كەچتە قېتىق ئىچسە كالتىسى تۇلۇقلايدۇ
قېتىقنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، چۈچىمەل تاتلىق، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ياقتۇردىغان يىمەكلىكىنىڭ بىرى، بىراق قېتىقنى ئىستىمال قىلىش ۋاقتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم، مەسىلەن، قېتىق بىلەن كالتىسى تۇلۇقلاشنى مەقھەت قىلسىڭىز ، كەچتە ئىستىمال قىلسىڭىز ئەڭ ياخشى.
كەچتە قېتىق ئىچسىڭىز ئەڭ ياخشى كالتىسى تۇلۇقلايدۇ.
گەرچە سۈتنىڭ تەركىبىدىمۇ مول مىقداردا كالتىسى بار بولسىمۇ، قېتىق بىلەن سېلىشتۇرغاندا ،قېتىقنىڭ تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتا بىلەن كالتىسى بىرىكىپ ، كالتىسىنىڭ سۈمۈرلۈشىنى تېزلىتىدۇ. ئادەتتە تاماقتىن كىيىن 30-90 مىنۇت ئەتراپىدا ئىچكەندە ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بۇلىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ پىكرى؛ ئەڭ ياخشىسى قېتىقنى كەچتە ئىچكەن ياخشى.
سەۋەبى؛
كەچ سائەت 12 دىن سەھەرگىچە ئادەم بەدىنى قاندىكى كالتىسىنىڭ مىقدارى ئەڭ تۆۋەن ۋاقىت، شۇڭا قېتىقنى كەچتە ئىچكەندە كالتىسىنىڭ تېز سۈمۈرلىشىگە پايدىلىق. كەچتە قېتىق ئىچكەندە دېققەت قىلىشقا تىگىشلىكى، قېتىق تەركىبىدىكى باكتىرىيىلىك ماددىلار چىشنىڭ ئارىسىغا كىرۋېلىپ چىشقا نىسپەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، شۇڭا قېتىقنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىن چىشنى چوتكىلاش ياكى ئېغىزنى چايقاش، ئۇنىڭدىن باشقا ، قېتىقنى ئاچ قورساق ئىستىمال قىلغاندا، ئاسانلا ئاشقازاننى غىدىقلايدۇ، قېتىق تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار سۈمۈرۈلۈپ بۇلالماستىنلا تەرەت بىلەن بىرگە چىقىپ كىتىدۇ، شۇڭا تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلغاندا غىدىقلىنىشنى ئازايىتقىلى بۇلىدۇ،
ئىشلەيدىغانلار چۈشتىن كىيىن قېتىق ئىچكەندە رادىئاكسىيەنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
چۈشلۈك تاماقنى يەپ بۇلۇپلا كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار، ھەر ۋاقىت كومپىيوتىر ئېلىكتۇر ماگىنىت رادىئاكسىيەسىگە ئۇچىراپ تۇرىدىغانلار ، چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن 2 سائەت ئەتراپىدا قېتىق ئىچسە سالامەتلىككە ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇنىڭدىن باشقا ، چۈشتىن كىيىن قېتىق ئىچكەندە، يەنە جىدىيلىشىش كەيپىياتىڭىزنى تۆۋەنلىتىپ، خىزمەت بېسىمىنى يىنىكلىتىدۇ.
سەۋەبى؛
تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ۋىيتامىىن Bبولسا ھەرخىل رادىئاكسىيەدىن كىلىپ چىققان زەخمىلىنىشنى تۆۋەنلىتىدىكەن، تەركىبىدە ئاساسلىق ۋىيتامىىن Bبولغان قېتىق بولسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ، قېتىق يەنە رادىئاكسىيەدىن بولغان زەخمىلىنىشكە پايدىلىق بۇلۇپلا قالماستىن يەنە ، رادىئاكسىيەدىن كىيىن ئادەم ئادەم لىمفا ھۈجەيرە سانىنى تۆۋەنلىتىش رولى بار ئىكەن.
قېتىق تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتا روھى بېسىمنى يىنىكلىتىپ، ئادەمنىڭ ھارغىنلىق جىددىيلىك كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرىدىكەن، شۇڭا چۈشلۈك تاماقتا ياكى چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن قېتىق ئىچكەندە، خىزمەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتىرىدىكەن.
|