• 2010-10-27

    سەمىمىي كۈلىدىغانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزاق بولىدۇ - [※ تۇرمۇش ساۋادلىرى]

    سەمىمىي كۈلىدىغانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزاق بولىدۇ

    ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىرى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ ئاددىي بولۇشى مۇمكىن.ئامرىكىدا چىقىدىغان 《پىسخىلوگىيە》ژورنىلىغا يېقىندا بېسىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا،ئادەم قانچە سەمىمىي كۈلسە ،ئۆمرى شۇنچە ئۇزاق بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

    ئامرىكا مىچىگان ئىشتاتى ۋاينى ئونۋېرسىتىتىدىكى تەتقىقاتچىلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى تىزىمغا ئالدۇرغان 230ئادەمنىڭ سۈرىتىنى توپلىغان ھەم سۈرەتتىكىلەرنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ، ئېغىرلىقى،سالامەتلىك ئەھۋالى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ماتىرياللارنى تاپقان .تەتقىقاتچىلار سۈرەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغاندىكى ئېغىز ھالىتى ،كۆز ۋە ئېڭەك قىسمىدىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەركەت دەرىجىسىنى تەتقىق قىلىپ ،ئۇلارنى بىرىنچى تۈردىكىلەر :پەقەت كۈلمىگەنلەر؛ئىككىنچى تۈردىكىلەر :چىشىنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ كۈلۈمسىرىگەنلەر،يەنى چىراي مۇسكۇللىرىلا كۈلۈمسىرىگەنلەر؛ ئۈچىنچى تۈردىكىلەر :سەمىمىي كۈلگەنلەر،يەنى چىشىلىرىنى چىقىرىپ ،باشلىرىنى كۆتۈرۈپ قاقاقلاپ كۈلگەنلەر ،دەپ ئايرىپ ئاندىن ھەربىر كىشىنىڭ قانچىلىك ئومۇر كۆرگەنلىكىنى بىر-بىرلەپ سېلىشتۇرۇپ چىققان.

    نەتىجىدە ئالەمدىن ئۆتكەن 184 كىشى ئىچىدىن چىرايىدا ئازراقمۇ كۈلكە يوقلارنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمرى 72.9 ياش؛ چىشىنى چىقىرىپ كۈلۈمسىرىگەنلەرنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمرى 75 ياش؛ سەمىمىي كۈلگەنلەرنىڭ ئوتتۇرچە ئۆمرى ئەڭ ئۇزۇن بولۇپ 79.9 ياش بولغانلىقىنى ،يەنى ئۇلارنىڭ مۇز چىراي كىشىلەردىن يەتتە يىل ئۇزاق ئۆمۇر كۆرگەنلىكىنى بايقىغان .

    تەتقىقاتچىلار :بۇنىڭ سەۋەبى ،سەمىمىي كۈلۈمسىرەش كىشىگە شادلىق ۋە خوشاللىق بېغىشلاپ ،يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئازايتىدىغانلىقىدا ،دىدى.

    بايىنغۇلىن گېزىتىدىن