چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 10793|ئىنكاس: 62

سېغىنغاچقە كەلگەن گەپ(تەبەسسۇم)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سېغىنغاچقا كەلگەن گەپ

يار قولىدا ئەتىرگۈل،
باغۋەن ئاكام بەرگەن گەپ.
بىزنى ئىزدەپ كەپ قاپتۇ،
سېغىنغاچقا كەلگەن گەپ.

سېغىندىڭمۇ دېگەندە،
‹‹ياق›› دېگىنى يالغان گەپ.
قولىدىكى گۈللەرنى،
بىزگە ئاتاپ ئالغان گەپ.

لىغىرلايدۇ كۆزدە ياش،
باغرى ئوتتا يانغان گەپ.
بىلدۈرۈشنى خالىماي،
سېغىنغاندىن تانغان گەپ.

يىراق يولنىڭ تەشۋىشى،
كۆڭلىگە جىن سالغان گەپ.
‹‹يار بۇلارمۇ ماڭا›› دەپ،
ئەنسىرەشتە قالغان گەپ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەبەسسۇم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-17 19:29  

باھا سۆز

ياخشى ئىكەن،داۋاملاشتۇرسا ئۇزۇن ياخشى شئىر بولغۇدەك.  ۋاقتى: 2015-7-25 01:41

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3قىزغىنلىق +20 تىللا +9 تۆھپە +12 يىغىش سەۋەبى
SAPARDAX + 4 + 2 赞一个!
ئەھەدى + 6 + 4 + 5 很给力!
yadikar + 10 + 5 + 5 بەلەن ئەسەر جۇمۇ بۇ

باھا خاتىرىسى


چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-7-17 20:09:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ،تەبەسسۇمخاننىڭ ماۋۇ قوشاقلىرى بەك تاتلىقيا. شۇ...شۇ سېغىنمىسا كەلگۈلۈكمۇ؟
ۋاقتى: 2012-7-17 20:56:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈل كۆتۈرگەن قوللىرى،
يولدا نەچچە تالغان گەپ.
تەبەسسۇمنىڭ سۆزلىرى،
يەنە چالا قالغان گەپ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-17 20:57  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-17 21:26:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشىقلىقنىڭ سازىنى،
ئايانماستىن چالغان گەپ.
سېغىنىشقا چىدىماي،
يۈرەك ساما سالغان گەپ...
ۋاقتى: 2012-7-17 21:34:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبەسسۇم  قىز بىلەن  تۈركزات   ئەپەندى ئاغزىنى ئاچسىلا   شېئىر -قوشاقلا تۆكۈلۈپ تۇرامدۇ -نېمە؟شۇنداق يىنىك ھەم ئەۋرىشىم قوشاقلاغۇ بۇ؟! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxhuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-17 21:39  

ۋاقتى: 2012-7-17 21:40:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبەسسۇم خېنىم ئاغزىنى ئاچسا ئەمەس،يۇمسىمۇ شېئىر-قوشاق ياغىدۇ،ئۇنىڭدىن
ۋاقتى: 2012-7-17 23:12:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداقمۇ؟ ! ئەمىسە  تەبەسسۇم   تەبەسسم قىز  سەركۇنڭ ساقلايدىغان بولدۇم  جۇمۇ!
ۋاقتى: 2012-7-18 00:11:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلىگە گۈل سۇناي دەپ،
گۈل تۈۋىگە بارغان گەپ.
ئىشەنسۇن دەپ،يارىنى،
يۈرىكىنى يارغان گەپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-18 00:12  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-18 12:00:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېغىنىشقا چىدىماي،
يولغا نەچچە باققان گەپ.
كۆرۈنمىسە نىگارى،
كۆز ياشلىرى ئاققان گەپ.
ۋاقتى: 2012-7-18 15:03:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالنى سېلىپ يېشىغا،
يارى تامان ئاققان گەپ.
ئوت لاۋىلداپ،يۈرەكنى
نەم توپىغا ياققان گەپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-18 15:03  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-18 16:25:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەدە بولسا خەۋىرى،
شۇ تامانغا چاپقان گەپ.
كۆرەلمىسە ئوڭىدا،
چۈشلىرىدىن تاپقان گەپ.
ۋاقتى: 2012-7-18 17:38:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېقىۋەرمەي نەم يەرگە،
يۇلتۇز كەبى ئاققان گەپ.
كۈيگىنىم راست سىزگە دەپ،
چىقسۇن ئەمدى چاققان،گەپ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HOJAKABIZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-18 17:39  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-18 17:56:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپ تەشكىلى دىت كېرەك،
شۇڭا بېشى قاتقان گەپ.
چىقىۋېلىپ ئۆگزىگە،
يارغا ئالما ئاتقان گەپ.
ۋاقتى: 2012-7-18 20:47:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئالما ئېتىپ گەپ تېشىپ،
دىل رىشتىنى چاتقان گەپ.
باغ تېمىنى چۆگىلەپ،
يارنى پايلاپ ياتقان گەپ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HOJAKABIZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-18 20:48  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-18 21:51:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنىڭ مېھرى ھەم،
دەريا بولۇپ ئاققان گەپ.
كۈيلەپ ئىشقى-سۆيگۈنى،
مۇنداق قوشاق قاتقان گەپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەبەسسۇم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-18 21:52  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:34 , Processed in 0.458389 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش