باش بەت / ساقلايمەن

ئالتە قىرلىق تاش(04)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-11-17 11:20 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

تۆتىنچى باب

1


ئىككى كۈنلۈك جاپالىق سەپەردىن كېيىن، بىزنىڭ بايلىق ئىزدىگۈچىلىرىمىز ئاخىرقى نىشانغا يېتىپ كەلدى. بىر ئىككى كىلومېتىرلىق دائىرىدە بىرەر يۈزدەك كىشى بار ئىدى. زومچەك-زومچەك بارخان-دۆڭلەر، چوڭقۇر ئازگاللىقلار ئارا تىكىلگەن چېدىرلار بىلەن چۈمكەلگەن چۆلتاغ شۇنداق ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتىكى، كەلگەنلەر ھەيرانلىق كۆزلىرىنى ئالاق- جالاق قىلىشىپ، ياقىلىرىنى چىشلەشتى. گاھىدا «گۈمبۈر - گۈمبۈر» قىلغان ئاۋازلار بىلەن تەڭ ئاسمان-پەلەك چاڭ-توپىلار ئەتراپنى بىر ئالاتتى. كىشىلەرنىڭ قىيا-چىيالىرى قوشۇلۇپ، قايناق بىر جەڭ مەيدانىغىلا ئوخشىشىپ قالغان ئىدى. كۆپچىلىك چۇرقىرىشىپ، يىراقتىكىلەرگە قول پۇلاڭلىتىپ، ئالتە قىرلىق تاش قېزىش مەيدانىغا ئامان-ئېسەن يېتىپ كەلگىنىگە ئۆز خۇشاللىقلىرىنى ئىپادىلەيتتى. ھەممىدىن بەكرەك خۇشال بولغىنى قاسىم قۇرچى بولسا كېرەك، نامرات قېرىنداشلىرىنى مۇشۇ گۆھەر ماكانىغا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ كەلگىنىمۇ قالتىس تەبرىكلىگۈدەك ئىش –تە!
ئىپادىلىگۈسىز بىر خىل ھاياجان ئىلكىدە قاسىم قۇرچى توپتىن ئايرىلىپ ياندىكى ئېگىز بىر دۆڭگە چىقىپ، بىپايان چۆلتاغقا نەزەر سالدى. پاھ، ئاجايىپ رەڭدار گۈزەل دۇنياغۇ بۇ! ئوڭ تەرەپكە قارىۋىدى، خۇددى سالا-سالا ئېتىزلىقلاردەك يېشىل رەڭلىك تۇپراق ياتاتتى. ئۇدۇلغا نەزەر ئاغدۇرۇۋىدى، خۇددى يىراقتىن كۆرۈنۈۋاتقان بىر چوڭ قىچىزارلىقتەك سېرىق رەڭلىك تۇپراق. سول يانغا قارىۋىدى، كۆك رەڭلىك تۇپراق يېيىلىپ ياتاتتى. ئارقىغا قارىۋىدى، بوز رەڭ تۇپراق. ئېھ گۈزەل، سىرلىق غايىۋى شەھەر... ئېھ رەڭلەر جۇلاسى، گۆھەرلەر ماكانى! مېنى ئىللىق باغرىڭغا باسقىن. بۇ نېمە دېگەن گۈزەل زېمىن-ھە؟! ئەي «گۈلتاغ»، ئۇزاق ئەسىرلەرنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى گۈل-چېچەكلىك گۈلىستانلىق قوينۇڭنى تىلغاپ، سېنىڭ شۇ گۈزەل مۇبارەك ئىسمىڭنى «چۆلتاغ»دەپ ئۆزگەرتكىنىگە قاتتىق يىغلايمەن. كۆك ئاسمان بەلكىم تولا يىغلاپ يېشى قۇرۇغان چېغى، باغرىڭغا يامغۇر- قار دېگەنلەر ياغماي، قاقاسلىققا ئايلانغانسەنمۇ؟!
شۇ تاپتا بۇلۇتلۇق كۆكتە بىر توپ بېغىرتاق قۇشى جەنۇبقا قاراپ ئۇچۇپ ئۆتتى. تۆۋەندىكىلەردىن بەزىلىرى قۇشلارغا ئىسقىرتىپ ۋارقىراپ قوللىرىنى پۇلاڭلاتتى، بىرلىرى نېمىلەرنىدۇر دەپ ۋارقىراپ سۆزلەرنى خالتىلىق ئەۋەتەتتى. بۇنداق زور خۇشاللىقنى تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن بولمىسا كېرەك، بۇنداق خۇشاللىقلار يەنە نىسىپ بولارمۇ؟ تەقدىرنىڭ يەنە قانداق كارامەتلىرى ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغاندۇ؟ ئەزەل ھاياتلىق شۇنداق بولغان، يىغا بىلەن كۈلكىسى قوشماق، بەخت تاق، ئازاب-ھەسرىتى جۈپ. ئۆلۈم ھىدى پۇراپ تۇرغان چەكسىز چۆلتاغدا قۇشلارنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن قاسىم قۇرچىنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش قاتتىق ھاياجاندا كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياش تامچىلىرى سىرغىپ چىقتى. بۇرنى ئېچىشىپ، قۇشلار كەتكەن تەرەپكە تىكىلگىنىچە خېلى ئۇزۇنغىچە تۇردى. سېتنىياز ئۇستا چاقىرغاندىلا، ئاندىن تۆۋەنگە قاراپ، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ ئاستا – ئاستا قەدەم باستى.
-يولداشلار، مۇنداق قىلايلى،-دېدى قاسىم قۇرچى ۋەزمىن ئاھاڭدا قەددىنى رۇسلاپ تۇرۇپ،- بۈگۈن بىز كان رايونىدا نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن خۇشاللىقىمىز كۆككە يەتتى. بىراق شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، بۇ دېگەن بەرىبىر چۆل، ئۈچ كۈن چۆلدە يولدىن ئادىشىپ قېلىپ، يەتكۈچە جاپا، كۆرمىگەن سوغۇقنىڭ تەمىنىمۇ تازا تېتىدۇق. ھەتتا ھاياتىمىزنى قۇتقۇزۇشمۇ ئاسانغا چۈشمىدى. مەن دېمەكچى، بىز مۇشۇ ئادەملەرنىڭ تۇرالغۇ ماكانلىرىنىڭ نەق ئوتتۇرىسىغا چۈشكۈنگاھنى قۇرساق.
- شۇنداق قىلايلى، ئورۇنلۇق گەپ،- دېدى ئېگىز بويلۇق ئۆچكە ساقاللىق دېھقان ئېغىزىدىن تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ تۇرۇپ سۆزلىگەچكە، ئىسىنى قاتتىق شورىۋېلىپ يۆتىلىپ تۇرۇپ.
- تۆگىدەك بويۇڭ بولغۇچە، تۈگمىدەك ئەقلىڭ بولسىچۇ كاشكى،- دېدى دوغىلاق دېھقان ئورۇق دېھقانغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ،- خەق قېزىپ–پېتىقلاپ قۇرۇقداپ قويغان يەرنى بىز قازامدۇق؟
- ئۆزىمىزنى بىلسەك ياخشىدى، ئىشقىلىپ.
- جىن-ئالۋاستىنىڭ ئۇگىسىدا تۇخۇم باسۇرماقچىمىدىڭ، جۈجەك!
- خەپ شۈك،- دېدى سېتنىياز ئۇستا ئاپتاپتەك سېرىق چېھرىنى پۈرۈشتۈرۈپ،- يەنە بىر-ئىككى كىلومېتىر مېڭىپ، ئاندىن شۇ جايغا چېدىر تىكەيلى.
- ئىنژىنىرىمىزنىڭ پىكرىچە بولسۇن، ئەمىسە،- دېدى قاسىم قۇرچى كۆپچىلىكنىڭ رايىغا بېقىپ،- شۇنداقتىمۇ ئادەملەر توپىدىن يىراقلاپ كەتمەيمىزكەن.
كۆپچىلىك «ھۇررا» قىلىشىپ، تراكتورغا قايتا چىقىشتى. تراكتورنىڭ ئاۋازى بۇ جەڭ مەيدانى ئارىسىدىن قاپقارا ئىس چىقىرىپ، تات-تات قىلىپ ئاستا-ئاستا خىلۋەت چۆلتاغنىڭ ئىچكىرىگە سوزۇلدى. قول پۇلاڭلىتىشلىرى، ۋارقىراشلار، ئىللىق تەبەسسۇملىرى خۇددى ماتورنىڭ شۇ ئىسىدەك بىردەمدە كۆزدىن غايىب بولدى.
ئاجايىپ شەكىلدىكى تۆپىلىكلەر، ئويمانلىقلار بىلەن تولغان بىپايان چۆلتاغدا يەنە بىر توپ كىشىلەر توپقا كېلىپ قوشۇلغان بىر توپ ياۋا ئادەملەردەك بۇ خىلۋەت ماكانغا چۈشكۈن قىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك بىر ئازگاللىقنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، شۇ جاينى يەنە بىر مېتىردىن كولىشىپ، ئىچىنى يوغان بىر ئۆينىڭ ئىچىدەك تۈزلىدى. ئەمدى چېدىرنى قانداق قىلىپ يېپىش مەسىلىسى قالدى. ئېلىپ كەلگەن بادىر-توقماق ئاران ئىككىلا ئىدى. باشتا ئويلاشماپتۇق، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ قالغانلار بىرەر تال تاماكا چەككەچ، تەرىنى سىڭدۈرۈپ ياندىكى تۆپىلىكتە ئولتۇردى.
- مۇشۇمۇ بىر ئىشمۇ؟- دېدى دوغىلاق تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلىگەنچە ئالچاڭلاپ كېلىپ، ئۇزۇن بادىرنى قولىغا ئالدى.
كۆپچىلىك ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ تۇراتتى. ئۇ بادىرنى ئورەكنىڭ ئوتتۇرىغا تىكتى، ئاندىن ئىسمائىل جۈجەك، شوپۇر، ئورۇق دېھقاننىڭ ياردىمىدە چېدىر پالىزىنى ئۈستىگە يېپىپ، تارتىشتۇرۇپ ئەتراپىغا توپا تاشلىماقچى بولىۋېدى،«جارت»قىلغان ئاۋاز بىلەن پالازنىڭ يېرىمىنى چەنزىنىڭ ئۇچى يىرتىۋەتتى. كۆپچىلىك جىددىيلىشىپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. ھەممىسى دوغىلاقنىڭ مەنمەنلىكىنى ئەيىبلەپ، ئۇنى بىرنېمە دېگىلى تۇردى.
- چېدىر دېگەننى ئالامەت تىكىپ قويىدىكەنسەن، جۇمۇ ئاداش.
- سوغدا توڭلىتىپ ئۆلتۈرەي دەمسەن، پور كۆتەك!- دېدى ئىسمائىل جۈجەكمۇ ئەتەي چېقىشىپ.
-قولۇڭ باغلاقمىدى خاۋارىچ!، پالازنى ئوبدان تۇتساڭمامدۇ،-دەپ غودۇڭشىدى دوغىلاق ئالا-سېرىق بولۇپ.
- بولدى، تەگەشمەڭلار! ئارتۇقچە غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق،- دېدى قاسىم قۇرچى كۆپچىلىككە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ،- بىزنىڭ ئىنژىنېرىمىز بارغۇ؟ قېنى ئۇستام كارامەتنى بىر كۆرسىتىپ، كۆزىمىزنى چوڭ ئېچىپ قويماملا ؟
- ھى، ھى... «تۆگىنى ئۇسۇلغا سالسا، بىر تاختا پالازنى بۇزار » دېگەندەك ئىش بولمىسا بولاتتىغۇ، ئاخىر.
سېتنىياز ئۇستىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئەڭ ئۇزۇن بىر تال بادىر ئازگالنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا كەلتۈرۈپ توغرىسىغا قويۇلدى. بۇنىڭدىن ئەجەبلەنگەن ھەمراھلىرىغا قاراپ، قاسىم قۇرچى:
- ئۇستام، بىزگە دار ئويۇنى كۆرسىتىپ بېرەمدۇ، نېمە؟- دەپ ئەتەي چېقىلدى.
- پارنىك ياپىمەن، دېسىلە،- دېدى سېتنىياز ئۇستا مۇغەمبەرلىك بىلەن ھىجىيىپ،- ئەمدى تۆتىڭلار چېدىرنىڭ تۆت بۇرجىكىدىن تۇتۇپ، چەنزىنىڭ ئۈستىدىن ئارتىلدۇرۇپ چىڭ تارتىپ تۇرۇڭلار. قالغان ئۈچىمىز گۈرجەك بىلەن ئەتراپىنى مەھكەم باستۇرۇپ، توپا تاشلايمىز.
شۇ ئىش تەرتىپى بىلەن كۆپچىلىك قولمۇ- قول ھەمكارلىشىپ، پالاسنىمۇ يېپىپ، ئۆينى ياسىۋالدى. گەرچە تۆشۈك-يىرتىق جايلىرى بولسىمۇ شامال-سوغۇقتىن دالدا بولغۇدەك ماكان ھازىرلاندى. ھەممەيلەن بۇ يېڭى ئۆيىدىن مەمنۇن بولسا كېرەك، ئارتۇقچە گەپ قىلىشمىدى. كونا قەلەي مەشمۇ جايىنى تېپىپ، ئوت يېقىلدى. يوتقان-كۆرپە، لازىملىق زۆرۈر نەرسىلەر مۇۋاپىق سەرەمجانلاشتۇرۇلۇپ، لاپاسنىڭ ئىچىمۇ ئىللىپ، ئانچە-مۇنچە ئۆيگە ئوخشىدى. قاراڭغۇ چۈشكىچە پۈتۈن تەييارلىقلار ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.
ئېھ بۇ خۇشاللىقلار نەدىن كەلدى؟ شۇنداقكى، ھاتلىقنىڭ جىمى ئىشلىرى مەلۇم تەرتىپتە بولىدۇ. غۇنچىنىڭ بەخت شادىغا قاراپ ھەۋەسلەن. بۇلبۇل، كېپىنەك ئۈستىدىن ئەگىپ كېتەلمەس. توزغاققا قاراپ ئىبرەت ئال، ئازغىنە شامالغا بەرداشلىق بېرەلمەي، سەرسان ئۇچىدۇ. بىرى كىچىك پىئېللىق بىلەن ئېگىلىپ تۇرىدۇ؛ نە بىر ئېتەك، نە بىر ياقا يەشمەيدۇ. يەنە بىرى، تۈلكە تۇماق كىيىپ، غادىيىپ تۇرىدۇ. شۇنى بىلگىنكى، تويماس ئاچ نەپسىگە ئوت قويۇپ ئۇنى خارلىغان كىشى، ئاشۇ غۇنچىدەك ئەزىز شاد ياشايدۇ.
ھەممەيلەن خۇشال ھالدا مەشنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، تاماكا چېكىشكەچ، قازانغا سېلىنغان مۇزنىڭ ئېرىشىگە قاراپ ئولتۇراتتى. ساۋۇت مەزىن قىرىپ تەييارلانغان سەۋزىنى قانداق توغراشنى ئەپلەشتۈرەلمەي، قىڭراقنى گاھ مۇنداقسىگە، گاھ ئۇنداقسىگە تۇتۇپ، ئاخىرى مونەك-مونەك، قېلىن-يالپاق توغرىدى. مەشكە ئەڭ يېقىن ئولتۇرۇۋالغان يېلىڭ كىيىم بىلەنلا كەلگەن شوپۇر يىگىت ئاشپەزنىڭ بۇ كۈلكىلىك ھەرىكىتىنى كۆرۈپ قېلىپ، پىخىلداپ كۈلۈۋىدى، مەزىننىڭ توغرىغان سەۋزىسىگە قالغانلارنىڭمۇ كۆزى چۈشۈپ قالدى. ئەمما يامان بولغىنى ساۋۇت مەزىننىڭ قېرىلىقىدىن، ئىشقا يارىماس دەپ قاراپ كېلىۋاتقان دوغىلاق دېھقاننىڭ گېپىنى چىقىرىپ قويدى-دە.
- توۋا، ئاشپەز ئۇستام- دېدى دوغىلاق دېھقان ئاۋازىنى يوغان چىقىرىپ،- بىزنى دىۋە دەپ قالدىلىمۇ، ئۆزلىرى.
- ۋاي خۇدايىم، قويغا توغرىغاندەكلىغۇ،-دېدى ئىسمائىل جۈجەكمۇ پاس بېرىپ.
- مەم، مە.. ن ئەمدى شۇ ئۇكەم مۇشۇ قىڭراق دېگەن نېمىنى زادىلا تۇتۇپ باقماپتىكەنمەن.
- سىلەر ئىككى بەڭگىنى-زە!-دېدى قاسىم قۇرچى ئاچچىقلاپ ئۇلارغا تېرىكتى،- ئاچ قورساققا چەككەن تاماكا بېشىڭلارنى ئاپتۇ، مەزىنگىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلامسىلەر-ھە؟!
بۇ ئورۇنلۇق گەپتىن قالغانلارمۇ ھەرنېمە دەپ ئويۇن –كۈلكە قىلىشتىن توختاپ قالدى. ئاڭغىچە ئۇنىڭ قۇدىسىمۇ چاققان كەلدى.
- مانا مۇنداق توغرىساق بولىدۇ، ئۇستام،- دېدى سېتنىياز ئۇستا قىڭراقنى قولىغا ئېلىپ بىر تەرەپتىن ئۆگەتكەچ،- سۇيۇق ئاشقا ئۈچ بۇرجەك قىلىپ نېپىز توغراش كېرەك، قارىسىلا، ھە مۇنداقسىغا...
ئاخىرى ئاشمۇ تەييار بولدى. ھور چىقىپ تۇرغان سۇيۇق ئۈگرە ئاش سوغۇقتا تىترەپ تۇرغان بەدەنلەرنى تەرلىتىپ، ئىسسىق ھارارەت ئاتا قىلدى.
- ئۇستام، ماۋۇ تاش بىزەمۇ پىشماپتىغۇ؟- دەپ غودۇڭشىدى ئىسمائىل جۈجەك،- دادۇردەك بىر تاشنى چوكىدا قىسىپ كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
- ئۈكەم، ئەمدى تاشمۇ پىشامدۇ؟- دېدى ساۋۇت مەزىن بىر قىزىرىپ، بىر تاتىرىپ ئارانلا.
كەچلىك تاماقمۇ مۇشۇنداق بىر قاتار قىزىق ئىش، گەپ-سۆزلەر بىلەن يېيىلىپ، ئىسسىق ئاشنىڭ تەپتىدە ھەممەيلەن ھوزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئەتىدىكى ئىش-پىلان ئۈستىدە ئەركىن سۆھبەت ئېلىپ باردى. كېيىن، كۆپچىلىك قاسىم قۇرچىنى ھېكايە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇرىۋالدى.
- يولداشلار، ئۇنداق بولسا،- دېدى قاسىم قۇرچى ۋەزمىن ئاھاڭدا،- «چۆلتاغ» توغرىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەي، بىز نەچچە ۋاقتىن ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن، ئەمما ئاراڭلاردىكى بەزىلەرگە دوزاخ بولۇپ تۇيۇلغان بۇ سىرلىق ماكاننىڭ ئۆتمۈشىنى ئاز-تولا بولسىمۇ بىلىپ باقسۇن، دېدىم. بۇرۇنلا بۇ جاي مۇشۇنداق قاقاس چۆل-جەزىرىمىدۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس. سىلەرگە دېسەم، ئۇنىڭ باشقا بىر چىرايلىق نامى بولغانىكەن.
- ئىسىڭنى نېرى پۈۋلە، جۈجەك،- دەپ غودۇڭشىدى ئېگىز بويلۇق ئورۇق دېھقان قېقىلىپ يۆتىلىپ.
- سەنمۇ چېكىپ قوي، ئەر قىلىدىغان نەرسە بۇ جۇمۇ.
- ھاي ئاداشلار، ئەدەپ!
- ھېكايە ئاڭلىغىلى قويساڭلارچۇ!
- خەپشۈك! ئاغزىڭغا تاش-تۇپراق،- دەپ سېتنىياز ئۇستا تەرتىپنى جىمىلىدى.
- سىلەرگە دېسەم، «چۆلتاغ» بۇرۇن «گۈلتاغ»دەپ ئاتالغانىكەن. بۇ قاقاس چۆللۈك ئەينى زامانلاردا ئەڭ گۈزەل، قويۇق چاتقاللىق، ئورمانزارلىق، گۈل-گۈلىستانلىق ماكانمىش. ئاتا-بوۋىمىز گۈلتاغنىڭ باغرىغا كۆچۈپ بىلكىرام شەھىرىنى، تاغنىڭ شىمالى تەرىپىدە چوڭ ھەسە، كىچىك ھەسە شەھەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپتۇ. كېيىنكى دەۋرلەردە، سۇ قاتلىمى تۆۋەنلەپ، قاتتىق قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولغاندا، بۇ جاينى تاشلاپ شىمال تەرەپكە كۆچۈپ «بۇلان»دەمدۇ، ياكى «بۇلاق»دەمدۇ يەنە بىر شەھەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپتۇ. ئۇزاققا بارماي، بۇ شەھەرنىمۇ قۇم بېسىپ كەتكەنلىكتىن، داۋاملىق كۆچۈپ يەنە بىر شەھەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپتۇ. ئۇنىڭغا پىچان دېگەن نامنى قويۇپتۇ. بۇ نام تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى خارابلاشقان «پىشامشان»شەھىرى نامىنىڭ كېيىنكى زامانلاردىكى ئاتىلىشى ئىكەن.
شۇنداق قىلىپ، بۇ كېچە چۆلتاغقا كەلگەن تۇنجى كۆڭۈللۈك بىر كېچە بولۇپ قالدى. يۇلتۇزلار چېدىرنىڭ يىرتىق-تۆشۈكلىرىنىڭ تار قىسىلچاقلىرىدىن مارىشىپ كۆزلىرىنى چىمچىقلاتقىنىچە، جىمجىتقىنە ھېكايە ئاڭلىغاندەك كۆرۈنەتتى. كۆپچىلىك يوتقان-جۇۋىلارغا چىڭ يۆگىلىپ، قاتتىق سوغۇقتا تۈگۈلۈپ، ھارغىن كۆزلىرىنى يۇمدى. بۇ سوغۇق كېچىدە ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك گۈزەل، شېرىن چۈشلەرنى كۆرگەنلىكىدە گەپ يوق. ئىسمائىل جۈجەك چۈشەكەپ بىرنېمىلەرنى دەپ ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيانغا چۆرۈلۈپ زادىلا جىم ياتالمىدى. ئەنە شۇ تاپتا، ئۇ بىر توپ كىشىلەرنىڭ بازغانلىرىنى «گۈپ-گۈپ» قىلىپ ئۇرۇشۇپ، ئېگىز-پەس چۆل باغرىدىكى تۆپىلىكلەردە توپا قېزىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتە. «دۇم-دۇم» قىلىپ پارتلىغان ئاۋازلار ياڭراپ، خۇددى مىنا ئۇرۇشىدەك ئاجايىپ بىر خىل جەڭ مەنزىرىسىنى شەكىلكەندۈرگەن، ئەمما ئۇ كىشىلەرگە توپا ئاستىدىن تاش ئورنىغا توزغاق چىقارمىش، قولغا ئالغان ھامان پۇر قىلىپ توزۇپ كۆزلەردىن غايىب بولغۇدەك. بىردەمدە قارا قۇيۇن چىقىپ، ئۇنى ئۇچۇرۇپ بىر نامەلۇم دۆڭلۈككە ئاپىرىپ تاشلاپتۇدەك. بارغان جايىدا شۇنداق چىرايلىق ھاۋا بولغانمىش. ماۋۇ يەرگە قارا دېگەندەك بىر سادا ئاڭلىنىپتۇ. قارىسا، چايداننىڭ ئىچىدىكى سۈزۈك، شىشىدەك چوڭلۇقتىكى شۇنداق چىرايلىق، پارقىراق يوغان تاشلار توپا ئاستىدىن ئۆزلۈكىدىن تىنىمسىز ئۇچۇپ چىققىنىچە، ئىسمائىل جۈجەكنىڭ ئەتراپىدا دۆۋە-دۆۋە بولۇپ توپلىنىپ كېتىۋاتقىدەك.


2

 

شېرىن چۈش توغرىسىدىكى تاتلىق تاما پاراڭلار بىلەن ھەركىم ئۆز قىياسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆڭۈللۈك ناشتا قىلىشقان بولدى. ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن، تاش ئىزدىگۈچىلەر ساۋۇت مەزىننى ئاشپەزلىككە ۋە مال-مۈلۈككە قاراشقا قالدۇرۇپ، ئىككىدىن بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ئەتراپقا تارىلىپ تاش ئىزدەش ئىشىغا ماڭدى. لوم تۆمۈر، بازغان، گۈرجەك، پارتلاتقۇچ دورا قاتارلىق كېرەكلىك قوراللار بىلەن قوراللانغان بۇ قەيسەر كىشىلەر قاتتىق- قۇرۇق نان، سۇ دېگەندەك زۆرۈر لازىملىقلارنى يۈدۈشۈپ زور ئۈمىد بىلەن تاش قېزىش جەڭگە ئاتلاندى.
ئەينەكتەك سۈپسۈزۈك خىرۇستال تاش بۇ تەۋەككۈلچىلەر چۈشىدە كۆرگىنىدەك قۇم-شېغىلنىڭ ئۈستىدىلا ۋالىلداپ تۇرغان بولسا، كاشكى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ توغرىسىدا ھېچقانداق پەننىي ساۋاتى يوق كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، نى-نى جەۋرى- جاپالار مانا مەن دەپ كۆزگە كۆرۈنۈشلۈك ئىدى. ئېگىز-پەس كەتكەن ئىدىرسىمان تۆپىلىكلەرنى «بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم»دەپلا تەۋەككۈل قىلىپ قېزىشقا توغرا كەلدى. نىپىز بىر قەۋەت قۇمساڭغۇ توپىنى قارىۋەتكەندىن كېيىن، 40-50 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا قاتتىق تۇز قاتلىمىغا دۇچ كېلەتتى. ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بىر كىگىزچىلىك ئورۇندىن تىرەن بىر قېزىم ئېچىش كېرەك. «مانا چىقىپ قالار» دەپمۇ يەنە بىرمۇنچە يەرنى قېزىپ كېتىدىغان گەپكەن. بۇ خىل تەكرار جاپالىق ئەمگەكلەر خۇددى پارس شائىرى جالالىدىن رۇمىي(1207-1272) نىڭ «ھەددىدىن ئاشمىسۇن ئارزۇنىڭ كۆپى، تاغنى كۆتۈرەلمەس بىر سامان چۆپى»دېگەن بېيىتىدە دېيىلگىنىدەكلا ئاقىۋەت بىلەن تاماملىناتتى. تۆمۈر قوزۇقنى بىرەيلەن چىڭ تۇتۇپ تۇرسا، يەنە بىرى غۇلاچلاپ بازغان ئۇرۇشى كېرەك. ھەر قېتىملىق تاش-توپا قېزىش شۇنداق دەھشەتلىك بولاتتىكى، قاقتەك، ياڭاقتەك چوڭلۇقتىكى تۇز-قاتمىلار گرانات پارچىسىدەك ئەتراپقا چاچراپ چىقاتتى. ھەر قېتىم بازغان ئۇرۇلغاندا، كىشى قاتتىق ھاسىراپ، بۇرۇن-ئېغىز تۆشۈكچىلىرىدىن پۇرقىراپ ھور چىقاتتى-دە، بىرنەچچە بازغان ئۇرۇلغۇچە، بۇرۇت-قاش ۋە زاڭاق چاچلارنى ئاپئاق قىرو تۇتاتتى. بەش-ئون بازغان ئۇرغىچە، ئۆپكىدەك قىزىرىپ، ھاسىراپ-ھۆمىدەپ كەتكەن كىشى قارا تەرگە چۆمۈلۈپ، خېلى ئۇزۇنغىچە چىرايىدىكى ئېغىر ئەمگەك ئالامەتلىرى يوقاپ كەتمەيتتى. بازغاننىمۇ نۆۋەتلىشىپ ئۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. شۇنچە جىددىي، كۈچەش ھەرىكىتى ئېنىرگىيەنى زىيادە خورىتىپ،كىشىنى بەكرەك ماغدۇرسىزلاندۇراتتى. سوغۇق شامالنىڭ ۋىژىلدىغان ئاۋازى، بازغاننىڭ « گۈپ-گۈپ» ئاۋازى بىلەن ئۇرغۇچىنىڭ «ھە-ھۇ» قىلىپ كۈچەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى قوشۇلۇپ، كىشىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلىپ، قۇلىقىنىڭ بېزىنى ئالاتتى. نەدىمۇ ئەمگەكنىڭ ئاسىنى بولغان؟ ئەمما شارائىتنىڭ قىيىنى بار. ھۈرەك بولۇپ كەتكەن قوللاردىكى نىپىز سۇلۇق ئىششىقتىن زەرداب چىقىپ تۇرسىمۇ، پەقەت چىداش كېرەك. بۇ يەرگە پەقەت «چىداش»دېگەن سۆزلا ئەڭ مۇۋاپىق بولسا كېرەك. ئازراق ئارام ئېلىش ئۈچۈن توپىدا ئولتۇرۇپ، سۇ ئىچىپ قويدىمۇ بولدى، بەل قېتىپ،تېلىپ،سىرقىراپ ئىش خۇشاقماس بولۇپ قالاتتى. بۇنداق ئېغىر ئەمگەكلەرگە پەقەت ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى قاتتىق چىشلىگەن ئەركەكلا بەرداشلىق بېرەتتى، خالاس.
- سەنمۇ بىرنەچچىنى ئۇرۇپ باقە، جۈجەك- دېدى دوغىلاق بەيگىدە ھالىدىن كەتكەن چىلان تورۇق موڭغۇل ئېتىدەك قارا تەرگە چۆمۈلگەنچە قاتتىق ھاسىراپ.
- سوغۇق لوم تۆمۈرنى تۇتۇشنى ئاسان دەپ قالما، خاۋارىچ،- دېدى ئىسمائىل جۈجەك جىلە بولۇپ،- ياش بولغاندىكىن، بولدى بازغاننى سەنلا ئۇرە، گۈرجەكنىمۇ بوپتۇ، مەن تۇتاي.
- ئون خوتۇننى زىيادە ئالدىم دەپ، ئۆزۈڭچە مەندىن چوڭ بولىۋالدىڭمۇ، خوتۇنپۇرۇش! ئاش ئىچكەندە، قوتۇر ئىتتەك شالاپلاپ ئەڭ يوغان پەدەڭدە ئۈچنى ئىچىسەنغۇ؟! ئىش قىلغاندا-زە، كېسەل خوتۇندەك ئاۋازىڭ پەسلەپ كەتتا، ئەجەب.
- مېنىڭكىدەك مەزۇت بويۇڭ بولسا ئىچمەمسەن، خاۋارىچ. بازغان ئۇرماق نېمىدى، بوپتۇ، ئۇرسام ئۇردۇم!
ئىسمائىل جۈجەك نومۇس كۈچىدىن بىر قىزىرىپ، بىر تاتىرىپ يۈرۈپ قولىغا يوغان، ئېغىر بازغاننى ئالدى. غۇلىچىنى شۇنداق چوڭ كېرىپ، شۇنداق ئاجىز ئۇردىكى، خۇددى تامغا قوزۇق قاققاندەك. دوغىلاقنىڭ ئاچچىق غۇتۇلدىشىدىن قورقتى بولغاي، ئارقىدىن يەنە بىرنەچچىنى يامان ئەمەس ئۇرىۋىدى، پۇت -قولى تىترەپ، يۈز-مۇسكۇللىرى ئۆپكىدەك ئېسىلىپ، قاتتىق يۆتىلىپ قېقىلىپ نەپىسى يېتىشمەي قالدى. ئۇنىڭ بازغاننى چۆرۈۋېتىپ، مۈكچىيىپ، كېسەل قېرى قويدەك شۇنداق سەت يۆتىلىشى دوغىلاقنى چۆچىتىۋەتتى. دوغىلاق ئىسمائىل جۈجەكنىڭ ئېغىر كېسىلى بارلىقىنى ھېس قىلىپ، بىرەر يامان ئاقىۋەت چىقىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدى بولغاي، دېمى تېخىمۇ ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىسمائىل جۈجەككە بازغان بېرىلمىدى. ھەر قېتىمقى تاش قېزىشتا، دوغىلاق بازغاننى شۇنداق قاتتىق ئۇراتتىكى، غىڭ قىلماي، پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ ئەستايىدىل ئىشلىگەچكە، ئىسمائىل جۈجەك ئۆزىنىڭ ئىشقا ئەسقاتمىغانلىقىدىن خىجىل بولغان بولسا كېرەك، بەزىدە ئۇنىڭغا تاماكىنى قېيىقچە يىرتىلغان گېزىت پارچىسىغا كانايچە ئوراپ تەييارلاپ بېرىدىغان بولدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار پات-پات تەگىشىپ، قىزىرىشىپلا يۈرەتتى. قاسىم قۇرچى بۇ ئىككىيلەننىڭ مۇشۇ خىل مىجەزىنى ئوبدان بىلگەچ، ئۇلارنى مەقسەتلىك بىر گۇرۇپپا قىلىپ قويغان ئىدى.
- پاھ ئۈكەم، بازغان دېگەننى شېرىننىڭ ئىشقىدا ئوت بولۇپ يانغان پەرھادتەك ئۇرىدىكەنسەن،- دەپ ماختاپ كەتتى دەم ئېلىشتا ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەن قاسىم قۇرچى مەمنۇنلۇق بىلەن،- ناۋايى يازغان«پەرھات-شېرىن»داستانىدا، پەرھاتنىڭ بېتون تاغنى چېپىشى شۇنداق تەسۋىرلەنگەنكى، چاچراپ چىققان تاش پارچىلىرى ئاينىڭ يۈزىنى ماتىلاپ تاش بوراندەك ياغقانمىش.
- مۇشۇ پور كۆتەكنى پەرھاتقا ئوخشاتقانلىرى نېمىسى مالكا، ۋاي ئىسىت! ۋۇدالاڭغا پەن جىلەن زايە كەتمەمدۇ؟!
- ئۆزۈڭنى شىمىنچىڭ چاغلاۋاتامسەن، قېرى جۈجەك!
بۇ يەردە باشقا يۇرتتىن كەلگەنلەردىنمۇ بىرنەچچىسى تاماشا كۆرۈپ تۇراتتى. بىر مەيدان بۇ قىزىقچىلىقتىن ھەممەيلەن ھاردۇق چىقارغاندەك بولدى. بۇ چۆل تاغدا نەدىن كېلىشتىن ياكى ناتونۇش بولۇشتىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى بىر قېيىقتىكى تەقدىرداشلاردەك بولغاچقا، تاماكا سورىشىپ، ئۆزئارا چېكىشكەچ، ئەھۋاللىشىپ تۇراتتى. ھەممىسى بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنى سۆزلىنىدىغىنى «پالانچى يۇرتتىكىلەرگە مۇنداق چوڭلۇقتا تاش ئۇچراپتۇ»،«پالانچىلار نەچچە قېتىم قۇرۇق قول قايتىپتۇ» دېگەندەك گەپلەر ئىدى. كۈنلەپ يول يۈرۈپ، تۆپۈلۈكلەرنى قېزىپ-قېرىم ئېچىپ، گاھىدا پارتلىتىپ دېگۈدەك مۇشۇنداق ئېغىر تەكرار ئىش-ئەمگەكلەر بىلەن توپتوغرا بەش كۈن ئۆتۈپ كەتتى.
سوغۇق شامالدا قارايغان يۈز-كۆزلەردە تىلىم-تىلىم يېرىق ئىزى، كۆپكۆك تومۇرلار روشەن كۆپجۈپ تۇرىدىغان كەڭ ئالقان-قوللاردا پۇرچاقتەك قاداق-سۇلۇق ئىششىق؛ بۇرۇنقى چاقچاقلىشىپ تۇرىدىغان بۇ قەيسەر، ئۈمىدۋار كىشىلەرنىڭ چىرايىدا مانا مۇشۇنداق جەۋرى-جاپانىڭ يادنامىلىرى چوڭقۇر ئىزنا سالغان ئىدى.
چۈشكۈنلۈكتىن بوشاش ئېغىر بولۇپ، ھە دېسە، تەرەتكە يىراق بېرىپ، ئىشنى كەينىگە سۈرۈپ ئاقسىتىدىغان، بىر-بىرىنىڭ گېپىنى كۆتۈرەلمەي، گاھىدا چۈجە-خورازلاردەك بوغۇشۇپ كېتىدىغاندەك بىنورمال پىسخىك ھادىسىلەرمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىسمائىل جۈجەك بىلەن دوغىلاق دېھقان ئۆزئارا قىلىشقان چاقچاقنى كۆتۈرەلمەي، ئىش مەيدانىدا بىر-بىرىنى بوغۇشۇپ، مۇشت ئېتىشىشقا قىل قالدى. ھېلىمۇ ياخشى، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەنە بىر ھەمراھى بولغاچقا، جېدەل چوڭىيىپ كەتمىدى. شۇنداقتىمۇ بىرمۇنچە كۆڭۈلسىزلەرگە سەۋەب بولدى. كەچتە ئەترەت يىغىنىدا قاسىم قۇرچى ئۇلارنى شۇنداق قاتتىق تەنقىد قىلدىكى، تەنقىدكە چىدىماي، ئىسمائىل جۈجەك كىچىك بالىدەك ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىدى. خەيرىيەت، كۆپچىلىكنىڭ سالاسى ۋە «ھە-ھۇ»سى بىلەن ئۇلار ئۆزئارا قول بېرىشىپ، قايتىدىن ياراشتى.
شۇ كۈندىكى جېدەل قاسىم قۇرچىنى قاتتىق ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئۇ لاپاسنىڭ يىرتىغىدىكى تۆشۈكتىن چىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا كۆز تىككىنىچە، خېلى بىر چاغلارغىچە ئازابلىق خىيالنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئوتقا چۈشكەن قىلدەك خويمۇ پۇچىلاندى. ئەنە شۇ تاپتا، بىر تالاي چىگىش خىياللار ئۇنى چەمبەرچەس باغلاپ، ۋىجدان دارى ئالدىغا سۆرەپ ئەكەلمەكتە ئىدى. دەرھال قايتامدۇق-يە؟ بۇ چۆللۈكتە بىھۇدە سوغۇق يەپ، قۇرۇق قول قايتساق- ھە؟ ئەل-جامائەتكە، خوتۇن-بالىلارغا، تارتقان تالاي جاپالارغا نېمە دېگۈلۈك؟! ياق، ياق! ئوبدانراق ئويلىنىپ كۆرەي. ياخشىراق بىر تەدبىر تاپماي بولمايدۇكەن. خەق ماڭا ئىشىنىپ، ئىسسىق جېنى بىلەن ھېسابلاشماي، بۇ چۆلتاغقا كەلسە؛ ئەمدى-زە، مەن بەل قويۇۋەتسەم، ئاھ خۇدا نېمە دېگەن قورقۇنچلۇق! ئاھ، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟! كاج تەقدىر نېمانچە بىز بىلەنلا قېيدىشىپ يۈرىدىغانسەن؟!


3


مادىڭنىڭ سۇس يورۇقىدا ھارغىن، خاپىخان چىرايلار دۈشمەنلەردەك بىر-بىرىدىن سۆرۈن كۆرۈنەتتى. چېدىرنىڭ يېرىقلىرىدىن تەپتارتماي كىرىپ تۇرغان مۇزدەك شامالنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى غۇيۇلداپ ئاڭلىنىپ تۇراتتى. نېمىشقىكىن مەش شۇنچە قىزارغان بولسىمۇ، لاپاس ئىچى يەنىلا سوغۇق، يېقىمسىز تۇيۇلاتتى. قويۇق تاماكا ئىسى كىچىك بوشلۇقنى بۇلۇق ئىگىلىۋالغان، خۇددى ھەممە نەرسە شۇنداق خۇنىككى، سۆزسىز پۇشۇلداپ ئولتۇرۇش ھەسرەتلىك مۇزىكىدەك كۆڭۈللەرنى پەرىشان قىلاتتى.
- قېرىنداشلار، بىز ئۆزىمىزنى بۇنداق ئالدۇرۇپ قويمايلى!- دېدى سېتنىياز ئۇستا ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بىرىنچى بولۇپ بۇزۇپ ئاپتاپپەرەستەك ئوچۇق چىراي بىلەن،- سىلەرگە دېسەم، چۆلتاغنىڭ بىز تاش ئىزدەۋاتقان بۇ جايى قەدىمىي تاش كان رايونى ئىكەن. ئوبدانراق ئويلاپ بېقىڭلار-ھە، بىز گاھى تۆپىلىكلەردە كونا ئازگال-قېرىملارنى ئۇچراتتۇق. تۇپراقنىڭ يۈزىدىكى جىراق-ئىزلارنىڭ خۇددى سۇ ئاستىدا ئۇزۇن مەزگىل ياتقان تاش تاختايلاردەك ئىنتايىن سىلىقلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئىنچىكىلەپ زەن سالساق، ئۇ يەر-بۇ يېرىدە يىڭنىدەك ئۇششاق چېچىلىپ ياتقان ئالتە قىرلىق تاشلارنى كۆردۇق، شۇنداققۇ؟ مېنىڭ قارىمايدىكى كان قىدىرىش ئەترىتىدە تۇرغان چاغلاردىكى تەجرىبەمگە قارىغاندا، ئۇزاق زامانلارنىڭ بوران چاپقۇنىنى كۆرمىسە، ئۇنداق ھالەت بولمايدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى، ئەينى دەۋردە بۇ چۆلتاغقا ئاق رۇسلارنىڭ ئېكسپېدىتسىيىچى ئەترىتىنى يەرلىك بىر دېھقان باشلاپ كەلگەندە، تۆپىلىكلەرنىڭ ئۈستىدىلا ئېچىلىپ قالغان چوڭ-كىچىك ئالتە قىرلىق تاشلار ۋالىلداپ كۆزنى چېقىپ تۇرغانمىش. ئۇلار ئالىدىغاننى ئېلىپ كېتىپتۇ. يەنە خېلى يىللار ئۆتۈپ، يول باشلىغۇچى ھېلىقى دېھقانمۇ قېرىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئوغۇللىرى ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن، مەھەللىلىك قېرىنداشلىرىنى باشلاپ كېلىپ تاش ئالغانىكەن. شۇنداق قىلىپ، بۇ تاش ماكانى يىراق –يېقىنغا مەلۇم بولۇپ كېتىپ، نۇرغۇن كىشىلەر كېلىپ تاش قېزىپ سېتىپ تۇرمۇشنىڭ قىيىن كۈنلىرىدىن ئۆتۈپتۇ. مېنىڭچە، كەلگەنلەرنىڭ تولىسى ئۈستۈنكى تۇپراق قەۋىتىدىكى تاشلارنىلا ئېلىپ ،ئەمدى تاش تۈگىدى دەپ تاشلاپ كەتكەن. ئەمەلىيەتتىمۇ كۆپ قېتىملىق قېزىش جەريانىدا، بۇ تاش رايونىدىكى ئالتە قىرلىق تاشلار ئاللىقاچان تۈگىگەن. شۇنچە جىق ئادەملەرنىڭ 20نەچچە كۈن ئىزدەپمۇ قۇرۇق قول كەتكەنلىكى بۇنىڭ بىر ئىسپاتى. تەلەي كېلىپ، تاپقانلارمۇ بار، سىلەرگە ئەمدى نەق گەپنى دېسەم، بۇ خۇددى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەكلا بىر ئىش. ئۇزۇن يىللىق خىزمەت تەجرىبەمچە، گېئولوگىيىلىك تۇپراق تۈزۈلۈش شەكلىدىن قارىغاندىمۇ، خرۇستال تاشلارنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى بولىدۇ. سىلەرگە بۇنداق دېسەم، گاڭگىراپ قالىسىلەر، مۇنداق چۈشەندۈرەي، ئالتە قىرلىق تاشنىڭ ئۆسۈملۈكتەك ئۆسۈپ ياشايدىغان تۇپراق شارائىتى بولىدۇ. بىز شۇنداق ئالامەت بار تۇپراقنى بايقاپ، ئاندىن ھەرىكەت قىلساق.
- بۇ ھەقىقەتەن بەك بەلەن گەپ بولدى، ئىنژىنېر ئۇستام،- دەپ ئاۋاز قوشتى قاسىم قۇرچى كۈچلۈك ھاياجاندا،- مەن مۇشۇ بىرنەچچە كۈندە، تۇپراقنىڭ شەكلىگە بەك دىققەت قىلىپ كەلدىم. بىز بەش كۈن بازغان ئۇرۇپ، چويۇندەك قاتتىق قېلىنلىقى 40-50 سانتىمېتىر كېلىدىغان تۇز-تاشلارنى چېقىپ، گاھىلىرىنى پارتلىتىپ دېگۈدەك ئادەم چۆككىدەك چوڭقۇر، نۇرغۇن قېرىملارنى ئاچتۇق. تەلىيىمىزگە بىرەر تال تاش چىقمىدى، بىراق كونا قېزىلما ئىزلاردىن بارماقچىلىك تاشلارنى خېلى تېرىۋالدۇق. بۇلار ھېچقانچە پۇلغا يارىمايدۇ. بىز تاش تەرگەن جايلارنىڭ تۇپرىقى يۇمشاق شېغىللىق، قۇمساڭغۇ تۇپراق شۇنداقمۇ؟! مەن دېمەكچى، بىز ئەتىدىن باشلاپ نىشانسىز قېزىۋەرمەي، ئالدى بىلەن تۇپراقنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن جاينىلا قازساق. بىزنىڭ سۇ، ئوزۇقىمىز يەنە بىر ھەپتىگە يېتىدۇ. تارتقان جاپايىمىز بىكار كەتسە، ھەرگىز بولمايدۇ. ئۇستام دېگەندەك،ئەمدى كونا كان ئىزىنىلا قازايلى. قاتتىق تۇپراق قاتلىمىنى يارساق، بەلكىم ئاستىدا يەنە غۇچچىدە پارقىراق تاشلارنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن.
- بىز تۇپراقنى بۇنداق ئىنچىكە كۆزىتىپ كۆرمەپتۇق-زە.
- چىچقان پوقۇڭنى ئىككىگە بۆلەلمەيدىغان بىرمەڭگە تولا سىراسىما، خاۋارىچ.
- دۆڭنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ تۇخۇم بۇسۇرۇپ يېتىۋالغىنىڭنى دېمەمسەن، شەپشەك جۈجەك!
- ساۋۇت مەزىنگە ياردەملەشتىم، خاۋارىچ،- دەپ چىچاڭشىدى ئىسمائىل جۈجەك دۇدۇقلاپ چىرايى ياڭيۇدەك تاتىرىپ، ھۇللىدە قىزىرىپ كەتتى-دە،- ساۋۇت مەزىن چېدىرنىڭ ئەتراپلىرىدىن چوڭ-چوڭ قېرىملارنى نەچچىنى ئېچىۋېتىپتۇ-دېسە. ئاشپەزلىكىنى قىلىپ يۈرمەي، ئىشچان قېرىكەن بۇ؟- دەپ گەپ تېمىسىنى بۇرىۋەتتى.
- ئۈكىلىرىم، مەن قېرىنىڭ گېپىنى بىر ئاڭلاپ قويۇڭلار، سېتنىياز ئۇستام بىلەن قاسىم قۇرچى ئىككىسى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ بەرگەندىن كېيىن، شۇ جاينىلا كولىساق، دەيمەن. ئاللا بۇيرۇسا، چوقۇم تاغارلاپ تاپالايمىز.
- ئەمىسە شۇنداق كېلىشتۇق-ھە؟- دېيىشتى كۆپچىلىك بىردەك ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ.
ئەتىكى پىلان شۇنداق تالاش-تارتىشلار بىلەن بىر يەردىن چىقتى. بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ تەقدىرىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچىدۇر. ئوخشىمىغان قەلب، پەرقلىق كاللا-باشلارنى قايسى مۆجىزە جەملىگەندۇ؟ « جاھانغا پاتمىغان سەركەم، قازانغا قانداق پاتقانسەن؟ قازانغا پاتساڭمۇ پاتقانسەن، تۇۋاقنى قانداق ياپقانسەن»دېگەن قوشاقتىكىدەك بولمىسا بولاتتىغۇ؟!

 

4


ساۋۇت مەزىن خۇپتەن نامىزىغا ئەزەن ئېيتقىلى چىقىپ كەتتى. ئەزاننىڭ ئاۋازى ئاڭلانمايلا، ئۇ بىرنەچچە تونۇش مېھماننى قىزغىنلىق بىلەن ئۆيگە باشلاپ كىردى. بىر –بىرىدىن پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ئىسسىق چىراي بۇ كىشىلەرنىڭ بىرى قاسىم قۇرچىنىڭ كونا كەسىپدىشى يەنى باركۆلدە بىللە قاسساپچىلىق قىلغان ئابدۇل قاسساپ ئىدى. بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىز يولدىن ئېزىپ قالغان چېغىدا، ئاسماندىن چۈشكەن خىزىردەك پەيدا بولغان مۇشۇ كىشىنىڭ يېقىن ياردىمىدە ئازگالغا پېتىپ قالغان تراكتورنى چىقىرىپ، نىجاتلىق تاپقان ئەمەسمىدى؟!
قىزغىن تەكەللۇپ بىلەن مېھمانلار ئاددىي سورۇنغا ئىشتىراك قىلىشتى. ھال-مۇڭ، ئەھۋاللىشىشتىن كېيىن، ئۆزئارا تاماكا چېكىشكەچ، تاش قېزىشنىڭ بىر تالاي جاپالىرىمۇ سورۇندىن قۇرۇق قول قالمىدى. ھارغىن چىرايلاردا سوغۇقنىڭ قارامتۇل ئىزنالىرى ئالاھىدە كۆرۈنەتتى، ئاچچىق يۆتەللەردىن تارتقان جاپانىڭ نىدالىرى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. ئەمما جاپالىق، ئېغىر تاش قېزىش ئەمگىكى ئۇلارنىڭ قەيسەرلىكىنى تاۋلىغان ئىدى. شۇنچە يىراق يولنى بېسىپ، چۆلتاغدىمۇ ئادەمگەرچىلىكنىڭ ئۇرۇقلىرىنى تېرىپ پەرۋىشلەيدىغان بۇ خىل روھنى نېمە دېگۈلۈك؟!
- بۇ قاقاس چۆلتاغدا ئاڭلىغىلى رادىئو ياكى كۆرگىلى كىنو بولمىسا، تولىمۇ زېرىكتىغۇ كىشى - دېدى ئابدۇل قاسساپ سوقىچاق قارامتۇل يۈزىگە كۈلكە يۈگۈرتۈپ،- بۇ ئاغىنىلىرىم بۈگۈن ئاخشام ھەرقايسىڭلا بىلەن تونۇشقاچ پاراڭ ئاڭلاپ كېلەيلى، دەپ مەن بىلەن كەلگەنىدى. قاسىم ئۇستام ھېكايە سۆزلەش پىرى، مەن بۇرۇن باركۆلدە قازاق چارۋىچىلارنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ ئېيتقان ھېكايىلىرىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىغانمەن.
-بەللى، بۇ بەلەن گەپ بولدى، ئاداشلار!- سېتنىياز ئۇستا خۇشاللىق بىلەن ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپ،- ھېكايە دېگەن مۇشۇنداق چاغلاردا ئاڭلايدىغان روھىي خېمىرتۇرۇچ، دېسىلە.
- مېھماننىڭ كۆڭۈل ئازادىلىكى ساھىبخانىدىن. مۇنداق بولسۇن، بىزنىڭ تاش قېزىش ئىشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىزىق ھېكايە سۆزلەپ بېرەي.
ھەممىنىڭ دىققەت نەزىرى قاسىم قۇرچىغا مەركەزلەشتى. ساۋۇت مەزىن ئۇنىڭ چېيىنى لىقلاپ قويدى. چېدىرنىڭ ئىچى شۇنداق جىمجىتلىققا چۆمدىكى، ھەممەيلەن تازىمۇ زېرىكىپ كەتكەنلىكتىن، ھەركىمنىڭ شۇ تاپتىكى قىزغىن چىرايىدىن ھېكايە ئاڭلاشقا بولغان تەشنالىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.
- بۇرۇن بىر زالىم پادىشاھ بولغانىكەن. ئۇ چۈشىدە بىر قېرى دەرەخكە مېۋە يېگىلى چىقىپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ. پادىشاھنىڭ مۇنەججىملىرى«ئەي شاھىنشاھ، مەلۇم بىر قېرىغان كىشىنىڭ كاساپىتىگە قالغۇدەكلا» دەپ تەبىرلەپتۇ. دەككە-دۈككىگە قالغان ھاماقەت، زالىم پادىشاھ ئاتمىش ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە پەرمان چۈشۈرۈپتۇ. ئەل-يۇرت قايغۇ-ئەلەمدە قاپتۇ. پادىشاھ ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ ئاتىسىمۇ ئاتمىشتىن ئاشقانلىقىنى بىلىدىكەن. ئەمما ئۇ مويسىپىت ئاتا پادىشاھنىڭ بىر جەمەت تۇغقىنى ۋە مەلىكىنىڭمۇ ئۇلۇغ ئۇستازى ئىكەن. شۇڭا ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئامالسىز قاپتۇ، ئۆلتۈرمەي دېسە، ئۆز يارلىقىغا ئۆزى ئەمەل قىلمىغانلىقىغا ئەلنىڭ كۈچلۈك غۇلغۇلا قىلىشىدىن قورقۇپتۇ. ئەقىللىق ۋەزىرىمۇ بۇنى سېزىپ يۈرگەن ئىكەن. ئوڭ قول ۋەزىر پادىشاھنىڭ سارىيىغا تازىمغا كەلگەندە:
- ئەي شاھىنشاھىم، مۇبارەك تەنلىرى قارىغايدەك ھەر چاغ ياشىرىپ تۇرغاي، رىزىق-دۆلەتلىرى زىيادە بولغاي! شاھىمغا مەلۇم بولغايكى، چۆلتاغنىڭ ئىچكىرىدە بىر خىسلەتلىك بۇلاق بارمىش، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاجايىپ چىرايلىق بىر ئالتۇن ئېگەر نۇر چېچىپ تۇرامىش. شۇنچە يىراق ئەللەردىن نۇرغۇن شاھزادىلەر كېلىپمۇ، ئالالماي ھەممىسى ھالاك بولۇپتۇ. ئۇ ئالتۇن ئېگەرگە ئولتۇرماق پەقەت خان ئالىيلىرىغا مۇناسىپتۇر. ئىجازەت بەرسىلە، مەن شۇنى ھۇزۇرلىرىغا ئېلىپ كەلسەم،-دەپ ئىلتىماس قىپتۇ.
پادىشاھ ۋەزىرنىڭ تەلىپىدىن تەئەججۈپلىنىپ:
-سەن بۇ يولنىڭ «بارسا-كەلمەس» دېگەن نامىنى ئاڭلىمىغانمۇ؟- دەپ سوراپتۇ ئەقىللىق ۋەزىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا كۆڭلى قىيماي.
ئوڭ قول ۋەزىر ئۆزىنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ قايتىدىن ئىجازەت سوراپتۇ. سول قول ۋەزىر دائىم دېگۈدەك ئۇنى كۆرەلمەي، ئۆچ ئېلىشنىڭ پۇرسىتىنى تاپالماي يۈرگەن پەيتتە، دۈشمىنىڭ ھالاكەت يولىغا ماڭماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ. ئۇ پادىشاھقا:
- ئالىيلىرى، خۇش خەۋەركى، كېچە مۇنەججىملەرنىڭ يۇلتۇزنى كۆزىتىشىچە، يۇلتۇزلىرى تېخىمۇ يۈكسەككە كۆتۈرۈلۈپتۇ، بۇ ياخشىلىقتىن بېشارەتتۇر. ئالتۇن ئېگەر ئالىيلىرىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇنى ئەكېلىپ، دۈشمەنلىرىمىزنىڭ باغرىنى قان-قان قىلغىنىمىز دانالىقتۇر،-دەپتۇ. پادىشاھ ئىجازەت بەرمەي دېسە، ئۇنىڭ ياشانغان ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشكە چارىسىز قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئاخىرى ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ:
- سەن ھەقىقەتەن مېنىڭ ياخشى ۋەزىرىم، مېنىڭ شانۇ-شەۋكىتىمنى دەپ ھالاكەت چۆلىگە كىرىشكە تەۋەككۈل قىلماقچى بولۇۋاتىسەن. قانداق لازىملىقلار كېرەك بولسا، ئوردا ھەممىنى تەق قىلىپ بەرسۇن، - دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.
ئوڭ قول ۋەزىر يۈز سەرۋاز، يۈز ئارغىماق، يۈز بىيە، يۈز توپ كىگىز، يۈز توپ ئۇچ يىپ، يۈز توپ ھەسەل ھەرىسى، يۈز ئۇچۇم قوغۇن ئۇرۇقى، يۈز دادەن بۇغداي، يۈز دادەن گۈرۈچ، يۈز تۆگىلىك سۇ، يۈز ساندۇق نان، يۈز دانە قازان-قومۇچ قاتارلىق زۆرۈر لازىمەتلىكلەرنى سوراپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن يولغا چىقماقچى بوپتۇ. ئوڭ قول ۋەزىر پەرماننى ئېلىپ، سەپەر تەييارلىقىغا كەتكەندىن كېيىن، سول قول ۋەزىر خاتىرجەم بولالماي، پادىشاھقا:
- ئوڭ قول ۋەزىر ۋاپادار ۋە بەك ئەقىللىق كىشى، ئۇ ياشىنىپ قالغان ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىمىزدىن ئەنسىرەپ، مۇشۇ ھىيلىنى ئويلاپ تاپقان گەپ. ئۇنىڭ بىللە ئاچىقىپ كەتمەكچى بولغانلىقى ئېنىق. قانداق قىلىمىز،- دەپتۇ.
- سەن ياخشىراق كۆز-قۇلاق بول،- دەپ جېكىلەپتۇ پادىشاھ،- ۋەزىر چۆلتاغقا سەپەرگە ئاتلانغان كۈنىنىڭ ئاخشىمى ئۇنىڭ قېرى ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار!
قارا نىيەت سول قول ۋەزىر پادىشاھقا نەچچە پۈكلىنىپ تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ ئىگىلگەنچە كەينىچىلەپ يېنىپ چىقىپتۇ ۋە قول ئاستىدىكىلەرنى يىغىپ ئىش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالدىراپتۇ.
ئوڭ قول ۋەزىر كارۋان تارتىپ ماڭغان كۈنىنىڭ كەچقۇرۇنلۇقى سول قول ۋەزىر پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئاتارمەن-چاپارمەنلىرىنى باشلاپ، ئۇنىڭ سارىيىغا كەلكۈندەك باستۇرۇپ كىرىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئوڭ قول ۋەزىرنىڭ ياشانغان ئاتىسى يوق تۇرغۇدەك. مەلۇم بوپتۇكى، ئوڭ قول ۋەزىر ئاتىسىنى ساندۇققا يوشۇرۇپ، مال-مۈلۈكلەر قاتارىدا تۆگىگە ئارتىپ، ئاللىقاچان شەھەردىن چىقىپ كەتكەنىكەن. ئارقىسىدىن قوغلاپ باراي دېسە، ئويلىمىغان يەردىن بىرەر كۈتۈلمىگەن ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپتۇ. ئامالسىز قېلىپ ھەسەت ئوتىدا پۇچىلانغان سول قول ۋەزىر ئوڭ قول ۋەزىرنى « قېچىپ كەتتى دېگەندىمۇ چۆلتاغدىكى بارسا-كەلمەس يولدا بەرىبىر ئېزىپ ئۆلىسىلەرغۇ، ئاخىر!» دەپ قارغاپ تۈكۈرگىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئوردىغا قۇرۇق قول قايتىشقا مەجبۇر بوپتۇ.
- بەرىبىر ھەممىسى چۆل تاغدا ئۆلىدىغان خاۋارىچلاركەنغۇ؟- دەپ غودۇڭشىدى ئىسمائىل جۈجەك خىرقىراپ.
- تاماكاڭنى شوراپ كۆتۈڭنى بۇسۇرۇپ ئولتۇرە، خاۋارىچنىڭ جىنى چاپلاشقان پۇرۋاش!- دەپ ئاچچىقلاندى دوغىلاق چىرايىنى سەت پۈرۈشتۈرۈپ،- ئالتۇن ئىگەرچۇ، نەگە كەتتى؟
- خەپ شۈك، ئۇرۇشقاق چۈجە-خورازلار، ئەدەپ-ھە!- سېتنىياز ئۇستا تەرتىپنى قوغداشقا ئۇلارنى جىملىدى.
- ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك،- دەپ ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇردى قاسىم قۇرچى سالماق تەلەپپۇز بىلەن ئۈنلۈك قىلىپ،- ئوڭ قول ۋەزىر كىچىك كارۋاننى باشلاپ چۆلتاغقا قاراپ ئىلگىرىلەپتۇ. ئۇلار ماڭا-ماڭا ئاخىرى بىر چوڭ شورتاڭلىققا كېلىپ چۈشۈپتۇ. بۇ دەل ئەتىيازنىڭ ئىللىق ئاپتىپى جاھانغا يېڭى ھاياتلىق بەخش ئېتىۋاتقان ياخشى پەسىل ئىكەن. ۋەزىرنىڭ ئاتىسى ئوغلىغا بۇ نەم جايدىكى شورلارنى پاكىز قىرىپ، ئەتراپىدىن كىچىك يېرىقچىلارنى چېپىپ بىر بوز يەر شەكلىگە كەلتۈرۈپ، يۈز تال قوغۇن ئۇرۇقىنى مۇشۇ بىنەمگە تېرىشقا بۇيرۇپتۇ. سەرۋاز يىگىتلەر ھەربىي بۇيرۇقنىڭ ھېچنېمىسىنى چۈشەنمىسىمۇ، سوراشقا پېتىنالماپتۇ. ئۈچ كۈندىن كېيىن، پۈتۈن ئىش تامام بولۇپ، ئۇلار چۆلتاغ سەپىرىگە ئاتلىنىپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. نەچچە ئاي ماڭغاندىن كېيىن، پاكار-پاكار تاقىر تاغلار بىلەن تولغان بىر جاڭگاللىققا كېلىپتۇ. يۇلغۇن-يانتاقلار چېچەكلەپ ئەتراپمۇ خۇشبۇيغا تولغانىكەن. بوغاز بايتاللارمۇ ئاڭغىچە تۆللەپتۇ.
-توختاڭلار!- دەپ ۋارقىراپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئاتىسى قولىنى پۇلاڭلىتىپ،- مۇشۇ يەرگە بارگاھ تىكىلسۇن. تاغقا بىرنەچچە ئۆڭكۈر كولاپ، ھەسەل ھەرىسى ساندۇقلىرىنى ۋە ئۇچ يىپ قاچىلانغان تاغارلارنى مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قويىمىز. كېيىن لازىم قىلىمىز. ئاندىن بىيىلەرنى باغلاپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا، تايلارنى بوغۇزلاپ ئۆز جايغىلا كۆمۈڭلار، دەپ پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.
بۇ پەرمانغا ھەممەيلەن قاتتىق نارازى بوپتۇ. ھەتتا ئوڭ قول ۋەزىرمۇ «بۇنداق ئېغىر گۇناھ قىلساق، ئاللانىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، چۆلتاغدا دەھشەتلىك ئۆلۈشىمىز مۇمكىن»، دەپ ئازابلىنىپتۇ، بىراق ئاتىسىنىڭ سەپەردىن ئىلگىرىكى ئالتۇن ئېگەرنى ئەكېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەقىل ئۆگەتكەنلىكى يادىغا كېلىپ تەئەججۈپلىنىپتۇ، ئەمما سوراشنى ئەدەپسىزلىك دەپ ئويلاپ، پۈتۈن ئىشنى ئۆزى بىر قوللۇق باش بولۇپ ئورۇنداپتۇ. قول ئاستىدىكى سەرۋاز-يىگىتلەرمۇ نارازى بولۇپ، «بۇ ئالجىغان قېرى ئېلىشىپ قاپتۇ»،« ئانىسىنىڭ ئالدىدىلا، يېڭى تۇغۇلغان بالىسىنى ئۆلتۈرۈشنى ئاللامۇ كەچۈرمەيدۇ. ياپىر! نېمە دېگەن ۋەھشىيلىك بۇ؟»،«شاھىمىزنىڭ ياشانغانلارنى ئۆلتۈرۈش يارلىقى راستلا توغرا ئىكەن»دېيىشىپ ئىچىدە ئۆزئارا غۇدۇراپتۇ، ئىچىدە نارازىلىق بىلدۈرسىمۇ، تېشىغا چىقىرىشقا پېتىنالماي، بىرەر مۆجىزە يۈز بېرىشىنى تىلەپ، بەلگىلەنگەن ۋەزىپىسىنى شەرتسىز ئورۇنداپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەتىسى بۇ چوڭ كارۋان يەنە يولغا چىقىپتۇ. چۆل تاغنىڭ كەڭ دەشتىدە قويۇق چاڭ توزۇتۇپ ھەيۋەت بىلەن ئىلگىرىلەپتۇ. ماڭا-ماڭا ئاخىرى مۇشۇ چۆلتاغنىڭ ئەڭ ئىچكىرىگە كىرىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا قۇدۇق شەكىلدىكى بىر چوڭ بۇلاق بۇلدۇقلاپ تۇرغۇدەك، يا سۈيى تېشىپ چىقمىغۇدەك، يا ئازلاپ قالمىغۇدەك، بۇلاق يۈزىدىن ھەسەن-ھۈسەندەك نۇر چەمبىرىكى ھاسىل بولۇپ كۆزنى قاملاشتۇرۇپتۇ. يېقىنراق تۆپىلىككە چىقىپ قارىغۇدەك بولسا، بۇلدۇقلىغان سۇ يۈزىدە شۇنداق چىرايلىق بىر ئالتۇن ئېگەرنىڭ شولىسى نۇر چاچارمىش. چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ياقىلىرىنى چىشلەپتۇ، بەكرەك ھاياجانلانغان بىرنەچچىسىنىڭ روھىي دۇنياسى قالايمىقانلىشىپ ئالا-تاغىل توۋلاپ، ساقال-بۇرۇتىنى يۇلۇپ قىپقىزىل ساراڭ بولۇپ قاپتۇ. ئۇلار ھاياجانلىنىپ ياخشىراق كۆرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ يېقىن باراي دېسە، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كۆز يەتكۈسىز جەزىرىنىڭ يۈزىدە قۇرۇپ تارىشىدەك بولۇپ كەتكەن ئادەم سۆڭەكلىرى ساناقسىز چېچىلىپ ياتقۇدەك. شۇنداق قىلىپ پەرمان بويىچە كۆپچىلىك بۇ سىرلىق بۇلاقنىڭ ئەتراپىغا بارگاھ قۇرۇپ چۈشكۈن قىپتۇ. ۋەزىرنىڭ ئاتىسى ئوڭ قول ۋەزىرگە بارلىق قوشۇنغا ئۈچ كۈن ئارام ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشنى تاپىلاپ، ئۆزى بۇلاققا يېقىن ئەتراپتىكى بىر دۆڭگە چىقىپ ئەتراپنى كۆزىتىپتۇ. ئەتراپقا قاراڭغۇ چۈشكەندە، بۇلاقتىكى ئالتۇن ئېگەرنىڭ شولىسىمۇ يوقايدىكەن. بوۋاي ئۈچ كۈن چوڭقۇر كۆزىتىش ۋە ئويلىنىشتىن كېيىن ئاخىرى ئوغلىغا شۇنداق دەپتۇ:
- ھېچكىمنىڭ بۇلاق تۈۋىگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ھەتتا سۈيىنىمۇ ئىچكىلى بولمايدۇ. ئەتراپتىكى ئالامەتلەرگە قارىغاندا، بۇ كىسلاتالىق بولغاندىمۇ، ئادەم يەيدىغان ھالاكەت بۇلىقى بولۇشى مۇمكىن. ئەمدىكى گەپ، بىر قەدەم خاتا يول باسساق، مۇشۇ جايدا ھەممىمىز بىراقلا تۈگۈشىمىز. ھەممىڭ مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا شەرتسىز بويسۇنۇشىسەن، مەن قانداق قىلىشىڭلارنى ئەتە ئەتىگەن كۈن تېرەك بويى ئۆرلىگەندە ئاندىن دەيمەن.
ئوڭ قول ۋەزىر ياشانغان ئاتىسىنىڭ ھەرقانداق شەرتىنى شەرتسىز ئورۇنداشقا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ، پۈتۈن قوشۇنغا ئاتىسىنىڭ پەرمانى بويىچە ئىش قىلىشنى، كىمدە كىم بويسۇنماي، ئۆز بېشىمچىلىك قىلسا، كاللىسى ئېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ.
ئەتىسى كۈن تېرەك بويى ئۆرلىگەندە، بۇلاق ئىچىدە ئالتۇن ئېگەر يەنە پەيدا بولۇپ، نۇر –شولا چېچىپتۇ. بوۋاي پۈتۈن قوشۇندىكىلەرنى يېقىن ئەتراپتىكى تاغقا كىگىز يېپىشقا بۇيرۇپتۇ. سەرۋاز، يىگىتلەر ئىچىدە «بۇلاققا چۈشۈپلا ئالتۇن ئېگەرنى سۈزسەكلا بولمىدىمۇ»، «بۇ ئالجىغان قېرى بىزنى يەنە ئەخمىقانە ئىشقا سېلىپ نېمە قىلماقچىكەن؟» دېيىشىپ، ئامالسىز ئىشقا تۇتۇش قىپتۇ. بىر پارچە، ئىككى پارچە، ئۈچ پارچە....... توپ-توپ كىگىزلەر شۇ تەرىقىدە تېڭىقتىن ئازلاپ تاغقا يېپىلىشقا باشلاپتۇ. كۈن چۈشتىن كېيىنگە قىيىلىپ، قايرىلغاندا پۈتۈن كىگىز يېپىلىپ بوپتۇ. بوۋاي، كىگىز ياپقان جايلارغا تاش بىلەن بەلگە سېلىپ، بارلىق كىگىزلەرنى يىغىشقا تاپىلاپتۇ. ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن ئەسكەرلەر ئىچىدە غۇدۇراپ بوۋاينى «ئالجىغان قېرى، بىزنى بىھۇدە قىيناپ كۆڭۈل ئاچقىنىنى قارا»دەپ قارغاپتۇ. كەچ كىرگىچە بارلىق كىگىزلەر يىغىلىپ بوپتۇ. ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق بېسىپتۇ. ئالتۇن ئېگەرنىڭ سايىسىمۇ تەڭلا يوقاپتۇ. ئەتىسى كۈن تېرەك بويى ئۆرلىگەندە بۇلاقتا يەنە ئالتۇن ئېگەرنىڭ شولىسى پەيدا بوپتۇ. بوۋاي تاغنىڭ باشقا ئېتىكىگە كىگىز يېپىشقا پەرمان بېرىپتۇ، مۇشۇنداق تەكرار ئىش توققۇزىنچى كۈنىگە كىرىپتۇ. ئىنتايىن قاتتىق تېجىگەندە، ئوزۇقلۇق ۋە سۇ قايتىشقىلا ئاران يەتكۈدەك قالغانىكەن. سەرۋاز-يىگىتلەر ۋە مۇلازىملار ساراسىمىگە چۈشۈپتۇ. بىراق بوۋاي ئىنتايىن تەمكىن ئىكەن. ئۇ بۇلاققا بىرنەچچە مېتىر كېلىدىغان كىچىك دۆڭدە تۇرۇپ قوماندانلىق قىلغاچ، بىرەر مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. قوشۇندىكى بارلىق كىشىلەر قارا تەرگە چۆمۈلۈشۈپ كىگىز يېپىش، بۇيرۇق بىلەن ئۇ كىگىزلەرنىڭ ئورنىنى يۆتكەپ، باشقا جايغا يېپىش بىلەن ئالدىراش ئىشلەپتۇ. كۈنمۇ چۈشتىن كېيىنگە قايرىلىپتۇ. ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە كىگىز يېپىلغاندا، تۇيۇقسىز بۇلاق ئىچىدە ئالتۇن ئېگەرنىڭ شولىسى يوقاپتۇ. بوۋاي دەرھال شۇ كىگىزنى ئېلىۋېتىشنى بۇيرۇپتۇ. كىگىز ئېلىنغان ھامان بۇلاق يۈزىدە ۋالىلداپ نۇر-شولا چېچىپ ئالتۇن ئېگەر يەنە پەيدا بوپتۇ. بوۋاي كىگىزنى قايتا يېپىشقا بۇيرۇغانىكەن، كىگىز شۇ جايغا يېپىلغان ھامان، بۇلاقتىكى ئالتۇن ئېگەرنىڭ شولىسىمۇ يوقاپتۇ.
-كىگىز يېپىش تامام! بايىقى جاينى قېزىڭلار، ئالتۇن ئېگەر شۇ يەردە!- دەپ ۋارقىراپتۇ بوۋاي ھاياجانلىنىپ.
سەرۋاز –يىگىتلەر ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ھېس قىلىشىپ، بوۋاينى خاتا چۈشىنىپ بىھۇدە قارغىغانلىقىغا خىجىل بولۇشۇپ ئۇسساپ، قورسىقى ئېچىپ ھالىدىن كەتكىنىگىمۇ قارىماي، زەربىدارلىق بىلەن تاغنىڭ باغرىنى قېزىشقا باشلاپتۇ. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە، تاغنىڭ باغرىنى يېرىپ شۇنداق چوڭ غار ئېچىپتۇ. تاش –توپا قىزىۋاتقاندا تۇيۇقسىز شۇ جاي گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، غايەت چوڭقۇر بىر ھاڭ پەيدا بوپتۇ-دە، ئىنتايىن كۈچلۈك نۇر –شولا ھەسەن-ھۈسەندەك جۇلالاپ كۆزنى چېقىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ھەددى ھېسابسىز قۇم ئالتۇن دۆۋىسىنىڭ ئۈستىدە شۇنداق چىرايلىق بىر ئالتۇن ئېگەر كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇرغۇدەك. كۆپچىلىك ئاھ، ئاھ! دېيىشىپ، مەستخۇش ھالەتتە، ئۆزىنى يوقىتىپ، ئالدۇرۇپ قويغىلى تاس قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئوڭ قول ۋەزىر ئەسكەرلىرى بىلەن نۇرغۇن جەۋرى- جاپا تارتسىمۇ بوۋاينىڭ دانالىقى بىلەن ئالتۇن ئېگەرنى قولغا چۈشۈرۈپتۇ. ئەمما ئالتۇن ئېگەرنى ئاچىققان ھامان بىردەملا پۈتۈن ئالەمنى توپا قاپلاپ، ئىنتايىن قاتتىق يۇڭ بوران چىقىپ، قۇم كۆچۈپ، ئۇلار ماڭالماي قاپتۇ. تەلىيىگە بوران توختىغان بولسىمۇ، ئەتراپ پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ. ئاسماندىن تىنىمسىز يېغىۋاتقان قىزىل توپا دەستىدىن نىشاننى پەرقلەندۈرۈش تەسكە توختاپتۇ. ئۆلۈم مانا مەن يېقىنلاپ كەپ قالغاچ، كۆپچىلىك ھاياتىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ئاۋازى يىغىغا ئۇلىشىپتۇ. قارىسا، بوۋاي يەنىلا تەمكىن تۇرغۇدەك. ئۇ يەنە قەددىنى رۇسلاپ، سالماق تەلەپپۇز بىلەن:
- ئەمدى بايتاللارنى قويۇۋېتىڭلار! ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈز ئارغىماقلىق قوشۇن ئىز قوغلاپ ئاتلانسۇن! ھەر ئون چاقىرىمغا بىردىن ئادەم قويۇپ ماڭسۇن، قالغانلار ئالتۇن ئېگەرنى ئېلىپ، كېچە-كۈندۈز ئىز قوغلاپ يېتىشىپ ماڭىمىز. ھەرقانداق باھانە بىلەن ئات-تۆگىدىن چۈشۈشكە رۇخسەت يوق. بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزىگە،- دەپ پەرمان بېرىپتۇ.
بالا دەردىدە باغرى لەختە-لەختە قان بولغان بايتاللار كىشنىشىپ، تايلارنى ئۆلتۈرۈپ كۆمگەن جايغا قاراپ ئۇچقاندەك چېپىپتۇ. قوشۇنمۇ ئىز قوغلاپ كېچە-كۈندۈز مېڭىپ ئاخىرى سىرلىق چۆلتاغدىكى ئالۋۇندىن قۇتۇلۇپ، بۇرۇنقى تايلارنى ئۆلتۈرگەن تاغلىق جايغا يېتىۋاپتۇ. كېلىپ قارىسا، ھەسەل ھەرىلىرى ئامان ئېسەن تۇرغۇدەك، ساندۇقلاردا لىقلاپ ھەسەل توشۇپ-تېشىپ تۇرغۇدەك. ھەممەيلەن خۇشال بولۇشۇپ، بوۋاينىڭ پەرمانى بويىچە تاتلىق ھەسەللەرنى ئىچىشىپ، بايتاللارنى ئۆلتۈرۈپ، تويغۇدەك گۆش يەپ، قانغۇدەك بىر كۈن ئارام ئېلىپتۇ. ئەتىسى بوۋاي:
- ئەمدى ھەر بىر توپ ئۇچ يىپنى چېتىپ، بىردىن ئىشچان ھەسەل ھەرىسىنىڭ پۇتىغا باغلىسۇن، ئەتە ئەتىگەن يىپنىڭ ئۇچىنى بەلگە چىڭ باغلاپ، ھەرە نەگە باشلىسا، شۇ جايغا قاراپ سەپەرگە ئاتلىنىمىز!- دەپ پەرمان بېرىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، ئەتىسى كۈن چىققاندا، شۇ خىل ھالەتتە سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ، ئويمان-دۆڭ بولامدۇ، تۈزلەڭ بولامدۇ ھەرىگە ئەگىشىپ مېڭىۋېرىپتۇ. ھەرە توختىسا توختاپتۇ. خەيرىيەت، قوشۇن ئالتۇن ئېگەرنى ئېلىپ ئاستا-ئاستا چۆل تاغنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، تىلسىمات چۆللۈكىدىن ئامان –ئېسەن ئۆتۈپ، نەچچە ئايدىن كېيىن، دىماغقا قوغۇننىڭ ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان ئادەمسىز بىر پارچە قوغۇنلۇققا يېتىپتۇ. سەرۋاز –يىگىتلەر ئىشنىڭ تېگىنى بىلىپتىكى، ھەسەل ھەرىلىرى ئۆتكۈر سېزىمىگە تايىنىپ، ئۇلارنى بۇرۇن ئۆزلىرى تەرگەن قوغۇنلۇققا ئېلىپ كەلگەن ئىكەن. ئۇلار بوۋاينىڭ دانىشمەنلىكىگە ھەمدۇسانا ئوقۇپ، ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىشىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئوڭ قول ۋەزىر باشچىلىقىدىكى بۇ ئالاھىدە قوشۇن ئالتۇن ئېگەرنى غەلىبىلىك ئېلىپ، شەھەرگە ھەيۋەت بىلەن كىرىپتۇ. پۈتۈن جاھان ھەيرانۇ-ھەس بوپتۇ. بوۋاينىڭ دانىشمەنلىكى ئەل-ئەللەرگە پۇر كېتىپتۇ، ئالتۇن ئېگەرنى كۆرگىلى ۋە دانىشمەن بوۋاينى زىيارەت قىلغىلى نۇرغۇن ئەللەردىن پادىشاھ-بەگ، سودىگەرلەر كېلىپتۇ. پادىشاھ ھەممە ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن «ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا»ئىكەن دەپ ئۆكۈنۈپ، ئۆز قىلمىشىدىن قاتتىق خىجىل بولۇپ ياشانغانلارنى ئۆلتۈرىدىغان يارلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ ۋە ياشانغانلارنى ياخشى بېقىش كېرەكلىكى ھەققىدە، ئۇلارنى خورلىغانلارنى قاتتىق جازالاش ھەققىدىكى مەخسۇس يارلىق تۈزۈپ، كوچا-كويلارغا چاپلاپتۇ.
چېدىرنىڭ ئىچى شۇنداق تىمتاسلىققا چۆمدىكى، ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى خۇددى شۇ ئالتۇن ئېگەرنى كۆرگەندەك چوڭ ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، سۇس چاقنىغان شولىلاردىن شېرىن تۇيغۇلارغا غەرق بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. گەپنىڭ تېمىسى ئالتۇنغا كۆچۈپ، پاراڭ قىزىپ كەتتى. مېھمانلارمۇ بىردەم گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭلىشىپ، تۈن يېرىم بولاي دېگەندىلا، سوغۇق بىلەن قاتتىق ئېلىشقاچ، قونالغۇسىغا ئات سالدى.


5


بۈگۈنكى تاش ئىزدەش ئەمگىكى شۇنداق جىددىيلىك بىلەن قىزىپ كەتتىكى، ھەممەيلەن ھېرىپ –چارچىغىنىنى سەزمىگەندەك قىلاتتى. چىڭقا چۈش ۋاقتىغا كەلگەندە، سوغۇق ھاۋامۇ تۇيۇقسىز چاڭڭىدە ئېچىلىپ كەتتى. خۇددى باش ئەتىيازنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدەك تۇيغۇ بېرەتتى. ئەمدىلەتىن، جۇۋىلار ئېغىر كېلىپ، توپا دۆڭلەردىن ئورۇن ئالدى. گۇرۇپپا ئەزالىرى چۈشلۈك قىسقا ئارام ئېلىشتا مۇزدەك سۇ بىلەن قاتتىق نانلىرىنى تۆگۈرۈپ، يانچۇقلىرىغا سېلىۋالغان قۇرۇق ئۈزۈمنى قوشۇپ، مەززە قىلىپ يېيىشكەچ، گۇڭۇر-مۇڭۇر پاراڭغا چۈشۈشكەنىدى.
- بۈگۈن ھاۋا بىنورمال ئىسسىپ كېتىشىدىن قارىغاندا، كەچقۇرۇن قاتتىق جۇدۇن بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئۈكىلىرىم.
- مەزىن ئاخۇنۇم، قىزىق گەپ قىلىدىكەنلا، بۇ قانداق گەپ ئۆزى.
- چۆل دېگەننىڭ ھاۋاسى مۇشۇنداق غەلىتە بولىدۇ، ئۈكەم. گاھ قاپىقىنى تۈرۈپ تۇرۇپ، ھىجىيىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرىدۇ، گاھ كۈلۈپ تۇرۇپ، قەھرىنى چېچىپ، كۆزۈڭگە قۇم چاچىدۇ، شۇ.
- ياپىر، چۆلنىڭ مىجەزى خوتۇن خەقنىڭكىگە ئوخشايدىكەن دېسە، ھى، ھى...
- سېنىڭ ئاغزىڭدىن« مېكىيان»دىن باشقا گەپ چىقمامدۇ، جۈجەك؟- دېدى دوغىلاق دېھقان زەرپ بىلەن.
- نېمەڭگە چىچاڭشىيسەن- ھوي،«خوتۇن» دېگەن سېنىڭ لەقىمىڭمىدى، خاۋارىچ.
- بولدى، چارخورازلار، تالاشماڭلار، يەنە بىرەر سائەت ئىشلەپ بولدى قىلايلى. توۋا، ئەتىگەندىن بۇيان سول قاپىقىم تارتىپ تۇرىدۇ، ياخشىلىقتۇ ئىلاھىم.
دېگەندەك، بىر ئاش پىشىم ۋاتىت ئۆتمەيلا، تۇيۇقسىز شۇنداق كۈچلۈك قۇيۇنتاز كېلىپ، موگوسىمان ئېگىز تۈۋرۈك ھالەتتە توپا-چاڭلارنى توزۇتۇپ پىرقىراپ جاھاننى بېشىغا كىيدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىنتايىن سوغۇق شامال چىقتى-دە، ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ،«ۋىژ-ۋىژ» قىلغىنىچە، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە يۇڭ بورانغا ئۆزگەردى. گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ روھىي ھالىتى بۇزۇلۇپ، جىددىيچىلىكتىن پاتپاراق بولۇشۇپ كەتتى. ئىككى گۇرۇپپا ئەزالىرى «سەن نەدە»،« مەن بۇ يەردە» دېيىشىپ، ۋارقىراشقىنىچە بىر- بىرىگە بەلگە بېرىشىپ، ئاران دېگەندە بىركىچىك ئويمانغا يىغىلىپ تەلىيىگە ئۆزئارا تېپىشتى. بىراق ئارىدا ساۋۇت مەزىن كۆرۈنمەيتتى. ئۇ بۈگۈن ئۇنىمىغانغا قارىماي، جاھىللىقى بىلەن تاش ئىزدەشكە بىللە چىققان ئەمەسمىدى؟مانا ئەمدى ياخشى كۆڭلى بىلەن چىقىۋىدى، توپقا بالا تېپىپ بەردى-دە! ھەممەيلەن ئالاقزادىچىلىكتە ئۆرە-تۆپە بولۇشۇپ كەتتى. ھەممىدىن بەكرەك غەمگە چۆمۈلگىنى ئۇنىڭ قۇدىسى سېتنىياز ئۇستا بىلەن گۇرۇپپا باشلىقى قاسىم قۇرچى بولسا كېرەك. بارلىق ئەزالارنى باشلاپ ئەتراپنى تېزلىك بىلەن ئاختۇرۇپ چىقىشقا ئاتلاندى.
- ئەستاخپۇرۇللا، بۇ مەزىنىمنى،- دەپ غودۇڭشىدى دوغىلاق دېھقان ئاچچىقلىنىپ،- تىنچ چېدىردا ئاشپەزلىكىنى قىلماي، پوققا كۈچى يەتمەيدىغىنىغا، تاش ئىزدەشكە چىقىۋالغىنىنى دەيمىنا!
- ياپىرىم! ئەۋلىيادەك ئادەمكەن جۇمۇ. باياتىن جۇدۇن بولىدىغىنى بىلىۋاپتىكەن، دەيمەن- دېدى ئىسمائىل جۈجەك دوغىلاقنىڭ ساۋۇت مەزىننى بىر نېمە دېگىنىگە نارازى بولۇپ.
سەپەرداشلار ئاشۇنداق غودۇرۇشۇپ ھەم ساۋۇت مەزىننىڭ ئىسمىنى توۋلىغانچە ئۇ يەر، بۇ يەرلەرنى سەزگۈر تايغاندەك تىمىسقىلاپ يۈرۈپ ئىزدىمەكتە ئىدى. كۆزنى ئاچقىلى بولمايدىغان يۇڭ بوراندا چۆللۈكتە نىشانسىز يۈرۈش نېمە دېگەن دەھشەتلىك-ھە؟! قۇم دانچىلىرى، توپا-چاڭلارنىڭ زەرپ بىلەن يۈز-كۆزلەرگە ئۇرۇلۇشىدىكى ئاچچىق سوغۇقنىڭ تەپتى سۆڭەك-سۆڭەكتىن ئۆتۈپ، ئىسسىق جاننى«غال-غال» تىترىتىپ شۇنداق سۆرۈن مۇزلىتاتتى.
بوران بىر ئاز پەسەيگەن بولسىمۇ، بەختكە قارشى، سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق شامالدا چۆلتاغنىڭ ھاۋاسىمۇ باشقىچىلا سوغۇق بولۇپ كەتتى. ئالاھەزەل ئىككى ئاش پىشىمدىن كېيىن، بىر دۆڭلۈكنىڭ كەينىدىن، كۆپچىلىك بىرلىكتە ساۋۇت مەزىننى تېپىشتى. ئۇنىڭ ئۈستى-بېشىدىكى قويۇق چاڭ-توپا ئۇنى گۆردىن چىققان ئەرۋاھقىلا ئوخشىتىپ قويغانىدى. ئۇ كېسەل كىشىدەك ئاجىز پۇشۇلداپ تىناتتى. قارىغاندا، بەدەن ئەھۋالىمۇ تازا ياخشى بولمىسا كېرەك. ھەرنېمە بولمىسۇن، ئۇنىڭ تېپىلغىنى ئىنتايىن چوڭ غەلىبە ئىدى. ئەمما بۇ قىلىچىنى يالىڭاچلاپ تېز بېسىپ كېلىۋاتقان قارا تۈندەك كۆڭۈلەردىكى ئەندىشىنى باسالمىدى. ھەش-پەش دېگۈچە، كۈن ساڭگىلاپ، تۈن پەردىسى يېپىلدى. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ تۇرالغۇ زادى قايسى تەرەپتە؟ بۇنى بايقاش تەسكە چۈشتى. قاسىم قۇرچى بىلەن سېتنىياز ئۇستىمۇ كۆپچىلىكنى نەگە باشلاپ مېڭىشنى كېلىشەلمەي، بېشى قېتىشىپ گاڭگىراپ قالدى. شۇنىڭدەك، ئاسمان بۇلۇتلۇق بولغاچقا، بۇرۇنقىدەك پارقىراپ تۇرغان يۇلتۇزلارمۇ يوق. بۇ قاقاس چۆلدە ھازىر قاتتىق سوغۇقتىن باشقا نېمىمۇ بار دەيسىز؟ ئۆلۈم ھىدى پۇراپ تۇرغان چۆللۈكتە مانا مەن دېگەن ئەركەكمۇ، يوغان سۆزلىيەلمەيدۇ. كۆپچىلىك قىياسەن مەنزىل كۆزلەپ، ماڭا-ماڭا بىر چوڭ تۆپىلىكنى ئۈچ قېتىم ئايلىنىپ يەنە بۇرۇنقى ئورنىغا كېلىپ قالغانلىقىنى سەزدى. ئەمدى ئاۋازلار يىغا، قۇم دانچىلىرى كىرىپ قىزارغان كۆزلەر ياشقا ئالماشقىلى تۇردى. ئەھۋال ئىنتايىن چاتاق، زادى قايسى تەرەپكە مېڭىش كېرەك؟ مانا بۇ ھايات-ماماتلىق ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە.
خەتەرلىك يېرى، چۆلتاغ خۇددى دالا پېرىخونىنىڭ سېھرىگە ئۇچرىغىنىدەك، پۈتۈن يەر شەكلى بىر قېتىملىق بوران بىلەن تەڭ باشقا-باشقا بولۇپ كەتكەن ئىدى. كۆپچىلىك بىردەك «بىز كەلگەندە ئايلىنىپ ئۆتكەن تۆپىلىك مۇشۇ دېسە»، نەتىجىدە ئۇ يەر ئەمەس چىقاتتى. مۇشۇنداق تەكرار يول يۈرۈش بىلەن ئاخىرى ئۇچقۇر ۋاقىتمۇ قۇيرۇقىنى تۇتقۇزماي، كۆزدىن نېرى بولاتتى. شۇڭا باشتا بىلەرمەنلىك قىلغانلارنىڭ بوم ئاۋازى بارغانسېرى زىلۋالىشىپ خۇددى جۇدۇن تەگكەن كۆچەتتەك بېشى ساڭگىلاپ كەتتى.
كۆپچىلىك تۈندە نىشاندىن ئادىشىپ، چېدىردىن خېلىلا يىراقلىشىپ ئۇزاپ كەتكەنلىكىنى بىلگىنىدە، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي، ئۆزىنى يوقىتىپ قويغىلى قىل قالدى. قاسىم قۇرچى بەزىلەرگە جىق ئىلھام-مەدەت بەرمىگەن بولسا، بەلكىم ئۇلار كىچىك بالىدەك ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىغان بولاتتىمىكىن؟!


6


ئەتراپ تۈن قاراڭغۇ. سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق شامال بارا-بارا يەنە شىۋىرغانغا ئايلاندى. ئويمان-دۆڭ ئايدالادا شۇنداق قورقۇنچلۇق كېچە بولدىكى، خۇددى جىن، ئالۋاستى، دىۋىلەرنىڭ سايىسى ھەممە جاينى قاپلاپ كەتكەندەك كىشىنى ئىختىيارسىز تىترەك باساتتى. قىززىق بولغىنى، بۇ ئادەمسىز چۆل تاغدا تۈن يېرىمىدا تىترەك، بوغۇق ئەزان ئاۋازى تۈن باغرىنى ياردى، ئەزان ئاۋازى بارا-بارا كۆپەيدى.
- ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر...!
ئەسلىدە بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىز، يۇڭ بوراندا قېلىپ نىشاندىن ئاداشقاچ، قاراڭغۇ چۈشكىچىمۇ، قونالغۇنى تاپالماي، تېخىچە نىشانسىز چۆرگىلەپ، تۈن كېچىنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ، بىر توپ ئاچ يايلاق بۆرىلەرنىڭ قارا سايىسىدەك تىمىسقىلاپ يۈرمەكتە ئىدى. ئۇلار شۇنچە ئۇزاق مېڭىپمۇ، چېدىرنى تاپالمىدى. سەۋەبى ساۋۇت مەزىنمۇ زىيادە ئاق كۆڭۈللۈكىدىن دەسلەپتە يېقىن ئەتراپلارنى ئۆزى يالغۇز كولاپ يۈرگەن ئىدى. كۆپچىلىك تاش تاپالماي، خاپا يۈرگىنىنى كۆرۈپ چېدىردا قېلىشقا خىجىل بولۇپ، ئۇنىمىغانغا قارىماي، كۆپچىلىك بىلەن تاش كولاشقا تەڭ چىققان. ۋاي ئىسسىت! ئۇ چېدىردا بولغان بولسا، دۆڭگە گۈلخان يېقىپ بولسىمۇ، بەلگە بېرەلەيتتى ئەمەسمۇ؟
- بىزنى جىن ئازدۇرغان گەپ،-دېدى ساۋۇت مەزىن ياشاڭغىرىغان كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ،- ئەزان ئېيتىپ باقايلى، ئۈكىلىرىم.
- بىزنى ئازدۇرغان جىنلار ئەزان ئاۋازىدىن راستلا قورقامۇ؟- دېدى ئىسمائىل جۈجەك يىغلامسىراپ.
- ئاغزىڭغا تاش- تۇپراق، خاۋارىچ،- دەپ دوق قىلدى دوغىلاق ئاچچىقلاپ،- ئىت زۇۋانىڭنى يىغ!
- قالايمىقان گەپ قىلماڭلار، چوقۇم چېدىرنى تاپالايمىز، تەلىيىمىزگە ھەممىمىز بىرگە جەم بولۇپ تۇرۇپتىمىز. ھارغان، ئۇسسىغان، ئاچ قورساق بولساقمۇ بىر-بىرىمىزگە يار-يۆلەك بولۇشۇپ، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرىشىمىز كېرەك. توختىماي ھەرىكەت قىلايلى، بىر جايدا تاڭنى كۈتۈپ تۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.
قاسىم قۇرچىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۈنى يىغىغا بارغانلار خىجىل بولغاندەك ئارتۇقچە گەپ –سۆز قىلماي جىم ماڭدى. ساۋۇت مەزىنگە ئەگىشىپ سېتنىياز ئۇستا، ئېگىز ئورۇق، ئۆچكە ساقاللىق دېھقان تەڭلا ئەزان ئېيتىشتى. كۆكنى قارا بۇلۇتلار قاپلىغاچقا، تۈن قاراڭغۇسىدا ئېگىزرەك دۆڭلەر خۇددى قارا گەۋدىلىك دىۋىلەردەك سۆرۈن كۆرۈنەتتى. ساۋۇت مەزىن يۆتەلگىلى تۇردى، شوپۇرمۇ قېرى كېسەل ساغلىقتەك قاتتىق قېقىلىپ يۆتىلەتتى. يېلىڭ كىيىنىپ كەلگەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىلغان بولسا كېرەك، ئۇ پات-پات ئۆز-ئۆزىگە«خوتۇننىڭ گېپىنى ئاڭلىسام بوپتىكەن»دېگەندەك چۈشىنىكسىز بىرنېمىلەرنى غودۇراپ قوياتتى.
ئىسمائىل جۈجەك پۇتىنى قايرىۋېلىپ ماڭالماي قالدى. ئۇنىڭ ئورۇق بەدىنى تېخىمۇ قاتتىق تىترەپ، ئىككى چېكىسىنى بويلاپ سوغۇق تەر قۇيۇلاتتى. بىردەملا قىرو قاپلاپ، قار بوۋايغىلا ئوخشىشىپ قالدى. كۆپچىلىكنى قاتتىق ئەنسىرەتكىنى ئۇنىڭ بۇرۇنقى بوم ئاۋازىمۇ ئاجىز خۇنۈك، كېسەل مۈشۈكنىڭكىدەك چىقىدىغان بولۇپ قالغانلىقى بولسا كېرەك. قاسىم قۇرچى ئۇنىڭغا پات-پات« غەيرەت قىلغىن، ئاداش» دەپ تەسەللى بېرەتتى. ئالاھەزەل ماڭا-ماڭا بىر نەچچە يوتتا دۆڭ، چوڭ بىر پارچە سايدىن ئۆتكەندە، ئىسمائىل جۈجەك چىدىمىغىلى تۇردى.
- مېنى مۇشۇ يەرگە تاشلاپ قويۇپ، سىلەر چېدىرنى ئىزدەڭلار، تاڭ ئاتىدىغانغىمۇ ئازلا قالغاندۇ،- دەپ يالۋۇرۇپ جايىدىلا يېتىۋالدى.
- قوپ، ئۇنداق قىلما، ھەرىكەت قىلمىساق، تۈگىشىمىز، ئۈكەم.
- كېلە، جۈجەك، مېنى تىللىغان بولساڭمۇ سېنى مەن يۆلىۋالاي،- دەپ دوغىلاق ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزدى.
- يولداشلار، يەنە ئىككى-ئۈچ سائەت غەيرەت قىلىپ ماڭايلى. بىر-بىرىمىزنى تەڭ يۆلىشىپ، بىللە ئىلگىرىلەيلى.
- ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر!
چۆل تاغ ئىلاھى ئۇلارنى شىۋىرغانلىق كېچىدە، قاتتىق سوغۇقتا ئاچ قويۇپ، قاتتىق ھارغان، ئۇسسۇز بۇ تەۋەككۈلچىلەرنى تاڭغىچە ئاشۇنداق نىشانسىز چۆرگىلىتىپ پۇخادىن چىقمىغاندەك قىلاتتى، ئۇلارنى يەنە قانداق جەۋرى- جاپالار كۈتۈپ تۇرىدىكىن؟ تەقدىر-قىسمەتنىڭ چاقچىقى قاچانمۇ تۈگەركىن؟
ئاخىرى تاڭمۇ ئاتتى، شامالمۇ توختىدى. بىراق بىزنىڭ قەھرىمانلىرىمىز تۈن قاراڭغۇسىدا بىر كېچە نىشانسىز چۆرگىلەپ چېدىرغا قارشى يۆلىنىشتە چۆل تاغنىڭ ئىچكىرىگە خېلى ئۇزاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ قالدى. ئەمدى ئوبدان ئويلىشىپ ھەرىكەت قىلمىسا، دىماغقا ئۆلۈمنىڭ پۇرىقى پۇرايتتى. كۆپچىلىك ئېگىز بىر دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئەتراپنى كۆزەتكەچ، ئازراق ئارام ئالماقچى بولدى. ناۋادا، كەچ كىرگۈچە چېدىرنى تېپىۋالمىسا، كۆپچىلىك بىراقلا تۈگىشەتتى.
سېتنىياز ئۇستا بۇرۇن چۆل-جەزىرىدە تۇرغان بولغاچ، تۇپراققا ۋە يەر شەكلىگە قاراپ، نىسبەتەن توغرا جەزم قىلالايتتى.
- خاتىرجەم بولۇڭلار،- دېدى قاسىم قۇرچى كۆپچىلىكنى تىنچلاندۇرۇپ،- بىزنىڭ ئىنژىنېر بۇرۇن قارىمايدا، بىر قۇدۇقنىڭ كاشىلىسىنى ئوڭلىغىلى بېرىپ، چۆلدە بوراندا يولدىن ئېزىپ قېلىپ ھەمراھلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانىكەن.
- شۇنداقمۇ ئۇستام، قانداق قۇتۇلۇپ قالغانتىلە، ئۆزلىرى،- دەپ گەپنىڭ بېلىگە تەپتى شوپۇر يۆتىلىپ تۇرۇپ.
- ھى، ھى... بوپتۇ، مەنلا دەۋېتەي. ئۇ چاغلار 2-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئىدى. ئىچىدىغان سۇ تۈگەپ كەتكەچ، سۈيدۈكۈمنى سۇدانغا چىقاردىم، قورساق ئاچ بولسا، ماغدۇر دېگەن نەرسە بولامدىغان؟ يەيدىغان نانمۇ يوق. بىر كېچىنى سوغۇقتا تەستە ئۆتكۈزۈپ، ئەتىسى يەنە ئالدىغا قاراپ ماڭدىم، ئىككى كۈن ئاچ قورساق، ئۇسسۇز يۈرۈپ تازا قىينالدىم، تەلىيىمگە ئۇچامدا جا خۇرۇم چاپان بار ئىدى. قورساقنىڭ ئاچلىقىغا چىدىيالماي، بىر پېشىنى يىرتىپ، كىچىك بىر پارچىسىنى ئېغزىمغا سالدىم. شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ، جېنىمنى ساقلاپ قالدىم. سەپداشلىرىم مېنى ماشىنىلىق ئىزدەپ چىققان ئىكەن. تەلىيىمگە ئۇلار مېنى تېپىۋېلىپ، ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قالدى.
- ئۆزلەنىڭ ئۇ چاغدا، ھېلىمۇ يوقاپ كەتكەننى سەپداشلىرى بىلىدىكەن، يەنە كېلىپ، يەيدىغان رىسقىلىرى باركەن، ئاھ خۇدا! بىزنى كىم ئىزدەپ كېلىدۇ؟
- «كىرىشتىن ئاۋۋال چىقىشنىڭ غېمىنى قىل»دېگەن گەپنى ئوبدانراق ئويلىغان بولساق، كاشكى.
- بولدى، چوپچوڭ ئادەم يىغلىسا، ئەجەب تۇرىدىكەن، بۇ چۆل تاغدا سەن يالغۇز قالمىدىڭ- دېدى قاسىم قۇرچى ئورۇق، ئېگىز ئۆچكە ساقال دېھقانغا تەسەللى بېرىپ،-مەن بەش يىل ئاۋال، باركۆلدىن يالغۇز 63 قوينى پىيادە ھەيدەپ ئەكەلگەن، جۇمۇ.
- مەنمۇ مۇشۇنداق قىيىن سەپەرنى ئۈچ قېتىم باشتىن كەچۈرگەن،- دېدى شوپۇر يىگىت قۇرۇپ كەتكەن كالپۇكلىرىنى يالاپ تۇرۇپ،- ئەڭ دەھشەتلىك بولغىنى شۇكى، ئۆتكەن يىل5-ئايدا كۆكيارغا تاش توشۇغىلى كېتىۋېتىپ، سايدا تاشقىننى كېسىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. قارىسام، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئۇنچىلىك چوڭقۇر ئەمەستەك بىلىندى. تەۋەككۈل دەپ، رولنى بىر قايرىپتىكەنمەن، تاشقىننىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، ئارقا چاق بىر چوڭقۇر كاتاڭغا تېقىلىپ قېلىپ، چىقالماي ئۇزاق تۇرۇپ قالدىم، قالغان ھەمرالىرىم ياردەمگە كەلگۈچە، ئاناڭنى! تراكتور ئۆرۈلۈپ كەتتى-ئەمەسمۇ؟
- ئۆزۈڭچۇ؟ ساق چىقالىدىڭمۇ؟
- ھېلىمۇ يەيدىغان رىسقىم باركەن، تاشقىندا تراكتورنىڭ ئاستىدا قېلىپمۇ ھايات قالدىم، توۋا. ھەمراھلىرىم بولمىغان بولسا، قانداقمۇ قىلاتتىمكىن-تاڭ؟ كېيىن دوختۇرخانىدا ياتقان چېغىمدا، ئاندىن ئوڭ پۇتۇم بىلەن بېلىمنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىپ ئۈزۈلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم، دېسىلە.
كۆپچىلىك تۆپىلىكتە ئولتۇرۇپ بىر تەرەپتىن، ئارامىنى ئالغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزئارا مۇشۇنداق باشتىن كەچۈرگەن ۋەقەلەرنى دېيىشكەچ، روھىي جەھەتتىن بىر-بىرىگە تەسەللى بېرىشتى.
ئەتراپ چەكسىز چۆللۈك، ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلىدۇ. بۇ يەردە بىر ئىللىق نەرسە بار دېيىلسە، پەقەت گۈرۈلدەپ تۇرغان ماشىنىڭ ئاۋازىدەك شامالنىڭ سايىسى ئۇچۇپ تۇرغان سۇس كۆك ئاسماندا سارغىيىپ ئاجىزغىنا كۈلۈپ تۇرغان قۇياش بوۋايلا بار. تامچە سۇ، ئۇۋاق نان دېگەنلەرغۇ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە نە كومپاس، نە تۆگە دېگەندەك نەرسىلەرمۇ يوق. ھازىرچە كېرەك بولمايدىغان لوم تۆمۈر، بازغان، گۈرجەك، پارتلاتقۇچ دورا، قۇرۇق سۇدان، خالتا، سەرەڭگە قاتارلىق ئەمگەك قوراللىرىلا بار، ئۇلار ئەمدى ئۇلارغا ئۈمىد بېغىشلىيالمايدۇ، ئوشۇقچە بىر يۈك بولۇپ قالغان. ئاھ تەتۈر قىسمەت، مۇشۇ ئاق كۆڭۈل، جاپاكەش، نامرات دېھقانلارنى نېمانچە قىينايدىغانسەن؟ ئۇلارنى دەسلەپكى كۈنلەردىلا ھايات-ماماتلىق پەيتلەرگە قويۇپ سىنىغىنىڭ يەتمىدىمۇ؟! ئېيتقىنا، شامالدا قارىداپ كەتكەن، چاك-چاك يېرىلغان يۈز-لەۋلەر، قاداق-قاداق، يېرىق چۇسىدەك يىرىك ئالىقانلار، ئاچچىق تەر، موخوركا پۇراپ تۇرغان ئەسكى چاپانلىق، يىرتىق ئاياقلىق بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسسىق كۆز ياشلىرىنى ئىچىپ خۇشاللىق كەيپىنى سۈرەمدىغانسەن؟!
سېتنىياز ئۇستا بىردەم تۇپراقنىڭ شەكلىگە، ئۇنىڭدىكى يول-يول سىزىقچىلارغا ئىنچىكە سەپسېلىپ جىمىپ كېتەتتى. بىردەم شامالنىڭ، كۆكتىكى قۇياشنىڭ ئورنىنى قىياس قىلىپ يەرگە بىر نەرسىلەرنى سىزاتتى. ھەركىم ھەرنېمە دەپباقتى، ئاخىرى، قاسىم قۇرچى يېقىن ئەتراپنى كۆزىتىپ كەلگىنىدىن كېيىن، ئاندىن يولغا چىقىشقا كېلىشتى. ئالاھەزەل بىر ئاش پىشىمدىن كېيىن، كۆزەتكۈچىمۇ قايتىپ كەلدى. ھېچقانداق ئىز يوق، كېچە چىققان شىۋىرغانلىق ھاۋا رايى ھەممىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى. پەقەت ئۇلار قىياسەن نىشاننى بويلاپ ماڭماقتىن باشقا ئامالى يوق. كۈن ئولتۇرغۇچە جەزمەن قونالغۇغا بېرىۋېلىشى كېرەك. بولمىسا، سوغۇق كېچىدە جان ساقلىماقمۇ تەس. كۆڭلى تۇيۇپ تۇرسىمۇ، ئاقىۋەتنى تەسەۋۋۇر قىلىشنى ھېچكىم خالىمايدۇ. شۇنداق، مۇشۇنداق چاغدا كۆڭۈلدە پەقەت بىر خۇدادىن باشقا نىجاتلىق قۇياشى بولمىسا كېرەك. ئۇلار قانچە قېتىملاپ، ئۇنىڭ مۇبارەك ئىسمىنى يات ئېتىپ، ناماز ئوقۇماي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلدىكىنە؟!
تەۋەككۈلچىلەر زور غەيرەت بىلەن ئۈمىدنى قەلبىگە يار قىلىپ بارلىق كۈچىنى يىغىپ، ئېغىر قوراللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، ھارغىن پۇتلىرى سۆرەشتۈرۈپ دېگۈدەك ئالغا سىلجىماقتا ئىدى. يۈك بولۇپ قالغان قوراللىرىنى قانچە قېتىملاپ تاشلىۋەتمەكچى بولدى-يۇ، قانچە كۈن قۇرۇق قول يۈرۈپ تارتقان جەۋرى –جاپالىرىنى ئويلاپ، يەنە ئۈمىدۋار بولۇپ سۆرەشتۈرۈپ مېڭىشقا رازى بولدى. كۈنمۇ قىيىلىپ، شامالمۇ ۋىژىلدىغىلى باشلىدى. دېمەك بىرنەچچە سائەت ئىچىدىلا قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىدۇ. سۇسىز، ئاچ قورساق ئېگىز-پەس چۆللۈكتە يول يۈرۈشنىڭ تەسلىكى ئۇلارنى ئاخىرى تىز پۈكتۈردى، ئەمدى بولسا، لوم تۆمۈر ۋە بازغاننى تاشلاپ كېتىشكە توغرا كەلدى. دوغىلاق دېھقان تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيمىغان ھالدا لوم تۆمۈرنى بىر دۆڭگە، ئىككى بازغاننى ئۆرە قىلىپ بىر بىرىگە تىرەپ بەلگە شەكلىدە يەنە بىر ئېگىز تۆپىلىككە تىكلەپ قويۇپ قويدى. گۈرجەكنى ھاسا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولغاچ، خەيرىيەت، ئۇ ئەمدى ئۆز كۈچىنى يەنە بىر نۆۋەت كۆرسىتىۋاتاتتى. ساۋۇت مەزىننىڭ ماڭغۇدەك كۈچىمۇ قالمىدى. ئۇ گۈرجەككە تايىنىپ ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ يېتىشىپ دېگۈدەك كېلىۋاتاتتى. بىراق ئىسمائىل جۈجەكنىڭ پۇتى قايرىلىپ كەتكەچ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كونا زىققا كېسىلىمۇ قوزغىلىپ قالسا كېرەك، نەپىسى يېتىشمەي دېگۈدەك، خىڭىلداپ بارغانسېرى ماڭالماي قېلىۋاتاتتى. بىر دۆڭدىن يەنە بىر دۆڭگە چىقىش شۇنچىلىك ئېغىر كېلەتتىكى، بەزىدە ئورنىغىلا موك ئولتۇرۇۋالاتتى.
«نېمىدېگەن ئوخشاش دۆڭ، ئوخشاش جەزىرە، پەرقلەندۈرۈش نېمە دېگەن تەس، ئىتمۇ بەلكىم مۇشۇنداق چۆلدە ئۆز تۇرالغۇسىدىن ئېزىپ قالسا، ماكانىنى تېپىپ بارالمايدىغۇ؟» قاسىم قۇرچى ئىچىدە چۈشىنىكسىز بىرنەرسىلەرنى غودۇڭشىغاچ، بىپايان چۆللۈككە ئۈمىدسىز كۆزلىرىنى تىكتى. ئۇ ھەمراھلىرىنىڭ تۈگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە، ئىچى سىيرىلىپ كۆزلىرىدىن لۆممىدە ياش ئەگىدى. ھەركىم ئۆزىنىڭ بەدەن قۇۋىتىگە، ئىرادىسىگە يارىشا سۆرۈلۈپ، ئۆمىلەپ، دومىلاپ دېگۈدەك كېلىۋاتاتتى. مەۋھۇم، باش-ئايىقى يوق مەنزىلدەك كەتكەن دالا چەكسىزلىكى، سىرلىقلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ، ئۈمىد چىرىقىنى ئۆچۈرمەكچى بولاتتى.
سوغۇق شامالنىڭ دەستىدىن يېرىلغان يۈز-لەۋلەر خۇددى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ ئاغرىيتتى. بىر تەرەپتىن ھارغىنلىق، ئۈمىدسىزلىك قىينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ئازابى ئۆزىنى كۆرسىتىشى ئەلەم بولاتتى. شوپۇر بىلەن ئورۇق، ئېگىز دېھقان ياش، دوغىلاق كۈچتۈڭگۈر بولغاچ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا ياخشىراق ئىدى. قاسىم قۇرچى بىلەن سېتنىياز ئۇستا سەپنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ لېۋىنى چىشىغا بېسىپ ئاران-ئاران بەرداشلىق بېرىپ كېلىۋاتاتتى، شۇنچە ئولتۇرىۋالغۇسى كەلسىمۇ، بەرداشلىق بېرىپ، ھەمراھلىرىغا ئۈمىد بېغىشلاپ باش بۆرىدەك سالماق، تەمكىن كەيپىياتنى ساقلاپ، يەنىلا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتاتتى. نىشان كۆرۈنمەيلا قاراڭغۇ تۈن شاپاشلاپ يېتىپ كەلدى.
غۇچچىدە سارغۇچ يۇلتۇزلار ئاجىزغىنا جىمىرلاپ تۈن باغرىدا پەيدا بولدى. شامال ئەدەپ شىۋىرغانغا ئايلانغىلى تۇردى. سوغۇق ھاۋا تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، نىشاندىن ئېزىپ قالغان بىر توپ ئاچ بۆرىنى دۈگدەيتىپ قويىۋاتاتتى.
- سەرەڭگىدىن باشقا بارلىق لازىملىقلارنى مۇشۇ جايغا تاشلىۋېتىپ، گۈرجەكنىڭ سېپىنى قالاپ ئازراق بولسىمۇ ئىسسىنىۋالمامدۇق،- دېدى قاسىم قۇرچى توختىماي يۆتىلىپ تۇرغان ساۋۇت مەزىننى يۆلەشتۈرۈپ.
ئۇلار بىر كېچە- كۈندۈز ھېچنېمە يېمىگەچ، ھەم تىنماي دېگۈدەك ماڭغاچقا بەدەندە كۈچ يوق ئىدى. كۆپچىلىك ئەمدى ئانچە –مۇنچە بولسىمۇ، ئوت كۆرۈپ ئازراق ئېنىرگىيە تولدۇرۇۋالدى. ئىسمائىل جۈجەك بىلەن ئورۇق، ئېگىز دېھقاننىڭ مىشىلداپ يىغلىشى بىلەن، قالغانلارنىمۇ يىغا تۇتتى. يول تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. ئۈمىدسىزلىك ئۇلارنىڭ روھىغا يوغان قارا سايە تاشلاپ، يۇلتۇز شولىسىنىمۇ ئىگىلەپ بولغاندەك قىلاتتى. تۈن قاراڭغۇسىدا ئۇلار ئاشۇنداق زار-زار يىغلاپ گاھ ئۆمىلەپ، گاھ تىمىسقىلاپ يۈرۈپ ئاخىرى تاڭنىمۇ ئاتقۇزدى.
كۆز يەتكۈسىز چۆللۈكتە نە بىر مەنزىل، نە بىر ئىزدىن بېشارەت بولسۇن؟ ئۇلار كۈننى ئارقىدا قالدۇرۇپ قارشى يۆنىلىش بويىچە ماڭماقتا ئىدى. نېمىلا دېگەن بىلەن، ئىككى نەپەر سەپەرداشنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دەھشەتلىك ئىككى كېچىدىن ساق ئۆتۈۋالدى. كۈنمۇ بىردەملا تىكلىشىپ چىڭقا چۈش ۋاقتى بولۇپ قالدى. بىراق، قونالغۇ چېدىر تۈگۈل نەچچە ۋاقتىن تاش ئىزدەپ قازغان جايلارمۇ تېخى كۆرۈنگىنى يوق. كۆپچىلىكنىڭ ماغدۇرى چورتلا ئۈزۈلدى، ئەمدى دۆڭلۈكتىن پەسكە پەقەت دومىلاپ چۈشۈشكە توغرا كېلەتتى. بۇنداق چاغلاردا بۇرۇن، قۇلاق، كۆزلەرگە قۇم –توپا كىرىپ، گاھىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن ئېغىز ئىچى قۇم كىرىپ كېتىپ، چىشلار ئارىسى قۇمغا تولغاچ، غۇچۇرلاپ كېتەتتى. ئۆلۈمنىڭ ھىدى دىماغقا پۇراپ، مىسكىن چىرايلارنى شۇنداق خۇنۈك بەدرەڭ قىلىۋېتەتتىكى، خۇددى گۆردىن ئۆمىلەپ چىققان نىمجان كىشىنىڭ ئۆزى ئىدى. سوغۇق كېچىچە بوزەك قىلغاننى ئاز دەپ، يەنە ئۇلارنى قىيناپ ھالىدىن تېخىمۇ كەتكۈزگىلى تۇردى. قانچە كۆتەل، قانچە ئازگال، قانچە سايلارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئاستا-ئاستا ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بۇ كىشىلەر خۇداغا سېغىنىپ، ئايەت ئوقۇپ، ئەزان ئېيتىپ بىرەر مۆجىزىنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بېرىشىنى زارىقىپ كۈتكەنلىرى قېنى؟! ھەممىسى «بارسا-كەلمەس يول»دا قالغاندەك قاتتىق قايغۇرۇپ، چۈشكۈنلىشىپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ ئىككى قابىل باش بۆرە ئۇلارنى ھە-ھۇ بىلەن بەزلەپ سۆرەشتۈرۈپ دېگۈدەك قىلىپ، ئالدىغا قاراپ بىر قەدەم بولسىمۇ يۆتكەشكە تۈرتكە بولۇۋاتاتتى. ئاقىۋەت، توپنىڭ ئىچىدىن ھالى بەك بەتتەر ئۈچەيلەن خۇددى يوغان-يوغان ئۆمۈچۈك-دۆلەردەك ئۆمىلىشىپ ئاران بىر دۆڭگە چىقىپلا، قەددىنى رۇسلىيالماي، دەلدەڭشىگەنچە قېقىلىپ بېرىپ ئوڭدىسىغا «گۈپ» قىلىپ يېقىلىپ چۈشتى.
- مەن ئەمدى ماڭالمايمەن، ئۈكىلىرىم! ئاراڭلاردا يېشى ئەڭ چوڭى مەنكەنمەن، ئون جېنىنىڭ بىرى قالغان قېرىمەن. مېنى ئۆلتۈرۈپ يەپ، قېنىمنى ئىچىپ بۇ نەس باستى چۆللۈكتىن چېدىرغا بېرىۋېلىڭلار!
- ياق، قۇدام،- دېدى سېتنىياز ئۇستا كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈپ تۇرۇپ،-مانا مەن باشتا ئۆلۈشۈم كېرەك، مەن سىلىنى بۇ نەس باسقان جايغا قىزىقتۇرمىغان بولسام بوپتىكەن. مېنى كەچۈرۈۋەتسىلە، ئاھ، خۇدا، سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى باشتا ئۆلتۈرۈپ، قېنىمنى ئىچىڭلار!
- ياق، بولمايدۇ، مالاكىلىرىم!- مەن تراكتورنى ئوبدان ھەيدىمەي، سىلەرنى ئارتۇقچە جاپا تارتقۇزدىم، گۇناھىم ئۈچۈن، مېنىڭ گۆشۈمنى يەپ، قېنىمنى ئىچىپ ھايات قېلىڭلار! مەن سىلەردىن ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا رازى.
- بولمايدۇ!- دېدى ئىسمائىل جۈجەك يەرگە ئۆمىلەپ ھۆڭرەپ يىغلاپ- ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر پۇتۇممۇ كاردىن چىقتى، تارتىشىدىغان ھېچنېمەم يوق. نېمىلا بولمىسۇن، سىلەرنىڭ بالا-چاقاڭلار بار. شۇڭا مېنى ئاۋۋال ئۆلتۈرۈپ يەڭلەر.
- ياق، مېنى ئاۋۋال......
سەپەرداشلار قىيا-چىيا قىلىشىپ، ھۆ ئېتىپ، چاچ –ساقاللىرىنى يۇلۇپ ئۆزلىرىنى ھەر تەرەپكە تاشلايتتى. قىيامەت قايىم بولغاندەك بۇ دەھشەتلىك مەنزىرىدىن، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، قاسىم قۇرچىمۇ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى. بۇ ئۇنىڭ چۆل تاغقا كەلگەندىن بۇيانقى تۇنجى يىغىسى ئىدى. تاراملاپ تۆكۈلگەن ياشلار ياداڭغۇ چاڭ باسقان سوقىچاق يۈزىدىن كىچىك ئېرىقچە ئىزنى بويلاپ يېپى ئۈزۈلۈپ تۆكۈلگەن مارجاندەك تاراملاپ چۈشتى.
- ياق، بىرىمىزمۇ ئۆلمەيمەيمىز! بىز ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلارخوتۇن، بالا –چاقا ۋە ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن بۇ چۆلتاغقا تەڭ كەلگەن، ناۋادا ئۆلۈش توغرا كەلسە، ھەممىمىز تەڭ ئۆلىمىز. كۈتۈلمىگەن ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھازىر نامىزىمىزنى بىرلىكتە چۈشۈرۋېتەيلى!
- شۇنداق قىلايلى...
كۆپچىلىك توپا بىلەن تەيەمۇم قىلىپ تەرەت ئالغاندىن كېيىن، ئاخىرقى كۈچىنى يېغىپ قەددىنى رۇسلاپ بىر سەپ تۈزدى. بايا يىغلاپ قىزارغان كۆزلەردە ئىپادىلىگۈسىز ھاياجان بىلەن سۇس شولا جىلۋىلەندى. ساۋۇت مەزىن ئىمام بولۇپ، توپنىڭ ئالدىغا ئۆتتى.
- ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!
ناماز چۈشۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، كۆپچىلىك بىر-بىرىنىڭ مۈرىلىرىنى قۇچاقلىشىپ، كىچىك بالىلاردەك ئاداش-ئاداش بولۇشۇپ، گاھ يىقىلىپ، گاھ قەددىنى رۇسلاپ مەنزىل تامام ئاستا-ئاستا ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئورۇق، ئېگىز دېھقان كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، كۆڭلى بۇزۇلۇپ، يۇرت-مەھەللە، قېرى ئانىسى، خوتۇن، بالا – چاقىلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ خىرقىراق بوغۇق ئاۋازى بىلەن ناخشا باشلىۋەتتى:
- تاش بىلەن مىچىت قوپاردۇق،
سايىسىدۇر جايناماز.
ئارىمىزدا موللا يوق،
ئۆلسەك كېتەرمىز بىناماز.
.......................
بارا- بارا ناخشا ئومۇمىي خورغا ئايلىنىپ، تاماملانغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن زار-زار يىغلىشىپ تازا پۇخادىن چىققاندەك، ئارقىدىن قاقاقلاپ كۈلۈشتى. بۇنى كۈلكە ياكى يىغا دېيىشمۇ تەس بولسا كېرەك. يەرنى قاماللاپ، تىرناقلار قانىدى، يۈز-كۆزلەر تونۇغۇسىز ھالەتتە مەينەت بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھېلىمۇ ياخشى، سېتنىياز ئۇستىنىڭ بىر خام تېرىدىن تىكىلگەن كونا بىر جۇۋىسى بار ئىدى. ھەر بىر كىشىگە بىر پارچىدىن يىرتىپ بېرىۋېدى، بىر كۈندىن بۇيان ئەڭ مىزىلىك تائام ئورنىدا يېرىم ياتە چاينىلىپ، يۇتۇلۇپ، ئاشقازاننىڭ ئاچچىق ئېچىشىپ ئېچىشىغا دالدا بولۇپ كەلدى. بۇ چەكسىز قاقاس چۆللۈكتە نە بىرەر تۈپ يانتاق، نە بىرەر تۈپ غاجىغۇدەك يېپىنچا ئۆسۈملۈك بولسۇن؟ يېپىنچا ئۆسۈملۈك دېگەندە، پەقەت قۇرۇپ قالغان تۇزلۇق شاپ ئۇچراپ قالاتتى. گاھىدا كۆزگە بورمىي مومىدەك كۆرۈنەتتى، قول سالغان ھامان، غاراسلاپ ئۇۋۇلۇپ، ئاچچىق توپا پۇرىتىپ شامالدا توزغاقتەك توزۇپ كېتەتتى. قانچە قېتىم شۇنداق بولغىنىنى كىم بىلسۇن؟ چىڭقا چۈش مەزگىلىدە ھاۋا بىنورمال ھالەتتە چاڭڭىدە ئېچىلىپ، كۈن باشقىچىلا چاقناپ شولا چاچتى. ھاۋامۇ بارا- بارا ئىسسىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى.
- ئالدىمىزدا دەريا باركەن! ۋاھ سۇ!
- ئاھ خۇدا، سۇ، سۇ....!!
- ئۇ دېگەن ئېزىتقۇ، توختا!
شوپۇر يىگىت بىلەن ئورۇق، ئېگىز دېھقان ھاياجاندىن ۋارقىرىشىپ سېتنىياز ئۇستىنىڭ توسۇشىغا قارىماي، توپتىن ئايرىلىپ نەچچە مېتىر يۈگۈرمەيلا، ئىككىلىسى تەڭلا ماغدۇرسىزلىنىپ گۈپپىدە يىقىلدى. قالغانلارمۇ يىقىلىپ قوپۇپ ئۇلارنىڭ قېشىغا باردى. دوغىلاق بىلەن ئىسمائىل جۈجەك تېنىنى يەرگە تاشلاپ ئىككىلىسى پومداقلىشىپ دېگۈدەك، بىر- بىرىنى سىلكىشىپ، ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ ئاچچىق يىغلايتتى.
- سۇ قېنى؟! نېمىشقا يوقاپ كېتىدۇ؟!
- نېمىشقا؟! ئاھ خۇدا! بۇ نېمە دېگەن ئادالەتسىزلىك؟!
- بۇنداق قىينىغۇچە، بىراقلا جاننى ئالساڭچۇ!
قالغانلارمۇ ئۇلارنىڭ قاتتىق يىغا-زارىغا چىدىيالماي، كۆڭلى بۇزۇلۇپ، ئۇلارغا ئۆزىنى ئېتىپ بىر ھازا زار-زار يىغلىشىپ، تۇيۇقسىز قاقاقلاپ كۈلۈشكىنىچە، توپىغا مىلىنىپ تۆپىلىكتىن كىچىكتىن چوڭىيىپ دومىلاۋاتقان قار دۆۋىسىدەك ئويمانلىقتىكى تۈزلەڭلىككە دومىلاپ چۈشتى. كۈننىڭ نۇرى ياشاڭغىراپ تۇرغان نۇرسىز كۆزلەرگە كۈچلۈك سانجىلغىنىدا، لەيلەپ چۈشكەن پەيدەك تېنى بىر خىل تاتلىق سېزىمدە ئاستا-ئاستا شۈكلىشىپ، چۈشىنىكسىز بىرنېمىلەرنى دېيىشكىنىچە تۈگۈلۈپ قالدى. ئۇلارنىڭ ئىچ-ئىچىدىن ئۆرتىنىپ چىققان ئاچچىق نالىسى ئەرشكە يەتكەن بولسا كېرەك. تۇيۇقسىزلا ئالدىدا ئاجايىپ بىر مۆجىزە يۈز بېرىپ ۋاللىدە چاقناق بىر كۈچلۈك نۇردىن كېيىن، بىر غايىۋى شەھەر قەد كۆتۈردى.
پاھ، نېمە دېگەن گۈزەل، ياپيېشىل دۇنيا! خوشپۇراق رەڭگارەڭ گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن گۈلزارلىق، باغۋارانلىق شەھەر بۇ! سۈپسۈزۈك سۇ شىرقىراپ ئېقىپ تۇرغان ئېرىق بويلىرىدا باراقسان تال-تېرەكلەر سايە تاشلاپ تۇرغان؛ يولنىڭ ئىككى چېتىدە شاھمات تاختىسىدەك رەتلىك سېلىنغان ساراي-ئۆيلەرئۇلارنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى. ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا گۈل-چېچەكلەرگە ياندىشىپ، بۈككىدە شاخلاپ تۇرغان ئانار دەرەخلىرىدىن قىزىرىپ پىشىپ، يېرىلىپ كەتكەن ئانارلار توكۇرلاپ ئېرىقتىكى سۇغا چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇلاردىكى بۇ چەكسىز خۇشاللىقنى ئىپادىلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلسا كېرەك. كۆپچىلىك قۇشتەك يەڭگىل ماڭاتتى، ماڭسا پۇتى يەرگە تەگمەيتتى. ئۇلار قويۇق يوپۇرماقلىق تەكزارلىق باغلاردا سارغىيىپ پىشىپ كەتكەن نەشپۈت، شاپتۇلا، يۇلتۇزدەك غۇچچىدە يالتىراپ تۇرغان سانجاق-سانجاق ئۈزۈملەرنى كۆرۈپ قول سوزۇۋىدى، بال تېمىپ تۇرغان مېۋىلەر ساپىقىدىن ئاجراپ ئۇچۇپ كەلگەنچە، يوغان ئېچىلغان ئېغىزلارغا كىرىپ، ئۇدۇللۇق شۇررىدە ئېرىپ كېتەتتى. ئېھ، جەننەت ھوزۇرى! تەسۋىرلىگۈسىز لەززەت، دولقۇنلانغان يۈرەك! ئىسمائىل جۈجەك «بۇنداق كۆپ مېۋىلەرنى يۇرتتىمۇ يەپ باقماپتىكەن، توۋا.» دەپ توختىماي قول سالاتتى. دوغىلاق بولسا«مەن ئۈزۈمنىڭ بۇنداق ئېسىل، چىرايلىق مېۋىلىكىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام كاشكى، خورلاپ يېمىگەن ئېغىزىمغا تاش-تۇپراق!» دەپ ئۆكۈنگەچ، ئاچكۆزلۈك بىلەن ئالدىغا ئۆزلۈكىدىن كۈلۈپ كەلگەن ئۈزۈم دانىلىرىنى ئۇزۇن تىلىنى يىلاندەك چىقىرىپ يالمايتتى. بىردەملا قورسىقى توپتەك تومپىيىپ چىقتى، ئۇسسۇزلۇقى قېنىشىپ ۋە تارتىشىپ كەتكەن قورساقلارمۇ تويۇشۇپ شۇنداق راھەتلەندىكى، بەلكىم دەقيانۇسمۇ يەتتە ئىقلىمغا پادىشاھلىق قىلىپمۇ بۇنچىلىك راھەت سۈرەلمىگەن بولغىيتتى. كۆپچىلىك ئۇسسۇزلۇققا قېنىپ ۋە تازا تويۇشقاندىن كېيىن، ئۇ يەر- بۇ يەرلەردە سۇ تۆكۈلگەن شۇنچە جىق جايلارنى كۆرۈپ:
- شۇنچە جىق ئادەم تەرەت ئېلىپتۇ-يۇ، بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى ناماز ئوقۇغىلى نەگە كەتكەندۇ؟ -دېيىشىپ ھەيرانۇ-ھەس بولۇپ، ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى.
كۆپچىلىك رەت-رەت چىرايلىق پاكىزە، ئازادە سارايلارنى كۆرۈپ، شېرىن ئۇيقۇلىرى كېلىپ، ھەربىرى بىردىن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ھەشەمەتلىك ئۆيگە كىرىپ، ئوتقاشتەك گىلەم ئۈستىدىكى قېلىن قات-قات يۇمشاق كۆرپىلەرگە ئۆزىنى تاشلاپ راھەتلىنىپ يېتىشتى.
- مېنىڭ ئورنۇمدا يېتىۋېلىپ، مېنىڭ ئورنۇمدا يېتىۋېلىپ!
غايىبتىن شۇنداق بىر يېقىملىق، ئەمما ئاجىز ئاۋاز ئاڭلاندى. ئەمما بىرەر ئادەمنىڭ ئۆزى تۇرماق، قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى، كۆپچىلىك توۋا، روھلارنىڭ جايىغا كېلىپ قالدۇقمۇ-نېمە؟ دېيىشىپ، تەستە كۆزلىرىنى ئېچىشىپ، يەنە ياندىكى چوڭ ئازادە قۇرۇق بىر ئۆيلەرگە بىر- بىرلەپ كىرىپ، سېلىقلىق تۇرغان تاۋار گۈللۈك مامۇقتەك يۇمشاق كۆرپىلەرگە تاشلاندى.
- مېنىڭ ئورنۇمدا يېتىۋېلىپ، مېنىڭ ئورنۇمدا يېتىۋېلىپ!
يەنە بايامقى سىرلىق، ئەمما يېقىملىق، زەئىپ ئاۋاز ئاڭلاندى، شۇنداق قىلىپ ئۇلار ئۆيدىن –ئۆيگە يۆتكىلىپ يېتىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئاخىرى توقسەن توققۇز مىڭ ئۆينىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىغا كىرىپ، ئەمدىلا يېتىشىغا يەنە:
-مېنىڭ ئورنۇمغا كىرىپ يېتىۋېلىپ، مېنىڭ ئورنۇمغا كىرىپ يېتىۋېلىپ!
دېگەن سىرلىق ئاۋاز ئۇيقۇسىنى بۇزدى، كۆپچىلىك شېرىن ئۇيقۇسىدىن كېچەلمەي، ئۇيقۇ مەستلىكىدە، يۆتكىلە-يۆتكىلە ئەڭ ئاخىرقى ئۆينىڭ ئىشىك تۈۋىگە كەلگەندە،«چاڭ»قىلغان بىر شاپىلاق يۈزلىرىگە تەگدى-دە، قورققىنىدىن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇ ئۆيلەردىن سىرتىغا بىراقلا قايتىپ چىقتى.
كۆپچىلىك كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ ئېچىۋېدى، ئۆزلىرىنى بىر چوڭقۇر ئازگالدا كۆرۈشتى، غايىۋى شەھەر كۆزدىن غايىب بولغانىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تونۇشلا كۈلكە چىرايلار گاھ تونۇردەك يوغىناپ ئالدىغا ئېڭىشسە، گاھ مۇشتەك كىچىكلەپ كەينىگە داجىپ يەرگە ئېگىلىپ يەنە ئالدىغا ھەرىكەتلىنىپ تونۇردەك يوغىناپ كۆرۈنەتتى. ئازگاللىق خۇددى چايقىلىۋاتقان كۆلدەك تەۋرىنىشتە كۆرۈنەتتى. قاسىم قۇرچى قۇرۇپ چاپلىشىپ، قۇم- توپا، تېرە يۇڭى دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ قالدۇقلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان ئېغىزىغا سۈزۈك زەمزەم سۈيى تېمىۋىدى، يېرىم يۇمۇلغان نۇرسىز كۆزلىرىگە ھاياتلىق نۇرى تولۇپ، ئاستا –ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئابدۇللانى تونۇدى. ئابدۇللامۇ ئۇنى يۆلەپ ئورنىغا ئولتۇرغۇزدى. ئاڭغىچە قالغانلىرىمۇ بىر- بىرلەپ خىيالىي دۇنيادىن ئويغىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپ قۇتقۇزۇپ قالغان سەپەرداشلىرىنى كۆرۈپ، شۇنداق ھاياجانلاندىكى، بىر تەرەپتىن، كۆزلىرىدىن ئىسسىق ياش تۆكۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن، خىرقىراپ كۈلەتتى. ئىسمائىل جۈجەك كۆزىگە ئىشەنمىگەندەك، يۈزلىرىنى چىمدىپ، چاچلىرىنى تارتىپ سىناپ باقتى، ئەتراپتىكى قۇتقۇزغۇچىلار ئۇنىڭ كىچىك بالىدەك بۇ ئوماق قىلىقىنى كۆرۈپ، قاقاقلاپ كۈلۈۋەتتى. ساۋۇت مەزىن بىلەن سېتنىياز ئۇستىنىڭ يېشى چوڭراق بولغاچ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى نىسبەتەن ئېغىرراق ئىدى، بىراق، تۇيۇقسىز كەلگەن خۇشاللىق ئۇلارنىڭ روھىنى زىيادە ئۇرغىتىۋەتكەن بولسا كېرەك، ئۇلارمۇ ھەرھالدا تەستە بولسىمۇ ئورۇنلىرىدىن ئاخىرى تۇردى. تەلىيىگە قېنىپ ئىچكەن مۇزدەك سۇ تومۇرلىرىدا قايتىدىن ھاياتلىق قېنىنى جۇشقۇنلاتتى. خۇنۈك، نۇرسىز، چاڭ-توپا بىلەن مىلەنگەن بىچارە چىرايلاردا ئىللىق بىر ئېقىم يامراپ، تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. شوپۇرخۇددى نېرۋىسى ئېلىشىپ قالغان كىشىدەك ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرىغانچەئايىغى ئاستىدىكى قۇم-شېغىل، تۇپراقنى مىجىقلاپ ئېلىپ يۈز-كۆزلىرىگە سۈركىدى. ئورۇق ئۆچكە ساقاللىق دېھقان بولسا، ئاچكۆزلۈك بىلەن بىر پارچە ناننى چاينىماي دېگۈدەك يەپ قاتتىق يۇتۇۋېلىپ، قىينىلىپ ئۆپكىدەك ئېسىلىپ يۈزى كۆكىرىپ كەتتى، ئالدىراپ ئىچكەن سۈيى ئىككى جاۋىغىيىدىن سىرغىپ چاپاننىڭ ئالدىنى ھۆل قىلىۋېتىۋىدى، بەئەينى كەپسىز بالىغىلا ئوخشاپ قالدى. ئويلىمىغان يەردىن ياغقان شاپائەت يامغۇرى يېڭى ھاياتلىقنىڭ خۇشاللىقلىرىنى، بەختىيارلىق تۇيغۇلىرىغا چۆمۈلگەن ھاياجانلىق قىلىقلارنى بەرگەن ئىدى. ھەقىقەتەن ئۇلارنى تەلەيلىك كىشىلەر دېيىشكە بولاتتى. تەقدىرنىڭ چاقچىقى بىلەن ئۇلار چۆلتاغدا ئىككى كېچە –كۈندۈز ئېزىپ سەرسان بولۇشۇپ، يەنە بۇرۇنقى شەپقەتچىلىرىگە تاسادىپەن ئۇچراپ قالغان ئىدى. ھاياتلىق يەنە بىر قېتىم ئۇلارنى قاتتىق سىناپ، ھاياتلىق پۇرسىتى بەردى. شۇنداق، ئۇلارنىڭ ئۆملۈكى، ئىرادىسى، ھاياتقا بولغان چەكسىز مۇھەببىتى ئاخىرى باغرى تاش تەقدىر ئىلاھىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن بولسا كېرەك. شۇنداق ئەمەسمۇ، سەن ھاياتقا كۈلۈپ قارىساڭ، ئۇمۇ ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ، تۇرمۇشنىڭ سىرلىق ئوڭغۇل-دوڭغۇل يوللىرىدا، نى-نى قىسمەتلەر سېنى كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ، پەقەت ئادىمىي خىسلەتنى ساقلىساڭلا، چەكسىز كەتكەن ھالاكەت چۆلىدىمۇ ساڭا ھاياتلىق بۇلىقى تېپىلىشى مۇمكىن.


ئالتە قىرلىق تاش باشقا تېمىلار
ئالتە قىرلىق تاش(01)ئالتە قىرلىق تاش(02)ئالتە قىرلىق تاش(03)ئالتە قىرلىق تاش(04)ئالتە قىرلىق تاش(05)
ئالتە قىرلىق تاش(06)