ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
جىنسىي تۇرمۇشتىكى پەرھىزلەر-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

جىنسىي تۇرمۇشتىكى پەرھىزلەر

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 6071   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 31-07-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 ئەر-ئاياللارنىڭ بىرگە بولۇشى مۇۋاپىق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن سالامەتلىككە، ئەر-خوتۇنلۇق ھېسسىياتقا تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا جىنسىي تۇرمۇشتىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك:
1. مەست بولۇپ قالغاندا جىنسىي ئالاقە قىلىشقا بولمايدۇ. (بىزنىڭ ئەقىدىمىزدە ئەڭ ئاۋۋال ھاراق چەكلەنگەن، ئاندىن بۇنداق مەست ھالەتتە بىللە بولۇپ ئايالى ھامىلىدار بولسا تېخىمۇ دۇرۇس بولمايدۇ) ھازىرقى زامان تېبابەت ئىلىمىدە ئىسپاتلىنىشىچە، ئەگەر ئايال ھامىلىدار بولۇپ قالسا ئۇرۇقنىڭ ساغلام بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، بالا غەيرىي ياكى دەلتە تۇغۇلۇپ قالىدۇ.


2. چارچاپ كەتكەندە جىنسىي ئالاقە قىلماسلىق كېرەك. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن بىر كۈنلۈك ئېغىر ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەكتىن كېيىن ئوبدان ئارام ئېلىشى كېرەك.چارچاپ كەتكىنىگە قارىماي جىنسىي ئالاقە قىلىش، ئادەمنى جىسمانىي جەھەتتىن تېخىمۇ چارچىتىپ، ئەرلەردە مەنىي بالدۇر كېتىش، ئەرەنلىكى كارغا كەلمەسلىك، ئاياللاردا بولسا جىنسىي تۇرمۇشتىن بىزار بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. قورساق ئاچ ياكى توق ھالەتتە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ. قورساق تويۇپ كەتكەندە بەدەندىكى قان ئاشقازان-ئۈچەيلەرنىڭ ھەزىم قىلىش ئېھتىياجى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان  بولغاچقا، چوڭ مېڭە ۋە جىنسىي ئەزاغا قان يېتىشمەيدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا جىنسىي ئالاقە قىلىش ئادەمنى بىئارام قىلىپ، جىنسىي تۇرمۇشنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. قورساق بەك ئېچىپ كەتكەندە، ئادەم بەدىنىدە ئېنېرگىيە پەيدا قىلىدىغان ماددىلار ئازىيىپ كەتكەچكە، پۇت-قولدا ماغدۇر قالمايدۇ. شۇڭا ئاچ قورساق ھالەتتە جىنسىي ئالاقە قىلىش مۇۋاپىق ئەمەس.

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم