• 2009-06-02

    ئايارەج جالىنۇس - [※ رىتسىپلار]

    ئايارەج جالىنۇس

    خۇسۇسىيىتى:لەقۋا،پالەچ،تەشەننۇج،ئىستىرخا،دوۋساق كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ،سۈيدۈك تامچىلاشنى يوقىتىدۇ،يامان خىلىتلارنى تازىلايدۇ.

    تەركىبى:ئاچچىق تاۋۇز،غارىقۇن،تاغ پىيىزى، سوقمۇنىيا، قاراخەربەق،ئۇشەق،ھوپارىقۇن، پەرفىيۇن ھەربىرى 16مىسقالدىن، بىستىپايەنج،ئەفتىمۇن، مۇقەل،چامغۇر ئۇرۇقى، قېلىن دارچىن ھەربىرى يەتتە مىسقالدىن، مۇرمەككى،سەكبىنەج،ئۇزۇنچاق زىراۋەندە، يۇمىلاق زىراۋەندە، مۇرچ،دارچىن،جاۋۇشىر،قۇندۇز قەھرى، كەرەپشە ئۇرۇقى ھەربىرى تۆت مىسقالدىن، بەزى تىۋىپلار تۆت مىسقال زەپەر، تۆت مىسقال سەبرى قوشىدۇ.

    تەييارلىنىشى:بارلىق دورىلارنى سوقۇپ تالقانلاپ،ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ،ئالتە ئاي تۇرغۇزغاندىن كېيىن ھەرقېتىمدا ئالتە مىسقالدىن يىگەي.

    ئۇنىڭ يەنە بىر نۇسخىسى:بىستىپايەنج،ئەفتىمۇن،مۇقەل،چامغۇر ئۇرۇقى،قېلىن دارچىن، كۈدە ئۇرۇقى،توققۇز مىسقالدىن،ئۇدبىلسان،ھەببى بىلسان،ئاسارۇن،دارچىن،مەستىكى، سۇمبۇل ھەربىرى بىر مىسقالدىن، سەبرى سەككىز مىسقال.

    تەييارلىنىشى: بارلىق دورىلارنى سوقۇپ تالقانلاپ،ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،ئۈچ ھەسسە ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ، ھەرقېتىمدا ئۈچ مىسقالدىن بەش مىسقالغىچە يىگەي.

    تىبابەت سىرلىرىدىن ئېلىندى





    评论

  • بلوگىڭىزدا پايدىلىق مەزمۇنلار كۆپ ئىكەن ! بلوگىڭىزنىڭ كۈنسىرى تەرەققى قىلىشىغا تىلەكداشمەن !
    ھۆرمەت بىلەن : http://tugraq.blogbus.com/
    ھىلال回复sitniyaz说:
    بلوگىمنى زىيارەت قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت،پات-پات كېلىپ تۇرارسىز.
    2009-06-08 11:12:49
  • ياخشىمۇسىز؟ بىلوگىڭىزدا ياخشى نەرسىلەركۆپ ئىكەنغۇ، خالىسىڭىز دوستانە ئۇلىنشقا قۇشۇپ قۇيۇڭ.
    راك كېسىلىگەئائىت مەلۇمات بولسا تەمىنلەرسىز رەخمەت.
    ھىلال回复wulkan说:
    ئەلۋەتتە قوشۇپ قويىمەن،راك كېسىلىگە ئائىت نەرسىلەرنى ئىزدەپ باقاي.
    2009-06-02 22:48:14