-
2009-06-17
رېتسىپنىڭ تۈزلۈشى - [※ تىبابەت بىلىملىرى]
دۇرىلارنى تەڭشەش(نۇسخا تۈزۈش)
بىرىنچى :نۇسخا تۈزۈشنىڭ ئۇقۇمى
نۇسخا تۈزۈش بولسا كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەلىۋى ۋە دورىنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن تاللاش خارەكتىرىدە ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.ھەربىر دورىنىڭ خۇسۇسىيىتىنىڭ ئوخشىماسلىق پەرقى،تەسىر ئۈنۈمىنىڭ ھەر قايسىنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقى بولغاچقا ،ئوخشىمىغان دورىلار ئوتتۇرسىدا كۆپ خىل بولغان ئۆز-ئارا تەسىرلەر بولىدۇ. يەنى دورىلار ئوتتۇرسىدا كۈچەيتىش،ماسلىشىش،بېقىندىلىق،بىر-بىرىنى يوقىتىش،زىدلىشىش،قارمۇ-قارشىلىق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك تەسىر بار بولۇپ بۇ دۇرىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئادەم بەدىنىگە پايدىسىز تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مومكىن،دۇرىلار پەقەت مۇۋاپىق تەڭشىلىپ ئىشلىتىلگەندىلا ئۈنۈمىنى يوقۇرى كۆتەرگىلى،بەزى دورىلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان پايدىسىز تەسىرلىرىنى يوقاتقىلى ياكى تۆۋەنلەتكىلى،داۋالاش دائىرسىنى كېڭەيتكىلى، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان كېسەللىك ئەھۋاللىرىغا ماسلاشقىلى بولىدۇ. نۇسخا تۈزۈش بولسا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ كىلىنكىدا دورا ئىشلىتىشتىكى ئاساسلىق شەكلى بولۇپ ئۇيەنە رېتسىپ تۈزۈشنىڭ ئاساسىدۇر.
كۆپ قوللىنىلىدىغان دورا تەڭشەش(نۇسخا تۈزۈش) شەكىللىرى
1)ئوخشاش تۈردىكى دورىلارنىڭ بىر-بىرىنى كۈچەيتىش تەسىرى بولۇش
بۇ خۇسۇسىيەت-تەسىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان دورىلانى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىپ،دورىلار ئوتتۇرسىدىكى مەلۇم تەرەپلەردىكى ئالاھىدە ھەمكارلىق رولى ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ خىل ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بىر تەرەپتىن ھەرقايسى دورا تەسىر-ئۈنۈمىنىڭ يىغىندىسىغا باغلانسا،يەنە بىر تەرەپتىن دورا تەسىرىنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ داۋالاش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىدۇ.
2)ئوخشىمىغان تۈردىكىلەرنىڭ ماسلىشىشى
بۇ ئاساسى تەسىرى گەرچە ئوخشىمىسىمۇ ئەمما تەسىر كۆرسىتىش ھالقىسى باغلىنىشلىق بولغان دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە،ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئاساسى دورا يەنە بىرسى ياردەمچى دورىلىق رولىنى ئويناپ،ياردەمچى دورىنىڭ ئاساسى دورىغا ماسلىشىشى ۋە بىر-بىرىنى تولۇقلاش رولى ئارقىلىق داۋالاش ئۈنۈمىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ ياكى يېڭى تەسىر ئۈنۈم شەكىللىنىدۇ.
ئىككىنچى:رېتسىپنىڭ تۈزۈلۈشى
رېتسىپ بولسا كېسەللىكنى تونۇپ داۋالاش ئۇسۇلىنى بىكىتىش ئاساسىدا،بىر قىسىم يەككە دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا تەڭشەش ئارقىلىق تۈزۈلگەن بولىدۇ. دورىلارنىڭ تەسىر-ئىشلىتىلىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىق يېتەرسىزلىكلىرى بولۇپ،چوقۇم مۇۋاپىق تەڭشەش ئارقىلىق ئاندىن ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ يېتەرسىزلىكتىن خالى بولغىلى،ئەسلىدە بار بولغان رولىنى كۈچەيتكىلى ياكى ئۆزگەرتكىلى،ئادەم بەدىنىگە بولغان نامۇۋاپىق تەسىرىنى يوقاتقىلى ياكى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.دورا تەڭشەش بولسا رېتسىپ تۈزۈشنىڭ ئاساسى بولۇپ،رېتسىپ بولسا كېسەللىك،كېسەللىك ماھىيىتى(مىخانىزىمى) نىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە قارىتا دورىلار ئوتتۇرسىدىكى ئۆز-ئارا چەكلەش مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ دورىنى ماسلاشتۇرۇپ ئۇنى بىر پۈتۈن ئورگانىك گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ ئۇنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇپ،ئۇ ئارقىلىق بىر قەدەر مۇرەككەپ كېسەللىك ئەھۋالىنى داۋالاش تەلىۋىگە ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى رېتسىپلار ئىلمىدىن ئېلىندى
评论