدە جاپا تارتىپ سەرسان بولۇپ يۈرگەندىكىن، ئۆزىمىزگىمۇ ئاز.

-ئۇنداقمۇ بولماس، ئىنى،-دېدى قاسىم قۇرچى ئاغرىق پۇتىنى ئۇۋۇلىغاچ،-شۇ تاپتىغۇ مەنمۇ ئۆزۈمنى ئەخمەق دونكىخوتتەك ھېس قىلىۋاتىمەن، دەسلەپكى ئوڭۇشسىزلىقلار ئۇنىڭ قەيسەر ئىرادىسىنى تەۋرىتىۋاتقان بولسا كېرەك، ئاۋازىمۇبۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان ھالدا تۆۋەن ۋە تىترەپ چىقىپ كەتتى.

-«دونكىخوت» دېگەن قانداق ئادەم ئۇ؟ ئورۇسلارنىڭ گالۋىڭى؟

-ھەي دۆتەم قارىي، رۇسلارنىڭ گالۋىڭى دېگەن دىيەنشىدە بەرگەن كىنودىكى چوڭ كاراۋۇس!

-ھە، ئۇ دېگەن ئۇ.كىچىك بالىدەك تولا ساقال غېرىچلىماي، جىندەك بىردەم تۇرۇڭلارچۇ!-دېدى قاسىم قۇرچى دوغىلاقنىڭ بىلەرمەنلىكىدىن خاپا بولۇپ،-مەن خىيال قىلىپ باقاي. ھە، ئېسىمگە كەلدى، ئۇ دېگەن بىر رومان كىتابتىكى ھەمدەم خىيال ھاماقەت ئادەم، ئىسپانىيىلىكقۇ دەيمەن، سېرۋانتېس دېگەن يازغۇچى يازغانىكەن.ئۆزى بەك قىزىق كىتاب، سىلەرگە دونكىخوتنىڭ ھاماقەتلەرچە يۈرۈشلىرىنى سۆزلەپ بەرسەم بولغۇدەك.

-ئەمىسە ھېكايە نېسى قالدى جۇمۇ ئاداش.-دېدى يەنە بىر چىرايى ئاق-سېرىق كەلگەن ئۇزۇنتۇرا ئورۇق دېھقان موخوركىسىنى كانايچە قىلىپ ئوراۋېتىپ.

-ئەمدى ئارقىمىزغا يانمىساق بولمايدۇ، بىردەملا كۈن پەسلەپ، گۇگۇم چۈشىدۇ.

-بوپتۇ ئەمىسە، قايتساق قايتتۇق.

بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەر چۈشكۈنگاھقا قاراپ كەينىگە ياندى.ھېلىمۇ ياخشى، دۆڭلۈكتىكى ئېگىز خادا بايراق خويمۇ ئەسقاتتى.بولمىسا ئۇلارنىڭ يولى بەكمۇ جاپالىق بولۇپلا قالماي، بەك ئۇزاپ كېتەتتىكەن.سالامەت قايتالىغىنىغا خۇداغا شۈكرى دېيىشىپ، ئۇپۇقنىڭ قىزىرىپ، شەپەق چۈشكىچە جەڭدە مەغلۇپ بولغان ئەسكەرلەردەك ھارغىن، روھسىز كەيپىياتتا قايتىپ كەلدى.بىراق ساۋۇت مەزىن باشچىلىقىدىكى ئەترەت تېخىچە كەلمەيۋاتاتتى.شوپۇرنىڭ يۈز-كۆزلىرى ماي يۇقۇندىسى، چىرايى جەسەتتەك خۇنۈك ھالدا ئاچچىق يۈتۈلۈپ ئىس پۈۋلەپ چاي قاينىتىپ ئولتۇراتتى، ئوزايىدىن قارىغاندا تراكتورنىڭ كاشىلىسىنى تاپالماي، بەك جىلە بولغاندەك قىلاتتى. كۆپچىلىكنىڭ ئۇرۇشۇپ ماي تارتىپ يۈرگەن كىشىدەك بىر –بىرىگەگەپ قىلغۇدەكمۇ ئېغزى يوقتەك قىلاتتى.خۇددى ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى گۇگۇم يېتىپ كېلىپ، ئوتتەك يېنىپ تۇرغان چىرايلارغا تۈن پەردىسىنى ياپقاندەك.شوپۇر ئورنىدىن تۇرۇپ سەپداشلىرىغا بىر قۇر قارىدى-دە، گەپ قىلماي، يەنە جايىغا كېلىپ ئولتۇردى.مانا كەپ قالار، دەپ كۈتۈپمۇ يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەركەلمەيۋاتاتتى.

-ئىزدەمدۇق،-دېدى سېتنىياز ئۇستا قۇدىسىنىڭ ھاياتىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ.

-ئىزدىگەننىڭ پايدىسى يوق، ئاللا بۇيرۇسا ھازىرلا كەپ قالار-دېدى ئاقسېرىق ئورۇق دېھقان.

- توخۇ يۈرەكلەر، مانا مەن يالغۇز بارىمەن!

-بولدى تالاشماڭلار،-دېدى قاسىم قۇرچى قاپىقىنى سەت تۈرۈپ،-ھېلىلا تۈن قاراڭغۇسى چۈشىدۇ.قاراڭغۇغاقايسى تەرەپكە ئىزدەپ ماڭىمىز، ئەڭ ياخشىسى ھازىرچە ساقلاپ، قاراڭغۇ چۈشكىچە يېتىپ كېلەلمىسە، ئاندىن بىر چوڭ كۆتەكنىڭ مېھرىدىن كېچىپ، خادا تىكىلگەن دۆڭگە گۈلخان ياقايلى.ئوتنىڭ يورۇقى دېگەن خېلى يىراققىچە كۆرۈنىدۇ.

كەچلىك چايمۇ تەييار بولدى.ئەمماكۆپچىلىك ئىچمەستىن، ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرنى ساقلاپ تۇردى.يەرگە قاراڭغۇ چۈشىشى بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ شەپىسى ئاڭلاندى. لاپاستىستىكىلەر چىقىرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى.چۆلتاغنىڭ يول-نىشانىنى تاپالمىغان بولسىمۇ، ھەرنېمە بولسا ساق-سالامەت يېتىپ كەلگىنىگە كۆپچىلىكنىڭ چىرايىغا كۈلكە يامرىدى.مەلۇم بولدىكى، دوغىلاق دېھقان بىلەن ئىسمائىل جۈجەك گەپ ئاڭلىماي، ئۆزبېشىمچىلىك قىلىپ، توپتىن ئايرىلىپ كەتكىلى تاس قالغانىكەن.قاسىم قۇرچى تاماقتىن كېيىنكى قىسقا يىغىندا، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، تۇنجى قېتىملىقى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ قېتىم قاتتىق ئاگاھلاندۇردى.بۇ ئىككى دېھقانمۇ خاتالىقىنى رايىشلىق بىلەن بوينىغا ئالدى. چۈنكى مۇشۇنداق قىيىن، خەتەرلىك ئەھۋالدا جان بىلەن ئوينىشىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقى ئۇلارغىمۇ ئايان ئىدى.كەچتە قاسىم قۇرچى تەلەپ بويىچە «دونخىخوت»نىڭ شامال تۈگمىنى، قوي پادىلىرى بىلەن ئېلىشقان ئەخمىقانە ئىش-پائالىيەتلىرىنى ناھايىتى قىسقا ھەم قىزىقارلىق قىلىپ، كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى.سەپەرداشلار بىر-بىرىنى «دونكىخوت»دېيىشىپ، كۈلكە-چاقچاقلار بىلەن كېچىنىڭ سوغۇقىنى يىراقلارغا ھەيدەپ، ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى.دوغىلاق دېھقاننىڭ خورىكى ھەممىدىن بەكرەك چىقاتتى، ئىسمائىل جۈجەكبىلەن شوپۇرنىڭ پات-پات نوقۇپ چاقىرىپ قويۇشىمۇ كارغا كەلمەيتتى.چۈش ھەرقانچە شېرىن بولسىمۇ، بەرىبىر ئۇ رېئاللىقنىڭ كۆلەڭگىسى، خالاس.ھارغىنلىق، سولغۇن كەيپىيات بىلەن چۈمكەلگەن تاتىراڭغۇ چىرايلارغا قاچانمۇ ئىللىق تەبەسسۇم كۆچەركىن؟


4


يېرىم كېچىگە يېقىن شامالنىڭ ناخشىسى ئۆزگەردى.بارا-بارا«ۋىژ-ۋىژ»لىغان ئاۋازلار تېخىمۇ كۈچەيگىلى تۇردى.ساۋۇت مەزىن قېقىلىپ يۆتىلىپ، ئويغىنىپ كەتتى.لاپاسنىڭ ئىچى شۇنداق سوغۇقكى، خۇددى سىرتتا ياتقاندەك بىلىنەتتى، كوناقەلەي مەشنىڭ ئوتى ئۆچۈپ كۈل ئىچىدە موزا كېسىكىنىڭ بىر پارچىسى يېغى تۈگەپ قالغان جىن چىراقتەك ئازغىنە يېلىنجاپ تۇراتتى.دوغىلاقنىڭيەر تەۋرىگەندەك قاتتىق خورىكى ئۈچكە ساقاللىق دېھقاننىڭ قىزىق چاينى پۈۋلىگەندەك ئۈزۈك-ئۈزۈك چىقىۋاتقان خورىكىنى بېسىپ چۈشەتتى.ھەممىدىن قىزىقى شۇكى، گۈرۈلدەپ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان خورىكى سىرتتىكى كۈچلۈك بوران بىلەنمۇ بەسلىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.ساۋۇت مەزىن سەپداشلىرىنىڭ باش-كۆزلىرىنى يوغان جۇۋا، ئەدىياللار بىلەن چىڭ چۈمكەپ، كىرپىدەك تۈگۈلۈپ ياتقانلىقىنى كۆرگىنىدە، كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالدى.ساۋۇت مەزىن تىترەپ،يۆتىلىپ دېگۈدەك مەشكە يېرىم پارچە موزا كېسىكىنى ئۈچ پارچە قىلىپ، مەشكە سالدى. ناماز ئوقۇيمەن دەپ سەھەر تۇرۇپ، شامالداپ قالغان چېغى، بەدىنى قىزىغاندەك ھېس قىلدى.گېلى قىشىشىپ، پات-پات يۆتىلىپ تازا بىئارام بولدى، شۇنداق ئازابلىق تولغىنىپ تاڭغا يېقىن بىر چاغدا ئۇخلاپ قالدى.شۇنداق قىلىپ، بۈگۈن سەھەردە ئەزان ئاۋازى بۇ خىلۋەت ماكاننى ئۇيقۇدىن ئويغاتمىدى.قالغان ئىككى نەپەر نامازخانمۇ ناماز قازا قىلغىنىدىن كۆڭۈللىرى يېرىم بولۇشۇپ، خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەك بىئاراملىقتا، تەستە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.ھەربىر كىشىگە يۈز قول يۇيۇش ئۈچۈن بىر ئۇچۇملا سۇ بېرىلەتتى،بۇ پەقەت يۈز-كۆزلەرنى، قولنى يۇيۇش رەسمىيىتى بولسىمۇ، ھاياتلىقنى ساقلاپ قېلىش ئېھتىياجىدىن بولغاچ، دوغىلاق دېھقان بىلەن ئىسمائىل جۈجەكتىن باشقىلىرى شۇنىڭغا شۈكرى قىلىپ، ئارتۇقچە گەپ قىلمايتتى.مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر ھېسابتا چوڭ ئامەت بولاتتى.كىم بىلىدۇ، مۇشۇ بىر ئۇچۇم سۇمۇ كېيىن ھەر بىر ئادەمنىڭ نورمىلىق-بىر كۈنلۈك ئىچىملىكى بولۇپ قالامدۇ، تېخى.

-ئىتنىڭ كۈنىغۇ بۇ؟-دوغىلاق نەمدەلگەن يۈز-كۆزلىرىنى نېپىز، يىرىك كونا لۆڭگىسى بىلەن سۈرتۈۋېتىپ،-شوپۇر دېگەن خاۋارىچنىڭ پېشانىسى تەتۈر ئوخشايدۇ،-دەپ چىش ياردى.

-ئاكا، ئۇنداق دەپ كەتمەڭلە، ئاللا بۇيرۇمىسا، بەندىنىڭ نە ئامالى بار دەيسىلە،-دېدى شوپۇر يىگىت ئۆپكىدەك ئېسىلىپ.

-ئارىمىزغا ئىمانى تۇزسىزلاردىن قوشۇلۇپ قالغاچقىمۇ، يولدىن ئادىشىپ لەنىتى جايغا قاپسىلىپ قالدۇق، ماتورنىڭ گىر-گىر قىلىپ ئوت ئالمىغىنى بىكار ئەمەس.

-بولدى قىلىڭلارچۇ. شۇمۇ ئەمدى بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز؟ بىزنىڭ يولدىن ئېزىپ قېلىشىمىزنى ھېچكىمدىن كۆرگىلى بولمايدۇ!-دېدى قاسىم قۇرچى تەنبىھ بېرىپ،-ئەمدى كىمدىن كىم ئۆزئارا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىپ، جېدەل چىقارسا، يۈز خاتىرە قىلمايمەن، يۇرتتىغۇچۆجە-خورازدەك بىر-بىرىڭنى چوقۇپ پېتىشمايتتىڭلار،توقمىقىڭلارنى قولغا ئېلىپ، ئوبدانراق ئويلاپ بېقىڭلار!مۇشۇنداق دەھشەتلىك خەتەردە قېلىپمۇ يەنە ئىتتىپاقسىزلىق قىلساق، بۇ نەس باسقۇر چۆلدىن قۇتۇلۇپ چىقىش مۇمكىنمۇ؟!

-شۇنداق ئەمەسمۇ؟

كۆپچىلىك بىردەك ئۇلارنىڭ بۇ خىل مىجەزلىرىدىن نارازى بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئەتىگەنلىك ئاددىي ناشتىغا تۇتۇش قىلدى.تاماق يېيىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، مەشنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، تاماكا چېكىشتى.كۆپچىلىك قىسقا يىغىن ئېچىپ، مۇۋاپىق ئوزۇق ئېلىپ، پۇختا تەييارلىق بىلەن يول ئىزدەش مۇساپىسىنى ئالدىنقى كۈنىدىكىدىن بەش كىلومېتىر ئەتراپىدا ئۇزارتىشقا كېلىشتى.بارلىق ئېھتىماللىقلار ئويلىشىلىپ، بىرمۇنچە-دەتالاشتىن كېيىن، ئاشپەزلىككە ساۋۇت مەزىن قالىدىغان بولدى.

كۆزيەتكۈسىز دالادا تاش-شېغىل، قۇمدىن باشقا نېمىمۇ بار دەيسىز؟ شامالنىڭ قەھرى بىلەن ۋىژىلدىغان ئاۋازى خۇددى زەھەرلىك يىلاننىڭ ۋىشىلدىغان ئاۋازىدەك كۆڭۈلگە ئىنتايىن يېقىمسىز بىر تۇيغۇنى بېرەتتى.ئۇخلىغۇدەك قېنى ئىسسىق كاڭ، ئىچكىدەك قېنى ئىسسىق چاي، قېنى يېگۈدەك ئىسسىق تاماق، قېنى خاتىرجەم تۇرمۇش، ئاھ تەقدىر!يېتىمنىڭ ئېغزى ئاشقا تەگكۈچە، بېشى تاشقا تېگىدىغان ئادالەتسىزلىكىڭگە نېمە دەيسەن؟!

قاسىم قۇرچى ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرەپ، بارلىق كۈچىنى، زېھنىنى، ھېسسىياتىنى بىر يەرگە يىغىپ نىجاتلىق يولىنى ئارزۇ قىلىپ قانچە قېتىملاپ، دومىلاپ-يېقىلىپ دېگۈدەك نىشانسىز ئالغا ئىلگىرىلىدى.پۈتۈن بەدىنى چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ، ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ ئاران دېگەندە تۆت-بەش چاقىرىم يول يۈردى.ئورۇق دېھقان، ئۇنىڭغا يۈز مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ ئوخشاش تەكشىلىكتە ئىلگىرىلەۋاتقان ئېگىز بويلۇق دېھقاننىڭ روھى چۈشۈپ كەتكەندەك ئۆزىمۇ ئېڭىشىپ دېگۈدەك ماڭاتتى. بەلكىم قورسىقى ئاغرىغان بولسا كېرەك، ئويمانلىققا دۇچ كەلگەندە، ھەمراھلىرىنى توشقان يۈرەك قىلىپ خېلى ئۇزۇنغىچە يوقاپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى.

قالغان گۇرۇپپا ئەزالارمۇ بەلگىلەنگەن نىشاننى بويلاپ، تىنىمسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، بارگاھىنى كۆزدىن غايىب قىلىپ، خېلى ئۇزاپ كەتتى.كۈن ياشاڭغۇكۆزىنى چىمچىقلىتىپ ئۆزىنىڭ ئاجىز نۇرلىرى بىلەن قوغۇشۇن رەڭ بوشلۇقنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى.نېمىلا دېگەن بىلەن كۈن كۆكتە قىيسىيىپ دېگۈدەك ئۇلارغا ئەگىشىپ بىللە كېلىۋاتاتتى.بوران كۈچەيگەن چاغلاردا جۇۋىنىڭ ئىچىگە باشنى تىقىۋالغان بىلەن يەنىلائېغىزغا نەدىدۇ قۇم كىرىۋېلىپ، چىشلار غۇچۇرلاپ قالاتتى.بۇنداق چاغلاردا ئىسمائىل جۈجەك ھەممىدىن بەكرەك تېرىكىپ كېتەتتى:

-ھۇ ئاناڭنى! مەن بىلەنلا قالدىڭغۇ! ھېلى بىكا ئەسكى چاپىنىڭغا ئوت قۇيۇۋېتىمەن، تاز!

ئۇ شۇنچە ئاچچىقلاپ، بوراننى تىللاپ كېتىۋېتىپ، جۇۋىسىنى بېشىغا ياخشى چۆمكەيمەن دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كۆزىگە سانجىۋالدى، ئاغرىقنىڭ ئازابىدىن تېنى تولغىنىپ، تېخىمۇ چىچاڭلاپ، پىتنىڭ ئاچچىقىغا چاپاننى ئوتقا ساپتۇ دېگەندەك ئۆز-ئۆزىنى تىللاپ، ئاخىرى ئۆزىنى ئۆز ئۆزى پوقىنى يېگەن ساراڭغا چىقاردى.

يولدىن نە بىر نىشان بايقالسۇن ؟ پۇت-قوللار ئۆز ئىگىسىنىڭ ئەمەستەك سىرقىراپ تېلىپ ئاغرىغىلى تۇردى.دېمىسىمۇ ئىككى كۈن يولسىز سايدا ئېگىز –پەس يول يۈرۈپ، گاھ ئۆمىلەپ، گاھ مۈدۈرۈپ دېگۈدەك سوغۇق بوران بىلەن ئېلىشىپ كۆپچىلىكنىڭ ئون جېنىنىڭ بىرى قالغان ئىدى.قورساقنىڭ كۇركىراپ، ئۈچەيلەرنىڭ تارتىشىپ، لەۋ-يۈزلەرنىڭ يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى دېمەيلا قۇيايلى، مۇھىمى بىر نىجاتلىق يولى تېپىش ئەمەسمۇ؟ نەدە ئۇ يول؟ مۇشۇ ئەتراپتىمۇ؟ ئاھ خۇدا ئۆزۈڭ بار؟!

كەچقۇرۇننىڭ ھىدى دىماغنى ئېچىشتۇرۇپ، قورساقنى تېخىمۇ ئاچۇردى، تەشنالىقمۇ ئەسەبىيلىشىپ ئۆز ئىگىسىنى قىينىماقتا ئىدى.قاسىم قۇرچى ھەمراھىنىڭ خېلى ئارقىدا ۋارقىراپ قول پۇلاڭلىتىپ قايتىش بەلگىسىنى بېرىۋاتقانلىقىنى كۆردى.ئۇ لاسسىدە جايىدا ئولتۇرۇشۇپ قالدى.چۈشۈۋاتقان كۈنگە ئۈمىدسىز بېقىپ، لەۋلىرى تىترەپ، كەتتى:

«ئەي تەڭرىم، ساڭا نېمە گۇناھ قىلغاندىمەن، بۇ ئاجىز بەندىلىرىڭگە ھاياتلىقنىڭ يېڭى يولىنى بەرسەڭچۇ؟!»

مۇزدەك شامال يېرىلغان يۈز، لەۋلەرنى ئېچىشتۇرۇپ، ئۇنى قىينايتتى.قىيىنچىلىق ئۇنى رەھىمسىز قامچىسى بىلەن ساۋىداپ، ئۇنىڭ مەزمۇت پۇتلىرىنى تېز پۈكتۈرمەكچى، سوغۇق بوران ئۈمىد شامىنى ئۆچۈرۈپ، ھالاكەت ئازگىلىغا ئاپىرىپ تاشلىماقچى.بۇ مۇمكىنمۇ؟ ئەلنى باشلىغان بىر ئەركەككە بۇنداق قارا كۈنلەر نېمىدى؟ قاسىم قۇرچى كۆزىگە كەلگەن يىغىنى ئىچىگە سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ:«چىداملىق بولۇشۇم كېرەك، مەن دېگەن گۇرۇپپا باشلىقى، مەن ئۆزۈمنى تاشلىۋەتسەم قالغانلا تېخىمۇ تۈگەشمەمدۇ؟»دېگەنلەرنى ئويلاپ، قايتىدىن قەددىنى رۇسلىدى.ھايال بولماي گۇرۇپپا ئەزالىرى بىر-بىرلەپ يېتىپ كەلدى.قالغان ئىككى ھەمراسىنىڭمۇ چىرايىدىن يىغا پۇراپ تۇراتتى، گەپ قىلغاندا ئاۋازلىرى تىترەپ قولاشمايتتى.

-غەيرەتلىك بولۇڭلار، بىزنىڭ يېتەرلىك ئوزۇقىمىز بار، ئىچىدىغىنىمىزمۇ، يېقىلغۇمۇ يېتەرلىكقۇ؟ ھەرگىز بەل قۇيۇۋەتسەك بولمايدۇ.ھازىرقى ئەڭ مۇھىمى توپتىن چۈشۈپ ئايرىلىپ قالماسلىق، بۇنى ھەرقاچان يادىمىزدا تۇتىشىمىز لازىم.قېرىنداشلار، كۈن ئولتۇرىدىغانغا يەنە يېرىم سائەت ۋاقىت بار.بەش مىنۇت دەم ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئالدىمىزدىكى دۆڭگە چىقىپ ئەتراپنى بىر كۆزىتىپ بولۇپ، ئاندىن قايتايلى.

–ھەممىڭلاردىن مەن كىچىك بولغاندىكىن، مەنلا چىقىپ بىر قاراپ چۈشەي.ئەھۋال بايقالسا بەلگە بېرىمەن،-دېدى ئېگىز، ئورۇق دېھقان ھاياجانلىنىپ.

دۆڭمۇ خېلى ئېگىز ئىدى، شۇنداقتىمۇ ياش دېگەن يەنىلا ياش –دە.بەزىدە يىقىلىپ دېگۈدەك، بەزىدە ئۆچكىدەك تۆت پۇتلاپ دېگۈدەك قىلىپ، چوققىغا چىقىپ بولدى.بىر ئازدىن كېيىن، ئۇنىڭ بەلگىسىنى كۆرۈپ، ئەزالارنىڭ چىرايلىرىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ، دۆڭگە قاراپ ئۇچتى.

مەلۇم بولدىكى، دۆڭنىڭ كەينىدە ماشىنا-تراكتورلار ماڭغان بىر يىلان باغرى يول سوزۇلۇپ ياتاتتى.ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى خۇشاللىقلىرىنى تەسۋىرلەش مۈشكۈل بولسا كېرەك.شۇنچە ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، مۆلچەرلەنگەن ۋاقىتتىن يېرىم سائەت بۇرۇن چۈشكۈنگاھقا تېز يېتىپ كېلىشتى.قالغان بىر گۇرۇپپا ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. ھەمراھلىرىنىڭ شەپىسىنى سىزىپ، ئۇلاردىن ئەنسىرەپ يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ئالدىغا چىقىشتى.خوش خەۋەردىن كېچىنىڭ سوغۇقىمۇ شۈمشىيىپ قالغاندەك نەلەرگىدۇ بېرىپ تىقىلدى.

بۈگۈن ئاخشام، كەچ بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي، ھەممەيلەن ئولاش-چولاش ئاش ئېتىپ ئىچىشتى.تۇنجى بولۇپ، چۆلگە كېلىپ ئىچكەن سۇيۇق ئاش، كۆپچىلىككە شۇنداق تىتىپ كەتتىكى، ماشىنا چۆپى بولسىمۇ، قولدا كەسكەن ئۈگرىدەك يېيىشلىك تۇيۇلدى.شۇنداقمىكىن، ئىسمائىل جۈجەك بىلەن دوغىلاق دېھقاننىڭ كىچىك بالىدەك ئاش تالىشىپ قىزىرىشىپ قالغىنىمۇ ئەكسىچە كۈلكىلىك ئىتوت ئورۇنلىغاندەك كۈلكە خۇرۇچى بولۇپ، ھارغان، تاتىراڭغۇتوپا چىرايلارنى پۇخادىن چىققۇچە كۈلدۈردى. ئۇزاققىچە داۋاملاشقان بىرمۇنچە گۇڭگۈر-مۇڭگۈرلەر سوغۇق قىش كېچىسىدىكى ئادەمسىز چۆلنى ھەيران قالدۇرۇپ، مادىڭنىڭ غۇۋا يورۇقى ئۈچىشى بىلەنئاستا-ئاستا ئەسنەش، يۆتەل، خورەكنىڭ ئاۋازىغا ئالماشتى.


5


كۈنلەرنىڭ سوغۇقى قانداق بولسا، سەپەرداشلارنىڭ كۆڭلىگىمۇ يىغا ۋە بىرمۇنچە سوغۇقچىلىقنى ئېلىپ كەلدى.بەزىلەرنىڭ ئۈنى يىغىغا بېرىپ، پۇشايمان، ئۆكۈنۈش دەرياسىدا تۇنجۇقۇپ تازىمۇ قىينالغانىدى.ئەمما جاپالىق ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى بولدى. تەقدىرنىڭ شامىلى ئوڭ چىقىپ، ئۈچەي دېگەن ئۈمىد شامىنى قايتىدىن پىلىلدايتتى.يول ئىزدەش، تراكتورنىڭ كاشىلىسىنى تېپىشقا توپتوغرا ئۈچ كۈن كەتكەن بولسىمۇ، ئاخىرى ماشىنا يولى تېپىلدى.بىراق ماتور توڭلاپ كەتكەنلىكتىن،تراكتورنى ئوت ئالدۇرغىلى بولمايۋاتاتتى.بۈگۈن ئەتىگەنلىك چايدىن كېيىن، گۇرۇپپا باشلىقى سالماق تەلەپپۇزى بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى:

-ھېچكىمنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشكە ياكى مۇشۇنداق گەپ تېپىشىغا بولمايدۇ.روھىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئەزىمەتلەردەك بولايلى، قېنى بىزنىڭ باشتىكى ئىرادە جاسارىتىمىز؟ مەن گۇرۇپپا باشلىقى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن ئۆزۈمگە ۋە سىلەرنىڭ ئۆلۈمدىن قورقماس، قەيسەر روھىڭلارغا ئىشىنىمەن.ھەمدەشۇنداق بۇيرۇق قىلىمەنكى، ھازىر ھەرقايسىمىز بىر كۈنلۈك ئوزۇق، چاي ئېلىپ، تېپىلغان يولغا بارىمىز.مېنىڭچە چوقۇم بىرەر ماشىنا-تراكتوركېلىپ قالىدۇ.چۈنكى، چۆل تاغقا ئالتە قىرلىق تاش ئىزدەپ كىرىدىغانلارۋە قايتىدىغانلاربولماي قالمايدۇ.ئاللا بىر مەدەت بەرسە، بىز چوقۇم بۇ نەس باسقان جايدىن چۆلتاغقا سالامەت بېرىۋالىمىز.

-ناۋادا ئىش باشقىچە بولۇپ قالسا، قانداق قىلىمىز؟

-خاتىرجەم بولۇڭلار، بۈگۈن تەلىيىمىز كەلمىسە، ئەتىسى بىر كۈن ساقلايمىز.ناۋادا، يەنە ئىش ئەپلەشمىسە، كۆتۈرگۈدەك ئۇزۇق-مۇز پارچىسى ئېلىپ كەلگەن ئىزىمىزنى بويلاپ، يۇرتىمىزغا قايتىپ كېتىمىز.پەمىمچە، كەينىمىزگە يېنىشقا جىق بولسا، 200 كىلومېتىرلىق يول بار، بىزنىڭ يەيدىغان –ئىچىدىغىنىمىز بار، نېمىدىن غەم قىلغۇدەكمىز!يەيدىغان، ئىچىدىغان نەرسىمىز بولغانىكەن، ھەرىكەت قىلساقلا ھەرگىزمۇ توڭلاپ قالمايمىز.بەك چارچاپ، ئارام ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئازگالنى قېزىپ، چوڭقۇرلىتىپ، ئېلىۋالغان ئوتۇن-كۆمۈرىمىزنى قالاپ ئىسسىنىمىز، ئىككى كېچىنى ئۆتكۈزۈۋالساقلا، چوقۇم ئەتىسى كەچ كىرگىچە دۆلەت چوڭ تاش يولغا چىقىۋالالايمىز.

-شۇنداق قىلايلى، ماڭدۇق-ۋاي!

شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئاخىرقى ئۈمىدىنى يېڭى تېپىلغان ماشىنا يولىغا باغلاپ، پىلاندىكى تەييارلىق بويىچەشۇ ياققا قاراپ يولغا چىقتى.

دېگەندەك چۈشكە يېقىن يىراقتىن بىر ماشىنىنىڭ قارىسى قارا قويدەك چوڭلۇقتا كۆرۈندى.كۆپچىلىك دوڭدىن چۇرقىراپ تۆۋەنگە قاراپ چاپتى.ئاخىر مەلۇم بولدىكى، كەلگەن ماشىنىدىكىلەرمۇ چۆلتاغقا بايلىق ئىزدەپ ماڭغانلار ئىكەن.

–تراكتورنى سۆرەپ بېرىشقا بولمايدۇ، ئارىلىقى يىراقكەن.چۆلتاغدىن قايتىپ كەلگەنلەر كەلگەندە شۇلاردىن ياردەم سوراڭلار -دەپ ئۇنىمىدى خام سېمىزكەلگەن شاپ بۇرۇتلۇق شوپۇر.

-بىز قانداق قىلىمىز، ئۆلۈمنى كۈتۈپ مۇشۇ يەردە تۇرىمىزمۇ؟!ئۇنداق قىلماڭلار بىر مۇسۇلمان بولغاندىكىن ياردەم قىلىۋېتىڭلار،-دەپ يېلىندى سېتنىياز ئۇستا قورۇق يۈزىگە سىلىق تەبەسسۇم يۈگۈرتۈپ.

-ئالدىمىزنى توسماڭلار، نېرى تۇرۇڭلار!

-قانداق قىلماقچىسىلەر؟ ماشىنىنى بولىماقچى؟

-شۇنداق قىلىشقا ئۆزۈڭلار قىستاۋاتساڭلار!-دېدى قاسىم قۇرچى كەسكىن تەلەپپۇزدا.

ماشىنىدىكىلەرمۇ ئۇرۇشقاق خورازدەك ھۈرپىيىشىپ يەرگە چۈشتى-دە، توپتىن بىرى:

–ۋاي خۇدايىم، ئۆزىلەمىدىلەقاسىم ئاكا،-دەپ تونۇشلۇق بەرگىنىچە، سالام بېرىپ ئەدەپ بىلەن قول ئۇزاتتى.

-پاھ، چىقتىملىق ئابدۇللامۇسەن. باركولدىن قاچان كەلدىڭ ئىنى، تاش ئىزدەپ، چۆلتاغقا كېلىپ ئۇچرىشىپ قالغىنىمىزنى قارا.

ئۇلار ئەسلىدە بىر مەزگىل باركۆل ناھىيىسىدە مال سودىسى قىلىش جەريانىدا، قاسىم قۇرچى ئابدۇللانىڭ زىيىنىنى تولدۇرۇۋېلىشىغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكتىن، ئىككىسى سودىدا بىر-بىرىگە يۆلەك بولۇشۇپ، يېقىن قېرىنداشلاردەك بولۇپ قالغان ئىدى. مانا ئەمدى تەقدىرنىڭ ئاتقان سالغا تېشى مۇشۇ قارغىش تەگكۈر چۆلدە ئۇچراشتۇرغىنى قاراڭ.«بىر ياخشىلىق يەردە قالماس، بىر يامانلىق»دېگەن راست ئوخشايدۇ.ئارىلىق يىراقراق بولسىمۇ، دوستلۇق يۈزىسىدىن ماشىنىدىكىلەر تراكتورنى سۆرەپ ئوت ئالدۇرۇپ بېرىشقا ماقۇل بولدى.شۇنداق قىلىپ، بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىز چىرايلىرىدا كۈلكە ياغدۇرۇپ، ماشىنا كەتكەن يولنى بويلاپ، چۆلتاغقا قاراپ ئوڭۇشلۇق يۈرۈپ كەتتى.يولدا يەنەقۇرۇق قول قايتىپ كېلىۋاتقان بىر تراكتورلۇق ئاۋارە مىسكىن چىراي كىشىلەرنى ئۇچراتتى.ئۇلار گەرچە ۋارقىرىشىپ، قول پۇلاڭلىتىپ كېتىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئەزايىدىن مىڭ يىللىق ھەسرەتنىڭ توپىسى تۈكۈلۈپ تۇرغاندەك شۇنداق بىچارە كۆرۈنۈپ كەتتى.

-تاش قېزىشمۇ دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەك قىيىن ئىش، جۇمۇ.

-«كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟»دېگەندەك كىمدىنمۇ ئاغرىنغۇلۇق؟!-دەپ غودۇڭشىدى سېتنىياز ئۇستا.

-كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كەلمەيدۇ، دېگىلى بولاتتىمۇ!

-توۋا دەپ، تېزرەك كۈتتۈلىرىنى كۆتۈرۈۋەتسىلە!-دېدى ساۋۇت مەزىن ئىسمائىل جۈجەكنى نۇقىلاپ.

كۆپچىلىك مۇشۇنداق قىزىق گەپ-سۆز، ھەرىكەتلىرىدىن كۈلۈشكىنىچە، ئۇزاق يىلان باغرىدەك سوزۇلغان چۆلتاغ يولىدا خۇددى قويۇنتازدەك قويۇق توپا-چاڭ بىلەن بىللە ئېگىز-پەس داۋانلارنى گاھ چۆرگىلەپ، گاھ كېسىپ دېگۈدەك ئاخىرقى نىشانغا قاراپ ئاستا-ئاستا ئالغا سىلجىماقتا ئىدى.


ئالتە قىرلىق تاش باشقا تېمىلار
ئالتە قىرلىق تاش(01)ئالتە قىرلىق تاش(02)ئالتە قىرلىق تاش(03)ئالتە قىرلىق تاش(04)ئالتە قىرلىق تاش(05)
ئالتە قىرلىق تاش(06)