ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
مەڭگۈلۈك جورا تېپىشتا داۋاملىق مەغلۇب بولۇش گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

مەڭگۈلۈك جورا تېپىشتا داۋاملىق مەغلۇب بولۇش گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 1596   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 07-06-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 ئۆمۈرلۈك ھەمرايىڭىزنى ئىزدەش داۋامىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ تۇردىڭىزمۇ? بۇ چىرايىڭىز ۋەياكى ئەقلىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە, بۇ بەلكىم گېنىڭىزدا كۆرۈلگەن مەسىلە بولىشى مۇمكىن ئىكەن.

 كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستېتى ئوۋېن تارماق مەكتىپىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئىنسانلارنىڭ ئاتالمىش «ياخشى گېن»غا بولغان سەزگۈرلىكىنىڭ جورا تاللاشقا تەسىرى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى ئايرىماقچى بولغان.
ئۇلار 262 نەپەر ئاسىيا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق بويتاقنى تېپىپ, ئۇلارنى 3 مىنۇتلۇق ئۇچرىشىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن, تەتقىقاتچىلار ئۇلاردىن قارشى تەرەپ بىلەن يەنە كۆرۈشۈشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقىنى, قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئۆمۈرلۈك ھەمرايى بولالايدىغان ياكى بولالمايدىغانلىقىنى سورىغان. 
پەقەت ئىككىلا تەرەپ قايتا كۆرۈشۈشنى خالىغانلارنى «بىر جۈپلەر» دەپ قارىغان. پىدائىيلارنىڭ DNA سىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن, تەتقىقاتچىلار يېتەكچىلىك ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك گېنى بار ئەرلەرنىڭ جەمئىيەتكە سەزگۈر, بويسۇنۇش خاراكتېرى بولغان ئاياللار بىلەن قايتا ئۇچرىشىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى, ئەكسىچە, ئەرلەردىن ئۈستۈنرەك تۇرىدىغان ئاياللارنى سەزگۈر ئەرلەرنىڭ ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان.

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم