• 2011-01-17

    تاماق يەپ بۇلۇپلا «بەش »نى قىلماسلىق - [※ تۇرمۇش ساۋادلىرى]

    تاماق يەپ بۇلۇپلا «بەش »نى قىلماسلىق

    1.تاماق يەپ بۇلۇپلا ھەركەت قىلماسلىق.ئەڭ ياخشىسى،تاماق يەپ بۇلۇپ يېرىم سائەت ئولتۇرغاندىن كىيىن ھەركەت قىلىش لازىم.

    2.تاماق يەپ بۇلۇپلا چاي ئىچمەسلىك لازىم.تاماق يەپ بۇلۇپلا قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچسە ئاشقازان سۇيۇقلۇقى تەبىئي ھالدا سۇيۇلۇپ،ھەزىم قىلىشقا تەسىر يېتىدۇ،يەنى يېگەن تاماقتىكى ئاقسىل ئاسان ھەزىم بولمايدۇ.

    3.تاماق يەپ بۇلۇپلا يەل-يېمىش يېمەسلىك لازىم.تاماق يەپ بۇلۇپلا يەل-يېمىش يېسەئاشقازان كېسلاتاسى كۆپىيىپ كېتىپ،قورساق سېلىش،ئىچى سۈرۈش كېلىپ چىقىدۇ.

    4.تاماق يەپ بۇلۇپلا سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەسلىكلازىم. تاماق يەپ بۇلۇپلا سوغۇق ئىچىملىك ئىچسە،ئاشقازان-ئۈچەيدە سىپازمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،ئاشقازان ئاغرىش،ئىچى سۈرۈشتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

    5.تاماق يەپ بۇلۇپلا تاماكا چەكمەسلىك لازىم.تاماق يېگەندىن كېيىن ئورگانىزىمدا قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ،بۇنداق شارائىتتا تاماكا چەكسە،سۈمۈرۈلگەن زەھەرلىك ماددىلار كۆپىيىپ ، ساغلاملىققا تەسىر يېتىدۇ.

    «ساغلاملىق مەسلىھەتچىسى» دىن ئېلىندى .