bizbilan alakilxig qq / 930921817
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
  • 2014-05-02

    kod - [yigi]

     








    تور ئەسەرلىرى






    تىما مەزمۇنى ..





    (ماتىرىياللار توردىن يىغىلغان)

    تۈزگۈچى : ھىزبىللا سۇلايمان. مۇڭداشقۇ: 930921817






     


     






  • ‏ئۇيغۇر بولماق تەس

    ‏بەزىلەر دىيىشەر دىھقان بولماق تەس
    ‏بەزىلەر ئېيتىدۇ موللام بولماق تەس
    ‏زىيالى قاخشايدۇ سودگەرمۇ بەس
    ‏مەن دەيمەن ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏ھەرساھە ۋايسايدۇ ھەممىسى دەرتمەن
    ‏كۆرمەيسەن بىرسىنى مۇرادقا يەتكەن
    ‏چىرايى كۈلسىمۇ ئىچى زەرداپكەن
    ‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏ھەركەسىپ ،ھەركىمنىڭ دەردى ئۆزگىچە
    ‏موللىدىن مۇئەللىم قەلەمدارغىچە
    ‏ساقچىدىن،دوختۇردىن،ئەمەلدارغىچە
    ‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏باشلىقسەن ۋەلىكىن ھوقۇق يوق سەندە
    ‏سەن گويا خارەتنىڭ قولىدا رەندە
    ‏تەڭرىگە ئاسىيسەن بەندىگە بەندە
    ‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏ياشاشچۈن كەچسەڭمۇ ئانا تىلىڭدىن
    ‏كەچسەڭمۇ ئەجدادىڭ ئاتا-ئاناڭدىن
    ‏رازىئەمەس ھەتتاكى كەچسەڭ ئىماندىن
    ‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏كىملىكىڭ ئۇيغۇرمۇ؟- ئىشلىرىڭ چاتاق
    ‏مىڭ توغرا قىلساڭمۇ چىقىدۇ پۇتاق
    ‏«داغدام يول»،«ئىتىبار»ئاچمايدۇ قۇچاق
    ‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏مۇئەللىم كاللاڭنى يۇمىساڭ بولماس
    ‏ۋەزىپەڭ ھەرگىزمۇ ئۇقۇتۇش بولماس
    ‏باھانەڭ-ئامال يوق،ياشىماي بولماس
    ‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏مەكتەپتە دەرىسلەر ئۆز تىلىڭدىن يات
    ‏ئىمتاھان يات تىلدا ئانا تىل بەربات
    ‏ئۇستازمۇ ،شاگىرتمۇ چىكىدۇ پەريات
    ‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏بالىمىز مەكتەپتە ئىسلامدىن يىراق
    ‏بارمىسا مەكتەپكە قالار«توم-تۇۋاق»
    ‏نە جاۋاپ بىرەرمىز كەلگەندە سوراق
    ‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏موللا سەن مەسچىتتە ۋەزىڭ دىن ئەمەس
    ‏بىلمەيسەن سەن زادى كىمگە ھەم-نەپەس
    ‏قورقىسەن ھەق گېپىڭ ئەكىلەر قەپەس
    ‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏زىيالى قەلبىڭدە بولسىمۇ ئارمان
    ‏سوراقلاپ تۇرىدۇ ھەركۈنى ۋىجدان
    ‏ھىجىيىپ تۇرساڭمۇ غورورۇڭ پايخان
    ‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏ئەگەرسەن سەنئەتكار ياكى سازەندە
    ‏ئىنسانلىق ئىززىتىڭ ھامان دەپسەندە
    ‏دەردىڭنى مۇڭلاشقا نەئىلاج سەندە
    ‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏يازغۇچى شائىرسەن قولۇڭ باغلاقلىق
    ‏كۆڭلۈڭدە مىڭ خىيال ،چىققىنى چاغلىق
    ‏مىڭ دەرتمەن بۇلالماس ساڭا ياماغلىق
    ‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏نامىڭ يوق تۇنۇماس چەتئەللەردىمۇ
    ‏ئورنۇڭ يوق ھېچقانداق ئورگانلاردىمۇ
    ‏سەن ھەتتا مۇساپىر ۋەتىنىڭدىمۇ
    ‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏ساقاللىق،ھىجاپلىق بولدى گۇناھلىق
    ‏ھەتتاكى قىزلىرىڭ ئارتالماس ياغلىق
    ‏ئىززىتىڭ يوقالدى ھايۋانچە چاغلىق
    ‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏بىلىمەن ئۇيغۇرنىڭ «چاتىقى »تولا
    ‏چېقىمچى ،ھەسەتخور،غەيۋەتچى تولا
    ‏تارىختىن ھاياتنىڭ چاخچىقى تولا
    ‏شۇڭىمۇ ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس


    ‏ئىلاھا بىز ئاجىز ساڭا تەس ئەمەس
    ‏رەھمەت قىل،بىرلەشتۈر،قىلغىن ھەمنەپەس
    ‏ساڭىلا يىغلايمىز سەن بىلمەس ئەمەس
    ‏جاھاندا ھەممىدىن ئۇيغۇر بولماق تەس

    ‏‏
    مەنبە- شىئىرلار دىتالىدىن ئۇزەندە.

  • ئالما ئاتسام دەرياغا.
    ئىت چىشلىدى پاچاقنى.
    مەختۇمسۇلانىڭ چاشلىرى.
    سۇندۇرۋەتتى تاغاقنى.

    خىمىر ئەتتىم گۇرۇچتە،
    بۇزۇلۇپ قالغان پايپاقتا.
    ۋىلىسپىتنىڭ ئوڭ چاقى،
    پىتىپ قالدى قايماققا.