گۇمىغا باراي دەيمەن، باراي دەيمەن
قۇربان داۋۇت شاھىدى
كۈيچىلەر كۈيلىرىدە سېنى يازغان،
توپاڭغا تىنىپ كەتكەن روھنى قازغان،
شەيتانمۇ تاغلىرىڭدا تېنەپ، ئازغان،
گۇمىغا باراي دەيمەن، باراي دەيمەن.
سەن دېگەن يىراق بىر جاي، يىراق بىر جاي،
يوللۇرۇڭ ئۆتمۈشۈمدەك سوزۇلغان ساي،
ھاسام سۇندى ئۇزاق يولغا چىداي، پايلاي،
گۇمىغا باراي دەيمەن، باراي دەيمەن.
قەدىمكى بىر كىتابتىن سېنى تاپتىم،
تەرىپىڭ،
داستانىڭنى ئوقۇپ باقتىم،
دەردلىرىڭ دەرياسىدا چۆمۈپ ئاقتىم،
گۇمىغا باراي دەيمەن، باراي دەيمەن.
تۈنىسەم ئۆتەڭلەردە گۈلخان ياقاي،
ئەركەكلىك يالقۇنىدا بىر چايقىلاي،
قىلىچتەك قېنىمدىن چىقاي، نۇر چاچاي،
گۇمىغا باراي دەيمەن، باراي دەيمەن.
كوچاڭغا كىرىپ كەلسەم چىڭ-چىڭ دەسسەپ،
سەن ئۈچۈن يانغانلارنى ئويلاپ، ئەسلەپ،
شاپتۇللار مەي بولغاندا شېخى پەسلەپ،
گۇمىغا باراي دەيمەن، باراي دەيمەن.
بارخانلار تۆگەمنىڭ ئىزىنى يۇتما،
ئاسمانلار بوۋامنىڭ سۆزىنى يۇتما،
ئاچ بۆرە شۇ نادان قوزىنى يۇتما،
گۇمىغا باراي دەيمەن، باراي دەيمەن.
بىسلىرى قايرىلماس بىر نامە تۈزۈپ،
لاچىندەك ئېگىزدە مەردانە ئۈزۈپ،
مۇز يېرىپ چوڭقۇردىن دۇردانە سۈزۈپ،
گۇمىغا باراي دەيمەن، باراي دەيمەن.
بەگتۈرك دەپ ئاداشىم بار، ئاداشىم بار،
پاسئاندەك قاياشىم بار، قاياشىم بار،
ئۆزۈمچە ياشاشىم بار، ياشاشىم بار،
گۇمىغا باراي دەيمەن، باراي دەيمەن.
«
گۇما دىيارى» مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر مۇسابىقىسىگە سۇنۇلغان ئەسەر