ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىراشنىڭ ئاياللارغىمۇ ئوخشاشلا تەسىرى چوڭ-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىراشنىڭ ئاياللارغىمۇ ئوخشاشلا تەسىرى چوڭ

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 1955   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 09-03-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىراشنىڭ ئاياللارغىمۇ ئوخشاشلا تەسىرى چوڭ

 

 قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىراش (ED) ئەر-خوتۇن ھۇجرىسىدىكى نۇرغۇن ئوڭايسىز ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ئەر-خوتۇنلار سۆزلىشىشتىن خىجىل بولىدىغان، ئېغىز ئېچىش قىيىن بولغان بىر مەسىلە، بىراق قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىراش كۆپ ساندىكى كىشلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ بەكرەك ئومۇميۈزلۈك كۆپەيمەكتە. ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 2-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 40-70ياشقىچە ئارلىقتىكى يېرىمدىن كۆپرەك ئەرلەر ئۆمرىنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلىدە ئاساسەن قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىراش يۈز بېرىدىكەن.

قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىرىغان ئەرلەرگە نىسبەتەن، جۆرىسىنىڭ جىنسىي ئارزۇسىنى قاندۇرالماسلىقتەك زور بېسىم ئاستىدا، ئۇلار ھەرخىل ئاماللار ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن. بۇ ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى بىتچىت قىلىپلا قالماستىن، ھەتتاكى ئىككى جىنسىنىڭ مۇناسىۋېتىنىمۇ يېرىكلەشتۈرۋېتىدۇ.
نۇرغۇنلىغان كىشلەر قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىراشنىڭ ئەرلەرگە كەلتۈردىغان زىيىنىنى تولۇق چۈشىنىدۇ، ئەمما ناھايىتى ئاز بىر قىسىملارلا ئاياللارنىڭ نۇقتىسدىن تۇرۇپ بۇ مەسلىنىڭ ئۇلارغا كەلتۈرىدىغان تەسىرىنى ئويلاپ يېتەلەيدۇ. ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان يېرى شۇكى، جىنسىي ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچىراشنىڭ ئاياللارغا بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولغان. يېرىمدىن كۆپرەك ئايال جۆرىسىنىڭ(ئېرىنىڭ) ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچرىشىنى ئۆزىنىڭ خاتالىقى دەپ بىلگەن. بەشتىن بىر قىسىم ئاياللار جۆرىسىدە قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىراش مەسلىسىنى ئۆزلىرىنىڭ جۆرىسىنىڭ قەلبىدىكى مەپتۇنلىقىنى يوقاتقانلىقىدىن مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بەردى دەپ قاراپ كەلگەن.
Superdrug شىركىتىنىڭ توردىن مەسلىھەت بېرىدىغان مەخسۇس لىنىيىلىك دوختۇرلىرىنىڭ 1000نەپەر ئەركىشى ۋە 1000نەپەر ئاياللاردىن قايىم بولۇش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىراش مەسلىسىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن،%80دىن يۇقىرى ئاياللار بۇ ئەھۋالنىڭ ئومۇميۇزلۈك ئىكەنلىگە سەل قارىغان؛%42 ئاياللار جۆرىسىنىڭ ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچىراش مەسلىسىنى ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە دۆڭگەپ قويغان؛ ئۈچتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك ئاياللار ئىقتىدار توسالغۇغا ئۇچىراشنى ئىككىيلەننىڭ مۇناسىۋېتىگە تەسىر كۆرسەتتى دەپ قارىغان؛ %40 ئاياللار ھىچقانداق تەدبىر قوللانمىغان بولۇپ مۇناسىۋەتلىك تەكلىپ ۋە داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان.
 
بۇ تەتقىقاتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،ئەرلىرىنىڭ قايىم بولۇشى ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىراش ئاسارىتىنىڭ تەسىرىدىن ياردەم ئىزدەپ كەلگەن ئاياللاردىن بايقىلىشىچە، ئائىلە دوختۇرىدىن مەسلىھەت سوراش (%45) ۋە تور تەتقىقاتى (%35) ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىككى خىل ئۇسۇل. بۇنىڭ ئىچىدە، %75 ئاياللار قايىم بولۇش توسالغۇغا ئۇچىراشتىن كېلىپ چىققان مۈشكۈل شارائىتقا ئاكتىپچانلىق پوزىتسىيىسىدە بولغان. %25ئايال ناھايىتى ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىشنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپقىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. %20 ئايال ياردەمگە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ جۆرىسىنىڭ قايىم بولۇش توسالغۇسىغا ئۇچىراشتىكى سەۋەبچىسى ئەمەسلىكىنى ئېنىق چۈشەنگەن. 13%ئاياللار جۆرىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئازراق ئىلگىرىلەش بولغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان. 

 


ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم