-
2009-06-17
رېتسىپنىڭ تۈزلۈشى - [※ تىبابەت بىلىملىرى]
رېتسىپ بولسا كېسەللىكنى تونۇپ داۋالاش ئۇسۇلىنى بىكىتىش ئاساسىدا،بىر قىسىم يەككە دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا تەڭشەش ئارقىلىق تۈزۈلگەن بولىدۇ. دورىلارنىڭ تەسىر-ئىشلىتىلىشىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىق يېتەرسىزلىكلىرى بولۇپ،چوقۇم مۇۋاپىق تەڭشەش ئارقىلىق ئاندىن ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ يېتەرسىزلىكتىن خالى بولغىلى،ئەسلىدە بار بولغان رولىنى كۈچەيتكىلى ياكى ئۆزگەرتكىلى،ئادەم بەدىنىگە بولغان نامۇۋاپىق تەسىرىنى يوقاتقىلى ياكى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ..........
-
2009-03-10
رىتسىپ بىلەن كېسەللىكنىڭ مۇناسىۋىتى - [※ تىبابەت بىلىملىرى]
ھەر قانداق بىر نۇسخا رىتسىپنىڭ شەكىللىنىشىدە دىئالىكتىكا پاكىت قىلىنغان بولۇپ،كونكىرىت كېسەللىككە قارىتا نىشانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان دورا ئىشلىتىش داۋالاش لايىھەسىدىن ئىبارەت. تارىختىن بۇيان خاتىرە قالدۇرۇلغان رىتسىپلاردا ئىككى تۈرلۈك مەزمۇن ئەسلا كەم ئەمەس،ئۇ بولسىمۇ دورىلارنىڭ قوشۇلىشى ۋە ماس كېلىدىغان كېسەللىكلەردىن ئىبارەت. مەشھۇر مۇرەككەپ رىتسىپلاردىكى كۆپ سانلىق دورىلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىر قىلىشىدىن ھاسىل بولغان ئومۇمى تەسىرى دائىم ئۇ داۋا بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ مىخانىزىمى بىلەن ماسلاشقان بولىدۇ........
-
2009-03-07
رىتسىپ ھەققىدە چۈشەنچە - [※ تىبابەت بىلىملىرى]
رىتسىپ بولسا تىۋىپلارنىڭ ئۇيغۇر تىبابەت دۇرىلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش،داۋالاشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى بولۇپ،ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ داۋالاش ۋە دورىگەرلىكىدىكى ئەمەلىي ماھارەت يىتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم قورالدۇر. رىتسىپ كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدىغان دورىلارنىڭ ئاددىلا بىرلەشتۈرۈلۈشى ۋە ياكى مەلۇم تۈردىكى دورىلارنىڭ ئاددىلا قوراشتۇرۇلۇشى بولماستىن، بەلكى داۋالاش ئۇسۇلى نەزەرىيىسىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا،كېسەللىكنىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، مەقسەتلىك ھالدا بىر توپ دۇرىلارنى ئەقىلگە مۇۋاپىق تەڭشەش ئارقىلىق تۈزۈلگەن يېڭى ئورگانىك بىر پۈتۈنلۈكتۇر.......
-
2009-02-21
ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكى - [※ تىبابەت بىلىملىرى]
دورىلار ئىلمى، دورا ماتىرىياللىرىنى تونۇش، ئۆستۈرۈش، يېغىش، ساقلاش، ئىش قوشۇپ پىششىقلاش قاتارلىقلارنى تەپسىلى تونۇشتۇرغاندىن سىرت، دورىلارنى خۇسۇسىيتى، كېسەللىكلەر ۋە ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارغا تەسىر قىلىشىغا قاراپ 20نەچچە تۈرگە ئايرىيدۇ ھەمدە تۈرلەر بويىچە ھەربىر دورىنىڭ تەبىئىتى، خۇسۇسىيتى، تەسىرى، ئىشلىتىلىشى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى، قوشۇمچە تەسىرى، قوشۇمچە تەسىرلىرىنى تۇزىتىش چارىلىرى، دورىلارنىڭ بەدىلى(ئورۇن باسارى)، دىققەت قىلىدىغان ئىشلىرىنى تەپسىلى ئېنىق تونۇشتۇرىدۇ......
-
2009-02-12
تۆت خىلىت ۋە مىزاج - [※ تىبابەت بىلىملىرى]
ھەزرىتى لوقمان ھېكىم ئېيتىپدۇرلەركى چاچ-ساقاللارنىڭ بالدۇر ئاقىرىشى،پۇت-قوللارنىڭ تىترىشى،مېڭە ئاغرىش،قورقۇش،تاماق سىڭمەسلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سەپرا ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ. ئاغزى ئاچچىق بولۇش،ئاغزىدىن شال ئېقىش، ساچ-ساقاللارنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشى،قورساق ئاغرىش،پۇت ماغدۇرسىزلىنىش، ئىستىسقا قاتارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى بەلغەم خىلىتى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ. ئاغزى تەمسىزلىنىش،كۆز خىرەلىشىش،نامازشام قارغۇسى،تولا تەشۋىشلىنىش، يامان چۈشلەرنى كۆپ كۆرۇش،كۆپ سۆزلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سەۋدا خىلىتى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ........
-
2009-02-02
ئىنسانلارنىڭ مىزاجى - [※ تىبابەت بىلىملىرى]
ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مىزاجى 4خىل بولىدۇ. خاراكتېرى جەھەتتە ئىسسىق ۋە سوغاق دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ، ئەمما 4چوڭ ماددىنىڭ بىر- بىرىگە ئارلىشىشىدىن پەيدا بولغان مايىللىق كەيپىياتىدىن ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغاق ۋە قۇرۇق سوغاق دەپ 4خىلغا بۆلىنىدۇ......
-
2009-01-20
مىۋىلەر ھەققىدە(2) - [※ تىبابەت بىلىملىرى]
ئەجداتلىرىمىز مۇشۇ قانۇنىيەتلەرگە ئاساسەن،ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداشتا ئۆزلىرىنىڭ مىزاجىغا قارىتا قانداق ئوزۇقلۇقلارنى ئىستىمال قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ۋە مىزاجنى قانداق قىلغاندا تەڭشىگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەن.........
-
2009-01-17
مىۋىلەر ھەققىدە (1) - [※ تىبابەت بىلىملىرى]
كىيىنكى چاغلاردا يەنى بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىللار بۇرۇن پاراسەتلىك ئەجداتلىرىمىز ئۆزىنى قوغداش ۋە ساقلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تەبىئەت ۋە كېسەللىكلەر بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇزۇن يىللىق كۆرەشلىرى، ئەمەلىي كۆزىتىش ۋە تەجرىبىلىرى ئارقىلىق، مىۋىلەرنىڭ ھەرخىل كېسەللىكلەرگە شىپا بولىدىغان خاسىيىتىنىڭ كۆپلۈكىنى بايقىغان......