-
2010-11-21
ئادەم بەدىنىگە دائىر سانلىق قىممەتلەر - [※ تەرمىلەر]
ئادەم بەدىنىگە دائىر سانلىق قىممەتلەر
1.ئادەمنىڭ ھەر كۈنى تەخمىنەن 45 تال،كۆپ بولغاندا 60 تال، ئۆمۈر بويى بىر مىلىيۇن500 مىڭ تال چېچى چۈشىدۇ.
2.ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە 10 مىلىيارد نېرۋا ھۈجەيرىسى بولىدۇ،ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقانداق بىر باشقا ئەزا ھۈجەيرىلىرىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى چوڭ مېڭىنىڭكىگە يەتمەيدۇ.ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ھەر كۈنى 86 مىلىيون ئۇچۇرنى خاتىرلەيدۇ.
3.ئەگەر چوڭ مېڭىنىڭ كونىنى چىقىرۋېتىپ يېڭىنى ئالماشتۇرۇشىنى ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرغىلى بولسا،ئۇنىڭدىن پەيدا بولغان ئېنىرگىيە بىلەن 20 ۋاتلىق ئېلىكتىر لامپىسىنى ياندۇرغىلى بولىدۇ.
4.يۇتقۇنچاق ئادەم بەدىنىدكى ئەڭ ئالدىراش ئەزا بۇلۇپ،ئادەم ئۆمرىدە ئۇنىڭدىن 40توننا يېمەكلىك،380مىڭ كۇب مېتىر ھاۋا ئۆتكۈزۈشكە موھتاج بولىدۇ.
5.ئادەم قاتتىق چۈشكۈرگەندە،شۆلگەي دانچىللىرى سائىتىگە 103.6 ئىنگىلىز لى تېزلىك بىلەن ئېغىزدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.
6.ئادەم قاراڭغۇلۇقتا تۇرغاندا كۆزنىڭ نۇرغا بولغان سېزىمچانلىقى بىر مىنۇتتىن كېيىن 6000 ھەسسە،40 مىنۇتتىن كېيىن 25 مىڭ ھەسسە ئاشىدۇ.
7.ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە سىكونتىغا ئوخشىمايدىغان 100 مىڭ خىل خېمىيىلىك رېئاكسىيە يۈز بېرىدۇ.
«شىنجاڭ مائارىپى»دىن ئېلىندى.