• 2010-11-21

    تەپەككۈر ئۈنچىلىرى - [※ تەرمىلەر]

    تەپەككۈر ئۈنچىلىرى

    ھاياتىڭىزنىڭ ھىچقانداق ئادەم قىيا كۆزىنى سالمايدىغان بوشلۇق بۇلۇپ قېلىشى سىزنىڭ ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيىتىڭىز.

    2.ھەرقانداق بىر ئادەم ئۆز مەۋجۇتلىقىنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاندا،ھاياتنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشەنگەن بولىدۇ.

    3.ئەگەر ھەربىر ئىنساندا ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەسئۇل بۇلۇش تۇيغۇسى يالقۇنجاپ تۇرغان بولسىدى،بەخىتسىزلىككە ئۇچرايدىغانلار نەچچە ھەسسە ئازايغان بولاتتى.

    4.ھايات-چەكسىز ئېقىن،ئەگەر بىز سۇ ئۈزۈشنى جاپالىق كۆرسەك،ئۇ بىزنى خالىغانچە ئېقىتالايدۇ،خالاس.

    5.ھەركىم ھاياتقا پەقەت ئۆز تەجىربىسى ئارقىلىقلا تەبىر بېرەلەيدۇ.

    6.تۇرمىشىمىزدىكى ھارغىنلىقنىڭ يېرىمى تىرىكچىكىنىڭ ھەلەكچىلىكىدىن،قالغان يېرىمى باشقىلار بىلەن بەسلىشىشتىن كېلىدۇ.

    7.ئىككى ئىت بەزىدە بىر تال سۆڭەكنى تالىشىپ بىر-بىرىنى قانغا بويىشىدۇ،بەزىدە ئادەملەرمۇ شۇنداق.

    8.خەقنىڭ سىزنى ياشىرىپ كېتىپسىز،دەپ ماختىغان ۋاقتى دەل سىزنىڭ قېرىپ كېتىۋاتقان ۋاقتىڭىزدۇر.

    9.ھەممە ئادەمنىڭ قەھرىمان بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس،قەھرىمانلار يولدىن ئۆتكەن چاغدا يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تۇرۇپ چاۋاك چالغىلىمۇ ئادەم بولمىسا بولمايدۇ.

    10.مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىشتۇر.

    11.ئەزەلدىن پۇرسەتكە ئېرىشىپ باقمىدىم ،دەپ قاخشايدىغانلار ئەمەلىيەتتە ئەزەلدىن تەۋەككۈل قىلىپ باقمىغان كىشىلەردۇر.

    «شىنجاڭ مائارىپى»دىن ئېلىندى.