-
2009-02-25
ئۈجمە شەربىتى - [※ شىپالىق شەربەتلەر]
ئۈجمە شەربىتى
خۇرۇچلىرى:ئوبدان پىشقان چېقىر ئۈجمىدىن 150گىرام ،لىمون شىرنىسىدىن 10مىللىلىتىر،مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر تەييارلايمىز.
ياساش ئۇسۇلى:ئۈجمىنىڭ ساپىقىنى ئۈزۈپ چىقىرىۋېتىپ چويلىغا سېلىپ ئۈستىدىن سۇ ئېقىتىپ يۇيىمىز،سۈيى ساقىپ بولغاندىن كېيىن مىۋە ئەزگۈچكە سېلىپ ئېزىپ پىيالىگە تۆكۈپ،شېكەرنى سېلىپ تۇلۇق ئارلاشتۇرۇپ،ئۈستىگە لىمون شىرنىسىنى قوشۇپ ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.
تەسىرى:جىگەر،بۆرەك خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ،قاننى ساپلاشتۇرىدۇ، توسالغۇلارنى راۋانلاشتۇرىدۇ،قەۋزىيەتنى بوشىتىدۇ،ئۆپكە ۋە جىگەرنى ھۆللەشتۈرىدۇ،قان تولۇقلايدۇ،مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدۇ،ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
ئەسكەرتىش:تال ئاجىز،ئىچ سۈرۈپ كەتكەن بىمارلارغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى(شىپالىق شەربەتلەر) دىن ئېلىندى
评论