باش بەت / ساقلايمەن

ئالتە قىرلىق تاش(01)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-9-29 17:25 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: «تۇرپان»ژۇرنىلى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئالتە قىرلىق تاش


(پوۋېست)

ئېلى ھىمىت


بىرىنچى باب

مۇقەددىمە


1986-يىلى، قىش چىللىسى كىرگەن، تۈن ئۇزارغان چاغ. مەھەللە جەنۇبىدىكى ئېگىز-ئېگىز بارخانلىق قۇم تاغ چوققىلىرى خۇددى سېھىرلىك قەلئەدەك بۇ قەدىمىي تۇرپانلىق ئارىسى مەھەللىسىگە ئۆزگىچە گۈزەل تۈس بەخش ئېتەتتى. تار مەھەللە قوينىدا تومۇردەك ئاچال يوللار بىلەن باشلانغان ئالدى-كەينى كوچىلار مۇرەككەپ مەھەللە شەكلىنى شەكىللەندۈرگەن. ناۋادا بىرەر ناتونۇش كىشى بۇ كوچىلاردىن بىرەرىنى ئىزدەپ كەلگۈچى بولسا، لەقىمىنى بىلسىلا، ئوڭاي تاپالايتتى. لەقەم فامىلىدەك ئاتىدىن بالىغا تەبىئىيلا سىڭىشىپ، يىلدىن-يىلغا مىراس قالاتتى. لەقەملەرمۇ شۇنداق قىزىق ئىكەنكى، شۇ كىشىنىڭ خۇي-پەيلىگە ياكى بەدەن شەكلىگە ياكى تۇرمۇش ئادىتىگەياكى كەچۈرمىشىگە، كەسپىگە« ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز »دېگەندەك شۇنداق ماس كېلەتتى. بۇ خۇددى يايلاقتا قوي-يىلقىلارغا ئەن سېلىپ قويغىنىدەك ئىشلارغا ئوخشاش رول ئويناتتى. يەنە كېلىپ، بۇنداق پەسىلنىڭ قايسىلا كۈنىدە بولسۇن، ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي ئاساسىي كوچىنىڭ دوقمۇشىداچوڭ-كىچىك ئەر كىشىلەر كىچىك چەمبىرەك ھاسىل قىلىپ، توپلىشىپ ئۆرە تۇرۇشقىنىچە كەچ كىرگۈچە قىزغىن مۇڭدىشاتتى. بەزىلىرى بىر ياندا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالماي، يەرگە توغرىسىغا يەتتە سىزىق، تىك قىلىپ يەتتە سىزىق سىزىپ قىرىق توققۇز كاتەكچە ياساپ، ياغاچ، داڭگال پارچىلىرىنى ئۇرۇق قىلىشىپ، نۆۋەت بىلەن سىزىقنىڭ كېسىشىدىغان يېرىگە قۇيۇشىدۇ. تۆت تال ئۇرۇقنى بىر يەرگە قويۇۋالسا «پاڭشاڭ»دەپ ئاتاپ، قارىشى تەرەپنىڭ ئۇرۇقىنى خالىغان يېرىدىن، تاللاپ ئېلىۋېتىپ ئوينايدىغان يەرلىك شاھمات- پاڭ ئويناشقا سىڭىپلا كېتىشىدۇ. بۇنداق ئويۇنغا قىزىقىپ كەتكەن چاغلاردا، كىچىك بالىلىرى بىرەر ئىشقا ياكى تاماققا چاقىرىپ كەلسىمۇ، ئاسانلىقچە گەپ قۇلاققا كىرمەيتتى، ياكى ئويۇنغا بەك كىرىشىپ كەتكەچكىمۇ چاقىرىشلارىغىمۇ ئانچىۋالا ئېرەن قىلمايتتى. بۇ خىل ئويۇندا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ باش-مۈرىلىرى كۆرۈۋاتقانلار تەرىپىدىن بېسىلىپ شۇنداق جاپادا ئوينىغانلاردىن ئۆتە، تۆپىسىدىن ئېڭىشىپ تۇرۇپ ئويۇن كۆرۈۋاتقانلار بەكمۇ قىزىپ كېتەتتى. كۆرۈۋاتقانلاردىن بەزىلىرى ئانى «ئۈز»، مانى «ئۈز» دەپ ۋارقىراپ، پاڭ ئوينىغۇچىنىڭ توسقۇنىغا قارىماي،«ئۇتتۇرۇۋەتسەڭ، ماڭا ھېساب»دېگىنىچە ئۆز پىكرىنىڭ توغرىلىقىغا قاتتىق ئىشىنىپ يەيدىغان ئۇرۇقلارنى قول سېلىپلا ئېلىپ، يىراققا چۆرۈۋېتەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتى ئاجايىپ قىزىق بىر نەرسىنى تالىشىۋاتقاندەك،خۇددى ئېچىرقاپكەتكەن بىرتوپ چۆجە-خورازلاردەك«قى،قى»لىشىپقۇلاقنى بىر ئالغانغا ئوخشايتتى.

دوقمۇشتىكى پاكار، جىڭگىلەك شاخلىق بىرتۈپ قېرى ئۈجمە دەرىخى، شالاڭ، يالىڭاچلانغان بىر نەچچە تۈپ قارا تېرەكمۇ خۇددى بۇ دوقمۇشتىكى ئايىغى چىقمايدىغان، داشقايناق پاراڭلارنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلىغاندەك دۈگدىيىپ تۇرغاندەكلا كۆرۈنەتتى.70-يىللارنىڭ بېشىدا يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى سىياسىتىنىڭ شامىلىدا بۇرۇنقى باراقسان بوستان مەھەللىلەر بۇزۇۋېتىلىپ، قايتا رەتلەنگەن بۇ كوچىلاردا ئون يىلغا بارا-بارمايلا كوچا دەرەخلىرى قۇرۇپ، خۇددى يۇڭدىۋەتكەن توخوغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.بەزى ھويلىلارنىڭ ئالدىدا قۇرۇپ قالغان شادا تېرەكلەر ھېلىھەم دىردىيىپقىنە تۇراتتى. نۇرغۇن كىشىلەر يولنى تارايتىپ، ئۆي تېمىغا يانداشتۇرۇپ كىچىك سامانلىقخانا، كۆمۈرخانا دېگەندەك بىرنەرسىلەرنى سېلىۋالغان، دەرەخلەر غازاڭ تاشلاپ كۈز پەسلى كىرىشى بىلەنلا ئۇنى ئاز دېگەندەك كۆپىنچە ئۆيلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدا دۆۋە –دۆۋە قىغ-ئەخلەتلەر تا 4-ئايلارغىچە قىممەتلىك بايلىقتەك، زومچەك-زومچەك قۇم بارخانلىرىدەك ئېرىنچەكلىك بىلەن سوزۇلۇپ ياتاتتى.پەقەت چىۋىنلار گىژىلداپ، قاتتىق ئىسسىق، ئاجايىپ تىنچىق بولىدىغان ئۇزۇن ياز كۈنلىرىدىلا ئىشىك ئالدىدىكى بۇ «تەۋەررۈك دۆۋىلەر»پەسلەپ كىچىكلەپ «ئورۇقلاپ »قالاتتى.شۇنداقتىمۇ يازنىڭ تومۇز كۈنلىرىدە بەزى ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا شاخ-شۇمبىلارنىڭ قورشاۋىدىكى چېلەكتەك چوڭلۇقتىكى كىچىك ئورەكلەردە ئاندا –ساندا گۈل-گىياھلارمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ھۈپپىدە ئېچىلىپ كېتەتتى.بەزى ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىشچانلىقنى، گۈزەللىكنى سۆيىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ توپ-توپ تېرەك، قارىياغاچ، ئۈجمە دەرەخلىرى باراقسان ياشىرىپ ساقلىنىپ قالغان ئىدى.

بۇ مەھەللىنىڭ ئۆتمۈشىمۇ ئاجايىپ بىر قىسمەتلەرگە ئىگە.«تۇرپانلىق ئارىسى»دېگەن مەھەللە ئىسمىنىڭ تارىخىمۇ بۇ جايدىكى ئاجايىپ –غارايىپ لەقەملەرنىڭ تارىخىغا ئوخشاش ئۇزۇن بىر ھېكايىلەرنىڭ بۆشۈكى.بىزنىڭ جەمەت لەقىمىمىز «جىڭبور»دېيىلەتتى. بوۋامنىڭ دېيىشىچە، بىزنىڭ ئۇلۇغ بوۋىمىز نەغەم دېگەن كىشى بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چەن لوڭ زامانىسىدا،1733-يىلى ئىمىن غۇجى باشچىلىقىدا گۇاجۇغا كۆچكەنىكەن.

1756-يىلى كۈزدە،تۇرپانغاقايتىپ كەلگىنىدە،20ئۆيلۈك دېھقان بىلەن بىللە پىچان بازىرىنىڭ قۇمتاغ ئەتراپىدىكى يانتاق، ياۋا ئوت-چۆپ، پىچانزارلار بىلەن قاپلانغان سايغا كېلىپ ئورۇنلىشىپتۇ.بۇ كۆچمەنلەر بىرلىكتە ئېدىر شەكىلدىكى ئويمان-دۆڭ سايلارنى ئېگىز قىرلاپ، ئېرىق ياساپ، بۇلاق سۇلىرىنى باشلاپ ئەكېلىدىغان ئېرىق چېپىپتۇ، سۇنى بوغۇپ-كۆپتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن يەر سۇغارغانلىقتىن بۇ ئېرىقلار «بوقۇر ئېرىقى»دەپ ئاتالغانىكەن.شۇنداق قىلىپ، ئۇلار«بوقۇر ئېرىق»ئىنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى چۆرىدەپ ماكانلىشىپتۇ.بۇلاق سۇلىرىنى چۆرىدەپ بوز يەر ئېچىش، باغ-ۋاران ياساش، ئۆي-كۈرە سېلىشتەك بىر قاتار ئىشلار تاماملىنىپ، بارا-بارا بىر مەھەللە بولۇپ شەكىللىنىپتۇ.ھازىرقى تۇرپان ئارىسىلىقلار ئۇلارنىڭ كۆپەيگەن ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىدۇر.نەغەم بوۋىمىز كېيىن قوشنا مەھەللىلەردە ئىش بېشى بولۇپ، ئادىل ئىش قىلغاچقا «جىڭ بورېن»يەنى ئۇيغۇرچە «ئادىل ئىش بېشى، ياكى راست ئىش قىلغۇچى»دېيىلىپ، كېيىن «جىڭبور»دەپ ئاتالغانىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى شۇ لەقەم بىلەن ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مانا بۇلار بىزنىڭ ھېكايىمىزدىكى قەھرىمانلارنىڭ مۇقەددەس ماكانى ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغان ئۇنتۇلماس بەلگە نىشانلىرىنىڭ بىر قىسمى.


ئالتە قىرلىق تاش باشقا تېمىلار
ئالتە قىرلىق تاش(01)ئالتە قىرلىق تاش(02)ئالتە قىرلىق تاش(03)ئالتە قىرلىق تاش(04)ئالتە قىرلىق تاش(05)
ئالتە قىرلىق تاش(06)